بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-23 12:13
بۇ كۈنلەر
مەمەتنىياز قادىر
( يەتتە ياز ئالتە قىش ئۆتتى ، شۇنچە يىل جەريانىدا تومۇرۇمنى تۇتۇپ باقدىم ،تومۇرۇمنىڭ سوقۇشىدىن شۇ ئايان بولدىكى ، ئىچكىردە ئۆتكەن بۇ كۇنلەردە ئۆزۇمنىڭ تىخىمۇ نازۇكلىشىپ ،تىخىمۇ پىشىپ يىتىلىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم ، گۇزەل ئەسلىمىلەر مىنى ئۆزىنىڭ شىرىن قوينىدا باغاشلىتىپ بالىلىقنى ۋە گۇزەل ئانا ماكاننى سىغىندۇردى ، كۇندىلىك خاتىرەمنىڭ مىھىرلىك بەتلىرگە قىستۇرۇپ قويغان ئەۋرىشىم يۇپۇرماقنىڭ سۇيى قىچىپ تاراقشىپ قاپتۇ ، تۇتسا سۇنىدىغان چۇرۇك بولۇپ قاپتۇ ، شۇنداق ، بىزنىڭ ھاياتىمىزمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شۇنداق چۇرۇكلىشىپ بىرسى چىكىپ قويسىلا تاراس قىلىپ سۇنغۇدەك بولدى ، بۇ بىر نەچچە يىل جەريانىدا تەنھا ئۆزۇمنى تىڭشىدىم ، ئىرىشكەنلىرىم گۇزەل ئارزۇ ئارمانلىردىن پەيدا بولغان يوقلۇق شىۋىرغانلىرى بولدى ، بۇ شىۋىرغان يۇزۇمگە ئۇرۇلۇپ شۇنداق ئىچىشتۇردىكى ماڭا سىغىنىشنى ئەسلەتتى ، ئۆزۇمنى تونۇتتى ، ئۇف ... چوڭ بوپتىمەن )

ئاللا ئىگەم قىلغاچ تەننى ساق سالامەت ،
شۇكرى ئاللا ! يەتكۇزمىگەچ ھەم مالامەت. ۋاقىت گويا ئاتقان ئوقتەك كەتتى ئۆتۈپ،
چوڭ بوپ قالدىم مىھمان بولۇپ گاھى كۈتۈپ. بالىلىققا خوش دەۋەتكەن خىلى بۇرۇن،
ياشلىقىمغا بوشاتقاچقا كەڭرى ئورۇن .
پەرۋاز قىلار ،قىران چاغلار كىلىپ قالدى،
بويۇم ئۆستى ،بۇرۇتمۇ خەت تارتىپ قالدى.
كىرىپ قالدىم ئۆيلىنىدىغان ياشلارغىمۇ،
غەمسىز ئىدىم ،غەم چۇشتىلەر باشلارغىمۇ.
شۇكرى ئاللا !سالامەتتۇر ئاتا- ئانام،
بەخىتلىكمەن سىزەلمىدى مىنىڭ كاللام . قورسۇقۇم توق كىيمىم پۇتۇن نىمە غەم بۇ !؟
بىلىپ بىلمەي كىشى غەمگە قالاركەنغۇ !؟
سىغىنىمەن كىم بىرلەرنى ئۆزۇم بىلمەي ،
كۆز ئالدىمدىن بىر كۆلەڭگە نىرى كەتمەي.
ئىزلىسەم يوق تاپالمايمەن ،تۇتالمايمەن،
كىم ئىدۇر بىلەلمەيمەن ،كۆرەلمەيمەن.
قۇلاق تۇۋۇم جاراڭلايدۇ مۇڭلۇق ئۈنلەر ،
ئۇيقۇ قاچار كۆزدىن نىرى ئارا تۈنلەر .
يۇرەك گاھ گاھ تۇرۇپ تۇرۇپ قىلار پىژ- پىژ،
تىتىلدايدۇ سەۋەبسىزلا ئىچىم مىژ- مىژ. ئاچچىغلايمەن كىمنى كۆرسەم ساراڭدەكلا،
ئۇرغۇم كىلەر كىملەرنى ھەم قارامدەكلا .
ئادەملەر كۆپ پۇتلۇشۇپ ماڭالمايمەن ،
يا ئۇلاردىن مىھىر ھوزۇر ئالالمايمەن .
توۋا ،ماڭا غىرىبلىق يەتكەندىمۇ !؟
خۇشاللىقلار مەندىن يىراق كەتكەندىمۇ !؟
كىلىپ قالار گاھى ھەتتا خوتۇن ئالغۇم ،
ئوت چىقىرىپ سورۇنلاردىن بەزمە سالغۇم.
ئالدىراشمەن ،لىكىن ئىشنىڭ ھىچ تاينى يوق
ھورۇنلۇق ھەم چاپلاشتىلەر نىم قىلغۇلۇق !؟
چىڭ يۇمساممۇ كەلمەيدۇ ھەم كۆزگە ئۇيقۇ ،
خۇشاللىقىم قاچار شۇئان باسار قايغۇ.
ئۆتكۇزىمەن خىيال بىلەن ئۇزۇن تۈننى،
ئەسلەپ گاھى بۇرۇن ئۆتكەن خۇشال كۈننى.

