|
ھەممە «دۇنيا مىھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل» دىيىشىدۇ، ئەمما كۆپ قىسىم كىشلەر شۇ مېھىر مۇھەببەتنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى نەدە شۇنداق مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى بىلمىسە كېرەك. ئەمىلىيەتتە بىز تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ ئانلارنىڭ بىزگە مىھىرلىك قاراشلىرى بىلەن تاكى بىز ئۆلگەنگە قەدەر كىشلەرنىڭ قىيماسلىقتەك مۇھەببەتلىك كۆزلىرىدىن ئايرىلالمايمىز. ئەمما تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلاردا «مېھىر-مۇھەببەت» دىگەن بۇ ئۇقۇمنى بىز ئۆزىمىز بەرپا قىلىمىز.
مەسىلەن ئاددىيسىنى ئېيتقاندا مۇشۇ مۇنبەرگە كۆپ قىسىم كىشلەر بىلىم ئالغىلى كىرمەيدۇ، كۆپ قىسىم دوسلىرىمىزنى بۇ مۇنبەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ بىزگە يەتكۈزگەن بىلىمى ئارقىلىق تۇتۇپ قالغىنى يوق. چۈنكى بىزگە بىلىم ئالىدىغان، دۇنيادىن خەۋەردار بولۇشقا كۆپ نەپ يەتكۈزىدىغان بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى مۇنبەرلەر بار، بىراق بىز يەنىلا شۇ چوڭ مۇنبەرلەرگە مۇنداقلا قاراپ قۇيۇپ بۇ مۇنبەرنىڭ بۇسىقىنى نېمىشقا بېقىپ ئولتۇرىمىز؟ سەۋەپ پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ بۇ ئاددىي كىچىك مۇنبەردىكى بىرىمىزگە بولغان قېرىنداشلىق ۋە دوسلۇق مىھرى - مۇھەببەت خالاس. مۇشۇ مىھىر- مۇھەببەتلا كۆپىنچىمىزنى مۇشۇ كىچىك ئائىلىدە تۇتۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئىنسان بىر ئۆمۈر مىھىر -مۇھەببەتكە قانمايدۇ. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر مىھمان، بىراق سىلەرنىڭ بۇ ئىللىق ئائىلەڭلارنىڭ بۇنداقلا سوغوقلىشىپ كىتىشىنى خالىمايمەن. گەرچە كۆپ ئىنكاس يازمىساممۇ كۈندە يولانغان تېمىلارنى بىرەر قۇردىن كۈرۈپ چىقىمەن ھەتتا چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ بوش قويمايمەن. مۇۇ جەرياندا بىر قانچە تۈرلۈك كەمچىلىكىلارنى ھىس قىلدىم.
ـ
1.سىلەردە ئادەمنى تارتىپ تۇرىدىغان مۇھەببەت بار، بىراق ئادەمنى سۈيۈندۈرىدىغان ئىناقلىق يوق.
2.سىلەردە پىلان كۆپ ئەمما مۇستەھكەم سېستىمىلىق تۈزۈم يوق.
3.سىلەردە ھوقوق بار، ئەمما مەسئۇلىيەت يوق.
ـ
ئەلقىرا مۇنبەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مېھىرلىك بولىشى ئادەمنى ئۆزىگە تېخىمۇ بەكراق جەلىپ قىلىشى ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئۈچ تەكلىپنى بەردى.
ئاخىرىدا سىلەرگە بىر قانچە سۆزلەرنى ھەدىيە قىلاي:
ـ
پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلبە ياتىدۇ. (بىر داھىمىز)
ساپاسىزلىق ئادەمنى ھالاكەتكە ئىتتىرىدۇ. (ئەلقىرا)
ئەدەپ - ئەخلاق ئالۋاستىنىمۇ شۇنچىلىك گۈزەل كۆرسىتىدۇ.(ئەلقىرا) |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|
XJTV-67
|
|
|
|
|