ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 789|ئىنكاس: 18
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مىنىڭ دوستۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

658

يازما

3849

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 289
يازما سانى:
658
تىللا:
2746
تۆھپە:
155
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
376 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-13 03:03  
     مىنىڭ دوستۇم





ئۇ ناھايىتى  مىھرىبان ئەقىللىق بىر قىز. ئۇ مىنىڭ سىنىپتىكى ئەڭ يىقىن دوستۇم. ئۇ ماڭا شۇنداق كۆيىنىدۇ . ھەم مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق كۆيۈنىمەن . ئۇ سىنىپتا مەن قىلالمىغان ئىشلىرىم بولسا قىلىشىپ بىرىدۇ ھەم قانداق ئىشىم بولسا ياردەم قىلالىغۇدەك بولسا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ . مەن ئۇنىڭ بىلەن يىقىن دوست بولغىلى 2 يىلدىن ئاشاي دەپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ بىز ئىككىمىز ئۇرشۇپ قالماي قىيىنچىلىققا ئۇچرىساقمۇ بىر بىرىمىزگە ياردەم بىرىپ يىقىن دوستلاردىن بولۇپ كەلدۇق .
مۇنداق بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ كۈنى مەن سىنىپ تازلىق نۆۋەتچىسى ئىدىم.15 مىنۇتلۇق دەم ئىلىشقا قوڭغىراق چېلىنىپ  بولغان ئىدى. مەن  تازىلىق قىلىۋىتىپ تۇيۇقسىز بۇ سائەتلىك دەرسنىڭ تاپشۇرىقىنى تۇلۇق ئىشلەپ بۇلالمىغىنىمنى ئېسىمگە ئالدىم.  بۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئاچچىقى بەك يامان بولۇپ تېخى ئالدىنقى سائەتلىك دەرستە تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرغاندىلا بىزگە ‹‹ تاپشۇرۇقنى  تولۇق ئىشلىمىسەڭلار قىزبالا بولساڭلارمۇ يۈز خاتىرە يوق 100 نى ئولتۇرۇپ قوپىسىلەر›› دىگەنتى.
شۇنى ئويلاپ تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ كەتتىم.ۋە دوستۇمغا بۇ ئىشنى دىدىم. ئۇ:
-  ئاداش، تاپشۇرىقىڭنى ئىشلىۋالغىن. تازلىقنى سىنىڭ   ئورنۇڭدا مەن قىلىۋەتكەچ تۇراي- دىگەنتى، كۆڭلۈم بىردىنلاۋاللىدە يۇرۇپ كەتكەندەك بوپ كەتتىم ۋە :
- رەخمەت ئاداش....دىگىنىمچە ئورنۇمغا بېرىپ كەم قالغان تاپشۇرۇقۇمنى يىزىشقا باشلىدىم.
  مەن تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ ئاز قالغاندا دەرس ۋاقىتمۇ توشتى. دوستۇم تازلىقنى تۈگەتكەن بۇلۇپ ماڭا قاراپ شوخلۇق بىلەن كۈلگىنىچە كۆزلىرىنى قىسىپ قويدى.
دەل شۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىمىزمۇ كىردى.سىنىپ ئىچىنى چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك جىمجىتلىق باستى.ھەممەيلەن تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىمىزنى ئالدىمىزغا ئېلىپ مۇئەللىمنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇق.مۇئەللىم كۆزەينىكىنىڭ ئاستىدىن سىنىپتىكىلەرگە تەكشى بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،ئالدىرىماي تۇرۇپ بىر قانچىمىزنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئىشلىگەن تاپشۇرۇق دەپتىرىمىزنى ھازىرلا  تاپشۇرۇشنى بۇيرۇدى.قالغانلارنىڭ دەپتىرىنى ئۆگىنىش ھەيئىتى يىغىشقا باشلىدى.دىمەك مەن قاتارلىق ئىسمى چىققان 4مىزنىڭ دەپتىرىنى ئوقۇتقۇچىمىز ھازىر كۆرەتتى.ئۇف....ھېلىمۇ تەلىيىمگە تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ تۈگىتىۋاپتىكەنمەن.بولمىسا........ئاخرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا 100نى ئولتۇرۇپ قوپۇش نىمە دىگەن سەتچىلىك ھە؟ دەل شۇ ۋاقىتتا مۇئەللىمىنىڭ مىنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى:

  - قاراڭلا؟ رامىلە بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپتۇ.ئەستايىدىللىق چىقپلا تۇرىدۇ.....
ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يەنى نىمە دەۋاتقىنى قۇلىقىمغا كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كىتەي دىدىم.كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا دوستۇمغا قارىدىم.ئۇ يەنىلا  ئاۋۋالقىدەكلا ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە ئولتۇراتتى.
ئەگەر دوستۇم دەل ۋاقتىدا ياردەم قىلمىغان بولسا مىنىڭ بۇ قېتىمقى تاپشۇرۇقنى  ئىشلەپ تۈگىتىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
يۈرىكىمىنى ئىللىق بىر تۇيغۇ قاپلىدى..دوستلۇقنىڭ  ئىللىق مىھرىنى يەنە بىر ھېس قىلدىم.ھەم مۇشۇندق دوستۇم  بولغانلىقىدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم.





