ئۈندىداردىكى كومىدىيە
ھېكايە
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەن بۇ ھېكايىنى يېزىش ئارقىلىق ھەرگىزمۇ ئۈندىدارنىڭ يامان تەرىپىنى پەش قىلماقچى ئەمەس، بۇ ھېكايە پەقەت ئەتراپىمىزدىكى بەزى بىر كىشىلەرنىڭ ئۈندىداردىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان مەقسەتتە مېنىڭ تەسەۋۇرۇمغا تايىنىپ روياپقا چىققان ئەسەر.شۇڭا ئەسەر مەزمۇنىنى مەن بىلەن باغلاپ چۈشىنىۋالماسلىقىڭلارنى سورايمەن، ھېكايىگە قارىتا تەنقىدى پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...
******
بۈگۈن دەم ئېلىش، ھېلىمۇ ھەپتە ئىشلەپ ئىشنىڭ بېسىمى كىشىنى خېلى چارچىتىپ قويغانىدى شۇڭا بۇ دەم ئېلىشتىن كۆڭلۈم بەكلا خۇشال، ئەلۋەتتە مېنى خۇشال قىلىۋاتقان ئىشلار پەقەت بۇلا ئەمەس، قايسى كۈنى ئۈندىداردا بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانىدىم شۇنچە يالۋۇرۇپ ، ئەركىلىتىپ يۈرۈپ ئاران بىر كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانىدىم ، ئۆزىمىغۇ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا شۇنچە كۆرىشەيلى دەپ ئۇچۇرلارنى قىلىپ كەتكەنىدى لېكىنزە مۇشۇ ئىشىمنىڭ تولىلىقىدىن قىزنىڭ ئالدىدا لاتا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن ھېچبىر كۆرۈشۈشكە پۇرسەت چىقىرالمايۋاتاتتىم، مانا ئەمدى ياخشى بولدى ، دەم ئېلىشىم يەكشەنبىگە توغرىلىنىپ قالغىنىنى دېمەمدىغان، بۈگۈن بىر دەرقەمدە تۇرۇپ كۆرۈشمىسەم ئۇ سېرىق قۇشقاچ بىلەن، ئۈندىداردا ئاران ئاۋازىنى ئاڭلاشقىلا مۇيەسسەر بولدۇم ، سۈرىتىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرىڭ دېسەم ئاۋۋال سىز ئەۋەتىڭ دەيدۇ؟ ماقۇل دەپ مەن ئەۋەتىپ بەردىم ئەمما ئۇ قۇشقاچ يالغانچىلىق قىلىپ قويدى، كۆرۈشكەندە ئۆزىڭىز كۆرىۋېلىڭ دەپ كىشى قەلبىنى داغدا قويدى ئەمەسمۇ، خوش مانا بۈگۈن قەلبىمدىكى شۇ داغنى يۇيىدىغان ياخشى پۇرسەت، شۇلارنى ئويلاپ ئۆزۈمنى بىرە قۇر تۈزەشتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاستا يانفونۇمنى ئېلپ ئۈندىدارنى ئاچتىم، ۋۇجۇن ئاۋازلار ، خەتلەر ، توشۇپ كېتىپتۇ ۋاھ !تېخى ئەتراپىمنى ئىزدەپ يۈرۈپ قوشىۋالغان 10قىزنىڭ يەتتىسى قۇشۇلۇش ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلىپتۇ، دوستلار چەمبىرىكىنى ئاچتىمدە ئۈندىدارداشلىرىمنىڭ چىقارغان بىر نېمىلىرىنى مۇنداقلا كۆرۈپ قويغاندىن كېيىن مۇخلىسە ئىسىملىك بىرىنى تاسسىدە چىكىپ ئۇنىڭغا ئاۋازلىق ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويدۇم .
-سالام ئاپپاق، نەچچە كۈندىن بۇيان شۇنچە كۆرىشىلى دەپ كەتكەنىدىڭىز، مانا بۈگۈن ۋاقتىم چىقتى ، قاندا مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرامدىم...؟
ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلگۈچە ساقال -بۇرۇتۇمنى بىر ياسىتىپ كىرمەيمەنمۇ دېگەننى نىيەت قىلىپ ئەمدى قەدىمىمنى ئېلىشىمغا بىر دوستۇم كىرىپ قالدى .
-ۋاھ !بۇنچە ياسىنىپ نەگە ئاداش، ئاڭلىسام بۈگۈن دەم ئېلىشىڭكەن، مېنىڭمۇ دەم ئېلىشىم، قايسى كۈنى ئۈندىداردا بىر قىزنى توغرىلاپ قويغان ئاداش، بۈگۈن كۆرۈشكە دېيىشىپ قويدۇم شۇنىڭغىسى ئۇ كاساپەت يالغۇز چىقماي دوستىنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىدىغان بولۇپتۇ،ئەمدى مەن بىر ئەركەك ئىككى قىزنى بېقىنىمغا قىستۇرىۋالسام بولماس شۇڭا سېنىمۇ بىرگە بارامدىكى دەپ كىرگەنتىم ئاداش.
ئۇ خوشاللىقىدا قېن- قېنىغا پاتماي قالغانىدى، ئويلاپ باقسام ئۇ ئۈندىدار ئوينىغان ۋاقىتتىن باشلاپ تالاي قىزلار بىلەن ئۇچرىشىقا چىقىپ بېقىپتۇ لېكىن ئاران بىرسى بىلەنلا مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇچرىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى، لېكىنزە بۇ شەرەپ ئۇنىڭغا ئەلەم ئېلىپ كەلدى دە، ئوتتۇز نەچچە ياشلىق خۇتۇنغا ئاخماق بولۇپ، شۇ چاغلاردا ئۇ تۈگىشىپلا كەتكەنىدى كېيىن بىلسەك ئەسلىدە ئۇ ئۇندىداردىكى ئۇ قىزغا غايىبانە ئاشىق بولۇپ قاپتىكەن،توۋا دېمىسە بىكار ، ئوتتۇز ياشتىن ئاشقان خۇتۇننىڭ ئاۋازىمۇ شۇنچە زىل چىقىدىكەن دېسە ، شۇ چاغلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ پەرى سۈپەت (ئەمەلىيەتتە ئۆزىمۇ ئۇ پەرىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ باقمىغان)قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنىڭ ئالدىمىزدا ماختىناتتى، كېيىنچە ئۇ ئۇ پەرىسىگە شۇ دەرىجىدە ئامراق بولۇپ كەتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئۈندىدار نۇمۇرى ئېلىپ شۇنىڭغىلا خاس بولغان ئۈندىداردىن بىرنى قۇرىۋالدى، مەيلى ئاۋازلىق ۋەياكى ئاۋازسىز ئۇچۇر بولسۇن ھەممىسى شۇ قىز ئۈچۈنلا بولاتتى، باشتا بىز ھەيران قالغانىدۇق، ئۈندىدارغا شۇ دەرىجىدە ئامراق ئادەمنىڭ شۇ بىر قىز ئۈچۈن ئاران قاچىلىغان ئادەملىرىدىن كېچىپ بىر قىز بىلەنلا مۇڭدىشىشىغانلىقىغا ئەقلىمىز يەتمەيتى.قىسقىسى ئۇ شۇ قىزنىڭ قولىدىكى قونچاققىلا ئوخشاپ قالغانىدى، ئۆزىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىۋاتقانلىقى بولامدۇ ، ياكى تاماق يەۋاتقانلىقى ، ئەتراپىدىكى ئىشلار بولامدۇ ئىشقىلىپ ھەممىنى شۇ قىزغا ئاتاپلا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىراتتى، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ھەتتا ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىنىمۇ تىلفۇن مۇزىكىسى قىلىپ تەڭشىۋالدى، بىزمۇ ئۇنىڭ تېلفۇنىدىن قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ 20ياشلاردىكى قىز ئوخشايدۇ دەپ ئويلاشقانىدۇق.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، دوستۇممۇ قىز ئۈچۈن قىلىدىغاننى قىلدى، لېكىن ئۇ قىز پەقەتلا ئۆزىنىڭ جامالىنى كۆرسەتمىدى، ئەمما ئاخماق دوستۇم يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈرىۋەردى، ئۇ قىزنى ئۆزىنىڭ غايىبانە ساپ مۇھەببىتىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ دەپ ئويلايتى، ئۇ شۇنداق ئىشقى سەۋدالىق كوچىسىدا ئۆزى سۆيگەن ئەمما چىرايىنى كۆرۈپ باقمىغان شۇ ناتۇنۇش قىز ئۈچۈن خېلى بىر مەگىل مەجنۇن كەبى تەمتىرەپ يۈردى.ئەمما كۈن ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ قىزغا بولغان تەشنالىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ قىزنىڭ جامالىنى زادى بىر كۆرگىسى كەلدى، لېكىن ئۇ ھەر قېتىم قىزغا بۇ تەلەپنى قويغىنىدا ئۇنىڭ ئېرىشىدىغان جاۋابى يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا -كۆرۈشكەندە قانغۇچە كۆرىۋېلىڭ دېگەن گەپلا بولاتتى، گەرچە ئۇ بۇ گەپلەردىن ئاچچىقلانغان بولسىمۇ لېكىن ئارقىدىنلا قىز ئۆزىنىڭ تاتلىق گەپلىرى بىلەن دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالاتتىدە ئۇلار يەنە ئۈندىداردىكى قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرىق بولاتتى .
