بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلمىسال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-19 23:23
سەپىرىڭگە تىلىدىم ئاق يول،
سېغىنىشنى قۇچاغلاپ تەنھا.
پىشانەمنى سۆيۈپ جۇدالىق،
ھىجرانلاردىن راسلىدى سوۋغا.
سەپىرىڭگە تىلىدىم ئاق يول،
كېلىشىڭنى تىلەپ ئەڭ بۇرۇن.
سېغىنىشتا تىپىرلاپ يۈرەك،
كۈتۈشلەرگە قالدۇردى ئورۇن.
سەپىرىڭگە تىلىدىم ئاق يول،
كۆزلىرىڭدىن ئۈزمەي كۆزۈمنى.
ئاستا-ئاستا كەتتىڭ يىراقلاپ،
بەزلىمەكچى بولدۇم ئۆزۈمنى

كېچە..
پەپىلەيمەن ئۇيقۇلىرىمنى
چۈشلىرىم تۈنلەردە قالغان ئېزىقىپ.
ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدايمەن يەنە
زۇلمەتكە قوشۇپ زۇلمەت.
يالغان رېئاللىق
مەۋھۈملۈكتە سۆيەر ئۆزىنى
چۈشلەردە چاقناپ.
يۇمۇلۇپ كۆزلەر
ئالقىشلايدۇ زۇلمەتنى.
ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدايمەن يەنە
چۈشلىرىمگە
باشلىماقچى بولۇپ كۈندۈزنى.
شۇنداق
مەن ئۆلۈمنى كۈتكەن بىر غېرىپ
ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدايمەن يەنە
ھاياتىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ.
ئامالىم شۇ ئامالسىز ئۆلۈش،
تېپىش ئۈچۈن ئۆلگەن تۇيغۇمنى.
ئۆز - ئۆزۈمنى ئازابلاپ قەستەن،
قۇچاقلىدىم يۈتكەن سۆيگۈمنى.
تمتاس جىسمىم چۇقانغا تولغان،
كوچىلاردا يۈرىدۇ لەيلەپ.
بىر يىل بۇرۇن ئۆلگەن ئۆزۈمنى،
خىيالىمدىن تاپتىم ئەزۋەيلەپ.
مەن نېمىنى كۈتتۈم بىلمىدىم،
كۆز قىسىشىپ ھاياتىم بىلەن.
كەچكى شەپەق بولارمۇ ھەيران،
قۇچاقلاشسام قۇياشىم بىلەن.
يىراقلاردا تامچىغان كۆز ياش،
تىتىرتىدۇ گۈلنىڭ بەرگىنى.
توزىتىدۇ ياپراقلارنىمۇ،
ئاشىق بايان قىلسا دەردىنى.
تەنھا كۆڭۈل مۇز تۇتقان دەريا،
ئۈششۈك چۈشكەن بىچارە يۈرەك.
مۇزلىتىدۇ زىمىستاننىمۇ،
تومۇز ھەتتا بولالماس يۆلەك.
سالام خېتىم يېزىلغان ۋاراق،
سۈرىتىدۇ كۆزياشلىرىنى.
بارالمىغاچ سېنىڭ يېنىڭغا،
ئاڭلىمايدۇ بەزلەشلىرىمنى.
يىراقلاردا پاتىدۇ قۇياش،
ئەلەم بىلەن كۆزىنى يۇمۇپ.
قىرغاقلىرى چاك - چاك يېرىلغان،
ئاقالمىغاچ دەريامۇ تولۇپ.
خىياللىرىم ئېغىر تىنىقتا،
چىقالمىغاچ تۆمۈر قەپەستىن.
تەلمۈرىدۇ يوللار كۆزۈمگە،
ئاھ ئۇرىدۇ ھەربىر نەپەستىن.
كالىندارنىڭ يۈزىدىكى سان،
تىكىلىدۇ ماڭا ئالىيىپ.
خېلى بولدى باقمىدى كۈلۈپ،
مەن نېمىگە قالدىم ئايلىنىپ.
ئازابلارنىڭ ھوزۇرى بىلەن،
كۆز ياشلىرىم كۈلگەن شۇ كېچە.
ئۆلىۋاتقان ئارمانلىرىمنىڭ،
ئايىقىغا تۆكۈلدى غۇنچە.

گاچىلاشقان سۆيۈشۈشلىرىم،
ئۆز مېھرىنى قويدى دالدىدا.
ئۆز - ئۆزىنى يادلىدى تەكرار،
ۋەدىلىرىم دارنىڭ ئالدىدا.

قەسەملەردىن تامچىماقتا قان.
جۇدالىققاچەككەندەك نەقىش.
ھىجرانلارغا بولدۇم ساھىبخان،
ئازابلارنى قىلغاندەك پەرۋىش.
.
تەلۋىلەشكەن بىر توپ ئاياللار
كوچا -كويلاردا
ئىزدىمەكتە ئەر.
مىڭ يىللىق توغراقنىڭ
ئېگىز شېخىدا
غەمگە پاتار بىر ئەر
كولىماقتا دەرەخ تۈۋىنى
يىڭنە بىلەن
قىرىق ئايال.
يېڭىلا تۇغۇلدى بىر ئوغۇل بوۋاق
ئاتىسىز.
دوختۇرخانىدا ئەرلەر ئۆچرەتتە
ئەرلىكنى ئىستەپ؛
يېشىل ئەرلىك خىرىسقا تولدى،
قىرانلار ئەجەلسىز ئۆلۈپ بولدى.
‹‹غۇرۇرى›› ئۈچۈن
قىزلار ئۆز تېنىنى سېتىپ بولدى.
...................................
ئۇچقۇنلاپ ئاسماننىڭ روجەكلىرىدىن،
تۆكۈلدى قەلبىمگە تۇنجى ياغقان قار.
دىكابىر سۆيۈملۈك بېقىپ ھەممىگە،
ئوتلۇق بىر سۆيگۈگە قىلدى ئىنتىزار.
تۇنجى قار ئاستىدا مۇڭلانغان يۈرەك،
زارىققان كۆزلەردىن قالدىغۇ پىنھان.
ۋەسلىمنى سۆيگۈمگە قالدۇردۇم يەنە،
ئارمىنىم ۋىسالغا بەرگەندەك ئىمكان.
سۆزلەيسەن بىرھازا لەپىلدەپ تۇرۇپ،
ئاشىقتىن بىگانە قالغان كۆڭۈلگە.
تۇيۇلدى ئۇچقۇنۇڭ بولۇپ كۆپ چېكىت،
سوئاللار ياغدۇرۇپ شۇ قىزىل گۈلگە.
كېچىنى ئاقلىقىڭ بىلەن يورۇتۇپ،
ھەممىگە بارىڭنى ئاتمىغىن زىنھار.
چاڭقىغان لەۋلەرگە سىڭمە ئوت بولۇپ،
ۋىسالىم سۆيگۈمدىن بولغاندەك بىدار
تىمتاس چۇقان
يالتايدىم ئەتىنى ئويلاشتىن يەنە،
بۈگۈنگە بىر رومكا ئازابنى لىقلاپ.
قارىدىم ئۇپۇقنىڭ قانلىق كۆزىگە،
گۈللەرنىڭ بەرگىدەك توزۇشنى ئويلاپ.
كۆمۈلدى پىنھانغا ئۇنتۇش چۇقانى،
ئۆلۈممۇ بۇ كېچە كەتكەندەك ئۆلۈپ.
بىر ئىللىق ئازابتا ئىسسىندىم گويا،
ۋەيرانە كۆڭۈلدە ئامالسىز كۈلۈپ.
ئىسيانغا بويالدى سۆيۈملۈك تۇيغۇ،
سەكراتتا جان بەردى ئۈمىدسىز كۈتۈش.
سۆيۈشۈپ ئېسىنى يوقاتقىنىدەك،
كۆرسىتەر ئازابنى لەۋلەردە كۈلۈش.
باھاردىكى كەچكۈز لىرىكىسى
بىر گۈزەل تۇيغۇ
بىر تاتلىق ئازاب
سۆيۈشمۇ ھەتتا...
مۇقەددەس گۇناھ.
نەمخۇش ھىدقا تويۇنغار باھار
يىغلايدۇ قارلار
ئۇنتۇلماقتا ئۇزۇن كېچىلەر
ئۇنتۇلماقتا
يۇمۇلغان كۆزلەر ئارا
ئۇيقۇلار ھەتتا..
تارقالماقتا ئۆلۈم پۇرىقى
ئاپئاق چۈشتەك ئۈمىدلىرىمدىن
زامانلاردىن ھالقىغان سۆيگۈ
قەلىبلەردىن جان بېرەر كۈلۈپ
ئۇ باھاردىن ئۈنچىلەر تىزىپ
غېرىپ قەبرەمگە.
مەن بىرتاتلىق سۆيگۈ بىردۆۋە ئازاپ تۈن قوينىنىڭ جىمجىتلىقىدا،
سەن پەقەتلا ئۆزۈڭ ھېچنىمە تېخى قەلبىڭمۇ ھەتتا،
زارىقىپ كۈتمەيمەن كۈتمەيمەن زىنھار جۈپ قېشىڭنىڭ ئوتتۇرلىقىدا قىسىلىپ قېلىشنى.
غەمسىز كۆزلىرىڭ سۆزلىتىدۇ ئاھ سۆزلىتىدۇ مىسكىن قەلبىمنى ئەيلىتىپ نىدا: سۆيىمەن سېنى.
مارشال. |