|
پىقىرلەر كىم تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ يوقنى بار دەپ تۇرۋالدىغان مايماق ئېغىز بولمىش پۈچەك قېرىندىشىڭىزدىن ئۆزلەر كىم مۇنبىرىمىزنى قەلەملىرىڭىزنىڭ يىگانە چېچەكلىرى بىلەن گۈللىتىپ ،ھۆرمەت تەختىگاھىمىزنىڭ ئالىي كۇرسىغا تالىق بولمىش سىزگە چىن قەلبىمدىن ئالىي ئىھتىرام بولغاي،سالامىمنى قوبۇل قىلغايسىز!!
بۇ سۆزلەردىكى ئاپتۇر ئۆزىنى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ يوقنى بار دەپ تۇرۇۋالىدىغان مايماق ئېغىز بولمىش پۈچەك قېرىنداش دېگەن سۆزنى تىرناق ئىچىگە ئالمىغان بۇنىڭدىن ئاپتۇرنىڭ ئۆزىنى قانداق بايقىغانلىقىنى بىلەلمىدىم، ئەمما مەن يۇقارقى سۆنى قىلغان كىشىنىڭ تۆۋەندىكى ئوبزۇرنى يازغانلىقىغا ئىشەنمىدىم. قوش تىرناق ئېلىنغاندا ئىدى ئەكسىچە چۈشىنەتتۇق، ئەپسۇس ئامال بولماي قالدى. يەنە بىرسىگە پۈچەك قېرىندىشىڭىز دېگەن سۆزنى پەقەت لوگىكا ھەم ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ھېچبىر چۈشىنەلمەيۋاتىمەنيا؟ پۈچەك سۆزى يوق دېگەن گەپقۇ دەيمەن؟ ئەجىبا ئوبزۇرچى بۇ يەردە نېمە دېمەكچىدۇ؟
مۇمكىن بولسا ئوبزۇرلىرىڭىزدا ئاپتۇرغا سالامىڭىزنى يەتكۈزمىسىڭىزكەن دەيمەن؟ چۈنكى سىزنىڭ شۇ بىر ئەسەرنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ تەپسىلىي پىكىر قاتناشتۇرىشىڭىز ئاپتۇرنى ھۆرمەت تەختىدە كۆتۈرگىنىڭىز، ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ مۇكاپاتنى بەرگىنىڭىز ۋە چوڭقۇر سالام يوللىغىنىڭىز ئىدى . (ئاپتۇر شۇنداق چۈشەنسىلا) . شۇنىڭ ئۈچۈن ئامال بار ئوبزۇرلىرىڭىزدا ئوبزۇرنى ئەسەرگە يازغانلىقىڭىز ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاپتۇرغا سالام ئېيتىشنىڭ زۆۈرىيىتى يوققۇ دەيمەن؟
بۇ جەھەتتە داۋاملىق سىزدىن يېڭى نەتىجىلەرنى كۈتىمىز. ئۇتۇق تاپقايسىز! |
|
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.
|
|
|
|
|