شەھەر كۆرگەن ئىت
(فىليەتۇن )
مەمەتنىياز قادىر
توۋا ،مەھەللىدىكى خوتۇنلارغا ھەيرانلا قالدىم جۇمۇ ،قاچانلا قارىسا بىر يەرگە كىلىپ پىت بازىرنى قىزىتىپ گەپ تىپىپ يۈرگەن .بىكاچىلقتا ئىچى پۇشامدىكىن تاڭ ،ئادەم تۈگۈل ھايۋانلارنىمۇ تىنىچ قويۇشمايدۇ .مانا ،ئىككى يىل ئىلگىرى كەنت سىكىرتارىنىڭ ئۆيدىكى <يولۋاس >ئىچكىرگە قىچىپ كىتىپتۇ دىگەن گەپلەر كەنىتنى بىر ئالغان ئىدى ،ئەمدى ئاۋۇ دوقمۇشقايىغىلىپ قالغان خۇتۇنلار ئارىسىدىكى قىرىغىنىنى تۇيماي قىپقىزىل كۆينەك كىيىۋالغان بۈۋىم ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي <يولۋاس>نىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ يۈرۈيدۇ .
- ھەي ،سىلەرگە دىسەم ،يولۋاس ئىچكىردە بايۋوپكەتكەنمىش ،-دەيتتى ئۇ ھاياجان بىلەن ،- قارىمامسلەر ،كەينىدە بىر نەچچە ناتۇنۇش<چوكانلار>چۆرگىلەپ يۈرۈيدۇ .
ئەسلى مۇنداق گەپ .بىزنىڭ كەنىتنىڭ سابىق سىكىرتارى ئۇچىغا چىققان ئىت پەرەسلەردىن ئىدى ،خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن دىگۇدەك ئىت بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۇرەتتى .گاھى كەنىت بويىچە ئىچىلغان يىغىنلاردا ئۆزىنىڭ ئىتلىرنى داڭلاپ قوياتتى تىخى .ئۇ ئىتلىرغا شۇنداق ئامراق ئىدىكى ئادەملەردىن ئۇلۇغ كۆرەتتى ،ئىتىدىن بىرەرسى تۇغسا قوي سويۇپ باقاتتى ،تىرىسىنى ياپاتتى ،چوڭ قازان ئىسىپ پۇتۇن كەنىتتىكىلەرنى چاقىرىپ ئىسىم قوياتتى ،يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان <يولۋاس > دەل ئۇنىڭ ئۇچ يىل ئىلگىرى قەيەردىندۇر تىپىپ كەلگەن لالما قانجىقتىن نىكاھسىز توغۇلغان كۈچۈك ئىدى .بۇنى دەپ كەلسەك تىخىمۇ قىززىق ،ئەسلى ئۇ چاغدا سىكىرتار ھىلىقى قانجىقنى بىر تۇققىنىدىن يالۋۇرۇپ يۇرۇپ سىتىۋالغان ئىكەن .ئۇ قانجىقنىڭ ئىسمى <ئايپاشا >ئىدى ،ئايپاشاخان ناھايتى ‹‹چىرايلىق ››بولغاچقا سىكىرتار ئۆيىدىكى سورتى ياخشى بولغان <ئارسلان>غا ئۇنى نىكاھلاپ قويماقچى بولغان ئىكەن ،ماۋۇ سەتچىلىكنى كۆرمەمدىغان ،ئايپاشاخان سىكىرتارنىڭ ئۆيگە كىلىپ ۋاقتى توشمايلى يولۋاسنى تۇغۇپ قويدى .ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا تۇغۇلۇپ قالغان يولۋاستىن ئارسلان گۇمان قىلدۇ-دە ئەلۋەتتە ،قان تەكشۇرتكەن گەپ ،قان تەكشۇرۇشتە يولۋاسىنىڭ ئارسلاننىڭ پۇشتى ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىپتىمىش ،كىيىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان باشقا ئىتلار ئايپاشانى تالاپ چالما كىسەك قىلىپ ئولتۇرۋىتۇپتىدەك،بۇ ئارىسلاننىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقماي باشقا <چوكانلار>بىلەن ئاشنا ئويناپ يۇرىۋىرىپتىمىش ،بىراق <كىلىن>دىن ئايرىلىپ قالغان سىكىرتار بىر مەزگىل ئۇرۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغانمۇ بولدى،ئەلۋەتتە بۇنداق گەپلەر مەھەللىدىكى ئاشۇ بىكارچى خۇتۇنلاردىن تارقايتتى .ئۇۋالچىلىق يولۋاسقىلا بولدىدە لىكىن ،مەھەللە كويدىكى ئاداشلىرى ئۇنى ئارىغا ئالمىدى ،ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك دىگەندەك ئۇنى ھارىمى دەپ تىللايتتى ،بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان يولۋاس مەھەلىدە كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى ،كىيىن بۇ ئىشنى ھىلىقى خوتۇنلار يولۋاس ئىچكىرگە قىچىپتۇ دەپ تارقاتقان ئىدى ،بۇ سۆزلەر بىر مەزگىل خىلى غۇلغۇلا قوزغاپ بارا بارا يوقاپ كەتكەن ئىدى .مانا ،يولۋاسنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قىلىشى ھىلىقى خوتۇنلارغا بولۇپ بەرگەن ئىدى .
- ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۇم ،-دەيتى خوتۇنلاردىن بىرسى ،-كاستۇيۇم بۇرۇلكىنى كىيىپ ،گىلاستۇك دىگەننى تاقاپ ،شۇنداق پوچى كىتىپ بارمامدۇ !؟
- ۋاي ماڭا ۋە ،سەن چۇش كۆرمىگەنسەن ،نەدىمۇ ئۇنداق ئىتقا كىيىم كەيگۇزىدىغان ئىش باكەن .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ ھاراملىق سىنى كۆرگەندە تالىمىدىما !؟
- ئىشەنمەيۋاتىسەن ھە ،شەھەر كۆرگەن ئىت باشقىچە بولدىدە ،يولۋاس ئاخۇن مىنى تالاماقتا يوق كۆرگەنلا ئادەمگە قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ سالام قىلىپ يۇرمەمدۇ .
- ۋاي نىمىلەرنى دەيدىغانسەن ،قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ يۇرىيدىغان يا مۇشۇك بولمىسا ئۇ .
-....
خوتۇنلار بىر ھازاغىچە يولۋاس توغۇرلۇق دە –تالاش قىلىشقاندىن كىيىن توۋا دەپ ياقىسىنى چىشلىشىپ مەھەللىگە دۇنياۋى خەۋەر يەتكۇزۇش ئۇچۇن ھەر تەرەپكە تارقاپ كىتىشتى .
ئۇ خوتۇنلارنىڭ تاپقان گەپلىرى راستمۇ نىمە ھە !؟ئارىدىن ئىككى كۇن ئۆتە ئۆتمەيلا سىكىرتار كونىراپ جۇللىقى قالمىغان موتوسىنىڭ قوڭىدىن ئىس دىگەننى بولدى دىگىچە چىقىرىپ گۆركىرەتكەن پىتى مەھەللىگە كەلدىدە ،ئۆيمۇ ئۆيمۇ مىڭىپ چۇشتىن كىيىن كەنىتتە چوڭ كىچىك توڭ پىشىق بۇشۇكتىن تارتىپ تۆشۇككىچە ئىڭە ئىڭە مەممە ئىمە ھەممىسىگەيىغىن بارلىقىنى ،بىرمۇ ئادەمنىڭ كەم قالماسلىقىنى ،يىغىندا <يولۋاس>نىڭ ئىچكىردىكى چوڭ چوڭ ئۆزگۇرىشلەردىن يوليورۇق بىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ،ئۇ يەنە ئىتى بارلار ئىتلىرنى ،مۇشۇكى بارلار مۇشۇكىنى ئوبدان ياساندۇرۇپ بىرگە ئىلىپ بىرىشى كىرەكلىكىنى ،يىغىندا يوقلىما قىلىنىپ چوڭ سان ئىلىندىغانلىقىنىمۇ ئۇقتۇرغانىدى ،ئۇ ئەلۋەتتە كىمنىڭ ئۆيدە قانداق رەڭلىك ،قانداق سورتلۇق ئىت مۇشۇك بارلىقىنى ئۆزىنىڭ چىرايىدىنمۇ ئىنىقراق بىلەتتى .دىگەندەك چۇشتىن كىيىن كەنىتنىڭ يىغىن زالى <ئەزالار> بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى .مۇنبەردە سىكىرتار ،يەنە كەنىتنىڭ باشقا نامدا بار ئەمەلدە يوق سوك سوك كادىرلرى ئورۇن ئالغان ئىدى ،ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدىغىنى، مۇنبەرنىڭ قاپ ئوتتۇردا ئالاھىدە بىزەلگەن ئۇرۇندۇقتا ئۇچىسىغا زىغىر رەك كاستۇيۇم بورۇلكا كەيگەن قىپقىزىل گالاستۇك تاقىۋالغان بىر ئىت، ئالدى ئىككى پۇتىنى مىنگەشتۇرۇپ قۇلاقلىرنى ساڭگىلاتقان پىتى ئۇزۇن تىلىنى چىقىرىپ ئاپتاپقا سالغاچ ئىڭەك يولەپ ئولتۇراتتى،ئالدىدىكى تاختىغا <يولۋاس >دەپ يىزىلغان ئىدى .بۇ ھالەتىنى كۆرگەن ئەزالار بىر بىرىگە قارىشىپ كۇلۇشەتتى ،ياقا تۇتۇشۇپ <توۋا >لىشاتتى ،پۇتۇن يىغىن مەيدانىنى ئەزالارنىڭ ئالا بۇلىماچ چىقارغان ئاۋازلىرى بىر ئالغان بولۇپ ،كىمنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى سۆزلۇگىچىدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيتى .
- خەپشۇك خەپشۇك ،- دەپ گەپ باشلىدى سىكىرتار يىنىدىكى ئەكىس ساداسى ئەسلى سادادىن يۇقىرى ئەبجەش مىكرۇفۇننى ئالدىغا تارتىپ ئىككىنى پۇۋلىۋەتكەندىن كىيىن ،- يولداشلار ،بۇگۇن ھەر قايسىڭلارنى يىغىنغا چاقىرىشتىكى مەخسەت ،چوڭ چوڭ شەھەرلەرنى كۆرگەن يولداش <يولۋاس >بىزگە ئىچكىردىكى تۇمۇشى ۋە ئالغان تەسىراتى ،ۋە شۇنداقلا يىڭى يىڭى ئۆزگۇرۇشلەر توغۇرلۇق يوليۇرۇق بەرمەكچى ،قىنى ھەممەيلەن قىزغىن ئالقىشلىرمىز بىلەن يولداش يولۋاسنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى !!!
سىكىرتارنىڭ سۆزى تۇگۇشى بىلەن توۋەندىن گۆلدۇراس كۆتۇرلۇپ كەتتى ،ئىگىلىرنىڭ چاۋاك چىلىشقىنى كۆرگەن باشقا ئىت مۇشۇكلەر <بىزگە سوقۇشۇشقا كۆماندا بىرىلگەن ئوخشايدۇ >دەپ بىر بىرىگە ھازىرلا تاشلىنىدىغان ئالپازغا ئۆتتى-دە ،بىر بىرىگە خىرىس قىلىشىپ ئىگىلىرنىڭ قولدىكى زەنجىرنى تارتاتتى . مىكرۇفۇن <يولۋاس>نىڭ ئالدىغا يوتكەلدى-دە، ئۇ تىلىنى يىغىپ گىلىنى ئىككىنى قىرىۋەتكەندىن كىيىن <ھاۋ ھاۋ...>لاپ سۆزلەشكە باشلىدى ،گاچا قىزنىڭ گىپىنى ئانىسى چۇشىنەر دىگەندەك ،<يولۋاس>نىڭ تەرجىمانلىقىنى سىكىرتار ئۆز ئۇستىگە ئالغان بولۇپ سۆزلىگەن سۆزلىرنى بىرنى چالا قويماي تەرجىمە قىلىۋاتاتتى .
- نۇرغۇن شەھەرلەرنى كەزدىم ،- دەييتى <يولۋاس>چوڭ پەيلاسوپلاردەك ،يۇقۇرى ساپالىق مەنسەپدارلاردەك ئاۋازىنى ۋەزمىن چىقىرىپ <ھاۋ ھاۋ..>لاپ،- ئىچكىردىكى مەدەنىيەت تۇپتىن ئۆزگىچىكەن ،ئىت مۇشۇكلەر ناھايتى ئىناق ئۆتىدىكەن ،ئادەملىرمۇ ئۇرۇش جىدەلدىن خالى ئىكەن ،بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئۆز خۇشاللىقى ئۇچۇن بىزدەك بىر ئائىلە قان قىرىنداشلارنى تالاشقا سالمايدىكەن .
يولۋاس سۆز ئارىسىدا پات پات خۇرسىنىپ قالاتتى .
- مەن بۇ يەردە چاغدا ،- دەپ گىپىنى داۋام قىلدى ئۇ ،- ئىت دىگەن نامدىن شۇنچىلىك يىرگىنەتتىم ،چۇنكى بىزنىڭ بۇ يەردە بىز ئىت بولغىنىمىز ئۇچۇنلا ئىگىلىرمىز نىمە دىسە ئۆز ئاتا ئانىمىز بىلەنمۇ تالىشىشقا ،قان توكۇپ ئىگىلرمىزنى خۇشال قىلىشقا تەييار تۇرمىز ،شوڭلاشقا ئۇلار بىزنى < ئىت > دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ ،ھەتتا تىخى ئارىسىدىكى خۇشامەتچى ،خەقنىڭ پودىقىنى كۆتۇرۇپ ئۆز مەنپەتى ئۇچۇنلا كۆرەش قىلىۋاتقان ساتقىن تەخسىكەش كىشىلەرنى <ھۇ ئىت >دەپ تىللايدۇ ،بۇ بىزنىڭ <ئىت >جەمەتىمىزگە قىلىنغان چوڭ بىر ھاقارەت .ئىچكىرگە بىرىپ شۇنى ھىس قىلدىمكى قىرىنداشلىرمىز ناھايتى ئىناق ،بىر بىرى بىلەن تالاشمايدىكەن ،ئىت مۇشۇكلەر بىر بىرى بىلەن كالپۇك يالىشىپ ئىناق يۇرىيدىكەن ،ئادەملىرمۇ ساپالىق ئىكەن ،مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا <ئىت >دەپ تىللىنىدىغان ئادەملەر ئاساسەن يوق دىيەرلىككەن ،شۇنى ھىس قىلدىمكى ،ئىت دىگەن بۇ سۆز خىلى ئەتىۋارلىقكەن،ھازىر مەن بۇ نامدىن پەخىرلىنىدىغان بولدۇم ،گاھىدا – دەيتتى ئۇ سۆزلىردىن يەكۇن چىقىرىپ ،-مەنمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى دەپ قىرىنداشلىرى بىلەن تالاش تارتىش قىلىشىدىغان ئىتلارنى <ھۇ ئادەم >دەپ تىىللىغۇم كىلىدۇ.
يولۋاسنىڭ بۇ سۆزلىرنى سىكىرتار ئۆز ئەينى تەرجىمە قىلغان ئىدى .ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىردىن يىغىنغا كەلگەنلەر <بۇ گەپچە بىز ئىتكەنمىزدە>دەپ ئويلاپ چىداپ تۇرالمىدىدە بۇ سۆزلەرنى سىكىرتار ئۆزى دەۋاتىدۇغۇ دەپ قاراپ سىكىرتارنى تىللاشقا باشلىدى ،ھەتتا بەزىلەر ئىتلىرنى قويۇۋىتىپ ئۇنى ،يولۋاسنى تالاشقا بۇيرۇق بەرگەن ئىدى ،ئىتلار تەڭلا ھۇجۇمغا ئۆتتىدە گاھىلىرى بىر بىرىنى تالايتى ،يەنە بەزىلىرى مۇشۇكلەرنى قوغلايتى ،يەنە بەزى كىشىلەر <بۇ كىمنىڭ ئىتى ،ۋايجان ۋاييەي >دەپ توۋلىشاتتى ،مەيدان پاتپاراق بولۇپ كەتتى ،مۇبەردىن ئورۇن ئالغانلاردىن ئەزالارنى تەرتىپكە سىلىش ئۇچۇن نىمىلەرنىدۇر دەپ ۋارقىراۋاتقان سىكىرتار ۋە يولۋاستىن باشقا سوك سوك كادىرلار ئاللىبۇرۇن جىنىنى ياقىغا ئىلىپ قۇتۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋىتىشكەنىدى .مەيداننىڭ ئوڭ تەرپىدە تۇرغان ئىككى بۆرە ئىت بىر بىرىگە قارىشىپ قويدىدە سىكىرتار بىلەن <يولۋاس>قا تەڭلا تاشلاندى ،سىكىرتارنىڭ ئاللا توۋىسى چىقىپ قىچىشقا ئۇلگۇرمىگەنىدى ،لىكىن ھەممە كىشى ئۆز جىنىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولغاچقا سىكىرتارنىڭ ئىت تەرپىدىن تىتما كاتاڭ بولۇپ كىتىشى بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق ئىدى .بورە ئىتقا تەڭ كىلەلمىگەن <يولۋاس >قان قۇسۇۋەتكەن بولۇپ ،ھىلىقى بۇرە ئىتنى <ھۇ ئادەم >دەپ تىللاۋاتقاندەك قىلاتتى .
ئەتىسى پاتپاراقچىلىقتا جىنىنى ئاران ئىپ قاچقان گەپچى خوتۇنلار يەنە دوقمۇشقا يىغىلشتىدە <تۇنۇگۇنكى ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بوپ كەتتى ھەي !؟؟>دىيىشىپ بەس مۇنازىرىگە چۇشۇپ كىتىشتى .لىكىن ئۇلار تۇنۇگۇن سىكىرتارنىڭ بۆرە ئىت تەرپىدىن تالىنىپ نەق مەيداندىلا قازا قىلقانلىقىدىن ،بورە ئىتنىڭ چاڭگىلىدىن يالۋۇرۇپ يۇرۇپ ئاران قۇتۇلغان <يولۋاس>نىڭ ئۆيگە بارغۇچە بەرداشلىق بىرەلمەي ئۆلىكى تالادا قالغانلىقىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى .
|