-بەك كەچ بولۇپ كەتتى بالام،ئەمدى ئۇخلاڭ،-دېدى ئانا غەمكىن كۆزلىرىنى ئوغلىغا تىكىپ .
-ياق،دادامنى ساقلايمەن،دادامغا دەيدىغان گېپىم بار،-دېدى بالا .
-دادىڭىز بەلكىم كەلمەسلىكى مۈمكىن،ئەمدى ئۇخلاڭ،-دېدى ئانىسى كۆزىگە ‹‹لۆممىدە››كەلگەن ياشلىرىنى ئىتتىكلا يوشۇرۇپ.
-دادام تۆنۈگۈن كەچ كەلمىگەن ،بۈگۈن كەچ چوقۇم كېلىدۇ،سىز ئۇخلاۋېرىڭ ئاپا،مەن دىئەنشى كۆرگەچ مەشەدە ئولتۇرۇپ دادامنى ساقلايمەن،-دېدى بالا چوڭ –چوڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىنى ئىشىككە تىككىنىچە.
-جېنىم بالام،يۈرىكىمنى ئەزمەي ،دادىڭىزغا دەيدىغان گېپىڭىزنى ماڭا دەڭ،قانداق گەپتى ئۇ؟-دېدى ئانا ھېقىقداپ تۇرۇپ.
-ئۇ دادامغا دەيدىغان گەپ ،سىزگە دېسەم بولمايدۇ ئاپا،بولدى كىرىپ ئۇخلاڭ،مەن چوقۇم دادامنى ساقلايمەن،-دېدى بالا.كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان بالىسىغا قاراپ يۈرىكى ئېچىشقان ئانا ھوجرا ئۆيگە كىرىپ ياستۇقنى مەھكەم چىشلىگىنىچە ئىچ –ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلىدى.
بالىسىنى ئۇخلاشقا كۆندۈرەلمىگەن ئانا ئازابلىق خىياللار قوينىغا غەرق بولغان ئىدى،كۆزى ئۇيقۇغا بېرىپ قالغان بالا ئىشىكنىڭ‹‹تاراققىدە ››قىلىپ ئېچىلىشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى.ئازىراق تەڭشىلىپ قالغان دادىسىنىڭ گەۋدىسى مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كۆرۈندى.
-بەك كەچ كەلدىڭىزغۇ دادا،سىزنى ساقلاپ ئۇيقۇم كېلىپ كەتتى،-دېدى بالا.تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بالىسىنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەن دادا :
-سەن،سەن تېخىچە ئۇخلىمىدىڭما؟-دېيەلىدى كېكەچلەپ.
-سىزنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدىم،سىزگە دەيدىغان بەك مۇھىم گېپىم بار ئىدى دادا،-دېدى بالا دادىسىغا تىكىلىپ.
-بۇنچە كەچتە ئۇخلىماي مېنى ساقلاپ ئولتۇرغۇدەك نېمە گەپتى ئۇ،ماڭ كىرىپ ئۇيقۇڭنى ئۇخلا،ئەتە دە گېپىڭنى ،-دېدى دادا.
-ياق،ھازىر دېمىسەم، ئەتە سىز يەنە ئۆيگە كىرمىسىڭىز دېيەلمەي قالىمەن،-دېدى بالا دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە مىقتەك تىكىلىپ تۇرۇپ.
-ھە،نېمە گەپتى ئۇ،بۇنچە كېچىدە دېمىسە بولمىغىدەك؟-دېدى دادا.
-دادا،تۈنۈگۈن پاتەمخان ۋات –ۋاتنىڭ بالىسى قەيسەر ئۇششۇق بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئىدىم،پاتەمخان ۋات –ۋات مېنىڭ قۇلۇقۇمنى سوزۇپ ‹‹ۋۇي ئادەم بولمايدىغان شۇم،داداڭ دېگەن بۇزۇق ، پاھىشۋاز تالادا ئاشنا ئويناپ يۈرۈپ ،ساڭا تۈزۈك تەربىيە قىلمىغاچقا ھە دېگەندە ئۇرۇشۇپلا يۈرىيسەن،ۋۇي قېرى بۇزۇقنىڭ بالىسى ....››دەپ بەك تىللاپ كەتتى،قۇۇلقۇمنى تارتقاندا يىغلىمىغان ئىدىم،‹‹بۇزۇقنىڭ بالىسى ››دېگەندە بەك يىغلاپ كەتتىم،دادا سىز راست بۇزۇقما ؟.‹ ئاشنا››دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟دادا،سىزنىڭ قەيېرىڭىز بۇزۇلۇپ قالدى؟ئۆيدىكى تېلىۋېزور بۇزۇلۇپ قالغاندا رېمنوتخانىغا ئەچىقىپ ئوڭشاتقان ئىدۇق،سىزنىڭمۇ بۇزلۇپ قالغان يېرىڭىزنى ئوڭشىتايلىمۇ دادا؟دادا،سىزنى ھېلىقى بۈدۈر چاچلىق قىز بۇزۇپ قويدىما؟ئۆتكەن بىر كۈنى كەچتە ئاپام بىلەن چوڭ دادامنىڭ ئۆيىدىن كېلىۋاتساق،سىز بۈدۈر چاچلىق بىر قىز بىلەن تاكسىغا چىقىپ كەتكەن ئىدىڭىز،ئۇ چاغدا ئاپام بەك قاتتىق يىغلاپ كەتكەن ئىدى،سىزنى چوقۇم شۇ بۈدۈر چاچلىق قىز بۇزۇپ قويدى،شۇنداقمۇ دادا ؟سىرتتتا قونۇپ قالماي،كۈندە ئۆيگە كېلىڭ،ئاپام بىلەن ئىككىمىز سىزگە ياخشى قاراپ،ھالىڭىزدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ سىزنىڭ بۇزلۇپ قالغان يېرىڭىزنى ئوڭشايلى بولامدۇ دادا......؟-دېدى بالا ياش بىلەن تولغان مەسۇم كۆزلىرىنى دادىسىغا تىكىپ ئېسەدىگەن ھالدا يىغا ئارىلاش تېز –تېز سۆزلەپ.
بالىسىدىن بۇنداق گەپلەرنى كۈتمىگەن دادا دەمالىققا نېمە دېيىشنى بىلمەي بىر پەس تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى بالىسىنىڭ ئېچىۋەتكەلىكىگە نومۇس قىلدىمۇ قانداق:
-ۋۇي گۇينىڭ بالىسى،مۇشتەك تۇرۇپ قىلۋاتقان گېپىنى،خەپ سېنى،-دېگىنىچە بالىسىنى ئۇرۇش ئۈچۈن پالاقلاپ يۈگۈردى.
بالىسىنىڭ ئېرىگە قىلغان پۈتۈن گەپلىرىنى ھوجرا ئۆيدە تۇرۇپ تىڭشاپ،ئاۋازىنى چىقارماي بوغۇلۇپ يىغلاۋاتقان ئانا ئۆيدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىققىنىچە بالىسىنى گەۋدىسى بىلەن توسۇپ ، ئۇنىڭغا زەرپ بىلەن تەككەن شاپىلاققا ئۈلگۈردى .
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
|