|
بىر ئەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولۇش- بولماسلىقىدا ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مىجەزى ۋە كەيپى باشقا ھەرقانداق ئىشتىنمۇ مۇھىم. ئايالى جىمى جاھاندىكى ھەممە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىجەزى چۇس، كوت- كوت، قۇسۇر ئىزدەيدىغان ۋە خاراكتېرى غەلىتە بولسا، ئۇنىڭ باشقا ھەممە گۈزەل ئەخلاقى نۆلگە تەڭ بولىدۇ،
مەن ئاياللار كوتۇلداش بىلەن ئېرىنىڭ بويىنى ئون سانتىمىتىر ئۆستۈرگەنلىكىنى ياكى كوتۇلداش بىلەن ھاراقتىن، قىماردىن، تالاغا قاراشتىن توسۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، بەلكى زىيادە كوتۇلداش سەۋەبىدىن دائىم تاياق يەپ، ئۇيەر- بۇ يېرىنى كۆكەرتىپ يۈرگەنلىكىنى ياكى يارا قىلىۋالغانلىقىنى ۋە ياكى ئۆيدىكى نەرسە – كېرەكلەرنىڭ چېقىلىپ زىيان تارتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەنمەن.
شۇڭا ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تولا كوتۇلداپ بىزار قىلۋىتىشتىن ساقلىنىشى كىرەك .
ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭ مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن ، تەشەككۈر . |
|
|
|
|
|
|