ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1419|ئىنكاس: 31
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۈرەكلەردە قاتقان قان (مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسگە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 14:17  


   ئوقۇغۇچى مۇنبىرى 2014-يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىدە 2-دەرجىگە ئىرىشكەن نادىر ئەسەر. ئوقۇغۇچى مۇنبىرى نامىدىن مەزكۇر ئەسەرنىڭ قەلەم ساھىبىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز. مۇبارەك بولسۇن!!!



1  
مەكتەپ ياتىقىنى ئاللىبۇرۇن تاقاپ بولغان بولسىمۇ ،يازنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرغا جۆر بۇلۇپ شىۋىرلاۋاتقان قۇيۇق يۇپۇرماقلىق دەرەخ ئاستىدا ئېھسان بىلەن پەرىزات تىخىچە بىر-بىرگە شىرىن ۋەدە-لەۋىزلەر بېرىپ ئولتۇراتتى.
—گېپىڭىز راسمۇ ئېھسان ،راس مېنى ئالامسىز ؟
—راسىت ،سېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن پەرىزات ،مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا سېنى ئالمەن ،خاتىرجەم بول.
—مېنى ئالدىمغانسىز ؟
—ياق جېنىم ،سېنى ئالدىمايمەن ،مەن ساڭا دېدىمغۇ ،بىزنىڭ جېق بالىمىز بۇلىدۇ ،بالىمىزغا ساڭا ئوخشاش چىرايلىق ئىسىم قويىمىز.
—مەن ئىشىنمەن جېنىم.—پەرىزات شۇنداق دېگىنچە ئېھسانغا ئۆزىنى ئاتتى.......
كىچە قاراڭغۇلىقىغا جۆر بولغان ئاي ئۇلاردىن خىجىل بولغاندەك بۇلۇت كەينىگە مۆككىنچە غايىپ بولدى...

2
ئېھسان بىلەن پەرىزات بىر يۇرىتتىن بۇلۇپ ئۇلار ئالىي مەكتەپ بوسوغۇسىغا قەدەم قۇيۇپ ،يۇرتلىقلار يىغلىشىدا تېخمۇ ياخشى تونۇشۇپ .ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئايرىلماس بىر جۈپلەرگە ئايلانغان ئىدى.
ئېھساننىڭ دادىسى چوڭ ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى بۇلۇپ ئېھسان مانا مۇشۇنداق باياشات ئائىلىدە چوڭ بولغان بىرلا پەرزەنىت ئىدى.پەرىزات بولسا دادىسى ئۈچ ياش ۋاقتىدا قازا قىلىپ كەتكەندىن بېرى ئاپىسى تا ھازىرغىچە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاددى تىككۈچلىك ھۈنىرگە تاينىپ ئوقۇتۇپ كىلۋاتاتتى.
   پەرىزات ھەقىقەتەن ئىسمى جسمىغا لايىق پەرىزاتتەك چىرايلىق ،كۆرگەنلا كىشنىڭ ھەۋسىنى قوزغىغىدەك قىز ئىدى.پەرىزات بىلەن ئېھسان ئۆمۈرلۈك جۈپ بۇلۇشقا ۋەدە بېرىشكەن بولسىمۇ، پەرىزات ئېھساننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىككىسنىڭ ئىشىغا قوشۇلماي قېلىشتىن ئەنسىرەيتى.
  شۇ ئىشتىن ئىككى ھەپتە كېيىن ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرىتلىرغا قايتىشىتى . ئېھسان  دادىسنىڭ ياردىمى بىلەن ناھىيەلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ،پەرىزات بىر تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى.
  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چۈشكەندىن بېرى ئېھسان پەرىزاتنى ئانچە كۆپ ئىزدىمىدى. پەرىزات ئېھسانغا ھەر بىر تىلفۇن قىلسا ئېھسان كۆپ گەپ قىلمايلا بىر ئىشنى باھانە قىلىپ تېلفۇننى قۇيۋىتەتتى. پەرىزات بۇنى ئېھساننىڭ ئالدىراشلىقى دەپ توغرا چۈشەندى .ئەمما بارا-بارا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن پەرىزات ئۆزى بىلەن ئېھساننىڭ ئوتتۇرسىدا كۆرۈنمەس بىر ھاڭ باردەك ھىس قىلۋاتاتتى....
   كۈنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە داۋام قىلماقتا  ،بىر نەچچە كۈندىن بېرى پەرىزاتنىڭ ئىشتىھاسى تۇتلۇپ،كەيپىياتى ناچارلىشىپ ھىچ ئىش خوشياقمايدىغان بۇلۇپ قالدى. بۈگۈنمۇ ئىشخانىدا دەرىس تەييارلاپ ئولتۇرغاندا يەنە شۇنداق بولدى.چوڭلاردىن ئاڭلىۋالغىنى بۇيچە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكنى ئېسىگە ئالغان پەرىزات تولغىنىپ ئولتۇرالمايلا قالدى،ھەمدە ‹‹ئاپامنىڭ مىجەزى يوق››دېگەننى باھانە قىلىپ رۇخسەت سوراپ دوختۇرخانىغا باردى.بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىئاگىنوز نەتىنجىسمۇ چىقتى .پەرىزات ھەقىقەتەن ھامىلدار بۇلۇپ قالغان ئىدى .ئۇ بىر تەرەپتىن ئەنسىرسە يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹ئېھسان بەرىبىر مېنى ئالدىغۇ ،بۇى ئاڭلىسا مەن بىلەن تېخمۇ تېزراق توي قىلىدۇ ››دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەرمەكتە ئىدى.ئۇ شۇ ھامان ئېھسانغا تېلفۇن قىلدى .
—ۋەي ئېھسان ،سىزگە دەيدىغان گېپىم بار كەچتە كۆرىشەيلى.
—نىمە گەپتى،تىلفۇندىلا دېگىنە ؟
—ياق،بۈگۈن سىز بىلەن كۆرۈشمىسەم قەتئى بولمايدۇ،بەك مۇھىم گېپىم بار جېنىم.
—ۋاي-ۋۇي ماقۇل ماقۇل،كەچتە كۆرشەيلى ،مەكتەپ ئالدىدا سېنى ساقلايمەن .—ئېھسان شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قۇيۋەتتى.
پەرىزات زارىقىپ كۈتكەن ۋاقىتمۇ كەلدى.ئۇ ئادەتتكىدىن باشقىچە چىرايلىق ياسىنىپ ئىشتىن چۈشۈشكە ئۈلگۈرۈپ ئېھسان ئىشلەيدىغان مەكتەپكە باردى.
  مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئېھسان پەرىزاتنى ساقلاپ تۇراتتى، ئۇلار بىللە ماڭغانچە مەكتەپتىن يىراقلاشتى.
—نېمە گېپىڭ بار ئىدى شۇنچە جىددى؟—ئېھسان پەرۋاسىزلا سورىدى.
—خوشخەۋەر ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ جېنىم ؟—پەرىزات شۇنداق دەپ شوخلۇق بىلەن ئەركىلەپ ئېھساننىڭ قولىنى تۇتۋالدى.
—نىمە خوشخەۋەر ئالتۇن تېپىۋالمىغانسەن ؟
—ياق ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك خوشخەۋەر ،ئېھسان ۋاقىتنى سۆرەۋەرمەي بىز توي قىلايلى .
—تېخى ئەمدى مەكتەپ پۈتتۈردىققۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ...
—ئېھسان مېنىڭ بۇيۇمدا قاپتۇ —ئېھسان گېپنىڭ ئاخىرنى ئېيتىپ بولغۇچە پەرىزاتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ جايىدا تۇرۇپلا قالدى.
—نىمە ؟پەرىزات نىمە دېدىڭ ؟بۇ راسما ؟
—ھەئە ،مانا ،ئەمدى مېنى ئالمىسڭىز بولمايدۇ جۇمۇ ؟—پەرىزات شۇنداق دېگىنچە تەكشۈرۈش نەتىنچىسنى ئېھسانغا كۆرسەتتى.
ئېھسان قايتا-قايتا قولىدىكى قەغەزگە سىنچىلاپ قاراپ كەتتى ،ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالەتتە بۇ قەغەز قولىدىن سىيرىلىپ يەرگە  چۈشۈپ كەتتى.—نىمە بولدى ئېھسان ؟ئەجەپ ئۆزگىرەپ كەتتىڭىزغۇ ؟سىز مېنى ئالىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنغۇ ؟
ئېھسان بېشىنى قاماللىغىنچە يول بۇيدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۋالدى.
—گەپ قىلڭە ئېھسان،قورسۇقۇمدا سىزنىڭ بالىڭىز بار ،ئەمدى مەن سىنىڭ ئايالىڭىز بۇلىشىم كېرەك —پەرىزات كۆزىگە غىللىدە ياش ئالدى .
—پەرىزات بۇ بالىنى چۈشۈرۋەت .
—نىمە ؟ئېھسان نىمە دەۋاتىسىز ؟ماڭا قاراڭە ،نىمە دەپ چۈشۈرۋىتىمەن ؟بۇ دېگەن سىزنىڭ بالىڭىز جۇمۇ .
—پەرىزات توغرا چۈشەنمىسەڭ بولمايدۇ ،ساڭا ئۇچۇقلا دەۋېرەي ،سەن بىلەن توي قىلالمايمەن ،ئەسلىى مەنمۇ سېنى ئىزدەپ بۇ ئىشنى دەي دەپ تۇراتتىم .
—ئېھسان ،جېنىم ئېھسان ،نىمە دەۋاتسىز ؟ماڭا مەكتەپتە نىمە دەپ ۋەدە بەرگىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما ؟مېنى ئالمىسڭىز ئەمدى مەن قانداق قىلمەن ؟ئېھسان مېنى بەك ياخشى كۆرەتتىڭىزغۇ ؟—پەرىزات شۇنداق دەپ ئېھساننىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
—پەرىزات  ئۇ دېگەن مەكتەپتىكى ئىشلار ،ئۆيدىكلەر سەن بىلەن توي قىلشىمغا ئەسلا قۇشۇلمايدۇ . ماڭا چاي ئىچۈرلۈپ بولدى ، ئەمدى بولدى قىل پەرىزات .
—ئادەم ئەمەس ناكەس ! نىمە دەۋاتسەن ؟ماڭا نىملەرنى دەپ ئالدىمىدىڭ ھە ؟ ساڭا ھەممە نىمەمنى ئاتاپ بولسام ،سەن بۇنداق دېسەڭ ئەمدى مەن قانداق قىلمەن ؟—پەرىزات شۇنداق دەپ كىچىككىنە مۇشتۇملىرى بىلەن ئادىلنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يىرگە ئۇرماقتا ئىدى .
—كەچۈر پەرىزات، ماڭا راسلا ئامال يوق ،مېنى نىمە دېسەڭ مەيلى ،مەن  ئاتا-ئانامغا قارشى ئىش قىلالمايمەن ،بالىنى چۈشۈرۋىتىپ ئۆز بەختىڭنى تېپىۋال .—ئېھسان شۇنداق دەپ ئالدى-كەينىگە قارىماي كېتىپ قالدى .
—ئېھسان جېنىم ئېھسان ئۇنداق قىلماڭ —پەرىزاتنىڭ بۇ ئاۋازى يول بۇيىدىكى دەل-دەرەخ ۋە تۇپراقلارغا سىڭىپ كەتمەكتە ئىدى .
پەرىزات شۇ كۈنى بىر كىچە يىغلاپ چىقىتى .  بىر كېچە ئېھسانغا تىلفۇن قىلىپ ئالالمىغان ئىدى .
    ئۇ ئەتىسى بىرسى مەجبۇرى سۆرىگەندەك ئىشقا باردى .كاللىسىدا ئەمدى قانداق قىلىش توغۇرلۇق نۇرغۇن خىياللار ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى .
—پەرىزات بۈگۈن باشقىچىلا تۇرسىزغۇ ؟—خىزمەتدىشى ئادىلنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇ چۆچۆپ بېشىنى كۆتۈردى.
—ياقەي ،سەل بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ شۇ .
—دوختۇرخانىغا بارايلىمۇ ؟قارىسام چىرايىڭىز ئۆزگىرەپ قاپتۇ .
—بولدى،بولدى ،بىردەم ئارام ئېلۋالسام ياخشى بۇلۇپ قالىمەن —پەرىزات شۇنداق دەپ ئادىلغا بىلنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ قويدى .
پەرىزات خىزمەتكە چۈشكەندىن باشلاپ ئادىل ئۇنىڭغا باشقىچە يېقىن مۇئامىلە قىلۋاتقان بۇلۇپ پەرىزات ئۆزىنىڭ يىگىتى بارلىقنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كىلۋاتاتتى. بۈگۈنمۇ پەرىزات ئادىلنىڭ بۇنچە قىزغىن مۇئامىلسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئورنىدا ‹‹ئېھسان بۇلۇپ قالسىچۇ ››دەپ ئويلىدى .
   بىرىنچى سائەتتە پەرىزاتنىڭ دەرىسى بولمىغاچ ئىشخانىدا ئولتۇراتتى .ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس -يادى قورسىقىدىكى بالسى ۋە ئېھساندا قالغان ئىدى .ئېھساننىڭ بۇنچە ۋاپاسىزلىقىغا ،مەسئۇليەتسىزلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيتى .ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىكىگە ئۆكىنەتتى ،ئېھساننىڭ ‹‹ماڭا چاي ئىچۈرلۈپ بولدى ››دېگەن بۇ سۆزى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھازىرلا پارتىلايدىغان قەرەللىك بومبىدەك سىگنال بېرىپ تۇراتتى .
—پەرىزات چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىزغۇ نىمە بولدى ؟ —ئىشخانىغا ئۇنىڭ خىزمەتدىشى رەيھان شۇنداق دەپ كىردى .ئۆزىنى قۇيۋىتىپ يىغلىۋىتىشتىن ئارانلا تۇتۇپ تۇرغان پەرىزات ئۆزىنى يەنە مەجبۇرى تۇتۋېلىپ كۆز ياشلىرنى يۇشۇردى .
—ئاڭلىسام يىگىتڭىزدىن ئايرىلىپ كىتىپسىز ھە ؟مېنىڭ يىگتىم مەردان يىگىتڭىز ئېھسان بىلەن كونا تۇنۇشلاردىن ئىكەنغۇ ؟تۆنۈگۈن مەردان ماڭا شۇنداق دەيدۇ .
—ھە ؟—پەرىزات قۇلاقلىرغا ئىشەنمەيلا قالدى.
—ئېھسان مەردانغا ‹‹بىزنىڭ مۇھاببىتمىز مەكتەپتىلا قالغان،ئەمدى ئۇمۇ ئۆز يۇلىغا ماڭدى،مەنمۇ شۇ ››دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پەرىزات گەپ قىلالمايلا قالدى.
—بولدى پەرىزات ،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،ئوغۇللار دېگەن مۇشۇنداق نەرسە،ئاڭلىسام ئۇ بىزنىڭ ئىشخانىدىكى ئادىلنىڭ قوشكىزەك سىڭلىسى بىلەن توي قىلامىش ،چاي ئىچۈرلىپمۇ بوپتۇ .—بىر قۇلىدا قەلەمنى تۇتۇپ ئىڭكىنى تىرەپ ئولتۇرغان پەرىزات چۆچىگىندىن قولىدىكى قەلەمنى يەرگە تاشلىۋەتتى.
—سىزمۇ چىكىپ تاللاپ يۈرۈپ ئۇنىڭدىن ياخشىسنى تېپىۋېلىڭ ،بوي دېسە بوي ،چىراي دېسە يەنە كېلىپ شۇنداق ئوبدان خىزمىتىڭىز بار ،يەنە باشقىلاردىن نەرىڭىز كام ؟ ئېھساننى ۋاقتىدا ئۇنتۇپ كېتىڭ .ئاپلا دەرىسىم بارتى ،گەپ بىلەنلا بۇلۇپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ ،مەن چىقاي .—رەيھان شۇنداق دەپ ئايقىنى تاقىلدىتىپ چىقىپ كەتتى .پەرىزات يەنە شۇ پېتى ئولتۇراتتى.رەيھاننىڭ گېپىنىڭ قايسىسى قۇلقىغا كىردى قايسى كىرمىدى ئۆزىمۇ بىلمەيتى .
ئاھ !رەھىمسىز تەقدىر ،ئۇ كىمدىن كۆرسۇن ؟ئېھساننىڭ ‹‹سېنى جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىمەن پەرىزاتىم ››دەپ تالاي-تالاي بەرگەن ۋەدىلىرگە ئالدىنىپ ھەممىنى ئۇنۇتقۇزۇپ ئەمدى قورسىقىدىكى بالىسغا ئىگە بۇلالمىغان مەسئۇليەتسىزلكدىنمۇ ؟ياكى ئۆزىنىڭ قىزلىق غورۇرىنى ،ئىپپىتنى ساقلىمغان نادانلىقىدىنمۇ ؟ۋە ياكى ئېھسان بىلەن توي قىلىشقا شەرتى توشماي ئۆزىنى بەخىتسىز قىلىپ قۇيۇشقا سەۋەپچى دەپ قارايدىغان ئۆزىنىڭ ئائىلە شارائىتىدىنمۇ ؟... ئۇنىڭ كاللىسدا نۇرغۇن گادىرماچ خىياللار ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى .ئۆز -ئۆزىگە بۇغىلاتتى.ئۇ ئۆىنى تۇتۋالالماي ئىش ئۈستىلگە بېشىنى قويغىنچە ئاۋازىنى قۇيۋىتىپ يىغلىۋەتتى.
—پەرىزات نىمە بولدىڭىز نىمگە يىغلايسىز ؟—ئىىشكنى ئېچىپلا پەرىزاتنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرگەن ئادىل جىددىلىشىپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى .
—پەرىزات نىمە  ئىش بولسا ماڭا دەڭە ؟ بۇنداق يىغلىماڭ ،گەپ قىلڭە پەرىزات ،زادى نىمە بولدى ؟—پەرىزات ھىچ توختايدىغاندەك قىلمايتى.ئۇنىڭغىچە دەرىسلىرنى تۈگەتكەن باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىر-بىرلەپ ئىشخانىغا كىردى .
—مۇنداق بولسۇن،مەن ئىلمى مۇدىردىن رۇخسەت سوراپ چىقاي،سىز ئۆيىڭىدە دەم ئېلىڭ ،بۇنداق يىغلاۋەرسىڭىز ئۆزىڭىزنى يۇقىتىپ قۇيىسىز .—ئادىل شۇنداق دەپ ئىشخانىدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى.رەيھان ھەم باشقا ئايال خىزمەتچىلەر پەرىزاتنىڭ يېنىدا ئولتۇرېۋېلىپ ئۇنىڭغا تەسسەلىي بەرمەكتە ئىدى .
بىردەمدىلا كىرگەن ئادىل رەيھان بىلەن بىرلىكتە پەرىزاتنى يۈلەشتۈرۈپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. رەيھاننىڭ يەنە دەرىسى بولغاچقا پەرىزاتنى ماشىنغا چىقىرشىپ بېرىپ يېنىپ كىرىپ كەتتى.
   پەرىزات ماشىنىنڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقتا بىر نوقتىغا تىكىلگىنچە ئولتۇراتتى.ئادىلمۇ ئۈن تىنسىز ماشىنىنى ھەيدەۋاتاتتى.پات-پات ئەينەكتىن پەرىزاتقا قاراپ قۇياتتى.
—ئادىل مېنى ئۆيۈمگە ئاپارماڭ ،ئاپام بۇ ھالىتىمنى كۆرسە ئەنسىرەپ قالىدۇ .
—ئەمسە نەگە بارغۇڭىز بار ؟—پەرىزات يەنە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇردى.ئادىلمۇ كۆپ گەپ قىلمىدى.ئۇ ماشىنىنى ھەيدىگىنچە خەلىق مەيدانىنىڭ ئالدىدا توختاتتى.
—چۈشىڭە —ئادىلنىڭ بۇ گېپىگە پەرىزات ئىنكاس قايتۇرمايلا  قارشىلىقسىز ئادىلغا ئەگەشتى .ئۇلار ئادەم ئاز خالىيراق جايدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردى .
ھەر ئىككلسى ئۈن تىنسىز ئولتۇراتتى.ئادىل پەرىزاتنىڭ يىغىدىن قىزرىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئۆزىمۇ باشقىچە بۇلۇپ قالدى.
—پەرىزات زادى نىمە بولغان بۇنچە يىغلاپ كەتكۈدەك ؟
—بىردەم مۇشۇنداق ئولتۇرغۇم بار،مەندىن ئارتۇق گەپ سورىماڭ ئادىل —پەرىزات شۇنداق دېدىيۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى .
—نىمە گەپ بولسا ماڭا دەڭ پەرىزات ،قۇلۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلمەن ،بۇنداق يىغلىغانغا بىر ئىش ھەل بولمايدۇ .سىز يىغلىسڭىز مەنمۇ...—ئادىل گېپىنىڭ ئاخىرنى يۈتۋەتتى.
—راسىت ياردەم قىلامسىز ،ئەمسە ماڭا ئادەم ئۆلتۈرۈپ بېرەلەمسىز ؟مېنى ئالدىغان ئادەمنى ئۆلتۈرۋىتمەن ،قانداق ياردەم قىلامسىز ئادىل ؟—پەرىزات كۆزلىردىن تاراملاپ چۈشۋاتقان ياشلىرغا ماس كەلمىگەن ھالەتتە كۈلۋاتاتتى.
—پەرىزات نىمە دەۋاتسىز ؟كىم سىزنى ئالدىدى ؟كىمنى ئۆلتۈرۋىتىسز ؟
—سىزگە ئوخشاش ئادەم ،بىلەمسىز سىزگە ئوخشاش ئۆزىنى ئوغۇل بالا سانايدىغانلار ،مەن ئەركەك دەپ مەيدىسگە مۇشىتلايدىغان ئىپلاسلار —پەرىزات خۇددى ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك ئۆز كونتورۇللىقنى يۇقاتقان ئىدى ،قوللىرنى شىلتىپ تۇرۇپ ئادىلنى يۈزدىن-يۈزىگە تىللاۋاتاتتى.
—بولدى قىلىڭ پەرىزات ،قارىغاندا يىگىتڭىزدىن كۆڭلىڭىز قالغان ئوخشايدۇ ،سىزنى ئالدىغان ئادەمگە شۇنچىلىك قىلىش كېتەمدۇ ؟باشقىلار سىزنى ئالدىسۇن ،سىز ئۆزىڭىزنى ئازابلاپ ياش تۆكۈپ ئولتۇرۇڭ ،بۇ ئەرزىمدۇ پەرىزات ؟ئۆزىڭىزنى ئاياشنى بىلىڭ ،سىز ياخشى قىز ،ئۆزىڭىزگە ئۇنىڭدىن ياخشىسى چىقىدىغانغا ئىشنىڭ  .
—سىز بىلمەيسىز ئادىل ،ھىچنىمنى بىلمەيسىز .
—بەلكىم سىز ئۇنى بەك ياخشى كۆردىغان بولغۇيتىڭىز ،لىكىىن ئەمدى ئەھمىيتى بارمۇ ؟سىزنمۇ قەدىرلەيدىغان ئادەم بار پەرىزات ،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئوغۇل دوستىڭىز بارلىقنى باھانە قىلىپ مەندىن قاچتىڭىز ، مەنمۇ كەينىڭىزگە كىرۋالمىدىم ،كۆڭلىڭىز جايىدا ئەمەس ۋاقىتتا بۇنداق دېمىسەم بۇلاتتى.ئەمما بۇ قېتىم ماڭا پۇرسەت بېرىڭ پەرىزات ،سىزنى چۇقۇم بىر ئۆمۈر قەدىرلەيمەن ،ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرشىڭ بۇلامدۇ ؟—پەرىزات ئادىلنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تېخمۇ يىغلاشقا باشلىدى .
—مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن  ،راسلا ماس كەلمەيمەن ئادىل  .
—نىمىشقا ماس كەلمىگىدەكسىز ؟بىلسىڭىز سىزدەك قىزغا ئېرىشكىنىم مېنىڭ بەختىم .بۇلامدۇ پەرىزات ؟—پەرىزات نىمىمۇ دىيەلىسۇن ؟ئۇ ئۆزىنىڭ قورسىقىدا خەقنىڭ بالىسى بارلىقنى ئېيتىسنمۇ ؟ئۆزىنىڭ ئىپپەتسىز ئىكەنلىكنى ئېيتىسنمۇ ؟قانداقلا بولمىسۇن ئېھسان ئۇنىڭ ئۈچ يىل يۈرگەن مۇھاببىتى ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان كېچەلىسىنمۇ ؟
—يىغلىماڭ پەرىزات ،ماڭا ئويلىنىپ جاۋاپ بەرسىىڭىزمۇ بۇلىدۇ ،سىزنى زورلىمايمەن .ھازىر ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ يىغلىماسلىقىڭىز.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى.ئادىل بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى يىغلاشتىن توختاتقان ئىدى.كەچقۇرۇن ئادىل پەرىزاتنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قۇيۇپ قايتىپ كەتتى.
شۇ كۈنى پەرىزات يەنە بىر كېچە ئۇخلىمدى . بىردە ‹‹ ئادىل كىلىشكەن،ئىقتىدارلىق بالا ،ئۇنى ئالدىسام بولمايدۇ ،يەنە كىلىپ مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھىچقانداق ھېسيات يوق ››دەپ ئويلىسا يەنە بىردە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئېھساننىڭ كۈزىگە كۆرسىتىپ ياشاشنى ئويلايتى ، ئۇ يەنە خەلقى-ئالەم ئالدىدا بۇ ئىشلارنى ئاشكارلاپ ئېھساننى يۈز كۆتۈرگۈسىز قىلۋىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن  ئۆزىنىڭمۇ تەڭ ھالاك بۇلدىغانلىقى ئىسىگە كىلشى بىلەن بۇ خىيالنى يىراقلارغا توزىتۋەتتى.
  بىر كېچە ئويلىنىش ئارقىلىق پەرىزات ئادىلنىڭ بەختى ئۈستىگە ئېھساندىن ئۆچمۇ ئالدىغان ،تويمۇ قىلدىغان ،ھەتتا قورسىقىدىكى بالنىمۇ ساقلاپ قالدىغان رەزىل پىلاننى پۈكتى.
  ئەتىسى پەرىزات يەنە نورمال ئىشقا باردى .ئادىل پەرىزاتنىڭ بۈگۈن كەيپىيانىڭ ياخشىلنىپ خېلى كۆترەڭگۈ بۇلۇپ قالغىننى كۆرۈپ خوش بولماقتا ئىدى . چۈشتە ئادىل پەرىزاتنى تاماققا تەكلىپ قىلدى . ئۇلار بىرلىكتە تاماق يېگەندە ئادىل يەنە تۆنۈگۈنكى گەپنى تەكرارلىدى :
—قارىسام خېلى ياخشى بۇلۇپ قاپسىز ،كاللىڭىزدىن ئۆتكەن ئوخشىمامدۇ پەرىزات ؟—پەرىزات گەپ قىلماي سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى .
—قانداق مېنى قۇبۇل قىلالامسىز پەرىزات؟ ئاللاھ خالىسا سىزنى چۇقۇم بەخىتلىك قىلمەن .
—ئوغۇللار بۇ گەپنى بەكلا ئاسان ئېيتىۋېرىدۇ ،سىزمۇ شۇنداق دەۋاتقانسىز بەلكىم .
—مېنى ئۇنداق ئويلىماڭ ،مېنىڭ سىزنى پەقەت ئالداش نىيتىم يوق ،سىز خالىسڭىزلا سىزنى بىر ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتىم قىلمەن پەرىزات .
—گېپڭىز راسىتما ؟
—يەنە قانداق ۋەدىلەرنى بەرسەم ئىشىنەرسىز پەرىزات ،ماقۇل بۇلۇڭ بولامدۇ ؟—ئادىل شۇنداق دەپلا پەرىزاتنىڭ قولىنى تۇتۋالدى .پەرىزات گەپ قىلماي يەرگە قارىۋالدى ، بۇ ئۇنىڭ ماقۇل بولغىنى ئىدى .ئۆزىدە ئادىلغا قارىتا قىلچە ھېسيات يوق پەرىزات ئۇنىڭ ۋىجدانى ،غورۇرى ئۈستىگە ئۆز مەقسىدنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇنۋاتاتتى.
—ماقۇل ،ئەمما مېنىڭ يەنە كەينىگە سۆرەپ يۈرگۈم  يوق ،ئاڭلىسام سىڭلىڭىز توي قىلدىكلەن ،ئىككىڭلار قوشكىزەك ئىكەنسىلەرغۇ ؟بىزمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ توي قىلايلى ،بۇلامدۇ ئادىل ؟—پەرىزات ھەممىنى ئۇنۇتقان ئىدى ،ئۆز پىلانى ئۈچۈن ئادىلنڭ ئالدىغا ئۆتۈپ توي ئىشى توغۇرلۇق ئېغىز ئېچۋاتاتتى.
—راسىت دەۋاتامسىز پەرىزات ؟مېنى نىمانچە خوش قىلسىز ؟ئەمما سىڭلىمغا چاي ئىچۈرلۈپ بولدى ،لىكىن ئىككمىز ئەمدى يۈردۇق،بۇنچە ئالدىراپ نىمە قىلىمىز ؟مەن سىزنى ئالدىمايمەن ،ھامنى سىزنى ئالىمەن پەرىزات .
—دېگىنڭىزغۇ راسىت ،ئەمما مېنىڭ يەنە ئالدىنىپ قالغۇم يوق .—پەرىزات شۇنداق دەپ يەنە مىشىلداشقا باشلىدى .
—بولدى ،بولدى يىغلىماڭ ،ماقۇل مەن ئۆيدىكلەرگە مەسلىھەت سالاي ،سىز يىغلىمايدىغانلا ئىش بولسا بىز ئەتىلا توي قىلايلى —ئادىلنىڭ بۇ گېپى بىلەن پەرىزات ئىككىسى تەڭلا كۈلىشىپ كەتتى.پەرىزات ئويلىغاندەك بۇلۋاتقان ئىشلارغا ئىچىدىن مەمنۇن بولۋاتاتتى ،ئەمما  شۇ دەقىقدە ئۇنىڭ ئىچىنى قانداقتۇر بىر قۇرت  غاجىلماقتا ئىدى .
  شۇنداق قىلىپ ئادىل نەچچە قارشىلىقلار ئىچىدە بىر ھەپتىدىلا پەرىزاتنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بېرىپ ،چاي ئىچۈرلۈپ ھەممنى قىلىپ ئۈلگۈردى .ئادىلنىڭ ئۆيدىكلىرى بۇ تويغا ئانچە رازىلىقى بولمىسمۇ بىرلا ئوغلى ئۈچۈن ماقۇل بولغان ئىدى . پەرىزاتنىڭ ئاپىسى ‹‹ئەمدى ھاردۇقۇم چىقىدغان بولدى ،قىزىمنىڭ بەختى كەلدى ››دەپ كۈندە پەرىزاتقا تويدىن كېيىن نىملەرگە دېققەت قىلىش ،قىيىنئانىسى بىلەن قانداق ئۆتۈش توغۇرسىدا نەسىھەت قىلىپ ھارمايتى .پەرىزاتنىڭ خىيالى بولسا قورسىقىدىكى بالا ۋە تويدىن قانداق قىلىپ ساق-سالامەت ئۆتۈشتە ئىدى .ئۇ قورسىقىدىكى بالىنى نەچچە چۈشۈرۋىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ،ئەمما ئېھساندىن ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى بۇ بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلۋاتاتتى.
  تويمۇ بولدى ،  پەرىزات ئۆزى ئۈچ يىل يۈرگەن يىگىتى ئېھساننىڭ بۈگۈن باشقا بىر قىزنىڭ ئېرى بۇلدىغانلىقنى ھەر بىر ئويلىغاندا ئوت ئۈستىدىكى قىلدەك تولغۇنۇپ كىتەتتى. ئەمما ئادىل ،ئادىلە ،بولغۇسى قىيىنئىنىسنىڭ ئايالنىڭ كىملىكدىن ئەسلا خەۋەرسىز ئېھسانلار بۈگۈن ئۆزنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشى ھېسابلايتى.
توي مۇراسىمى باشلاندى ،ئاتا-ئانىسى ئويلشىپ قوشكىزەكلەرنىڭ تويىنى بىرلا جايغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، شۇڭلاشقىمۇ تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتى .بىرلا ۋاقىتتا ئىككى پەرزەنتىنىڭ تويىنى قىلغان ئاتا-ئانىنىڭ كۆزلىردىن خوشاللىق چىقىپلا تۇراتتى. توي راسا قىززىپ پەرىزاتنى كۆچۈرۈپ ئەكلىش بىلەن تەڭلا ئادىلەنى ئەكتىش ئۈچۈن كەلگەن ئېھسان تەرەپتىكلەر مۇراسىم زالىغا كىرىپ كەلدى. بۇ ئىككى جۈپ قىز -يىگىتنى بىر ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ شۇ دەقىقىدە ئېھسان پەرىزاتقا قاراپ قېتىپلا قالدى .ئەمما پەرىزات ھىچ ئىش بولمىغاندەك مەغرۇر ئولتۇراتتى . ئېھسان ئادىلەنىڭ ‹‹ئاكام بىلەن توي قىلدىغان قىز بەك چىرايلىق،ئىسمى پەرىزات ››دەپ ئېيتقان بولسىمۇ بىر قىتممۇ بۇ پەرىزات ئىكەنلىكنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغانلىقغا ھەيران قالدى .
بۈگۈن ئەڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان كىشى ئېھسان ئىدى .پەرىزات تۇنجى قەدەمدە ئۆزىنىڭ غەلبە قىلغانلىقنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك ئادىلنىڭ قۇلقىغا نىملەرنىدۇر پىچىرلايتى،ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قۇياتتى .
ئادىلەنى ئېلىپ كەتتى ،پەرىزات چاندۇرمىغنى بىلەن يۈركىنى ئامبۇر قىسقاندەك ئىچىشۋاتاتتى.
پەرىزات ئەڭ ئەنسىرگەن بۇ بىر كۈنمۇ ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى ،ھەممنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ھىچقانداق يۇچۇق قالدۇرمىغان پەرىزات ئادىلنىڭ ئۆزىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشى ئىكەنلىكنى ئېيتقاندا يىنىك بىرنى تىنىپ قويدى.
   مۇدھىش كېچە،قارا-بورانلىق كېچە  ،لەنەتلەر ئوقۇلدىغان كېچە ھەممنى يۇشۇرۇپ ئۈلگۈردى .ئۇنىڭ ئورنىغا ئادىل بەلكىم مەڭگۈ ھىس قىلالمايدىغان ،دەل ئۇنىڭ ۋىجدانىغا،ئەركەكلىكىگە تۇتشىدىغان بىر قارا تامغا بېسىلغان ئىدى .

داۋامى  بار ...
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

مەنبەسى 2#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-19 12:23:26
3
ئىلگىركى ئاشىق -مەشۇقلار ئەمدى بىر ئائىلىنىڭ كىلىن-كۈيئوغۇللىرغا ئايلاندى . ئادىل پەرىزاتقا شۇنچىلىك ئامراق ئىدى ، پەرىزاتمۇ ئادىلغا ئامراقلىق قىلاتتى ئەلۋەتتە، ئەمما بۇ ئامراقلىق پەرىزاتنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىقمايتى .ئۇ پەقەت بىرلا ئىستەك ۋەسۋەسىدە ئادىلغا يېقىنچىلىق قىلاتتى .ھەر قېتىم ئادىل ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىن مۇئامىلە قىلىپ كەتسە پەرىزات بەكلا بىئارام بۇلۇپ كېتەتتى.  يۈركىنىڭ كىچچىنە بىر بۈرجۈكى يەنىلا ئىنسانىي-پەزىلەت ئۈچۈن سوقۇپ تۇرۋاتقان پەرىزات ئادىلنىڭ بەختى ئۈستىگە ئويلاپ چىققان بۇ رەزىللىك ئۈچۈن ئادىلغا بىر ئۆمۈر يۈز كىلەلمەيدىغانلىقنى ئويلاپ پۇچلىناتتى .
—پەرىزات ،توي قىلغاندىن بېرى ئادىلەلەر بىلەن بىرەر ۋاق تاماقنى بىرگە يىمەپتىمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئېھساننى ئانچە تۇنۇپ كەتمەيسىز .مۇشۇ پۇرسەتتە تۇنۇشۋېلىڭلار ،بۈگۈن ئۇلارنى ئۆيگە چاقىرىپ قۇيامدۇق ؟—بىر كۈنى ئادىل پەرىزاتقا شۇنداق دېدى .
—ماقۇل ، سىز نىمە دېسىڭىز شۇ .—پەرىزات چاندۇرمايلا ئادىلغا ماقۇللۇق بىلدۈردى .
  ئۇلار ئىككىسى ئىشتىن چۈشكەندە ئادىلە بىلەن ئېھساننى ئۆيىگە چاقىرىپ قويدى .ئىشتىن چۈشۈپ ھەممە تەييارلىقنى قىلىپ ئۈلگۈرگەن پەرىزات چىرايلىق ياسىنىپ مىۋە سېتۋالغىلى چىقىپ كەتكەن ئادىلنى ساقلاۋاتاتتى .
—پاھ-پاھ مېنىڭ خوتۇنۇم بەك چىرايلىق جۇمۇ —ئادىل ئىشىكتىن كىرىپلا پەرىزاتنىڭ مەڭزىنى يىنىك چىمداپ ئەركىلەتكەچ شۇنداق دېدى   —ئۇلار ھازىر مېڭىپتۇ ،ھەممنى تەييار قىلىپ بولغانسىز ؟
—ئەلۋەتتە ،ھەممنى قىلىپ بولدۇم.ھازىر پەقەت ئۇلار كەلسىلا بۇلىدۇ —پەرىزات شۇنداق دەپ ئادىلنىڭ قۇلدىكى مىۋىلەرنى ئېلىپ تەخسىگە تىزىشقا باشلىدى.
كۆپ ئۆتمەيلا ئىشىك قوڭقۇرۇقنىڭ بېسىلشى بىلەن پەرىزات يۈگرەپ بارغانچە ئىشىكنى ئاچتى .ئىشىكتىن ئاۋال ئادىلە ئاندىن ئېھسان كىردى .ئادىلە پەرىزات بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەچ يېنىش-يېنىشلاپ تىنىچ ئامانلىق سورايتى .ئەمما ئېھساننىڭ چىرايى باشقىچە ،پەرىزات ئېھساننىڭ بۇ ئۆيگە مەجبۇرى كەلگەنلىكنى ھىس قىلدى .
—پەرىزات ،ئۆزىڭىز بىر گۈل ،قۇلىڭىز بىر گۈل جۇمۇ سىزنىڭ.تاماقلىرڭىز بەك ئوخشاپتۇ . —ئۇلارنىڭ ياش قۇرامى تەڭ بولغاچقا ئۇدۇللا بىر-بىرنىڭ ئىسمنى چاقىرشاتتى ،ھەتتا ئادىل بىلەن ئېھسان بىر -بىرنى سەنلىشەتتى ،بۈگۈنمۇ ئادىلە ئۇچۇق-يۇرۇقلۇق بىلەن شۇنداق دېدى .
—ياقەي ،ئۇنچىلىك ئەمەسقۇ ؟ سىز مېنىڭدىن چىرايلىق ،مەن توزىغان گۈل بولسام سىز ئەمدى ئېچىلىشقا تەمشەلگەن گۈل جۇمۇ —پەرىزاتنىڭ مەنىلىك قىلىپ ئېيتقان بۇ سۆزى بىلەن تەڭ ئېھسان ئىككىسنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇرشىپ قالدى .ئەمما ئادىل بىلەن ئادىلە ھىچنمنى چۈشەنمىگەندەك پەرىزاتنىڭ بۇ گېپىگە كۈلۈشمەكتە ئىدى .
—ئاكا ،بەختىڭ كەلدى جۇمۇ سېنىڭ ،پەرىزاتنىڭ ئۆزى ئاندىن ئوڭلۇق ،ھەممە تەرىپى ئادەمنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىدۇ  —ئادىلەنىڭ بۇ گېپىگە ئادىل بەخىتيارلىق ئىچىدە كۈلۈپ قويدى.
—سىزنىڭمۇ تەلىيڭىز كەلدىغۇ ئادىلە ؟ئېھساندەك ياخشى يىگىتنى كۈندۈزى چىراق يېقىپمۇ تاپالمايسىىز —بۇ گەپ بىلەن تەڭ ئۈچەيلەن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى،ئەمما ئېھسان ئوت ئۈستىدىكى قىلدەك تولغانماقتا ئىدى .ھازىر ئۇنىڭ يەۋاتقىنى تاماق ئەمەس ،بىر قاچا جاننى ئالغۇچ زەھەر ئىدى .
بۇ بىر ۋاق تاماق ئەنە شۇنداق پەرىزاتنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشتى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئېھساننىڭ شۇنچە قىينالغانلىقدىن ئازراق دەردى چىقىپ قالغاندەك ھىس قىلاتتى. ئەمما ئادىلنىڭ ئۆزىگە كۈندىن كۈنگە ئامراقلىق قىلىپ كېتىشلىرى ،ئادىلەنىڭ ئۇنى ئۆز قېرىندىشدەك كۆرۈشلىردىن ئۇ بىر ئائىلگە قىلغانلىرغا ئۆكۈنۈپمۇ قالاتتى. ئەمما ئادەم دېگەن ئەنە شۇنداق شەخسىيەتچى ،پەرىزات ئېھسان ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ بەدىلگە قوشكىزەكلەرنى ئوتقا ئىتتىرۋاتقانلىقنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما قەلبىدىكى ھەممنى بېسىپ چۈشىدىغان كۈچلۈك ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى ئۇنىڭ كۆزىگە يەنىلا ھىچنىمنى كۆرسەتمىدى .
توي قىلىپ بىر ئاي ئۆتتى ،پەرىزات ئەمدى بۇيىدا قالغانلىقنى ئادىلغا ئېيتىمىسا ئۈلگۈرەلمەيتى.
—ئادىل سىزگە گېپىم بار —كەچلىك تاماقتىن كېيىن دەرىسلىك ماتىريالى كۆرۋاتقان ئادىلغا پەرىزات شۇنداق دېدى .
—نىمە گەپ جېنىم ؟دەۋېرىڭ —ئادىل كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرمەي جاۋاب بەردى .پەرىزات ئارتۇق ئەركىلەپ نازلنىپ ئولتۇرۇشنى لايىق كۆرمىدى ،ھەم ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقى كۆڭلىگە ئايان ئىدى .
—ئادىل ،مېنىڭ بۇيۇمدا قاپتۇ .
—نىمە ؟—كىتابتىن ئىتتىك بېشىنى كۆتۈرگەن ئادىل سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.—راسىت دېدىڭىزما پەرىزات ؟بۇ راسما ؟مەن دادا بۇلامدىم ؟—پەرىزات بېشىنى لىڭىشتىپ قويدى .
—مېنىڭ پەرىزاتىم ،ئۇماق خوتۇنۇم ،رەھمەت ،مەن دادا بۇلدىغان بوپتىمەندە ،سىزنى سۈيمەن خوتۇن.—ئادىل قىلدىغانغا قىلىق تاپالماي قالغان ئىدى ،ئۇ پەرىزاتنى كۆتۈرگىنچە ئۆينى نەچچە چۆرگىلۋەتتى.
پەرىزات ئۈن -تىنسىز نىملەرنىدۇر ئويلاۋاتاتتى .ئۇ ئادىلنىڭ خوشاللىقىغا ئەسلا جۆر بۇلالمايتى .‹‹ۋاپاسىز ئېھسان ،تاش يۈرەك ئېھسان ،سېنىڭ بالاڭ ئۈچۈن باشقىلار ئالەمچە خوشاللىققا چۆمدى  . بىلىپ قوي ،ئادىلغا مەنلا ئەمەس سەنمۇ بىر ئۆمۈر قەرىزدار ››پەرىزتنىڭ كۆز يېشى ئادىلنىڭ باغرىغا سىڭىپ كەتمەكتە ئىدى .

داۋامى بار ...
ئېسىل ناچار

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

مەنبەسى 3#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-19 13:24:56
4
پەرىزات شۇ كۈندىن باشلاپ تېخمۇ كۆپ كۈينىشلەرگە ئېرىشتى .ئادىل دەرىس مۇنبىردىن باشقا ۋاقىتتا پەرىزاتتىن ئايرىلمايتى .ئۇنىڭغا ئېغىر ئىشلارنى قىلغۇزمايتى .ئادىل بىر نەچچە قېتىم ‹‹ئاپام سىز تۇغۇپ بولغۇچە بىز بىلەن بىرگە تۇرسۇن ›› دېگەن بولسىمۇ پەرىزات پەقەت قۇشۇلمىدى ، نەۋرىنىڭ خوشاللىقىدا قالغان ئادىلنىڭ ئاپىسمۇ پەرىزاتقا شۇنداق دەپ ماقۇل كەلتۈرەلمەي ھارغان ئىدى .
ئېھسان بىلەن ئادىلەنىڭ تۇرمۇشمۇ ھەر ھالدا كۆڭۈللۈك ئىدى .ئېھسان ئادىلەگە قوپاللىق قىلمايتى .ئۇنى ئاسرايتى ،ئەمما پەرىزاتنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇنىڭغا يوللىغان ‹‹قورسۇقۇمدىكى بالا سېنىڭ بالاڭ ،ئۇنتۇپ قالما ئېھسان ،ھامان قىلغىنىڭغا پۇشايمان قىلغۇزمەن  ›› دېگەن ئۇچۇر ئۇنى باشقىچە جىمغۇر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى .
ئادىلە ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ نىمە ئىش بولغانلىقنى  سورىغان بولسىمۇ ئېھسان ‹‹خىزمەت جاپالىق ،چارچاپ قاپتىمەن ›› دەپ تۈگەتتى .
  شۇ تەرىقىدە كۈنلەر ئۈتىۋەردى ،پەرىزات ئادىلنىڭ ئالدىدا بىر مەلىكە ئىدى  ،ئادىل پەرىزاتنىڭ كۆڭلىدىكدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداشقا تىرشاتتى ،   پەرىزات بۇنچىلىك قىلىپ كەتمەسلكنى ئېيتقاندا ‹‹دادا ›› بۇلۇشنىڭ خوشاللىقدا قالغان ئادىل بالسى ۋە پەرىزات ئۈچۈن ئەرزىيدىغانلقنى پەرىزاتقا قايتا-قايتاچۈشەندۈرەتتى .
پەرىزاتنىڭ قورسىقىغىمۇ سەككىز ئايلىق بۇلۇپ بۇلۇپ قالدى ،ئۇ قورسىقنى بوشقىنا تېڭىپ،چاندۇرماي ئۈتۋاتاتتى. ئادىل ۋە ئۇنىڭ ئۆيدىكلىرى ھىچ گۇمانلانمىغان ئىدى ،ھەتتا پەرىزاتنىڭ ئاپىسى ‹‹قورسىقڭنىڭ  چوڭىيشىغا قارىغاندا ئوغۇل تۇغىدىغان ئوخشايسەن ››دەپ قوياتتى .
—ئادىل مەن ئەمدى ئاپامنىڭ قېشىدا تۇرايمىكى؟
—نىمىشقا ؟تېخى ئىككى ئاي بارغۇ ؟سىزنى ،بالامنى كۈندە كۆرۈپ تۇرمىسام قانداق چىدايمەن ؟ —پەرىزاتنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتقان بۇ سۆزىگە ئادىل تېزلا قارشىلىق بىلدۈردى .
—ئۇغۇ شۇ ،مەنمۇ سىزگە چىدمايمەن ،لىكىن ئاپام ‹‹مدى مېنىڭ قېشىمدا تۇرغىن ،ئالىمادىس بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا ئادىلجان تەمتىرەپ قالىدۇ ›› دەيدۇ .ماقۇل دەڭە جېنىم ،ئاپامنىڭ قېشىغا كېتەيچۇ ؟
— بوپتۇ ،مەيلى ،ئاپىڭىزنىڭ قېشىدا تۇرسىڭىز مەنمۇ خاتىرجەم بۇلمەن .
   ئادىلنىڭ قوشۇلشى بىلەن پەرىزات ئاپىسنىڭ ئۆيىگە كىلۋالدى .ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزنىڭ ئەھۋالنى ئۆزى بىلگەچكە مۇشۇنداق قىلغان ئىدى .ئادىل بىلەن ئادىلە ئۇنى كۈندا دېگۈدەك يوقلاپ كىلەتتى .تېخچە ھامىلدار بۇلالمىغان ئادىلە پەرىزاتقا ‹‹سىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرسام مەنمۇ قورساق كۆترەرمەنمىكىن دەيمەن ›› دەپ ھەر قېتىم دىگدەك ئادىل بىلەن بىللە كىلەتتى.ئەمما ئېھسان بىر ئىشنى باھانە قىلىپ پەرىزاتنى يوقلاشتىن قاچاتتى .
  پەرىزات ئاپىسنىڭ ئۆيگە كىلۋالغاندىن بېرى ئۆزىنىڭ ئاي كۈنىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقنى ئاپىسىغمۇ چاندۇرماي كەلدى .ئادىلمۇ ئۇنىڭغا تېخى بىر ئاي ۋاقىت بار دەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بېرىدە پەرىزاتنىڭ تولغىقى تۇتتى. پەرىزات چاندۇرمايلا ئاپىسىنى دۇكاندىن بىر نەرسە ئەكرىپ بېرىشكە بۇيرۇپ ،بىر چىلەك سۇنى چىلكى بىلەنلا ئۆرۋىتىپ شۇ جايغا يېقىلىپ ۋايجانلاشقا باشلىدى .ئەقىللىق پەرىزات ياساپ چىققان بۇ كۆرۈنىش ھەر قانداق ئادەمگە نىمە ئىش ئىكەنلىكنى مانا مەن دەپ  بىلدۈرۈپ تۇراتتى .
—ۋۇي بالام نىمە بولدۇڭ ؟ ئادەم قورقاتمىساڭچۇ —ئىشىكتىن كىرىپلا پەرىزاتنىڭ يەردە تولغىنىپ ياتقانلىقنى كۆرگەن ئاپىسى چۆچۈپ كەتتى .—تېخى بىر ئاي ۋاقتىڭ بار ئىدىغۇ بالام ،نىمە ئىش بۇ ئەمدى ؟
—چى ...چىلەكتە سۇ يوق شۇڭا ...
—ئەستاغفۇرلا بالام ،ئۆزۈم ئەكىرەتتىم ئەمەسمۇ ،ئەمدى ئادىلجان بالامغا نىمە دەيمەن ؟ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلاي .
—ياق....ئاپا ،تىلفۇن قىلماڭ ،ئۇ بەك ئالدىراش ،جېنىم ئاپا مېنى تېز دوختۇرخانغا ئاپرىڭ ...
پەرىزاتنىڭ بۇ گېپى بىلەن چىرايدا قان قالمىغان ئاپسى مىڭ بىر ئاماللارنى قىلىپ پەرىزاتنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى  .يول بۇيى پەرىزات ‹‹مەن تۇغۇپ بولغۇچە ئادىلغا خەۋەر قىلماڭ ›› دېگەچكە ئاپسى بۇ ئىشنى ھىچكىمگە تىنمىدى .
ئاچچىق تولغاقتىن ماجالى قالمىغان پەرىزات ھەر بىر تولغاق تۇتقاندا ئېھساننى تىللاپ چىقاتتى .پەرىزات مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرلىپ ئوڭۇشلۇق قىز تۇغدى . شۇ دەقىقىدە ئۇنى بىر تەرەپتىن تولغاق ئازابلىسا بىردە ئېھسان بىلەن كۈيۈمچان ئېرى ئازابلايتى .
پەرىزاتنىڭ ئاپىسى بوۋاقنىڭ خوشاللىقدا ھەممىنى ئۇنۇتقان ئىدى .
—پاھ ،پاھ ، ئاي-كۈنى نورمال توشقان بۇۋاقلاردەك شۇنچە بىجرىم ،شۇنچە نورمال تۇغلۇپتۇ .ئۇلۇغ خۇداغا مىڭ شۈكرى ،ئادىلجانغا خەۋەر قىلۋەتتىم ،ئۇ ھازىرلا كىلدىغان بولدى .—پەرىزاتنىڭ ئاپىسى شۇنداق دېگەچ سېستىرا قىز ئاپىسنىڭ يېنىغا يېڭىلا ياتقۇزۇپ قويغان نەۋرىسگە يېنىش-يېنىشلاپ قارايتى .
—بالام...مېنىڭ بالام ...پەرىزات —ئاۋازى ئارانلا چىققان ئادىل ئىشىكتىن ھاسىراپ شۇنداق دەپ كىردى .
—پەرىزات قانداق تۇرسىز ؟بالامچۇ ؟
—ھەممىسى ياخشى ئوغلۇم ، ئاللاھقا شۈكرى ،ساق-سالامەت يەڭگىۋالدى .
—يولدا كەلگۈچە بەك ئەنسىردىم .نىمە دەپ ئېغىر نەرسە كۆتۈرسىز ؟ ئەگەر بالا ئىككىڭلارغا بىر ئىش بۇلۇپ قالسا مەن ....
—بولدى،بولدى بالام ،ھەممىگە مەن ئەيىبلىك ، پەرىزاتنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتمىسەم بۇلاتتى ،بالىڭىزنى بىر قۇلىڭزغا  ئېلىڭە بالام ،مەن قايناقسۇ ئەكىرەي .—پەرىزاتنىڭ ئاپىسى شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى .
ئادىل يىنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنى ئاۋايلاپقىنا  كۆتۈرۈپ باغرىغا باستى .
—سىزگىلا ئوخشاپتۇ ،كىچىك پەرىزاتىم ،مېنىڭ مەلىكەم ،رەھمەت سىزگە پەرىزات ،جاپا تارتىڭىز .—ئادىل شۇنداق دەپ پەرىزەتنىڭ پىشانىسگە سۆيۈپ قويدى .
   ‹‹ھەممىسى قايتىلانسا ،قارا-بوران چىقىپ يەر يېرىلىپ بارچە رەزىللكنى ،سۇيقەستنى يەر يۇتۇپ كەتسە ،ئېھسان كىمۇ ئۇ تۇنمايلا قالسا ،يۈرىكى پەقەت ئادىل ئۈچۈن سوقۇپ ،ئادىل ئۆز پۇشتىدىن تامغان بالىسنى بەختىيارلىق ئىلكىدە مانا مۇشۇنداق باغرىغا باسسا ....›› شۇ دەقىقىدە پەرىزات چەكسىز بىر قايغۇ ئىچىدە شۇلارنى ئويلدى .

داۋامى بار ...
ئېسىل ناچار

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

مەنبەسى 4#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-19 14:06:23
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 14:07  

    5
پەرىزات ساق -سالامەت يەڭگىۋالغاچقىمۇ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئادىل دوختۇرلاردىن ئارتۇق گەپ سورىمىدى .‹‹پەرىزات ئېغىر ھەركەت قىلىپ بالدۇر تۇغۇپ قويدى ،دوختۇرخاندا ئۇزۇنراق يېتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۋېلشى كېرەك ›› دەپ ئويلىغان ئادىل دوختۇرلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ياتاق رەسمىيتنى قايتىدىن بىجىردى .
پەرىزات دوختۇرخانىدا يېتۋاتقىلمۇ بىر ھەپتىدىن ئاشتى .ئادىل پەرىزاتنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ ئاپىسنى كەتكۈزۋېتىپ  مەكتەپكىمۇ بارماي پەرىزاتقا ئۆزى قاراۋاتاتتى. پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ ئۆيدىكىلرى دوختۇرخانىغا تاماق توشۇپ ھارمايتى .
—پەرىزات ،بالىمىزنىڭ ئىسمىنى بىز بۇرۇن ئويلىشۋالغىنمىز بۇيچە  سىزگە يېقىن پەزىلەت قۇيايلى ،چوڭلار بىلەنمۇ مەسلىھەتلەشتىم ،ئۇلارمۇ قوشۇلدى .سىزچە قانداق ؟
—مەيلى چىرايلىق ئىسىمكەن .—ئادىلنىڭ بۇ گېپىگە پەرىزات ئويلانمايلا تېزلا ماقۇل بولدى .
—پەرىزات ،پەزىلەت ئىككى پەرىشتە مېنىڭ بارلىقىم .ئۆيگە بېرىپلا بۇ كىچىك مەلىكەمگە پەزىلەت دەپ ئىسىم قۇيىمەن .—ئادىل خوشاللىقىدا شۇنداق دەپ بالىنى كۆتىرىپ ياتاق ئىچىدە ئۇيان -بۇيان ماڭدى .
—يا ئاللا بالىسى بولسا شۇنداق  ياخشى بۇلامدىكەن ئاكا ؟قارا ئاۋۇ خوش بۇلۇپ كەتكىنىڭنى  —ئادىلە شۇنداق دەپ كىسەلخانىغا كىرىپ كەلدى .ئۇنىڭغا ياندىشىپلا قولىدا بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرۋالغان ئېھسانمۇ كىردى .
—شۇ شۇ ،دادا بۇلۇشنىڭ تەمىنى پەقەت دادا بولغۇچىلا بىلدۇ . قارا بۇ بالا پەرىزاتنىڭ ئۆزى ،لىكىن چوڭ بولغاندا چۇقۇم ماڭا ئوخشايدۇ .
—ياق ساڭا ئوخشىمسۇن ،بولمىسا سەت بۇلۇپ قالىدۇ .—ئادىلە قەستەن ئاكىسى بىلەن قېرىشىپ قويدى .
—مەنمۇ خېلى كىلشكەنغۇ ؟بوپتۇ كۆزى پەرىزەتنىڭ كۆزىدەك چوڭ ،قاپقارا بولسۇن ،باشقا جايى ماڭا ئوخشىسۇن —تۇنجى ‹‹ئاتا ›› بولغان ئادىل قېن-قېنغا پاتماي سۆزلەيتى .
— ئۇماقلىقنى  ،قاراڭ ئېھسان —ئادىلە شۇنداق دەپ بالنى قولىغا ئېلىپ ئېھسانغا كۆرسەتتى .
ئېھسان بالىغا قارىدىيۇ قاراپ قېتىپ قالدى .خۇددى كىچىك بوۋاق دادىسنى تۇنۇپ قالغاندەك قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى .
—ئوۋ ..ئوۋ يىغلىما قوزام —ئادىلە شۇنداق دەپ بۇۋاقنى پەپىلەپ قويدى .
—ئادىلە ئەكىلىڭ ئۆزۈم ئالاي ،بۇ بالا كىچىك تۇرۇپ دادىسى بىلەن ئاپىسىدىن باشقا ئادەمنى يەكلەشنى ئۆگۈنۋالدىمۇ نىمە ؟—پەرىزات ئېھسان ئاڭلىماي قالمىسۇن دېگەندەك قەستەن ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دېدى .بۇ گەپنى پەقەت ئېھسانلا چۈشىنەتتى.
—توغرا ئادىلە ،بالىنىڭ تەييار زاكىسى تۈگەپتىكەن ،ئاپام ئەكلىپ بېرمەن دەپ ھازىرغىچە يوق ،مەن ياخشىنى تاللىيالمايمەن ،سەن ئېلشىپ بېرەمسەن ؟
—ھە  بولىدۇ ، ئېھسان  پەرىزات بىلەن پەزىلەتكە ياخشى قاراڭ ھە ؟—ئادىلە شۇنداق دەپ ئادىل بىلەن بىللە چىقىپ كەتتى.
  كىسەلخانا ئىچىنى ئېغىر جىمجىتلىق قاپلىدى .ھەر ئىككەيلەن ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە ئىدى .پەرىزات ئېھسانغا كەينى تەرپىنى قىلىپ بالىسنىڭ قولىنى تۇتقىنچە ياتاتتى .
—پەرىزات بالىنى كۆتۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ ؟—ئارىدىكى جىمجىتلىقنى ئېھسان بۇزدى .
—قايسى بالىنى ؟—پەرىزات ئېھسانغا قاراپمۇ قويماي زەردە بىلەن شۇنداق دېدى .
—ئۇنداق قىلما پەرىزات ،قانداقلا بولمىسۇن بۇ مېنىڭ بالامغۇ ؟پەقەت بىرلا قېتىم كۆتۈرۈپ باقاي .
—نىمە دېدىڭ ؟ مېنىڭ بالام دەۋاتامسەن ئېھسان ؟ئەمدى قانداق بۇلۇپ سېنىڭ بالاڭ بۇلۇپ قالدى ؟بىلىپ قوي بۇ دېگەن ئادىلنىڭ بالسى ،مېنىڭ ئېرىم ئادىلنىڭ بالسى .—پەرىزات يېرىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئېھسانغا مىختەك قادىلىپ شۇنداق دېدى .
—پەرىزات ئۆز بالامنى قۇچىقىمغا ئالغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەمسەن ؟ —ئېھسان شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ بالىغا قولىنى ئۇزاتتى ،
—تۇتما ئىپلاس ! بالاڭنى كۆتۈرگىڭ بار ئادەم ئەينى ۋاقىتتا نىمە دەپ مېنى ئالمايسەن ؟ نىمە دەپ باشقا بىرنى خوتۇن قىلسەن ؟ ئەمدى قايسى يۈزۈڭ بىلەن بۇ مېنىڭ بالام دەۋاتىسەن ؟ يۇقال كۆزۈمدىن، تېز يۇقال ! —پەرىزات يىغلاپ تۇرۇپ شۇلارنى ئارانلا دېيەلىدى .ئېھسان پەرىزاتقا بىر ئېغىز گەپ قايتۇرماي چىقىپ كەتتى .
پەرىزات جالاقلاپ تىترەيتى .ئۇ بالسىنى باغرىغا باسقىنچە ئاۋازىنى قۇيۋىتىپ يىغلۋەتتى.
ئادىلە ۋە ئادىلنىڭ كىلدىغان ۋاقتىمۇ بۇلۇپ قالغان ئىدى .پەرىزات تېزلا ئۈزىنى ئوڭشىۋېلىپ ئۇلارنىڭ كېلشنى كۈتتى.
داۋامى بار....
ئېسىل ناچار

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

مەنبەسى 5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-19 15:10:15
                                          6
     پەرىزات دوختۇرخانىدىن چىققىلمۇ خېلى كۈنلەر بۇلۇپ قالدى .
ئادىلنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا بىر نەچچە كۈندىن ھەمراھ بۇلۇپ كەتكەندىن بېرى پەرىزات مەكتەپكىمۇ بارماي ئۆيدە بالىسنى باققاچ ئائىلە ئىشلىرنى ئۈستىگە ئېلۋالدى .ئۇ بىر بالىنىڭ ئانسى بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى بۇ ئۆيگە باشقىچە مىھرى باردەك ھىس قىلدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى .
ئۇ بەزىدە يۈرىكىنى قاماللاپ تۇرۋاتقان ئادىلغا قەرىزدار ،ئېھسانغا قاتتق يوقىتىش بۇلىدىغان بۇ رەزىللىكنىڭ ئورنىنى پەزىلەتنىڭ ئادىلنىڭ ئۆز بالسى بۇلۇش بىلەن ئالمىشىپ قېلىشنى خىيال قىلىپ كىتەتتى .
—پەرىزات ،پەزىلەت ئىككى پەرىشتە مېنىڭ بارلىقىم ،ئۇلار بىلەن مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئەر —ئادىل ئىشتىن چۈشۈپلا قىلدىغان بىرىنچى ئىشى پەزىلەتنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ شۇ گەپنى دېيىش ئىدى .
بۇ ۋاقىتتا پەرىزات ئىككى تاش ئارىسىدا قىسىلغان ئادەمدەك ئازابلىنىپ كېتەتتى .
بۈگۈن ئادىلە بىلەن ئېھسان يەنە بوۋاقنى كۆرگىلى كەلدى .ئېھسان بارماسلىققا ھىچقانداق باھانە تاپالماي مەجبۇرى كىلەتتى ئەلۋەتتە.
—ئېھسان ، قاچانمۇ بىزنىڭ مۇشۇنداق بالىمىز بۇلار ھە ؟ —تاماق ئارلىقىدا ئادىلە پەزىلەتنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى .
ئېھسان خوتۇنىنىڭ گېپىگە ئۈندىمەي تۇراتتى .
—بۇ قوزامنىڭ ئۇماقلىقنى ،ئاپىسغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ .
—ياقەي ،ئۇنىڭ كۆزى ئادىلنىڭ كۆزىگە ئوخشايدۇ ،بىر خىل ئۇچقۇن چىقىپلا تۇرىدۇ .—پەزىلەتنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئېھسان ئىتتىكلا ئۇنىڭغا قاراپ كەتتى .
—شۇنداقمۇ ؟ مېنىڭ بالام بولغاندىكىن ماڭا ئوخشايدۇدە —بۇ چاغدىكى ئادىلنىڭ خوشاللىقىغا ھىچنىمە توغرا كەلمەيتى .چۈنكى ئۇنىڭ بۇ خوشاللىقى بىر ئاتا بولغان ئەرنىڭ يۈرىكىدىن چىققان خوشاللىق ئىدى .
    شۇنداق پاراڭلاردىن كېيىن  ئادىلە بىلەن پەرىزات ئايرىم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالدى .
—بىزمۇ تېزراق بالىلىق بولساق بۇللاتتى .مۇشۇ كۈنلەردە  ئېھساننىڭ ماڭا بولغان  مۇئامىلسى ئۆزگىرەپ قالدى .—ئادىلە شۇنداق دەپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى .
—خىزمەتتە چارچاپ قالغاندۇ بەلكىم .—پەرىزات ھەممىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئادىلەگە تەسسەلىي بېرىش ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتاتتى .
—ئۇنداق ئەمەس ،كۈندىلا سۇلغۇن يۈرىيدۇ .بۇ يېقىندىن كۆپ ئىچىدىغان بۇلۋالدى .بەلكىم مەن ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرمىگەندىكىن شۇنداق بۇلۋاتامدىكىن .—ئادىلە كۆزىگە غىللىدە ياش ئالدى .
پەرىزات ئادىلنىڭ شۇنچە تۈگىشىپ كەتكىنگە ئىچىدىن خوش بولغان بولسا ،ئۆزىگە ئىزچىل ئەڭ يېقىن ئادەملىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلۋاتقان ئادىلەگە ئىچى سىيرىلماقتا ئىدى .
—ئۇنداق ئويلىماڭ ،ئاللاھ سىلەرگىمۇ چوقۇم پەرزەنىت ئاتا قىلدۇ .
—دېگىنڭىز  كەلسۇن . بۇ گەپلەرنى ئاكام ۋە چوڭلار بىلىپ قالمىسۇن پەرىزات ، ئېھسان  ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىغا شۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قېلىشنى خالمايمەن .—بۇ گەپنى ئاڭلاپ پەرىزات يەنە بىر قېتىم ئۆرتەندى .
   كۈنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە ،پەرىزات بارا-بارا ئادىل ۋاقتىدا ئۆيگە كەلمىسە ئەنسىرەيدىغان ،ئۇنى كۆرمىسە كۆرگىسى كىلدىغان ھالەتكە كىلىپ قالغان ئىدى .ئادىل پەزىلەتنى  مىھىر بىلەن ئەركىلەتكەندە پەرىزات بەزىدە بۇنىڭ ئادىلنىڭ بالسى ئەمەس ،باشقا بىرنىڭ بالسى ئىكەنلىكنمۇ ئۇنتۇپ ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جۆر بۇلۇپ كىتەتتى.
ھەش-پەش دېگۈچە پەزىلەتمۇ بىر ياشقا كىرىپ قالدى .ئۇ بىر ياشقا كىرگەن يىلى ‹‹دادا ›› دەپ تىل چىقتى .پەزىلەت ھەر قېتىم ‹‹داد..داد ..دا ›› دەپ ئادىلغا ئۆزىنى ئاتقاندا پەرىزات باشقىچە يېقىملىق تۇيغۇغا چۆمەتتى .
   ھەممەيلەن چوڭ ئۆيگە جەم بولغان كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئادىل پەزىلەتنى ھىچكىمگە قۇچىقىغا ئېلۋىلىپ سۆيۈپ ئەركىلتىپ ھارمىدى .
—قاراڭلار مېنىڭ مەلىكەمگە ،‹‹دادا ›› دەپ تىل چىقىتى .—ئادىل ھاياجان بىلەن شۇنداق دەپ ئۆينى بىر ئالدى . پەزىلەتمۇ ئادىلغا شۇنچە ئىچەكىشىپ كەتكەن بۇلۇپ قارىماققا ئاپىسىدىن بەكرەك ئادىلغا ئامراقتەك قىلاتتى .
—ئىشنەمسىلەر ،ئۇ مەندىن بىر قەدەپ ئايرىلالمايدۇ .—ئادىل يەنە شۇنداق دەپ قۇچىقىدىكى پەزىلەتنى يەرگە قۇيۇپ ئارقىغا مېڭىۋىدى ،پەزىلەت بۇدرۇققنە  قوللىرنى ئادىغا سۇزۇپ ‹‹داد..داد..دا ›› دەپ چىقىراشقا باشلىدى .
بۇنى كۆرۈپ ھەممەيلەن كۈلىشىپ كەتتى .شۇ ۋاقىتتا ئېھسان ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى زەردە بىلەن يېپىۋىتىپ چىقىپ كەتتى .
—ئېھسان نەگە ماڭدىڭىز ؟ —ئادىلە كەينىدىن يۈگرەپ چىققاندا ئېھسان ماشىنىسنى ئاللىبۇرۇن چوڭ يولغا توغۇرلاپ بولغان ئىدى .
شۇ چاغدا ئادىلەنىڭ ‹‹ئېھسان بالا دەردىدە شۇنداق قىلۋاتىدۇ ››دەپ ئاپىسغا ئېسلىپ يىغلىغان يىغىسى پەرىزاتنىڭ ئۆچمەنلىك ،رەزىللىك تۇلۇپ كەتكەن قەلبىدە قېتىپ قالغان ئىدى .
ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئادىل يەنە پەزىلەتنى قۇچىقىدىن چۈشۈرمەي ئەركىلتىشكە بەشلىدى .پەرىزات بۇ ئىككىسگە ھەۋەس بىلەن قارىىغىنچە ئولتۇراتتى .
—ئادىل .پەزىلەت ئىككمىزنى مەڭگۈ مۇشۇنداق سۈيەلەمسىز ؟
—نىمە دەۋاتىسىز پەرىزات ؟بۇ جېنىم تىنىمدىلا بۇلدىكەن مەن ئىككىڭلارنى ھىچكىمگە خار قىلدۇرمايمەن ،سىلەر ئىككىڭلار مىنىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىقىم ،گۆھرىم .
—سىزمۇ شۇ جېنىم .—پەرىزات شۇنداق دەپ ئادىلنىڭ مۈرىسگە بېشىنى قويدى .ئۇ ئادىل بىلەن توي قىلىپ مۇشۇ كەمگىچە ھىس قىلىپ باقمىغان بىر ئىللىقلىق ھازىر  ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭىپ بارماقتا ئىدى .


داۋامى بار ....

ئېسىل ناچار

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

مەنبەسى 6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-19 16:11:12 | ئايرىم كۆرۈش
7         
تىلفۇننىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى بىلەن  ئادىل ئۇيقۇلۇق كۆزلىرنى تەستە ئېچىپ تىلفۇننى ئالدى .
—ۋەي ،نىمە بولدۇڭ يىغلاپسەنغۇ ؟
-...........
—بولدى،بولدى يىغلىما ،ھىچ ئىش بولمايدۇ ،مەن ھازىرلا ئۇنى تاپاي ،ئەنسىرمىگىن —ئادىل شۇنداق دەپ ئالدىراش تىلفۇننى قۇيۋەتتى .
—كىمكەن بۇ كېچىدە تىلفۇن قىلغان ؟— پەرىزات ئويغۇنۇپ بۇ سۇئالنى سوراپ بولغۇچە ئادىل كىيىملىرنى كىيىپ ماشىىننىڭ ئاچقۇچنى قولغا ئېلىپ بولغان ئىدى .
—ئادىلەكەن .ئېھسان ھازىرغىچە ئۆيگە كىرمەپتۇ  . ئۆيگە كىرمىگلى ئىككى ئۈچ كۈن بولغان ئوخشايدۇ ئادىلە ‹‹بۈگۈن باشقىچە تۇردۇ ، بەك كۆپ ئىچۋاپتۇ ،تىلفۇن قىلسام ئوڭ-تەتۈر سۆزلەپ يۈرىيدۇ ›› دەيدۇ ،مەن چىقىپ ئىزدەپ باقاي ،مېنى ساقلماي ئۇخلاۋېرىڭ .
—ئادىل — پەرىزات ئۇنىڭ ئىسمنى توۋلاپ بولغىچە پەلەمپەيدىن ئادىلنىڭ ئاياغ ئاۋازى ئۆچۈپ بولدى .
   ئادىل چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئېھساننىڭ تىلفۇندا قىلغان گېپىدىن ئۇنىڭ نەدىلىكنى بىلەلمەي ،ئېھسان بېرىش مۇمكىنچىلكى بولغان ھەممە جاينى ئالا قويماي ئىزدەپ ئۇنى بىر كەچلىك كۇلۇبتىن ئۆزى يالغۇز ھاراققا چىلشىپ تۇرغان جايدىن تاپتى .
   —ئېھسان نىمە قىلىپ يۈرىيسەن بۇ يەردە ؟ ئادىلە سەندىن ئەنسىرەپ ئۆيدە ئولتۇرالماي قالسا ،ساڭا بۇ يەردە نىمە بار ؟
—كىمۇ ؟ھە ،ئادىلمۇ سەن ؟ ماڭا ھازىر مۇشۇ ھاراق بولسىلا بولدى .جېق گەپ قىلماي بۇ يەردىن كەت .
—ئېھسان نىمە دەۋاتىسەن ؟ ماڭ ئۆيگە كىتىمىز .
—ئۆي ؟ قايسى ئۆي ؟ئادىلەنىڭ قېشىغىما ؟ پەرىزاتنىڭ يېنىغىمۇ يا ؟
—مەسىت بوپ قاپسەن ،ئارتۇق تالاشقۇم يوق ،ماڭ ئادىلە ئەنسىرەپ قالىدۇ .—ئادىل ئاچچىغنى زورىغا بېسۋىلىپ ئېھساننىڭ قولنى تارتتى .
—ياق قولۇمنى قۇيۋەت  ،ئادىلەنىڭ قېشىغا كەتمەيمەن  .ئۇنىڭغا قارىغۇدەك يۈززۈممۇ يوق .ماڭا ھازىر مۇشۇ ھاراق ياخشى . —ئېھساننىڭ بۇ گېپىگە ئادىل بەكلا ھەيران قالدى .
—نىمە ؟ نىمىشقا ئادىلەگە قارىغۇدەك يۈزۈڭ يوق ؟
—ئادىلەگىلا ئەمەس ،پەرىزاتقىمۇ شۇ ،مەن ئادەم ئەمەس ،مەن ھايۋان ،بىلەمسەن ئادىل مەن بىر ھايۋان  ھۈ...ھۈ...ھۈ —ئېھسان شۇنداق دەپ كىچىك بالدەك يىغلاشقا باشلىدى .
—گېپىڭنى چۈشەنمىدىم ،نىمە دەۋاتىسەن ئېھسان ؟
—سەن بىلمەيسەن ئادىل ،مەن ئۆزۈمنىڭ بالىسى كۆز ئالدىمدا تۇرسىمۇ بىر قېتىم قۇچىقمغا ئېلىش پۇرسىتگە ئېرشەلمىگەن دادا ،مېنىڭ بالام خەقنى دادا دېسە قاراپ تۇرغان دادا ،بىلەمسەن ئادىل   مېنىڭ بالام باشقا بىرنى دادا دېگەندە مېنىڭ يۈركىمدىن قان ئاقتى قان .—ئېھسان شۇنداق دەپ ئالدىدكى رومكىدىكى ھاراقنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى.
بۇ گەپتىن گاڭگىراپلا قالغان ئادىل ئېھساننىڭ قولدىكى رومكىنى تارتىۋېلىپ ئۇنىڭدىن ياندۇرۇپ سورىدى :
—ئېھسان ئۇچۇقراق دېسەڭچۇ ،گېپىڭنى پەقەت چۈشنەلمىدىم .
—ئاڭلا ئادىل .پەزىلەت مېنىڭ بالام —قاراسسىدە تەگكەن بىر مۇشىت بىلەن ئېھسان كەينىگلا يېقىلدى .
—ئېھسان تولا جۆيلىمە ،ئاچچىقىم كىلشتىن بۇرۇن مەن بىلەن ئۆيگە كىتىۋال .
—مېنى جۆيلىدى دەمسەن  ئېھسان ؟ راسىت مەن بىر يىلدىن بېرى جۆيلىپ كىلۋاتمەن  .ئەمما ھازىر جۆيلىگىنم يوق  ،ئادىل  سېنى دادا دېگەن ئۇ  بالا مېنىڭ بىلەمسەن ؟ مەن ئېھساننىڭ بالسى . —بۇ گەپنى ئاڭلغان ئادىل كاللىسدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتى .
—مۇناپىق نىمە دەۋاتىسەن ؟ —ئادىل شۇنداق دەپ ئېھساننىڭ ياقىسغا ئېسىلدى .
ئېھسان بىر گېپى جايىدا ،بىر گېپى قولاشمىغان ھالەتتە پەرىزات بىلەن مەكتەپتىكى ئىشلاردىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممنى ئادىلغا سۆزلەپ بەردى .
—يالغان ،ھەممسى يالغان ،بۇ مۇمكىن ئەمەس — ئادىل شۇنداق دەپ ئېھساننىڭ ئۇدۇل كەلگەن يىرگە ئۇرۇپ ،تېپىپ ئۇنى بىردەمدىلا قانغا بۇيۋەتتى .ئەتراپتىكى كىشلەر ئاجىرتىپ قويغاندىن كىينلا ئادىل بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى .
   تېز سۈئەتلىك تاشيولدا ئادىل ماشىننى ئەڭ يۇقرى سۈرئەتتە ھەيدەۋاتاتتى  ،ئىچىدە ‹‹ئاللاھ ئۆزى ساقلىسۇن ،ئۇلۇغ رەببىم بۇ شەرمەندىچلىكنى ماڭا كۆرسەتمىگىن ›› دەپ شىۋلايتى .
    ئۇ بىردەمدىلا ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى .پەلەمپەيدىن ئىككنى بىر دەسسەپ دېگۈدەك چىقىپ ئىشىكنى زەردە بىلەن ئاچتى .
—پەرىزات ،پەرىزات قېنى سىز ؟ —ئادىل پەرىزاتنى ئەزەلدىن بۇنداق قوپال چاقىرىپ باقمىغان بۇلۇپ ئادىلنىڭ كىلىشنى كۈتۈپ تېخى ئۇخلىمغان پەرىزات ئۇنىڭ بۇ توۋلىشىدىن يۈرىكى ئەنسىز سېلىپ كەتتى .
—نىمە بولدى ئادىل ؟ئېھسانغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
—پەرىزات ،پەزىلەت كىمنىڭ بالىسى ؟—ئادىلنىڭ پەرىزاتقا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ سورىغان بۇ سۇئالى بىلەن پەرىزات تامدەك تاترىپ كەتتى .
—ئادىل نىمە دەۋاتسىز ؟
—مەن سىزدىن سوراۋاتىمەن  .پەزىلەت كىمنىڭ بالىسى ؟ —پەرىزات ئۈن-تىنسىز تۇراتتى .
—گەپ قىلڭە ،ئېھسان ماڭا ھەممنى دېدى بۇ راسمۇ ؟—پەرىزات ئەمدى يۇشرۇپ بۇلالمايتى .
—ئادىل ،جېنىم ئادىل مېنى كەچۈرۈڭ ،سىزنى ياخشى كۆرىمەن ئادىل .—پەرىزات شۇنداق دەپ ئادىلنى قۇچاقلىۋالدى .
—يۇقال قانجۇق ، سېنى شۇنچە سۆيگىنىمنىڭ ،سېنى شۇنچە ئەزىزلىگنمنىڭ جاۋابى مۇشۇما ؟يوقال ! ئاھ خۇدا ،سەندەك نىمنى خوتۇن قىلغان مەنمۇ ئوغۇل بالمۇ ؟ مەنمۇ ئەركەكمۇ ؟—ئادىل بۇغلۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەچ پەرىزاتنى كۈچەپ ئىتتىرۋەتتى .
يەرگىلا يىقىلغان پەرىزات ئۆملەپ كەلگىنچە ئادىلنىڭ تىزلىرغا ئېسىلدى .
—ئادىل جېنىم ئادىل ،مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن .ئۇنداق قىلماڭ سىزنى راسىت ياخشى كۆرىمەن ئادىل .
—يۇقال —پەرىزات يەنە قۇيۋەتمەي يىغلاۋەردى .
—سەن يوقالمىساڭ ئەمسە مەن يۇقلاي —ئادىل شۇنداق دەپ پەرىزاتنى تىپىۋىتىپ ئىشىكنمۇ ياپماي چىقىپ كەتتى .
—جېنىم ئادىل ،سىزنى راسىت ياخشى كۆرەتتىم —پەرىزات يىغلاۋاتقان بالىسى بىلەنمۇ كارى بولماي  ،ئاياقمۇ كەيمەستىن ئادىلنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى .ئەمما ئادىل تۈن قاراڭغۇسىدا  ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ بولغان ئىدى .
    ئادىل نەگە بېرىشنى ،نىمە قىلىشنى بىلمەيتى . ئۇ ماشىننى ھەيدىگىنچە ۋارقىراپ ئىچ-ئىچدىن چىقرىپ يىغلىۋەتتى . بۇ ياش ئۇنىڭ كۆزىدىن ئەمەس يۈرىكىدىن چىقۋاتاتتى .چۈنكى ئۇ ئالداندى ،ئۆزى سۆيگەن قىز ،سۈيۈملۈك ئايالى تەرپىدىن ئەرلىك غورۇرى ئالداندى ،ئادىل يىغلىماي يەنە كىم يىغلىسۇن ؟!

داۋامى بار....

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

مەنبەسى 7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-19 16:48:46 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 14:13  

8
ئىككى كۈندىن بېرى ھۇشسىز ياتقان ئېھسان تېخىچە جىددە قۇتقۇزۇش بۈلۈمدە كۈزتىلۋاتاتتى . ھېلقى كۈنى ئۇ مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ باش قىسمى ئېغىر زەخىملىنىپ مانا مۇشۇ ھالەتكە كىلىپ قالغان ئىدى .
—ئادىل نىمىشقا كەلمەيدۇ ،ماۋۇ يەردە بىر ئادەم جان قايغۇسىدا قالسا ئۇ  قارسىنمۇ كۆرسەتمەيدىغۇ —ئادىلنىڭ دادىسى كايىپ تۇرۇپ پەرىزاتقا شۇنداق دېدى .
—مەكتەپكە تەكشۈرۈش كىلدىكەن ، ئىككى كۈندىن بېرى ئۇ بەكلا ئالدىراش ئىشلەۋاتىدۇ ،ئەتىگىچە كىلىپ قالارمىكىن  دادا —پەرىزات شۇنداق دەپ يالغاندىن بىرنى توقىدى ،ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامالى يوق ئىدى .
—قارىسام سىزنىڭ چىرايىڭىزمۇ باشقىچە تۇرىدۇ ،بالا بىلەن بۇ جايدا قىينىلىپ قالىسىز ،بولدى سىز ئۆيگە كىتىڭ ،بۇ جايدا دادىڭىز ئىككمىز بولغاندىكىن بولدى — ئادىلنىڭ  ئاپسى شۇنداق دەپ قولىدىكى پەزىلەتنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويدى .
   ھېلقى ئىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇرغان پەرىزات ئارتۇق گەپ قىلمايلا ،يىغلاپ ئولتۇرغان ئادىلەگە تەسەللىي بېرىپ قۇيۇپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى . ئۇ ئۈمۈد بىلەن ئادىلغا تىلفۇن قىلغان بولسىمۇ ئادىلنڭ تىلفۇنى ئېلىنمىغان ئىدى .  پەرىزات بۇ بىر كېچە يەنە يىغلاپ چىقتى .
   ئەتىسى تاڭ سەھەردە دوختۇرخاندىن ئېھساننىڭ تۈگەپ كەتكەنلىنى ،كىلىپ يۈزنى كۆرۋىلىش ئۈچۈن كەلگەن تىلفۇننى تاپشۇرۋالدى . ئەمما پەرىزات جايىدا قاققان قۇزۇقتەك مىدىرلدپمۇ قويمىدى .كىچىدىن بېرى يىغلاپ يېشى قۇرغان پەرىزات بۇ خەۋەنى ئاڭلاپ بىر تامچە ياش تۆكۈپمۇ قويمىدى .پەقەت يىنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان پەزىلەتكە قاراپ  ئىچىدە نىملەرنىدۇر دەيتى ،بىردە كۈلەتتى .
—بالام داداڭ ئۆلۈپ كەتتى ،مەن ئادىلنى تېپىپ كىلەي  ،ئۇمۇ ئۆلۈپ كەتمىسۇن . ئۇىلاپ تۇر ھە ؟ مەن ھازىرلا داداڭ بىلەن ياغاچ ئاتقا مىنىپ قايتىپ كىلمەن .يىغلماي داداڭ ئىككمىزنى ساقلا ھە بالام —پەرىزات شۇنداق دەپ قولىدا كىچىككنە بىر نەرسىنى سىقىمداپ چىقىپ كەتتى .
—ئېھسان بالامنى تارتىۋالمەن دەيدۇ ،بۇ دېگەن ئادىلنىڭ بالىسى .ئادىل .....ئادىل قېنى سىز ؟ئېھسان بالىمىزنى تارتىۋالمەن دەيدۇ —پەرىزات يول بۇيى بىردە كۈلۈپ بىردە يىغلاپ شۇ گەپنى تەكرارلايتى .
—ئادىلنى كۆردىڭىزمۇ ؟ئۇ دېگەن مېنىڭ ئېرىم ،پەزىلەتىمنىڭ دادىسى .—يولدا ئۇچۇرغانلىكى ئادەمدىن ئۇ شۇنداق سورايتى .كىشلەر ياقىسنى تۇتۇپ ‹‹توۋا ›› دىيىشكىنچە ئۆتۈپ كەتتى .
—ئادىل مېنى ئېھسان ئالدىغان ،مەنمۇ سىزنى ئالدىدىم ،ئېھسان ئۆلدى ،ئەمدى مەنمۇ ئۈلمەن .ئادىل مەن ئۆلگۈچە يېنىمدا تۇرمامسىز ؟ئادىل پەزىلەت سىزنى چاقىرۋاتىدۇ ‹‹دادا ›› دەپ سىزنى چاقىرۋاتىدۇ ، ئادىل سىزنى سۈيمەن ،ئاڭلىدىڭلارمۇ  ؟ مەن ئادىلنى سۆيىمەن .ھا...ھا...ھا
پەرىزات شۇنداق دەپ كۆۋرۈكنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقۋالدى .
—پەزىلەت يىغلىما قوزام ،مەن ئۈچۈن داداڭنى سۆيۈپ قوي .—پەرىزات شۇنداق دېگىنچە ئۆزىنى سۇغا ئاتتى .
ئەتراپتىكى كىشلەر ئۇنى قۇتقۇزۇپ دوختۇرخانغا ئاپارغاندا پەرىزات ئاللبۇرۇن بۇ دۇنيا بىلەن ىوشلاشقان ئىدى .دوختۇرلار ئۇ قولىدا چىڭ سىقىمدىۋالغان تۇمارنى تەسرە ئاجىرتىپ ئۇنىڭ يۈزىنى يېپىۋەتتى .
     ئادىل بىرلا ۋاقىتتا پەرىزات بىلەن ئېھساننىڭ ئۆلۈم خەۋرى ،ئادىلەنىڭ ھۇشىدىن كېتىپ تېخىچە ھۇشىغا كەلمىگەنلىك خەۋىرنى ئاڭلاپ قەيەرگە غايىپ بولغان بولسا شۇ جايدىن قايتىپ  كەلدى .
   ئۇنىڭ كۆرگىنى ئېھسان بىلەن پەرىزاتنىڭ مىيتى ئىدى .ئۇ ‹‹ئايالىم پەرىزات ،قىيىنئىنىم ئېھسان ››دەپ ھازا ئېچىپ يىغلاپمۇ يۈرمىدى ،ياكى ئۇلارنى قارغىمىدى .پەقەت ھازىرغىچە بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئادىلەنىڭ ھۇشىغا كېلىپ دوختۇر ئەمدىلا ئېيتىپ بەرگەن بۇيىدا قالغانلىق خەۋىرنى يىغلاپ تۇرۇپ ‹‹جېنىم ئېھسان ،بالىسنى كۆرەلمىگەن ئېھسان ،دادسنى كۆرمەي تۇرۇپ يىتىم بولغان بالام›› دەپ ھازا ئېچىشلىرغا تەسەللىي بېرىپ قۇيۇپ ،ئاپىسنىڭ قۇچىقىدىكى ‹‹داد...داد...دا ›› دەپ ئۆزىگە ئىنتىلۋاتقان بالىسنى قولىغا ئېلىپ ‹‹جېنىم بالام ،مەن سېنىڭ داداڭ ››دېگىنچە دوختۇرلار پەرىزاتنىڭ قولىدىن ئاجىرتىۋالغان تۇمارنى پەزىلەتنىڭ بوينىغا ئېسىپ قۇيۇپ دوختۇرخانىدىن ئاستا-ئاستا چىقىپ كەتتى .
پەزىلەتنىڭ بوينىدىكى ‹‹ پەزىلەتنىڭ دادىسى ،مىنىڭ بارلىقم  ئادىل  سىزنى بىر ئۆمۈر سۈيىمەن ›› دېگەن خەت  كىچىك قىلىپ يۇملاق شەكىلدە ئۇيۇلغان تۇمار سۇس كۈن نۇرىدا يالتىرايتى
.
تۈگدى .
2014-يىلى10-ئاينىڭ 19-كۈنى


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئوقۇغۇچى تورىغا تەۋە، ئاپتۇرنىڭ ۋە ئوقۇغۇچى مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھپە باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ روخسىتىسىز باشقا مۇنبەرگە ۋە سالۇنلارغا يوللاشقا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-10-18 19:05:01 | ئايرىم كۆرۈش
ئەستاخپۇرۇللا كۈلكە خانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرگە يوللىغان تىمىلارنى تەھرىرلەشكە بولمايتى، باشتىكىسىمۇ بىر ئوبدان تۇرمامتى؟
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-18 19:14:17 | ئايرىم كۆرۈش
مۇناجات يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 19:05
ئەستاخپۇرۇللا كۈلكە خانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرگە يوللىغا ...

راسىت بۇنى بىلەتتىم .ئەمما دەسلىپىدە تىمىغا ‹‹مۇكاپاتلىق ›› دەپ قىستۇرۇپ قۇيۇپتىمەن كىيىن ئويلاپ باقسام بۇ ئانچە قاملاشماپتۇ ،شۇڭا ‹‹مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسگە ›› دەپ ئۆزگەرتىپلا يوللىۋەتتىم .پەقەت مۇشۇ جاينىلا ئۆزگەرتكەن ئىدىم .

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

10#
ۋاقتى: 2014-10-18 19:21:20 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-18 19:22  

يەنە بىر  ئىسل ئەسەر بىلەن يۇز كورشدىكەنمىزدە .........
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

11#
ۋاقتى: 2014-10-18 19:43:59 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي .ئىسىت پەرىزات......ئىھساندىنمۇ قىلشمايدىغان قىزكەن ئىچندىم .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

12#
ۋاقتى: 2014-10-18 20:45:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى باشلىنىپتۇ. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.

27

تېما

333

يازما

1827

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 420
يازما سانى:
333
تىللا:
1293
تۆھپە:
55
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
42 سائەت
ئاخىرقى:
2015-11-30

نادىر تىما مىدالى

13#
ۋاقتى: 2014-10-19 01:51:01 | ئايرىم كۆرۈش
مۇكاپات سىزدىن ئايلانسۇن
بىر قۇچاق ئازاپنى كەتتىڭ قالدۇرۇپ،ئاخىرقى كۈتۈشنى قىلىپ ئامانەت.....

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

14#
ۋاقتى: 2014-10-19 09:49:41 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى باشلىنىپتۇ.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

15#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-19 10:55:37 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 09:49
ناھايىتى ياخشى باشلىنىپتۇ.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

سىزنى بولسىمۇ تەكلىپ پىكىرنى ئايماي ئەستايدىل ئىنكاس يازارمىكىن دېسەم سىيرىپلا ئۆتۈپ كېتىپسىزدە...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

16#
ۋاقتى: 2014-10-19 11:00:01 | ئايرىم كۆرۈش
كۈلكە يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 10:55
سىزنى بولسىمۇ تەكلىپ پىكىرنى ئايماي ئەستايدىل ئىنكاس ...

ئۇنداق ئەمەس جانىم،ئاخشاملا كۆرگەنتىم.ئىنكاس يازماسلىققا كۆڭلۈم قويمىدى.لىكىن كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس.مۇشۇ ئىنكاسنىمۇ نەچچە ئۆچۈرۈپ يازدىم.شۇنچە قاملاشمىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ....
ئۆزۈمغۇ تېما يىزىش دىگەندىن يىراقلاپ كەتتىم ھازىر،ئىلھام دىگەن يوقلا.كونا تېمىغا قاراپ ئولتۇرىمەنغۇ شۇ
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:38 , Processed in 0.166668 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش