|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قوشماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-1 14:53
شۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلىق چاغلار نىمىدىگەن گۈزەل ھە ،
بىر نان تاپساق تەڭ يەپ،بەش مولۇق گازىرنى تەڭ چىقىپ،مەكتەپتىن قاچساق تەڭ قىچىپ .......ئەجەپ ئەسكى ئوقۇپتىكەنمەن ئەينى يىللىرى خانىمنىڭ ۋىلىسپىتىنى ئەپ قىچىپ نەمۇنە چاپتۇتۇپ ئۇيناپ يىلى چىقىپ كەتسە ئاستا تۇختۇتۇپ قۇياپ.
بىر چاغدا 4 بالا تەڭ قىچىپ بىر باغدا قارتا ئويناۋاتساق خانىم قۇغلاپ كەپ قالدى تۆتىمىز تۆت تەرەپكە بۈلۈنۈپ قىچىپ كەتتۇق،ئارىدىن بىر شەپشەك دوستىمىز ئارقىدىن چىقىپ ۋەلىسپىتنىڭ يىلىنى چىقىرۋىتىپتىكەن ،خانىم ۋىلىسپىتنى مىنەلمەي يىتىلەپ يىغلىغىنچە مەكتەپكە قايتىپ كىتىپتىكەنتۇق،ئەتىسى بارساق سۆگەتنىڭ شىۋىقى بىلەن 2 دىن ساغانتى دەرىستىن چۈشۈپ يەنە قىچىپ كەتتۇق.ئەتىسى كەلسەك يەنە بىر ئىغىز گەپ قىلسا يەنە قاچاتتۇق......ئۇدا ھەپتە قاچساق ئاخىردا بۇ تۆتىمىزنى باشقۇرۇپ بولالماي 4 ئەمەلدار قىلىپ قۇيغانتى ،.شۇنىڭ بىلەن قاچماي ياخشى ئادەم بوپ كەتكەنتۇق،
ھازىرمۇ يۇرتقا چۈشۈپ قالسام ئاشۇ خانىمنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئۈيۈمگە بارىمەن .مىنى كۈرۈپ قالسا يىراقتىن ۋاي بالام دەپ يۈگۈرۈپ كىلىپ ھال ئەھۋال سوراپ كىتىدۇ،بىر مۇنچە پاراڭلىشىپ ئۆتكەن كەچكەن ئىشلارنى سۆزلىشىپ كۈلۈپ كىتىمىز،مەن بولسا خجىللىقتىن قىزىپ كىتىمەن ،............ |
|
|
|
|
|
|