مەنبە:ئۆز قەلەم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3شۆھرەت +50 بايلىق +60 تۆھپە +50 يىغىش سەۋەبى
تىلسىم + 20 + 20 + 20 ئاپىرىن
قەھۋە + 30 + 30 + 30 تۇنجى ئىجادىي تېما!
ئاي بەرگى + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-5-13 02:58:40 | ئايرىم كۆرۈش
تىلى تاتلىق،يەڭگىل ....خۇددى شۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمگە قايتقاندەك بۇلۇپ قالدىم.دوستلۇق گۈللىرىڭلار پۇراق چاچسۇن!

ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

15

تېما

592

يازما

9087

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20
يازما سانى:
592
تىللا:
4216
تۆھپە:
1320
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
185 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-13

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-5-13 12:50:04 | ئايرىم كۆرۈش
دوستلۇق مېھرىڭلار ئۈزۈلمىسۇن، مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرسۇن ئۇماق...
بۇ ئىجادىي تېمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ..بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىڭ..كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن..

باھا سۆز

رەھمەت ھەدە  ۋاقتى: 2014-5-13 14:10

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

يەر
ۋاقتى: 2014-5-13 13:42:16 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ قىنىم بار جۇما سەندە فۇكىم ،  دىمىگەن بىلەن خىلى ياخشى يىزىپسەن ، لىكىن ماۋۇ سىنىڭ ئىجادىيىتىڭلىكىگە تازا ئىشىنەلمەي قالدىميا ؟  قاچاندىن بىرى ھىكايە يازىدىغان بولۇپ كەتتىڭ . كىيىن يازغۇچى بولساڭ 13 يىشىدا ‹‹ مىنىڭ دوستۇم ›› ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن دىسە،  خىلى پەيزى تۇرىدىكەن بولمىسا

20

تېما

658

يازما

3849

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 289
يازما سانى:
658
تىللا:
2746
تۆھپە:
155
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
376 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-13 14:08:00 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شاكىلات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-13 14:09  


ۋاي ئاكا سەن مەندىن ياخشى يازىسەن ھازىرچە مىنى ماختاپ ئۇچىرىۋەتمەي تۇرغىن بولمىسا..........

6

تېما

149

يازما

1713

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 153
يازما سانى:
149
تىللا:
1313
تۆھپە:
55
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-1

مۇنبەر خانىشى

6#
ۋاقتى: 2014-5-13 16:31:22 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 13:42
مىنىڭ قىنىم بار جۇما سەندە فۇكىم ،  دىمىگەن بىلەن  ...

سىزنىڭ قىنىڭىز بارمۇ ياكى ئاتا - ئانىڭىزنىڭ قىنىمۇ؟

ئىككىڭلار ئاكا سىڭىلكەنسىلەردە؟ ھەۋىسىم كىلىۋاتىدۇ ئاكا سىڭىللاپ مۇنبەر ئوينىغىنىڭلارغا قاراپ، قوللاش دىگەن مۇشۇنداق بولسا ھە

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2014-5-13 21:37:56 | ئايرىم كۆرۈش
مەپتۇنئاي يوللىغان ۋاقتى  2014-5-13 16:31
سىزنىڭ قىنىڭىز بارمۇ ياكى ئاتا - ئانىڭىزنىڭ قىنىمۇ؟

...

ھە ئە . سىڭلىم ، تولۇقسىزدا ئوقۇيدۇ.

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2014-5-18 19:57
كۆز تەگمىسۇن ئوماقلار  ۋاقتى: 2014-5-16 20:47

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

8#
ۋاقتى: 2014-5-18 16:24:17 | ئايرىم كۆرۈش
بىر ۋاقىتتا مۇئەللىم ماقالە يېزىش تاپشۇرقى بەرگەن مەن ‹‹ماشىنا ›› سەپ چۈشەندۈرۈش ماقالسى يازغانتىم .ماۋۇ ھېكايىڭزنى ئۇقۇپ  تۇنجى مۇئەللىم ماختىغان شۇ ماقالەم ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ياخشى يېزىپسىز .
شۇ دوستۇڭىز بىلەن مەڭگۈلۈك قوشماقلاردىن بۇلۇشقا نىسىپ ئەتكۈسى ...

باھا سۆز

دىگىنىڭىز كەلگەي ئىلاھىم !  ۋاقتى: 2014-5-23 13:47
رەھمەت  ۋاقتى: 2014-5-18 16:32

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2014-5-23 13:47:16 | ئايرىم كۆرۈش
ما ھىكايىنىڭ ئوماقلىقىنى قارا ،بىر خىل سەبىيلىك ،بىر خىل سۆيۇنۇش ، مەزمۇن ۋە تىل ئىشلىتىش جەھەتتىن شۇنداق تاتلىق ئىكەن .
  غەيرەت قىلىڭ قىزچاق ، ئاللا دوسىتلۇق رىشتىڭلارنى مەڭگۇ بىرگە  ،قىلغاي ، كۆز تەگمىسۇن !!

باھا سۆز

رەھمەت  ۋاقتى: 2014-5-23 23:14
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-11-6 13:55:07 | ئايرىم كۆرۈش
كونا تېمىلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش باشلاندى
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:48 , Processed in 0.161165 second(s), 43 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش