|
گەر تۆكۈلمەك بولسا ياپراق سەلكىنمۇ بىر باھانە،
ۋاز كەچمەكنى ئىستىسە كىم تەغدىرمۇ بىر باھانە.
شۇنداق بولغان ئىكەن، كۆڭۈل شەيتان ئەمەس نىيەت شەيتان.
ھەر كىم بولسۇن كۆڭلىگە ئىنساب بەرگەي. بۇ خەت تولىمۇ ئىسىل خەت بولۇپتۇ. شۇنداق، قارغۇلارچە ئاچچىقنىڭ كەينىگە كېرىش بەلكىم ئاچچىقىنى چىقىرىپ ئىچىنى بوشىتىدىغان ياخشى ئامال بولغىنى بىلەن ھەرگىزمۇ ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىر ئەمەس.
سەبىر بىرلە ئۆتسە ھەركىم تاپقۇسى ئىشقا ئامال
ئاشۇ يولدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر قىرىنداشلىرمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيمەن. ھەر بىرەيلەن تەلپەكنى ئالدىمىزغا ئېلىپ قويۇپ راۋرۇس ئويلىنىپ باقساق، سوغۇققانلىق بىلەن ئىش قىلساق دەيمەن.
مەن گەرچە نىكاھنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولساممۇ، بىراق شۇنداق ئويلايمەنكى، بىزنىڭ بۇ باش ئەڭ ئاخردا تۇپراققا قويىلىدۇ. بىراق ھاياتلىقىمىزدا ئاتا-ئانىمىزنىڭ باغرىغا تاشلانغاندىن باشقا يەنە ئاشۇ ھالال جۇپتىمىزنىڭ باغزىغا، سوقۇپ تۇرغان يۇرىكى ئۈستىگە قويىلىدۇ. شوڭا ئىنساپ ئىگىلىرى ئۆزىنىئۇ بىشى قويۇلغان يەرگە خەنجەر ئۇرمىسا.
بۇ تىما ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بولۇپتۇ. |
|
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى
|
|
|
|
|