بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەچۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 18:38
ئوف.... مانا بۇنى ھېكايە ۋەقەلىكى دەيدىكەنمىز... نېمانچە يىغلاڭغۇ بولۇپ قالدىم...
تەرجىمە قىلىپ قويايچۇ، پىروزىچىلار، سىلەرگە خام ماتېرىيال ئېلىپ كەلمەكتىمەن
______________________
تەكلىپنامە
- سېنى سۆيمەيمەن، مېنى ئۆز ھالىمغا قوي، - دېدى يىگىت يىغلاۋاتقان قىزغا قاراپ. قىز يىگىتنى باغرى تاش، دەپ ئەيىبلىدى، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىز بۇرۇلۇپ تېز - تېز مېڭىپ كېتىشىگە يىگىت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تەلمۈرۈپ قالدى. يىگىت ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى كۆرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى - دە، ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا يول ئالدى. 2 - قەۋەتكە جايلاشقان ۋىراچ ئىشخانىسىغا كىردىدە، ئۈستەلدە ئويچان ئولتۇرغان دوختۇرغا قاراپ «مەن تەييارمەن» دېدى.
دوختۇر ئورنىدىن تۇرۇپ يىگىتنىڭ يېنىغا كەلدى. قولىنى ئۇنىڭ مۆرىسىگە قويۇپ: «بەردەم بول، ئۇكا. ھەممىسى ياخشى بولىدۇ، ئىنشائاللاھ» دېدى. يىگىتنى جېنىدىن ئارتۇق سۆيىدىغان قىز يىگىتنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتتا نېمىشقا بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەستى~ يىگىت كېسەللىكىنى بىلگەن دەسلەپكى ۋاقىتتا ئوپىراتسىيەگە رازى بولمىدى. ئازغىنە ۋاقىت بولسىمۇ قىز بىلەن بىللە ياشاش ياكى تەۋەككۈل قىلىش كېرەك ئىدى. ئۇ 2 - يولنى تاللىدى.
بىراق ئۇ قىزنىڭ كۆزلىرىدە غەم ۋە ئېچىنىش كۆرۈشنى خالىمىدى. شۇ سەۋەب قىز بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى قارار قىلدى. شۇنداق بولدى ھەم... قىزدا ھاياتقا قىزىقىش قالمىدى. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى قىزنىڭ ئىختىيارىغا قاراپ بىر دوختۇر يىگىتتىن كەلگەن ئەلچىلەرگە رازىلىق بەردى. يىگىت بولسا قىزنى ئۇزاقلاردىن كۆپ كۈزەتتى، قىز بۇنى سەزمەيتتى ھەتتا. يىگىت بىر كۈن كېلىپ ئۆلىشى مۇمكىنلىكىدىن چۆچىمەيتتى، ئۇ پەقەت قىزنىڭ گۈزەل چېھرىنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىدىن سىقىلاتتى.
كۈنلەر تېز ئۆتىۋەردى، قىز توي كۈنى يېقىنلاشقاندا يىگىتكە تەكلىپنامە ئەۋەتتى. ئۆز پوچېركىسى بىلەن يىگىتنىڭ ئىسمىنى يازدى. «مانا، سىز يوق ياشاۋاتىمەن، بەختلىكمەن» شۇ مەنە مۇجەسسەم ئىدى بۇ ھەرىكىتىدە. يىگىت تەكلىپنامىنى كۆرۈپ كۈلدى، «ھە، سەن ئەلۋەتتە بەختلىك بولۇشۇڭ كېرەك» شۇ مەنە بار ئىدى بۇ كۈلىشىدە. ئۇزاقتىن بېرى يىگىت ئۆزىنى بۇ قەدەر يەڭگىل ھېس قىلمىغانىدى.
قىز باشقا يىگىت بىلەن نىكاھ كېچىسىگە قەدەم قويغىنىدا يىگىت ئەتىكى ئوپىراتسىيەدىن تىرىك چىقماسلىقى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئويلايتتى. ئۇ شۇ كۈنى قىزغا چىن دىلىدىن بەخت تىلىدى. ئەتىسى يىگىت قولىدا ئاشۇ تەكلىپنامىنى مەھكەم سىقىپ ئوپىراتسىيەخانىغا كىرىپ كەتتى. قىز كەچقۇرۇن يولدىشىنىڭ ئىشتىن كەلگەندە كەيپىياتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى سەزدى. يولدىشى ئۇنىڭغا بۈگۈن بىر ياش يىگىتنىڭ كېسەلخانىدا ئېغىر ئوپىراتسىيەنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە جان بەرگەنلىكىنى، ئۇنى ساقلاپ قالالمىغانلىقىنى ئېيتتى.
- ئۇنىڭ قولىدا بىزنىڭ تويىمىزنىڭ تەكلىپنامىسى باركەن، - دېدى ئۇ.
قىز ھالسىز ئېرىدىن تەكلىپنامىنى ئالدى - يۇ، يىغلىۋەتتى، ئۇ ئۆز پوچېركىسىنى تونىغان ئىدى.
_______________________________
Seni sevmayman, meni öz holimga qöy, -dedi yigit yig'layotgan qizga. Qiz yigitni toshbag'irlikda aybladi, undan nafratlanishini aytdi. Qiz burilib tez-tez yurib ketarkan yigit uning ortidan mahzun termulib qoldi. Yigit u b-n boshqa körishmasligini bilardi. U og'ir xörsinib qöydida mashinasiga ötirib tög'ri onkologiya markaziga bordi. 2- qavatda joylashgan vrach xonasiga kirdida stolida öychan ötirgan doktorga qarab shunday dedi: "Men tayyorman". Doktor örnidan turib yigitning yoniga keldi. Qölini uning yelkasiga qöydi: "Bardam böl uka, hammasi yaxshi böladi, inshoolloh".. Yigitni jonidan ortiq sevadigan qiz yigitning sönggi vaqtda nega bunaqa bölib qolganligi sababini bilmasdi. Yigit kasalligini bilgach ancha vaqt operatsiyaga rozi bölmadi. Oz vaqt bölsada qiz bilan birga yashash yoki tavakkal qilish kerak edi. U 2-yölni tanladi. Biroq u qizning közlarida g'am va achinishni körishni istamasdi. Shu sabab qiz b-n munosabatlarni uzishga qaror qildi. Shunday böldi ham... Qizda hayotga qiziqish qolmagandi. Uning ota-onasi qizning ixtiyoriga köra bir doktor yigitdan kelgan sovchilarga rozilik berishdi. Yigit bölsa qizni uzoqlardan köp kuzatardi, qiz buni sezmasdi hatto. Yigit bir kun kelib ölishi mumkinligidan chöchimasdi, u faqat qizning gözal chehrasini boshqa körolmasligi mumkinligidan siqilardi. Kunlar tez ötaverdi. Qiz töy kuni yaqinlashgach, taklifnoma yozib yigitga yubordi. Öz xusnihati b-n yigitning ismini yozdi. "Mana, sizsiz yashayapman...baxtliman...". Shu ma'no mujassam edi bu harakatida. Yigit taklifnomani körib jilmaydi. "Ha, sen albatta baxtli bölishing kerak". Shu ma'no bor edi bu jilmayishda. Anchadan beri u bu qadar özini yengil his qilmagandi. Qiz özga yigit bilan chimildiqqa qadam qöyganida, yigit ertangi operatsiyadan tirik chiqmasligi mumkinligi haqida öylardi. U shu kuni qizga chin dildan baxt tiladi... Ertasiga yigit qölida ösha taklifnomani mahkam siqib operatsiya xonasiga kirib ketdi... Qiz kechqurun erini ishdan kutib olarkan, uning kayfiyati yöqligini sezdi. Eri unga bugun bir yosh yigit kasalxonada og'ir operatsiyaning sönggi daqiqalarida jon berganligini, uni saqlab qolisholmaganligini aytdi. - Uning qölida bizni töyimizga taklifnoma bor ekan,- dedi u. Qiz holsiz eridan taklifnomani oldiyu yig'lab yubordi. U özining xusnihatini tanigandi...
|