ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 630|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

2000 يۈەنلىك ئايلىق كىرىمنى جايىدا خەجلەش ماھارىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
ناۋادا ئايلىق كىرىمىڭىزنى 2000 يۈەن دەپ پەرەز قىلساق، سىز بۇ پۇل بىلەنمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز.
مەن سىزگە ياردەملىشىپ 2000 يۈەننى بەش ئۈلۈشكە بۆلۈپ بېرەي: بىرىنچى ئۈلۈش 600 يۈەن، ئىككىنچى ئۈلۈش 400 يۈەن، ئۈچىنچى ئۈلۈش 300 يۈەن، تۆتىنچى ئۈلۈش 200 يۈەن، بەشىنچى ئۈلۈش 500 يۈەن. بۇ پۇللارنى قانداق ئىشلىتىشكە قاراپ باقايلى:
بىرىنچى ئۈلۈش، غىزالىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچۈن بىر نان، بىر تۇخۇم، بىر ئىستاكان سۈت؛ چۈشتە بىر ۋاق تاماق، بىر تال مېۋە؛ كەچتە ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق تاماق ئېتىپ ئىككى خىل قورۇما تەييارلايسىز؛ ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۈت ئىچىسىز. مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسىڭىز بىر ئايلىق تاماق پۇلىڭىز 500 - 600 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئىككىنچى ئۈلۈش، مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. تېلېفون ھەققىڭىز ئۈچۈن 100 يۈەن كېتىدۇ، ئىككى قېتىم مېھمان كۈتەلەيسىز، ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن 150 يۈەن، بۇ پۇلغا كىمنى مېھمان قىلىسىز؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزدىنمۇ بەكرەك پىكىر قىلالايدىغان، سىز تەشەككۈر ئېيتماقچى بولغان كىشىلەرنى مېھمان قىلىڭ. مۇشۇ يوسۇندا بىر يىل قەتئىي داۋاملاشتۇرسىڭىز، دوستلۇق دائىرىڭىز كېڭىيىپ، سىز ئۈچۈن قىممەت يارىتىدۇ. ئابرويىڭىز، تەسىر كۈچىڭىز، قوشۇمچە قىممىتىڭىز بارا - بارا يۇقىرىلايدۇ.
ئۈچىنچى ئۈلۈش، ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىنىدۇ. ھەر ئايدا 50 - 100 يۈەنگە كىتاب سېتىۋېلىڭ. ھەر بىر پارچە كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆز تىلىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىڭ. شۇنداق قىلغاندا تىل بايلىقىڭىزنى ئاشۇرالايسىز. قالغان 200 يۈەننى ساقلاپ قويۇپ، يىلدا بىر قېتىم تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىڭ. 
تۆتىنچى ئۈلۈش، ساياھەتكە سەرپ قىلىنىدۇ. بىر يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ساياھەتكە چىقىڭ. ھەر يىلى شۇنداق قىلسىڭىز، نەچچە يىلدىن كېيىن، تەجرىبىڭىز موللىشىپ، نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ.
بەشىنچى ئۈلۈش، مەبلەغ سېلىشقا سەرپ قىلىنىدۇ. پاي بازىرىغا مەبلەغ سالسىڭىزمۇ ياكى توردىن مال سېتىۋېلىش ئىسچوتىنى ئېچىپ ئەرزان باھادا توپ سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. سېتىپ بولالمىغاننى ئۆزىڭىز ئىشلەتسىڭىزمۇ زىيان تارتمايسىز. ئەگەر كۆپرەك پۇل تاپقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تۈزۈپ، بالدۇرلا ئۆزىڭىزنى ئۇزاق مۇددەتلىك كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. 
كىرىمىڭىزنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۇلنى بەش ئۈلۈشكە بۆلۈشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. سالامەتلىككە سالىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرغاندا، بەدەننى ساغلاملاشتۇرغىلى؛ ئىجتىمائىي ئالاقىگە مەبلەغ سالغاندا، ئىشەنچىڭىزنى مۇستەھكەملىگىلى؛ ساياھەتكە مەبلەغ سالغاندا، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتكىلى؛ كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغاندا، پايدا ۋە ئۈنۈمنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
مۇشۇنداق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغاندا، سىزدە ئېشىنچا مەبلەغ كۆپىيىدۇ. بۇ بىر ياخشى تۇرمۇش پىلانى: سالامەتلىك كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىدۇ، دوستلار كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قالغىلى، يۇقىرى قاتلاملىق تەربىيەلىنىشلەرگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكىلى، ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپەككۇرنى ئېچىپ، ياخشى خاراكتېرنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. 
كەمبەغەل ۋاقىتلىرىڭىزدا، ئۆيدە ئاز ئولتۇرۇپ كۆپرەك سىرتتا بولۇڭ؛ باي بولغاندا ئۆيدە كۆپرەك بولۇپ سىرتقا ئاز چىقىڭ. ئادەم كەمبەغەل چاغلاردا سېخىي، مەرد بولۇشى؛ باي بولغاندا ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىقى كېرەك.
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى  

