|
ئىككى يىل ئۆتكۈزۈپ كېچىكىپ ئىنكاس يازاي...
دىلدوسكام خاتا دېمەپتۇ، 办公厅نى ھەرقانداق جايدا بەنگۇڭتىڭ دەپ ئالىدۇ ھەم ئېلىۋاتىدۇ...
ئەگەر ئۇنى ئىش بېجىرىش ئورنى دېسەك 办事处 بىلەن پەرقى بولماي قالىدۇ، ئىش بېجىرىش نازارىتى دېسەك 办事处 بىلەن 办公厅 فۇنكىسىيەسى ئوخشاش، دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى ئورۇن دېگەن مەنىدە بولۇپ قالىدۇ... ئاممىۋىي ئىشلارنى بېجىرىش نازارىتى دېسەكمۇ ئۇدۇلدىن ئۇدۇل تەرجىمە بولۇپ، ئەسلى مەنىسىگە يېقىن كەلمەي قالىدۇ
ئۆز تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلشىمىز قىلچە خاتا ئەمەس... لېكىن، تىلىمىزدىكى بەزى ئىشلارغا راستىنلا كۈلگۈم كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتىنى دەسلەپ داشۆ دېيىشنى (بۇرۇنقى بارلىق كىتاب، ھەتتا مەكتەپ ۋىۋىسكىلىرىمۇ داشۆ دەپ يېزىلاتتى) ئۆزگەرتىمىز، تىلنى ساپلاشتۇرىمىز دەپ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆزگەرتىۋالغانلىرىمىز، خۇددى بۇ تىل ئۆز تىلىمىزدەك.....
ھازىرقى جىق كىشىلەرگە خەنزۇ تىلىدىن باشقا تىللا بولسا ئۆز تىلىمىزغا قوبۇل قىلساق بولىدىغاندەك بىلىنەمدۇ دەيمەن... تۈركچە، پارسچە، ئەرەبچە، رۇسچە، ئىنگىلىزچە.... ھەممە تىلدىن ئىزدىنىپ باقىدۇكى، خەنزۇ تىلىدىكىسىنى ئىشلىتىشكە ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى ئەمەس... يا ئۆز تىلىمىزدا بار سۆزلەردىن، قوشۇمچىلاردىن پايدىلىنىپ يېڭى سۆز ياساشنى ئويلاپ باقمايدۇ
|
|
|
|
|
|
|