دادا، سەن قايسى تالاغا قارايسەن؟
پەرى
_ قىزىم!
_ ....
_ نىمىشقا دادىڭىزغا گەپ قىلمايسىز؟مېنى سېغىنمىدىڭىزمۇ؟
_ ...
_قېنى قاراپ باقايچۇ ، دېرىزە سىرتىدا نىمە باركىن ئوماق قوزام كۆزىنى ئۈزەلمىگۈدەك!ۋوي...يۇلتۇزلارمۇ كۆرۈنمەپتۇ بولمىسا...
_ دادا؟
_ ھە؟!
_ مەن خېلى بولدى تالاغىلا قاراپ تۇرىۋاتىمەن، لىكىن قاراڭغۇلۇقتىن باشقا ھېچنىمە كۆرەلمىدىم سەنچۇ؟
_مەنمۇ شۇ!
_ ئەمسە سەن زادى قايسى تالاغا قارايسەن؟
_ بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
_ قايسى كۈنى بازاردىن كىرىۋاتساق قوشنا ئاياللارنىڭ سېنى < تالاغا قاراپ قاپتۇ> دىيىشكىنىنى ئاڭلاپ ئاپام كۆز يېشى قىلدى...
_ ...
_ دادا ، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش < تالادا دادام قاراپ تويمىغۇدەك نىمە بولغىيدى ؟> دەپ نەچچە كۈن بولدى تالاغىلا قاراپ ئولتۇردۇم...
_ قىزىم...
_ ھېچ بىلمىدىم ، تالادا قاراڭغۇلۇقتىن باشقا ھېچنىمە يوق؟! جىنىم دادا ، ساڭا ئاپام ئىككىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كېچە - كېچىلەپ ئۆيگە كىرگىلى قويمىغۇدەك زادى قايسى تالاغا قارىغان بولغىيدىڭ؟مەنمۇ قاراپ باقسام شۇ سەن قارىغان تالاغا! بىلىپ باقسام شۇ تالادا نىمە بارلىقىنى...
________________
تىلى ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە بىر ئەسەرنى قوشۇپ قويغۇم كېلىپ قالدى...
|