ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 824|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاقيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-25 20:13  

  
                <<مۇزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە>>                                         (ھېكايە)
                      ئېلى ياسىن(ئاقيول)

   ئادەتتە ئەتتىگەن تۇرالماي مەكتەپكە كىچىكىپ قالغىلى تاسلا قالاتتىم.شۇڭا ئۆيدىكىلەرگە دەپ قوڭغۇراقلىق سائەت ئالدۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئەتتىگىنى سائەتنى مەكتەپكە بېرىشتىن بىر سائەت بورۇنغا توغۇرلاپ قۇيۇپ خاتىرجەم ئۇخلايدىغان بولدۇم. بورۇن بىر نەچچە قېتىم كىچىكىپ قېلىپ مۇئەللىمدىن تەنقىت ئاڭلاپ كىچىچە خاتىرجەم ئۇخلىيالماس بولۇپ قالغان ئىدىم، ھەتتا ئۇخلىساممۇ كىچىكىپ قېلىپ چۈش كۆرۈپ، چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كىتەتتىم.مانا ئەمدى ۋاقتىدا تۇرالماسلىقتىن ئەنسىرمىسەممۇ بۇلىدىغان بولدى.
   بۈگۈن تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بولۇپ سائەتكە قارىسام 12يېرىم بولۇپ كىتىپتۇ. شۇڭا تىزدىن ئۇخلىماق بولۇپ ياتتىم. تازا ئۇيقۇ تۇتقان ۋاقىتتا ياتقاچقا بىردەمدە ئۇخلاپ قالغان ئوخشايمەن .بىر چاغدا ئىشىك قېقىلغانلىقىنى ئاڭلاپ چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم:‹‹ ئاپلا قوڭغۇراقلىق سائەتنى ئاڭلىماپتىمەندە... ھەقىچان ئالىم چاقىرۋاتىدۇ،ئۇ مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا مىنى چاقىرۋالاتتى. يەنە پالاقشىپ مەكتەپكە ماڭىدىغان بولدۇم-دە. ناشتىغىمۇ ئۈلگۈرەلمەيمەن ئەمدى››
  ئورنۇمدىن چاچىراپ تۇرۇپ كىيىملىرىمنى كەيدىمدە قوڭغۇراقلىق سائەتكە قارىدىم. سائەت بەش بولغانئىدى.بۇ قانداق گەپ؟ تېخى بالدۇركەنغۇ، قارىغاندا ئىشىك قاققان ئالىم ئەمەسكەن، ۋاي ئۇيقۇمنى بۇزۇپ...
  يەنە كىيمىمنى سېلىپ ياتاي دەپ تۇرسام سېرىتتىن ‹‹ئىرشات... ئىرشات›› دەپ چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئالىمنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇنىڭغا بۈگۈن جىن چاپلاشتىمۇ نىمە؟ بۇنچە بالدۇر تۇخۇدەك ئورنىدىن تۇرۇپ مىنى ئىزدىگۈدەك نىمە گېپى باردىكىنە؟
  ئىشىكنى ئېچىپ ئۇنىڭغا قاراپ ھەيران قالدىم. ئۇ تەنتەربىيە كىيمى كىيىۋالغان بولۇپ ئورنىدا تۇرۇپ توختىماي قۇلىنى سېلىپ يۈگۈرگەن قىياپەتتە ھاسىراپ:
  -ۋوي ئاداش، جۈرە خەلق مەيدانىغا چىقىپ يۈگىرەيمىز-دېدى.
  -ساڭا بۈگۈن نىمە بولدى؟تۇيۇقسىز بۇنداق چېنىقماقچى بوپقاپسەنغۇ؟
  -ئويلاپ باقسام يوتقاندا بۇس پۇراپ يېتىۋاتقان بىز ئىككىمىزلا قاپتىمىز... ئاڭلىشىمچە مەكتەپتىكى كۈپۈنچى بالىلار ئەتتىگەن تۇرۇپ مەيداندا چېنىقىدىكەن. بىز بۇنداق يېتىۋەرسەك تەنتەربىيە دەرىسىدە ھەممىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ قالمايمىزمۇ؟
  -ئۇ دېگىنىڭغۇ توغرا، بىراق مەن تېخى ئۇيقۇمغا قانمىغان...
  -تازىمۇ ئۇيقۇچان بالا ئىكەنسەن! تىز بول تەنتەربىيە كىيمىڭنى ئالماشتۇر...
ئۆيگە كىرىپ كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ ئالىم بىلەن خەلق مەيدانىغا چىقتۇق.راسىت دېگەندەك مەيداندا ئادەملەر يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۋاتاتتى، بەزىسى چىملىقتا توپ تىپىۋاتاتتى. قارىسام بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بالىلارمۇ يۈگۈرىۋېتىپتۇ‹‹ ئالىم توغرا دەپتىكەن جۇمۇ، كۈپىنچى بالىلار نىمىشقا تەنتەربىيەدە ياخشىكىن دىسەم مۇشۇنداق چېنىقىدىكەن ئەمەسمۇ. ئالدىمىزدا يۈگۈرۈشتىن ئىمتاھان ئالىدۇ، بۇ قېتىم چېنىقىپ يۇقۇرى نومۇر ئالمىسام! بۇرۇنقىدەك كىپىش بازىرىدا قالسام بەك سەت تۇرغۇدەك...››
  شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئالىم بىلەن چېنىقىپ بۇرۇنقىدىن روھلۇق بۇلۇپ كەتتىم. ئالىم بىلەن ھېلىقى قوڭغۇراقلىق سائەت ئويغاتمىسىمۇ ئورنۇمدىن ۋاقتىدا تۇرۇپ كىتىدىغان بولدۇم.ئەسلىدە ئادەمنىڭ ئۈزىمۇ بىر سائەتكەن ئەمەسمۇ ھەممە ئىشلىرى تەرتىپلىك بولسا بۇنداق قوڭغۇراقلىق سائەت بولمىسىمۇ بۇلىدىكەنغۇ!
ئارىدىن بىرەر ھەپتىچە ئۆتتى. چېنىقىش ئۈچۈن مەيدانغا چىقسام ئالىم كۈرۈنمەيدۇ، بىردەم ساقلاپ باقتىم، ھەقىچان يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا ۋاقچىراق چىقىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم، بىراق خېلى ساقلاپ تۇرغان بولساممۇ چىقمىدى ‹‹ ھەي، قارىغاندا ئالىم بۈگۈن دەم ئالاي دەپتۇ-دە، بوپتۇ مەن يۈگۈرىۋىرەي››
  دۈشەنبە كۈنى ئالىم يەنە چىقمىدى. مەن ئالدىراپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم، لېكىن شۇنچە چاقىرغان بولساممۇ ئۆيىدىن چىقمىدى.مەكتەپكە بارغاندا ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورۇدۇم:
  -تۆنۈگۈن چېنىقىشقا چىقمىدىڭغۇ؟
  -ۋاي، ئويلاپ باقسام بىز ئەخمەقنىڭ ئىشىنى قىپتۇق. بىز تېخى كىچىك تۇرساق چېنىقمىساقمۇ ساغلام تۇرىمىز.نىمە قىلىمىز تاتلىق ئۇيقۇنى بۇزۇپ ساراڭدەك سوكۇلداپ.كېيىنچە ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا كىسەل بولماسلىق ئۈچۈن چېنىقىپ قويساڭ بولدى...
  شۇنداق قىلىپ يۈگۈرۈشكە يالغۇز چىقىدىغان بولدۇم. ھەر ھالدا ئالىم بولمىسىمۇ مەيداندا مەكتەپتىكى باشقا بالىلار بار ئىدى ئالىمنىڭ بولماسلىقى بەك چېنىپ كەتمىدى، باشقا بالىلار بىلەن بەسلىشىپ يۈگۈرۈپ تېخىمۇ روھلۇق بولۇپ كەتتىم.
  بىر كۈنى دەرىستىن چۈشۈپ ئەمدى ئۆيگە قايىتاي دەپ تۇرسام ئالىم بىر گەپنى قىلدى:
  -ئىرشات، بۇنچە بورۇن ئۆيگە قايتىپ نىمە قىلىسەن؟
-قىززىقكەنسەن، مەكتەپتىن قۇيۇپ بەرگەندە ئۆيگە بارماي نەگە بارىمەن؟
