|
دۇنيانىڭ قايسى جايلىردا ھىچنىمە نىدا قىلماي تىنىچ شاد خۇرام ياشايدىغاندۇ دەپ قالىمەن. كىمنىڭ قىشىغا بارسا بىر قۇچاق دەرد ئەلەم،كىمنىڭ ئائىلىسگە قارىسا بىر پاتمان ئائىلە ئىناقسىزلىقى، كىمنىڭ تۇرمۇشىغا قارىسا بىر توچەي دىشۋارچىلىق. بەزىلەر بارنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن زارلىنپ شۈكرىسىزلىكى ئۈچۈن دەرت ئەلەم تارتسا، بەزىلەر يوقنىڭ دەردىنى تارتىپ ‹‹ئاھ خۇدا، ئاشۇلار قەدرىنى قىلمىغاننى ماڭا بەرسەڭچۇ!››دەپ نىدا قىلىدۇ، بۇ ئەسەردىكى كۆڭۇلسىزلىك ۋە پۇرۇن دىشۋارچىلىق پۇتۇنلەي شۈكىرسىزلىكتىن كىلىپ چىققان.
بىر ياخشىنى سىنايدىكەن بىر يامان بىلەن دىگەن شۇدە، مۇنداق ئويلاپ باقسام ئاخىردا پايدىنى ئالغىنى يەنىلا مۇراد بوپتۇ،راسىتلا، ئىنساننىڭ قەلبى شۇنداق يۇمشاق نەرسىكەنكى، شۇنچە نەپرەت بىلەن باققان ئادەملىرىڭ بىر كۈنلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسا، ساڭا سالغان دەرد ئەلەملەرنىڭ دەردىنى بولىشچە تارتىپ ئۇھسىنغاندا، سەن ھەرگىز ‹‹خوپ بوپتۇ››دىيەلمەيدىكەنسەن-دە،يەنە ئاشۇ بىچارە بايقۇشنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن،ئۆزىدىكى گۈناھلىق ھىس تۇيغۇلىرنى تۈگىتىشى ئۈچۈن يەنىلا ئۆز قوينۇڭغا ئالدىكەنسەن.
مەن بۇ ئەسەرنى رىئانلىقتىن چەتنەپ كىتىپتۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق مەن تىخى تۇرمۇشقا چىقمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇنداق كارتىنىنى كۆرمىگەن بولغانلىقىمدىن بولسا كىرەك. راسىت، ھىكايە ۋە باشقا ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلارنى سىز قانچە رىئانلىققا باغلىيالمىغىنىڭىزدا، شۇ ۋەقە ياكى ئەھۋال رىئانلىققا شۇنچە يىقىن،ھەتتا دەل رىئانلىقنى ئۆزى بولۇپ چىقىدىكەن، ئاخىردىچۇ، كىشىلەرگە بەرگەن ئىبرەت ، تەلىم تەربىيە ۋە ياكى ئوي خىياللار دەل مۇشۇنداق كارتىنىنىڭ پايدىلىق تەرپى بولدىكەن.
شۇنچە ئەسەرلەر يىزىلدى، شۇنچە ئىبرەتلەر قىلىندى، بىراق بىز ئىنسانلار قاچاندا، قاچانلاردا شۈكرى دەيدىغاندىمىز!؟؟
ئەسەرنىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرى ۋاقىت تەرەققىياتى سەل تىز بولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم.
ئاخىردا ئاپتۇرنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياخىشى نەتىجىگە ئىرىشىشىگە تىلەكداشمەن!! |
|
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى
|
|
|
|
|