ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 954|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مېھىر يېشى (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاقيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-29 18:29  

                                          

                          مېھىر يېشى
                                       (ھېكايە)



                                             ئېلى ياسىن


                                                    1

قارا- قارا قاشلارىڭغا قاتساڭچۇ مېنى،  

قارا قاشنىڭ بازارىدا ساتساڭچۇ مېنى.

قارا- قاشنىڭ بازارىدا خەق ئالمىسا يەي،

كىرپىگىڭنى ئوقيا قىلىپ ئاتساڭچۇ مېنى

ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ساۋاقداشلار بىلەن يازلىق دالا پائالىيتىگە كېتىپ بارىمەن. ساۋاقداشلار شۇ خۇشاللىقىدا ئابدۇبۇس ئىچىدە پۈتۈن ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ ناخشا ئېيىتماقتا. بەزىلىرى پاراڭلاشماقتا، يەنە بەزىلىرى ناخشىغا ئەگىشىپ چاۋاك چالماقتا، مەنلا يالغۇز ئابدۇبۇس دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ مەنزىرلەردىن زوقلۇنۇپ ئولتۇرىمەن. دېرىزىدىن كىرگەن سالقىن شامال ئۇزۇن چاچلىرىمنى يەلپۈتۈپ، مەڭزىلىرىمنى سۈيۈپ ئۆتمەكتە... ساۋاقداشلار ئېيىتقان ناخشىلار بىلەن گۈزەل مەنزىرلەر قوشۇلۇپ خىيالىمنى ئاجايىپ شادلىق تۇيغۇلىرى چۇلغىۋالماقتا. لېكىن مەن بۇ خۇشاللىقتىن ساۋاقداشلاردەك ناخشا بىلەن ئەمەس، سىرتنىڭ مەنزىرلىرىگە قاراش بىلەن ھۇزىرلىنىۋاتىمەن...

مېنىڭ مىجەزىم شۇنداق، خۇشاللىقىمنى ئەزەلدىن ئاشكارا ھالدا ئىپادىلىمەيمەن. بىر ئىشلاردىن ھەرقانچە خۇشال بولۇپ كەتسەممۇ ئىچىمدە كۆلىمەن، خاپا بولساممۇ ئىچىمدە بىلىمەن. شۇڭا بەزى ساۋاقداشلىرىم سېنى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن، يا كۈلۈشنى، يا يىغلاشنى بىلمەيسەن دەپ ماڭا سۆزلەپ كىتىدۇ. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە بۇرنۇمدا پىننە سۈمۈرۈپ قۇيۇپ يۈرىۋىرىمەن. بولۇپمۇ ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ماڭا گەپ قىلىشتىن ئەيمىنىدۇ. چۈنكى ئازراق ئۇشۇق گەپ قىلسا دەككىسىنى بىرىپ قۇيىدىغان ئادىتىم بار. بىر قېتىم دەككىسىنى بېرىپ قويسام ئىككىنچىلەپ ئۇشۇق گەپ قىلمايدۇ...

ئابدۇبۇس توختىماي ئىلگىرلەۋاتىدۇ. شوخ ناخشىلار ئادەمنى ھاياجانغا سېلىپ ئۈمىد، ئارزۇ ۋە ئىشەنچ بىلەن تولغان يۈرەكنىڭ تارىنى توختىماي چېكىۋاتىدۇ. ياشلىقنىڭ، مەكتەپ ھاياتىنىڭ نەقەدەر ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل چاغلار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۋاتىدۇ. ئەنە، ئېگىز چۇققۇلار، چۆپلۈكتە ئوتلاپ يۈرگەن بۇلۇتتەك ئاپئاق پادىلار، ھەرخىل رەڭدە ئېچىلغان گۈللەر... مانا بۇ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى، مەن پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن شۇ مەنزىرلەرگە بىرىلىپ كەتتىم .خىيالىمدا ئاپدۇبۇستىن چۈشۈپ مۇشۇنداق يەرلەردە قانغۇدەك قىيغىتىۋالسام دېگەن شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇرىمەن. بەزىدە دېرىزىدىن كىرگەن شامال چېچىمنى ئۇچۇرۇپ كۆزۈمنى تۇسىۋالسا خۇددى بىرى كۆزۈمنى يۇمدۇرىۋالغاندەك ئۆز چېچىمغا ئاچچىقىم كىلىپ كېتىدۇ. شۇڭىمۇ سىرتتىكى مەنزىرلەرنى كۆرۈشكە كاشىلا بولمىسۇن دەپ چېچىمنى ئالدىمغا چۈشۈرۈپ كۆكرىكىمگە چىڭ بېسىۋالىمەن...

