|
ئالدى بىلەن ھەمكارلاشقۇچۇمنىڭ ئەسەرنىڭ بۇ قىسىمىنى مۇۋەپىقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!
گەرچە ئىككىمىز ئەسەرنىڭ بېشىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۆز ئارا ياردەملىشىپ ياخشى ھەمكارلاشقان بولساقمۇ، ئەمما مۇشۇ ئاخىرقى قىسىملىرىغا كەلگەندە ھەمكارلىقىمىز نامدا بار ئەمەلدە يوق بولۇپ قالدى، چۈنكى قېرىندىشىم بۇ ئەسەرنىڭ راۋاجىنى تەتىلدە ئۆيدە داۋاملاشتۇرغاچقا مىنىڭ ئۇنىڭغا قولۇمدىن كېلىشىچە ھە ھۇ دىيىشىپ بېرىش، تەكلىپ ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ۋاقتىدا يول كۆرسىتىپ مەسلىھەت بېرىپ تۇرۇش مۇمكىنچىلكىم بولماي پۈتۈن يۈك ئۇنىڭ زىممىسىگىلا يۈكلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ ئەسەرنى قانچىلىك جاپادا تاماملىغانلىقىغا ۋە قانچىلىك ئەجىر قىلغانلىقىغا ئەلۋەتتە مەن ۋە ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدىن باشقا يەنە قاراڭغۇ ھەم مۇدھىش بولغان ئۇزۇن سوغوق تۈنلەر گۇۋاھ. كىيىن مەن بۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەسەرنى پىششىقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشقا ۋەدە قىلدىم، ئەمما پاراكتىكا قىلۋاتقانلىقىم ۋە دوسىتلىرىم بىلەن قۇشۇمچە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلقىم سەۋەبىدىن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلاجىسىز قالغاننىڭ سىرتىدا ئەسەرنىڭ يوللانغان قىسىمىغا ۋاقتىدا كۆز يۈگۈرىتىپ كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئەسەر مەدەت بىرىپ تۇرۇشقىمۇ ئىمكانىيەت قىلالماي قالدىم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭدىن سەمىمى ئەپۇ سوراش بىلەن بىرگە
كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ مېنى توغرا چۈشۈنۈپ كەلگىنىگە ھەم مېنىڭ ھەمكارلاشقۇچلۇق نامىمنى ساقلاپ ئىسمىمغا ئەسەر بېشىدىن ئورۇن بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئەمدى ئەسەر مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولغاندىن كىيىنكى تەسىراتىمغا كەلسەم ئەسەرنى ئوقۇش داۋامىدا ھەرخىل ھېسلارغا چۈمۈلۈپ چىقتىم. ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە قاراتمىلىقى مېنى ھەيران قالدۇرغانمۇ بولدى. مەن تەسەۋۇر قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ۋەقەلىكلەر بىردە مېنى كۈلدۈرسە يەنە بىردە غەزىپىمنى تاشۇرۇپ كۆزلىرىمنى نەملىدى. ئەلۋەتتە ئەسەر مۇئەللىپى خەنزۇچە ئوقۇغانلىقى ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبئىي پەن ئوقۇغۇچسى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئەسەر بەزى ئىپادىلەش ئاجىزلىقى، ئىملا خاتالىقى، تەپسىىلاتلار ئارتۇقچىلىقى، بەزى جايلاردا سۆزلەرنىڭ قوپال ئېلىنىپ قېلىشى قاتارلىق ئاز ساندىكى ئەسەرنىڭ ئۇمۇمى قىممىتىگە زور تەسىر كۆرسەتمەيدىغان كىچىك نۇقسانلاردىن خالى بولالمىغان بولسىمۇ ، ئەسەر ئومۇمىيىتىدىن قارىغاندا بۇ قىسىمنى مۇۋەپىقيەتلىك تاماملىنىپتۇ دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ پىروزا جەھەتتىكى ئىلگىرلىشىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ئەسەردىكى ئەگرى - توقاي ۋەقەلىكلەر كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ جىددىيچىلىككە سالسا مىھىر- مۇھەببەت يارقىن نوقتا قىلىنغان تەسىرلىك تەپسىلاتلار كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ۋە مۇڭلاندۇرۇپ قارا، كۆك، سېرىق، جاغال ۋە ھەرخىل كۆزلەرنى نەملەيدۇ. گەرچە مەن پىروزىغا كەسپى نوقتىدىن تۇرۇپ باھا بەرگۈدەك سەۋيىدە بولمىساممۇ ئۆز نامىمىم بىلەن ئەسەرنىڭ بۇ قىسىمىنى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغىچە سىڭىپ كىرەلىگەن مۇكەممەل يېزىلغان بۆلەك دەپ كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
تۇرۇپلا توۋا دەپ ياقامنى چىشلەپ قالدىم. سىلەر دەپ بېقڭلارچۇ دوستەكلەر، ئەسەردىكى مۇختەرنىڭ يۈسۈپ ئەلەيكىسالام بىلەن بىرەر مۇناسىۋىتى بارمۇ قانداق؟ نىمىشقا يانچۇقىدا تۆت تەڭگىسىنىڭ تاينى يوق ئۇ يالاڭتۆش ئەدەشكە قىزلار خۇددى ئەينى زاماندا ئاياللار يۈسۈپكە ئامراق بولغاندەك ئامراق؟ (چاقچاق ھە، شەخسى كۆز قاراش. ھەرقانداق رەددىيە شەرىتسىز رەت قىلىنىدۇ!)
ئەسەر توغرىسىدا يەنە جىق جىق نەرسىلەرنى دىگۈم بولسىمۇ ۋاقىت ۋە تور چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن مۇشۇنچىلىك ۋالاقشىپ تۇراي. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىزگە دىققەت-ئىتبارىنى بېرىپ بىزنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋەتلەپ كەلگەن دوسىتلارغا رەھمەت ئېيتىمەن! مۇمكىن بولسا ئەسەر ئاخىرلاشقۇچە بىزدىن مەدەتلىرىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار! ئەڭ ئاخىرىدا ھەمكارلاشقۇچۇمنى مۇشۇ مۇۋەپىقىيىتى بىلەن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ خۇددى ئۆزى ئېيىتقاندەك مۇشۇ ساھەدە مۇۋەپىقىيەتلەرگە ساھىپ بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئىشىنىمەنكى ئەسەر بر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغاندىن كېيىن يەنىمۇ پىششىقلىنىپ ۋە چىڭدىلپ، تەجىربىلىك يازغۇچىلارنىڭ مەسلىھەتىدىن ئۆتكۈزىلىدىكەن ئۇ چوقۇم كىيىنكى كۈنلەردە ياخشى بىر نەشىريات ماتىريالىغا ئايلىنىدۇ. |
|
|
|
|
|
|