-مانا... مانا... سەن بەئەينى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدە. ھازىر نىمە يىڭىلقلار بولىۋاتىدۇ بىلەمسەن؟
-بىلمەيمەنكەنغۇ؟ كۈندە كۈن شەرىقتىن چىقىپ غەرىپكە پېتىۋاتىدۇ،ئەتتىگىنى مەكتەپكە بارىمىز قۇيۇپ بەرگەندە قايىتىمىز، ئۆيگە بېرىپ تاماق يەيمىز ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلەيمىز...
-دېمىدىممۇ سەن بىر قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا دەپ. ساڭا بىر ئىشنى دېسەم ھازىر شەھەر ئىچىدە ياش-ئۆسمۈرلەرگە ھەقسىز چەتئەل تىلى ئۆگىتىدىغان كۇرژۇك ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. كۆپۈنچى بالىلار دەرىستىن چۈشكەندە شۇ يەرگە بېرىپ تىل ئۆگىنىدىكەن، مەنمۇ بىر نەچچە كۈن بولدى شۇ يەردە ئىنگىلىس تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن. ئەسلىدە بۇنداق پايدىلىق خەۋەرنى ئۇچۇرغانلا ئادەمگە دېمەيىتتىم، ئەمدى سەن ساۋاقدىشىم ھەم ئاغىينەم بولغاندىكىن سېنىمۇ بۇ پايدىلىق ئىشتىن خەۋەر تاپسۇن دېدىمغۇ!
  -راست شۇنداق ئىش بارمىكەن؟
  -مەن سىنى قاچان ئالدىغان...
  ئۆيدىكىلەر بولمىسۇن ۋە ياكى مۇئەللىملەر بولمىسۇن كۆپ تىللىق بۇلۇشنىڭ ھازىرقى دەۋىرنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى دائىم تەكىتلەيىتتى. ئالىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاشۇ تىل ئۆگنىش كۇرژۇكىغا بېرىپ باقماقچى بولدۇم. ئالىم بىلەن بارغاندا راستلا ئۇ يەردە خېلى كۆپ بالا بار ئىدى، بىز بارغاندا مۇئەللىم دەرىسنى باشلاي دەپ تۇرغانئىكەن، مۇئەللىم بىزنى قىزغىن كۆتىۋالدى...
  شۇندىن باشلاپ مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ھېلىقى كۇرژۇكقا ئالىم بىلەن  تىل ئۆگەنگىلى بارىدىغان بولدۇق. مەن ئەتتىگەن چېنىققاچ يەنە يېرىم سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئىنگىلىس تىلىنى كىتاپقا قاراپ ئۈنلۈك ئوقۇيدىغان بولدۇم، ئۇزاققا قالماي تىلىم ئىنگىلىس تىلىغا خېلى كەپ قالدى.بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلەرگە دېگەنئىدىم ئۇلار خۇشال بولۇپ كىتىشتى. نىمىسىنى دەي مېنى بۇ ياخشى ئىشقا باشلىغان ئاغىينەم ئالىم يەنە بىرەر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ كۇرژۇكقابارمايدىغان بوپقالدى.
  -ئالىم، نىمە بولدۇڭ؟ كۇرژۇكقا بارمايدىغان بوپقالدىڭغۇ؟
  -ۋاي ئەخمەق، سەن يەنە ئاشۇ كۇرژۇكقا بېرىپ ۋاقىت ئىسىراپ قىلىپ يۈرەمسەن؟ئويلاپ باقمامسەن؟ ئۇ ئىنگىلىس تىلىنى ئۆگىنىپ قويغان بىلەن بىزنىڭ بۇ يەردە بىرەر چەتئەللىك بولمىسا ئۆگەنگەننىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟ ئۆز تىلىمىزنى بىلىمىز، يەنە مەكتەپتە خەنزۇ تىلى ئۆگىتىدۇ، دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنسەڭ بولدى ئۇنىڭدىن باشقىسى ئۇشۇقچە...