 
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

7

تېما

267

يازما

3336

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76
يازما سانى:
267
تىللا:
2769
تۆھپە:
100
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
119 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-4

مۇنبەر قىزىقچىسىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2014-5-21 18:25:59 | ئايرىم كۆرۈش
بولۇپ قالامدۇ نىمە  سىناپ باقايمۇ نىمە
http://www.wisalbbs.com/data/att ... pr9n6u9zn9na199.gif

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-5-21 21:27:40 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 21:33  

بۇ ئۇسۇللارمۇ بولۇپ قالىدىكەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن....ئەمما ئىگىلىك تىكلەيمەن..دەيدىكەنمىز بۇ تېخى يىتەرلىك ئەمەس...
ھاياتلىق مۇساپىمىزدە چىقىم كۆپ مىقتارنى ئىگەللەيدۇ، كىرىم ئاز مىقتارنى..بۇ توغرىسىدا بىر سېستىمىلىق گىرافىك بارتى...ھازىر يوللاشقا ئامالسىزمەن..
ئەگەر ئىگىلىك تىكلەيمەن، باي بولىمەن دەيدىكەنسىز چۇقۇم مائاشىڭىزنىڭ ياكى كىرىمىزڭىزنىڭ پىرسەنتىنى ئامانەت قويۇپ مېڭىشىڭىز كېرەك..  سۇغۇرتا..0 ئائىلە تۇرمۇش خىراجىتى.. @ ئۆي سېتىۋېلىش، پايچېك، فوند ۋە پايدا تەقسىمات قاتارلىقلارغا ئىشلەتسە .ئەڭ مۇۋاپىق..مۇ داڭلىق ئىقتىسادشۇناس مۇھەممەد سۇلايمان مۇئەللىمىنڭ 4321 فورمۇلاسى بولۇپ.. 10 نەچچە يىللىق ئىقتىساد ساھەسىدە ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى توپلاش، ئۆگەنگەنلىرىنى خۇلاسىلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن..بۇ ئۇسۇلنى مەن سىناپ باققان بۇلارنىڭ ھەقىقەتەن تۇرمۇشىمىزغا زور پايدىسى بار... ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم ئۈنۈملۈك...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2014-5-22 01:39:26 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ خىل ئۇسۇل سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .......لىكىن ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، يەنە بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىز...
بۇ ئۇسۇللار ئىچىدە تۈگىمەس ئادىمگەرچىلىكلەر  يوقكەن.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

5#
ۋاقتى: 2014-5-22 01:46:04 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ پىكىرگە ئانچە ئىشەنمىدىم ، چۈنكى مەسىلەن ، بالىمىز بولسا كۈنلىكىگە  5 كوي بەرمىسەك مەكتەپكە ماڭمايدۇ ، ياكى ماڭالمايدۇ !!
يەنە نۇرغۇنلىغان باغاقلار بىزنى ساقلاپ قالىدۇ .
يەنە ئادەم دىگەن ئاغرىپ قالىدۇ ، بىز ئاغرىپ قالمىساقمۇ چوڭلار ئاغرىپ قالىدۇ ، بالىمىز قىززىتىپ قالىدۇ ، دوختۇرخانا دىگەن پۇل تاپىدىغان جاي...
يەنە يولدا كىتىۋىتىپ موتۇرۇمدا خەخنى سوقىۋىتىپ قالسام پۇل تۆلەپ بەرمىسەم بولمايدۇ ،
ئەگەر بالىمىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ قالسىچۇ ، ئۇ چاغدا ئىشلار تىخىمۇ تەس.
يەنە  نۇرغۇن نۇرغۇن  ئىشلارغا پۇل كىتىدۇ، بەزىلەر تورخانىغا كىرىشى كىرەك ، تورخانىنىڭ سائىتى 3 كوي... تۈگىمەس ئىشلار........ئۇف ، پۇل  توغرۇلۇق بىر پاراڭلاشمايلى ، پۇلسىزلىق كىسىلىگە چوڭ بولغانسىرى گىرىپتار بولۇپ ، داۋاسىنى تاپالماۋاتسام.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

