بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-11 12:06
تۇنجى قار
ھىكمەت قاسىم
تۇنجى قار ئۇچقۇنى سۆيەر يۈزۈمنى،
خىياللار ئىلكىدە سېغىنىپ يۈرەك،
مەيلى سەن بىخەۋەر يۈرگىن يىراقتا،
ئۈزۈلمەس كۈيلىرىم ماڭا سەن كېرەك.
سېغىنىپ پىنھاندا يىغلىنىغىنم راست،
تاپالماي چېھرىڭنى كۆرۈشكە ئىمكان.
دەردىمگە تەسەللىي بېرەلمەس ھىچكىم،
قەلبىمدە بىرلا سەن بىرلا سەن ھامان.
مەن كۈتكەن مۇھاببەت بارچە تەسەللىي،
پەقەتلا بار ئىدى سىنىڭ چېھرىڭدە.
تەغدىرىم كۆرۈشكە قىلسىكەن نىسىپ،
يار سىنى تۇنجى قار ياغقان كىچىدە.
گۈزەل يۇرتۇم ئاۋاتتا بۇ يىلغا تەۋە تۇنجى قار ياغقان كۈنى ئۇشبۇ ناخشىنى مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ ئالدىنقى يىلىدىكى تۇنجى قارنى ئەسلىمەكتىمەن ، ئالدىنقى يىلى 1-ئايدا ياغقان ئىدى ،ئۇدا 3-4كۈن ياغقان قار..شۇنچىلىك چىرايلىق قار مەنزىرىسى.. سوغوققا قارىماي قىلىنغان قار سەيلىسى.. تاتلىق ھېسلار خۇشال كۈنلەر .......
|