|
شۇ خىياللار بىلەن ماڭغان ئالىم ئۆزىنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلماقتا ئىدى.لېكىن بىر خۇشاللىقنىڭ كەينىدە بىر ئازاپ بار دېگەندەك شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ زەرداب ئىدى.ئاينۇر ئاق قان كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغىلى بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت بولغانىدى.ئاينۇر كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قالغان بولۇپ،ئۇنى باشقىلار بېقىپ چوڭ قىلغانىدى.ئۆگەي ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا ھېچقانچە داۋالىتالمىدى. ئالىم ھازىرغىچە يىغىپ كەلگەن 50مىڭ يۈئەن پۇلنى تاپشۇردى،يەنە تۇنۇش بىلىشلىرىدىنمۇ خېلى قەرزدار بولۇپ قالدى.بىر قىسىم ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ياردەممۇ قىلدى ئەمما يەنە تۆلەيدىغان 10مىڭ يۈئەن پۇل بار ئىدى،بۇنىڭغا ئالىم پەقەتلا ئامال قىلالماي قالدى.ئۆزىدە ھېچقانداق ئىقتىساد قالمىدى،تۇنۇش-بىلىشلىرى ۋە دوستلىرىدىنمۇ ھەممىسىدىن دېگۈدەك قەرز بولۇپ بولدى،ئەمدى يەنە بارغىلى بولمايتتى.ھەيدەۋاتقان تاكسى ماشىنىسى ئىجارە،يە ئۇنى ساتقىلى بولمايدۇ.ئەمدى زادى قانداق قىلىش كېرەك؟...
ئۇ شۇلارنى ئويلاپ كېتىۋاتقىنىدا پۇزۇر كېيىنگەن،قۇلىدا كىچىك سومكا تۇتقان بىر ئادەم ئۇنىڭ ماشىنىسىنى توستى.كەيپوئىياتىدىن ئالدىراش ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى،ئۇ ئادەم ماشىنىغا چىقىپلا:
-ئۇكام، سەنشىخاڭزا ئاق مەسچىت ئالدىغا ھەيدە،تىزرەك بول،-دېدى.
ئالىم ماشىنىنى قوزغاپ تىزرەك ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى.ماشىنا قوزغىلىشىغا ھېلىقى ئادەمگە تېلىفۇن كەلدى.ئالىم ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدن قايسىبىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتۇرى ئىكەنلىكىنى بىلدى.ئۇلار مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندە ئۇ دېرىكتۇر پۇلنى بېرىۋىتىپ تېلفۇندا سۆزلەشكەن پېتى چۈشۈپ كەتتى.
ئالىم ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ يەنە ماڭدى،كېتىۋېتىپ ئۇ ئىختىيارسىزلا ماشىنىنىڭ ئىچىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئارقا ئورۇندۇققا قاراپ سالدى.ھېلىقى ئادەم ئېلىپ چىققان كىچىك سومكا ئارقا ئۇرۇندۇقتا تۇراتتى.ئالىم تىزلىكتە ماشىنىنى يول ياقىسىغا ئەكىلىپ توختىتىپ سومكىنى ئاچتى،ئۇ ئېچىپلا نىمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى، سومكىدا بىر نەچچە بانكا كارتىسى ۋە بىر باغلام نەق پۇل تۇراتتى. |
|
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن
|
|
|
|
|