مۇھەببەت سىناقلىرى
ئۆمەرجان ئەمەت تۇغلان
ئوقۇغۇچى مۇنبىرى ئاۋازلىق ئەسەر سەھىپىسىگە مەخسۇس يېزىلغان ئەسەر
ئالىم ھەركۈنى مېڭىپ يادا بولۇپ كەتكەن شەھەر كوچىسىدا كۈنىدىكىگە ئوخشاش ماشىنىسىنى بىرخىل سۈرئەتتە ھەيدەپ ماڭغاچ شىرىنى خىياللار قاينىمىغا غەرق بولدى.
بۇنىڭدىن بىريىل ئىلگىرىكى بىركۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىركۈن بولغانىدى.ئۇ كۈنى ئالىم سەھەردىلا تاكسى ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىرا قىلىش ئۈچۈن چىققانىدى.يول ياقىسىدا تۇرغان بىر قىز ئۇنىڭ ماشىنىسىنى توستى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مېنى دۆڭكۆۋرۈككە ئاپىرىپ قويسىڭىز،- دېدى قىز ئەدەپ بىلەن.
قىزنىڭ بۇ قىزغىنلىق ھەم ئەدەپلىكلىكى ئالىمدا ئۇ قىزغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى شەكىللەندۈردى ھەم كۆڭلىدە ئاجايىپ بىر خىل سېزىم پەيدا قىلدى.ئۇ ھۇشىنى يىغىپ:
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،قېنى چىقىڭ،-دېدى.
ئالىم كېتىۋاتقاچ قىزدىن:
-نەدە ئىشلەيسىز؟- دەپ سورىدى.
-تاللا بازىرىدا ئىشلەيمەن،-دېدى قىز تىزلا جاۋاب بېرىپ.
-ئىسمىم ئالىم،سىزنىڭچۇ؟
-ئاينۇر.
-ۋاقتىڭىز چىققاندا كۆرۈشسەك بولامدۇ؟-دېدى ئالىم جۈرئەتكە كېلىپ.
قىز بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
-بولىدۇ، دۈشەنبە كۈنى دەم ئالىمەن،ساقلاڭ ئەمىسە،-دېدى.
ئالىم ئىنتايىن خۇشال ئىدى.بۇ قىز ئۇنىڭغا بۈلەكچىلا چىرايلىق ھەم مېھرى ئىسسىق كۈرۈنۈپ كەتكەنىدى.ئۇنىڭ ئەدەپلىك ئىكەنلىكىچۇ تېخى...ئۇ كۆڭلىدىكى قىزنى تاپقانلىقىنى ھىس قىلدى.ئۇ بىر كۈرۈپ ياخشى كۆرۈشكە ئەمدى ئىشەنگەنىدى.ھازىرغىچە ئۆزى بىلەن كىچىكىدىن بىلللە ئويناپ چوڭ بولغان قىزلارمۇ ئۇنىڭ قەلبىدە بۇنچىلىك تەسىر قالدۇرمىغانىدى.ئۇ دۈشەنبىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.
ئاخىرى دۈشەنبە كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى.ئالىم سەھەردىلا ئاينۇر ئىشلەيدىغان تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاينۇر چىقتى.ئۇلار ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كىيىن ئالىم:
-قەيەرگە بارغۇڭىز بار؟-دەپ سورىدى.
-كىتابخانىغا بېئىرىپ كېلەيلى،خالامسىز؟-دېدى ئاينۇر.
-ئەلۋەتتە خالايمەن ،سىزمۇ كىتاب ئۇقۇشنى ياخشى كۈرەمسىز؟-دېدى ئالىم خۇشال بولۇپ.
-ھەئە مەن كىتاب ئۇقۇشقا بەك ئامراق ، دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى ئاساسەن كىتابخانىدا ئۆتكۈزىمەن .
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كىتابخانىغا كەلدى ،نۇرغۇن كىتابلارنى كۆرگەندىن كىيىن ھەر بىرى ئۆزلىرى تاللىغان ئىككىدىن كىتابنى سېتىۋالدى.ئالىم ئۆزى ئالغان كىتابنى ئاينۇرغا سوۋغا قىلدى،ئاينۇرمۇ كىتابىنى ئالىمغا سوۋغا قىلدى.بۇ ئۇل؛ئارنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان تۇنجى سوۋغىسى بولۇپ قالدى.
ئولار كىتابىخانىدىن چىققاندىن كېيىن بىر كىچىك تىز تاماقخانىغا كىرىپ چۈشلشك تاماق يىدى.تاماق ئارىلىقدا ئالىم :
-سىززدىن بىر گەپنى سورىسام بولامدۇ؟-دېدى.
-قېنى سوراڭ ؟ -دېدى ئاينۇر ئالىمغا قاراپ.
-سىزنىڭ ياخشى كۆرىغان ئادىمىڭىز بارمۇ؟
-يوق،ئەجەپ بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟
-شۇ ئادەم مەن بولسام بۇلامدۇ؟
-نېمە؟مەن بۇ تەلىپىڭىزگە قۇشۇلمايمەن.سىزنىڭ بىرىنچى قېتىمدىلا قوئويغان كۈرۈشۈش تەلىپىڭىزگە قۇشۇلغىنىم سىزنى ياقتۇرۇپ قالغىنىمدىن ئەمەس.سىزنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنگىنىم.
-ئەگەر سىزنى تەسىرلەندۈرەلىسەمچۇ؟
-قېنى سىناپ كۆرۈڭ.
قىزدىن بۇجاۋابقا ئېرىشكەن ئالىمنىڭ خوشلۇقى ئىچىگە سىغمايلا قالدى.ئۇلار تاماقنى يەپ بۇلۇپلا خوشلاشتى.ئالىم ئاينۇرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن يەنە كىراقىلىش ئۈچۈن ماشىنىسىنى ھەيدەپ يۈرۈپ كەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار كۈندە تېلفۇنلىشىپ تۇرىدىغان،ۋاقتى چىقسا كۈرۈشىدىغان بولدى.ئالىم ھەركۈنى ئاينۇرنىڭ قۇشۇنىڭ قۇشۇلمىغىنىغا قارىماي ئۇنى ئىشقا ئاپىرىپ،ئۆيىگە ئەكىلىپ قۇياتتى.ئالىم بىر نەرسە ئالمىسىمۇ كۈندە ئاينۇر ئىشلەيدىغان تاللا بازىرىغا بېرىپ مال كۈرۈش باھانىسىدە ئاينۇرنى كۆرۈۋالاتتى.ئەتىگە - كەچتە ئاينۇرنى ساقلاش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالغانىدى.
بىر كۈنى كەچتە ئۆيگە كېتىۋاتقاندا ئاينۇر:
-سېزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى بەخىت نىمە؟-دەپ سورىدى.
-مېنىڭ قەلبىمدىكى بەئىئىت ھەركۈنى ئەتىگەن كەچتە سىزنى ساقلاش ھەم سىزنى مەنزىلىزىڭىزگە يەتكۈزۈپ قۇيۇش.
ئالىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاينۇرنىڭ قەلبى بىرخىل ئىللىق ھاياجانغا تولدى.ئالىم ئۇنىڭغا باشقىچە قامەتلىك كۈرۈنۈۋاتاتتى..
شۇنىڭدىن كېيىن ئاينۇرمۇ دائىم ئالىم ئالىمنى ئويلايدىغان،ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ئەسلەيدىغان ،ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاپىرىپ قويغىلى كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان ،دائىم ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ تىلائۇن قىلىپ تۇرىدىغان ، ئەگەر بىرەر كۈن كىلەلمىسە كۆڭلى يېرىم بولىدىغان ،كېچە-كېچىلەپ ئۇنى ئويلاپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى.بۇ ھەرگىزمۇ ئالىمنىڭ ئۇ بىر ئېغىز سۆزىنىڭ تەسىرى بولماستىن ئاينۇرمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئالىمنى ئىشىپ ئالىمنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى.
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ
|