يەنە شۇ يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان شوخ ناخشىلار. مەن ساۋاقداشلارنىڭ بۇنچە خۇشال بولۇپ كىتىشىنى ئويلىماپتىمەنكەن. ئۇلار ھېچقاندەك غېمى يوقتەك، گۇيا بۇ جاھاندا ئۇلاردىن باشقا ئادەم يوقتەك بار ئاۋازىنى قۇيۇۋېتىپ ناخشا ئېيىتماقتا، كۈلۈشمەكتە، شوخراقلىرى ئۇرۇندۇق ئارىسىدىكى تار يەردىمۇ دۇلىسىنى مىدىرلىتىپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا. بەلكىم مۇئەللىممۇ بىرگە چىققان بولسا ئۇلار مۇئەللىمدىن بىر ئاز بولسىمۇ تەپ تارتىپ مۇنچىلىك قىيغىتىپ كەتمەس ئىدى. بىراق مۇئەللىمىمىز مەكتەپتە قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئىشى چىقىپ قېلىپ، ئىش تۈگىگەن ھامان بىز بارىدىغان يەرگە كىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقانىدى.

- ھەممىمىز ناخشا ئېيتىۋاتساق سىزلا سىرتقا قاراپ ئولتۇرسىزغۇ گۈلى؟ سىزمۇ ناخشا ئېيتمامسىز؟

تۇيۇقسىز چىققان بۇ گەپتىن چۆچۈپ كەينىمگە قارىدىم، ئەسلىدە ئۇ بىر سىنىپتا بولساقمۇ گەپ قىلىشمايدىغان، قىزلارغا گەپ قىلماقچى بولسا شەلپەردەك قىزىرىپ دۇدۇقلايدىغان، باشقىلار بىلەن ئانچە ئارلاشمايدىغان توختى ئىسىملىك يىگىت ئىدى. ئادەتتە قىزلار ئۇنىڭغا ‹‹ توختى شەلپەر››،‹‹ توختى كىكەچ›› ياكى‹‹ غىلاپ بەندىسى›› دېگەندەك لەقەملەرنى قۇيىۋالغانىدى. دەسلەپ بۇ لەقەملەر ساۋاقداشلار ئارىسىدا تارقالغاندا ئۇ بىرمەزگىل ئاچچىقلىنىپ چېچىلىپ يۈردى. كېيىن ئۆزىمۇ بۇ لەقەمگە كۆنۈپ قالدى. مەنمۇ بىر قېتىم ئۇقۇشماي ئۇنى ‹‹ توختى كىكەچ›› دەپ سالغان ئوخشايمەن. ئۇ شۇ چاغدا شەلپەردەك قىزىرىپ بىر ئالىيىپ قويغىنىچە ماڭا خاپا بولۇپ يۈردى. شۇنداق كۈنلەردە مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان ئېرىق چېپىش پائالىيتىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ قاپتىمەن. ئەمگەك جەريانىدا ئۇ ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئۆز ئىشىمنى قىلىپ يۈردۈم. شۇ چاغدا مىنىڭمۇ ئەقلىم نەگە كەتتىكىن گۈرجەككە ئۇسسىغان توپىنى باشقا ياققا ئاتىمەن دەپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىپتىمەن. ئۇ شۇنچىلىك ھەيرانلىقتا ماڭا قارىدىكى، ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن تەنلىرىم جۇغۇلداپ كەتتى. چۈنكى ھېچقانداق بىر ئوغۇل بالا ماڭا مۇنداق قادىلىپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمايىتتى. ئېيىتسام مەن ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن قورققانىدىم. لېكىن ئۇ كىيىملىرىنى قېقىۋېتىپ ئىشىنى قىلىۋەردى. مەنمۇ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سۇراپ يۈرمىدىم. كېيىن كەچۈرۈم سۇراپ قويساممۇ بوپتىكەن دەپ ئويلىدىم. بىراق ئۇنداق مۆرىمەس، بوينى قاتتىق ئادەمدىن كەچۈرۈم سورىغاننىڭ نىمە پايدىسى دېگەن يەرگە كەلدىم. شۇندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن بىر ئېغىزمۇ پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدىم.

