ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قىسمەتلىرىم(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

قىسمەتلىرىم

سەبىر

        مەن ئائىلىدە بالنىڭ تۆتىنجىسى،خۇشخۇيغىنە بىر ئاكام،چىرايلىق بىر جۈپ ئاچام،ئۇماق بىر سىڭلىم بار بۇلۇپ،مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئىجىل،بەخىتلىك بىر ئائىلدە دۇنياغا كەلگەنلىكىمدىن،ئىمانىلق،ئەخلاقلىق ئاتا-ئاننىڭ پەرزەنتى بولغانلىقمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنەتتىم.

       سىڭلىم باشقا تۆتىمىزگە قارغاندا سەل سەترەك بولغىنى بىلەن،قارامتۇلراق كەلگەن سوزۇنچاق يۈزلىرى،كۈلۈپلا تۇردىغان قاپقارا يوغان كۆزلىرى شۇ قەدەر ئۇماق ھەم يېقىملىق ئىدىكى،ئائىلە بۇيچە ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلاتتۇق ھەم كۆيۈنەتتۇق.ئىشقىلىپ ئۇنى ئائىلىمىزنىڭ مەلىكىسى دېسەك ئارتۇق كەتمەيتى.سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ ياش پەرقى ئانچە چوڭ بولمىغاچقا،باللىق ۋاقىتىلرىم ئاساسەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەنىدى.ئىككىمىز پەقەت ئۇرۇشمايتۇق،سىڭلىم بەك يۇۋاش بولغانلىقتىنمۇ، مېنىڭ سىزغان سىزىقىمدىن پەقەتلا چىقمايتى،بىز شۇقەدەر كۆڭۈللۈك ئوينايتتۇقكى، ئويناپ -ئويناپ كەچ كىرگەننىىمۇ سەزمەي قېلىپ دادام ئاناملاردىن يەتكۈچە تىل ئىشتاتتۇق، ھەتتا بەزىدە ئامبار ،قازناقلارغا كۈنلەپ  سولاپ قويۇلاتتۇق .  بوتلاقتەك غەمسىز يايراپ ئۆتكۈزگەن ئاشۇ بىغۇبار باللىق چاغلىرىم ھېلمۇ ھازىرقىدەكلا ئېسىمدە.

       ھەش-پەش دېگۈچە بۇرىتلىرىم خەت تارتىپ مەنمۇ چوپ-چوڭلا يىگت بولۇپ قالدىم،ئاكاممۇ توي قىلىپ بىر بالنىڭ دادسى بولۇپ قالدى.مەن تولۇق 3-يىللققا چىققان يىلى،ئاچىللىرىممۇ توي قىلدى. مەن جىمجىتلىققا چۈمگەن ئائىلمىزگە قاراپ ئائىلمىنى خۇددى زور بىر يوقۇتۇشنى باشتىن كەچۈرگەندەك ھېس قىلدىغان بولۇپ قالدىم. بىر يىلدىن كىين مەن ئالى مەكتەپكە، سىڭلىم،تولۇق ئوتتۇرغا ئوقۇشغا ماڭدى،مەن ئالى مەكتەپكە ئۆتكىنىمدىن خۇش بولغان بولساممۇ،تەلەي قۇشۇمنىڭ يىراققا قونغانلىقدىن كۆڭلۈم سەل يېرىم بولدى.چۈنكى سىڭلىممۇ شەھەرلىك نۇقتىلىق تۇلۇق ئوتتىرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغاچقا،ياتاقلىشىپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش مۇددىتى 4يىل ئىدى.

            ئۆيدىكلەر دەسلىپدە بىرىمىزنىلا ئوقۇتماقچى بۇلۇشتى،كىيىن كېڭشىش ئارقىلىق،ئاخىردا ھەر ئىككىلمىزنى ئوقۇشغا يولغا سالدى. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچلۇق ھاياتىم باشلاندى. مېنىڭ باشقا كۆپ قىسىم ئوغۇللاردىن پەرىقلىندىغان بىر ئالاھىدىلكىم شۇكى،كىتاپ ئوقۇشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئېدىم.مەكتەپنىڭ ماڭا ئەڭ يارىغان يېرى كۇتۇپخانسى بولدى.بەزىدە  كۇتۇپخانىدا ئولتۇرۇپ كۈنلەپ-كۈنلەپ ياتاققا كىرمسەم،ياتاقداشلىرىم چاقچاق قىلىپ:«ئاداش،كۇتۇپخاننى ئۆي تۇتۇپلىۋالدىڭغۇ سەن.»دېيشەتتى. شۇ چاغدا ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيىت پەقەتلا ئىسىمدىن چىقمايدۇ،ھارپا ئاخشىمى بىز ئاممىۋى تىلفۇن بوتكىسغا چىقىپ ئۆيگە تېلفۇن قىلىشتۇق.نەچچە ساۋاقدېشىمدىن كىيىن ماڭا نۆۋەت كەلدى،مەن ھاياجان بىلەن ئاستا تىلفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم......دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۈنۈم بۇغۇلۇپ گېلىمغا ئاچچىق بىر يىغا كەپلىشىپ قالدى،دادام بۇنى سېزىپ قالدى بولغاي،ماڭا تەسەللى بېرىشكە باشلىدى.دېمسىمۇ بۇ مېنڭ تۇنجى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ ھېيىت ئۆتكۈزشىم بولغاچغا كۆڭلۈم بەكمۇ پەرىشان ئىدى.

      ئەتىسى بىزنى سىنىپ مەسئۇلىمىز ئۆيىگە چاقىرۋالدى،بىز بۇ مۇساپىر شەھرىدە ئاتا-ئانمىزنىڭ يوقلۇقنى بىلىدۇرمەي بېزگە ھېيىت ئۆتكۈزۈپ بەرگۈدەك ئادەمنىڭ تېپىلغىندىن بەك خوش بولدۇق،مۇئەللىمنڭ ياشانغان ئاپسى دوڭغاقلاپ يۈرۈپ بىزگە ئۆي تامقى قىلىپ بەردى.ئۇ يەردىن يانغاندىن كېيىن مەن خۇشال ھالدا ئۆيگە تېلفۇن قىلدىم.قېرىنداشلىرىم ۋە ئۈچ ياشلىق جىيەن ئوغلۇمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بۆلەكچىلا ئېچلىپ كەتتى.بىراق قەلبىمنى يارا قىلغىنى بىچارە ئانامنىڭ يىغسى بولدى.كۆڭلۈم غەش ھالەتتە ياتاققا قايتىپ كەلدىم-دە،ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم...

       تەتىل قىلىپ ئۆيگىمۇ قايتىپ كەلدىم،ئانام مېنى ياشلىق كۆزلىرى بىلەن كۈتىۋالدى،ئۇ خېللا جۈدەپ قالغانىدى،شۇ تۇرقىدا ماڭا خۇددى نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.سىڭلىممۇ خېللا بوي تارتىپ رەڭ تۈزەپ قاپتۇ،ئۇ مېنى كۆرۈپ شۇنچە ھاياجانلانغان بولسىمۇ،بىراق بۇرۇنقىدەك يۈگۈرۈپ كېلىپ بوينۇمغا ئېسىلماستىن،قىزلارغا خاس بىر خىل خىجىلچانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ يەرتېگدىن قارغىنىچە قوللىرنى ئۇزاتتى.ئەتىسى قېرىنداشلار جەم بولدۇق،ئۆيىمىز بۇرۇنقىدەكلا قىزىپ كەتتى.«ئاكامنى ھەممىدىن بۇرۇن كۆرىمەن»دەپ بىزنىڭ ئۆيگە مەن كېلشتىن بىر كۈن بۇرۇن كېلىپ ئۇرۇنلاشقان جىيەن ئوغلۇم،چۈچۈك تىللىرى بىلەن ۋىچىرلاپ يۈرۈپ ئۆينى تېىخمۇ ئاۋاتلاشتۇرۋەتتى.

     تەتىلمۇ تۇشۇپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم،بىراق نىمە ئۈچۈنكىن بۇرۇنقىدەك ئېچلىپ يۈرەلمىدىم،ئانامنىڭ مۇڭغا تولغان كۆزلىرى،ھارغىن سىماسى پات-پاتلا كۆز ئالدىمدا زاھىر بۇلاتتى،-دە،كۆڭلۈم غەشلىككە تولاتتى. كېيىنچە بارا-بارا ،خۇشاللىقىلىرىم خۇددى ئانامنىڭ ئازابى ئۈستىگە قۇرۇلغاندەك تۇيلىدىغان،ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلدىغان بولۇپ قالدىم ۋە شۇندىلا ئەينى چاغدا ئۆيدىكلەرنىڭ سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ بىرىنىلا ئوقۇتماقچى بولۇپ قالغانلىقنىڭ تېگگە يەتكەندەك بولدۇم.

      دېمسىمۇ ئائلىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۆزۈمگە ئايان ، دادام ئۆيگە ئاندا-ساندىلا قايتىپ قۇيدىغان خىزمەتپەرەس ئادەم بولغاچقا،ئائىلىمىزنىڭ جاپاسى يالغۇز ئانامنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەنىدى،ئۇنىڭ ۋاقىتسىز مۈكچىيىشىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ۋە يالغۇزلۇقتىن ئىدى،مەن ئەمدى ئۇنى يالغۇز قالدۇرماسلىق قارارىغا كەلدىم ۋە ئوقۇشتىن توختاش رەسمىيتى بىجىرىشكە كىرىشتىم. بۇ «پىداكىرانە »ھەركىتىم مېنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىم ئالدىدىكى ھۆرمىتىم ۋە  ئىناۋىتىمنى تېخمۇ ئاشۇردى.تەتىلگە قۇيۇپ بېرىش بىلەن تەڭ مىنىڭ رەسمىيەتلىرىممۇ پۈتتى.

        تەتىل تۇشۇپ مەكتەپكە قايتىش ۋاقىتى يىتىپ كېلەي دېگەندە،مەن بۇ قارارىمنى، ئۆيدىكلەرگە ئۇختۇردۇم،مەن ئادەتتىمۇ ناھايتى كۈيۈملۈك ئىدىم، شۇڭا تۇغقانلار ۋە قېرىنداشلىرىم بۇنىڭدىن ئانچە ھەيران قالمىدى،بىراق ئانامنىڭ يەنلا يىغلىغنى يىغلىغان بولدى.دادام بولسا مەسلىھەت سالمايلا ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن قارار چىقارغىنىمدىن بەك خاپا بولدى. شۇنداق قىلىپ ئوقۇشقا بارمىدىم،كۆڭۈللۈك ئالى مەكتەپ ھاياتىم مانا مۇشۇنداق ۋاقىتسىزلا ئاخىرلاشتى.

         تۇرۇپلا ئىللىق مەكتىۋىمنى،بىر–بىردىن يېقىملىق كەلگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ تاتلىق گەپ-سۆزلىرىنى سېغناتتىم، بىراق ئامال قانچە دەيسىز؟ئۇ ۋاقىتلاردا ئالاقە ئىشلىرى ھازىرقىدەك قۇلايلىقلاشمىغان بولغاچغا ئۇلار بىلەن ئالاقىلشىش تۇلمۇ قىيىنغا توختايتى،ساۋاقداشلىرىم ماڭا تۇلمۇ ئامراق بولغاچقا ھەممىسى يىغلىشىپ ئون بەش كۈندە ياكى بىر ئايدا بىرەر قېتىم تىلفۇن قىلشاتتى،ئەمما بۇمۇ ئۇزۇن داۋاملاشمىدى،ئۆگۈنۈش بېسمى ئېغىرلىشىپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىدىم،ئەمدى ماڭا بىر دىنبىر تەسەللى بولدىغنى،  ئۇرۇق-تۇغقان،دوسىت بۇرادە،تۇنۇش-بىلىش ۋە قوشنا-قۇلۇملارنىڭ ماڭا بولغان  ھۆرمىتى بولدى.دەسلىپدە ئۆزۈممۇ بۇنچىلىك ھۆرمەتكە ئىرىشەرمەن دەپ ئويلىمغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئانامغا ياردەملەشكەچ دىندىن تەلىم ئېلىشقا باشلىدىم،مۇشۇ جەرياندا بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالدىم.ئۇ بىر ئۇستازدىن تەلىم ئېلۋاتقان قېرىندشىم ئىدى.بىز بىر-بىرمىزنى تۇلمۇ ياخشى كۆرشەتتۇق،مۇھەببىتىمىز قىزغىن داۋام قىلىپ بىر يېرىم يىلچە بولغاندا كۈتمىگەن بىر  قاتتىق جۇدۇنغا دۇچ كەلدى.

       ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا دادام-ئاناملار قارشى چىقتى،بۇلارلا ئەمەس،باشقا چوڭلارمۇ قاتتىق قارشى تۇردى،بۇنىڭ سەۋەبى ئۆزۈمگە ئايدىڭ ئىدى،چۈنكى قىز دوستۇم بىلىملىك،چىرايلىق بولغىنى بىلەن شوخ ھەم شاللاقراق قىز ئىدى،ئەمما ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم،ئۇمۇ مېىنى بەك ياخشى كۆرەتتى.كىيىن ئۇنىڭ مەندىن باشقا يەنە بىر قانچە يىگىت بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئالاقىلشىپ يۈرگەنلىكنى ئاڭلىدىم،بىراق ئۇنىڭ مېنى ھەقىقى ياخشى كۆردىغانلقنى بىلگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە تاكانلىشىپ يۈرمىدىم ۋە بۇنىڭغا ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدىم.كۆپ ئۆتمەي ئانامدىن مېنىڭ توي ئىشىمنى مەسلىھەت قىلۋاتقىننى ئاڭلاپ يۈركۈم ھاياجاندىن تىپچەكلەپلا كەتتى.ۋىسال شارابى ئىچدىغان ۋاقىتلىرىم يىتىپ كەلگەن چېغى،دەپ قاپتىمەن.كىيىن بىلدىمكى، ئۇلار مېنى سۆيگۈنۈمدىن ئايرىپ،نەۋرە سىڭلمنى ئېلىپ بەرمەكچى بۇلۇشۇپتۇ. مەن قۇشۇلمىدىم،تاكى قىز دوستۇمنىڭ تۇيى بولغۇچە ئۆز پىكرىمدىن قەتئى يانمىدىم.قىسقىسى،ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەمگە ۋاپاسىزلىق قىلمىدىم.ئۇ قېچىپ كىتىشنى مەسلىھەت سېلۋىدى،ئاتا-ئانامنىڭ رازىلقىسىز توي قىلالمايدىغانلىقىمنى،ئۇلارنى خاپا قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ،ئۇنى پەيلىدىن ياندۇردۇم. ئۇ توي قىلىپ كەتتى،كۆپ ئۆتمەي ئۇنىڭ ئاچامنى ئىزدەپ كىلىپ مىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيۋاتقانلىقى،ئالدىراپ توي قلغانلىقغا پۇشايمان قىلغانلىقى توغرىسدا دەرىد ئېيىتقانلىقنى ئاڭلىدىم.بىر يەرلىرىمدىن خوش بۇلۇپ تۇرساممۇ، ئۇنىڭ يولدىشغا ئاسىيلىق قىلۋاتقانلقىغا ئاچچىغىم كەلدى.ئۇ توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن،مەن كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كىتۋاتقان ئانامنى ۋە مېنى دەپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق رىيازەت چەككەن نەۋرە سىڭلىمنى،مىنىڭ دەستىمدىن تىنىچ،خاتىرجەم ئۆگۈنۈش مۇھىتىدىن مەھرۇم قېلۋاتقان ئۇماق سىڭلىمنى كۆزدە تۇتۇپ،كۆزۈمنى يۇمۇپلا بۇ توينى قىلىشقا  قۇشۇلدۇم. شۇنداق قىلىپ مەن نەۋرە سىڭلىمنىڭ يولدىشى بۇلۇپ قالدىم. بۇجەرياندا مەنمۇ دىنى جەھەتتە خېلى كۆپ تەربىيگە ئىگە بۇلۇپ،تەڭتۇشلىرىم ئارسىدا ۋە مەھەللىدە خېللا ئىناۋەت تېپىپ قالغانىدىم...

       مەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،سىڭلىم ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى. سىڭلىم ئىچكىردىكى مەن ئوقۇغان ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن بولغاچقا، ئۇنى ئۈزۈم ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇش قارارىغا كەلدىم،ئۆيدىكلەر بىردەك ماقۇل بولدى.مانا مەكتەپكىمۇ كېلىپۇيۇ

سىڭلىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ،ساۋاقداشلىرىم ۋە مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشۈپمۇ بولدۇم،سىڭلىمغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئېىلىپ بەرگەندىن كېيىن قايىتىش بېلتى ئېلىش ئۈچۈن سىڭلىم بىلەن ۋوگزالغا باردۇق ،ۋوگزالدا ئادەم بەك كۆپ،قىستىقىستاڭ ھەم يامغۇر يېغىپ ھاۋا بەكلا سوۋۇپ كەتكەنلىكتىن،سىڭلمىنى ئاغرىپ قالمىسۇن دەپ،ئاۋال قايتىپ تۇرۇشنى ئېيىتتىم. سىڭلىم بۇرۇنقىدەك رايىشلىق بىلەن گىپىمنى يىرماي،قايتىش ئۈچۈن ۋوگزالدىن چىقىپ كەتتى.ئەمما  ئۆزۈمنىڭ دۆتلۈك قىلۋاتقانلىقىمنى،بۇ شەھەرگە يېڭىلا كەلگەن ، ھېچقانداق يەرنى ئايلىنىپ باقمىغان ساددا سىڭلىمنىڭ يالغۇز قايتىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قاغىشتەككۈر شەھەردە ئۇيغۇرلارغا ئالدىراپ تاكسى توختىمايتى. چاتاق يىرى ئۇنىڭ يېندا تىلفۇنمۇ يوق ئىدى.بۇ يادىمغا يېتىشى بىلەن تۇرۇپلا ئەنسىرەشكە باشلىدىم،ئالدىراپ بېلەتنى ئالدىم،-دە مەكتەپكە قاراپ چاپتىم.قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى،سىڭلىم تېخچە قايتىپ كەلمەيۋاتاتتى.دىمەك ئۇنى راستىنلا يۇقۇتۇپ قويغانىدىم ،ئۇنى قانداق ئىزدەشنىمۇ بىلەلمىدىم،تارتىنجاق سىڭلىمنىڭ  يىغلاۋاتقان بىچارە تۇرقى كۆز ئالدىمغا كىلىپ،كۆزلىرىمگە يىغا ئولىشىشغاباشلدى.ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم.

         شۇ ئەسنادا بىر ناتۇنۇش نۇمۇردىن ماڭا تېلفۇن كەلدى،سىڭلىم ئىكەن،ئۇھ... دىدىم،دەرۋەقە ئۇ ئېزىپ قاپتۇ ۋە بىر خەنزۇ ئايالدىن تېلفۇن سوراپ ماڭا تېلفۇن قىپتۇ.ئەمما ئۇ ئۆزنىڭ نەدىلكىنمۇ ئېنىق دەپ بىرەلمىدى.ھېلقى خەنزۇ ئايالمۇ بۇشەھەرگە تۈنۈگۈن كەلگەچكە،بۇيەرنى تۈزۈك بىلمەسمىش. تۇيۇقسىز تېلفۇن ئۈزۈلۈپ قالدى، قاتتىق ئەنسىرەشكە باشلىدىم.نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي تىت-تىت بولۇپ تۇرغىنىمدا يەنە بىر ناتۇنۇش نۇمۇردىن تېلفۇن كەلدى،ئۇ سىڭلىم ئىدى،ئۇماڭا  ئۆزنىڭ ۋوگزالغا ماڭغانلىقىنى،مېنىڭ شۇ يەرگە بېرىپ ئۆزنى ئىزدىشىمنى ئېيىتتى.مەن ئۇنىڭغا ئاشۇ يەردە مىدىرلىماي تۇرۇپ تۇرۇشنى تاپلاپ، دەرھال ۋوگزالغا قاراپ چاپتىم.ئاھ خۇدا...ماۋۇ كىلىشمەسلىكنى قارمامدىغان!؟قېرىشقاندەك ماشىنا تۇسۇلۇپ قالدى.مەن دەررۇ ماشىنىدىن چۈشتۈم ۋە ۋوگزالغا قاراپ يۈگۈردۈم...

        يۈگرەۋاتمەن،قەلبىمنى بىر خىل جىنايى تۇيغۇ ئىسكەنجىسگە ئېىۋالدى.خىيالىمدا، ئاھ...بىچارە سىڭلىم،ئاكاڭنىڭ ئەقىلسىزلىقدىن مۇشۇ دىشۋارچىلىقلارنى تارتىشقا مەجبۇر بولدۇڭ، مىنى كەچۈر...دەپ نىدا قىلشقا باشلىدىم...ئاخىر ۋوگزالغىمۇ يىتىپ كەلدىم، سىڭلىم خۇددى ئوۋچىدىن ئۈركىگەن كىيىك بالسىدەك ئۇياق-بۇياققا بويۇنداپ قارغىنچە كىشلەر ئارسىدىن مېنى ئىزدەۋاتاتتى.ئۇ سوغوق ھاۋادا توڭلاپ كۆكۈرۈپ كەتكەنىدى.ئۇ مېنى كۆرۈپ بىردىنلا جانلاندىيۇ ئارقىدىنلا يەنە خىجىللىق بىلەن بېشنى تۆۋەن سالدى.شۇنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈردۈمكى،سىڭلىم ئۆزىنىڭ دۆتلۈك قىلىپ ماڭا جاپا سېلىپ قويغانلىقىدىن خىجىل بولۇپ، مەندىن ئۈنسىز كەچۈرۈم سوراۋاتاتتى. مەن گەپ- سۆز قىلمايلا چاپنىمنى سېلىپ ئۇنىڭغا كىيگۈزدۈم ۋە ئۇنىڭ مۈرسىدىن تۇتۇپ ئۆزۈمگە قاراتتىم.ئۇدەرھال چاپاننى سالدى،ئاندىن ئۇنى ماڭا كىيگۈزۈپ تۇرۇپ:

         -ئاكا،ئۆزىڭىز كىيىڭ،بولمىسا سىزگە سوغوق ئۈتۈپ كىتدۇ،ھىلمۇ سىزگە ئاز جاپا سالمىدىم،دىدى.

         مەن ئۇنىڭ ئۇنمىغنىغا قارماي چاپنىمنى ئۇنىڭغا زورلاپ كىيگۈزۈپ قويدۇم ۋە ئۇنىڭغائاتاپ ئېلىپ كەلگەن يىمەكلىكلەرنى ئۆز قۇلۇم بىلەن يىگۈزدۈم.ئۇنىڭ كۆزلىردىن  ئىسسىق ياشلار قۇيۇلۇشقا باشلىدى...ئەتىسى مەن تۇنۇش قىزلارغا سىڭلىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قۇيۇشنى قايتا- قايتا تاپلىغاندىن كىيىن،سىڭلىم بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ياتىقى ئالدىغا كېلىپ ئۇنى چاقىرىتتىم.ئۇ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا نۇرغۇن پەندى-نەسھەتلەرنى قىلىپ خوشلاشتىم،ئۇ گەپمۇ قىلالماي يىغلىغىنچە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى...

          مېڭۋاتمەن،ئەمما كۆزۈم كەينىمدە،خۇددى قىممەتلىك بىرنەرسەمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يېرىم.پويىزغىمۇ چىقتىم،سىڭلىم يادىمغا كىلشى بىلەنلە كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.بۇندىن بۇرۇن بىرەر قېتىم يىغلىغنىمنىمۇ ئەسلىيەلمەيمەن،سىڭلىمدىن ئايرىلىپ يىغلاپ سالغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران.يوتقانغا پۈركىنۋېلىپ قانچىلىك يىغلىغدىمكىن تاڭ،بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن.ئۇيغۇنۇپ ئاغرىق دەستىدىن بېشىمنى كۆتۈرەلمەيلا قالدىم، دېمەك زۇكام بوپ قاپتىمەن.ئۆيگە كېلىپ توپتوغرا بىر ھەپتە ئاسما ئۇكۇل ئاسقۇزۇپ ئاران ئەسلىمگە كەلدىم.

         ئايالىم سىڭلىم بىلەن تەڭ ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن ئەپ ئۆتەتتى،كۆپ ئۆتمەي ئۇ سىڭلىمغا تېلفۇن ئېلىپ ئەۋەتىپ بىرشمنى ئېيىتتى،مەن بۇ مەسلىھەتتىن خۇرسەن بۇلۇپ ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن سىڭلىم بىلەن خالىغان ۋاقىتتا كۆرشەلەيدىغان بولدۇم.مېنڭ گەرچە ئايالىمغا كۆڭلۈم بولمىسمۇ،ئىمكانقەدەر ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ،دىگنىنى قىلىپ بەردىم،خاپا قىلمىدىم.بۇنى كۆرگەن چوڭلار ئايالىنى ياقتۇرۇپ قالدى دەپ ئويلاپ مەندىن خاتىرجەم بولۇشتى.بىراق،خاتىرجەم كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى،ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئاتا-ئانسىنى يوقلىغلى بارغىنىمدا، قېيىن ئانامنىڭ تۈگمەس پەندى-نەسھەت،تاپا-تەنىللىردىن قۇتۇلالمدىم،مەن بىلمىدىممىكىن دىسەم،بىزنىڭ ئۆيدىمۇ كۈيئوغۇل بار،دادام-ئانامنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئىززىتنى قىلدىغانلىقنى كۆرۈپ تۇرۋاتمەن،ماڭا شۇنداق ھار كىشكە باشلىدى،نىمە گۇناھ قىلغىنىمغا بۇخىل مۇئامىلگە ئۇچرايدىغاندىمەن؟مەنمۇ يىزنىللىرمگە ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ ھۆرمىتنى قىلىپ كىلۋاتمەنغۇ؟

        كاللامدىن زادىلا ئۆتمىدى،ئۇ ئۆيگە پەقەتلا بارغۇم كەلمەس بولۇپ قالدى،ئايالىم بەكلا يۇۋاش،ساددا،بىرەر مەسلىگە مۇستەقىل بىر ئىددىۋى كۆز قاراشتا بولالمايدىغان  ،كاللىسى ئاددى،مەيدانى يوق، كىم نىمە دىسە ھەلا دەيدىغان نادان قىز ئىدى.بىرەر ئىشتا دەرقەمتە تۇرۇپ، بار مەسلىھەت بولۇشۇپ ھە ھۇ دېيىشىپ بېرەلمەيتى.ئۇنىڭ دىتىمغا ياقمايدىغان يەرلىرى كۆپ بولسىمۇ چاندۇرماي ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنىدىم، ئۇنىڭ ئانسىنىڭ  ئاغزىنى ئىتشىنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى.سەۋەنلىك مەندىمكىن دىسەم، مۇشۇ يېشىمغىچە بىرەرسىنىڭ دىلغا ئازار بەرگىنىمنىى بىرەرسىنىڭ ئاغزىدىن يامان گىپىمنى ياكى «سېنىڭ مۇشۇ يىرىڭ پەقەت بولمايدۇ،ئۆزگەرتكىن.»دىگنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.ھەتتا يەڭگەممۇ بەزىدە:«سىز بەك ئوبدان،ئىش بىلدىغان،غەرەز ئۇقدىغان،ئىسىل مىجەزلىىك،چىقىشقاق ئادەم بولدىڭىز جۇمۇ ئىنىم،بەزىدە ئاكىڭىز ئىككىڭلارنىڭ بىر ئاننىڭ بالسى ئىكەنلىكگە ئىشەنگۈم كەلمەي قالدۇ،ئاكىڭىزمىغۇ ئەسكى ئەمەس،شۇ سەل تەرساراق.مۇشۇ ئوبدانلىقڭىزغا ئاللا ئىگەم بەختىڭىزنى بىرەر.»دەپ كېتەتتى.

         ئايالىم ھامىلدار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭمۇ ئېغىر ئاياق ئىكەنلىكنى ئاڭلىدىم،ئەلۋەتتە ئىتقادىم چىڭ، ھايالىق يىگىت بولغانلىقىمدىن،ئايالىمغا ساداقەتسىزلىك قىلدىغان ئىشلارنى قىلىش تۈگۈل،ئۇنىڭغا ئاسىيلىق ھىسابلانغۇدەك خىيالمۇ قىلمايتىم.ئايالىمغا شۇنچىلىك كۆيۈندۈم.ئۇ ھاجەتمەن بولغان نەرسىلەرنى نەدىن بولسا تېپىپ ئەكلىپ بەردىم. ئاي كۈنى توشۇپ،ئۇ ئۇماق قىزدىن بىرنى يەڭگدى،شۇنچىلىك خوش بۇلۇپ ئۇنى يوقلاپ تۇردۇم،سالامەتلىكى ئوبدان ئەسلىگە كىلۋالسۇن دەپ ئۇنى تۆت ئاي بولغۇچە قايتۇرۇپ كەلمىدىم.ئۇى يۆتكەيدىغان چاغدا قېيىن ئانامنىڭ قىلىپ كەتكەن بىشەملىكى، ھازازۇللىقى...ئەييۇھەنناس......ئايالىمنى بىر مۇنچە قورساق كۆپۈكى بىلەن ئاران قايتۇرۇپ ئەكلىۋالدىم.كۆڭلۈمدە،خەقنىڭ باللىرى شۇنچە ئەتىۋارلىقكەن،ئەجبا مەن شۇنچە قەدىرسىز بىر ئىنسانمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.بىر كۈنى ئانام ئايالىم ئىككىمىزنى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ بىرمۇنچە تەربىيە قىلغاندىن كىيىن،ئايالىمغا:

