| 
 | 
	
«پەسكويغا چۈشسە غەزەپ تاشقىنى،  
توختايدۇ ئاخىر دېڭىز تاشقىنى.  
غەزەپ ئاقىۋەت ئېپكېلەر زىيان،  
قوينىدىكى شۇ ئۈنچە تاش قېنى؟ » دېگەن كۇبلىتىنى تامامەن تۇيۇق، دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟ 
 
تۇيۇق - 1- ، 2- ، 4- مىسرالىرى شەكىلداش سۆزلەردىن قاپىيىلىشىپ كەلگەن سۆز ئويۇنى شەكلىدىكى ، تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرگە ئىگە تۆت مىسرالىق شېئىر . 
 
 
«تاشقىنى» بىلەن «تاش قېنى»نى شەكىلداش سۆز دەپ ئېيتالامدۇق؟ 
ئەگەر شۇنداق بولسا 
«ئالمىنى ئالدى نىگارىم ئال دېدى، 
ئالما بىرلە بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى» دېگەن مىسرالاردىكى ئاخىرقى ئىككى سۆزنىمۇ «شەكىلداش سۆز» دەمدۇق؟ 
 
______________ 
ئاتىكاچىلىق بىلەن ئېيتقان پىكىرلىرىمنى توغرا چۈشىنەرسىزلەر. مەن ئارتۇقچە ئويلىۋالدىممۇ ياكى تۇيۇقنىڭ يېڭىچە قېلىپلىرى چىقتىمۇ، تەلىم بەرگەيسىزلەر... |   
 
 
 
 | 
| 
 | 
 | 
 | 
| 
 | 
 |