|
سىزگە جاۋابىم، ئۇيەرلەرنىڭ سىزگە سۈنئىي تۇيۇلىشى تەبى،بۇ يەرلەردە بۇ خىل تەسۋىرلەرنى قوللىنىشىم ئەسەر باش قەھىرمانى بەخىتىگۈلنىڭ خاراكتىر ئالاھدىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. سىز بۇنى ئالدىنقى بۆلەكلەردىكى مەزمۇنلار بىلەن باغلاپ تەسەۋۇر قىلىسىڭىز چوقۇم ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن. ئويلىغىنىڭىز ئەلۋەتتە توغرا، ئەگەر ئۇنتۇش ئۇنچىلىك ئاسان بولسا مۇھەببەتنىڭ ھېچبىر قىممىتى قالمىغان بولاتتى. ئۇ ئەلۋەتتە بەخىتىگۈلنىڭ ئاچچىقى ھەم نەپرىتى تۈپەيلىدىن قوزغالغان دەسلەپكى ھېسياتى. ئەگەر بۇ ئايرىلىش سەل ئۇزۇن داۋام قىلغان بولسىدى ئۇنىڭ غۇرۇر قانىتى سۇنۇپ ئازاپ ئوتىدا سەكپارە بولغان بولاتتى. نېمىشقا بۇنداق يازغىنىمنىڭ جاۋابى ئەسەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. سۆزلىرىم سىزنى قايىل قىلالماي قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشى.سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە كەلسەك ، مەن قوبۇل قىلدىم . ئامال با چىنلىققا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىمەن |
|
|
|
|
|
|