|
پوۋىسىتنى تولۇق تۆت قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. پوۋىسىت ئوبرازلاشتۇرۇش، تەسۋېرلەشتۈرش ۋە ئوبىيىكىتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە خېلىلا يۇقىرى سەۋىيە بىلەن يېزىلغان بۇ پوۋىسىت ۋەقەلىكنىڭ دولقۇنسىمان، پىكىرلەرنىڭ چوڭقۇر ھەم قايىل قىلارلىق، جۈملە، دىئالوگلارنىڭ راۋان، سۈزۈكلۈكىدىن دىللار سۆيۈنمەي قالمايدۇ. قىسقىسى مەن بۇ پوۋىسىتنى ھەقىقەتەن مۇۋاپپىقىيەتلىك چىققان دەپ قارايمەن.
پوۋىسىتتىكى تۆت ئوبراز ئاساس قىلنغان ھالەتتە ئىپادە تاپقان تۇرمۇش كارتىنىسى گەرچە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بولسىمۇ ئەمما كىشىگە ئاچچىق بىر ساۋاقنى ئەسلىتىپ ئۆتمەي قالمايدۇ. ئاخىرىدىكى تىراگىدىيە كىشىنىڭ يۈرىكىدە تاش بولسىمۇ ئېرىتمەي قالمايدۇ. ئەسەرنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى بىلەن مۇبارەكلەيمەن! مەزكۇر ئەسەرنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.
ئەسەردىكى مېنىڭ بايقىغىنىم ئازراق ۋەقەلىك سەل تۇرمۇشتىن يېراقلاپ كېتىپ قالغاندەكلا تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. يەنە يېغلاپ تۇرۇپلا كۈلۈپ كېتىشى دېگەندەك.
يەنە بىرسى بىر يەردە پەرىزات شۇنداق دېدى دېيىلمەي پەزىلەت شۇنداق دېدى دەپ ئالمىشىپ قالغان. مەنچە ئەسەر ھەقىقەتەن سۈپەتلىك ھەم كىشىلەر قەلبىنى ئويغا سالغۇدەك چىققان. |
|
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.
|
|
|
|
|