بىر كۈنى ئۇ ئاشىق دوستۇم يېنىمىزغا چېچىلغىنىچە كىرىپ قالدى
-ئەجەپ بىر ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردىيا ما قىز، قىلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلدىم ،سۈرىتىڭىزنى كۆرۈپ باقاي دەپ شۇنچە يالۋۇرساممۇ ...ھېلىمۇ مەن ئۇۇنىڭ ھەممە گېپىگە كۆنۈپ كېلىۋاتىمەنغۇ شۇنداق تۇرۇپ زادى نېمىشقا رەسىمىڭىزنى ئەۋەتىپ بېرى دېسەم ئۇنمايدۇ؟ توختا ياكى بولمىسا مەن 30~40ياشلىق قېرى خۇتۇنغا ئەخمەق بولۇپ يۈرمىگەندىمەن ھە؟
-ماڭا ۋاي، ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىنى بىزمۇ ئاڭلىدۇققۇ، ئاۋازىغۇ ناھايىتى يېقىملىق ئۇ كاساپەتنىڭ ، ئاۋازىدىنلا ياش قىزلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، لېكىنزە..
- لېكىن نېمە ، مىكى-مىكى قىلماي دېگىنە گېپىڭنىڭ ئارقىسىنى .
دوستۇم شۇنداق دېگىنىچە يېنىدا سۆزلەۋاتقان بۇرادىرىمىزنى گېپىنىڭ ئارقىسىنى دېيشىكە دەۋەت قىلدى .
-مەن ئويلايمەن ، ئۇ قىز ساڭا سۈرىتىنى كۆرسىتىشكە ئۇنىمىغان بولسا بەلكىم ئۇ قىزنىڭ چىرايىنىڭ تايىنى يوقتۇ ، ئۆتكەندىمۇ مەن بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ، يېشىمۇ مەن دېمەتلىك بۈگۈنى پاراڭلىشىپ ئەتىسىلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇشتۇق .
-ۋاھ! يامانكەنسەنغۇ سەن، بىر كۈندىلا ئۇ قىزنىڭ مەيلىنى ئېلىپ بولدۇم دېگىنە .
- يائاللا ! گېپىمگە لوقما سالماي تۇرە ، قىزىق ئىش تېخى ئالدىمىزدا، شۇنداق قىلىپ بىز بىر تاماقخانىدا كۆرۈشمەكچى بولدۇق، مەنغۇ ئۇنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ باقمىغان، لېكىن مەن ئۇنىڭغا سۈرىتىمنى ئەۋەتىپ بەرگەنتىم، شۇنداق قىلىپ ئۇ قىزنى ساقلاشقا باشلىدىم، خېلى بىر چاغقىچە ساقلىساممۇ ھېچبىر كىشى كېلەي دېمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۈندىدارنى ئېچىپ ئۇ قىزغا نەدە سىز ، مەن كېلىپ بولدۇم دەپ سۆز قالدۇردۇم.