       -بالام، سىز كىلىن بولۇپ كىرگەندىن بۇيان سىزگە تەربيە قىلىش ئۈچۈن ئېغىز ئاچقىنىممۇ مۇشۇ،ئۆزىڭىزمۇ بىلسىز،ئائىلدە ئۇنچىلىك جاپالىق ئىشلارمۇ يوق،قەيسەرجانمۇ شۇنداق ئوبدان بالا،ئەمما خاتالىق سادىر قىلمايدىغان ئادەم بولمايدۇ،مەن ياكى قەيسەرجان سىزنىڭ كۆڭلىڭزگە كەلگۈدەك بىرەر ئىش قىلىپ قويغان بولساق كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋىتەسىز،سىلەر ئەمدى كىچىك ئەمەس، بىر بالنىڭ ئاتا-ئانسى بولۇپ قالدىڭلار،ئۆيۈڭلانى ئۆي قىلىش ئۈچۈن كاللىڭىزنى سەگەك تۇتۇپ ئاق-قارنى پەرىق ئەتمىسڭىز بولمايدۇ.ئەگەر ئۆي تۇتقىڭىز بولمىسا ئۇمۇ مەيلى،ئۆيۈم ئۆي بولسۇن دىسڭىز ئىسڭىزدە بولسۇن،ئىككى ئۆي ئارسىغا سوغوقچىلىق چۈشۈشكە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارنى قلسىڭىز بولمايدۇ.ئائىلىگە بارلىقىڭىز بىلەن بىرلىشڭىز كىرەك.سىز پۇختا بولمىسڭىز ئۆيڭىز ئۆي بۇلىشى ناتايىن،شۇڭا سىز كۆپ ئېغىر –بېسىق ،كۆتۈرۈشلۈك بۇلۇڭ ، دىدى.ئايالىم دەرھال:

         -خاتىرجەم بۇلۇڭ ئانا، ئېيىتقانلىرىڭىزنى ئىسىمدە ساقلايمەن. ئەلۋەتتە ئۆيۈمنى ئۆي قىلىش ئۈچۈن تىرشىمەن.ئەگەر ئۆي تۇتقۇم بولمىغان بولسا بۇ تويغىمۇ قۇشۇلماس ئىدىم.بۇنىڭدىن كىيىن چۇقۇم دىگنىڭىزدەك قىلمەن دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

        ئايالىمنىڭ گىپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېچلىپ قالدى.بالام تۇغۇلغاندىن كىيىن ئايالىم بۇ يەردە تۆت كۈن تۇرسا ئانىسىنىڭكىدە بەش كۈن تۇردىغان بۇلۋالدى،مەن بۇ ئىشلارغا كۆنۈك ئىدىم.چۈنكى بۇرۇنمۇ ھەپتىدە بىر قېتم پەتىلەپ بارسا ئاز دىگەندىمۇ ئۈچ كۈن تۇرۇپ قايتىپ كىلەتتى.مىنىڭمۇ،ئۆيدىكلەرنىڭمۇ بۇ ئىشقا پىكرى يوق ئىدى.شۇڭا ھازىرمۇ بۇ ئىشلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم،پەقەت قىزىمنى سېغنىپ كەتمىسەملا باشقىسغا پەرۋايىم پەلەك ئىدى.ئەمما ئايالىمنىڭ بىر بالنىڭ ئانسى بولغاندىن كىيىنمۇ بۇنداق قىلىپ يۈرۈشلىرى دادام-ئانامغا ياقمىدى.ئايالىمغا ئاپسىنىڭ نەسھەتلىرى بەك پايدا قىلغان چېغى،ھويلا-ئاراملارنى يىغۇشتۇرمايدىغان،كىر-قات يۇيسا چوڭلارنىڭ بىر پايپىقنىمۇ قېتۋالمايدىغان بۇلۇپ قالدى.بىر كۈنى ئەتگەنلىكى ئانامنىڭ ھويلا سۈپۈرۋاتقىننى كۆرگەن چوڭ يىزنەم مىنى سىرىتقا چاقىرىپ قايناپلا كەتتى:

        -قەيسەر،نىمانداق ئىش ئۇقمايدىغان بۇلۇپ كەتتىڭىز،ئايالىڭىزغا نىمىشقا نەسھەت قىلمايسىز؟ئەللىگ ياشقا كىرىپ قالغان ئانمىز ھويلا سۈپۈرۈپ كىر-قات يۇيۇپ يۈرسە ئەمدىلىلا 20دىن ھالقىغان ياش كىلىن ئۆيدە ئۆز ئىشنى قىلىپ ئولتۇرسا بۇ قانداق بولغىنى،مەخسۇتنىىڭ ئايالىمۇ شۇنداق قىلاتتى،بوپتۇ ئۇنىغۇ خىزمىتى ئالدىراش ئىدى دەيلى،سىزنىڭ ئايالىڭىز نىمگە ئالدىراش بۇلۇپ قالدى؟مۇشۇ كەمگىچە ئاچىڭىز كەلسە بىرەر قېتىممۇ مۇستەقىل ھالدا ئالدىغا بىرەر قاچا تاماق ئىتپ ئالدىغا قويغىنى يوق،بىچارە ئاچىڭىز نەگىلا بارسا ئۈزى مىدىرلماي تۇرۇپ تاماق يىيەلمەيدۇ.ئۇغۇ ئۆزى چىش يېرىپ بىر نەرسە دەپ باققىنى يوق،ئەمما شۇنداقتىمۇ جاپاسىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن.دەيدىغنىم،ئەمدى نادانلىق قىلماڭلار،ئايالىڭىزغا كۆپرەك نەسھەت قىلىڭ!

       -مەمەتجاكا،نەسھەت قىلدىغان ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتتى،ئەمدى كىچىك ئەمەس،ئۆزىمۇ ئويلىشى كىرەكتە!ئۆزى ئويلىمغان ئادەمگە نەسھەت قانچىلىك كار قىلار؟دىدىم مەن جاۋابەن.ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

        -ئۆتكۈچە دەڭ، ئاغىزىڭىزنى ئىمكانقەدەر يۇمشاق قىلىڭ.دىدى.مەن ماقۇللۇق بىلدۈردۈم.

        شۇنىڭدىن كىيىن ئايالىمغا پات-پات نەسھەت قىلىپ تۇردۇم،ئۇ دەسلىپدە گىپىمنى ئاڭلاپ خېلى تۈزلۈپ قالدى.كىيىن يەنە قىلدىغىننى قىلدى.بىر كۈنى ئۇ يوق پۇرسەتتە بۇرۇنقى قىز دوستۇم ئانسى بىلەن بىللە بالامنى يوقلىغلى كىلىپ قالدى،مەنمۇ ئۇنىڭ بالسىنى يوقلىيالمىغنىمغا ئۆزرە ئېيتىپ كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم.ئايالىم قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،ئۆيدە كۆپيىپ قالغان بوۋاقلار مەسھۇلاتىنى كۆرۈپ،«سىز ئالدىڭىزمۇ؟»دەپ سوردى،ئايشەمگۈل بالمىزنى يوقلاپ كەپتىكەن دىسەم،( ئايالىمدىن ھېچنىمنى يۇشۇرماي بۇرۇنلا قىز دوستۇم ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم). ئەمسە بىزمۇ قائىدىسنى قىلمىساق بولمىغۇدەك دەپ ئولتۇرالماي قالدى،ئۇ ئىشلارغا سەن باش قاتۇرمىساڭمۇ بۇلىدۇ دىۋدىم ئۇ كۈلگەن پېتى:

        -ھە كونا ئوتلار تۇتۇشۇپ قالغاندەك قىلامدۇ نىمە؟سىزگە تىگىپ خاتا قىلىغان ئوخشايمەن جۇمۇ. شۇنى دەپ قۇياي،سىزگە مەن ئۆز رازىلقىم بىلەن ئەمەس دادامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈنلا ياتلىق بولغانمەن.بولمىسغۇ يىگىت كەم ئەمەستى ماڭا دەپ پالانچى،پۇستانچى بالا دەپ بىر ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى.ئۇ راستىنلا چاقچاق قىلغان بۇلۇپ مىنى چېقۋالغانىدى.كەمسۆز ئايالىمنىڭ بىردىنلا گەپدانلىشىپ كەتكىنگە قاراپ، قېيىن ئانامنىڭ ئۇنىڭغا«دەرىس»بەرگەنلىكنى پەمىلدىم ۋە ئۇنىڭ گىپگە قارتا سوغوق كۈلۈپلا قويدۇم.ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى قەلبىمدە ئۆچمەس يارا پەيدا قىلدى.

        تۇرمۇشتىن كۆڭلۈم سۇ ئېچمەس بۇلۇپ قالغاچقىمكىن،ئەسلىدىنلا ئاز تامقىم تېخمۇ ئازلاپ كەتتى.كۆپ ئۆتمەي دوختۇرخانغا كىرىپ قالدىم.دوختۇرلار مېنى شەھەرلىك دوختۇرخانغا بۇيرىدى.ئۇ يەردە ئاكام بىلەن يەڭگەمنىڭ ھەمراھلىقدا 20كۈندىن ئارتۇق داۋالاندىم.قايتىپ كەلسەم ئايالىم يوق،ئاڭلىسام ئانسىنىڭكىگە كەتكىلى ئون بەش كۈندىن ئاشقانمىش.غەزپىم قاتتىق ئۆرلىدى.مەن ئۇنى ئۇرمىسام يا تىللىمسام نىمىشقا بىكاردىنلا ئولتۇرۋالدۇ؟

         سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئانام-داداملارنىڭ ئۇنىڭغا ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كىيىن قايتىپ كىلىشنى قايتا-قايتا تاپلاپ يولغا سالغانلىقنى،ئەمما قېيىن ئانامنىڭ ئادەم لازىم بولسا كىلىپ ئەكەتسۇن دەپ ئۇنى تۇتۇپ قالغانلىقنى بىلدىم.ئايالىمنىڭ ئەقىلسىزلىقغا قاتتىق ئاچچىغىم كەلدى.«دەرەخ ياپراقتىن زىرىككەنىدى،كۈزنىڭ كىلشى ئۇنىڭغا باھانە بولدى.»دىگەندەك،ئاران تۇرغاندا ماڭا بۇ تازا ئوبدان باھانە بولدى.ئۆزى كەتتكەندىكىن ئۆزى كەلسۇن دەپ قايتۇرۇپ كەلگىنى ئۇنمىدىم.نەسھەتلەرنىمۇ ئاڭلىمدىم.ئانام ئەكەلمەكچى بۇلۋىدى،ئۆيگە كىرگۈزمەيمەن ، تالاق قىلۋىتىمەن دەپ قوقاق سالدىم،چۈنكى بۇ ئىشنىڭ ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقنى بىلگەچكە، ئانامنىڭ مىنى دەپ ھازازۇل قېين ئانامدىن تىل ئىشتىپ ئاچچىق يۇتىۋېلشىنى خالمدىم.

        ئاخشىمى سوغوق ئۆيدە قىزىمنى خىيال قىلغاچ ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. ئايالىمنىڭ توي قىلىپ تا بۈگۈنگە قەدەر ئانامنى قاتناشتۇرماي تاماق قىلغىننى ئەسلىيەلمەيمەن.ئانام يېشى ئەللىگگە يېقىنلاشقان، ۋىجىك ئەمما ئىشچان ئايال.مۇشۇ يېشغىچە تۆردە ئولتۇرۇپ بىرەر ۋاخ تاماق يىگننى بىلمەيمەن.ئۇ ئەزەلدىن تۆككەن تەرىگە مىننەت قىلىپ باققانمۇ ئەمەس.ئايالىم كەلگەندىن بېرى ئۇنى ئۇقۇۋالسۇن دەپ(ئەلۋەتتە دىندا)،ھەممە ئىشنى ئۆزى بىر قوللۇق قىلدى.ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا شارائىت يارتىپ بەردى. ئەمما دەسلىپدىكى،قانائەتچان،مۇلايىم يۇۋاش ئايالىم نىمگە بۇنچە ئۆزگىرىپ غادىيىپ كەتتى؟

      سىڭلىمغا تىلفۇن قىلىپ ئۇنىغا ئەھۋاللارنى ۋە ئايالىمدىن ئاجرىشىپ كەتمەمەكچى بولغىنىمنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوردۇم.ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتى ھەم ماڭا  ئېشنەلمەي:«نازىگۈل ئۇنداق قىلمايدۇ ئاكا،ئۇ شۇنچە يۇۋاش تۇرسا،سىز خاتالىشىپ قالمايۋاتقانسىز؟»دىدى.مەن ئامالسىز ئۇنىڭغا ھەممە گەپلەرنى دىدىم ۋە ئانام دادامنىڭ قارارىمغا ھۆرمەت قىلدىغانلىقنى بىلدۈردۈم.ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان سىڭلىم خۇرسىنىپ تۇرۇپ،مۇستەقىل كۆز قارشى ۋە مەيدانى بولمىغان ئادەم بىلەن بىرگە ياشسام ئۆزۈمنى چارچىتىپ نابۇت قىلدىغانلىقمنى ئېيتىپ،مىنى قوللايدىغانلىقنى بىلدۈردى،بالنى مىنىڭ بېقشىمنى جىكلىدى.

          بالىنىڭ مېھرى باشقىچەب بولامدىكىن،خاپسى يوق يۇۋاش قىزىمنى شۇنداق سېغنىپ كەتتىم. دادام بىلەن ئانام قارشى تەرەپىنڭ پىكرىنى ئالماق بۇلۇپ ئايالىمنىڭكىگە كىتىپ قالدى.ئۇلارنىڭ نەتىجىسىز كىلشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.دەرۋەقە كۈتكىنىمدەك بولدى. ئاچچىقتىن چىرايىدىكى مۇلايىملىقدىن ئەسەرمۇ قالمىغان كەمسۆز،ئېغىر-بېسىق دادام قايتىپ كىلپلا ماڭا:

         -بۇندىن كىيىن تەققى-تۇرقۇڭغا دىققەت قىلىپ، ئۆزۈڭنى تۈزەشتۈرۈپ يۈر. ئۆزۈڭنى تېخمۇ رەتلىك تۇتۇپ، قايتا توي قىلىشقا تەييارلىق قىل.نازى مايماقنىڭ ھالى ئۆسۈپ،سەن لايىق كەلمەس بۇلۇپ قالغاندەك قىلسەن،دىدى.

          بۇ گەپلەردىن ئۇلارنىڭ ئاز كۈڭۈلسىزىك تارىتمىغىننى بىلىپ يەتتىم. ئاخىردا ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ قىزىمنى ئۆزۈم بېقىش قارارىغا كەلدىم.ھەرقانداق نەسھەتكە  قۇلاق سالىماي قارارىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم.بۇنى ئاڭلاپ مەيدىسگە مۇشىتلىغان ئايالىم، ئاجرىشىپ كۈن ئۆتمەيلا يارشىپ قېلىش توغرىسدا تېلفۇن قىىشقا باشلىدى،ئاچچىغىمدا تىلفۇننى چېقىپ تاشلاپ قۇلقىمنى تىنجىتتىم.بالامنى ئەكەلگىنى كەتكەن ئانام قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى.بىر كۈننى ئىشىككە تەلمۈرۈپ ئۆتكۈزگەن مەن،ئۈمىدسىزلىنىپ كۆزلىرىم ياش ھالەتتە ياتاق ئۆيۈمگە ماڭدىم،بۇنى كۈرۈپ تېخى ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن سىڭلىم ئۆپكىسى ئۆرلۈپ يىغلاپ تاشلىدى.ئۈچ كۈن تاماققمۇ چىقمىدىم.ھەر قېتىم مەسچىتتىن كىرىپلا يەنە يېتۋالاتتىم.قۇلقىمغا ھېچقانداق سۆز كىرمىدى.ئانام سېڭلىمنى يېنىمغا پات-پات كىرگۈزۈپ تۇردى.(ئەلۋەتتە ئۇ قۇرۇق كىرمەيتى).ئاخىر دادامنڭ تاپا-تەنە قىلشىدىن،قېيىن ئانامنىڭ سۆز-چۆچەك قىلشىدىن قورقۇپ،قەددىمنى قايتىدىن رۇسلىدىم.

     ئايالىم ئۆزى بىلەن يارشىپ قالمىسام بالامنى ماڭا كۆرگىلى قويماسمىش.شۇنداق قىلىپ قىزىمدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم،ئۇنى كۆرۈش يۇلۇمنى ئۆز قۇلۇم بىلەن ئېتىپ تاشلىغانمۇ بولدۇم.توۋا دەيمەن،بۇرۇن ئاجراشقانلارغا بەك ئۆچ ئىدىم.ئۆزۈمنىڭمۇ بىر كۈنلەردەئاشۇنداق ئىشنى قىلىپ قالدىغنىمنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ ئىشلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشۇمدا يۈز بىرىپ،بالامنى تىرىك يىتم قىلغىنىمنى قارمامدىغان؟!شۇلارنى ئويلاپ يۈركۈم پۇچلىناتتى،بالامنىڭ ئانسىغا ئۆچلىكىم كىلەتتى.

        سىڭلىم مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن قىزىمنى كۆرگىلى باردى.ئۇ قايتىپ كىلىپلا:

       -ئاكا،ئاكا،قىزىڭىز شۇنداق قائىدىلىك چوڭ بۇلىۋېتىپتۇ،چىرايى،قىلىقلىرى سىزگلا ئوخشاپتۇ،رەسىمگە تارتىپ كەلدىم قارىڭە!دەپ تېلفۇنىنى ماڭا ئۇزاتتى.

         تېلفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ قاردىم،قىزمنىڭ ئايغى چىققاچغا بوي تارتىپ ئۇرۇقلاپ قالغانىدى.قاپقارا ئەگىم قاشلىرى،يوغان كۆزلىرى،يۇملاق ئاق يۈزلىرى،ئېقىپ چۈشكەندەك ئۇماق بۇرنى دەل مىنىڭ ئەكسىم ئىدى.پەقەت ئاغزىلا ئانسىنىڭكىگە ئوخشايتى.رەسىم بىرنەچچە پارچە بولغاچغا بىر-بىرلەپ كۆرۈشكە باشلىدىم.تۇيۇقسىز بىر رەسىمگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.بۇنى سەزگەن سىڭلىم تېلفۇننى دەررۇ قۇلغا ئالدى ۋە ئۇ رەسىمنى يۇيۇپ تاشلىدى. سۈرەتتە سىڭلىمنىڭ يېىندا قارا قاشلىق،ئىگىزگىنە بىر يىگىت ئولتۇراتتى.ئىككىسى ئارلىق تاشلاپ ئولتۇرغاچقا باشقىچە خىيالدا بولمىغانىدىم،ئەمما سىڭلىمنىڭ ھەركىتگە قاراپ كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى.ئەمما ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم،چۈنكى سىڭلىم ئۆزىنى بىلدىغان، ئۆز ئىشغا پۇختا،ھەر قانداق ئىشنى چاك چىقارماي قىلدىغان،قائىدىلك قىز بولغاچقا ئۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئالى مەكتەپنىڭ 2-يىللقغا چىىقىپ قالغاچقا،ئەقلىگە خېلى تولدى،دەپ قارايتىم.لىكىن ئۇ مەندىن بەك خىجىل بولدى بولغاي،نەچچە كۈنگىچە ماڭا كىرپىك كۆتۈرۈپ قارىيالمىدى...

        مەن ئاجرىشىپ كەتكىلمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى.ئەتراپىمدىكلەر ۋە ئاتا-ئانام مىنى توي قىلىشقا ئۈندىدى.مەن، «ئالدىرمايمەن كۆڭلۈم تارىتقاندا قىلمەن.»دەپ چىرايلىق رەت قىلدىم.ئايالىممۇ توي قىلماي ئولتۇرىۋەردى.يارشىپ قېلىشغا كۆڭلۈم ئۇنمىدى.قىزىمنى پات-پات يوقلاپ،ئۇنى-بۇنى ئېىلىپ ئەۋەتىپ تۇردۇق.ئانامنىڭ مۇڭ باسقان،ئۇرۇق،ھارغىن يۈزلىردىن مەندىن خاتىرجەم بۇلالمايۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇردۇم.

           سىڭلىمنىڭ ئوقۇشى پۈتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي،ناھىيلىك تولۇق ئوتتىرا مەكتەپكە ئىشقا چۈشتى.شۇ يىلى ئۇنىڭ توينى قىلدۇق. قېيىن ئىنىم (ھېلقى رەسىمدىكى يىگىت)ئۇنىڭ خىزمەتدېشى ئىدى.ئۇ چىقىشقاق، ئىدىتلىق،ئوبدان يىگىت بولغاچقا، ئائىلدىكلەر بىلەن ئاسانلا چىقشىپ كەتتى.مەنمۇ سىڭلىمنىڭ يولدىشغا ئامراق بولۇپ قالدىم.كىيىن ئۇ مەندىن (دىندىن)تەلىم ئېلىپ تۇردى.بۇنىڭدىن بەكلا خۇرسەن بولدۇم.

               نىمە سەۋەپتىنكىن تاڭ،تىنىم كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كەتتى.ئاتا-ئانام ۋە قېرىناشلىرىمنىڭ زورلىشى بىلەن تەكشۈرتىۋىدىم،نەتىجىسى كۈتمىگەن يەردىن چىقىپ،ھەممىمىزنى تاڭ قالدۇردى. ئۆپكە تۇبىركىليوز بۇلۇپ قالغانىدىم.ئېنقكى بۇ كىسەل ماڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بۇلاتتى.بۇنىڭدىن كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپمۇ كەتمىدى.چۈنكى داۋالاش ئىشلىرى تەرەققى قىلۋاتدۇ ئەمەسمۇ!(بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئەلۋەتتە.)

        بەزىدە قىسمەتلىرىمنى ئويلاپ كۆزلىرىمدىن ئاچچىق ياشلار ئەگىيدۇ.بىراق پەرۋەردىگارىمدىن ئاغرىنىشقا ئىلاجىسز قالمەن.چۈنكى ئۇنداق قىلىشقا ھەقلىق ئەمەسمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نىئمىتى ئەمەسمۇ؟! كۈنلىرىم شۈكىرى ۋە سەبىر قىلىش بىلەن ئۆتمەكتە،ئۈمىد بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى.شۇنىڭغا ئىشەنىدىمىكى كۆپ ئۆتمەي بەخىت ماڭا كۈلۈپ باقدۇ،خۇشاللىق قۇچقىنى كەڭ ئاچدۇ.

                                                2013-يىل 21-دىكابىر


          بۇ ئەسەر ئوخشاش كەچۈرمىشكە ئىگە بىر قانچە ئادەمنىڭ رىئال باشتىن ئۆتكۈزگەن تۇرمۇش كارتىنىسغا قەلەم ئىگسنىڭ ئىجادى تەسۋىرى بايانلىرى ۋە شەخسى ھىسياتى سىڭدۈرلۈپ  يېزىلدى.قەلەم ئىگسىنىڭ سەۋيىسى چەكلىك بولغانلىقتىن يىتەرسىز تەرەپلىرى كۆپ بولۇشى مۇمكىن،تەكلىپ پىكرىڭلارنى ئايمىغايسىلەر! (گۈدەك ۋاقىتلىرىمدا يازغان ئەسەر بۇ، سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى لىكىن.)
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-6-27 13:38:06 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەبىرگۈل،بامۇ يا؟ ھىكايە يازىدىغان قوللار تالمىسۇن! ئالدىراش بولۇپ قالغاچقا ھازىرچە تەپسىلىي ئوقۇشقا ۋاقتىم يەتمىدى.كەچتە تۇلۇق ئوقۇپ چىقىمەن.بۇ كۆرگىنىمنىڭ نىشانىسى بۇلۇپ تۇرسۇن ھە؟

باھا سۆز

ماقا  ۋاقتى: 2014-6-27 16:24
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-6-27 14:48:07 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ئورۇن ئەپ   قويۇپ  بىكار بولوپ  كورەي .

باھا سۆز

مىدال دىگەن كارامەت جىقكەنغۇ سىزدە، يا بىرەرنى سوۋغا قىلاي دىمەيسىز ماڭا  ۋاقتى: 2014-6-27 17:34
ماقا  ۋاقتى: 2014-6-27 16:24
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2014-6-29 14:55:53 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى ئوقوپ كۆڭلۈم ئەجەب بىر خىل يېرىم بوپ قالدىيا؟ ئۇف........بۇنى بىلسەم ئوقۇماسكەنمەن.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

5#
ۋاقتى: 2014-6-30 07:08:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە،  ھىكايىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ...
مىنىڭچە سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىن مىنىڭ ئىۋەن تاپالىشىم خىلىلا قىيىن ، مۇنبەرنىڭ مۇشۇنداق جىمجىت كەيپىياتىغا مۇشۇنداق ياخشى ھىكايىنىڭ توغرا كىلىپ قالغىنىنى قارىمامدىغان.
نادىر تىمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە تىلەكداشمەن .

باھا سۆز

يۇقرى باھا بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئۇنىڭغا تېخى لايىق ئەمەسمەن،ھى ھى ھى  ۋاقتى: 2014-6-30 17:29

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-2-25 12:50:17 | ئايرىم كۆرۈش
ما ھېكاينى توپا بېسىپ قاپتۇ .سۈرتىۋىتەي.
قېنى قالغانلارمۇ ئوقۇپ باقمايلىما؟ئېسىل يېزىلغان ئەسەر بۇ
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-4-19 19:05:13 | ئايرىم كۆرۈش
توۋا،،،مەئەنمۇ توي قىلغىلى بىر يېرىم يىل بولدى،باشقا كېلىنلەردە يوق راھەت مەندە بار،ئۆيۈم بىنادا،بۈگۈرنىڭ بازىرىدا،يولدىشىم ئەتىگىنى كەتسە كەچتە كېلىپ ئالدىراش دۇكان ئاچىدۇ.مەن پەقەت ئوماق قىزىمنى بېقىپلا ئولتۇرىمەن،قېيناتا قېينانام يۇۋاش،ئىدىتلىق كىشلەر،بەكمۇ تىرىشچان،30-40مو يەرنى يالغۇز تېرىپ پۇلىنى ئۆزلىرى يىغىدۇ،بىزمۇ دۇكاندىن چىققاننى ئۆزىمىز يىغىمىز،يولدىشىم بەش بالىنىڭ كىچىكى،يلغۇز ئوغۇل،شۇڭىمۇ ئاچىلىرى ،قېيناتاملار بەك كۆيىدۇ،ئەلۋەتتە ماڭىمۇ شۇنداق،قىزىمنى تۇغقاندىن بۇيان تېخمۇ شۇنداق...قېيناتاملارغا ياردەملىشىمەن دەپ بارساممۇ ئوغلۇم ئۆيدە يالغۇز قالىدۇ دەپ يولغا سېلىۋېتىدۇ،ھەممە ئىشلار يولىدا كېتۋاتىدۇ،كۆز يەگمىسۇنكىن،بەن قېيناتاملاردىن،قېيناچاملاردىن شۇنداق رازى.ئەلۋەتتە مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە،ئەڭ بولمىغاندە تاتلىق ئاغزىم بىلەن بولسىمۇ ساپ قەلبىم بىلەن بولسىمۇ ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتىۋاتىمەن،ئۇلۇغ ئاللاھدىن ھەممەيلەنگە شۇنداق ئىللىق تۇرمۇش بەرسە دەپ تىلەيمەنكى.....................................................................................................بۇ ئەسەر شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،ئەمما،ۋەقەلىكى جىددىي بوپ قاپتۇ،خۇددى مەن يازغان ھىجران تىنىقلىرىغا ئوخشاشلا،غەلىبە يار بولسۇن دوستۇم
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

7

تېما

940

يازما

4144

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 489
يازما سانى:
940
تىللا:
2798
تۆھپە:
133
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
315 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-19 19:27:30 | ئايرىم كۆرۈش
azizim131 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 19:05
توۋا،،،مەئەنمۇ توي قىلغىلى بىر يېرىم يىل بولدى،باشقا  ...

يېڭى ، چولتا ۋاقىتلىرىمدا يازغان نەرسىللىرىمچۇ بۇ. شۇ چاغدىكى سەۋيەمگە لايىق.   بەختىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن جانىم. بىر ئۆمۈر شۇنداق خاتىرجەم ياشاڭ ئىنشائاللا!

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-4-19 19:36:55 | ئايرىم كۆرۈش
سەبىر يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 19:27
يېڭى ، چولتا ۋاقىتلىرىمدا يازغان نەرسىللىرىمچۇ بۇ. شۇ ...

ماشائاللاھ.شۇنداق بولغاي.مېنى چ چ غا قوشۋېلىڭ،بىكار بولغاندا پاراڭلىمىز جۇمۇ
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
10#
ۋاقتى: 2016-4-26 15:01:56 | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق ياخشى ئەسەرگە ئىنكاس ئەجەپ ئاز چۈشۈپتۇ دېسە...
مەن كىم؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:48 , Processed in 0.161650 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش