ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 420|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

زىمىن تۇغقان ئەزىزلەر-ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

زىمىن تۇغقان ئەزىزلەر-ئابدۇخالىق ئۇيغۇر


ئاپتورى: ئىمىنجان ئەھمىدى



ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ___ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىللىرىدىن بىرى، ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار شائىر. ئۇ 1901- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تۇرپان شەھىرىدە ئابدۇراخمان ئىسىملىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مۇھىم ئىشتراكچىلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىپ، شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن، بەش ياش چېغىدىلا ساۋادىنى چىقىرىشقا كىرىشكەن، 12 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا دىنىي ئىلىم ئىگىلىگەن، بۇ جەرياندا ئەرەب- فارىس تىللىرى، شەرق ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان. كېيىن، تۇرپاندىكى خەنزۇچە مەكتەپ- شۆتاڭغا كىرىپ ئوقۇغان. 1916-يىلى ئۇ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى بىلەن روسىيەگە بارغىنىدا، شەمەي شەھىرىدە روس تىل يېزىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگەنگەن، 1923-يىلى مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا 2- قېتىم بارغىنىدا، ئۇ يەردە 3 يىل تۇرۇپ، ھازىرقى زامان پەن- بىلىملىرى ۋە روس تىل- يېزىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىگىلىگەن. ئۇزۇن يىللىق ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۇ ئۆزىگە ئىلغار، دېموكراتىك ئىدىيىنى سىڭدۈرۈپ، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ جەڭگىۋار قورال ئارقىلىق ۋەتەننى، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولىغا قەدەم قويغان.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دەسلەپكى ئىجادىي پائالىيەتلىرىدە،19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى،20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۆتۈرۈلگەن ئىسلام ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن يېڭى مەرىپەتچىلىك ئېقىمىنىڭ تەسىرى. شۇنداقلا، ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئويغىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. تاتار يېڭى زامان ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىياتنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى ئابدۇللا توقاينىڭ تەسىرى روشەن كۆرۈلىدۇ. ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئوغلىنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىشىمۇ، ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە بالدۇر ئويغىنىپ، ئۆزىنى تونۇغانلىقى ھەمدە مىللىتىگىمۇ ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. شائىر ئۆز شېئىرلىرىدا يېڭى ئەسىر ۋە يېڭى تارىخىي دەۋرگە يۈزلەنگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەزمۇن، ئىجادىيەت ئۇسۇلى، تېما ئالاھىدىلىكى، شەكىل ۋە تىل جەھەتتىن يېڭىلاش يولىدا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ تونۇلدى. شائىرنىڭ ھازىرغىچە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن 60 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئىچىدە «ئىستىمەس»، «باردۇر»، «ئويغان»، «غەزەپ ۋە زار»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، «يېقىن بولدى»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى» قاتارلىقلار ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇ شېئىرلىرىدا تەنقىدىي رېئالىزىملىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئەينى زامان رېئاللىقىدىكى ئىللەتلەرنى، خەلقنىڭ ئېڭىدىكى قالاقلىقنى، فېئودالىزىم جەمئىيىتىنىڭ چىرىكلىكىنى، قالاق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ، دىن تونىغا ئورالغان خۇراپىي ئەقىدىلەرنىڭ مەنىۋى كىشەن ئىكەنلىكىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلىغان، شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ گۈزەل غايە، كەلگۈسى ئەدەبىياتشۇناس روزى قادىرى 1947- يىلى ئىيۇلدا تۇنجى قېتىم«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئەدەبىيات بېتىدە شائىرنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ «باردۇر»، «ئىستىمەس» ماۋزۇلۇق ئىككى پارچە شېئىرىنى ۋە مەھمۇد ئەكبەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «باقى ئاكىنىڭ دەردى» ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلدى. مەھمۇد ئەكبەر يەنە شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئايرىم توپلام قىلىپ، 1956- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە تاپشۇرغان بولسىمۇ، بۇ توپلام ئېلان قىلىنماي قالدى. پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن شائىر تۇرغۇن ئالماس، ئەرشىدىن تاتلىق ۋە پەتتارجان مۇھەممەدلەر خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىپ، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسەرلىرىنى ئىزدەش ۋە توپلاپ نەشر قىلىش تەكلىپىنى قويدى ھەمدە ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. 1979- يىلدىن ئېتىبارەن شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى گېزىت-ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1985- يىلى 12- ئايدا مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، شائىرنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار شائىر» ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى يۇقىرى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس تېما گۇرۇپپىسى نەشرگە تەييارلانغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى» 1986- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە بېغىشلانغان ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك كاتتا يىغىلىشنىڭ 1987- يىلى ئۇنىڭ يۇرتى تۇرپان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى __ شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىي ۋە ئىجادىي پائالىيتىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ يېڭى پەللىسىنى نامايان قىلدى.

تۇرپان ژۇرنىلى 2000- يىلى 4- سانىدىن ئېلىنغان

ئىزدە تورىدىن يۆتكەپ كېلىندى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

551

يازما

2529

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 403
يازما سانى:
551
تىللا:
1858
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
117 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-31

كۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-6-9 21:29:17 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا بەك ئامراقتىم، بولۇپمۇ ئۇنىڭ شئېرلىرىغا...   33يىللىق ھاياتىدا نۇرغۇن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى.   ئەگەر ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بولسا، قانچىلىك نادىر ئەسەرلەرنى يارىتۋىتەر بولغىيتتى ھە؟؟؟
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ۋاپات بولغان چاغدا ھەقىقى ئىمانى بىلەن كەتكەن بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-9 21:30:28 | ئايرىم كۆرۈش
مىسكىن يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 21:29
مەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا بەك ئامراقتىم، بولۇپمۇ ئۇنىڭ  ...

ئىنكاسىڭىزدىكى ئاخىرىقى بىر جۈملە سۆزىڭىز مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.............

14

تېما

551

يازما

2529

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 403
يازما سانى:
551
تىللا:
1858
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
117 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-31

كۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2014-6-9 21:37:31 | ئايرىم كۆرۈش
گۈلگۈن يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 21:30
ئىنكاسىڭىزدىكى ئاخىرىقى بىر جۈملە سۆزىڭىز مىنى ئويلا ...

بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.  چۈنكى ئاخىرەتت سورىلدىغىنى مىللەت،ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ئىمان-ئىتقاد ۋە ئاللاھ،ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ مەسىلىسى بولىدۇ.  ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسمىيا؟
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىغۇ پۈتۈن قۇرئاننى يادا ئالغان ۋە دىندىمۇ خېلى ئوقۇغان ئادەم دەپ ئوقۇغانتىم. لىكىن باشقا مەلۇمات يوقكەن دىنى توغرۇلۇق...    شۇ ئاخىردا يەنىلا شۇ ئىمانىنى ساقلاپ قالالىدىمۇ گەپ شۇ يەردە...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-6-9 21:52:17 | ئايرىم كۆرۈش
مىسكىن يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 21:37
بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.  چۈنكى ئاخىر ...

قېرىندىشم،مۇلاھىزىلىرىڭىز ئورۇنلۇق.لىكىن بىز بۇنىڭغا باھا بىرىشكە قادىر ئەمەسمىز.ھەممىنى بىلگۈچى ياراتقۇچى ئۆزىدۇر....قالغىنىنى بىزنىڭ تالاش تارتىش قىلىشمىز بىھاجەت دەپ قارايمەن.

ئەمدى تېمىنىڭ ئۆزىگە كىلەي: ئەسسالامۇ ئەليكۇم قېرىندىشىم:سىنىڭز زىمىز تۇغقان ئەزىزلەر يۈرۈشلۈك يوللانمىلىرىڭىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن. جاپا چەكتىڭىز!

باھا سۆز

شۇڭا ‹‹ئۈمۈت قىلىمەن›› دىدىم. كىسىپ ئېيتمىدىم  ۋاقتى: 2014-6-9 22:30
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

8

تېما

134

يازما

1184

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 120
يازما سانى:
134
تىللا:
990
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-23
6#
ۋاقتى: 2014-6-10 13:09:17 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئەزىزلەرنى قايتا يىڭى باشتىن تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم ، رەخمەت قىرىندىشىم ، بولسا مۇشۇنداق تەۋەرۇك كىشىلىرىمىزنىڭ ئېش ئېزلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرغايسىز .
يولۇمدا ئەتىر گۈللەر ئېچىلسۇن ....

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-12 22:23:24 | ئايرىم كۆرۈش
خەير،كۆرۈشەرمىز!

ۋادەرىخا،كەتتى ئۇ جانىم مېنىڭ جاننى ئېلىپ،
ئۇ كېتەردە مەندە جان قايدا،ياغاچ بولدۇم قېتىپ.

جادۇ كۆز گۈل كىرپىكى بىرلە يۈرەردە بىر قاراپ،
تاش كۆڭۈلنى قوغۇشۇندەك ئېرىتىپ قىلدى خاراپ.

مەنىلىك سىرلىق قاراپ:<بولغىن ئامان يارىم>دېدى،
<مەن ئۆزۈم كەتكەن بىلەن سېنىڭ بىلەن يادىم>دېدى.

نائىلاج مەنمۇ دېدىم:<بولسۇن مۇبارەك بۇسەپەر،
تاكى جايىڭغا يېتىپ بارغۇچە يوللار بىخەتەر.>

ئاق بىلەك گەدەنگە چەمبەر،بىرلەشتى ھەر ئىككى تىنىق،
ئالما،ئانار بولدى بىر جۈپ،ئۆپتى تويغۇچە يېنىپ.

<خەير،كۆرۈشەرمىز>دېبان،ئايرىلىشتۇق نائىلاج،
ئۇيغۇر يوقاتتى ئېسىنى،دېدى:بەختىم زادى كاج.

شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-12 22:24:50 | ئايرىم كۆرۈش
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

مەنزىل مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،
تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاسقاپ ياماق بولدى ياداپ.

ئازغىنە بىر ئىستراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،
ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.

گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراب.

بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،
كۆرۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.

ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،
زوقلىنىپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.

جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،
ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھېساب.

ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىزمۇ ئاق بولماس قارا،
ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.

كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاب.

1930 - يىلى

40

تېما

295

يازما

984

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 861
يازما سانى:
295
تىللا:
560
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
95 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-11-25 07:13:21 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

40

تېما

295

يازما

984

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 861
يازما سانى:
295
تىللا:
560
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
95 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-11-25 07:13:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:10 , Processed in 0.145331 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش