ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

گۈل تاجىغا نېمە قىلدى؟(چۆچەك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-12 11:55  


ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرسىدە ئادىل شاھ دەيدىغان بىر پادىشاھ بار ئىكەن. ئۇنىڭ قىرىق بىر ۋەزىرى بار ئىكەن. پادىشاھ قىرىق بىرىنچى ۋەزىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن، بارلىق مەسلىھەت ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىنى شۇ ۋەزىرنىڭ كېڭىشىدىن ئۆتكۈزۈپ قىلىدىكەن. بۇ ۋەزىرنىڭ ئېتى قاسىم ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ:
-قاسىم، مەن سەندىن ئۈچ نەرسىنى سورايمەن، ئەگەر توغرا جاۋاب بەرسەڭ، ئوڭ قول ۋەزىرلىككە تەيىنلەيمەن؛ ئەگەر جاۋاب بېرەلمىسەڭ، دارغا ئاسىمەن، -دەپتۇ.
-خوپ شاھىم، -دەپ تەزىم قىلىپ تۇرۇپتۇ ۋەزىر.
-دۇنيادا نېمە قاتتىق، -دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
-پولات قاتتىق، -دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىر.
-بۇنى قانداق ئىسپاتلايسەن؟
جاۋابىم توغرا كەلگەن ئوخشايدۇ. دەپ ئويلىغان ۋەزىر:
-پولاتتىن ياسالغان ئەسۋابقا ھېچقانداق نەرسە توغرا كەلمەيدۇ، -دەپتۇ.
-خوپ، يۈگۈرۈكلۈكتە نېمە يۈگۈرۈك؟ !
-نەسىللىك، ياخشى ئاسراپ بېقىلغان ئارغىماق.
-تاتلىقلىقتا نېمە تاتلىق؟
ھەسەل بىلەن ناۋات تاتلىق.
سوئالنىڭ جاۋابىدىن قائەتلەنمىگەن شاھ:
-جاللات! -دەپ ۋارقىراپتۇ.
-جاللات قان تېمىپ تۇرغان قىلچىنى يالىڭاچلاپ:
-كىمنىڭ ئەجىلى توشتىكىن شاھىم؟ -دەپ يېتىپ كەپتۇ.
-قاسىم ۋەزىرنىڭ، -دەپتۇ شاھ غەزەپ بىلەن، -مېنىڭ تۇزۇمنى يەپ، ئۈچ ئېغىز سۇئالىمغا تۈزۈككىنە جاۋاب بېرەلمىگەن ھارام تاماقنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىڭلار!
تۇيۇقسىز ئۆلۈم گىردابىغا چۈشۈپ قالغان ۋەزىر يىغلاپ تۇرۇپ:
-شاھىم، ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بەرسىڭىز، سوئالىڭىزغا جاۋاب تاپسام، -دەپ يېلىنىپتۇ.
باشقا ۋەزىرلەرمۇ بۇ قىسمەتنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ قاسىم ۋەزىرنىڭ ئۆتۈنۈشىنى قۇۋۋەتلەپتۇ. شاھ:
-خەير، ئۈچ كۈنگىچە تاپالمىساڭ، بېشىڭ ئۆلۈمگە، مال-مۈلكۈڭ خەزىنىگە، -دەپ ھۆكۈم قىلىپتۇ.
ئۆلۈپ-تېرىلگەن ۋەزىر شاھنىڭ ئالدىدىن چىققان پېتىچە ئۆيىگە كېلىپ، ئىشىكنى تاقاپ كىشىگە كۆرۈنمەي ئىككى كۈننى تۈرلۈك ئۆي بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ۋەزىر ئايالىنى ھەم قىزىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا پادىشاھنىڭ ئۈچ سۇئالغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۈگۈن ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ رازىلىق سوراپتۇ. دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان قىز:
-پادىشاھنىڭ سوئالىنى مەنمۇ بىر ئاڭلاپ باقسام، -دەپتۇ. ۋەزىر بۇ گەپكە ئاچچىقلىنىپ، قىزىغا كايىماقچى بوپتۇ. بىراق بارى يوقى بىر قىز بولغاچقا، تەرسالىقىدىن يېنىپ، پادىشاھنىڭ سوئالىنى قىزىغا بىرمۇ بىر دەپ بېرىپتۇ.
قىز پىسىڭڭىدە بىر كۈلۈپ قويۇپ:
-ھېلىمۇ پادىشاھنىڭ ئىنساپى بار ئىكەن، -دەپتۇ.
-بۇ نېمە دېگىنىڭ قىزىم؟ -دەپتۇ ھەيران بولۇپ ۋەزىر.
-ھەقىقەتەنمۇ، پادىشاھنىڭ كۆزلىگىنىدەك جاۋاب بېرەلمەپسىز، ھېلىمۇ كەچ ئەمەس، بېرىپ «بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى قىزىم بەرسە بولامدۇ؟ » دەپ پادىشاھتىن سوراڭ، -دەپتۇ.
ۋەزىر قىزىنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ:
-بولىدۇ، -دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ۋەزىر ئۆيىگە كېلىپ پادىشاھنىڭ رۇخسەت قىلغىنىنى ئېيتىپ، قىزىنى ئوردىغا باشلاپ بارماق بوپتۇ. قىز:
مېنىڭ ھاجىتىم پادىشاھقا چۈشكىنى يوق، پادىشاھنىڭ ھاجىتى ماڭا چۈشۈپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭمۇ دېگىنىمنى ئورۇنلىسا، ئوردىغا بارىمەن، بولمىسا پادىشاھ ئۆزى كېلىپ جاۋاپ ئالسۇن، -دەپتۇ.
ئىلاجىسىز قالغان ۋەزىر قىزىنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ بۇ ئىشقا ھەيران قېلىپ:
-قىزىڭنىڭ ھەر قانداق شەرتى بولسا ئورۇندايمەن، -دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز:
-مېنىڭ شەرتىم-پادىشاھ بىزنىڭ ئۆيىمىزدىن ئوردىغىچە پايانداز سالسۇن ھەم ئون كىشىلىك قىز كىيىمى ئەۋەتسۇن، -دەپتۇ.
پادىشاھ قىزنىڭ سورىغىنىنى تەل قىپتۇ، ئاندىن قىز ئۆزىنىڭ دوستلىرى بىلەن ئوخشاش كىيىنىپ ئوردىغا كىرىپتۇ.
شاھ قىزلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىغاندا، ۋەزىرنىڭ قىزى ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ:
-سوئالىڭىزنى سوراڭ، -دەپتۇ.
پادىشاھ سوئالنى تەكرارلاپتۇ. قىز:
-دۇنيادا ھەممىدىن يوقسۇزلۇق قاتتىق؛ ھەممىدىن كۆڭۈل يۈگۈرۈك؛ ھەممىدىن بىر-بىرىگە سادىق ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببىتى تاتلىق، -دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
شاھ:
-سىز بىر دۆلەتمەن ۋەزىرنىڭ قىزى، ھەممە نەرسىڭىز تولۇق. يوقسۇزلۇقنىڭ قاتتىقلىقىنى نەدىن بىلىسىز؟ -دەپ سوراپتۇ.
راسىت ئېيتتىڭىز شاھىم، بىزنىڭ ئۆيدە ھەممە نەرسە ھاجەتتىن ئاشقۇدەك تولۇق، لېكىن قازىنىمىز بىر ئىدى. بىر كۈنى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان كېلىپ قېلىپ، قازان سوراپ كىرىپتىكەن بەردۇق. ئۇلار خوش بۇلۇشۇپ ئاشقا تۇتۇش قىلغاندا بىزنىڭمۇ ئۆيىمىزگە مېھمان كېلىشتى. غىزا قىلايلى دېسەك قازان يوق، قىلمايلى دېسەك ئىززەتلىك كىشىلەر ئىدى. ئاخىرى قازاننى قايتۇرۇپ چىقىشتۇق. بىچارىلەر چوقۇرۇشۇپ قالدى. يوقسۇزلۇقنىڭ قاتتىقلىقىنى شۇنىڭدىن بىلدىم.
-كۆڭۈلنىڭ يۈگۈرەكلىكىنى نەدىن بىلدىڭىز؟
ھەر قانداق ئادەم ئۆزى بىر قەدەم ماڭغىچە، كۆڭۈل دۇنيانى ئايلىنىپ چىقىدۇ. شۇنىڭدىن بىلدىم.
-سىز نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
-ئون ئالتە ياشقا ،
-ياتلىق بولدىڭىزمۇ؟
-ياق، بۈگۈنگىچە نامەھرەمنى كۆرگەن ئەمەسمەن.
-ئانداق بولسا، بىر-بىرىگە سادىق ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببىتىنىڭ تاتلىق بولىدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسىز؟
-بۇنى مەن دادام بىلەن ئانامنىڭ مۇھەببىتىدىن بىلدىم. مەن كىچىك ئىدىم. بىر كۈنى ئانام بىلەن دادام ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالدى، دادام ئانامنى ئۇرۇپ، بىر قولىنى كۆكەرتىپ قىمىرلىتالماس قىلىپ قويدى. شۇ كۈنى مەن ئانامنىڭ ئىچىدە ياتتىم. تۈن يېرىمىدا ئويغانسام ئانام يوق، ئىزلەپ چىقسام، دادام بىلەن شىپاڭدا ئۇخلاپ قاپتۇ، ھېلىقى دادام كۆكەرتىپ قويغان قولى ياستۇقنىڭ ئورنىنى ئاپتۇ. بۇنى شۇنىڭدىن بىلدىم.
-خوپ، جاۋابىڭىز توغرا بولدى. ئەمدى يەنە بىر گېپىم بار ئۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟ -دەپتۇ شاھ.
-ئاڭلاپ باقاي-دەپتۇ قىز.
-مەن سىزنى ئوردىنىڭ تۆرىگە گۈل قىلماقچىمەن؟
-شاھىم، -دەپتۇ قىز، -سىز بۇ نىيىتىڭىزىن يېنىڭ. ئەگەر قەتئىي قارارغا كەلگەن بولسىڭىز، مېنىڭ ئىككى تۈرلۈك شەرتىم بار، شۇنىڭ بىرسىنى ئويلاپ كۆرۈڭ، -دەپتۇ قىز.
-ھەر قانداق شەرت بولسا ئورۇنداشقا تەييارمەن، -دەپتۇق شاھ كۆرەڭلەپ.
-ئانداق بولسا ئوردا ئەھلى گۇۋاھ بولسۇن، مېنىڭ بىرىنچى شەرتىم، دۇنيادا غەمسىز كىشى بارمۇ؟ بولسا، بىرنى تېپىپ بېرىڭ، ئەگەر بۇنى تاپالمىسىڭىز، گۈل تاجىغا نېمە قىلدى؟ شۇنى دەپ بېرىڭ؟ ئاندىن كېيىنكى ئىختىيار دادام بىلەن ئانامدا، -دەپتۇ قىز.
ئوردا ئەھلى بىلەن قىزنىڭ ئالدىدا خىجىللىقتا ئولتۇرغان شاھ تەختتىن چۈشۈپ قاسىم ۋەزىرنى ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، قەلەندەر جەندىسىنى كىيىپ، توققۇز ئايلىق مۆھلەت بىلەن يولغا چۈشۈپتۇ.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپتۇ، شەھەرمۇ شەھەر، تاغۇ-تاشنى ئاختۇرۇپ، بىرمۇ غەمسىز كىشىنى تاپالماپتۇ. ئاخىرى بىر پادىچىغا يولۇقۇپ، «مۇشۇنىڭ غېمى بولمىسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ-دە، قېشىغا بېرىپ:
-پادىچى دوستۇم، سېنىڭمۇ غېمىڭ بارمۇ؟ -دەپ سوراپتۇ.
-مېنىڭ غېمىمگە دۇنيادىكى ھەممە كىشىلەرنىڭ غېمى ياماقمۇ بۇلالمايدۇ. مال يوقالسا، پۈتۈن ئۆمرۈم بايغا بېقىندى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا كېلىدىغان تىل-تاياق، ئاھانەتچۇ، -دەپتۇ. پادىچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان پادىشاھ غەمسىز كىشىنى تېپىشقا كۆزى يەتمەپتۇ-دە، ئاخىرى قىزنىڭ ئىككىنچى شەرتىنى ئورۇنداشقا بەل باغلاپتۇ.
شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ يۈرۈپ، ئۇچرىغانلا كىشىدىن «گۈل تاجىغا نېمە قىلدى؟ » دەپ سوراپتۇ. ھېچكىم بۇ تۈگۈننى ئويلاپ يېشەلمەپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. كوچىلارنى ئايلىنىپ بىر مۇساپىرخاننى تېپىپ چۈشۈپتۇ. ئاخشىمى يەنە بىر مۇساپىر بىلەن بېشىدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ئېيتىشىپ كېلىپ ئاخىرى «ھېلىقى گەپنى بىر سوراپ باقايچۇ» دەپ سورىغانىكەن، ئۇ مۇساپىر ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ:
-سەن يامان يولغا كىرىپ قاپسەن، -دەپتۇ.
-بۇ گېپىڭدىن ھېچ نەرسە چۈشىنەلمىدىم، -دەپتۇ پادىشاھ.
-بۇنى چۈشىنىش ئوڭاي ئەمەس، بېشىڭدىن كېچىشىڭ لازىم، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى مۇساپىر.
-مەيلى، كەچسەممۇ كېچەي، ئەمما نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىر ئۇقاي، -دەپ يالۋۇرۇپتۇ پادىشاھ.
-خوپ بولمىسا بۇندىن ئون كۈنلۈك يىراقتا بىر شەھەر بار، ئۇ مېنىڭ يۇرتۇم، سەن سورىغان گەپ خۇددى شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھسى بىلەن مەلىكىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئىدى. بۇنىڭ تېگى-تەكتىنى شۇ پادىشاھ بىلىدۇ. ئەمما بۇ ئىشنىڭ سىرىنى سورىغان ئادەمگە بىرىنى قويماي دەپ بېرىدۇ، دەپ بولۇڭلا ئاڭلىغان ئادەمنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ، مېنىڭ ئىنىممۇ شۇ سەۋەبتىن ئۆلگەن، مەن دەرتكە پايلىماي قەلەندەر كىيىمىنى كىيىپ شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ يۈرۈيمەن، -دەپتۇ.
ئەتىسى پادىشاھ ھېلىقى مۇساپىر بىلەن خوشلىشىپ، گۈل تاجىنىڭ شەھىرىگە قاراپ يول ئاپتۇ. ئون كۈندىن كېيىن ئۇ شەھەرگە كەپتۇ. ئۇياق-بۇياققا قارىماي ئۇتتۇر پادىشاھنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ.
پادشاھ تۇرۇپ كېتىپ:
-مەن سىرىمنىڭ ئەتراپقا يېيىلىشىدىن قورقاتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بېشى دارغا ئېسىلغان. مەن يوشۇرغان بلەن ئۇ ئىش ئاللىقاچان چەتكە تارالغان ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇ قىز بۇ سىرنى بىلمىسە ماڭا شەرت قىلىپ قويماس ئىدى، بوپتۇ، مەن ساڭا قىزنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن ھەممىنى دەپ بېرەي، لېكىن سەن قىزنى ئېلىپ گۈلنى ئۈزۈشكە ئالدىراپ كەتمە. ئالغان كۈنۈڭ قۇرۇق ساندۇقنى ئەكىرىپ قىزغا كۆرسىتىپ، ئاغزىنى مۆھۈرىڭ بىلەن بېكىت، كېيىن شىكارغا ئاتلان ۋە قىزغا: «مەن يەتتە يىللىق ئوۋغا ماڭدىم، مەن كەلگىچە بالام ئالتە ياشقا كىرسۇن، ساندۇق تىللارغا توشسۇن، ئېتىمنىڭ يېنىدا مېنىڭ ئېتىمغا ئوخشاش يەنە بىر ئات باغلاقلىق تۇرسۇن، ئۆز ئېتىم بىلەن ئۇ ئاتنى ئايرىيالماي قالاي، مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئورۇنلىمىساڭ بېشىڭ ئۆلۈمگە دەپ ئارقىغا قارىماي چىقىپ كەت. قىز سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ھالاللىق بىلەن ئورۇندىيالىسا، ئۆمرۈڭنى شۇ قىز بىلەن ئۆتكۈز، -دەپتۇ ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىسىگە كۆچۈپتۇ، -ماڭا بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاتا مىراس، ئېتىم تاجى، دادام ئۆلگەندىن كېيىن شىكارغا چىقىپ قايتىشىمدا بىر پادىچىنىڭ قىزىغا كۆيۈپ قالدىم. كىشى قويسام پادىچى: «قىزىمىز ئوردىنىڭ خىلى ئەمەس» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئاچچىقىم كەلدى، زورلاپ نىكاھىمغا ئالدىم. قىزنىڭ ئېتى گۈل ئىدى، شۇ كۈندىن باشلاپ بارلىق يارلىققا قىزنىڭ ئىسمىنىمۇ قوشۇپ «گۈل تاجى پادىشاھ» دەپ يېزىشنى بۇيرۇدۇم. لېكىن قىز قىرىق كۈنگىچە ئۆزىگە يېقىن يولاتمىدى. قاتتىق قوللۇق قىلماقچى بولغانىدىم، قولىغا پىچاق ئېلىپ «ئۆلۈۋالىمەن» دەپ قورقۇتتى. «ئاسقىدا گۆش بولسا، بىر كۈن مېھمانغا ياراپتۇ» دېگەندەك، بۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسقېتىپ قالار، دەپ ئىختىيارىغا قويۇپ قويدۇم. بىر كۈنى كۆزۈم سەل ئۇيقۇغا ئېلىنغانىدى، مېنى يەلپۈپ ئولتۇرغان ئىككى كېنىزەك سۆزگە كىرىشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ بىرسى: «پادىشاھ ئۆز كۈچىگە سۈيۈنۈپ ئىككى بىچارىنى ئوتقا سالدى» دېدى، يەنە بىرسى: «نەدىكىنى، پادىشاھ ئۆزىنى ئۆزى ئوتقا سالدى. ئۇلار كۈندۈزى ئايرىلغاندەك قىلغان بىلەن كېچىسى پەيت تاپسىلا بىللە» دېدى، مەن سەكرەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئىككى كېنىزەككە قاراپ: «ھازىر ئېيتقان گېپىڭلارنى يەنە بىر ئېيتىڭلار» دەپ قىستىدىم. ئۇلار مېنىڭ غەزىپىمدىن قورققىنىدىن سىرىنى ئېيتىپ قويدى؛ مېنىڭ كۆزۈم يۇمۇلغاندىن كېيىن، قىز ئۆزىنى ياساپ ئاتخانىغا چىقىدىكەن، ئات باقار ئۇ قىز ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر ئاتنى توقۇپ بېرىدىكەن. قىز شۇ ئاتقا مىنىدىكەن-دە، شەھەرنىڭ تېشىدىكى غارغا بارىدىكەن. يىگىتى ئۇنى شۇ يەردە كۈتىدىكەن. مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككىنچى كۈنى قىزنىڭ ئىزىغا چۈشتۈم. شۇنداق قىلىپ، غارغا باردىم. ئاخىرى چىداپ تۇرالماي، يىگىت بىلەن ئېلىشىپ قالدىم، كېيىن چېلىشتۇق. قىز بولسا مېنىڭ پۇتۇمغا تاش ئىرغىتىپ يىگىتنىڭ ئايىغىغا ئېتىكى بىلەن قۇم تۆكەتتى. تاڭغا يېقىن پادىچىنى يىقىتتىم، ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ قىلىچىمنى كۆتۈرگەنىدىم، قىز ئۆزىنى يىگىتە ئاتتى ۋە «ئاۋۋال مېنى ئۆلتۈر، ئاندىن كېيىن بۇنى نېمە قىلساڭ ئىختىيارىڭ» دېدى. قىزنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇم بارمىدى، ئىككىلىسىنى ئالدىمغا سېلىپ ئوردىغا قايتتىم، شۇندىن بۇيان ئۇلارنى ئىككى قەپەزگە سېلىپ ئۆز ئۆيۈمدە ساقلايمەن. مەن قىزنىڭ جامالىنى كۆرگىنىمگە خۇش، قىز بىلەن يىگىت بىر-بىرىنىڭ تىنقىنى ئاڭلىغىنىغا خۇش، گۈل تاجىغا شۇنى قىلدى، -دەپ ھوشىدىن كېتىپتۇ.
موساپىر پادىشاھ تاجى پادىشاھنىڭ بېشىدىن يۆلەپ دورا پۈركۈپ ھوشىغا كەلتۈرۈپ، خوشلىشىپتۇ. ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ قاسىم ۋەزىرنىڭ قىزىغا گۈل تاجى ۋەقەسىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن قىرق كېچە-كۈندۈز توي قىلىپ، مەلىكىنى نىكاھىغا ئېلىپ، بوسۇغىدىن كىرمەي تۇرۇپ ساندۇقنى بېكىتىپ، ئاتنى مىنىپ، بالا ھەققىدىكى گېىنى تاپىلاپ، شىكارغا كېتىپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان قاسىم ۋەزىر يەنە تەشۋىشكە چۈشۈپتۇ. مەلىكە دادىسىغا تەسەللى ئېيتىپ، قىرىق كېنزەك تەييارلاپ ئەرچە كىيىندۈرۈپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. قاسىم ۋەزىر قىزنىڭ دېگىنىنى تەل قىلىپ بېرىپتۇ. مەلىكە كېنىزەكلىرى بىلەن يۈزگە يېقىن لەشكەرنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ شىكارگاھىنىڭ قارشىدىن چىقىپتۇ.
پادىشاھ قارىسا ئۇزۇن سايدا بىرمۇ كىيىك كۆرۈنمىگۈدەك. بۇ چاغدا مەلىكە ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلغان بىر كىيىكىنى دەرھال بوشىتىپ قوغلاپتۇ، كىيىك قورققىنىدىن ئۆزىنى سايغا ئېتىپتۇ.
پادىشاھ بىر كىيىكنىڭ چېپىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، لەشكەرلىرىگە:
-كىيىكنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، قاچۇرماي تۇتۇڭلار! -دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ.
پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرى كىيىكنى ئۈزۈكنىڭ كۆزىدەك ئوتتۇرىغا ئېلىۋاپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ:
-كىيىكنى تىرىك تۇتۇڭلار، كىم قاچۇرسا شۇنىڭ بېشى ئۆلۈمگە، -دەپ ھۆكۈم قىلىپتۇ.
لەشكەرلەر كىيىكنى قىستاپ كەپتۇ. شۇ ۋاقىتتا كىيىك بىرلا سەكرەپ پادىشاھنىڭ بېشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مەلىكە تەرەپكە قېچىپتۇ.
مەلىكە كىيىكنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، چېدىر بارگاھلىرىنى تىكىپ ئورۇنلاشقانىكەن.
كىيىك كەلگەن پېتىچە ئۇتتۇر مەلىكىنىڭ بارگاھىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىدىن قايتالمىغان پادىشاھ ئەسكەرلىرىگە:
-كىيىكنى يالغۇز ئۆزۈم قوغلايمەن، ھېچكىم مېنىڭ ئارقامدىن كەلمىسۇن، -دەپ يۈرۈپ، كىيىكنىڭ ئىزىدىن مەلىكىنىڭ بارگاھىغا كەپتۇ. مەلىكىنىڭ مەخسۇس كىشىلىرى پادىشاھنى ئاتتىن چۈشۈرۈپ، مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ.
پادىشاھ قارىسا ھەشەمەتلىك بارگاھتا يۈزى نىقابلانغان بىر پادىشاھ ئولتۇرغۇدەك. پادىشاھ ئەدەب-قائىدە بىلەن تۇرۇپ:
-مەن بىر كىيىك ئوۋلىغانىدىم، مېنى غەپلەتتە قويۇپ ئالدىمدىن قاچتى، قوغلىغانىدىم، سىزنىڭ بارگاھىڭىزغا كىرىپ غايىپ بولدى. مېنى ئۆزۈڭىزگە مېھمان دەپ تونۇسىڭىز شۇ كىيىكنى بېرىڭ، -دەپتۇ.
-پاناھ ئىزلەپ كەلگەن ھەر قانداق نەرسىنى ئازاپ قىلغۇچىغا بېرىش بىزنىڭ قائىدىمىزدە يوق. تۇرقىڭىزدىن قارىغاندا، سىزمۇ بىر مەملىكەتنىڭ شاھىدەك كۆرۈنىسىز. سىزگە ئەگەر مالال كەلمىسە، ئىككىمىز شاھمات ئوينايلى. ئۇتۇۋالسىڭىز ئېلىڭ، مەن ئۇتۇۋالسام سىز نېمە بېرىسىز؟ -دەپتۇ.
پادىشاھ كۆڭلىدە: «بۇ پادىشاھ مېنىڭ شاھماتكە ئۇستىلىقىمنى بىلمىسە كېرەك، ئەگەر بىلگەندە ماڭا بۇ شەرتنى قويمىغان بولار ئىدى» دەپ ئويلاپتۇ-دە،
-مەن ھازىر ئۆزۈم بىلەن ھېچنەرسە ئېلىپ كەلمەپتىمەن. خالىسىڭىز، مەن ئۇتتۇرسام ئۈزۈكلۈك مۆھۈرىمنى بېرەي، -دەپتۇ. مەلىكە ماقۇل بولۇپتۇ.
چېدىردا شاھمان باشلىنىپتۇ. پادىشاھ شاھمات تاختىسىدا ئىككى قەدەم ماڭمايلا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ.
ئىزا تارتقىنىدىن قولىدىكى ئۈزۈكنى چىقىرىپ بېرىپ، ئېتىغا مېنىپ، ئۆزىنىڭ چېدىرى تەرەپكە سالپىيىپ مېڭىپتۇ، مەلىكە ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، مۆھۈرلەنگەن ساندۇقنى ئېلىپ چىقىپ، ئاغزىنى ئېچىپ ئىچىنى تىللا بىلەن توشقۇزۇپ، قايتىدىن مۆھۈرلەپ قويۇپتۇ، ئاندىن خىزمەتچىگە:
-بىزنىڭ شاھىمىز سىزنى مۆھۈرىڭىزدىن ئايرىپ قويۇشنى خالىمىغانلىقتىن بۇنى سىزگە ئەۋەتتى دېگىن، -دەپتۇ.
خىزمەتچى تەڭ يولدا شاھقا يېتىشىپ ئۈزۈكنى بېرىپتۇ.
كىيىكنى تۇتىمەن دەپ مۆھۈرىدىن ئايرىلغان پادىشاھ «قايسى يۈزۈم بىلەن شەھىرىمگە بارارمەن؟ » دەپ ئەندىشە قىلغانىكەن. ئۈزۈكنى قولىغا ئېلىپ «جاھاندا مۇنداقمۇ مەرت ئادەملەر بار ئىكەن» دەپ چېدىرغا بېرىپ، ۋەزىرلىرىگە نىقابلىق پادىشاھنىڭ سېخىيلىقلىرىنى سۆزلەپ كېلىپ:
-مەن ئەتە شۇ پادىشاھنى چايغا تەكلىپ قىلسام دەيمەن، سىلەر قانداق قارايسىلەر؟ -دەپتۇ. ۋەزىرلەر رازىلىق بىلدۈرۈپ:
-بىزمۇ سىلىنىڭ چايلىرىنىڭ باھانىسىدا نىقابلىق شاھنى كۆرۈۋۈلىدىكەنمىز-دەپتۇ.
پادىشاھ مەخسۇس ئادەملەرنى نىقابلىق پادىشاھنى چايغا تەكلىپ قىلىشقا ئەۋەتىپتۇ. مەلىكە ماقۇل بوپتۇ. ئەتىسى مەلىكە بىر قانچە سىرداش ئادەملىرىنى ئېلىپ چايغا كەپتۇ.
مېھماندارچىلىق قىزىغاندا، پادىشاھ مەلىكىگە:
-شاھماتنى يەنە بىر ئوينىساق، -دەپ تەكلىپ قىپتۇ. مەلىكە:
-ماقۇل، بۇ نۆۋەت ئۇتتۇرسىڭىز نېمە بېرىسىز؟ -دەپتۇ.
-سىز نېمە خالىسىڭىز شۇنى بېرەي، -دەپتۇ.
-مەن بۈگۈن ئويۇن بولماس دەپ ھېچنېمە ئالماي كەپتىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى تىكىمەن، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى تىكىڭ، مەن ئۇتۇلسام سىزگە قۇل بولاي، سىز ئۇتۇلسىڭىز ماڭا. . . دەپتۇ. پادىشاھ:
-ماقۇل، -دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە شاھمات باشلىنىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا پادىشاھنى يەنە ئۇتۇۋاپتۇ. مەلىكە ھۇجرىنى خالى قالدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ دولىسىغا تامغىسىنى بېسىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ئىشتىن ئەلەم تارتقان پادىشاھ مەلىكىنى ئۇزۇتۇپمۇ چىقماپتۇ.
ئەتىسى مەلىكىنىڭ ئادەملىرى پادىشاھنى چايقا چاقىرىپ كەپتۇ. پادىشاھ چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، يېقىن ئادەملىرىنى ئېلىپ بېرىپتۇ. چاينىڭ ئاخىرىدا ئات تىكىشىپ شاھمات ئوينىشىپتۇ. بۇ نۆۋەتمۇ پادىشاھ ئۇتتۇرۇپ، ئېتىنى بېرىپتۇ، ئۆزى ھەمراھلىرىنىڭ ئېتىغا مىنىپ قايتىپتۇ. مەلىكە ئۇ ئاتنىڭ ئورنىغا دەرھا شۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا بىر ئاتنى ئەۋەتىپ بېرىپتۇ.
پادىشاھ ھەيران بولۇپ: «بۇ ئادەم ئۈزۈكنىمۇ ئەۋەتىپ بەردى. ئۆزۈمنىمۇ ئۇتىۋالدى، ئېتىمنىمۇ ئۇتۇۋالدى، ئۆزۈمنىڭ بولمىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئات ئەۋەتىپتۇ. خېلى مەرت پادىشاھ بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ نىقابلانغان شاھقا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، داغدۇغىلىق چاي قىلىپ يەنە چاقىرىپتۇ.
مەلىكە كەپتۇ. چاي قىزىغاندا يەنە شاھمەتكە چۈشۈپتۇ. بۇ نۆۋەت مەلىكە ھەقىقەتەن يولنى خاتا مېڭىپ ئۇتۇلۇپتۇ. پادىشاھ ناھايىتى خۇش بولۇپ، كۆرەڭلەپ مەلىكىدىن ئۇتۇق سوراپتۇ. مەلىكە:
-مېنىڭ ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان بىر كېنزىكىم بار ئىدى، چېدىرىمغا بېرىپلا ئۇنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي، ئەمما دىلىنى رەنجىتمەڭ، -دەپتۇ-دە، ئۆز چېدىرىغا كېتىپتۇ.
ئەتىسى مەلىكە ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزگەرتىپ پادىشاھ ئالدىغا بېرىپ:
-مېنى پادىشاھىم سىزنىڭ ئەمرىڭىزگە ئەۋەتتى، -دەپتۇ.
پادىشاھ قارىسا ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار بىر قىز. «ۋاي بۇنى مەن نەدە كۆردۈم؟ » دەپ ئويلاپتۇ. كېيىن «كىم بولسا، شۇ بولمامدۇ؟ » بۇ قىز قولۇمغا ئاسانلىقچە كەلدىمۇ دەپ ھۇجرىسىدىن چىقارماپتۇ. ئون كۈن بولغاندا قىز:
-مېنى شاھىمنىڭ ئالدىغا ئەۋەتسىڭىز «بۈگۈن-ئەتىنىڭ ئىچىدە كۆچكۈدەك» دەپ ئاڭلاۋاتىمەن، خوشلىشىۋالسام، -دپتۇ. پادىشاھ:
-ھېچقاياققا مىدىرلىمايسەن، -دەپتۇ. قىز پادىشاھنىڭ ئۇيقۇغا بېرىلگەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىپ، ئېتىغا مىنىپ ئۇتتۇر ئۆز چېدىرىغا كەپتۇ ۋە كىيىمىنى يەڭگۈشلەپ، چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كۆچۈپتۇ.
پادىشاھ ئويغىنىپ قاىرسا قىز يوق، پادىشاھ ئوسال بولۇپتۇ.
ئارىدىن يىللار ئۆتۈپتۇ، مۇددەت توشۇپتۇ، شىكاردىن قايتقان پادىشاھ ئوردىغا كىرىپ مەلىكىنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ-دە:
-ساندۇقنى ئېلىپ كەل، كۆرىمەن، دەپتۇ. كېنىزەكلەر ساندۇقنى ئېلىپ كېلىشىپتۇ.
پادىشاھ قارىسا مۆھۈرلىرى ساق، ئاغزىنى ئېچىپ كۆرسە ئىچىدە لىق تىللا، يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقسا، ئۆز ئېتى باغلاقلىق تۇرغان. قايتىپ كىرىپ بۇ ئىشنىڭ تېگىنى ئويلاپ كۆرۈشكە ئولتۇرغانىكەن، ئالتە ياشقا كىرگەن بىر ئوغۇل كېلىپ: sf
-دادا، شىكاردى كەلدىڭىزمۇ؟ -دەپ تىزىغا ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ جان-پېنى چىقىپ كېتىپتۇ-دە:
-ھوي خوتۇن، بۇ نىېمە ئىش؟ -دەپتۇ.
-نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى مۆرىڭىزدىكى تامغىدىن سوراڭ، -دەپتۇ.
بۇ گەپتىن كېيىن پادىشاھ دەرھال شىكاردا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئەسلەپتۇ-دە، شاھماتتا ئۆزىنى مات قىلىپ قويغان نىقابلىق پادىشاھنىڭ ئۆز خوتۇنى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. خوتۇننىڭ چېچەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىپ، ئەلگە يېڭىباشتىن قىرىق كېچە-كۈندۈز توي-تاماشا قىلىپ بېرىپتۇ. مۇراد-مەقسىتىگە يېتىپتۇ. ساقىلى كۆكسىگە چۈشۈپتۇ.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-5-12 12:33:43 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي توۋا  ،  ئوقۇپ بولغۇچە ئەجەپ جىددىيلىشىپ كەتتىم .
ۋەزىرنىڭ قىزى ھەقىقەتەن دانا ئىكەن .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-12 12:49:22 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-5-12 12:33
ۋاي توۋا  ،  ئوقۇپ بولغۇچە ئەجەپ جىددىيلىشىپ كەتتىم .
ۋە ...

مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ قېلىپ ،بەرگى سالونىغا يوللىغان ئىدىم.ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىمۇ بەك ياخشى بولدى.شۇڭا مۇنبەرداشلارمۇ ھوزۇرلانسۇن دەپ بۇ يەرگە ئەپ كەلدىم .
ۋەزىرنىڭ قىزىنىڭ دانالىقىغا گەپ كەتمەيدۇ زادى
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

0

تېما

48

يازما

163

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 927
يازما سانى:
48
تىللا:
115
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

جانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-5-12 12:56:58 | ئايرىم كۆرۈش
     گۈل تاجىغا نىمە قىلدى  دىگەن ھېكاينىڭ باشقا بىر ۋارىيانتى بار.  يەنى  گۈل سەنۇۋەرگە نىمە قىلدى  ،سەنۇۋەر گۈلگە نىمە قىلدى  دەيدىغان..        مۇنۇ  چۆچەكنىمۇ بۇرۇن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئوقۇغان ئىدىم..   شۇنداق ياخشى ئىدى...     ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كىلىدۇ..  
ھازىرغىچە نەچچە قىتىم نەشىر قىلىنپتۇ. نۇرغۇن ۋارىيانتى چىقىپتۇ.. گەرچە بىر بىرىگە مەزمۇنى  يىقىن كەلسىمۇ  ئىشقىلىپ  يەنىلا ھەممىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن...   
  سىزگە رەھمەت..   يەنە بىر قىتىم ئوقۇۋالدىم..  
ھەممە ئۆز ئەسلىگە تەبئىيلىكىگە قايىتقانغا ئوخشاش  ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ  تۇپراققا قايتقىچىدۇر———شەجەرىم.

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
5#
ۋاقتى: 2016-5-13 16:20:55 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-13 23:24  

(مەن ھازىر ئۆزۈم بىلەن ھېچنەرسە ئېلىپ كەلمەپتىمەن. خالىسىڭىز، مەن ئۇتتۇرسام ئۈزۈكلۈك مۆھۈرىمنى بېرەي، -دەپتۇ. مەلىكە ماقۇل بولۇپتۇ)    مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈممۇ؟ ئۈزۈكلۈك مۆھۈرۈممۇ؟  
مەن كىم؟

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-5-13 23:17:16 | ئايرىم كۆرۈش
ھەجەپ ئەقىللىق  قىز  ئىكەنغۇ  بۇ . ياقتۇرۇپ  ئوقۇدۇم  تەشەككۈر
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-13 23:26:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-13 23:28  

كۆچۈرۈلگەن تېمىلاردا ئەزەلدىن مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىلىپ ياخشى تېمىنى يوللاش تەلەپ قىلىنىپ شۇ بويىچە ئىشى قىلىنىدۇ.بەك گەپ قىلغۇڭلار كىلىپ كەتسە زۇۋانىڭلارنى يىغىپ يۈرسەڭلارمۇ ھېچكىم گاچا دېمەيدۇ.
چۆچەكنى مەن يازمىغانكىن مەزمۇننى ئۆزگەرتمەيمەن.گەپ تامام
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2016-5-16 11:13:24 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ چۆچەكنى  كىچىك چاغلىرىمدا  ئاڭلىغان  رەھمەت  ئاي بەرگى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-5-16 12:06:59 | ئايرىم كۆرۈش

a

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-17 17:56  
زۇھەل0201 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-13 16:20
(مەن ھازىر ئۆزۈم بىلەن ھېچنەرسە ئېلىپ كەلمەپتىمەن. خال ...


http://wiki.izda.com/?a=show&id=616

چىرايلىق سۆزلەشنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەت،ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمىگۈچىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوقلا ئەمەس،باشقىلارنى چىشلەپ تارتىش ھوقۇقىمۇ يوق.ئەمدى ئۇچۇر يېزىشنى توختىتىڭ.
ئەسلى ئادىرىس مانا..تازا قانغۇچە كۆرۈپ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكمۇ؟ياكى ئۈزۈكلۈك مۆھۈرمۇ؟مەن ئۆزگەرتىپ سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇپتىمەنمۇ؟ يا سىز بۇ كاللىڭىز بىلەن چۈشەنمەي قاپسىزمۇ؟پەرىقلەندۈرۋالغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز دىگەندەك بۇنچىلىك كىچىك مۇنبەرگە كىرمىسىڭىزمۇ بولېۋېرىدۇ.بۇ مۇنبەردىكىلەر ئەزەلدىن بىر بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ ،سىلىق-سىپايە گەپ قىلىپ ئۆتىدۇ.سىزدەك تىلى بىلەن تىكەن تېرىيدىغانلار ناھايىتىمۇ ئاز ساندا .ھەم ئۆزىنى قويىدىغانغا يەر تاپالماي ئاستا يوقاپ كېتىدۇ بار بولسىمۇ ...
گەپ تامام.ئەمدى نەقىل ئېلىپ ماڭا ئىنكاس يازماڭ .ھەم ئۇچۇرمۇ يازماڭ.بولمىسا مەنمۇ مۇناسىپ شەكىلدە ئۆزۈمنى ۋە مۇنبەر ئامانلىقىنى قوغداشنى بىلىمەن.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2016-5-17 17:38:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئىئېكايىنى كىچىك كىچىك بەك كىچىك چېغىمدا ئاڭلاپتىكەنمەن،ئەمما ئاخىرقى بۆلىكىنى تامامەن ئۇنتۇغانىكەنمەن،بۈگۈن شۇڭا قالدۇرماي ئوقۇپ چىقتىم.رەھمەت.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 12:29 , Processed in 0.151439 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش