|
-ئۇ پۇلنى مەن ئالغان ، دېدى ئالىم ئاينۇرغا يالغان سۆزلەشنى خالىماي.
-نىمە؟!سىز، مەن سىزنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان،كۈزۈمدىن يۇقىلىڭ،-ئاينۇر شۇنداق دەپلا ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدى.
-ئاينۇر،مەن چۈشەندۈرەي،بۇنىڭ ھەممىسى ...
-بولدى ئاڭلىغۇم يوق،-ئاينۇر ئالىمنىڭ سۆزىنى بۆلدى.
-لىكىن ئاينۇر،مەن سىز ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغان،سىزنى داۋالاتىشقا پۇل تەييارلاپ بولالماي مۇشۇنداق قىلغانىدىم ھەم ئۇ پۇلنى...
-بولدى،بۇ گىپىڭىزنى تېخىمۇ ئاڭلىغۇم يوق،ئۇنداق باشقىلارنىڭ پۇلى بىلەن داۋالىنىپ ساقايغىنىمدىن مىنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى ئەمەسمىدى،مىنى داۋالاتقان پۇللىرىڭىز ماڭا قەرز ھىسابىدا قالسۇن،تىرىشىپ ئىشلەپ چۇقۇم قايتۇرۇپ بىرىمەن.مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن،بولدى ھازىرلا كىتىڭ،- ئاينۇرنىڭ چىرايىغا جىددى تۈس ئېلىپ دىگەن بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئالىم بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي كەينىگە بۇرۇلدى،ئۇنىڭ روھى ھالىتىدىن قانداق ھىسىياتتا بولىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى...
ئالىم يولدا كىتىۋېتىپمۇ كاللىسىغا مۇشۇ ئىش كىرىۋالدى،‹‹توۋا،مەن زادى نىمىنى خاتا قىلدىم،ئۇنىڭ ئۈچۈن بارىمنى ئاتاپ ، ھەممىدىن كەچسەم ئۇنىڭ بۇ نىمە قىلغىنى...قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇرسا،بۇ زادى نىمە ئۈچۈن،ئەجىبا ئۇنىڭ مۇھەببىتىمۇ ساختىمىدۇ،ئاتالمىش مۇھەببەت...››
ئالىم شۇ كەتكەنچە تىرىشىپ ئىشلىدى،ئاينۇرغا بىر قېتىممۇ تېلفۇن قىلمىدى ياكى ئىزدەپمۇ قويمىدى.
ئاينۇرمۇ ئالىمنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بىرىش نىيىتىدە تىرىشىپ ئىشلىدى،ئۇنى ئىزدىمىدى.
ئارىدىن بىر مەزگىل مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى،ئالىم تاپقان پۇللىرىنى كۆتۈرۈپ ئىزدەپ يۈرۈپ ماھىرەنىڭ ئاكىسىنىڭ شىركىتىنى ئىزدەپ تېپىپ پۇل ۋە كارتا ھەم قېپقالغان ھۆججەتلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى ھەم پۇلنى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش سەۋەبىنى تەپسىلى ئېيتىپ بەردى.
-يارايسەن يىگىت ، ھەقىقى ئوغۇل بالىكەنسەن،ھەقىقى مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىڭنى ئاتاپسەن ،ھازىر كەلگىنىڭنىڭ ئۆزىمۇ بۇنى ئېلىۋېلىش نىيىتىڭنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ .مۇشۇ يۈتكەن ھۆججەتلەر سەۋەبلىك شىركىتىمىز ۋەيران بوپ كىتىش گىردابىغا كىلىپ قالغان،مىنىڭ ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىغانىدى سەن بىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ،ساڭا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيۋاتىمەن...
-بولدى ئاكا ، مەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن،مىنىڭ بەدنىيەتلىكىم ، ئۆزۈمنىلا ئويلىغىنىم سەۋەپلىك سىلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرىپتىمەن،مىنى جازاغا تارتقۇزسىڭىزمۇ مەن رازى...
-ھەي،بۇ نىمە دىگىنىڭ ،مەن ساڭا ھەقىقەتەن قول قويدۇم،سەندىن باشقا ئادەم بولسا قىز دوستى بۇ ھالغا چۈشۈپ قالسا تاشلىۋىتەتتى ، بۇنداق پۇلنى تېپىۋالسا ھەرگىز قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرمەيتتى، سىنىڭ مۇشۇ پەزىلىتىڭ مىنى قايىل قىلدى،مەن ساڭا قانداق رەھمەت ئېيىتسام ئەرزىيدۇ.
-مىنى ھەقىقەتەن خېجىل قىلىپ قويدىڭىز،مىنى كەچۈرىۋەتكىنىڭىزنىڭ ئۆزى ماڭا ئېيىتقان ئەڭ چوڭ رەھمىتىڭىز .
-مۇنداق بولسۇن،ئەكەلگەن پۇلۇڭنى شۇ پېتى ئېلىپ كەت،بۇ ساڭا ئېيىتقان رەھمىتىم ھەم سىنىڭ قىز دوستۇڭ،سىڭلىمنىڭ دوستى ئۈچۈن قىلغان ياردىمىم بولۇپ قالسۇن،بۇ پۇلغۇ ئۇ ئىشلار ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس،ھەم شىركەتنى خەتەرلىك باسقۇچتىن قۇتقۇزغىنىڭ ئۈچۈن قانچە قىلسام ئارتۇق بولمايدۇ، ئەگەر مىنى خاپا بولمىسۇن كەچۈرىۋەتسۇن دىسەڭ مۇشۇ پۇلنى ئال،ھېچقانداق كۆرسەتكەن سەۋەبىڭنى ئاڭلىمايمەن.
-بۇ ، بۇنداق بولسا...
-بولدى گەپ قىلما،مانا بۇ ئىسىم كارتام قانداق ھاجىتىڭ چۈشسە كىلىپ ئېيتىۋەرگىن،قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن،-دېرىكتۇر شۇنداق دىگىنىچە ئۇنىڭغا بىر كارتىنى ئېلىپ سۇندى.
...
ئالىم شىركەتتىن چىقىپ كىتىۋېتىپ كۆپ ئويلاندى؛‹‹راستىنى ئېيىتقاندا ئاينۇرنىڭ رەنجىشى توغرا،مىنىڭ قىلغىنىم ۋىجدانلىق بىر قىز ئۈچۈن راستىنلا توغرا ئەمەس.ئۇنىڭغا قانچە قىلسام ئەرزىيدىكەن،مەن ئۇنىڭغا قايتا چۈشەندۈرەي،بولغان ئىشلارنى ئېيتاي،ئۇ چۇقۇم مىنى كەچۈرىۋىتىدۇ...››
ئۇ دەرھال ماھىرەنى ئىزدەپ بېرىپ بولغان ئىشلارنى تەپسىلى دىگەندىن كىيىن ، ماھىرە:
-خاتىرجەم بولۇڭ،ئاينۇرغا ئۆزۈم چۈشەندۈرىمەن،-دېدى.
ئەتىسى سەھەردە ماھىرە ئاينۇرنى ئىزدەپ كەلدى ھەم ئىشلارنى قايتىدىن تەپسىلى چۈشەندۈردى.
-لىكىن ئۇ مېنى دەپ ۋىجدانىغا خىلاپ ئىش قىلسا قانداق بولىدۇ؟
-ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا يىگىت بولسا سىنى ئۇ ھالەتتە ئېنىقلا تاشلىۋىتەتتى ھەم ئۇ پۇلنى ئالغاندىمۇ قەتئى خەجلىۋېلىش نىيىتىدە ئەمەس ، كىيىن قايتۇرۇش نىيىتىدە ئالغان ،بۇنداق يىگىتنى قەدىرلىسەڭ بولىدۇ...
ماھىرە يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى،ماھىرە سۆزلىگەنسىرى ئاينۇر ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا قىلغىنىنى ھىس قىلماقتا ئىدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئالىمنىڭ مەغرۇر سىماسى،بىللە ئۆتكەن كۈنلىرى،ئۇنىڭ ئۈزى ئۈچۈن تارتقان جاپالىرى كىلىشكە باشلىدى-دە كۆزىدىن بىر تامچە ئىسسىق ياشنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىنى ئۈزىمۇ سەزمەي قالدى...
ئۇ دەرھال سىرىتقا قاراپ ماڭدى.-نەگە بارىسەن؟-دېدى ماھىرە.
-دىمىسەممۇ بىلىسەنغۇ،قەستەن گەپكە سېلىپ ئادەمنى خېجىل قىلمىغىنە،-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. ماھىرە ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە قېلىپ قالدى.
|
|
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن
|
|
|
|
|