1.مەن ھازىر ئوغۇللارغا پەقەت قىزىقمايمەن(كەچۈرۈڭ،سىز مېنىڭ خىلىم ئەمەس،ئۆزىڭىزگە ئوخشاش مەتۇدىن بىرنى تېپىۋېلىڭ).
2.مېنىڭ پەقەت توي قىلغۇم يوق،ئۇنىمۇ تېخى ئويلاشمىدىم(ساڭا ئوخشاش يالاڭتۆش بىلەن ئەلۋەتتە ئويلاشمايمەندە،پۇلى،ئۆيى،ماشىنىسى بار بولسا مەندىن نەچچە ياش چوڭ،بالىلىرى بولسىمۇ ئىككىلەنمەي ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن).
3.سىز بەك قابىلىيەتلىك،سىزدەك ئوغۇللارنى بەك ھۆرمەت قىلىمەن،شۇڭا ئىككىمىز پەقەت دوست بولساقلا بولىدۇ(سەن ئۆزۈڭگە قاراپ باق،نېمەڭگە مېنىڭ ئارقامدىن يۈگرەيسەن.سەن پەقەت ماڭا پات-پات تاماق ئەپ بېرىپ تۇرساڭلا بولدى شۇ).
4.تۈنۈگۈنغۇ سىز بىلەن دېيىشىپ قويغان شۇ،بىراق ھازىر مەن بەك ئالدىراش،سىز بىلەن كۆرۈشەلمەيمەن.كېيىنچە تېلىفون قىلاي ھە(سەن بىلەن دېيىشىپ قويغان شۇ چاغدا ئەتە ھاجىتىم چۈشەرمۇ-چۈشمەسمۇ دەپ ئويلىغانتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى سەن بىلەن 4-5كويلۇق مىفەن يەپ يۈرسەم باشقا ئوغۇللار مېنى نېمە دەيدۇ).
5.مەن كومپيوتېر،ئېنگىلىز تىلى دېگەنلەرگە پەقەت قىزىقمايمەن(سېنىڭ ئالدىڭدا بىلمەيمەن دەپ قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئالتۇندەك ۋاقتىمنى قاۋاقخانىدا، چېڭلۇڭتوۋ بالىلارغا ئەركىلەپ،كىيىم-كېچەك بازارلىرىدا لاغايلاپ،ھېچ بولمىسا باشقىلار بىلەن غەيۋەت قىلىشىپ ئۆتكۈزمىسەم كىيىكنىڭ كۆزىدەك ئوماق كۆزلىرىمنى كىتاپ كۆرىمەن دەپ تۈگەشتۈرىۋالمامدىم)..
مەنبە..........ئاياللار ژورنىلىدىن |