ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى تورىمىزنىڭ ئەزىزلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى . ئوقۇغۇچى تور بىكىتىمىز قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن ئاشقان مۇشۇ كۇنلەردە، ئوقۇغۇچى تور بىكىتىمىز ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۇزلۇكسىز ئالغا بىسىپ ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ۋە تور ئەدەبىياتە ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كىلىۋاتىدۇ ،شۇنداقلا تەرەقىيات بىلەن بىللە يەنە خىرىسمۇ ئەتىراپىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدىكى نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ئىناقلىقى ۋە دوستانىلىقى ، سىرىتتىن زىيارەت قىلۋاتقانلارنىڭ مەسىلىكىنى كەلتۈرۈپ ئوقۇغۇچىغار بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ . مۇشۇنداق ۋاقتلاردا بەزەن بىر تۇرداشلار ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىگە ۋە ئوقۇغۇچى تورىغا يۇشۇرۇن خەۋىپ قىلمىشلارنى سادىر قىلۋاتىدۇ . شۇڭا بىز بەزەن بىر تورداشلارغا بىر قانچە تۇرلۇك ئىشلاردا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى.
1.شەخسى ھىسىياتنى مۇنبەرگە سۆرەپ چىقىشقا بولمايدۇ ، شۇنداقلا مۇنبىرىمىزنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنىڭ بىر بىرىنىڭ ئىززىتى ۋە ھۆرمىتىگە دەخلى تەرۇز قىلىشىغا بولمايدۇ . بەزىلەر شەخسى ئىشلار ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ ۋە كوللىكتىپنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، مۇنبەر يۈزىدە ئەزالارنى خالىغانچە ھاقارەتلەيدىغان ئىشلار مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە كۆرىلىپ قىلىۋاتىدۇ ، باشقۇرغۇچىلىرىمىزمۇ ۋاقتىدا بايقاپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ .
2. يىقىندىن بىرى مۇنبىرىمىزگە مەقسەتلىك ئەزا بولۇپ ، مۇنبىرىمىزنىڭ ئىناق تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلار ۋە مۇنبەر بىلەن ئەزالارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىھىر - مۇھەببەتنى بۇزماقچى بولغانلار كۆرۈنۋاتىدۇ .بۇنىڭدىن كىيىن مۇنبىرىمىزنىڭ قىسقا ئۇچۇر ۋە باشقا ئىنكاسلارمۇ ۋاقتىدا تەكشۈرۈلۈپ ماڭىدۇ . باشقا تور بىكەتلەرنىڭ تەشۋىقاتىنى يوشۇرۇن ئىلىپ بىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە شۇ ئەزاغا ئوقۇغۇچى تورىمىز مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىدۇ .
بۇنىڭدىن كىيىن مۇنبىرىمىز ئەزالىرىنىڭ مۇنبەردە يۇقىرىقى ئەھۋاللار ۋە مۇنبىرىمىز ئومۇمى قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا ، قالايمىقان ئۇچۇر ۋە قالايمىقان ئىنكاس تاپشۇرۋالغاندا ياكى ئۇچرىغاندا دەرھال مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىلىرىغا خەۋەر قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .
ئوقۇغۇچى تورى 2015.5.20 |