تۇنۇگۇن تۈن ئەسلەپ قالدىم بالىلىقنى ،
قۇسۇرسىز ئىش قىلالمىغان چالىلىقنى .
ئوينار ئىدۇق دوستلار بىلەن خۇشال خۇرام ،
ھارمايتتۇق شۇ ئويۇنلىرمىز بولغاچ ئارام . گاھى چاغدا ئوينىساق چامغۇر يۇلۇش ،
گاھىدا ئوينار ئىدۇق ئوغرى تۇتۇش . ئاق تىرەك كۆك تىرەك دەپ قوشاق ئىيتىپ ،
ئاق تىشىم كۆك تىشىم دەپ دوسىتنى يىغىپ .
ھىچ ھارمايتتۇق قوغلۇشۇپ ئويناپ ۋاللەي ،
قونچاقلارنى بالام دىيشىپ ئىيتىپ ئەللەي.
يۇپۇرماققا چالما تىزىپ تاماق دەيتتۇق،
قوقاسلارغا قوناق كۆمۇپ قوماچ يەيتتۇق.
باھار پەسلى يەلپۇگەندە مەيىن شامال،
ئاسان ئىدى ئويۇنلارغا قىلماق ئامال.
ناننى تاشلاپ سۈزۈك سۇغا قوغلىشاتتۇق،
پۇتلۇشۇپ ئىرىقلارغا دۈم چۈشەتتۇق. ئۈژمىلەر مەي باغلىشىپ مىلىق -مىلىق،
تەمىدىن كۇلىشەتتۇق ۋىلىق ۋىلىق .
باغمۇ باغ چاپار ئىدۇق پۇتاپ غورا ،
‹‹كىم يامان ،قىنى دوسىتلار ،ئالغا ھۇررا!!››
كاككۇكلار سايرىشاتتى كاكۇلدىشىپ،
قۇشقاچلار غەزەل بىلەن ۋىچىرلىشىپ.
ئوينىشاتتۇق ئاشۇ چاغ تاققۇ –تۇققۇ،
سەبىيلىكتە قىلچىمۇ غەم يوقتىغۇ !؟
دۇم يىتىشىپ ئىچىشەتتۇق ئىرىقتىن سۇ،
كىچىك بالا ئىشتان پوق دىگەن مۇشۇ .
چۈمۈلۇشكەن ياز پەسلىدە سۇلارغا بىز ،
بەسلىشىپ بوي بەرمەيتتۇق چوڭلارغا بىز.
لاي سۇلار ئىدى تەنگە تەبىي دورا ،
چىقسا تەنگە داناخورەك يىگەچ غورا .
ياغقان چاغدا تۇنجى قار ئۇچۇپ لەپ لەپ ،
قارلىق تاشلاپ دوستىمىزغا ئالاردۇق نەپ .
ياسار ئىدۇق بەس بەس بىلەن قاردىن بوۋاي ،
ئۆز ئارا قار ئىتىشقان ،خۇشال ،ۋاي –ۋاي.
بىلمەس ئىدۇق ئويۇن بىلەن قورساق ئاچسا ،
توختىمايتتۇق ئويۇندىن ھەم ماغدۇر قاچسا .
ھىچ چىقمايدۇ ئىسىمدىن ئاشۇ چاغلار،
بالىلىقتا تىلغىۋەتكەن گۇزەل باغلار.

مەكتەپلەرگە ئاتلاندۇق بىز ئىسىپ سومكا ،
پۇتتا چۇخەي باشلىرمىزدا نەپىس دوپپا .
چىداشمايتتۇق كىيىشكە بىز ئاياغلارنى ،
ئات قىلىپ مىنىشكەنتۇق تاياقلارنى.
گەرچە ئاددى بولسىمۇ سىنىپلىرمىز ،
بىزلەر يەنە خۇشال پىتى ئۆتىۋىرمىز .
ھەجىلەيتتۇق ئېلىپبەنى خۇشال خۇرام ،
ياتلايتتۇق كەرىلەرنى ئالغاچ ئارام .
بايرام ئىدى تەنەپپۇس بىزلەرگە ھەم ،
ئويۇنلارنى باشلىشاتتۇق بولۇپ بەردەم.
بەزىلەر تەپسە تەپكۇچ تىككۇس-تىككۇس،
بەزىلەر ئاخسىشاتتۇق دىڭگوس-دىڭگوس.
ئاش توشاتتى كەينىمىزدىن بالامغا دەپ ،
ئاپاشلار جان بالىسىنىڭ غىمىنى يەپ .
ئوغۇللار ئىدۇق ئۆينىڭ بەگزادىسى،
قىزلار ھەم ئۆز ئۆيىنىڭ مەلىكىسى .
بىزدە نە غەم ،ئەگەردە غەم بار دىسەك،
غىمىمىزتى ئوينىۋالساق ،تاتلىق يىسەك ،

ۋاقىت دىگەن تۇر دىگەنگە تۇرمايدىكەن،
ئادەمنى ھەم بالا پىتى قويمايدىكەن .
شۇ نىسپىدە چوڭ بولدۇق بارا- بارا ،
ۋاقىت گويا ئاتقان ئوقكەن بىلدۇق مانا .
تۇنۇگۇنلا بالا ئىدۇق خام سۇت پۇراپ،
بۇگۇن مانا سىتودىتمىز ساقال ماراپ.
قەدىناسلار تاراشتۇقلەر ھەريان ھەريان،
نە سەۋەپ دەپ سورىماڭ بولماڭ ھەيران .
شۇ ئاتالمىش ئىمتاھان ئايرىدى بىزنى ،
سىغىنىمىز دوستلار باسقان ئۆچمەس ئىزنى .
بولدى بەس قوياي گەپنى قايتاي ئۆزۇمگە،
ھەر ئويلىسام مۇڭلۇق ياش تولار كۆزۇمگە،

‹‹نىمە بولدۇڭ ›› دەپ كۆڭلۈمدىن قالدىم سوراپ ،
دىدى كۆڭلۇم" قاپتۇمىش جىگدە پۇراپ".
شۇل ئىرۇر بەلكىم سەۋەپ ئۇيقۇسىزغا،
چۇنكى خىيال ئۇچقاچ يىراق تۇيۇقسىزلا.
بولۇپ قالدىم كاج مىجەز سەپرا بولۇپ ،
نىم قىلىشنى بىلەيمەي غەمگە تولۇپ . بىلىپ بىلمەي يالغۇزلۇق غىرىپلىق يەتتى
شاد –يايرىغان خۇشاللىقلار نەلەرگە كەتتى!؟
ھىچ بىلمىدىم نە سەۋەپ قىلسام بولار !؟
كىم دوستتۇمدۇر!؟ كىمگە بىرىپ ئىيتسام بولار !؟
ئۇيقۇ كەلمەي كۆزۇمگە چىقتىم بالكۇنغا ،
بىرەلمىگەچ بەرداشلىق كۆيگەن يالقۇنغا .
‹‹ئانا ››دىدىم تۇيۇقسىز سىغىنىپ ئۆينى،
ئاڭلىماققا تەلپۇنۇپ يىقىملىق كۈينى .
كۆنۇپ قالدىم بۇ كۇنمۇ ئۆتۇپمۇ قالار،
ئارمانلارغا دەرمانلار يىتىپمۇ قالار.
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى ،چىڭدۇ .
بۇ ئەسەر ئوقۇغۇچى مۇنبىرىگە تەۋە ،ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسز كۆچۈرمەڭ. |