6#
ۋاقتى: 2014-5-22 01:50:32 | ئايرىم كۆرۈش
پەلسەپە پەقەت ئەتىنى يىڭىدۇ ، بۈگۈننى يىڭەلمايدۇ.  ئەگەر مۇشۇ پەلسەپە ئارقىلىق باي بولغانلار بولسا مىنى يۆلەڭلار، مەن نامراتلىشىپ كىتىۋاتىمەن .

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2014-5-22 01:51:37 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 01:46
مەن بۇ پىكىرگە ئانچە ئىشەنمىدىم ، چۈنكى مەسىلەن ، بالى ...

ۋۇخاخاخا...كېچىچە چۈشۈمدىمۇ ھىجىيىپ چىقىدىغان بولدۇم.ما ئىنكاسنىڭ قىزىقارلىقلىقىدا.......
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-22 09:13:41 | ئايرىم كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 21:27
بۇ ئۇسۇللارمۇ بولۇپ قالىدىكەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر  ...

مەن ئىشەنمەيمەن مىنىڭچە ئادەمدە بىلىم بولسىلا ئاز چىقىم بىلەنمۇ ئىگىلىك تىكلەپ داڭلىق شەخىسلەرگە ئايلانغىلى بولىدۇ   مەسىلەن:مىكروسوفىت شىركىتىنى قۇرغان بىلگايتىس ئۇ 14يېشىدىلاxpياساپ دۇنياغا تونۇلغان مانا بۈگۈنگىچە شۇنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىز ئەپسۇس بۇ سېستىمىنىڭ ئۆمرى تېخى يېقىندىلا ئاياغلاشتى...يەنە بىرەيلەنمۇ بار ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن ئۇمۇ تۇلۇقسىزدىلا ئوقۇشتىن چىكىنىپ كومپىيوتۇر ئۈگىنىپ 19يېشىدا بىز ئىشلىتىۋاتقان كيۇ كيۇ دىگەندەك پاراڭلىشىش دىتالىغا ئوخشاش دىتالنى ياساپ چىقىپ بىر كىچىدىلا مىليونىرغا ئايلانغان ...مىنىڭ بىلىدىغىنىپ شۇ كومپىيوتۇر بىلەن داڭ چىقارغان شەخىسلەر باشقا كەسىپتىكىلەرنى بىلمەيدىكەنمەن شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ گېپىدا چىىڭ تۇرىمەن...چۈنكى مەنمۇ بىر كومپىيوتۇر تەلۋىسى ئاللا خالىسا مەنمۇ شۇ داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئورنىدىن ئورۇن ئالسام دەيمەن بۇ كۈنلەرنىڭمۇ كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

باھا سۆز

نىيىتىڭىزگە تىزراق يىتىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن !  ۋاقتى: 2014-5-23 23:05

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-22 09:17:10 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 01:50
پەلسەپە پەقەت ئەتىنى يىڭىدۇ ، بۈگۈننى يىڭەلمايدۇ.  ئەگ ...

سىناپ باقماي تۇرۇپ قانداق ئىشىنىسىز ئادەم نىمىنى خىيال قىلسا چوقۇم ئويلىغىنىنى قىلىپ سىناپ بېقىشى كىرەك سىناپ بېقىڭ مىليادىرغا ئايلىنىپ قالسىڭىز ماڭا ئازراق رەخمىتىڭىزنى بىلدۈرۈپ قىزىل بولاقتىن بىر ئىككىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىزلا كۇپايە ھى ھى ھى چاق چاق ھە راسلا ئەۋەتىپ يۈرمەڭ يەنە

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

10#
ۋاقتى: 2014-5-22 13:29:13 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-22 13:34  
خاككىر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 09:13
مەن ئىشەنمەيمەن مىنىڭچە ئادەمدە بىلىم بولسىلا ئاز چى ...


توغرا ئىگىلىك تىكلەش، باي بولۇشقا مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار سەۋەب بولالمايدۇ.. دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بايلارنىڭ كۆپنىچىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى نامرات دېگەندەك....توغرا ئاز چىقىم بىلەنمۇ ئىگىلىك تىكلىگىلى بولىدۇ..ئەمما ئىگىلىك تىكلەش يولى كۆمپىيوتېر ئوينىغاندەك ئۇنچە ئاددى ئىش ئەمەس....ئىگىلىك تىكلەش يولى ئىنتايىن جاپالىق بىر يول..بۇ يوللاردا تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەت بىزنى ساماندەك كۈتۈپ تۇرىدۇ...
ئەگەر سىز دېگەندەك ئۇسۇللار بويىچە ھەممە پۇلىڭىزنى سىزنىڭ ھېسابلىغىنىڭىزدەك ئىشلىتىش توغرا كەلسە بۇنىڭ ھەممىسى  پۇتۇنلەي چىقىمغا ماڭدى دېگەن گەپ.... ئادەم مۇقىم مەبلەغ بولمىسا بولمايدۇ..چۈنكى سىز ھېسابلاپ كۆرۈڭ بىر ئايلىق مائاشىڭىز ياكى كىرىمىڭىزنى چىقىمغا ماڭدۇرسىڭىز، قولىڭىزغا ئاشمىسا ناۋادا تاسادىپى ھادىسە ياكى كېسەل- ئاغرىق دېگەندەكلەر يۈز بەرسە سىز تىنەپ قالىسىز..يەنە بىرسى سىز ھېسابلاپ باقتىڭىزمۇ....كىيىنكى ئۆمرىڭىزنى ھېسابلاپ باقتىڭىزمۇ..مۇقىم مەبلەغلا پەقەت يىغىىپ ماڭىدۇ..قالغىنى چىقىمغا ماڭىدۇ...ھاياتلىق مۇساپىسىنى 3 بۆلەككە بۆلسە بىرىنچى بۆلەك 0 ياشتىن 25 ياشقىچە بۇ مەزگىلىدە كىرىم يوق، چىقىم بولىدۇ..چۈنكى سىز ئوقۇيسىز... ئۆگىنىش قىلىسىز، تەجرىبە توپلايسىز..بۇلارنىڭ ھەممىسى چىقىم... 25 ياشتىن 50 ياشقچە بولغان ئارلىقتا سىزنىڭ كىرىمىڭىز % ، چىقىمىڭىز يەنىلا u نى ئىگەللەيدۇ..50 ياشتىن 80 ياشقىچە بۇ يەنىلا چىقىمغا ماڭىدۇ..چۈنكى سىز ياشاندىڭىز... ھەممىگە پۇل كىېتىدۇ...
مۇنداق ھېسابلىغاندا يەنە ئەر- خۇتۇن ئىككەيلەن 50 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا چىقىم بولىدىغان تاماق پۇلىلا تۆۋەندىكىچە يەنى :
بىر ئادەم بىر ۋاق تاماق پۇلىغا 10 يۈەن* 2 ئادەم* 3 ۋاق*بىر يىل 365* 20 يىل=438000 يۈەن بولىدىكەن..دېمەك قارىماققا ھېچقانچە تۇيۇلمىغان بىلەن تەپسىلىي ھېسابلاپ كەلگەندە مۇشۇنداق كۆپ پۇل كېتىدىكەن..ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلارنىڭ دەم ئېلىش، ساياھەت، ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش، كېسەل داۋالىتىش دېگەنلەر بۇلارنى ھېسابلىسا قانچىلىك بولار......؟
مېنىڭچە بولغاندا مائاش ياكى كىرىمنىڭ تىنى بانكىغا مۇقىم ئامانەت قويۇپ ماڭغان ياخشى...
ئەلۋەتتە مەنمۇ يەردە سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنى خاتا دېمىدىم....ياكى قوللىمايمەن دېمىدىم..پەقەت كام يەرلىرى ياكى ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى شۇنداقلا تەجىرىبىلىرىم قاتارلىقلارنى تۇلۇقلاپ قويدۇم..ئۆزىڭىزنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى..بۇ يەردە ھېچكىم ئۆز ئىدىيىسىنى ھېچكىمگە زورلاپ تاڭمايدۇ ... سىز بۇ توغرىسىدا تېما يولىلغان ئىكەنسىز .. ئىقتىساد، ئىگىلىك تىكلەش ئۆز قىزىقىشىم بولغاچقا مەنمۇ ئۆز پىكرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ قويدۇم خالاس....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:40 , Processed in 0.145284 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش