بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەچۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-30 13:35
قېينانىڭىزنى ھۆرمەت قىلىڭ
ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ، نۇقسانسىز، كۆيۈمچان ئايال بولماس. شۇڭا، ئۇلار ئانىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئايالىنى دەڭسەيدۇ. ئانىسىغا سېلىشتۇرىدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ قارىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. قىسقىسى، ئېرىنى سۆيۈشنى بىلگەن ئايال چوقۇم ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ياخشى كۆرۈش، ھۆرمەتلەشنى بىلىشى زۆرۈر. ئۇنداقتا كېلىن بولغۇچى قېينانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە مېھرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
1.كېلىن ئېرىگە بولغان مۇھەببىتىنى دائىم قېينانىسىغا بىلدۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىللە، قېينىانىسىنى خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغانلىقىنى ئېرىغا ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
2.قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى كۆپ قىلىپ بېرىش كېرەك. چۈنكى ھەر قانداق ئانا ئوغلىنىڭ
غەيۋىتىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
3.كېلىن قېيناتا-قېينانىسىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلماسلىقى، بەزى مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ پىكىرى بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشى زىت بولغان تەقدىردىمۇ قېينانىسىغا يول قويۇشى كېرەك.
4.كېلىن ھەر ۋاقىت قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئېرى بىلەن قېينانىسى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە، كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى بېسىشى كېرەك. چۈنكى نۇرغۇن قېينانىلار ئوغلىنىڭ «ئۆزگىرىپ كېتىشى» نىڭ سەۋەبىنى كېلىنىدىن كۆرىدۇ، شۇڭا كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىشى كېرەك.
5. كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىگە بەكمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەسلىكى لازىم، بولمىسا قېينانىسىدا قىزغىنىش قوزغاپ قويىدۇ.
6. كېلىن قېينانىسىغا ئۆزقىزىدەك كۆيىنىشى، ئۆز ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
لېكىن يېقىنچىلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكى كېرەك.
7. كېلىن قېينانىسىغا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، قېينانىنىڭ قەلبىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، ئۇلاردىن رازى بولىدۇ.
8. كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك قېتىۋالماسلىقى، چوڭ ئىشلاردا مەيدانى مۇستەھكەم، كىچىك ئىشلاردا بىلمەس بولۇۋېلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا قېينانا كېلىنىگە ھەم قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ.
9. كېلىن قېينانىسى بىلەن ئازارلىشىپ قالسا، ئېرىگە چاقماسلىقى كېرەك. ئۇنداق قىلغاندا، قېينانا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپلا قالماي، ئېرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا ئېرىگە قېينانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك ۋاقىتلىرىنى دائىم سۆزلەپ بېرىشى كېرەك. شۇندىلا، ئەر-ئايالىنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيدۇ.
10. ئەگەر قېينانا ھەق گەپ ئۇقمايدىغان، جاھىل بولسا، كېلىن چوقۇم قېينانىسىغا ئۆزى ۋە قېينانىسىنىڭ ئوغلى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، قەدىرلەيدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشسە، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، پۈتۈنلۈككە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
مەنبە : ئاراتۈرك مۇنبىرى
|