بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 17:39
ئوقۇغۇچى مۇنبىرى 2014-يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىدە 3- دەرجىگە ئىرىشكەن نادىر ئەسەر. ئوقۇغۇچى مۇنبىرى نامىدىن مەزكۈر ئەسەرنىڭ قەلەم ساھىبىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز. مۇبارەك بولسۇن!
كۆز يېشىڭغا باقمايدۇ دۇنيا
(پوۋىسىت)
-ئاداش ،ئەجەب ئورۇقلاپ قالغاندەك بوپ قاپسىنا،بەك ئىچ كۆيۈكى تارتىپ قالدىڭمۇ –يا؟-دېدى ئۆزۈم خېلى يېقىن دەپ ھېسابلايدىغان دوستۇم يېنىمدا ئولتۇرۇپ ،كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ.
-ياقەي،ئورۇقلاپ كەتكەندەك ئەمەسقۇ؟نەچچە ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش تۇرمامدىم؟-دېدىم ئۇنىڭغا جاۋابەن.
-ئېرىڭنىڭ ئىشلىرىنى ئىچىڭگە سىغدۇرالماي قالغان بولساڭ ،ئىچىڭگە ئېپ كېتىپ تۈگىشىپ كەتتىمىكىن دەيمىنا؟ ھەرقانداق دەرت –ئازابلارنى كۆڭۈلگە سىغدۇرغىلى بولسىمۇ،بۇنداق دەرتنى ئىچىگە سىغدۇرماق بەك تەس...،-دېدى ئۇ قاپاقلىرىنى سوزۇپ.
-نېمە دەرتكەن ئۇ؟نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟بېشىمغا قانداق دەرت كەپتۇ؟ئېرىمگە نېمە بوپتۇ...؟،-دېدىم ئۇنىڭغا،ئاچچىقىمدا ئاۋازىم سەل يۇقۇرى چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك،سورۇندىكى بىرنەچچەيلەننىڭ دىققىتى بىزگە بۇرۇلدى.
-ۋاييەي،ئاداش،‹‹ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمى ئاشكارە››،ھازىر تۆمۈر ئىشتان ئىچىدە ئوسۇرسىمۇ بۇخاراغا ئاڭلىنىدىغان بولۇپ كەتتى.بۇنداق ئىش يالغۇز سېنىڭ بېشىڭغىلا كەلگەن ئەمەس،سىرتتا ئوينايدىغانلار يالغۇز سېنىڭلا ئېرىڭ ئەمەس،ھازىر ئەرخەقلەردە ئىنساپ قالمىغىلى تۇردى.خوتۇن –بالام بار دەپ ئويلىمايدىغان بولۇپ كەتتى...،-ئۇنىڭ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ يا ئىچ ئاغرىتىشقا يا مەسخىرىگە ئوخشىمايدىغان تەلەپپۇزدا ئېيتقان سۆزلىرى ۋاراڭ –چۇرۇڭ ئاۋازلاردىمۇ قۇلۇقۇمغا خېلى ئۈنلۈك ئاڭلاندى.
ئۇ يەر –بۇ يەرلەردە ئانچە –مۇنچە قۇلىقىمغا كىرىپ قالغان گەپ –سۆزلەردىن ،ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تېلىفونىنى قولىغا ئېلىۋېلىپ ئىچكىرى ئۆيدە ياكى سىرتقا چىقىپ كېتىپ سائەت –سائەتلەپ پاراڭلىشىدىغان،تېلىفون قىلىۋاتقاندا قېشىغا كېلىپ قالغۇدەك بولسام ھودۇقۇپ كېتىدىغان ،ماڭا ،بالىلارغا بۇرۇنقىدەك كۆيۈنمەيدىغان،پات –پات ‹‹مەن ئاغىينىلىرىم بىلەن سىرتتا،بالىلار بىلەن ئۇخلاۋەرگىن...››دەپ كېچىلىرى ئۆيگە كىرمەيدىغان، تاپقان پۇللىرىنى يوشۇرىدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن ،نەۋرە سىڭلىمنىڭ (كىچىك ئاپامنىڭ قىزى بولۇپ كىچىكىمىزدە بىر ئۆيدە چوڭ بولغان،بىر قورساق ئاچا –سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتەتتۇق) ‹‹ئاچا،مۇراد ئاكامنىڭ بىر ئايالنى بىرنەچچە قېتىم ماشىنىسىغا چىقىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ››دېگەن سۆزلىرىدىن ،گەرچە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەممۇ، ئېرىمىنىڭ سىرتتا بىرەرسىنى تېپىۋالغانلىقىنى ئانچە –مۇنچە سەزگەن، بىراق بۈگۈنكىدەك دوستلار چېيى بولىۋاتقان مۇشۇنداق بىر سورۇندا ، ئۈزۈم خېلى يېقىن دەپ ھىساپلايدىغان دوستۇمنىڭ ئېغىزىدىن،‹‹ئېرىڭنىڭ ئاشنىسى بار››دېگەن سۆزنى ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن ئاڭلىغىنىمدا ،قۇلاقلىرىم غوڭۇلداپ،كۆزۈم تورلىشىپ قالغاندەك ،جاھان بىشىمدا چۇرگىلەۋاتقاندەك بولۇپ، بېشىم پىرقىراپ كەتتى.نومۇستىن يۈزۈم لاپپىدە ئوت ئېلىپ ،گويا بىر نىجاسەت سۇۋالغاندەك ئەتىراپتىكىلەرگە قارىيالماي ، كۆڭۈللۈك باشلىنىپ،كۆڭۈلسىزلىكىمگە سەۋاپچى بولغان بۇ سورۇندىن ئاستاغىنە سوغۇرلۇپ چىقىپ كەتتىم .
بالىلىرىم ئاللىقاچان ئۇخلاپ بولغان، ئېرىم تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى. يۈز –كۆزۈمنى سوغۇق سۇدا يۇيدۇم،كۆز ياشلىرىم ئىختىيارىمغا باقماي مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى.گەرچە ئۆز –ئۆزۈمگە‹‹ ئۈزۈڭنى بىسىۋال،بەلكىم ئىشلار ئۇنداق ئەمەستۇ...›› دەپ پىچىرلىغان بولساممۇ، بىراق ئۆزۈمنى بېسىۋالالمايتتىم.پۇت –قوللۇرۇمدا جان دەيدىغان نەرسە يوق، شۇنچىلىك ھالسىز، شۇنچىلىك رۇھسىز ئىدىم .كاللامدا ‹‹بۇ گەپ راستمىدۇ؟نېمىشقا،ئۇ نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ...؟››دېگەن بىرلا سوئال پىرقىرايتتى.
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئاتا-ئانام تۈگەپ كېتىپ ،ئاكام بىلەن ئىككىمىز كىچىك ئاپامنىڭ ( ئاپامنىڭ سىڭلىسى) ھامىيلىقىدا چوڭ بولغان بولغان ئىدۇق،گەرچە كىچىك ئاپام مېنى قالغان بالىلىرى بىلەن ئوخشاش كۆزدە قاراپ،ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ ، بىراق كىچىكىمدىلا ئىچ مىجەز چوڭ بولغان ئىدىم،باشقا بالىلاردەك قىيا –چىيا قىلىشىپ ،ئۇيان –بۇيانلارغا چېپىپ،ئەركىن –ئازادە ئويناپ كەتمەيتتىم،پەقەت بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىنىڭ تاماشىبىنى بولۇپ ،ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ بىر چەتتە قاراپ تۇراتتىم.بىراق دەرسلەردە ناھايىتى تىرىشچان ئىدىم،ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئوقۇيتتىم.ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ،ساۋاقداشلىرىممۇ ماڭا ئامراق ئىدى،كىچىك ئاپاممۇ مېنىڭ نەتىجىلىرىمدىن پەخىرلىنەتتى.كىچىك دادام سەل باشقىچە قارىغاندەك قىلسىمۇ،ئاتا –ئانامدىن قالغان پۇل ،ئۆي –زىمىنلارنىڭ يۈزىدىنمۇ ئەيتاۋۇر،كۆپ زىغىرلاپ كېتەلمەيتتى، كىچىك ئاپامنىڭ ئىزچىل كۆيۈنىشى،مېنى قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوملارنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،يېزىدا ئۈچ يىل ئىشلىگەندىن كېيىن كىچىك ئاپام ۋە ئاكامنىڭ يۇقۇرى –تۆۋەن قاترىشى بىلەن شەھەرگە يۆتكىلىپ كېلىۋالدىم.
|