  ئالىمغا باشقا گەپ قىلمىدىم .راستىنى دېسەم ئىشنىڭ بېشىنى باشلاپ قويۇپ ئاخىرىنى چىقارماي سېلىنىۋالىدىغان بۇ ساۋاقدېشىمدىن سەل رايىم يېنىپ كىتىۋاتاتتى.
  -ھە راسىت ئىرشات، مۇنداق ئويلاپ باقسام ھازىر ۋاسكىتبولچى پۇتبولچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋېتى بەك يۇقۇرى ئىكەن. ئاخشام تېلىۋۇزۇردا ياش-ئۆسمۈرلەرنى مۇشۇ ساھەدە تەربىيلەيدىغان بىر كۇرۇس ئېچىلىپتۇ. تەربىيلەش پۇلىسى بەك يۇقۇرى ئەمەسكەن، دەم ئېلىش كۈنلىرى تەربىيلەيدىكەن. بېرىپ قاتنىشىپ باقايلىمۇ؟ كېيىنچە دۆلەت كۇماندىسىغا تاللىنىپ قېلىنامدىمىز تېخى...
  بۇ گەپنى ئاڭلاپ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدىدە ئالىمغا قاتتىق گەپ قىلاي دېدىميۇ لېكىن يەنىلا ئۈزەمنى تۇتىۋالدىم.
  -ياخشى ئويلاپسەن ئاداش، بولدى سەن بېرىپ قاتناشقىن. مېنىڭ ۋاقتىم يېتىشمەيدىغاندەك قىلىدۇ.بىكار ۋاقىتتا كىتابخاندىن سېتىۋالغان ئىنگىلىس تىلى سۆزلىكلىرىنى ئۆگەنمىسەم بولمايدۇ...
  -‹‹مانتا كۆرمىگەن دېۋانە قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ›› دېگەندەك سەنمۇ بىر ئىشنى تېپىۋالساڭ دۈم چۈشىدىغان ئاداشكەنسەن! ئاشۇ ئىشلارنى مەن ساڭا دېمىگەن بولسام نىمە قىلىپ يۈرەرسىكىن؟بوپتۇ ۋاقتى كەلگەندە مەن چولپانغا ئايلانغان ۋاقىتتا ئاغىزىنڭنى كاماردەك ئېچىپ قالغىنىڭنى كۆرمىسەم...
  شۇ ئىشتىن كېيىن ئالىم بىلەن بولغان ئالاقىمىز سۇسلاپ قالدى، بورۇن مەكتەپكە بىللە بېرىپ پائالىيەتلەردە بىللە بۇلاتتۇق. لېكىن ھازىر ۋاقتىم ئالدىراش بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن ئانچە ئالاقە قىلىپ تۇرالمىدىم.ئاڭلىشىمچە ئالىمنىڭ چولپان بولۇش ئارزۇسى ئىككى ھەپتىگە قالماي رەسسام بولۇشقا ئۆزگۈرۈپتۇ. ئۇ ھېلىقى كۇرۇسقا ئىككى قېتىمچە بېرىپ كىيىن بارماس بوپتۇ .ئەمدىلىكتە مەكتەپ كۇرژۇكى تەشكىللىگەن رەسىم سېزىش گۈزەل-سەنئەت پائالىيتىگە قاتىنىشىپ يۈرگۈدەك...
ئارىدىن بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتتى. ھازىرغىچە ئەتتىگەندە تۇرۇپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى تاشلىۋەتمىدىم.ئىنگىلىس تىلىدىمۇ بەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ سۆزلىيەلەيدىغان ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم...
  تەتىلدە مۇئەللىم بىزنى يېزىغا بېرىپ دېھقانلار تۇرمۇشى بىلەن تۇنۇشۇپ بىر پارچىدىن تەسىرات ماقالىسى يېزىپ كىلىشنى تاپشۇرۇق بەردى. راستىنى دېسەم شەھەردە تۇغۇلغاچقا يېزا تۇرمۇشى توغرىسىدا تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيىتتىم، شۇڭا ئۆيدىكىلەرگە ئەنسىرەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن دەپ قويۇپ، يېزىغا بېرىپ ماتىريال توپلىماقچى بولدۇم.شەھەرگە يېقىن بىر يېزىغا باراي دەپ ئۆي ئالدىغا چىقسام ئالىم ئۇچۇردى:
  -ئىرشات نەگە ماڭدىڭ؟
  -يېزىغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگىنىپ كىلىمەن.
-توغرا چۈشۈنىشكە بولىدۇ‹‹قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا›› مۇ قۇدۇق ئىچىدە تورۇپ جاھان نىمە دېگەن كەڭ دەپ ئويلايدىكەن. بىر كۈنى بىر ئادەم چىلىكىنى قۇدۇققا تاشلاپ سۇ ئېلىپتىكەن ھېلىقى پاقا چىلەك ئىچىدە تۇرغۇدەك. ھېلىقى ئادەم پاقىنى كۆرۈپ ئەرۋاھى ئۇچۇپتۇ-دە چىلەكتىكى سۇنى تۈكۈۋېتىپتۇ. قۇدۇقتىن سېرىتقى جاھانغا چىققان پاقا:‹‹توۋا نەۋاقتىن بىرى قۇدۇق ئىچىدە تۇرۇپ جاھاننى بەك كەڭرى دەپ بىلەتتىم، ئەمدى سېرىتقا چىقىپ جاھاننىڭ مەن ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە كەڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم›› دەپ بورۇنقى كۈنلىرىدىن ھەسرەت چىكىپتىكەن... سەنمۇ ئاشۇ پاقىدەك ھەسرەت چىكىپ قالما يەنە! جاھان كۆرگىن، بوپتۇ مەن سەن بىلەن بىرگە بېرىشىپ بىرەي...
  ئالىم بىلەن خېلى ئۇزاقتا بىر يېزىغا يىتىپ كەلدۇق. دېھقانلار تۇپۇلۇق يولدا توكلۇق موتسىكىلىت بىلەن قىغ بەزىلىرى ئۇغۇت تۇشۇۋاتاتتى، بورۇن دېھقانلار ئىشەك ھارۋىلىرىنى ئىشلىتەتتىكەن، مانا ئەمدى توكلۇق موتسىكىلىتلارنى ئىشلىتىۋېتىپتۇ قارىغاندا دېھقانلارنىڭمۇ تۇرمۇشۇدا زور ئۆزگۈرۈشلەر بوپتۇ-دە!؟
  -ئىرشات،  بەك ھېرىپ كەتتىم، بىردەم يول ياقىسىدا ئارام ئېلىۋالايلىچۇ!
  ئالىمغا قارىدىم، ئالىم ھارغانلىقىدىن پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەپ كىلىۋاتاتتى.
  -ماقۇل، ئەمىسە يول ياقىسىدىكى ئاۋۇ ياغاچتا ئولتۇرۇپ ئارام ئالايلى...
  شۇ تاپتا ئالىم قاقشاپ سۆزلەپ كەتتى:
  -مەنمۇ سېنىڭ گېپىڭگە كىرىپ مۇشۇ تۇپۇلۇققا كەلگەندىكىن جىڭ ئەخمەقتە... ئۇنىڭدىن كۆرە گىتتىرىمنى چېلىشنى مەشىق قىلسام بولماسمىدى...
  -نىمە؟-ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم،- ئاڭلىسام توپ چولپىنى بۇلۇشتىن ۋاز كىچىپ رەسسام بولماقچى بوپتىكەنسەن، ئەمدى گىتتار چېلىشنى ئۆگىنىۋاتامسەن؟
  -ئۈلۈشكۈن تېلىۋۇزۇردىن ئەسقەر كۆك بۆرە، ئەركىن ئابدۇللا دېگەن ئاكاشلارنىڭ گىتتار چالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا شۇنداق ھەۋەس قىلدىمكى ئەتىسىلا ئۆيدىكىلەرگە يالۋۇرۇپ كىچىك گىتتاردىن بىرنى سېتىۋالدىم، كېيىنچە داڭلىق گىتتار ماھىرى بولۇپ قالسام باشقىلارغا ئاۋۇ مېنىڭ ساۋاقدىشىم دەپ پەخىرلىنىۋالارسەن.
  ئالىمنىڭ بۇ گېپىگە پەقەت كۈلۈپ قويدۇم.شۇ چاغدا ئالدىمىزدىن بىر مۇزاي چاپچىپ ئوقتەك يۈگۈرۈپ ئۆتتى. بىردەمدىن كېيىن ساقىلى پاختىدەك ئاقارغان بىر بۇۋاي تاياق كۈتۈرگەن ھالدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ كەلدى. قارىغاندا ئاشۇ مۇزاينىڭ ئىگىسى مۇشۇ دېھقان بولسا كىرەك مۇزىيى قېچىپ كەتسە بۇ بۇۋاي قوغلىماقتا يوق خىيالى غىڭشىپ ماڭغانلىقى مىنى ئەجەپلەندۈردى:
  -بۇۋا، ھازىرلا بىر مۇزاي مۇشۇ ياققا يۈگۈرۈپ قاچتى،ئۇ مۇزاي سىزنىڭمۇ؟-دەپ سورۇدۇم مەن بۇۋاي قېشىمىزغا كەلگەندە.
  -شۇنداق بالام،- دېدى بۇۋاي ئىللىق چىراي بىلەن بىزگە قاراپ
  -ئەمسە قوغلىماقتا يوق خىيالى تۇرۇسىزغۇ؟ ئەگەر مۇزۇيىڭىزنى تاپالمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
-ھا...ھا...ھا... باللىرىم ئۇ مۇزاينى قوغلاش بىھاجەت، ئۇ ھەرقانچە يۈگۈرسۇن بەرىبىر بارىدىغان يىرى سامانلىق ،ئېغىل خالاس، باشقا يىراققا قاچالمايدۇ.شۇڭا ئۇنى مەيلىگە قۇيۇپ بەردىم...
  -تېخى مەن ئەنسىرەپتىكەنمەن.
  -ئەنسىرمىسەڭمۇ بولىدۇ. ئۇ مۇزاي ھەر كۈنى ئاشۇنداق يۈگۈرەيدۇ بىردەمدىن كېيىن بارسام ئېغىلدا كۆرۈمەن، سىلەر كىچىككەنسىلەر شۇڭا سىلەرگە شۇنى نەسىھەت قىلىپ قۇياي باللىرىم، سىلەر ھەرگىز مېنىڭ مۇزۇيۇمدەك ئادەم بولماڭلار، بىر ئىشقا بەل باغلىغان ئىكەنسىلەر ئاخىرغا چىقارماي قويماڭلار... تۇرمۇشۇمىزدا شۇنداق بىر ئادەملەر باركى بىر ئىشقا ئوقتەك قىززىپ بىردەمدە سۇۋۇپ كىتىدۇ بىز ئۇنداق ئادەملەرنى ئاشۇ ئەقىلسىز مۇزايغا ئوخشىتىمىز.
  -توغرا دېدىڭىز بۇۋا.نەسىھىتىڭىزنى چوقۇم ئىسىمىزدە ساقلايمىز... ھە راست بۇۋا! مەن شەھەردىن يېزىنى كۆرۈپ باقاي دەپ كەلگەن .يېزىنىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ كەتمەيمەن شۇڭا بىر نەچچە كۈن تورۇپ يېزىدىكى ئىشلارنى ئۆگىنەي دېگەن ئېدىم، ئەگەر ئىشلىرىڭىز بولسا قىلىشىپ بەرسەم، ئۆيىڭىزدە بىر نەچچە كۈن تۇرسام بۇلارمۇ؟
  -ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەمدۇ؟
  -ئۇلارغا دەپ قويغان.
  -ئوبدان بوپتۇ بالام! بولمامدىغان، سەن ماڭا مېھمان، ئەگەر ئاتا-ئاناڭ ئەنسىرمىسىلا قانچە كۈن تۇرساڭ مەيلى، جۈرە كەتتۇق.
  ئالىمغا قارىدىم، ئۇ ئورنىدىن تورۇپ كىيمىنى قېقىشتۇردىدە:
  -مېنىڭ ئۆيۈم بار دېگىنە، شۇڭا ئۆيگە قايىتىمىسام بولمايدۇ،مەن كەتتىم،- دەپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭدى...
  ئالىمنى ئەيىپلىيەلمەيمەن. بىراق بۇۋاينىڭ بايام دېگەن مۇزاي توغرىسىدىكى گەپلىرى خىيالمغا كىرىۋالغانئىدى...
  بۇۋاي يول بۇيى قىززىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بىرىپ بىر دەمدە ئۆيىگە كەپ قالدۇق، بىردەمدىن كېيىن بۇۋايغا:
-بۇۋا، قاراپ بېقىڭە مۇزىيىڭىز كەلدىمۇ؟- دېدىم ئۇ:‹‹ئىشەنمەيۋاتىسەن ھە!››دەپ مىنى ئېغىلغا باشلىدى راست دېگەندەك بايىقى مۇزاي ئېغىلدا كۆشەپ ياتاتتى:
-مانا بالام، دېمىدىممۇ! مۇزاي بىزدىن بورۇن ئېغىلغا كەپ بوپتۇ-بۇۋاي شۇنداق دەپ چىشى قالمىغان ئېغىزىنى ئېچىپ ساقىلىنى سىلاپ كۈلۈپ كەتتى، مەنمۇ بۇۋايغا ئەگىشىپ كۈلدۈم. مۇزاي ئىككىمىزنىڭ كۈلگىنىگە پەرۋا قىلماي ئۆز ئورنىدىن قوزغالماي كۆشەپ يېتىۋەردى...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +5 بايلىق +10 تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
تىلسىم + 5 + 10 + 5 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

67

يازما

752

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 247
يازما سانى:
67
تىللا:
594
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
15 سائەت
ئاخىرقى:
2014-1-26

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-1-25 21:21:58 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر جەمىيەتتە ئالىمغا ئوخشاش بىلى بوش ئادەملەر بەكلا كۆپىيىپ كەتتى، بىرە ئىشنى باشلىغانىكەن ئۇنى باشقا ئىلىپ چىقماي،ھىلى ئۇنىڭغا،ھىلى بۇنىڭغا ئىسلىپ ئاخىردا ھىچقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنالماي قۇرۇق قول بوپ قالدىغان، ياخشى يىزىپ سىز،بۇ تېمىڭىزنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى بولغىنىمدىن خۇشال مەن.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-1-25 21:27:50 | ئايرىم كۆرۈش
ھېكايىنىڭ  تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك ياخشى يېزىپسىز.دىمىسىمۇ تۇرمۇشىمىزدا موزايغائوخشاش ئادەملەر ئاز ئەمەس.
قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!!!!!!!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2014-1-25 21:41:47 | ئايرىم كۆرۈش
‹‹ئوتتەك قىززىپ پوقتەك سوۋۇش›› دېگەن مۇشۇدە  .
ئەھمىيەتلىك بىر پارچە ھېكايڭىزنى ئوقۇغىنىمدىن خۇرسەنمەن.قەلمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن.

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

5#
ۋاقتى: 2014-1-25 21:58:09 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر  جەمىيتىمىزدە  ئالىمدەك  «ئوقتەك قىزىپ  پوقتەك  سوۋيدىغان» ياشلىمىز  كوييۇپ كەتتى  
تۇرمۇش چىنلىقى يۇقرى تىما يولاپسىز  تەشەككۇر
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

17

تېما

444

يازما

2648

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64
يازما سانى:
444
تىللا:
2073
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-9
6#
ۋاقتى: 2014-1-26 00:32:28 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھىكايىنى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم،ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زوركەن
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2014-1-26 05:42:11 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز  ، ھەر بىر تىمىڭىز مىنى شۈنچىلىك سۆيۈندۈرىدۇكى ، ماڭا جىق نەرسىلەرنى ئۈگۈتىدۇ ، تۇرمۇشتا مەنمۇ ئالىمدەك بوپ باققان بولىشىم مۇمكىن ، بۇنىڭدىن كىيىن ئىرشاتتەك ياشاشنى ئويلاۋاتىمەن ، ئاللا خالىسا مەن موزاي بولمايمەن ...
ھە راسىت ، ئەسەرلىرىڭىزدە ئىرشات بىلەن ئالىمنى جىق ئۇچرىتىپ قالدىم ، ئۇ ئىسىمنى ياقتۇرامسىز نىمە ؟   ئىجادىيەتلىرىڭىز مۇنبىرىمىزدىن مەڭگۈ ئۈزۈلمىگەي .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-1-27 18:52:33 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىز بەكمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ .
بۇرۇن  مەنمۇ بەك جىق ئىشلارغا قىزىقىپ باققان ، كىيىن ئويلۇنۇپ ئۆزۈم ھەقىقى ئىھتىياجلىق بولغان ئىشلارنى ئۈگەندىم .
باشقا ساۋاقداشلارنىڭمۇ ئۆزى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن ھەم ئىھتىياجلىق بولغان ئىشقا تۇتۇش قىلىپ ، يىرىم يولدا بەل قويۇۋەتمەي ، نەتىجىە قازىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-28 12:58:44 | ئايرىم كۆرۈش
بارلىق تورداش دوستلارغا رەھمەتلەر بولسۇن!
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2014-7-30 22:03:49 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھېكايە ھەم يەڭگىل ھەم مەنىسى چوڭقۇر يېزىلىپتۇ. ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:54 , Processed in 0.156595 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش