بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-6 22:15
ئاپتۇرى :مۇھەممەتنىياز خۇدابەردى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىز قىرىنداشلىرىم ،سىز چوقۇم بۇ تىمىنى كۆرۈپ چوقۇم ھەيران قىلىشىڭىز ،شۇنداقلا ئەتە ھەممەيلەن تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاليى ئىمتىھان تۇرسا بۇ تورداش نىمە دەپ جۆيلۈپ يۈرىدىغاندۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن .ئەزىز قىرىندىشىم مەن جۆيلىمىدىم ،مەن بۇ تىمىنى شۇنداق ئەستايىدىل قىياپەتتە ئولتۇرۇپ يىزىپ پۈتتۈردۈم ،بۇ تىمدا ئوتتۇرغان قويۇلغان بەزى ئىشلار ھەقىقى ئىشلار ،ھەرگىزمۇ توقۇلما ئەمەس ،مىنىڭ ئىنى -سىڭىللىرىمغا بولغان تىلەكلىرىم ھەقىقى يۈرەك سۆزلىرىمدۇر.ئەسلىدەمەن بۇ تىمىنى بىر يىل بۇرۇن ئەلكۈيى ئۇنىۋىرسال تور بىكىتىدە ئىلان قىلغان ،كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە شۇنداقلا چوڭقۇر ئويلىنىشا مۇيەسسەر بولغان .ۋاقىتنىڭ ئۇچقاندەك تىز ئۆتىشى بىلەن جوڭگو جەمىتىدىكى ئەڭ ئادىل دەپ قارالغان ،كەڭ جەمىئەت ئامىمىسى تۆت كۈز بىلەن كۈتۈۋاتقان ،تولوق ئوتتۇرا 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرىنى تولىمۇ ساراسىمىگە سالىدىغان بۇ ئىمتىھانغمۇ 10 نەچچە سائەت ۋاقىت قالدى ،مەن ئەمدلا مۇشۇ مىنۇتلاردا ۋاقتىمنى چىقىرىپ بۇ تىمىنى تورداشلارغا يوللاشقا مۇيەسسەر بولالىدىم ،بۇ تىمىنى ئوقۇغان ھەربىر قىرىندىشىمنىڭ ئەتىكى ئىمتىھانغا ئاكتىپ ،توغرا نەزىرىدە قارىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغۇسى كەلسە بىز تەلەپ قىلمىساقمۇ يەنىلا بىرىدۇ ،ئەگەر ئاللاھئاتا قىلمىسا بىز ھەر قانچە تەلەپ قىلساقمۇ يەنىلا پايدىسى بولمايدۇ .بىزھەممەيلەن تىرىشتۇق ،بىز داۋاملىق تىرىشقۇچىلارمىز ،ئەمدىكى ئىشلارنى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا قويۇپ بىرەيلى .ئەزىزتوردىشىم مەن ھەرگىزمۇ بۇئاليى مەكتەپ ئىمتىھانىنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىغىنىم يوق،سىز بۇ تىمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقسىڭىز ئاندىن كىيىن بۇ تىمىغا نىمە ئۈچۈن«ئاليى مەكتەپ ئىمتىھانى راستىنلا مۇھىممۇ ؟»دىگەن بۇ ماۋزۇنىڭ قويۇلغانلىقىنىھەقىقى تۈردە چۈشۈنۈپ يىتەلەيسىز ،بۇ تىمىدا ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىشلارنىڭ ئەتىكىئىمتىھاندا ئاللا خالىسا قەتئى يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،بۇ مىنىڭلائۈمۈدىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدىدۇر دەپ قارايمەن .
ھەربىر ئاتا ئانا پەرزەنىت ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار شۇنداقلا جەمىئەتنىڭ ھەرقايسى ساھالىەردىكىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ،قەلبىدە ناھايتىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋالغان ،ھەتتاكى تەغدىرنى ئۆزگەرتىشتىكى بىردىنبىر يول دەپ قارايدىغان ئالي مەكتەپ ئمتىھانمۇ يىتىپ كەلدى .مانا مۇشۇ پەيتلەردە بۇ ئالي مەكتەپ ئمتىھانىى ھەر بىرەيلەننى بولۇپمۇ تولۇق ئوتتتۇرا 3-يىللق ئوقۇغۇچىلىرىنى تولىمۇ جىددىچىلىك ساراسىمىگە سىلىۋاتىدۇ .ئۇلارنىڭ كاللىسىدا پەقەت بىرلا غەم ،ئۇ بولسىمۇ ئەتە باشلىندىغان ئاليى مەكتەپ ئىمتىھانىدۇر .ئەلۋەتتە ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ،شۇنداقلا ھىس قىلىۋاتىمىز ،دۆلىتىمىزنىڭ ئالي مەكتەپ ئمتىھان تۈزۈمى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان جەمىئەتنىڭ ھەر قايسى ساھالىرىگە بولغان تەسىر كۈچى ناھايتى تىزدىن زورايماقتا . ھەتتاكى 5-6 ياشلىق بىر گۆدەك بالىمۇ بۇ ئالي مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ تەسرىگە ئۇچىرماقتا .ئەلۋەتتە ھەر بىر ئاتا ئانا بولغۇچى گۆدەك بالىسىدىن مۇنداق بىرسۇئالنى سوراشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ .بۇ سۇئال تولىمۇ ئاددى ،مانا مۇنداق ،بالام سەن چوڭ بولغاندا نىمە ئش قىلىسەن دىگەندەك .ئلگركى گۆدەك بالىىلار بۇ سۇئال سورالغاندا ئويناۋاتقان يىرىدە تايچاقتىەك سەكرەپ تۇرۇپ ،،مەن چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچى بولىمەن ،دوختۇر بولىمەن ساقچى بولىمەن ،ئالەم ئۇچقۇچىسى بولىمەن دىگەندەك تاتلىق جاۋاپلارنى بىرەتتى. ئۇچۇر تىخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بۇ ئالي مەكتەپ ئمتىھاننىڭ تەسىر كۈچىمۇ جەمىئەتنىڭ ھەر قايسى ساھالىرىگە يىتىپ باردى .ئەنە شۇ گۆدەك بالىنىڭ ئددىسدىمۇ ناھايتى چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى .ھازىرئەنە شۇ ئوخشاش بىر سۇئال كىچىك بالىدىن سورالغاندا ئرىشكەن جاۋابى بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولمايدۇ.ئلگىركى بالىلار تايچاقتەك سكرەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەرگەن بولسا،ھازىرقى بالىلار ئەستايىدىل قىياپەتتە مۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ .مەن چوڭ بولغاندائالي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ،بۇ جاۋاپنى ئرىشىكەن ئاتا ئانىمۇ ئانچەھەيران قالمايدۇ ،چۈنكى بۇ دەل ئۇلارنىڭئۈمۈد قىلغان جاۋابى ئەلۋەتتە ،مانا بۇ ئالي مەكتەپ ئمتىھاننڭ تەسىر كۈچى ئەمەسمۇ؟ئەجىبا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ئۇلار ئويلىغاندەك راستنلا شۇنداق مۇھىممىدۇ؟ ھەي بۇ بالىلارنىڭ گۆدەكساددىلىقى نەگە كەتتى ،ئلگىركىدەك تايچاقتەك سەكرەپ ئويناشلىرى نەگە كىەتتى.ئەلۋەتتە ئنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل چاغ ئادەمنىڭ گۆدەكلىك مەزگىلىدۇر . چۈنكى بۇ گۆدەكلىك مەزگىلى غەمسىز ،غۇبارسىز كىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟ئلگىركى ۋاقىتلاردا يىزىلارداگۆدەك بالىلار توپلىشىپ ئوينايدىغان ئويۇنلار ناھايتىمۇ كۆپ ئدى ،مەكتەپتىن قايتىپ كەلسىلا سومكىلىرىنىتاشلىۋىتىپ يىزا دوقمۇشلىرىغا يۈگىرەيتتى ،يىزا دوقمۇشلىرى قۇچقاچتەك چۇرقىرىشىپ يۇرگەن كىچىك بالىلار بىلەن توشۇپكىتەتتى،بۇ بالىلار بىر توپ بولغاندىن كىيىن مۈكۈ- مۈكۈلەڭ ،ئوغرى ساقچى قاتارلىقئويۇنلارنى ئويناپ چەكسىز خۇشاللققا چۆمەتتى ،گۆدەكلىكتىن ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەلئەسلىمىلەر قالاتتى .لىكىن ھازىرچۇ ؟ھازىر گۆدەك بالا گۆدەك بالىغا ئوخشىيالماي قالدى ،ئلگىركىدەكتايچاقتەك سەكرەپ ،قۇچقاچتەك چۇرقىرىشىپ ئويناشلىرى ئاللبۇرۇن يىراق-يىراقلارغائۇچۇپ كەتكەن ئىدى، ھازىرقى گۆدەك بالىلار گۆدەكلىكنىڭ غەمسىز ،غۇبارسىزمىنۇتلىرىنىڭ چەكسىز خۇشاللىقىدىن بەھىرمان بولالمايتتى ،يىزىلاردىمۇ كىچىكبالىلار توپلىشىپ ئوينايدىغان مەنزىردىن ئەسەرمۇ قالمىدى .ھازىرقىبالىلار ئاران تەستە بىر كۈنلۈك دەرىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىغىر سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كىلىدۇ دە يەنە شۇ كىتاپلارئارىسىغا غەرق بولىدۇ ،بۇ بىچارىلەرگە بۇرۇنقى بالىلارغا ئوخشاش دوقمۇشلارغا چىقىپتوپلىشىپ ئوينايدىغان پۇرسەت قالمىغان ئىدى .ئەلۋەتتە ،ھازىرقى كىچىك بالىلارمەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ،ئائىلىدە بولسا ئاتا ئانلارنىڭ كونتۇروللقدا يۈرۈپ تىزدىن ماشنا ئادەمگە ئوخشاپ قالايلا دىدى. ھەرقىتىم ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ئىلان قىىلىغان ۋاقىتتا بىەزىبىر ئۈگۈنىش نەتىجىسى ياخشىچىقمىغانلار خۇددى بىر چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ئاتا ئانىسىنىڭئەيىبلەشلىرىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان بولدى،بەزىبىر ئاتا ئانىلار قەغەزنى قولىغا ئىلىپ ،بالىسىغا دوقۇسلىتىپ تۇرۇپ ،مۇشۇنەتىجە بىلەن كىيىن ئالي مەكتەپكە قانداق ئۆتىسەن ،ئالي مەكتەپلەرگە ئۆتەلمىسەڭ كىيىن قانداق خىزمەت تاپىسەن دەپ كايىپ يۈرىدىغان بولدى .بۇنداق ئاتا ئانىلار بالىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەلمەيدىغان، پەقەتلا تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ،روھى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالدى .ئۇلارنىڭ ھەربىر چىقىش نوقتىسى پەقەتلا ئالي مەكتەپلا ئىدى .ئەجبا بۇ ئالي مەكتەپ ئمتھانى ئۇلار ئويلىغاندەك شۇنچىلىك مۇھىممىدۇ ؟بىر بالىنىڭ ئىستىقبالي پەقەت بىر قىتىملىق ئمتىھان بىلەنلابەلگلنىپ قالارمۇ ؟ئەلۋەتتە ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ،بەزى ۋاقىتلاردا ئىتراپ قىمىساقمۇ بولمايدۇ ،ئەنە شۇ يىزا قىشلاقتىكى نامرات ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ئارقىلىق تىىخمۇ ياخشى بولغان بىلىم ئىلىش ،ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشۋاتىدۇ ،پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى غەمخورلىقى ئاستىدا قايتىدىن يورۇقلۇققا ئىرىشۋاتىدۇ .لىكىن ھەممىمىز ئويلىنىشىمىز كىرەككى ئالي مەكتەپ ئمتىھانى بىزنىڭ پەقەت بىردىنبىر چىقىش يولىمىز ئەمەس .لىكىن يىنىمىزدا ئەتراپىمىزدا ئالي مەكتەپ توغرۇرلۇق نۇرغۇنلىغان مەسىللەر يۈز بىرىۋاتىدۇ ،ئەلۋەتتە بۇلار ھەقىقى يۈزبەرگەنئىشلاردۇر.مەلۇم بىر ئوقۇتۇش رايۇنىنىڭ ئەتراپىدا بىر كۆل بار بولۇپ بۇ كۆلدە نۇرغۇنلىغان پاقا ياشايدىغان ،بۇ مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ پاقىلارتولا كۇرۇلداپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالي مەكتەپ ئمتىھانىغا تەسىر يەتكىۈزىدىگەن دەپقاراپ كۆلچەككە دورا سىلىپ ھەممە پاقىلارنى ئۆلتۈرۋەتكەن . ھازىرقى ھەممىلا يەردە ئانا تەبىئەتنى تەشەببۇس قىلىنىۋاتسا ،بىلىم ئۈگىتىدىغان ئورۇنلاردا يەنە تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتسا زادى نىمە دىگۈلۈك ،ئەجىبا ئالي مەكتەپ ئمتىھانىتەبىئەتنى قوغداش،تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساڭلاشتىنمۇ مۇھىممىدۇ ؟يەنە بىر رايۇندا بىر ئانا قىزىنى ئالي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەتكۈزۈش جەريانىدا قاتناش قىستاڭچىلىقىغا ئۇچىرغان ،نەتىجىدە بۇ قىز ئمتىھانغا ئىككى مىنۇت كىچىكىپ قالغان ،ئمتىھان نازارەتچىلىرى بۇ قىزنى ئمتىھانغاكىرىشكە روخسەت قىلمىغان ،بۇ ۋاقىتتا بۇ ئانا ئۆزىنىڭ ئادىمىلىك غورورىنى ئۇنتۇپ ئمتىھان نازارەتچىلىرى ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇلارنىڭ ئايىغىغا باش ئۇرۇپ ئككى مىنۇت كىچىكىپ قالغا قىزىنىڭ ئمتىغان مەيدانىغا كىرىشىنى ئۆتۇنگەن ،بۇ ئانا شۇلارنىڭئالدىدا تىزلانغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئادىمىلىك غورۇرىنى ئويلىمىغانمىدۇ ؟ئەجىبا شۇئالي مەكتەپ ئمتىھانى ئادىمىلىك غورۇردىنمۇ مۇھىممىدۇ ؟ئەڭ ئىچىنارلىقى شۇكى مەلۇم بىر رايۇندا بىر ئاتابالىسىنى ئمتىغان مەيدانىغا يەتكۈزۈش جەريانىدا ئىغىر دەرىجىدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىرغان ،بۇ ئاتا ئىغىر دەرىجىدە يارلانغان بولسىمۇ قىزىنىڭ ئمتىھان مەيدانىغايۈگۈرىشىنى ،داۋاملىق ئىمتىھانغا قاتنىشىنى ئۈمىد قىلغان ،شۇننىڭ بۇ قىز ئىغىردەرىجىدە يارلانغان دادىسىنى تاشلاپ قويۇپ ئمتىھان مەيدانىغا يۈگۈرگەن ،ئمتىھاندىن چىققاندىن كىيىن دادىسىنىڭ بۇدۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلىقىنى بايقىغان،ئەلۋەتتە بۇ قىزنىڭ قەيسەر ،جاسارەتلىك روھىدىن تەسىرلەنسەك ،يەنە بىر تەرەپتىنبىر مەسىلە بىزنى قاتتق ئويلاندۇرىدۇ ،ئەجىبا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ئاتا بالىلىق مىھىر مۇھەببەتتىنمۇ مۇھىممدۇ ؟ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ھەر يىلى بارغۇ ،بۇ يىلقاتنىشالمىسا كىلەر يىلى قاتناشسا بولىدىغۇ،لىكىن ھاياتلىق بىزگە پەقەت بىرلاقىتىم كىلىدۇ ،ئۇ بىر كەتتى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ ،ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى دادىسىنى تاشلاپ قويۇپ ئىمتىھان مەيدانىغا يۈگۈرگەن بۇ قىز مەڭگۈلۈك پۇشايمان دەرياسىغاچۆكۈپ كىتىشى مۇمكىن ،چۈنكى بۇ قىز دادىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يۈزىنى كۆرەلمىدۇئەمەسمۇ .....................
مۇشۇ مەزگللەردە بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلادۇرىدىغان بەزى ئىشلار يۈ بەرمەكتە ،نۇرغۇنلىغان ئۇقۇغۇچىلار ئالي مەكتەپكە چققاندىن كىيىن خۇددى چۆل چەزىرلەردە ئادىشىپ قالغاندەك نىمە قىلارنى بىلمەي يۈرىۋاتىدۇ ،چۈنكى بۇلارنىڭ بۇرۇنقى نىشانى ئالي مەكتەپكە ئۆتۈشلا خالاس ،باشقا ئارزۇ ئارمانلارنى تىخى كۆڭۈلگە پۈكمىگەن.يەنە بىر قىسىم ئوغۇل قىزلار ئالي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن مۇھەببەت قايناملىرىغا غەرق بولۇپ ئاتا ئانىلىرى مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە يىغقان ئازغىنە تۇرمۇش پۇلىنى دىسكۇخانا ، تانسىخانىلاردا بۇزۇپ چىچىپ يۈرىۋاتىدۇ ،مۇشۇنداق يۈرگەن نۇرغۇن ئستودىنىتلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تاپالماي جەمىئەتكە بىر يۈك بولۇپ قىلىۋاتىدۇ .ئەنە شۇنداق كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ،ئالي مەكتەپكە ئۆتكەن بەزى ئستودىنىتلىرىمىزنىڭ كۆنى قانداق بولىۋاتىدۇ ،ئەجىبا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى يەنە مۇھىممۇ ؟
مەن ئەڭ ئاخىردا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى بىرىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ،ھۆرمەتلىك ئاتا ئانىلارنىڭ،شۇنداقلا جەمىئەتتكى ھەر قايسى ساھالىدىكىلەرنىڭ ئالي مەكتەپ ئمتىھانىغا توغرامۇئامىلىدە بولىشىنى ،ئالي مەكتەپ ئمتىھانىنى تەغدىرنى ئۆزگەرتىشتىكى بىردىبىر يولدەپ قارىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ،ئالي مەكتەپ ئمتىھانى بىرىشئالدادا تۇرغان ئىنى سىڭىللىرىمنىڭ ئمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ،ئۆزىنىڭ ئارزۇقىلغىندەك ياخىش نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن ،شۇنداقلا ئىمتىھان بىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئاتا ئانىلىرىنىڭ شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى ئۇستاز دوسىت بۇرادەرلىرىنىڭ ئىمتىھانغا ئاتلانغان بۇ جەڭچگە ئۇتۇق تىلىشنى ھەرگىزمۇ ئەندىشە قىلماسلىقىنى ،ئوغۇل قىزلىرىنىڭ چوقۇم ياخىش نەتىجگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
ئەلكۈيى تورىدىن كۆرۈش ئادىرسى:
http://bbs.alkuyi.com/forum.php? ... 73&fromuid=4851
ئەسكەرتىش :ھەرقايسى ئۈندىدار سالۇن قۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنىڭ مەنبەسى ۋە ئاپتۇرىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىپ قويۇشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
2014-يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
خاربىن
|