بىردەمدىن كېيىن ئارقامدىن شۇنداق بىر تۇنۇش ئاۋاز ئاڭلىنىپ كەتمەسما، شاپپىدە ئارقامغا قارىدىم، شۇنداق كۆرۈمسىز بىر قىز تېلفۇن ئويناپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ چۈشۈمگە كىرىپ قېلىشىدىن قورقۇپ يەنە تېزلا ئالدىمغا قارىۋالدىم،لېكىن قىزنىڭ توساتتىن دېگەن گېپى مېنى يەنە ئارقامغا قاراشقا مەجبۇر قىلدى .
- مەن شۇ تېز تاماقخانىدا سىزنى ساقلاپ شۇ، سىزچۇ نەدە جېنىم .
ئۇنىڭغىچە يانفۇنۇمغا سىگىنال كەلدى، ئۈندىدارنى ئېچىپ قارىسام ئۇ قىزدىن ئاۋازلىق ئۇچۇر كەپتۇ ، ئاڭلىسام نەخ ئالدىمدا ئولتۇرغان كۆرۈمسىز قىزنىڭ بايا دېگەن گېپى بىلەن ئوپمۇ -ئوخشاش. دەرھاللا ئۇ قىزنىڭ مەن كۆرۈشمەكچى بولغان ھېلىقى پەرىزات شۇ ئىكەنلىكىنى قىياس قىلدىمدە غىپپىدە تاماقخانىدىن چىقىپ كەتتىم .
-كۆرۈشۈپ باقساڭ بولماسمىدى،ئۇ كۆرۈمسىز قىز لېتسىيە بىلەن .
-ماڭە ۋاي خۇدايىم ساقلىسۇن، كېيىن ئۇنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى يۇيۇۋەتتىم، شۇڭا ھازىر قىزلارنى قاچىلاپ قالساممۇ ، ئۇنىڭ جامالىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاسانلىقچە ئۇنىڭغا قۇيرۇقۇمنى تۇتقۇزمايمەن، خوش ئەمدى ئاداش گېپىمگە كەلسەم ئۇ قىز سېنى ئالداۋاتقان بولسا كېرەك ، شۇڭا ، بولدى ئارتۇق ...
-گېپىڭ مۇشۇمىتى ۋاي، ئاڭلىمىدىڭلارمۇ ئاۋازىنى ئۆزى چىرايلىق قىزلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئاشۇنداق ياڭراق، تاتلىق بولىدۇ، يول كۆرسىتەمدىكى دەپ كىرسەم نەدىكى بىر يوقىلاڭ گۇمانلارنى قىلىدىكەنسىلەر دوستلار .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە بايىقىدىنمۇ بەكراق چېچىلىشقا باشلىدى،ئۇ توساتتىنلا كۆزىنى ماڭا تىكتى ۋە
-ئاداش مەن بىلىمەن سېنىڭمۇ خېلى تەدبىرىڭ بار زادى قانداق قىلسام ئۇ قىز ماڭا سۈرىتىنى ئەۋەتىپ بېرە.
-ئۆتكەندە كۆرۈشكەندە ئەۋەتىپ بېرەي دېدى دەۋاتمامتىڭ، كۆرۈشسەڭلا بولىدىغۇ ؟
-شۇنىڭ جىدىلى شۇ،ماڭىمۇ دېگەن كۆرۈشكەندە قانغۇچە كۆرىۋېلىڭ دەپ لېكىن شۇ كۆرۈشۈشكىمۇ ماي تارتىپ يۈرىۋاتمامدۇ .
-قېنى مەن بىر ئامال كۆرسىتەي ساڭا .
بايىقى بۇرادەر شۇنداق دېگىنىچە گېپىنى داۋام ئەتتى .
-بۇنداق قىزلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈشكە پەقەت بىرلا ئامال بار، سەن پەقەت نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭغا گەپ قىلمىساڭ ئۇ ئۆزى ئىزدەيدۇ ياكى بولمىىسا ئۈندىداردىكى ئوتلۇق مۇھەببىتىڭ شۇ پېتى غايىب بولىدۇ، قانداق سىناپ بېقىشقا پېتىنالامسەن، بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى پاراڭمۇ سېلىشالماسلىقىڭ مۇمكىن .
- بوپتىلا ، ھېلىمۇ قىلىدىغاننى قىلدىم يەنە ئاراق بەدەل تۆلىسەم نېمە بوپتۇ، زادى بىر كۆرىمەن ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى...
شۇنداق قىلىپ خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى ئۇ يېنىمىزغا كىرىپتۇ ، كىرىپلا سەكرەپ خوشاللىقتىن سەكرەپ كەتتى.
-ئۇ ئۇنىدى، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل دېدى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ قويدۇق، رەھمەت ئاداش ھېلىقى ئامالىڭ بولىدىغان ئامالكەن جۇمۇ، ئەتتىگەندە ئۆزى سۆز قالدۇرۇپتۇ، نېمە بولدىڭىز نەچچە كۈندىن بۇيان جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ دەپ، مەنمۇ ئاساسىي مەقسەتنى ئۇنىڭغا دېگەنىدىم، ئۇ ئاخىرى مەن بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدى، رەھمەت ئاداش، رەھمەت...
ئۇ شۇنداق رەخمەتلەرنى دېگىنىچە ئۇ قىزنىڭ جامالىنى كۆرگىلى كەتتى، كەچ بولغاندا ئۇ سالپىيىپ كىرىپتۇ ، ھەممىمىز بۇ ئاشىق ئاۋارەنىڭ بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىغا قىزىقىپ قالغانىدۇق، لېكىن ئۇ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەملەردەك ناھايىتى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنىدى،ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئۇچرىشىشىنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىنى سېزىپ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمىدۇق .
كېيىن بىلسەك دوستىمىز ئۇ ئاشىقى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ لېكىن ئۇنىڭ كۈتكىنى قانداقتۇر بىر ھۆسنى جامالى تەڭداشسىز بىر گۈزەل قىز بولماستىن بەلكى يېشى ئوتتۇزدىن ھالقىغان بىر ئايال بولۇپ چىقىپتۇ ،دوستۇم بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تولىمۇ قايغۇرۇپتۇ ۋە ئۇ ئايالدىن نېمىشقا ئۆزىنى ئالدايدىغانلىقى سوراپتۇ،ئۇ ئايالنى نېمە دەپتۇ دېمەيسىلەر تېخى، ئايالمۇ بوش خوتۇن ئەمەسكەن ئۇ دوستۇمغا ،ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن يالغان ئېيتىپ باقمىغىنىنى ،ئەمدى ياش جەھەتكە كەلسە دوستۇمنىڭ ھېچقاچان ئۇ ئايالنىڭ يېشىنى سوراپ باقمىغانلىقىنى، سۈرەت ئىشىغا كەلسەك ئۇ ئايال ئەزەلدىن ناتۇنۇشلارغا سۈرىتىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، بۇ دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىش مەسىلىسىدە ئۇ ئايالنىڭ شۇ دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپلا ئۇچراشقانلىقىنى ،ئەمەلىيەتتە ئۇندىداردىكى بۇ ئۇزاق مەزگىللىك ئاشىق-مەشۇقلۇق مۇناسىۋېتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئىچى-پۇشۇقىنى چىقىرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ ،شۇنىڭدىن كېيىن دوستۇم ئۈندىدار دېگەن نەرسىنى دېگىنىچە ئۇ نەرسىنى پەقەتلا ئىشلەتمىگەنىدى،مانا يېقىندىن بۇيان ئۈندىدارنىڭ تېز ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ دوستۇم يەنە قايتىدىن بۇ نەرسىگە ئۆگىنىۋالغانىدى ،مانا بۈگۈنمۇ ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى خوشاللىقى بىلەن يېنىمغا كىرىپتۇ ، مەن ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭمۇ ئۈندىداردىكى بىر پەرىزات بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىم .ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى،مەنمۇ ساقال بۇرۇتۇمنى ياسىتىش ئۈچۈن ماڭغانلىقىمنى ئەسكە ئېلىپ ياتاقتىن چىقتىم،سەتىراچخانىغا كىرىپ ساتىراچ ئۇستامغا ساقال-بۇرۇتۇمنى ياساشنى بۇيرۇپ ئورۇندۇققا يۆلىگىنىمچە ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن، بىردەمدىن كېيىن يانفۇنۇمنىڭ يىنىككىنە بىر تىتتىرىشى بىلەن ئۇندىدارنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرى سايرىدى،شۇئانلا ئۇيقۇمنى ئاچتىمدە يانچۇقۇمدىن يانفۇننى ئالماق بولۇپ ، ئەستايىدىللىق بىلەن ساقىلىمنى ئېلىۋاتقان ئۇستامنى بىردەم تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇدۇم، ئۇ قىزدىن ئاۋازلىق ئۇچۇر كەلدىمىكى دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇچۇرغا قارىغان بولساممۇ ئەپسۇز بىر دوستۇمنىڭ مېنى ئىزدىگەن ئۇچۇرىكەن ئەمەسمۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ ساتراچخانىدا ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ ئۇستامغا شەرەت قىلدىم، ساتىراچ ئۇستام ئەمدى تىغ سالاي دەپ تۇرۇشىغا يەنە ئۇچۇر كەلدى، يانچۇقۇمدىن يانفۇنۇمنى ئالاي دېدىميۇ لېكىن ساتىراش ئۇستامنىڭ قارىشىدىن ئەيمىنىپ جىممىدە بولۇپ قالدىم
-نەدىن تاپتى مۇشۇ يانفۇننى سۆيۈپ پاراڭلىشىدىغان ئىشنى، ئالدىرماي تۇر ئۇكام ، ساقال بۇرۇتۇڭنى پاكىز ئېلىۋەتمىسەك يانفۇن بىلەن سۆيۈشكەندە سانجىلىپ كېتىدۇ
ساتىراچ ئۇستام شۇنداق دېگىنىچە ساقىلىمنى ئېلىۋەردى، ساتىراچخانىدا ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر ساتىراشنىڭ بۇ گېپىدىن قاقاقلاپ كۈلەتتى، مەن ئۆزەمنىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى سېزىپ گەپ قىلماي جىم ئولتۇردۇم، بىردەمدىن كېيىن ھېسابات قىلىپ سىرىتقا چىققاندىن كېيىن ئۈندىدارنى ئاچتىم، قارىسام ئۇ قىز مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولۇپ، كۆرۈشىدىغان يەرنى ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ قويۇپتۇ،خوشاللىقىمدا ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەنزىلگە ئاتلاندىم . مانا پۈتۈشكەن يەرگە كېلىپ شۇنچە ئۇزاق ساقلىغان بولساممۇ ئۇ قىزنىڭ يا قارىسى يا ئۇچۇرى يوق، شۇنچە ئۇچۇر قالدۇرساممۇ ھېچبىر قاۋاپ قۇياي دېمەيدىيا، خەپ قارىغاندا يەنە ئالدانغان ئوخشايمەن، دېگەننى نىيەت قىلىپ قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم،قايتىش يولىدا ھېلىقى دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم،ئۇنىڭ ھالىمۇ خاراب كۆرۈشمەكچى بولغان قىزى كەلمەپتۇ، ئىككىلىمىز ئۇ قىزلارنى قانغۇچە بىر تىللىغىنىمىزچە يولىمىزغا ماڭدۇق، ياتىقىمىز بىلەن بۇ يەرنىڭ ئارلىقى خېلى بار ئىدى، شۇڭا ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ماڭماقچى بولۇپ BRTبىكىتىگە كەلدۇق، بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقىمۇBRTدىن چۈشۈپ چىقىدىغانلارنىڭ قەدىمى ئۈزۈلمەيتتى ،بز قىستىلىپ يۈرۈپ ناھايىتى تەسلىكتە ئاپتۇبۇسقا چىقتۇق، كىشىلەرنىڭ توختىماي چىقىپ تۇرۇشى ۋە ئاپتۇبۇس ئىچىدە ئۇيان-بۇيان سۈرۈلىشى بىلەن ئىككىمىز ئايرىلىپ كەتتۇق، مەن BRTنىڭ ئۇلانغان جايىدىكى سەيناغا يۆلەنگىنىمچە يانچۇقۇمدىن يانفونى ئېلىپ ئۈندىدارىمنى ئاچتىم، ئۇ قىزغا بولغان ئۈمىد شامىم تېخىچە ئۆچمىگەن ئىدى، قارىسام يەنىلا جىمجىت، ئاچچىغىمدا يۇيۇش بەلگىسىنى تاسسىدە چىكىپ ئۇ قىزنى ئۈندىداردىن چىقىرىۋەتتىم، دوستلار چەمبىرىكىدىكى نەرسىلەرنى كۆرگەچ كۆزۈم تۇيۇقسىز مېنىڭ ئالدىمدا تۇرغان بىر قىزغا چۈشۈپ قالدى، مېنىڭ قارشى تەرىپىمدە ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز يانفون ئويناپ يۈرۈپتۇ، مەن قىزغا كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قارىغىنىمچە ئەتراپىمغا قارىدىم، گەرچە ئاپتۇبۇستا بوش ئورۇن بولمىسىمۇ لېكىن ئادەملەر بايىقىدىن شالاڭ ئىدى ،مۇغەمبەرلەرچە كۈلدۈمدە ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش رامكىسىنى ئېچىپ يېقىن ئەتراپتىكىلەرنى ئىزدەشكە باشلىدىم،شۇئانلا ئىزدەش رامكىسىنىڭ بىرىنچى قۇرىدا شەكىلە دېگەن ئىسىم پەيدا بولدى ، كۆڭلۈمدە چوقۇم ئاشۇ قىز دەپ پەرەز قىلىپ پەستىكى قۇرلارغىمۇ قارىماستىن ئۇ قىزغا قوشۇلۇش ئىلتىماسى ئەۋەتتىم، نەچچە سىكىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ قىزمۇ مېنىڭ ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلدى، مەن دەرھاللا بىر ئەتتىرگۈلنى ئەۋەتىپ يەر تېگىدىن ئۇ قىزغا قارىدىم ، ئۇ قىزمۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قارىغىنىچە تەبەسسۇم شەكلىدىن بىرنى ئەۋەتتى، مەن قاچىلىغىنىمنىڭ دەل شۇ قىز ئىكەنلىكىمنى جەزىملەشتۈرۇپ ياخشىمۇ سىز دەپ خەت يازدىم، قىزمۇ ماڭا جاۋابەن خەت قايتۇرۇپ يەنە ماڭا قارىدى ، ئۇ قىز ماڭا قارىغان شۇ دەقىقىلەردە كۆزىمىز تۇنجى رەت ئۆز-ئارا ئۇچىراشتى، قىز ماڭا پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلگەندىن كېيىن كۆزىنى يانفۇنىغا تىكتى ، بىردەمدىن كېيىن ماڭا - كەچۈرۈڭ مەن ئەمدى چۈشۈپ قالدىم كېيىنچە پاراڭلىشايلى دېگەن خەت بىلەن خوشلاشقان شەكىل كەلدى،مەنمۇ ئۇ قىزغا خوش دېگىنىمچە ئۇ قىزغا قارىدىم ئۇنىڭغىچەBRTكېيىنكى بىكەتكە كىرىپ توختىدى ، قىز ماڭا يەنە بىر قېتىم ئىللىق تەبەسسۇم قىلغىنىچە ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدى، مەن دەرھاللا ئاپتۇبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن قىزنىڭ سايىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم ، ئۇ قىز ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر قىز بىلەن قولتۇقلىشىپ كېتىپ باراتتى،قولۇمدىكى يانفۇننى يانچۇقۇمغا سالدىمدە بوش ئۇرۇننىڭ بىرىگە بىرىپ ئولتۇردۇم، ئاپتۇبۇسنىڭ يىنىك چايقىلىشى بىلەن كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتى .
...يەنە بىر گۈزەل پەرىنى قاچىلىۋالدىم، بۇ قېتىمغۇ ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرىۋالدىم لېكىن ئاۋازىنى ئاڭلاشقا پۇرسەت بولمىدىدە،بوپتىلا ھېلى بېرىپلا ئاڭلايمەنغۇ بۇ سېرىق قۇشقاچنىڭ سايرىشىنى. لېكىن بۇ قىز ئاۋازىنى ئاياپ مېنى داغدا قويىدىغان ئىشنى قىلمايدىغاندۇ ھە!
ھەي ئۈندىدار، ھەي ئۈندىدار، يەنە مېنى قانداق كومىدىيەلەر كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ ...
مەنبەسى: ئەپچىلەم
|