- ئوھوي، بۈگۈن ئەجەپ تىلىڭىز چىقىپ قاپتىغۇ سىزنىڭ،- دېدىم مەن ئۇنىڭغا قارىماي.

- ئەمدى... ئەمدى... ئادەم بولغاندىكىن،- ئۇ شۇنداق دەپ گېپىنى توختىتىۋالدى. مەن ئۇنىڭغا قارىمايمۇ ئۇنىڭ يۈزىنىڭ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم...
                                                                       2
ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قىنقىنىمغا پاتماي قالدىم. مانا ئالدىمدا بىپايان يايلاق ماڭا قۇچىقىنى ئېچىپ تۇرۇپتۇ. ئىگىز ئۆسكەن قۇيۇق قېيىنزارلىق ئارىسىدىن خۇددى ‹‹ سىلەرنى قارشى ئالىمىز›› دېگەندەك بۇلبۇللارنىڭ چاڭىلداپ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. كەڭرى ئاسماندا ھەرخىل ئۇچار- قاناتلار ئۇياقتىن- بۇياققا توختىماي ئۇچۇشۇپ يۈرىيدۇ. بەزىدە ئورمانلىق ئىچىگە ئوقتەك شۇڭغۇپ كىرىپ كىتىدۇ. يەنە تېخى شۇ ئورمانلىق ئارىسىدا ئۇياقتىن- بۇياققا يۈگۈرۈپ يۈرگەن بۇغا، كىيىكلەرنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. مەن ئەمدى ھىس قىلدىم. ئانا يۇرتۇمنىڭ نەقەدەر گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھىس قىلدىم.

چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى ئاساسەن خاتىرە- سۈرەتكە چۈشۈش، دالا تامىقى تەييارلاش، تەسىرات يېزىش بىلەن ئۆتكۈزدۇق. راستىمنى ئېيىتسام ساۋاقداشلىرىم مەندىنمۇ بەك خۇشالدەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزىدە كۈلكە جىلۋىلەنمەكتە. بەزى شائىرلىققا ھەۋەس قىلىدىغانلىرى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان ھەرخىل تەبىئەت لىرىكىلىرىنى تۇقىماقتا، يەنە بەزىلىرى ياپيېشىل چۆپلەر ئارىسىدا ئوڭدا يېتىپ كۆككە تىكىلمەكتە. ئىشقىلىپ بۈگۈن ھەممىمىز خۇشال...

چۈشتىن كېيىن مەن يەتتە- سەككىز قىز ساۋاقدىشىم بىلەن تېخىمۇ ياخشى مەنزىرلەرنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن ئورمانلىققا قاراپ ماڭدۇق. ئەلۋەتتە مۇنداق بىر- بىرىگە گىرەلىشىپ ئۆسكەن قارىغاي، قويۇق ئورمانلىق ئارىسىغا كىرىشتىن بىر ئاز قورقاتتۇق. شۇڭا بىرنەچچە ئۇغۇل ساۋاقداشلىرىمىزنىمۇ بىرگە ئېلىۋېلىپ ئۇلارنى ‹‹ مۇھاپىزەتچى›› قىلىش قارارىغا كەلدۇق. بىراق كىم بىلسۇن، ئۇغۇللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى خالىغان تەرەپلەرگە كەتكەنىدى. بىز ئامالسىز تەۋەككۈل دەپلا ئۆزىمىز مۆلچەرلىگەن تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. ئۇزاق ماڭمايلا بىزگە، گەپ قىلسا شەلپەردەك قىزىرىپ كىتىدىغان ھېلىقى توختى ئۇچىراپ قالدى. ئۇ تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ يىراقلارغا قارىغاچ بىرنىمىلەرنى يېزىۋاتاتتى. ئەلۋەتتە ئۇ باشقىلر بىلەن ئانچە ئارلاشماي بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىملا يۈرگىنى بىلەن يېزىقچىلىققا كەلگەندە سىنىپىمزدا ھېچكىم ئۇنىڭغا يىتەلمەيىتتى. شۇڭىمۇ بەزى يىگىتلەر شوخلۇق قىلىپ قىزلارغا خەت يازماقچى بولسا ئۇنىڭغا يازدۇراتتى. بىر قېتىم ئۇ بىرسىگە خەت يېزىپ بىرىپ، ئۆزىمۇ بىلمەي خەت ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قويۇپ سالغان. خەت يازدۇرغۇچى خەتكىمۇ قارىماي قىزغا يۇشۇرۇن بەرگەندە ھېلىقى توختىدىن ئاغىرنىپ يۈرگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ سىنىپتا تېخىمۇ شۈكلەپ، بىرەرسى خەت يېزىپ بەر دېسىمۇ زىنھار ئۇنىمىغانىدى. لېكىن ئۇ باشقىلارغا يېزىپ بەرمىگىنى بىلەن بىكار بولسىلا كىرتىلدىتىپ بىر نىمىلەرنى يېزىپ ئولتۇراتتى. دېمەك ھازىرمۇ ئۇنىڭ بىر نېمىلەرنى يېزىپ ئولتۇرىشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.

-ۋوي، نىمىلەرنى يېزىۋاتىسىز توختى؟- دەپ سورىدى دوستلۇرۇم ئۇنىڭدىن.

-ئازراق... ئازراق ئىلھام كىلىپ قالدى شۇ...- توختى شۇنداق دەپ گەدىنىنى تاتىلىدى.

- ئىلھام- پىلھام دېگەننى بىردەم قۇيۇپ تۇرۇپ، بىزگە يول باشلاڭ...


بىز پەقەت ئورمانلىق ئىچىگە بۇرۇن كىرىپ باقمىغاچقا ھەم بىر ئاز ئەندىشە قىلغاچقىلا ئۇنى ئېلىۋالغانىدۇق. بولمىسا بىر ئېغىز گەپ قىلسا تۈزۈكرەك جاۋاپ بىرەلمەيدىغان ئۇنداق مۆرىمەسلەرنىڭ بىزگە نىمە كېرىكى؟...
ئۇ ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭدى. ئورمانلىق ئىچى سالقىن ئىدى. تۇيۇقسىز پالاقشىغان قۇشلارنىڭ ئاۋازىدىن ئادەمنىڭ يۈرىكى جىغ قىلىپ قالاتتى. بەزىدە ئالدىمىزدىن شارت قىلىپ ياۋا توشقانلار ئۆتۈپ كەتسە ھەممىمىز تەڭ چىرقىراپ كىتەتتۇق. بۇ چاغدا ئالدىمىزدا كىتىپ بارغان توختى ‹‹ نىمە بولدى ›› دەپ يۈگۈرۈپ كېلەتتى.

ئورمانلىقتىن قايتىش ئالدىدا ھەممىمىز بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكچى بولدۇق. دوستلۇرۇم توختىمۇ بىز بىلەن بىرگە چۈشسۇن دېدى. ئۇ تارتىنىپ ئارقىمىزدا تۇردى. لېكىن سۈرەتكە تارتىش باشلىنىش ئالدىدا تۇيۇقسىز مۈرەمگە بىرسىنىڭ قۇلى تەگكەندەك قىلدى. كەينىمدە توختى بارئىدى. ئادەتتە يىگىتلەرنىڭ قۇلى قۇلۇمغا تېگىپ كەتسىمۇ توك سوققاندەك سىلكىنىپ كىتەتتىم. مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۇنى بىر كاچات سېلىۋەتتىم. ئۇ دەرھال قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى.

-مۈرەمنى نىمە تۇتىسەن؟- دېدىم مەن بوغۇلۇپ.

- مۈرىڭىزگە... كىچىك... كىچىك... قۇرت چاپلىشىۋاپتىكەن، ئېلىۋىتەي دەپ،- ئۇ شۇنداق دېدى- دە، ئورمانلىقتىن يۈگۈرگەندەك چىقىپ كەتتى...
                                                           3
ئورمانلىقتا مەن ئۆزۈملا قالدىم. ئەسلىدە توختى بىلەن قىزىرشىپ قالغاندىن كېيىن كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا ئۆزۈم يالغۇز قېلىپ كەيپىياتىمنى تەڭشىۋېلىش مەقسىتىدە دوستلىرىمغا ‹‹ سېلەر ماڭغاچ تۇرۇڭلار، مەن ئارقاڭلاردىن يېتىشىۋالىمەن›› دېدىم. مانا، بۈك-باراقسان ئورمانلىقتا مەن يالغۇز ئولتۇردۇم. خىيالىمدا بايا بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەر ئەگىپ يۈرىدۇ. قىزىق، مەن نەچچە يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا بىرەرسى بىلەن بۇنچىلىك قىزىرىشىپ باقمىغانىدىم، بۇ قېتىمقى كۆڭۈلسىزلىك مەندىكى غۇرۇر كۈچىدىنمۇ ياكى ھاكاۋۇرلىقتىنمۇ بۇنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ مېنىڭچە توختى خاتا قىلدى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى نەچچە قىزلار ئىچىدە ئۇ نىمىشقا مېنىڭلا مۈرەمگە سەپ سالىدۇ؟ ئوھۇش مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم.

خىيال بىلەن كەچ كىرىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن. شۇ تاپتا ئەتىراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. كەچتە ئورمانلىق ئىچى سوغۇق بولىدىكەن. مەن ئەتىراپقا سەپسالدىم. دەرەخ ئۈستىدە ھەرخىل قۇشلارنىڭ كۆزلىرى قورقۇنۇچلۇق پارقىراپ تۇراتتى. ناگان- ناگاندا مۈشۈكياپىلاقنىڭ سەت ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. ئەمدى مېنى سۈر بېسىشقا باشلىدى. تەبىئەت مۇئەللىمنىڭ ئورمانلىق ئىچى خەتەرلىك بولىدۇ. ئۇ يەردە ھەرخىل يىرىتقۇچ ھايۋانلار ياشايدۇ دېگەن سۆزلىرى ئېسىمگە كىلىپ تېخىمۇ قورقۇنىچ باستى.مەن ئامال بار ساۋاقداشلار بار يەرگە تىزراق قايىتىش ئۈچۈن قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم. ئەسلى كەلگەن تەرەپنى مۆلچەرلەپ ماڭغان بولساممۇ، ئورمانلىق ئىچى كەڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراڭغۇ بولغاچقا چىقىپ كىتەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم. لېكىن چۇقۇم چىقىپ كىتىشىم كىرەك. بولمىسا بىرەر يىرىتقۇچ ھايۋانغا ئۇچىراپ قالسام تۈگەشكىنىم شۇ. شۇ تاپتا بايا ساۋاقداشلىرىم بىلەن نېمىشقا قايىتمىغاندىمەن دەپ پۇشايمان قىلسام ، پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا يوق. ھەممىنى قىلغان ئاشۇ توختى، شۇنىڭ كاساپىتىدىن...

ئەتىراپ تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ئادەتتە مەن قاراڭغۇلىقتىن بەك قورقاتتىم. شۇڭىمۇ كەچتە تالاغا ئانچە چىقمايتتىم. ئەمدىلىكتە سۈرلۈك ئورمانلىقتا ئۈزۈم يالغۇز يۈرىمەن. قەلبىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئەنسىزلىك، قۇرقۇنىچ چۇلغىۋالدى. لېكىن بۇ يەردە مەن قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرايمۇ؟! ياق، بۇيەردىن چوقۇم چىقىپ كىتىشىم كىرەك!

مەن يەنىمۇ غەيرەتكە كىلىپ قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم. بىر چاغدا قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. پۇتۇم بىر تاشقا پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ چۈشتۈم. ئەمدى مېڭىشقا ئامال يوق. چۈنكى پۇتۇم قايرىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرالمىدىم. تۇرغۇدەكمۇ ماجالىم يوق.

تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز تەدرىجىي يېقىنلىشىشقا باشلىدى. مەن بۇ ئاۋازنى تۇنۇدۇم. بۇ توختىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ توختىماي ‹‹ گۈلى›› دەپ چاقىراتتى. مەن پۈتۈن ئاۋازىم بىلەن ‹‹ مەن بۇيەردە›› دەپ توۋلىماقچى بولدۇم. لېكىن نىمىشقىدۇر توۋلاشقا پېتىنالمىدىم. توۋا مەن نىمىشقا ۋارقىرالمايمەن؟. ئۇ مىنى ئىزدەپ كەلگەن تۇرسا! ياق، مەن ھەرگىز ۋارقىرمايمەن. ماڭا ئۇنىڭ ياردىمى كىرەك ئەمەس. مەن ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتىم. ئاۋازىمدىن دەرەخكە قونۇپ ئۇيقۇغا كەتكەن قۇشلار ئويغۇنۇپ ھەرتەرەپكە ئۇچۇشتى.

بىردەمدىن كېيىن ئەتىراپىم يۇرۇپ كەتتى. مەن يەرگە يېقىپ ياتقان بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئالدىمدا مەشئەل تۇتۇپ تۇرغان توختى ماڭا ئۈنسىز قاراپ تۇراتتى.

مەن ئىنىق كۆردۈم. ئۇنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى. توۋا، ئۇغۇل بالىمۇ يىغلايدىكەن-ھە؟ ئۇ نىمىگە يىغلىغاندۇ؟...

-نېمە... نېمە دەپ كەلدىڭىز؟- ئەسلىدە ئاۋازىمنى بۇرۇنقىدەك ئۈنلۈك چىقىرىپ ۋارقىراش تەلەپپۇزىدا گەپ قىلماقچى ئىدىم.بىراق نېمىشقىدۇر ئاۋازىم شۇنچە سىلىق چىقىپ كەتتى. ۋۇي، مەن نېمە بولدۇم؟ نېمىشقا ئۇنىڭغا ئۈنلۈك سۆزلىيەلمەيمەن؟ مەن يەنە يىغلىۋەتتىم.

-گۈلى... يۈرۈڭ، مەن بۇ يەردە يالغۇز قېلىشىڭىزغا ھەرگىز چىدىمايمەن. بىز... بىز قايىتايلى.

بۇ ئۇنىڭ قىزلارغا ئەڭ ئۇزۇن گەپ قىلغىنى ئىدى. ئۇ يەرگە ئېڭىشىپ قولۇمنى تۇتۇپ يۆلەشتۈرمەكچى بولدى. يۆلەشتۈرۈش جەريانىدا خۇددى ئامالسىزلىقتىن قولۇمنى  تۇتقانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ماڭا ئەندىشە نەزىرىدە بىر نەچچە قېتىم تىكىلدى. ئۇ مىنىڭ ماڭالمايدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مېنى ھاپاش قىلدى. شۇ تاپتا كۆزۈمدىن توختىماي ياش تۆكىلەتتى. دوستۇم، سىز بۇ ياشنى ھەرگىز ئاددىي چاغلىماڭ! بۇ چىن دوسلۇق ۋە مۇھەببەت ئۈچۈن تۆكۈلگەن مېھىر يېشى ئىدى...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +10 بايلىق +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
تىلسىم + 10 + 10 + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-29 20:32:52 | ئايرىم كۆرۈش
تىمىڭىزغا تەشەككۇر ئەسەرلىرىڭىزنى دائىم كۆرۇپ تۇرىشنى ئىستەيمىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتى بولسا ئەسكەرتىش بىرىپ قويسىڭىز، رەخمەت.
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

24

تېما

659

يازما

1277

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28
يازما سانى:
659
تىللا:
479
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
561 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-30 02:54:59 | ئايرىم كۆرۈش
شۇ تاپتا كۆزۈمدىن توختىماي ياش تۆكىلەتتى. دوستۇم، سىز بۇ ياشنى ھەرگىز ئاددىي چاغلىماڭ! بۇ چىن دوسلۇق ۋە مۇھەببەت ئۈچۈن تۆكۈلگەن مېھىر يېشى ئىدى...
      بۇ ئۈزى ئىنتايىن قىسقا ئەمما ۋەزىنى ئىنتايىن چۇڭقۇر بولغان جۈملىلەر ئىكەن .يەنى مۇشۇ ھىكاينىڭ ئەڭ مىغزلىق مەزمۇنى مۇشۇ جۈمللەرگە يىغنىچاقلىنىپتۇ .بەكلا تەسىرلەندىم .رەھمەت مۇشۇنداق ئىسىل ھىكايە بىلەن ئۇچراشتۇرغىنڭىزغا .

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-30 11:36:48 | ئايرىم كۆرۈش
مۇناجات يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 20:32
تىمىڭىزغا تەشەككۇر ئەسەرلىرىڭىزنى دائىم كۆرۇپ تۇرىشن ...


قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، بۇ ھېكايىنى مەن ئالى مەكتەپتە يازغان ھەم ‹‹ ئىلى دەرياسى›› ژۇرنىلى 2006-يىللىق 5-سانىدا ئىلان قىلىنغان...

باھا سۆز

يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن !!!!!!  ۋاقتى: 2013-12-30 22:06
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-30 11:37:16 | ئايرىم كۆرۈش
نازاكەت يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 02:54
شۇ تاپتا كۆزۈمدىن توختىماي ياش تۆكىلەتتى. دوستۇم، سىز  ...

قوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر نازاكەت!
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.

12

تېما

153

يازما

1314

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 268
يازما سانى:
153
تىللا:
960
تۆھپە:
60
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-7

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

6#
ۋاقتى: 2013-12-30 12:06:10 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل چىقىپتۇ، مەزمۇنمۇ شۇنداق ياخشى ئاياغلىشىپتۇ، ھىكاينىڭ كولمىناتسىيە نۇقتىسىنىڭ تەسىۋىرلىنىشىگە ھەقىقەتەن قول قويدۇم...

6

تېما

266

يازما

1511

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 250
يازما سانى:
266
تىللا:
1015
تۆھپە:
75
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
54 سائەت
ئاخىرقى:
2014-9-18

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىقىزغىن ئەزا

7#
ۋاقتى: 2013-12-30 14:29:26 | ئايرىم كۆرۈش
تەسىرلىك يىزىپسىز،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىز تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلغاي

7

تېما

493

يازما

3577

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 19
يازما سانى:
493
تىللا:
3068
تۆھپە:
8
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر ئاتىسىئالاھىدە شەرەپ

8#
ۋاقتى: 2013-12-30 20:18:06 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ھىكايە ئىكەن ، رەھمەت .....

31

تېما

814

يازما

4254

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 11
يازما سانى:
814
تىللا:
3344
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
280 سائەت
ئاخىرقى:
2016-8-27

كۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

9#
ۋاقتى: 2013-12-30 20:42:54 | ئايرىم كۆرۈش
ئاكا ئاخىرنى يازغان بولسىڭىز تىخمۇ ياخشى چىقاتتىكەن مەن تۇگگەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدىم. بەك ياخشى چىقىپتۇ .
قىرىنداشلار ،تارىخمۇ مۇھىم تارىخ توغىرلىق تىمىلار چولدۆرەپ قالمىسۇن!

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

10#
ۋاقتى: 2013-12-31 09:30:14 | ئايرىم كۆرۈش
مەن تېخى داۋامى بار ئوخشايدۇ دەپتەكەنمەن،تۈگەپ كىتىپتۇ-دە،ئىجادىيىتىڭىزگە تەشەككۈر قېرىندىشىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:54 , Processed in 0.158820 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش