بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-21 21:28
2-قىسىم
(1)
داداملارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۆزۈم يالغۇز پويىزغا چىقتىم. چۈنكى مەندەك ياقا يۇرىتلاردا تۆت يىل ئوقۇپ،كۆزى بىر ئىشلارغا پىشىپ قالغان قىزنى بىرەرسى بىللە بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئورنى يوق ئېدى. نەرسە كېرەكلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ ماڭا يات بولمىغان بۇ ھارۋىنىڭ ئۆزۈمگە تەۋە ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم. قېرىشقاندەك ئورنۇم ئالتە كىشلىك ئورۇننىڭ ئەڭ سىرتىدىكى جايغا توغرا كېلىپ قالغان ئېدى. بوپتىلا، بەرىبىر ئەتىگەنلىككە پويىز ئالماشقاندىكىن دەپ ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ تۇرۋىدىم، مەن بىلەن سىمىتىرىك بولغان ئورۇندىكى بېشىغا رومال سېلىپ،كەڭ پۇچقاقلىق ئىشتاننىڭ ئۈستىگە كالتە يوپكا كېيىپ سەھراچە ياسىنىۋالغان قىز تۇيۇقسىز مېنى ياردەمگە چاقىرىپ قالدى:
-ھەي ئاداش، بويىڭىز ئېگىز بولغاندىكىن خاپا بولماي چامادانىمنى ئۈستىگە ئېلىشىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
-ۋوي ماگەپنى!! بويۇم ئېگىز بولغاندىكىن ھەممە ئادەمنىڭ چامادانىنى ئېلىپ بىرەي ھە مەن يوق بولسا ئىزدەپ-سوراپ.
-ياق، مەن ئۇندا دېمەكچى ئەمەس، شۇ ئەتراپتا ياردەمگە چاقىرغۇدەك ئوغۇل بالىمۇ يوقكەن. شۇڭا...
ئۇنىڭ گېپنىڭ ئاخىرنى كۈتىمەيلا شاققىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم. قۇرۇق يەل-يېمىشلەر قاچىلانغان بولسا كېرەك، چامادان ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن خېلى ۋەزنى بار ئېدى. بويۇم ئېگىز بولغىنى بىلەن ئىككىلا پۇتۇمنىڭ ئالقىنى نۇرمال ھالەتتە يەرنى قاماللاپ تۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىغاڭلاپ يۈرۈپ چاماداننى ئاران ئالدىم. ئۇ قىزمۇ بۇنىڭغا قاراپ بەكلا ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى. ئۇ ئۆزى ئۇنچە چىرايلىق بولمىغىنى بىلەن شۇنچىلىك خۇشخۇي ئېدى. ماڭا ھېلىدىن-ھېلىغا يەيدىغان نەرسىلەرنى تەڭلەپ ھەم گەپ سوراپ ھارمايتى.
-سىز مارالبېشىدىنما ؟
-ياق يەكەندىن، ئۆزىڭىز مارالبېشىدىن ئوخشىمامسىز؟
-ياق، مەن ئاتۇشتىن.
-ھە؟ ئەمىسە مارالبېشىدىن پويىزغا چىقىپسىزغۇ ئاتۇشتىن چىقماي؟
- پۇل تېجەش ئۈچۈن بولمامدۇ كالۋا قىز!
-ۋوي بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى؟ قانداقسىگە پۇل ئىسراپ قىلىش بولماي پۇل تېجەش بولغۇدەك بۇ؟ -ئالدىراپ سورىدىم ئۇنىڭ ئورۇسلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان چېقىر كۆزلىرىنى قىسپ قويۇپ ئېيىتقان سۆزىدىن ھەيران بولۇپ. چۈنكى ئاتۇشتىن مارالبېشىغا ئاپتۇبۇسلۇق كەلگەندە كەم دېگەندىمۇ قىرىق،ئەللىگ يۈەن كېتەتتى.
-كاللىڭىزنى ئىشلەتسىڭىزلا بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز ئادىشىم. مېنىڭ مارالبېشىدا خىزمەت قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئاچام بار دەڭە. تۆنۈگۈن يېزنەم بىلەن مېنى ئۇزاتقىلى بېرىپتىكەن. مەن شۇلارنىڭ ماشىنىسىدا كېلىۋالدىم بۇ يەرگە. ھەقسىزلام. ھى ھى ھى...
-جىڭ ئاتۇشلۇق ئىكەنسىز جۇمۇ ئىشقىلىپ. ئەكىلىڭە قولىڭىزنى!!!
شۇنداق قىلىپ بۇ سەپەردېشىم بىلەن تېخى پاراڭلىشا-پاراڭلاشمايلا قول ئېلىشىپ ئۈلگۈردۈم. ئۇ ئوتتىرا بوي، قاڭشارلىق، چاچ ۋە كۆزلىرى سارغۇچ، يۈزى قوشۇقچىلىكلا بار ئورۇق قىز بولۇپ پۈتۈن تۇرىقى خۇددى ھەجۋى رەسىمگىلا ئوخشايتى. تۇرقىغا يارىشا ئۆزىمۇ يۇمۇرىستىك، چاقچاق كۆتۈردىغان بولغاچقا ئاسانلا چىقىشقىلى بولاتتى. كەڭ قول، ئوچۇق-يورۇق ھەم چېچەنلىكى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايتى. ئۇنىڭغا قاراپ تۇرپانغا بارغۇچە زىرىكىپ قالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدىم.
-ئاداش ئىسمىڭىز نېمىتى راس؟
-ئايقىز، سىزنىڭچۇ؟
-مېنىڭ ئىسمىم ئاسىيە، سىز نەدە چۈشىسىز، ئۈرۈمچىدىما؟
-ياق، تۇرپاندا چۈشىمەن.
-ۋۇييۇ، ئاندىن كېيىنچۇ؟ تۇرپان شەھەر ئىچىگە كىرەمسىز يا شۇيەردىن پويىز ئالمىشىپ ئىچكىر تەرەپلەرگە بارامسىز؟
-لەنجۇغا ماڭىدىغان پويىزغا ئالمىشىمەن.
-ۋوي مەنمۇ شۇ. لەنجۇدىكى قايسى مەكتەپكە ماڭدىڭىز شۇ تاپتا؟
-غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىغا.-شۇنداق دەپ قاپىقىمنى سۈزۈپ قەستەن باشقا ياقلارغا قارىۋالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوراۋىرىشلىرىدىن سەل بېزارلىق ھېس قىلىپ قالغان ئېدىم.
-ما ئىشنى كۆرۈڭ، كەسپىڭىز نېمە سىزنىڭ؟
-ئىنگىلىز تىلى.
-ئاداش قاراڭ، مەنمۇ شۇ كەسىپتىن. ئىككىمىز بىر سىنىپقا بۆلۈنۈپ قالامدۇق تېخى.-ئۇ شۇنداق دەپ بوينىغا ئېسىۋالغان يوغان سومكىسىنىڭ ئىچىدىن چاقىرىق قەغىزىنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى. دەر ھەقىقەت ئىككىمىز بىر مەكتەپنىڭ ئوخشاش بىر كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان ئېدۇق. بۇنى كۆرۈپ مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم.
-ھە راس، تۇرپاندىن ئالمىشىدىغان پويىزدىكى ئورنىمىزنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. تەلىيىمىزگە يەنە بىر يەردىن بولۇپ قالامدۇق تېخى.- ئىككلىمىز بىلەتنى چىقىرىشتۇق. ئۇ تۆتىنجى ۋاگوندا، مەن بولسام ئون ئىككىنجى ۋاگوندا ئىكەنمىز. ئىچىمدە ماۋۇ تەرەپتە ئولتۇرۇپ كەلگەندىكىن ئاۋۇ تەرەپكە بولسىمۇ ياتىدىغاننى ئالسىچۇ. ئاتۇشلۇق دېگەن بىر يەردىن بولمىسا بىر يەردىن چانىدۇ دە دەپ ئويلاپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويدۇم.
ئورنۇم تېشىدا بولغاچقا كاللامنى قويغۇدەك بىرەر جاي تاپالماي ئۆرە ئولتۇرۇپ دېگۈدەك مىڭ تەستە تاڭ ئاتقۇزدۇم. تاڭ ئاتقۇچە بۇندىن كېيىن بىلەتكە بالدۇرراق تۇتۇش قىلىپ ھەرگىزمۇ قاتتىق ئورۇندۇق دېگەن بۇ مەرەزگە يولىمايمەن دەپ قەسەملەرنىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئىچىپ كەتتىم.ئەتىگىنى ئەمدىلا يۈزۈمنى يۇيۇپ كېلىشىمگە ھېلقى ئاتۇشلۇق ئاداش داستىخانلىرىنى يېيىپ، يوغان چاي قۇتىسىدا ھورى چىقىپ تۇرغان چايلارنىمۇ تەقلەپ بولۇپتۇ. شۇڭا مەنمۇ تارتىنمايلا ئىشنى باشلاپ كەتتىم. ئاپىسى نېمە كارامەت ئىشلەتتىكىن تاڭ، ئۇنىڭ گۆشنانلىرىنى يىگەنسىرى يېگۈم كېلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىزلا سەل خىجىل بولۇپ ھوجۇمنى توختاتتىم. بۇنى كۆرۈپ ئۇ خۇددى ئچىمدىكىنى ئوقىۋالغاندەكلا:
-يەڭ ئاداش، تارتىنماڭ. يازنىڭ كۈنىدە بەرىبىر ئۇزاق تۇرمايدۇ بۇ. تېتىغان بولسا كۆپرەك يەڭ. بۇزۇلۇپ قالغۇچە تۈگەپ كەتسۇن. بۇ گەپ بىلەن ئاپام قورۇپ تۇزلاپ بەرگەن گۆش يادىمغا كەلدى ۋە ئاستا چىقىرىپ ئۈستەلگە قويدۇم. شۇنداق قىلىپ ئەتىگەنلىك ناشتىنى ئۇنىڭ گۆشنان، تۇخۇم، مېغىز، مۇراببا، ئۈزۈملىرى بىلەن مول قىلىۋالدىم. تۇرپانغىمۇ چۈشتۇق. ئۇنىڭ قولىدا ھېلقى كىچىك چامادانىدىن باشقا يەنە بىر يوغان چامادان ۋە ئارىراق بىر يەشىك تۇراتتى. ئىچىمدە ئۇنى كىچىككىنە جېنىغا نېمانچە نەرسىلەرنى ئېلىۋالغاندۇ دەپ مىڭنى تىللىدىم ۋە ئاستا بېرىپ قولىدىكى چامادانىنىڭ بىرنى ئالدىم.
بىز دەسلەپتە ۋوگزالدىن خېلى يىراق يەردىكى ئانارگۈل تىز تاماقخانىسىدىن ئۆي لەغمىنى يېدۇق. ئاندىن يۈك-تاقىلارنى سۆرەپ بىردەم بازار ئايلانغاچ يېمەكلىكلىرىمىزنى تولۇقلىدۇق. ئۇ يەيدىغاننى ۋە مېۋە-چىۋىنى خېلى كۆپ ئالدى. مەن ئىككى قۇتا مۇزلاغلىق مىنرال سۇ بىلەن بىر تال نان ئالدىم. پويىزنى تۆت سائەتچە كۈتىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پويىز كۈتۈش زالغا كىرىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىز يەنە بىر قېتىم ۋوگزالنىڭ ئالدىدىكى خۇيزۇنىڭ ئاشخانىسىدىن تاڭ نىيۇرومىيەن(شورپىلىق كالا گۆشى ئۈگرىسى) ئىچتۇق. بۇنىڭغا قاراپ مەن بۇ قىزنىڭ ئىشىغا پۇختىلىقىغا قايتىدىن قول قويدۇم.
بېلەت تەكشۈرتۈشتىن كېيىن مەن ئۇنىڭ چامادانىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ لىكىلداپ ماڭغىنىمچە كەينىمگە قاراپمۇ قويماي پويىزغا چىقىپ كەتتىم. مېنىڭ ئورنۇم ئوتتىرىدىكى كارۋاتتا ئېدى.شۇڭا چىقىپ-چۈشكىچە بىر ئاز قىينىلىدىغانلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ يەيدىغىنىمنىمۇ كارۋاتقا ئېلىپ چىقىۋالدىم ۋە ھاجەتخانىغا بارغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئاساسەن پەسكە چۈشمىدىم. ئاستىدىكى ئىككى كارۋاتتا ياتقان قىزلار قارمايلىق بولۇپ ناھايتى شوخ ئېدى.ماڭا ھېلى يەيدىغان نەرسىلەرنى تەڭلىسە، ھېلى يەنە ئوينايلى دەپ چاقىراتتى. شۇنداق قىلىپ ھېچقانچە زېرىكمەيلا بېكەتكە كېلىۋالدىم.
تېخى ئەمدىلا توققۇزىنجى ئاي بولغىنىغا قارىماي بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى جاندىن ئۆتكۈدەكلا سوغوق ئېدى. مەن ۋوگزالدىن چىقىپ يۈگۈرگىنىمچە ئالدى تەرەپتىكى لاپاسنىڭ ئىچىگە كىرىۋالدىم. بىردەم تۇرىشىمغىلا ھېلقى ئاتۇشلۇق ئاسىيەمۇ نەرسىللىرىنى سۆرىگىنىچە ۋوگزالنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. مەن ئۇنىڭ يەشىكىنىڭ يۆل بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئالدىغا بارمىدىم. چۈنكى شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇردا ھۆل بولۇپ تېخمۇ توڭلاپ رىماتىزىم كېسىلىمنىڭ قوزغىلىپ قېلىشىدىن ئەنسرگەن ئېدىم. ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن يېنىمغا كەلدى ۋە يېقىمسىز ئاۋاز چىقىرىپ سايراۋاتقان قولىدىكى پىششىق قىشقا ئوخشايدىغان كۆرۈمسىز ھەم يوغان تېلفۇنىنىڭ قوبۇل كونۇپكىسىنى بېسىپ ئاللىكىملەر بىلەندۇر سۆزلەشتى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! نادىرجان ئاكامما؟ سالامەتمۇ سىز؟ ئايشىگۈل ئاچام ياخشىمۇ؟ ھەئە، ۋوگزالدا. ۋاي ياق، بولدى كەلمەڭ، بالىلار بىلەن ماشىنا توسۇپ بارىمەن. ۋەي...ۋەي....
-پاھ، تېخى ئالدىمغا چىقىدىغان ئادىمىم بار دەڭە!-دېدىم ئۇنىڭ شادىيانە تۇرقىغا قاراپ.
-ۋاي ياق ئاداش. ئانام بىلەن بىرنەۋرە ئادەمنىڭ قىزىنىڭ يولدىشى ئۇ. تېخى مېنى تونامدۇ، ئىتراپ قىلامدۇ ئۇنى خۇدا بىلىدۇ.
-تۇغقاننى ئىتراپ قىلمايدىغان كىم بار ھەي ساراڭ. شۇنداق قىلىپ سىز ئالغىلى كەلگەن ماشىنىدا كەتسىڭىز مەن ئەمدى ئۆزۈم تاكسى توسۇپ كېتىدىغان ئوخشايمەن. يۈجۇڭ مەكتەپ رايۇنىنى خېلى يىراق دەۋاتقان دەڭە تېخى. ۋاييەي......
-ئەنسىرمەڭ ئاداش، بىرگەپ بولىدۇ.-مەن ئۇنىڭ گېپىگە ئانچە ئېرەن قىلماي ۋوگزالدىكى «مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى باش مەكتەپ رايۇنى، مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتى يۈجۇڭ شۆبە مەكتەپ رايۇنى دەپ ئادەم چاقىرىۋاتقان تاكسىلارغا بويۇنداپ قاراشقا باشلىدىم. ئاڭغىچە كۆز ئەينەك تاقىغان، ئىگىز بوي، تەمبەل بىر كىشى قولىدا بىرنەچچە يامغۇرلۇقنى قاماللىغان پېتى بىز تەرەپكە قاراپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇ ئاسىيە بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ماڭا يىنىككىنە سالام قىلىپ قويۇپ ماشىنىنىڭ خوۋ پىشىياڭى(كەينى ساندۇقى)غا ئۇنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى باستى. كىيىن ئاسىيە ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى دېگەندىن كېيىن كېلىپ مېنىڭكىنىمۇ باستى ۋە مېنى ماشىنىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى.
-ئىككىلڭلار چەت-ئەل تىلى ئېنىستىتوتىغا قوبۇل قىلنىپسىلەرمۇ؟
-ھەئە.-دېدى ئاسىيە جاۋابەن. يەنە كېلىپ ئىككىلىمىزنىڭ بىر بىر كەسىپتىن ئىكەنمىز.
-ئەمىسە مۇنداق قىلايلى. ئاۋال ماۋۇ دوستىڭىزنى يۈجۇڭ رايۇنىغا ئاپىرىپ تىزىمغا ئالدۇردىغان جاينى كۆرسىتىپ قويايلى، ئاندىن قايتىپ كېلىپ كەچقۇرۇن ئاچىڭىز،ئۇكىڭىز بىلەن بىرلىكتە بېرىپ سىزنى ئورۇنلاشتۇرايلى. – بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەتەي ئۇلارغا قولايسىزلىق تۇغدۇرۇپ قويىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ سەل ئوڭايسىزلاندىم ۋە بايا ماشىنىغا چىقمىسام بولاپتىكەن ئەسلى دەپ ئويلىدىم. يۇقرى سۈرئەتلىك تاش يولدا قىرىق مېنۇتتىن ئارتۇقراق ماڭغاندىن كېيىن مەكتەپ رايۇنىغا يېتىپ كەلدۇق. ئۇلار مېنى تىزىمغا ئالدۇردىغان يەرگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن تولىمۇ خۇشخۇي ھالەتتە خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. ئىچىمدە ئۇلاردىن شۇنچىلىك مىننەتدار بولۇپ قالدىم.
يېرىم كۈندىن ئارتۇقراق چېپىپ ئاران دېگەندە تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولدۇم. ئەڭ ئاخىرىدا تالۇننى كۆتۈرۈپ ئارقا سەپ بۆلىمىگە يوتقان-كۆرپىلەرنى ئالغىلى باردىم. قېرىشقاندەك مەن بۆلۈنگەن ياتاق بېناسى بىز تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەركىزىدىن بىر كېلومىتىر يىراقلىقتىكى جايدا ئېدى.ھېرىپ-چارچىغاندا يول مېڭىش ئېغىر كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئامالسىز يوتقان كۆرپىلەرنى چاماداننىڭ ئۈستىگە ئارىتتىم. ياتىقىم بەشىنجى قەۋەتتە بولۇپ، ئىشىك مەكتەپ تارقاتقان كارتا ئارقىلىق ئېچىلىدىكەن. مەن بېرىپ كارتامنى ئىش بېجۈرۋاتقان خادىمغا تەڭلىدىم:
-بەشيۈز ئۈچىنجى ياتاق.
-جەزىملەشتۈرەمسىز؟ تالۇن بارمۇ؟
-بار. مەن تالۇننى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ ئىشىمنىڭ ھەل بولىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم. ياخشى يېرى بۇ بېناغا لىفىت ئورنىتىلغان ئىكەن. مەن بىردەمدىلا ياتاققا چىقتىم. ياتاقتا مەندىن باشقا ھېچكىم يوق ئېدى. شۇڭا ئۆزۈم خالىغان كارۋاتتىن بىرنى تاللاپ يوتقان-كۆرپىلەرنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن كارۋاتنىڭ ئاستىدىكى كىتاپ جازىللىرىغا نەرسىللىرىمنى، بالكۇننىڭ يېنىدىكى كىيىم ئشكابىغا كىيىم-كېچەكلىرىمنى جايلاشتۇردۇم. ياتاق تۆت كىشلىك بولۇپ، كارۋاتلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە ياسىلىپ ئاستى تەرىپىگە كىتاپ ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى جاھازىسى لاھىيەلەنگەن، كەڭرى ھەم ئازادە، بالىكۇنىمۇ چوڭ، ئومۇمەن شارائىتى خېلىلا ياخشى ئېدى. ياتاقتا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرغان بولساممۇ بىرەرسى كىرمىدى. شۇڭا كارۋات ۋە كىتاپ جاھازلىرىمنى بېزەيدىغان بېزەك ۋە تور پەردە شۇنداقلا داس-پاس،قاچا-قۇچا، چايدان دېگەندەك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە قورساقنى بىر تەرەپ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئامالسىز ئۆزۈم يالغۇز سىرىتقا ماڭدىم.
ھەممە ئۆز ئاتا-ئانىلىرى، دوسىت-يارەنلىرى بىلەن جۈپ-جۈپ مېڭىشىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە كىمنىڭمۇ يالغۇز سىرىتقا چىققۇسى كېلىدۇ دەيسىز؟! ئەمما ئىنسان دېگەن يالغۇز يارالغان، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە يالغۇز كېتىدۇ. شۇڭا يالغۇزلۇقتىن ئۇنچىۋالا ئۈركۈپ غېرىپلىق پاتقىقىغا چۆكىۋېلىشنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا مەن ئۇ مەنزىرلەرگە قاراپ بۇ يەرگە يالغۇز كېلىپ،يالغۇز ئورۇنلىشىپ يەنە سىرىتقا يالغۇز چىقىپ كېتىۋاتقىنىمدىن ئانچە كۆڭۈل يېرىم قىلىپ كەتمەي، بىرلەشمە، كۆچمە خەۋەرلىشىش، تىلگىراف خادىملىرى پائالىيەت قىلىپ قىزىتىۋەتكەن مەكتەپ ھويلىسىدا قەددىمنى تىڭ تۇتۇپ، مەغرۇر قەدەم بىلەن مېڭىشقا باشلىدىم. مەكتەپنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە توغرىسى ئوخشاشلا بىر كېلومىتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ كۆلىمى خېلىلا چوڭ، بىنالىرىمۇ يېڭى ھەم پاكىز ئېدى. شۇنداق قىلىپ پىيادە يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن ئاخىر دەرۋازا سىرتىغا چىقتىم.
كەچقۇرۇنلىقى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ياتاققا كىرسەم ياتاقتا ھېلقى ئاسىيە، ياغلىقىنى بوينىدىن يۆگەپ تۇڭگانچە ئورىۋالغان بىر خۇيزۇ قىز، يەنە بىر سىمىز خەنزۇ قىز ئولتۇرۇپتۇ. ئاسىيە مېنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالغان ھالدا قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئالدى:
-كىلىڭ ئاداش، سىزمۇ مۇشۇ ياتاققا بۆلۈنۈپسىزمۇ؟ ۋاي دېمىگەنمىتىم يولدا كەلگىچە چوقۇم تەقدىرداش بىز دەپ.
- شۇنى دەڭە، يولدا بىللە كەلدۇق. بىر مەكتەپتىن بىر كەسىپتىن ئىكەنمىز، يەنە تېخى بىر ياتاققا بۆلۈنۈپتىمىز. نېمىدىگەن ياخشى ئىش بۇ. ھە راس ، بىز بىرسىنىپقا بۆلۈندۇقمۇ يا تېخى؟- دېدىم مەنمۇ خۇشاللىق بىلەن.
-مەن ئىككىنجى سىنىپقا بۆلۈنۈپتىمەن، سىزچۇ؟ -دەرۋەقە ئىككىمىز بىر سىنىپقا بۆلۈنگەن ئېدۇق. تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ نەرسىللىرى ئارسىدىكى ھېلىقى يەشىكنىڭ يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بۇنى سورىۋىدىم، ئۇ ئۇ يەشىكنى ئەسلى ھېلقى تۇغقىنىغا ئاتاپ ئەكەلگەنلىكىنى ئېيىتتى. بۇنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن پۇختا خەقتە بۇ ئاتۇشلۇق دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.
ئاسىيە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، ئاق كۆڭۈل ھەم ئۆز ئىشلىرىنى ۋاقتدى-ۋاقتىدا، جايىدا قىلىپ ماڭىدىغان مۆمىن قىز ئېدى. ئۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ ئۆز پائالىيەتلىرىمنى قايتىدىن قېلىپقا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭدەك ئىدىتلىق ھەم پاكىز قىز بولۇشقا باشلىدىم. ئىككىمىز شۇنداق بىر-بىرىمىزگە ھەمدەم بولۇشۇپ تۇرمۇشىمىزنى زېرىكىشتىن خالىي، مەنلىك ئۆتكۈزۈشكە باشلىدۇق. ئۇنىڭ ھېلىقى نادىرجان ئاكىسى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تىببىي ئېنىستىتوتىدا، ئايالى ئايشىگۈل مۇئەللىم بىزنىڭ ئېنىستىتوتتا ئىشلەيتتى ھەم بىزگە دەرىس بېرەتتى. شۇنچىلىك تەلەپچان بۇ ئوقۇتقۇچىمىز بەزى ۋاقىتلاردا ياتاققا ئاسىيەدىن ھال سوراپ كىرەتتى. ئاسىيەمۇ بەزى شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باراتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە لەنجۇغا كىرىپ، ئاز كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بىللە كىرىپ ئۆي تامىقى يەپ چىقسام، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىرىتتا قېپ قېلىپ ھاۋا-كېلىماتى، ئۆسۈملۈك يېپىنچىللىرى بىزنىڭ يۇرىتنىڭكىدىن كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ ۋەيرانە شەھەرنى ئۆزۈم يالغۇز ئايلىناتتىم.
بۈككىدە ئۆسكەن تېرەك دەرىخى ۋە قويۇق ھەم ئۇزۇن تاللىرىنى بەس-بەستە ساڭگىلىتىشقان مەجنۇنتال، سۆگەت دەرەخىرى بىلەن قاپلانغان خۇاڭخى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى، دەريادىكى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان سارغۇچ لاي سۇلار ماڭا يىراق يۇرىتتا قالغان مۇختەرنىڭ مەھەللىسىدىكى ھېلىقى سېرىق سۆگەتلىك ئۆستەڭنى ئەسلىتەتتى. گەرچە بۇ جاي يۈرەك يارامنى تاتىلاپ ماڭا ھېچقانداق ئازادىلىك ھېس قىلدۇرالمىسىمۇ نېمە ئۈچۈنكىن مەن يەنىلا بۇ يەرنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۆزۈمچە ئەسلىمىلەر ئېلىپ كەلگەن ئاشۇ ئاچچىق كۆز ياش ۋە ئاغرىقلاردىن راھەتلىنىپ كېتەتتىم.بەزىدە تېخى بىزنىڭ ئېنىستىتوت شەھەر ئىچىدىكى باش مەكتەپ رايۇندا بولۇپ قالسىچۇ دەپ ئويلاپمۇ كېتەتتىم. ئەمەلىيەتتە ئېتىزلىقنىڭ قاق ئوتتىرىسىغا جايلاشقان، توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تەل بولغان يىراق يېزىدىكى ئۇ مەكتەپ رايۇنىنىمۇ باشقىچە ياخشى كۆرەتتىم.چۈنكى ئۇ يەردە ھەر سەھەر ساپ سەھرا ھاۋاسىدىن قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئالالايتىم. مۇكەممەل ھەم تولۇق بولغان ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن بەھىرلىنەلەيتىم.
گەرچە بۇ يەردە ھېچنىمىدىن قىسىنماي شۇنچىلىك خىرامان كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان بولساممۇ قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدىكى بىر يېرىمچىلىق مېنى زادىلا ئارام تاپقۇزمايۋاتاتتى. نەچچە-نەچچە ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشتىن كېيىن، قايتا ئېچىلىپ قالغان بولسا دېگەن ئۈمىد بىلەن مۇختەرنىڭ ئاللىقاچان توختىتىۋېتىلگەن ئۆي تېلىفۇنىغا تېلىفۇن قىلدىم. بىراق نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولۇپ چىقتى. ئۈمىدسىزلىك شوتىسىغا يامىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاسادىبىي پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغان بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تىببى ئېنىستىتوتىدىكى يۇرىتلۇقۇم نۇر ئامىنەدىن غەربى-شېمال پېداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا تولۇق ئوتتىرىنى مەن بىلەن بىر شەھەردە ئوقۇغان ئايۇپ ئىسىملىك بىر بالىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ئۈمىد دەرىخىم قايتىدىن يىلتىز تارتىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇ مەن بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇغان ھېلقى ئايۇپ بولۇپ قالسىلا ئۇنىڭدىن مۇختەرنىڭ دېرىكىنى ئالايدىغىنىم ئېنىق ئېدى. ھاياجان ئىچىدە مەن نۇر ئامىنەدىن بەزى بىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى سوراش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەن تونۇيدىغان ئايۇپ ئېكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. ۋە ئۇنى ئىزدەپ بېرىش ئۈچۈن تاقەتسىزلىك بىلەن شەنبە-يەكشەنبىنى كۈتۈشكە باشلىدىم. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ كۈتۈش ۋە ئىزدەش ھاياتىمغا ئويلىمىغان قارا قۇيۇنلارنى باشلاپ، نۇرمال تۇرمۇشۇمنى بىراقلا ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتتى.
(2)
ئايۇپتىن كەلگەن تېلىفۇننى قويۇپ دەرھال ياتاقتىن چۈشتۈم. بېنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇ بىر ۋەلىسپىتنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ئايالچە ۋەلىسپىت بولۇپ شۇنچىلىك چىرايلىق ئېدى. مەن خۇددى ھېچنىمىنى سەزمىگەندەك سالماق قەسەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم. مېنىڭ چىقىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ چىرايىغا بىردىنلا كۈلكە يۈگۈردى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم چىرايلىق قىز! ئەھۋال ياخشىدۇ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! شۈكرى، مۇشۇنچىلىك تۇرۇپتىمەن مانا. قانداق بولۇپ بۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالدىڭىز ئايۇپ؟
-ئۆتۈپ قالمىدىم، ئالايىتەن سىزنى ئىزدەپ كەلدىم مەن. بولمىسا نېمە بار ماڭا بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا. –ئۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئۆزىنىڭ قىلغان سۆزىدىن مەنمۇن بولغاندەك يەڭگىل ئاۋازدا كۈلۈپ قويدى. مەن ياتاقنىڭ ئالدىدا تۇرىۋەرسەك تازا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇنى مۇۋاپىقراق بىر جايغا باشلاپ، كەلگەنگە تۇشلۇق ھۆرمىتىنى قىلىپ يولغا سېلىش نىيتىگە كەلدىم:
-دېھقانچىلىق مەيدانى بولغان بىلەن يامان ئەمەس يەرلىرىمۇ بار بۇ جاينىڭ. «ئاۋال تائام ئاندىن كالام.» دەپتىكەن ئەمەسمۇ كونىلارمۇ. شۇڭا بىز مۇۋاپىقراق بىر يەرنى تېپىپ قورساقنى توقلىغاچ چىرايلىق پاراڭلاشمامدۇق قالغىنىنى!
- مۇنداق قىلايلى قاراڭ، مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ يۈرمەيلى.ئاڭلىسام مەكتىپىڭلارنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى ئۇيغۇرلار ئاچقان تاماقخانىنىڭ تاماقلىرى خېلى ئوخشايمىشقۇ؟ ئۇدۇل شۇ يەرگىلا بارمايمىزمۇ ؟! – نەگە باشلىسام بولار دەپ بېشىم قېتىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ بۇ ئوچۇق-يورۇقلۇقى مېنى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتى. بىز يانمۇيان مېڭىشىپ ئاشخانىغا چىقتۇق. تەلىيىمىزگە ئاشخانىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئېدى. تاماقتىن كېيىن ئۇ لەنجۇ ئۇنۋېرسىتىتىنى بىللە ئايلىنىپ چىقىشنى ئېيىتتى. بۇ ئۇنىڭ مېنى ساۋاقداش، تونۇش-بىلىشلىرىمنىڭ كۆزىدىن ئايىغىنى ئېدى. شۇڭا كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن سۆيۈنۈپ خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا سولداشتىم.
بىز بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇ ماڭا ۋەلسىپىت ئۆگۈتۈپ قويۇش ئويى بارلىقىنى ئېيىتتى. مەن رەت قىلدىم. چۈنكى بۇ ھالىم بىلەن ۋەلسىپىت ئۈگنىمەن دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا سەتلىشىشنى خالىمايتىم.ئەمما ئۇ ياتىقىم بىلەن ئېنىستىتوت بىناسىنىڭ يىراقلىقىنى،ناۋادا ۋەلسىپىت مىنمىسەم قىينىلىپ قالدىغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ ئۆز گېپىدە چىڭلا تۇرىۋالدى. دېمىسىمۇ ياتاق بىناسىمىز مەكتەپنىڭ غەربى چىگرىسىدا،ئوقۇتۇش بىناسىمىز شەرقى چىگرىدا بولغاچقا بۇ ئۇزۇن ئارلىققا مەندەك ئاجىز قىز ئەمەس،خېلى خېلى تەندۇرۇس بالىلارمۇ چىدىماي قېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ دەل بىر ۋەلىسىپىت سېتىۋېلىپ مىنىشنى ئۈگىنىشنى ئويلاپ تۇرىۋاتاتتم. شۇڭا ئۇنىڭ تەكلىپىگە دەسلىپىدە سەل نازلىنىپ قويغان بولساممۇ،ئاخىردا ناھايتى خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم.
ئۇ كۈنى ئۇ ماڭا خېلى ئۇزۇنغىچە سەۋىرچانلىق بىلەن ئۈگەتتى. ھېلى كۈلۈپ، ھېلى ۋارقىراپ يۈرۈپ ئاخىر ئۇنىڭ سايىسىدا پۇتۇم گەرچە نۇرمال بولمىسىمۇ ۋەلىسىپىت مىنىشنى خېلى يامان ئەمەس ئۈگىنىپ قالدىم.ئاخشىمى قايتاشىدا ئۇ ئاچقۇچىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ ۋەلسىپىت سېتىۋالغۇچە ئۈگىنىۋالغاچ ئىشلىتىپ تۇرۇشۇمنى، ناۋادا خالىسام ماڭا سوۋغا قىلۋىتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مەن بۈگۈنكى خۇشاللىقلاردىن دەماللىققا ئۆزۈمگە كېلىپ بولالمىغاچقا، كۆپ ئويلىمايلا ئاچقۇچنى يانچۇققا سالدىم. ئاخشىمى ئۇنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن مەكتەپنى ۋەلسىپىتلىك بىرنى ئايلىنىۋىتىپ ئاندىن خۇشال ھالدا ياتاققا كىردىم. چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشتىن ھەيران بولغان ئاسىيە دەرھال ماڭا مىلتىقىنى تەڭلىدى:
-ھىجاراپلا قاپسىزغۇ ئۇماق؟ ئوقەت يامان ئەمەس ئوخشىمامدۇ بۈگۈن؟
-ۋاي-ۋۇي، نېمىلەرنى دەپ يۈرىيدىغانسىز ئاداش! قالايمىقان سۆزلىمىڭە ئۇنداق، سىز مېنى بىلمەيدىغان يەردە بولمىغاندىكىن!
-ۋاي شۇ بىلگەچكە دەۋاتىمەن جېنىم! گەرچە خۇشخۇي بولسىڭىزمۇ ئادەتتە چىرايىڭىزدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئەمما بۈگۈن سەل باشقىچىرەك بولۇپ قاپسىز! ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟
-سىزدىنغۇ بىر نەرسىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ زادى. بۈگۈن ۋەلسىپىت مىنىشنى ئۆگەنگەن ئىدىم شۇ......
-قايسى كېلىشكەن يىگىت بىلەن؟ پەقەت شۇ بىر ئىشنىلا قىلمىغانسىلە ھەقىچان؟ يۇۋاشلىقچە مەسلىڭىزنى تاپشۇرامسىز يا گېپىڭىز بارمۇ؟- مەن تېخى جاۋاپ بېرىشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۇ يوپۇرلۇپ كەلگىنىچە مېنى غىدىقلاشقا باشلىدى. ئادەتتىمۇ شەيتىنىم كۈچلۈك بولغاچقا ئازراقلا غىدىقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيتىم. ئەمما ئۇ مېنىڭ توۋلاپ يالۋۇرۇشلىرىمغا، پول ئۈستىگىلا يىقىلىپ قېلىۋاتقانلىرىمغا پەرۋامۇ قىلماستىن مېنى ئەدەپلەۋەردى. ئىككىمىز بىر-بىرىمىز بىلەن خېلىغىچە ھەپىلىشىپ چارچىغاندىن كېيىن داق يەردىلا ئولتۇرۇشۇپ بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. كۈلىۋىرىپ مېنىڭ كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى.
ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە خەتلەرنى يادلاش بىزگە قىيىن توختىمىغىنى بىلەن، ئىككى ھەرىپنى جۈپلەپ قويسا ئوقۇلىشى ئۆزگىرىدىغان، گىرامماتىكىلىق قائىدىللىرى تولىدىن تولا بولغان بۇ تىلنى تۇتىۋېلىش ئاسان بولمىغاچقا كەسپىمىز بىزنى ئاسانلا ھالسىرىتىپ قويدى. بولۇپمۇ مەن كاللام ئۆتكۈر، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم ياخشى بولغىنىغا قارىماي، يادىلغان نەرسىلەرنى بىردەمدىلا ئۇنتۇپ قېلىپ ھە دېسىلا مۇئەللىملەردىن تىل ئىشتىپ يۈردۈم. بۇنداق ۋاقتىلاردا كۆپىنچە مۇختەر يادىمغا يېتىپ قالاتتى. ئۇ دائىم ماڭا:«ئۆگۈنۈش ئۈستىدە يۇلۇققان كۆڭۈلسىزلىكلەرگە مەن ئاساسەن ئاھ ئۇرۇپ كەتمەيمەن. چۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئۈچۈن ئازاپلىنىپ خوراتقان زېھننى، ۋاقتنى شۇنداق كۆڭۈلسىزلىكنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش يولىدا ئىشلەتكەن ئەۋزەل. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاخىرىدا زىيان، ئازاپ قوش بولۇپ قالىدۇ.» دەيتتى. مەن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئىددىيسىنى قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە باشلىدىم.
ئالىي مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن تۇنجى قەدەمنى ئالغاندىن باشلاپ تاكى ئايۇپ بىلەن تېپىشقان كۈنگە قەدەر مەن بىر مەزگىل لەيلەپ يۈردۈم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمگە بىر نىشان ۋە مۇۋاپىق پىلان بەلگىلىشىمنىڭ ناھايتى زۆرۈلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئۇيان ئويلىنىش بۇيان ئويلىنىش ئارقىلىق، مەن ئاخىرىدا ھەر ئەتىگىنى ئاسىيە ئويغاتقان كېيىن قايتا ئۇخلىماي كىتاپ كۆرۈش، بەش مەشغۇلىيەت كۈنىدە ئۈگۈنۈشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تۇرۇپ بېسىپ قىلىش، بارلىق تاپشۇرۇق ۋە ۋەزىپىلەرنى جۈمە كۈنى كەچقۇرۇندىن بۇرۇن تاماملاپ بولۇش، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئەتىگىنى ئاسىيە ئويغاتقان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۈچ سائەتكىچە دەرىستىن سىرىتقى كىتاپلارنى كۆرۈش ۋە تۈرىك تىلى ئۈگۈنۈش، قالغان ۋاقىتتا راۋۇرۇس ئارام ئالغاندىن سىرىت، خوش ياقسا يەنە ئۆزۈم خالىغان باشقا ئىشلارنى قىلىشنى ئۆز مىزانىمغا ئايلاندۇرۇش قارارىغا كەلدىم. شۇنداق قىلىپ كېيىنكى كۈنلىرىم مۇشۇ پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئۆتۈشكە باشلىدى. دەرىسلەرنىمۇ ناھايتى ئوڭۇشلۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭدىم.
ئايۇپ قويۇپ كەتكەن ۋەلسىپىتنى بىر ئايدىن ئارتۇقراق ئىشلەتتىم. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم يۈز كۆرۈشكەن بولساقمۇ يا مەن ئۆزۈمنى سوراپ ئاپىرىپ بەرمىدىم،يا ئۇ بىزنىڭ مەكتەپ تەرەپلەرگە كەلگەن چاغلاردا ئۆزى ئەكىتەي دېمىدى. مەن ئامالسىز بۇنىڭ ئورنىنى ئۇنىڭغا سوۋغا بېرىش ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولدۇم. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ خىيال خېلى ئۇزۇنغىچە خىيال پېتى قېلىۋەردى. نېمە ئۈچۈنكىن ئۇ مېنى بەكلا چۈشىنەتتى. مەن بىرەر نەرسىگە مۇھتاج بولغان ھامان ئۇ ئالدىن سېزىپ بولاتتى. تېخى ھەر قېتىم پاراڭلاشقان ۋاقىتتا ئىككىمىز ئوخشاش بىر گەپنى تەڭلا قىلىپ قالاتتۇق.
چارەگلىك ئىمتاھانىدىن كېيىن مەن ئاسىيەنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ يۈرۈپ «لېيىغان بۇلاق»نىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئوقۇدۇم. ئەمما ئاخىرقى ئىككى قىسمىنى تېخى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ئاسىيە ئېگىسى سۈيلەپ كەتتى دەپ، مېنىڭ كىتاپلارنى باغاشلاپ يېتىۋالغىنىمغىمۇ قويماي يۇلۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. گەرچە ئەسەرنىڭ ئاخىرىنىڭ تەقەززاسىدىن يۈرىكىم سىقىلىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ تونۇمايدىغان ئادەملەرگە بىر رومان كىتاپ ئۈچۈن بويۇن ئېگىپ يۈرۈشنى خالىمىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە قاتتىق ھاي بېرىپ يۈردۈم.
شەنبە كۈنلىكى ئەتىگەندە ئايۇپ كۈلگەن پېتى مەكتىۋىمىزنىىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالدى. كىتاپ دەستىدىن كەيپىم چاغ بولۇپ قالغان بولغاچقا ئۇنىڭ بۇنداق ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق كۈلۈشلىرى ماڭا تازا ياقماي قالدى. كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ئۆزۈم گەرچە ماڭدامدا بىر چاقچاق ئېتىپ مىنۇتتا بىر قاقاقلاپ تۇرىدىغان شاتۇت ئېغىز قىز بولساممۇ،ئوغۇل بالىنىڭ تولا كۈلىشى ئانچە دىتىمغا كەلمىگەچكە بۇنى ئالدىراپ ئىچىمگە سىغدۇرالمىدىم. شۇڭا كۆرۈشە كۆرۈشمەيلا ئۇنىڭغا دوق قىلدىم:
-ۋوي ئايۇپجان نىم بولدى ئۆزلەرگە؟ چىشلىرىنىڭ ئېقىنى پاختا كەمپۈتتەك پولتايتىپ ھىجىيىپ تۇرۇپ قاپلىغۇ بۇ يەردە؟
-ۋاي...ياق...شۇ...
-بىرەر خۇشاللىق ئىش بولغان ئوخشىمامدۇ؟ بايىدىن بېرى بىكارغا سوقماق تارقاتتىمۇ يا بۇ يەردە؟
-نېمىلەرنى دەيدىغانسىز. مەن سىز ئۈچۈن خوش بولىۋاتىمەن كالۋا قىز!
-مەن ئۈچۈن؟ چۈشەنمىدىمغۇ؟ ئەجىبا بىزنىڭ مەكتەپ ئىمتاھان تۈزىمىنى بىكار قىپتىمۇ؟
- ھا ھا ھا... سىزنىمۇ قورقىتالايدىغان نەرسە بار ئىكەن ھە بۇ يەرشارىدا.ھەيران قېلىۋاتىمەن مەن شۇ تاپتا.
-ھەرگىز ھەيران قالماڭ، مېنى قورقىتىدىغىنى پەقەت ئىمتاھانلا ئەمەسكەن. سىزنىڭ بايىقى كۈلكىڭىزمۇ خېلى تىتتىرەتتى مېنى.
-نېمە مېنىڭ كۈلىشىمدىن ئۈركۈپ كەتتىڭىز ئەمدى؟ غەلىتە مەخلۇقلاردەك سەت كۈلەمدىكەنمەن يا؟
-ئۇنداققۇ ئەمەس. قاق سەھەردىلا ھىجىيىپ يۈرسىڭىز سەل غەلىتە بىلىندى شۇ...
-ھېجايغىنىمنىڭ سەۋەبىنى بىلگىڭىز بولسا ئاۋال كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ!-مەن ئاستا كۆزۈمنى يۇمدۇم.ئىچىمدە بولسا ئۇنىڭ كەينىگە ئېسىۋالغان سومكىسىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇردۇم. ئاڭغىچە ئۇ كۆزۈمنى ئېچىشنى بۇيرىدى. ئەمما مەن كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىدىن خۇدۇمنى يوقىتىپ ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم. چۈنكى مەن خىيالىمدىن نېرى قىلالمايۋاتقان ھېلقى سۆيۈملۈك نەرسە شۇ تاپتا كۆز ئالدىمدا تولۇقى بىلەن تۇراتتى. كۈچلۈك بىرخىل ھاياجان ئىچىدە ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-سىز نەدىن تاپتىڭىز بۇنى؟ ھە راس، مېنىڭ ھازىر دەل بۇ كىتاپنى ئىزدەۋەتقانلىقىمنى سىز نەدىن بىلدىڭىز؟ ۋاي توۋا....ھەجەپمۇ بىر...- شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۆتكەندە چارەگلىك ئىمتاھانغا تاپشۇرىدىغان پىروگىراممىنى لاھىيلىيەلمەي جىلە بولۇپ ئولتۇرغىنىمدا خۇددى ئىچىمدىكىنى ئوقۇۋالغاندەكلا مۇڭداشقۇغا ئۈلگۈرتۈپ ئەۋەتىپ قويغان پىروگىراممىسى غىل-پال يادىمدىن كەچكەندى.
-قورسىقىڭىزدىكى مەددە قۇرۇت ئەمەس مەن ئىچىڭىزدىكىنىڭ ھەممىنىن بىلدىغانغا! مەندە بار كىتاب ئېدى بۇ. ئۆزۈم بەك ياقتۇرىدىغان بولغاچقا سىزنىمۇ ئوقۇپ باقسۇنمىكى دەپ ئېلىپ كەلدىم.
-كۆڭلۈمنى ياساپ بولسىمۇ ھە دەپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا لايىق بىر ئىلمىيراق گەپ قىلسىڭىزچۇ ھەي! ھېلى بىكار كىتاۋىڭىزنىڭ ئۈستىگىلا قۇسۇپ قويماي جۇمۇ مەن...
-ۋاي ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ، مەن بەك تەستە تاپقان كىتاپ ئۇ. ناۋادە كېرەكتىن چىقىرىپ قويسىڭىز ئۆزىڭىزنى سېتىپمۇ تۆلەپ بولالمايسىز جۇمۇ!
-بۇ گېپىڭىز بىلەن گېلىڭمنى غىققىدىلا قىلىپ قويدىڭىزغۇ ئەمدى! خاتىرجەم بولىڭە، ئۆزۈمنى سېتىپ تۆلىيەلمىسەم سىزنى قوشۇپ سېتىپ بولسىمۇ تۆلەيمەن! –شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭ سومكىسىدىن ئۆزۈمگە لازىملىق ئىككى قىسىم كىتاپنى چىقىرۋالدىم.
-ھا ھا ھا...راستىنلا ئۆزگىچە قىزدە سىز ئايقىز! بايىقى گېپىم ئۈچۈن ئۆڭۈپ تاتىرىپ قېيداپ قېچىپ كىرىپ كېتەرمىكىن دېسەم كۆزۈمنى ئېچىپلا قويدىڭىز سىز...
-مۇشۇ بوي، مۇشۇ ئۇستىخان بىلەن ئۇنچىلىك چاقچاقنى كۆتۈرەلمەي ئىگىلىپ سۇنۇپ كەتسەم سەت تۇرار. –شۇنداق دېگەچ ئۇنى ئاشخانا تەرەپكە باشلىدىم.ئىككىمىز پاراڭلاشقاچ خۇيزۇنىڭ ئاشخانىسىدىن بىر قاچىدىن خۇيميەن ئىچىشتۇق. ئۇندىڭدىن كېيىن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ ئۆز-ئارائۈگۈنۈش تەجىربىللىرىنى سۆزلەشتۇق ۋە ھېلقى كىتاپ توغۇرلۇق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشتۇق. ئۇ كىتاپ ئوقۇشقا ناھايتى ھېرىسمەن بولغاچقا كۆزى كۆرگەن، ئۆزى ياقتۇرغانلا كىتاپلارنى يىمەي-ئىچمەي بولسىمۇ سېتىۋالىدىكەن. ھازىرغا قەدەر يىغقان كىتاپلىرى ئىچىدە يېنىدا بارلىرى «ئىز»،«ئويغانغان زىمىن»، «ئانا يۇرت»،«پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر»،«ۋەتەن سۆيگۈسى»، «بوز دالا»، «ئىزدىنىش»، «مىھراپتىن چايان»، «كۆكۈيۈن»،«تۇنجى مۇھەببەت»،«رەزىل يۈرەك»، «چالقۇشى»، «تامغا»، «لەۋدىن قەلىبكە»،«ھالاكەت»،«ئۆكسۈش»،«مەھمۇد قەشقىرى»،«يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا» قاتارلىقلار ئىكەن. بۇلارنى ئاڭلاپ مەن خۇددى ئۆزۈمنى سىرلىق بىلىم خەزىنىسىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.
ئۇ ماڭا بۇ كىتاپلارنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئوخشىمىغان تەسىراتلىرى ۋە بۇ كىتاپلارنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان ئىلھامى ۋە بەدئىي تەربىۋىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ، ھەر بىر كىتاپ ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختالغاندا ئۇنىڭ كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرجىدە تەپەككۇر قىلىشلىرى ھەم ناتىقلارغا خاس سۆز-ھەركەت، چىراي ئىپادىللىرى بىلەن سۆزلەشلىرىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم. گەرچە مېنىڭ ئوقۇغان كىتاپلىرىم ئۇنىڭكىدىن ئاز بولمىسىمۇ، لىكىن شۇندىڭدىن تۇتۋالالىغان ۋە پايدىلىنالىغان تەرەپلىرىم ئۇنىڭكىچىلىك ئەمەس ئېدى. شۇڭا ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ھەر قېتىم كىتاپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭىدىغانلىقىنى، چۈشەنمىگەن جايلىرى ئۈستىدە قايتا-قايتا مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ھەتتا بىر كىتاپنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى قاچان قايسى ۋاقىتتا ئوقۇغانلىقىنى، ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قانداقراق تەسىراتقا كېلىپ بۇندىن كېيىن ئۆزىنى قانداقراق ئۆزگەرىتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ تەپسىلىي يېزىپ ماڭدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇلارنى ئاڭلاپ مەن ئۆزۈمگە يەنە قايتىدىن بىر نىشان بەلگىلىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە دەرھال ئىنكاسىمنى تىزلىتىپ ئۇنىڭ سومكىسىدىكى روماننىڭ قالغان قىسىملىرىنىمۇ ئېلىۋالدىم. چۈنكى روماندىن خاتىرە قالدۇرۇشۇم ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم باشتىن-ئاخىر ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقمىسام بولمايتتى. ئۇ بۇنى كۆرۈپ يەڭگىل تەبەسسۇم قىلىپ قويدى. كەچقۇرۇنلۇقى مەن ئۇنى يولغا سېلىۋىتىپلا تاللا بازىرىدىن يوغان خاتىرىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان قەلەمنى ئارسىغا قىستۇرۇپ قويدۇم. شۇ كۈندىن باشلاپ مېنىڭ كونىچە كىتاپ كۆرۈش ئۇسۇلۇم ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىندى.
كېيىنچە ھېلقى خەنزۇ ياتاقدېشىمىز پات-پات غەيرى نەرسىلەرنى ئەكىرىپ يەيدىغان، باشقىلارنىڭ نېمە ئىش قىلۋاتقىنى بىلەن كارى يوق غەيرى قىلىقلارنى قىلىدىغان ھۈنەر چىقىرۋالدى. ئۇ ناھايتىمۇ بولىۋالغان قىز بولغاچقا بىزنىڭ شۇنچە قاراشلىرىمىز ۋە ئىشارەتلىرىمىزگىمۇ پىسەنت قىلماي ئۆز قىلقىنى قىلىپ يۈرىۋەردى. ئاخىرىدا مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى قۇلىقىدىن تۇتۇپ سۆيىدىغان، يولداشلارنى كۆرسە ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالىدىغان ئاسىيەخان چىدىماي ھەممىمىزدىن يامان چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق ئېتىشىپ، تاكانلىشىپ كەتتى. خۇيزۇ ياتاقدېشىمىز ما شاۋشۇاڭ ئىككىمىزمۇ ئاسىيەنى قوللاپ بۇ جىدەلگە ئارلاشتۇق. دېمىسىمۇ ئۇ بودەك سەل ئاشۇرۋەتكەن ئېدى. نەتىجىدە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىش تىنىچلىق بىلەن ھەل قىلىندى. ئۇ قىزمۇ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىزمۇ ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان، ئىمكان بار ياتاقنىڭ تازلىقىنى قاتتىق تۇتىدىغان بولۇپ كېلشتۇق. شۇنداق قىلىپ ياتىقىمىزدا بىر مەزگىل ئىناقلىق ئۇرۇقى بىخ سۈردى.
مەن كىتاپنى تىز سۈرئەتتە ئوقۇپ خاتىرە قالدۇرۋالغاندىن كېيىن ھەپتە ئاخىرىدا ئايۇپنى ئىزدەپ باردىم. ئۇ كىتاۋىنى ئەكىرۋەتكەندىن كېيىن ئىككىمىز خۇاڭخى دەرياسىنىڭ بويىنى پىيادە ئايلانغاچ پاراڭلاشتۇق.ماڭا ئەلەم قىلغىنى ئۇنىڭ ماتېماتكا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى بولدى. ھەرقانچە قىلىپمۇ ماتېماتكا كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىرىنىڭ بۇنچىلىك ئوچۇق-پىكىرلىك، سۆزمەن بولۇشىنى ئەقلىمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. بىراق ئەمەلىيەت كۆز ئالدىمدا ئېدى. بەزىدە تۇرۇپلا ئۆزۈمدىن يىرگىنىپ قالاتتىم. چۈنكى مۇشۇنداق بىر ياخشى سىردىشىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپمۇ ئۆتمۈشنى، توغرىسى مۇختەرنى خىيالىمدىن نېرى قىلالمايتىم.
بىز دەريانى بويلاپ جۇڭ شەن چىياۋ(جۇڭ شەن كۆۋرۈكى) غا كەلدۇق. ئۇ يەردە ئۇ مېنى بىرنەچچە پارچە رەسىمگە تارتىپ قويدى.ئۇنىڭدىن كېيىن بىز كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بەي تا شەن باغچىسىغا كىردۇق. بۇ باغچا تەبئىي ئىكلوگىيەلىك باغچا بولۇپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلار كەمدىن كەم ئېدى. تاغقا يامىشىش ماڭا قولايسىز بولغاچقا بىز ئۇ يەردىن تىزلا قايتىپ چىقىپ ئۇدۇل غەربى شىمال كىتاپ شەھەرچىسىگە باردۇق. كىتاپخانىنىڭ كۆلىمى تولىمۇ چوڭ بولۇپ ھەرخىل كىتاپ ۋە چالغۇ ئەسۋاپ تۈرلىرى تولۇقى بىلەن ئېدى. مەن ئۇ يەردىن تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ « مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق كىتاۋىنىڭ خەنزۇچە نەشىرىنى سېتىۋالدىم. كەچقۇرۇنلۇقى ئاسىيە چىققاندىن كېيىن ئايۇپ بىلەن خوشلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپ ماشىنىسغا ئولتۇرۇپ يۈجۇڭغا قايىتتىم. ئەمما نېمىشقىكىن يولدا كەلگۈچە مۇختەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن گۈزەل كۈنلەرنى ھەمدە ئۇنىڭ ئالامدىن ئۆتكەن سۆيۈملۈك بوۋىسىنى خىيال قىلىپ كەلدىم.
ئۇ كېچە مېنى قاتتىق قارا باستى. يېرىم كىچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ قورقۇپ كەتكىنىمدىن تاكى تاڭ سۈزۈلگىچە قولچىراغنى يېقىپ ئۆرە ئولتۇردۇم. ئەتىگىنى ھالىمنى كۆرۈپ ئىچى سىيرىلغان ئاسىيە ماڭا ئۆز قولى بىلەن ناشتىلىق تەييارلاپ بەرگەندىن سىرىت، ئۆزىنىڭ بىلىشىچە كونىلىق قىلىپ بەردى ۋە دىلىمنى ئاۋۇندۇرىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلىپ مېنى پەس كويغا چۈشۈردى. گەرچە ئۇنىڭ تەسەللىيسى بىلەن خېلى يىنىكلەپ قالغان بولساممۇ لىكىن ھېلقى مۇدھىش چۈش خېلى بىر كۈنلەرگىچە مېنى ئارام تاپقۇزمىدى.كۈنگە نەچچە ۋاخ تېلىفۇن قىلىپ توختىماي ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى سوراشلىرىمدىن خاۋاتىرلەنگەن ئاپام، دادام بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئاخىر مېنى كۆرگىلى كېلىدىغان بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئاغىزىمنىڭ چۆرىسىنى قورقاق بېسىپ ئادەم ئىسكەتىم قالمىغان ئېدى. شۇڭا ئاپام بىلەن قايسى تەرىقىدە كۆرۈشۈشنى ۋە قانداق قىلىپ بۇ ھالىتىمنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەسلىكنى بىلەلمەي ئارسالدى بولۇپ قالدىم.
«پاتما ياتسا زورا قوپار» دېگەندەك خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ئاپامنى كەلمەيدىغان قىلسام ئايۇپ سىزنى يوقلاپ بارمىسام بولمايتى دەپ جىدەل قىلغىى تۇردى.ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا گەپنىڭ راستىنى قىلىۋەتتىم:
-مېنى كۆرگىڭىز كەلگەن بولسا بۇ يەرگە كېلىپ ئاۋارە بولغۇچە باغچىلارغا بېرىپ ئورانگۇتاننىلا كۆرىڭە بولدى.
-بۇ نېمە گەپ ئەمدى؟
-ھېچنىمە گەپ، شۇ ئاغزىمغا نەرسىلەر چىقىپ ئاشۇنداق سەت بولۇپ قالدىم.
-جىق گەپ قىلماي تېلفۇننى قويۇپ چۈشىڭە پەسكە. مۇشۇنداق بولارىنى بىلىپ شۇڭا ئالدىن تەييارلىق بىلەن كەلگەن مەن.
-نېمە؟ سىز ئاللىقاچان كېلىپ بولغانما؟
- ھەئە، ھېلىمۇ يېرىم سائەت بولاي دېدى سىزنى پەسكە چۈشۈرەلمەي گەپ تاكانلىشىۋاتقىلى...-گېپىنىڭ ئاخىرىنى كۈتمەيلا ئايىغىم بىلەن پوسمامنى كىيىپ پەسكە يۈگۈردۈم. سەھرانىڭ غۇر-غۇر شاماللىق ھاۋاسىدا ئۇ خېللىلا توڭلىغان بولغاچقا يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ماڭا يوغان بىرنى قارىۋەتكەندىن كېيىن يانچۇقىدىن بارماقچىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى چاسا قۇتىلىق بىر نەرسنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى ۋە ئۇنىڭ قورقاق دورىسى ئىكەنلىكىنى، دورىنى قۇتىنىڭ سىرتىدىكى چۈشەندۈرۈش بويىچە ئىشلىتىشىمنى تاپىلاپ ماڭا روھىمنى كۆتىرىدىغان بىرمۇنچە سۆزلەرنى قىلىپ تەسەللىي بەرگەندىن كېيىن دەرھال قايىتمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تاماق يەپ بولسىمۇ مېڭىڭ دەپ شۇنچە چىڭ تۇتقىنىمغىمۇ قارىماي ئالدىراپ كېتىپ قالدى.
ئۇ بۇ دورىنى نەدىن تاپتىكىن، ناھايتى تىزلا ئۈنۈم بېرىپ مېنى غەمدىن خالاس قىلىشقا باشلىدى. مەن خوشلۇقتا دورىنى ماختىغىلى تۇرسام ئاسىيە:«خېنىمخان، سىزنى ساقايتىۋاتقىنى دورا ئەمەس، مىھرى-مۇھەببەت. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دورىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ سىناپ باقسىڭىزلا بولىدۇ.» دەپ مېنىڭ مۇختەرگىلا خاس بولغان خىيالى دۇنيارىمغا ئەمەس ئەمەس مەزمۇدىن بىرنى زورلاپ قىستۇرۇپ قويدى. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ تۇرمۇشۇمدا يېڭىدىن بۇرلۇش يۈز بېرىشكە باشلىدى.
(3)
ھەش-پەش دېگۈچە قىشلىق تەتىلنىمۇ تۈگەتتۇق. بۇ قېتىم ئاپام مەكتىۋىدىن رۇخسەت سوراپ ئالايىتەن مەن تۇرىۋاتقان شارائىتنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن مەكتەپكە مەن بىلەن بىللە كەلدى. ئۇ مەكتەپنىڭ ئومۇمى شارائىتىنى خېلى ياقتۇرغان بولسىمۇ، جايلاشقان جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن تازا رازى بولمىدى. چۈنكى مەن تۇرىۋاتقان بۇ مەكتەپ رايۇنى شەھەر مەركىزىدىن بىر سائەتلىك يىراقلىقتىكى يىزا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بولغاچقا، يىمەك-ئىچمەكتىن قىسىلمىغان بىلەن كىيىم-كېچەك، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشتا،ئۆيگە بېرىپ كېلىشتە خېلى بەك قىينىلاتتۇق. مەن كۆنۈپ قالغىنىمنى ئېيتىپ ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ قويدۇم.
ياتىقىمنىڭ شارائىتى، ياتاقداشلىرىمنىڭ ئوچۇق-يورۇق، كەڭ قورساق،كىچىك پىئىللىقى ئاپامنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى. بولۇپمۇ ئاسىيە ئۇنڭغا سەت ياراپ كەتكەچكە چاقچاق قىلىپ:«يامان ئوڭلۇق چوڭ بولغان قىز بالىكەنىسز، ئوغلۇم بولغان بولسىمۇ ئېلىپ بىرەركەنمەن سىزنى.»دېۋىدى، ئۇنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزرىپ كەتتى.
ئۇ قېشىمدا تۇرغان بەش كۈندە مەكتەپنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى تەپسىلىي ئايلىنىپ چىقتى. بىز يەيدىغان تاماقلارنى بىر-بىرلەپ تېتىپ كۆردى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئۇنىڭغا خۇيزۇلارنىڭ دوخۇپكاسىمان تۆمۈر شال ئۈستىگە قويۇپ پىشۇرىدىغان، تۇز تەمىمۇ بولمىغان ئاق نېنىنى ئېلىپ بىرىۋىدىم،ئۇ بىر چايناممۇ يۈتەلمەي مۇشۇنداق جاپادا ئوقۇۋاتامسىلەر بىچارە باللىرىم دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ كەتتى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا:
-ئاپا، ھېلىمۇ شۈكرى، تورلاردىن ئافرىقىدا مۇشۇنچىلىك نانغا زار بولۇپ،ئوت-چۆپ،سېغىز لاينى قۇرۇتۇپ يەپ جان ساقلاۋاتقانلارنىمۇ كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.-دېدىم. گېپىمدىن مەنمۇن بولغان ئاپام:
-رەھمەت قىزىم، ئىنسابىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن!-دەپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى. ۋە دادامنىڭمۇ تېتىشىپ بېقىشى ئۈچۈن ئۇ ناندىن يەنە ئىككىنى ئېلىپ سومكىسىغا سېلىۋالدى.
ئاپامنى يولغا سېلىپ قايتاي دەپ تۇرۇشىمغا ئايۇپتىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى. مەن تېلىفۇننى ئاستا ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدىم:
-قانداقراق؟ تەتىل ياخشى ئۆتكەندۇ؟
-ئاپىڭىز كەتتىمۇ؟ يىغلىمىغانسىز؟ -ئۇنىڭ بۇنداق سورىشى مېنى سەل ھەيران قالدۇردى:
-سىز بۇلارنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟
-خاتىرجەم بولۇڭ، مەن جىنكەش بولمىغاندىكىن ئەلۋەتتە يىغىن كۆرۈپ بىلمىدىم بۇنى. ئالدىنقى كۈنى بىر ئىش بىلەن مەكتىپىڭىز تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالغان. شۇ چاغدا كۆرگەن ئىككىڭلارنى. ئۇنىڭ سىزگە قاراشلىرى ۋە مۇئاملىسىدىن ئاپىڭىزمىكىن دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم.
-ئۇنىڭ بۈگۈن ماڭىدىغانلىقىنى قانداق بىلدىڭىز ئەمىسە؟
-ياتقىڭىزدىكى ھېلقى ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان قوشۇق يۈز رۇس قىزدىن. قايتاي دەپ ماشىنا ساقلاۋاتسام ئۇچراپ قالغان.
-ھە. ئۇنىڭ ياتاقدېشىم ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلدىڭىز؟
-ئۆزىڭىز دەپ بەرمىدىڭىزمۇ قاپاقباش. مېنى مەكتىۋىڭىزدە قويۇپ كەتكەن ئارتۇقچە كۆز-قۇلاقلىرى بارمىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسىز؟
-ئۇنداق ئەمەس، شۇ ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپ قاپتۇ.
- جىق گەپ قىلماي تېلىفۇننى قويۇپ،ۋوگزالدىن چىقىپ ئۇدۇل 33-يولنىڭ ئاپتۇبۇسى توختايدىغان ئوتتىرا يولدىكى بېكەتكە كېلىڭ. چاققان بولۇڭ!
تېلىفۇننى قويۇپ جىدەللەپ ماڭغىنىمچە ئۇ دېگەن جايغا كەلدىم. مەن كېلىشىمگىلا بىز چىقىدىغان ئاپتۇبۇسمۇ يېتىپ كەلدى. بىز خۇاڭخى دەرياسىنى يېنىدىكى غۇلجىلىقنىڭ ئاشخانىسىغا كەلدۇق. تاماق يىگەچ ئۇ ماڭا «بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن»دېگەن كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىنى سوۋغا قىلدى. مەنمۇ گەپ قىلمايلا كىتاپنى سومكىغا سالدىم.
بىر كۈنى دەرىس ئاڭلاۋېتىپ تۇيۇقسىز كاكۇكنىڭ سايرىغان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. مەن كۆڭلۈمدە بۇ بىرەرسىنىڭ تېلفۇنىدىن چىققاندىكى ئاۋاز بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىپ دەرىسخانىدا ئىكەنلىكىمنىمۇ ئۇنتۇپ ئاۋازلىق شۇنداق دەپ سالدىم:
-قايسىڭنىڭ دېسىدىن چىققان ئاۋاز ھەي ماۋۇ، يىغۇشتۇرىشە چاققان! –بۇ گەپ بىلەن تەڭ دەرىس سۆزلەۋاتقان،دېرىزە كۆز ئايال، «جۇڭگۇ يېقىنقى زامان تارىخى» ئوقۇتقۇچىمىز دەرھال يېنىمغا كېلىپ سورىدى:
-نېمە ئىش بولدى ئۇزۇن چاچ قىز؟
-ھېچ......ھېچنىمە، شۇ بىرسىنىڭ تېلفۇنى كاككۇكنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىپ سايراپ كەتكەنتى، شۇڭا......
-ھە.......لىكىن سايرىغىنى تېلىفۇن ئەمەس كاككۇك.-ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن تەڭ مەن مۇختەرنىڭ شۇ يىراق يېزىسىنى ئەسلەپ قالدىم. شۇ تاپتا مۇشۇ ھېسياتىمدا ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى بىلسەم ئېدىم دەرھال تېلىفۇن قىلىپ مەن تۇرىۋاتقان شەھەردىمۇ ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكىگە ئوخشاش كاككۇك سايرايدىغىنىنى ئېيتىپ بۇ خۇشاللىقىنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلاشقان بولاتتىم. ئەپسۇس..............
بۇ ماۋسۇم دەرسىمىز كۆپرەك بولغاچقا دەرىستىن سىرىتقى كىتاپلارنى كۆرۈشكە پەقەت ۋاقىت چىقرالمىدىم.ئالدىراشچىلىق بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ تىنغۇدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم. ئاسىيەنىڭمۇ مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقۇدەك ۋاقتىمۇ چىقماي بىر ماۋسۇم ۋاقىتنى كۇتۇپىانىنىڭ ئىچىگە بىكىنىپ ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىۋەتتى. ئايۇپمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن چېغى مېنى بۇرۇنقىدەك كۆپ ئىزدىمدى. ھەممە ئاتمىش نۇمۇر تىپىرلاۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە مەن يۇقرى نۇمۇر ئۈچۈن كۆرەش قىلىمەن دەپ شۇنچىلىك تۈگىشىپ كەتتىم. چۈنكى مەن ياخشى نەتىجەملا ئاپام دادامغا ئەڭ زور تەسەللىي بولالايدۇ، ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئويلايتىم.
ئورۇقلاپ گۆردىن چىقىرۋالغاندەك بولۇپ قالغان ھالىتىمنى كۆرگەن ئاپام دادام تېخى ئەمدىلا قايتىپ كەلگىنىمنىمۇ نەزەرگە ئالماي بىر مۇنچە كايىپ كەتتى:
-ئوقۇدۇم دەپ ئۆلۈپ بەرمەڭ بالام ئەمدى. ئۆگۈنۈش دېگەننى ئارام ئېلىشقا بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق،يولىدا قىلغۇلۇق. كېرەكلىك بىلىملەرنى ئىگلىۋالسىڭىزلا يۇقرى نۇمۇر ئالمىسىڭىزمۇ ھېچ گەپ يوق. ئۆزىڭىزگە بەك بېسىم قىلۋالماڭ. كىچىكلىكىڭىز كەتتى ئەمدى. ئالىي مەكتەپ دېگەن ئەركىن ھالەتتە ئەمەلىي بىلىملەرنى ئىگەللەيدىغان جاي. باشلانغۇچ تولۇقسىزلاردا نۇمۇرنى يەتكۈچە ئېلىپ ئاساسنى پۇختا سېلىۋالغان بولغاندىكىن بالىلارچە تەپەككۇر قىلىپ ئۆزىڭىزنى قىينايدىغان ئىشنى قىلماي ھەممىنى نۇرمال ھالەتتە قىلىڭ.-دادام توختىشىغىلا ئاپاممۇ قوشۇپ قويدى:
-ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دېگەن قىز بالا، قىز بالا دېگەن ئوقۇشنىلا ئەمەس،باشقا ئىشلارنىمۇ بىلمىسە بولمايدۇ. تۆت يىل ئوقۇپ كىتاۋى بىلىملەرنىلا ئۈگىنىپ كەلسىڭىز ئەپلەشمەيدۇ بالام. ئالىي مەكتەپ دېگەن ئادەم بولۇشنى، ئۆزىنى كۈتۈشنى، باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشنى، جەمىيەتنى كۈزىتىشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىملىرىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرىدىغان جاي. ئەتىدىن كەچكىچە كىتاپنىڭ ئۈستىگە دۈم يېتىۋالسىڭىز كەينىدە قالىسىز. ھەممىنى تەڭ ئۈگىنىپ مېڭىڭ. بىلىملەر يالغۇز دەرىسلىك كىتاپلاردىلا بولمايدۇ. بۇنداق دېسەم يەنە ھەممە سالانى ئالا قويماي يۈرمەڭ. سىزنى ئەقىللىق، نېمە قىلىش قىلماسلىقنى ياخشى بىلىدۇ. ئىشىغا پۇختا، ئۆزىنى باشقۇرالايدۇ دەپ گەپلەرنى مۇشۇنداق ئۇدۇللا دەۋاتىمەن. لىكىن بالام ھەربىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن قىلىدىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش بولسۇن. بۇ ھەممە ئىشقا پىششىق ، چىچەن ئادەم بولىشىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق. چۈنكى ئۆزىنى كۈتۈشنى بىلمىگەن ئادەم باشقىلارنى كۈتۈشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ.
-ۋاي ماقۇل. قورسىقىمنىڭ ئاچقىننى بىلىپ قاپتىكەنسىلەردە قارىغاندا. كەلمەي تۇرسام ئەسكى قاپاقتىن سۇ تۆكۈلگەندەك بىرڭلارغا بىرىڭلار ئۇلىشىپ ۋالاقشىپ كېكەرتىۋەتتىڭلارغۇ مېنى. قورسىقىم گەپكىلا تويدى شۇ تاپتا. سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۈزەتسەملا بولمىدىمۇ. نېمە جىق گەپلەردۇ بۇ... –سۆزۈمنىڭ ئاخىرى تۈگمەي تۇرۇپلا دادام ئاپام تەڭلا:
-گەپدانلىقىنى قارا بۇ شەيتاننىڭ. خەپ ، ئاتا-ئانىغا سۆز ياندۇرغانغا داد دىگۈزمىسەم. –دېيىشىپ مېنى قىچىغقلاشقا باشلىدى. مەن ئۇندا يالۋۇرۇپ، بۇندا يالۋۇرۇپ ئۇلارنى توختىتالماي ئاخىرى پۇتۇمدىكى ئاق پايپاقنى سېلىپ ئېگىز كۆتۈرۈپ ۋارقىرىدىم:
-ئاپا،دادا رەھىم قىلىڭلار! مەن تەسلىم بولدۇم، مەن تەسلىم بولدۇم!
ئۇلار مېنىڭ بۇ قىلىقىمغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىم تاكى ئون نەچچە كۈنگىچە ئاپام بىلەن سىڭلىم مېنى قازان بېشىغا يولاتمىدى. داداممۇ تامىقىمنى بېشىمدا چارلاپ تۇرۇپ يىگۈزدى. گۈزەل تەتىل كۈنلىرىم بىرنى بىرى قوغلىشىپ ناھايتى تىز ئۆتمەكتە ئېدى. مەن كۆڭلۈمدە تەتىلنىڭ ئاخىرلاشماسلىقىنى تىلەيتىم. چۈنكى بۇ يەردە بىر كۈن ئارتۇق تۇرغىنىمنىڭ مۇختەرنىڭ دېرىكىنى ئېلىشىمغا پايدىسى زور بولاتتى. ئەمما قېرىشقاندەك ئۇنىڭ بىلەن زادىلا ئالاقىلشالمايۋاتاتتىم.
قەلبىمدە ئۇنى سېغىنىپ تۇرساممۇ يەنە بىر يەرلىرىمدە ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقىم بار ئېدى. چۈنكى ئۇنىڭ تولۇق ئوتتىرانى پۈتتۈرۈپلا ھېسياتىمنى قىلچىمۇ نەزەرگە ئېلىپ قويماي، مەن بىلەن كارى بولماسلىقى ماڭا بەكلا ئېغىر كېلىۋاتاتتى. شۇنچە يىللىق مىھرىمىز بولغاندىكىن مەن بىلەن بەك كۆپ ئالاقىلىشىپ كېتەلمىسىمۇ،ئاندا-ساندا بولسىمۇ ئىزدەپ قويىشى مۇۋاپىق ئېدى. شۇلارنى ئويلاپ ئچىم ئاچچىق بولۇپ تۇرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئايۇپ سوۋغا قىلغان كىتاپ قولۇمغا چىقىپ قالدى. كىتاپنىڭ ئىسىم يازىدىغان قىرىغا «ئادەم يېڭىلىش ئۈچۈن يارالمايدۇ!»دېگەن سۆز بىلەن كىتاپنى سېتىۋالغان يىل ئاي كۈن يېزىلغان بولۇپ خەت خېلىلا كونا ئېدى. مەن كىتاپنى ئاستا ۋاراقلىدىم. بىرنجى بېتىگىلا چۈشۈرۈلگەن پۇچۇركا مېنىڭ دىققىتىمنى تارىتتى. چۈنكى بۇ پوچۇركا تولىمۇ چىرايلىق ئېدى.
مەن بۇ خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم. ئۇ «مەن بۇ كىتاپنى ئىچكىر تولۇق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتىن بۇيان يېنىمدىن ئايرىماي ساقلاپ كەلگەن.ئەمدى نەچچە يىلدىن بۇيان ھەممە ئىشلىرىمدا ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بولغاندىن سىرىت، چىن ئادەم بولۇشۇم ئۈچۈن روھى يۆلەك بولۇپ كەلگەن،مەن ئۈچۈن كۆز قارچۇقۇمدەك مۇھىم بولۇپ قالغان بۇ كىتاپنى سىزگە تۇتتۇم. خالىسىڭىز خۇددى يۈرىكىڭىزدەك كۆرۈپ بىر ئۈمۈر يېنىڭىزدىن ئايرىماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېگەن خەت بولۇپ ئاستىغا يەنە تېخى ئۇنىڭ ئىمزاسى قويۇلغاندى.
بۇنى كۆرۈپ خۇددى بىرسى بېشىمغا دەسسىۋەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم. يېقىنلىقىمىزنىڭ تەرەققى قىلىپ مۇشۇنداق دەرجىگە يېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئاسىيەنىڭ ئەسكەرتىشلىرى بىلەن ئانچە-مۇنچە تەسەۋۇر قىلىپ باققان بولساممۇ، لىكىن ئۇنىڭ مېنىڭ رايىمنى،خىيالىمنى بىلىپ باقمايلا ئۆزى بىلگىنىچە بۇنداق قارار چىقىرشى سەل ئىدىيەمدىن ئۆتمەي سەپرايىمنى ئۆرلىتىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە ئۇ ئاشۇ مىجەزى بىلەن مېنىڭ ئىشلىرىمنىمۇ رازۋىدكا قىلىپ ئۈلگۈرگەندۇ بەلكىم دېگەنلەرنىمۇ خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.
تۇرۇپلا ئاشۇ كىتاپنى بالدۇر ۋاراقلاپ سالغىنىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ كەتتىم. چۈنكى ئۇ خەت مېنىڭ پۈتۈن ئەس-خىيالىمغا كىرىۋېلىپ ئارامىمنى بۇزىۋاتاتتى. كاللامدا ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ باقتىم. ئۇنى قەلبىمدىكى مۇختەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپمۇ باقتىم. گەرچە ئۇنىڭ مۇختەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان جايلىرى نۇرغۇن بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ئۇنى مۇختەرنىڭ قەلبىمدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ سۆيۈملۈك ئوبرازىغا تەڭ قىلىپ بولالمايۋاتاتتىم. مېنىڭ ئالاقىزادىلىك ئىچىدە يۈرگىنىمنى كۆرگەن سىڭلىم ئۆزىنى بېسىۋالالماي سۆزلەپ كەتتى:
-ئاچا، ئىمتاھان بېرىپ چاقىرىق ئالالمىغان ئادەم مەن تۇرسام، سەن نېمىگە بۇنچىۋالا روھىڭنى چۈشۈرۈپ يۈرىيسەن؟ توۋا، ئاچام بولغاندىكىن ماڭا مەسلىھەت، تەسەللىيلەرنى بېرىپ قىلىدىغان يەردە جۇمۇ سەن تېخى! يا كۆڭلۈڭدە بارنى دېمەيدىكەنسەن. بار مەسلىھەت بىر ئىش قىلساق ھەل بولۇپ قالار ئېدى ئاشۇ بېشىڭنى قاتۇرىۋاتقان ئىشلارمۇ. مەنغۇ مەيلى، ئى ئاپام دادامنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ بۇنداق يۈرۈشتىن ھايا قىلغىن. ئىچىڭدىكىنى مەندىن يوشۇرالىغىنىڭ بىلەن ئۇلاردىن يۇشۇرالمايسەن جۇمۇ ئاڭلاپ قوي. سىڭلىڭ تۇرۇپ ساڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلغىنىمنىڭ ئۆزىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. ئەمما ئاچا بىز ئۇلارنىڭ بارلىقى. شۇڭا ئۇلارنى ئۈمىدسىز قويساق بولمايدۇ.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى كۆڭلۈمگە خېلىلا تەگكەچكە گەپ-سۆزمۇ قىلماستىن ھوجرا ئۆينىڭ ئىشكىنى جالاقشىتىپ ياپقان پېتى كىرىپ كەتتىم. دېمىسىمۇ مەن ئۇنىڭ چاقىرىق كەلمىگەنسىرى راستىنلا ئىمتاھان سۇئالىنىڭ جاۋاپلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يېزىپ قويغان ئوخشايمەن دەپ تىت-تىپ بولۇپ ئۆزىنى قويارغا جاي تاپالماي قېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بىر ئېغىز ھالىڭ نېمە ئۇكام دەپ سوراپ قويمىغانىدىم. گەرچە ئۆزۈمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ ئۇنىڭ ئاچىسى بولغانلىقىمدىن ئاتتىن چۈشسەممۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشكۈم كەلمەي ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىماقتا يوق يەنە خۇي كۆرسىتىۋالغان ئېدىم.
بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئەڭ بولمايدىغان يېرى تەتىلگە كېيىن قويۇپ بېرىپ بالدۇر يىغىدىغىنى ئېدى.بەزىدە تېخى ساۋاقداشلار يىلدا بىر قېتىم قويۇپ بەرسىمۇ بىر ئۇزاقراق قويۇپ بەرسە بوپتىكەن. مىڭ ئاۋارچىلىقتا بىلەت ئېلىپ جاپا تارتىپ قايىتقانغا چۇشلۇق تۇرالمايدىكەنمىز ئۆيدە دەپ قاقشىشىپ كېتەتتۇق. ئەمما ھېچقايسىمىزمۇ ئۆيىمىزدە ئىككى ئۈچ كۈن ئۇزاقراق تۇرىۋېلىپ ئاندىن بارايچۇ دېمەيتۇق. كۈتە-كۈتە مەن ماڭىدىغانغا ئازلا قالغاندا ئاخىرى ئاينىگارغا سىچۈەندىكى بىر مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى. بۇنى كۆرۈپ ئاپام دادام ئۇھ دېيىشتى.
مەكتەپكە قايتاشىمدا ئويلىمىغان يەردىن تۇرپان ۋوگزالىدا ئايۇپ بىلەن ئۇچۇرىشىپ قالدىم. ئەمما نېمىشقىكىن ئۇنى كۆرۈپلا تىلىم تۇتۇلۇپ بۇرۇنقىدەك ئەركىن گەپ قىلالماي قالدىم. ئۇمۇ سۆزمەنلىكنى تاشلاپ خېلىلا ياۋىشىپ قالغان ئېدى. ئىككىمىز بىر پويىز ئورنىمىز بىر يەردە بولغىنى بىلەن بۇرۇنقىدەك تازا ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلىشالمىدۇق. پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن لەنجۇدىكى دەردى چىققۇدەك يېغىۋاتقان يامغۇرنىڭ تەسرىدە توڭلاپ-تىترەپ يۈرۈپ ئاران تەسلىكتە يۈجۇڭغا ماڭىدىغان ماشىنىغا چىقىۋالدىم. ئۇ مېنى ماشىنىغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن ھەپتە ئاخىردا مېنى ئىزدەپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى.
مەن ئۇنىڭ ئاشۇ سۆزى ئۈچۈن مۇختەرنىمۇ خىيالىمنىڭ بىر بۇرجىكىگە ئاپىرۋىتىپ ئۇنى بىر ھەپتە زارىقىپ ساقلىۋىدىم ئويلىمىغان يەردىن ئۇ كەلمەي قويدى. شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ ئارتۇقچە ئويلىۋېلىپ بىمەنە خىياللارنى قىلىپ يۈرگىنىمنى ھېس قىلدىم. ئاخىرى ئوقۇشتىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىماي داۋاملىق ئەسلىمىللىرىم قوينىدا ياشاش قارارىغا كەلدىم.ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك قويۇق ئالاقە قىلىشنىمۇ توختاتتىم. ئالدىنقى بىر يىلدا شۇنچە تىرىشقا يارىشا ئېنىستىتوت ئىچىدە يىللىقلار ئارا بىرىنجى بولغان ئىكەنمەن. بۇنى ئاڭلاپ خۇددى كىچىك بالىلاردەك خوش بولۇپ مۇختەرگە خەۋەر قىلغۇم كېلىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن خەۋەرلىشەلمىگەچكە ئامالسىز ئىچىمگە تىنىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.
مەكتەپكە كېلىپ بىر ئايچە بولغاندا ئايۇپ يەنە مەكتىۋىمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئەھۋاللىشىشتىن كېيىن ئۇ دەرىس سائىتى كۆپ ۋە سالمىقى ئېغىر بولغانلىقتىن ئۆگۈنۈشتىن باش كۆتۈرەلمەي مېنى ئىزدىيەلمەي قالغانلىقىنى ئېيىتىپ مەندىن ئەپۇ سورىدى. قىزلارنىڭ كۆڭلى ئەنە شۇنداق نازۇك،ئەنە شۇنداق سۈزۈك بولغاچقا، قەلبىگە قونغان كىر زەررىچىلىك سەمىمىيلىك تەپتدىنلا بەردەملىكىنى يوقاتسا كېرەك. ئۇنىڭ بۇ كەچۈرۈم سورىشى ئىرادەمنى تىزلا تەسلىم قىلىپ مېنى ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلغان ئوخشايمەن دېگەن خىيالغا كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭدىن قارىغاندا كونىلار دېگەندەك قىزلار راستىنلا ئۆچكە يېغى ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە خۇشال پاراڭلىشىپ،كىيىنكى پائالىيەتلەر توغرىسىدا پىلانلارنى تۈزىشىپ ناھايتى كۆتۈرەڭگۈ بىر خىل روھ بىلەن ياتاققا قايىتتىم. ئاسىيەخان بىلەن چاقچاقلىشىپ تۇراتتىم، تۇيۇقسىز نۇر ئامىنەدىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى. ئۇ بويى پاكارراق، چىراي تۇرىقى قاملاشقان ھەم پاكىز ،مىجەزى ئوڭلۇق قىز ئېدى. ھەر قېتىملىق يۇرىتداشلار يىغىلىشىغا مەن پەقەت ئۇنىڭ يۈزى ئۈچۈنلا باراتتىم. مەكتىۋىمىزدىكى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات ئېنىستىتىدا ئۇيغۇر بالىلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا بۇ يەردە يۇرىتداشلىرىممۇ خېلى بار ئېدى. بىزنىڭ مەكتەپتىكى يەكەنلىك باللارلا ئوتتۇزغا باراتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىمىزدا ئوغۇللارمۇ كۆپ سالماقنى ئېگىلەيتى. شۇڭلاشقىمىكىن بالىلار ھەر قېتىملىك يىغىلىشنى ئاۋال بىللە تاماق يەپ ئاندىن كىتىۋىدا ئۆتكۈزۈپ توڭ شىياۋ (كىچىچە ئوينايمىز)قىلىمىز دەپ تۇرىۋالاتتى. لىكىن بۇنىڭغا مېنىڭ پەقەتلا تاۋىم يوق ئېدى. شۇنداقتىمۇ نۇرئامىنەنىڭ زورى بىلەن ئامالسىز بىر نەچچە قېتىم ئوينىغىلى بارغان ئىدىم.
تاماق يىگىلى يىغىلغاندا بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق سالاھيىتىنى ئۇنتۇپ،بىر-بىرىدىن نوچىلىق تالىشىپ، بەسلىشىپ تاماقنى شۇنچىلىك كۆپ بۇيرۇيتى. بۇ زور چىقىملىق ئولتۇرۇش ئىقتىسادى ئەھۋالى تۆۋەنرەك بولغان بالىلارنىڭ بېسىمنى ئاشۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئېچىلىپ ئوينىيالماسلىقىغا سەۋەپ بولغاندىن باشقا يەنە ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك ئېغىر ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. مەن نۇرئامىنەگە شۇنچىلىك ھەيران قالاتتىم. چۈنكى ئۇ ھەردائىم ئاشقان سەيلەرنى يىگۈسى بولمىسىمۇ تەخسە پاكىزلانغانغا قەدەر زورلاپ يەيتتى.ھەم يەنە بەزى قول تەگمىگەن سەيلەرنى ئوراپ دائىم مۈرىسىدىن چۈشۈرمەيدىغان زىغىررەك يوغان سومكىسىغا سالاتتى. گەرچە بۇ ئىسراپچىلىقتىن ئۇ شۇنچىلىك بىزارلىق ھېس قىلىپ تۇرسىمۇ،چىرايىغا قىچلىك نارازلىق ئۇچقۇنلىرىنى يامراتماي ھامان بىر خىل يېقىملىق تەبەسسۇم بىلەن ئولتۇراتتى. خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا ھەرقېتىملىق ئولتۇرۇشتا ئوخشاش ئەھۋال سادىر بولاتتى. مەن تويۇپ كەتكىنىگە قارىماي تەخسە بىكارلاش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان ئۇ قىزغا قاراپ ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ بۇلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاككىدە يېرىلىپ كېتىشىدىن ۋايىم يەيتىم. لىكىن ئۇنىڭ قورسىقىدا بىر تولماس ھاڭ باردەك نەرسىلەر پوش دېمەي كىرىپ كېتىۋىرەتتى.
توڭ شىياۋ قىلغاندا ئۇ ئىككىمىز بالىلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرمايتتۇق. ئاخشىمى سائەت ئونلاردىن ئاشقاندا نۇر ئامىنە قولۇمدىن تارتىقان پېتى مېنى ئۇ شاۋقۇنلۇق ساندۇقتىن باشلاپ چىقاتتى ۋە تاكسى توساتتى. ناۋادا تاكسى توسالماي قالسا قولۇمدىن تارىتقۇشلاپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مەكتەپكە يۈگرەيتتى. بىز ھاسىراپ ھۆمۈدەپ ياتاققا ئاران ئۈلگىرەتتۇق ۋە چارچىغىنىمىزدىن كىچىك كارۋاتتا قىستىلىشىپ يېتىشىپ كېيىملىرىمىزنى سېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇيقۇغا كېتەتتۇق ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ ياتاق باشقۇرغۇچىلاردىن مەخپى ساقلايدىغان كىچىك ئىسپىرىت ئوچىقىدا ئاخشام ئېلىۋالغان تاماقلارغا ئازراق ئۇنى بۇنى قوشۇپ ئىستاتتى. بىز قىززىق چاي بىلەن ئۇ تاماقنى يەپ ناشتا قىلاتتۇق. ئۇنىڭ بۇ قەدەر پۇختىلىقى مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرەتتى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن يۇرىتداشلار ئارسىدا ئۆزۈم بىلەن تەڭ دېمەتلىك بۇ قىزغا ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار ئېدى. شۇڭا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئالدىراپ يىرمايتىم.
ئۇنىڭ نۇمىرىنى كۆرۈپ بۇ قېتىممۇ شۇ ئىش ئۈچۈن تېلىفۇن قىلغانمىدۇ دەپ تەشۋىشلىنىپراق تېلفۇننى ئالدىم. لىكىن ئۇ يىغىلىش توغرىسىدا ھېچنىمە دېمەي بۇ قېتىمقى تاۋۇز چاغىنى بايرىمىغا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىرنەچچە قىز يىغىلىپ چىڭخەيگە بېرىشنى مەسلىھەت قىلىشقانلىقىنى،خالىسام مېنىڭمۇ بىرگە بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانىقىنى ئېيىتتى. مەن ناتونۇش ئادەملەردىن ئانچە يېتىرقاپ كەتمىگەچكە ھەم ئۇ يەرگە بىر بېرىپ كېلىش ئويۇممۇ بولغاچقا ئۇنىڭ تەكلىپىگە تىزلا قوشۇلدۇم.ھەمدە بايرامغا قويۇپ بەرگەن كۈنى مەن باش مەكتەپ رايۇنىغا بېرىپ ئۇنىڭ ياتقىدا قونىدىغان، ئەتىسى سەھەرنىڭ پويىزىدا چىڭخەيگە ماڭىدىغان، بىلەتنى ئۇلار ئېلىپ قويىدىغان بولۇپ كېلشتۇق. مەن ئورۇس ياتاقدېشىمنىمۇ بىرگە ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن بۇنى ئۇنىڭغا ئېيتىۋىدىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۇ:
-رەھمەت ئاداش، لىكىن مەن بارالمايدىغان ئوخشايمەن. سىزمۇ بىلىسىز بۇ يىل ئايشىگۈل ئاچام دوكتۇرلۇقنى تاماملايدىغان يىل. يەنە كېلىپ ئۈچىنجى ئايدا ئىلمى ماقالىسىنى تاپشۇرىدۇ. شۇڭا مەن مۇشۇ بەش تۆت كۈندە ۋە دۆلەت بايرىمىغا قويۇپ بەرگەن ئالتە يەتتە كۈندە بولسىمۇ ئۇنىڭ بالسىغا قاراپ بەرگەچ ئۆيلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ،ئاش-تامقىنى ئېتىپ بىرەيمىكىن دېگەن.- دېدى.
دېمىسىمۇ ئايشىگۈل ئاچىسىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرى ناھايتى كۆپ ئېدى. ماددى جەھەتتىنمۇ ئۇنى يىمەڭ-ئىچمەڭ، كىيىم-كىچەك، ئوقۇش قۇراللىرى بىلەن تەمىن ئەتكەندىن سىرىت يەنە تېخى ئۇنىڭغا پارچا خىراجەت پۇلىمۇ بېرەتتى. يىغىپ ئېيىتقاندا ئۇ كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىمىز ئۇنىڭغا ھەم ماڭا كۆيۈنۈپ،مىھرىنى بېغىشلاپ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ يات شەھەردە، يەنە كېلىپ يالغۇز ئىكەنلىكىمىزنى بىلىندۈرمىگەنىدى. شۇڭا دوكتۇرلۇقنى تاماملاشقا ماقالىسى دېيىلگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بىر كىتاپ يېزىش كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلگىنىم ھەم مېنىڭمۇ ئۇ مۇئەللىمگە ھۆرمىتىم ۋە مىننەتدارلىقىم بولغىنى ئۈچۈن ئاسىيە بىلەن كۆپ چېقىشماي قارارىغا بويسۇنۇپ ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويدۇم.
ئۇ ياقتا نۇرئامىنەلەرنىڭ تەكلىۋىگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ قويغىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە ئايۇپ ئىككىمىزنىڭمۇ ئۆز ئالدىمىزغا پىلانىمىز بار ئېدى. مەن بۇنى ئۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرۈش توغرىسىدا كۆپ باش قاتۇرماي ئالدىنقى قېتىم ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ چىڭخەيگە بارغاندىكى ساياھەت پىلانىنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم. چىڭخەي لەنجۇغا يېقىن بولغاچقا ئويناپ كېلىشكە ئانچە كۆپ خىراجەت كەتمەيتى. شۇڭا مەن بۇنىڭغا ئاپاملاردىن پۇل سوراپ يۈرمەي يىغىپ قويغان پۇللىرىمنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ دۆلەت بايرىمىدا سىڭلىم كەلگەندە ئۇلارنى بىراقلا قويۇشنى پىلانلىدىم.
ھەش-پەش دېگۈچە بۇ پىسپاس بايراممۇ كېلىپ مەكتەپ بىزنى بىر ھەپتە قويۇپ بەردى. مەن كېلشىۋالغىنىمىز بويىچە مېڭىشتىن بىر كۈن بۇرۇن باش مەكتەپ رايۇنىغا بېرىىپ ئۇلار بىلەن بىللە شىگۈەندىكى(غەربى قوۋۇق) تۇڭگان بازرىغا يەيدىغان نەرسە سېتىۋالغىلى چىقتىم. تەلىيىمگە ئايۇپ تېلىفۇن قىلىپمۇ قالمىدى. بىز ئەتىسى سەھەردە ۋوگزالغا كەلدۇق. كېلىپ ئۇزۇن بولمايلا چىڭخەيگە ماڭىدىغان 207-نۇمۇرلۇق پويىزغا چىقتۇق. نۇرئامىنەلار بىر مۇڭغۇل قىزنى يول باشچىلىققا ئېلىۋالغان بولۇپ بىز جەمئىي بەش ئېدۇق. ئۈچىنىڭ ئورنى ئالتە كىشلىك ئورۇندا، مەن ۋە مۇڭغۇل قىزنىڭ ئورنى ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى تۆت كىشلىك ئورۇندا ئېدۇق. بىز ئورۇن ئالمىشىۋالماقچى بولغان بولدۇق. ئەمما ئىككىمىزنىڭ ئورنى ئىككى يەردە بولغاچقا نۇر ئامىنەلەرنىڭ يېنىدىكى ئەر ئايال بۇنىڭغا ئۇنىماي تۇرىۋالدى.
-ئىككى سائەتلىك يولغا ئورۇن ئالمىشىپ نېمە قىلاتتىڭلار دەيمە!؟ بەك ئەخمەق ئىكەنسىلەر جۇمۇ. بىكار ئاغزىڭلارنى ئۇپراتماڭلار بۇ خەنزۇغا، ھايىت-ھۇيىت دېگۈچە بېرىپ بولىمىز. –تونۇش ئاۋازدىن چۆچۈپ ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئالدىمدا باشقا بىرى ئەمەس دەل ئايۇپ تۇراتتى.
(4)
بىز تەخمىنەن سائەت ئونلاردا پويىزدىن چۈشتۇق ۋە ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي توققۇزىمىز بىرلىكتە ۋوگزالىدىن چىقتۇق. تېخى ئونىنجى ئاينىڭ كىرمىگىنىگە قارىماي بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى جاندىن ئۆتكۈدەك سوغوق ئېدى. ھېلىمۇ ياخشى بۇنىڭغا ئالدىن تەييارلىق كۆرگەن ئىكەنمىز. شۇڭا بۇ ئوچۇق ئەمما شاماللىق سوغوق ھاۋارايىدىن ھودۇقۇپ كەتمەي قېلىن چاپانلىرىمىزنى كېيىشىپ مەركىزى شەھەر شىنڭ شەھرىگە سالماق قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەلدۇق. ئۇ كۈنى بىز شىنىڭ كوچىللىرى ۋە شەھەر ئىچىدىكى سۈنئىي ساياھەت رايۇنلىرىنى ئايلىنىپ ئۇيان-بۇيان قىلغۇچە كەچ كىرىپ كەتتى. بىز بىخەتەرلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ئايۇپلاردىن ئايرىلماي ئۇلار تېپىپ بەرگەن قونالغۇدا تۈنىدۇق. ھەمدە ئوغۇللارغا بېسىمنىڭ كۆپرەك چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن نۇرئامىنەنىڭ يىتەكچىلىكىدە پۇللىرىمىزنى يىغىپ ئۇلارغا تاپشۇردۇق.
ئەتىسى ھەھەردە بىز يۈزلىرىمىزنى يۇيۇپ تەييار بولغۇچە ئوغۇللار ناشتا قىلىدىغان جايلارنى ۋە توققۇز ۋەلسىپىت ۋە توققۇز ساياھەت كېيىمىنى ئۇقۇشۇپ تەخ قىلىپ بولدى. بىز ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاساسلىق ساياھەت نېشانىمىز بولغان چىڭخەي كۆلىگە قاراپ ماڭدۇق. كەڭ كەتكەن كۆل ساھىلى ۋەلسىپىتلىق ساياھەت قىلىشقا تازا باپ كېلەتتى. بىز بۇ چوڭ تۇزلۇق كۆلنى ئايلانغاچ كەڭ كەتكەن يايلاقلارنى، چارۋىچىلارنىڭ چىدىرلىرىنى،كۆل ئۆستىدە ئۇچۇشۇپ يۈرگەن چايكىلارنى،ئالتۇندەك ساپسېرىق چېچەكلەر بىلەن پۈركەنگەن كۆز يەتكۈسىز قىچا ئېتىزلىرىنى،ئاپئاق قارلىق چوققىلارنى،بۇلۇتسىز كۆك ئاسماننى، پاشىلار غىڭىلداپ تۇرغان ئاندا-ساندا چىملار ئۆسۈپ قالغان ساسلىقلارنى، بۇددىسىتلار باغلىۋەتكەن رەڭگەرەڭ تۇغ-ئەلەملەرنى،قوتاز مۈڭگۈزى چاپلىنىپ خەت ئويۇلغان چىڭخەي كۆلى ئابىدىسى ۋە ئابىدە ئالدىدىكى پۈتۈن بەدىنىگە ئالا-بۇلىماچ لاتىلار يۆگىۋىتىلگەن قوتازلارنى،چېچەكلىرى ھال رەڭگە كىرىگەن تەبىئىي ياۋا گۈللۈكلەرنى، تاغ باغرىدا يايلاۋاتقا ئات، قوتاز، مال-چارۋىلارنى ھەمدە بىزگە ھەيرانلىق بىلەن قارشىۋاتقان ساياھەتچىلەرنى يەتكۈچە تاماش قىلىشتۇق. كۆل ھەقىقەتەن چوڭ ئېدى. مەن بېرىپ قولۇمدىكى مىنرال سۇ بوتۇلكىسىغا كۆل سۈيىدىن لىققىدە قاچىلۋالدىم. سۇ بەكلا ئاچچىق بولغاچقا بوتۇلكا ئاغزى شورلىشىپ بىردەمدىلا تۇزلۇق قاپاقنىڭ ئاغزىغا ئوخشاش بولۇپ قالدى. بىز بېرىشقا تېگىشلىك جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن كەچقۇرۇنلۇقى ئەسلى پىلان بويىچە يەتتە يېرىمنىڭ پويىزىغا ئولتۇرۇپ لەنجۇغا ماڭدۇق.
پويىزدىن چۈشكەن ۋاقتىمىزدا سائەت ئاللىقاچان ئون يېرىم بولۇپ بولغان بولغاچقا بىز تاكسىچىلار بىلەن باھا تالىشىپ ئولتۇرماي ئالدىراپ مەكتەپكە قايىتتۇق. ئەتىسى چۈشتە مەن يۈجوڭ رايۇنىغا قايتىماقچى بولۇپ تۇرغىنىمدا ئايۇپ تېلفۇن قىلىپ قالدى. نۇرئامىنە ئىككىمىز دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا چىقتۇق. ئۇ ئاخشام ئاشقان پۇلىمىزنى ھېساپلاپ چىققانلىقىنى ھەمدە دوسىتلىرى بىلەن دېيىشىپ بۇ قېتىملىق ساياھەتتىن خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئەتىگەندىن بېرى بازار ئايلىنىپ توققۇزىمىزغا ئوخشاش سوۋغاتلىق بويۇم تەييارلىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر يەشىكنى قولىمىزغا تۇتقۇزدى.
بىز ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئالدىراپ ياتاققا كىردۇق ھەم قالغان ئۈچ قىزنى چاقىرىپ تەقەززالىق بىلەن يەشىكنى ئاچتۇق. يەشىكنىڭ ئىچىدىكىسى بەش تەنتەربىيەچە چاپان ھەمدە بەش دانە ئاق رەڭلىك ساياھەت شەپكىسى ئېدى. قىزلار بۇنى كۆرۈپ چۇرقىرىشىپ كەتتۇق. بەشىمىز بۇنى كېيىپ رەسىمگە چۈشىۋالغاندىن كېيىن مەن مەكتەپ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ قايىتماقچى بولدۇم. يولدا كەلگۈچە ئايۇپ مېنىڭ چىڭخەيگە بارماقچى بولغىنىمنى نەدىن بىلگەندۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم. تۇيۇقسىز ھەپتە بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىر قانچە قېتىم تېلىفۇن سۆزلەشكىنىم ئېسىمگە كەلدى. بىلدىمكى بىر ئادەمنىڭ روھى-ھالىتىدىن ۋە گەپ-سۆزلىرىدىن نېمە بولغانلىقى ۋە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلۋالالايدىغان بۇ سەزگۈر بالىغا ئېنىقكى ئاشۇ چاغدىكى قىلىشقان پاراڭلىرىمىز ئەسكەرتىش بولغان ئىكەن.
ئايۇپنىڭ بۇ ھەركەتلىرىگە قاراپ ماڭا كۆڭلى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاشقا باشلىدىم. ئەمما يەنە ئۇنىڭ باشتىن-ئاخىر تەمكىنلىكىنى يوقاتماي سۆزلىيەلەيدىغان ئېغىزىغا، قىزلارنى، بولۇپمۇ مېنى كۆرسە ھېچقانداق ھودۇقۇش ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغان كۈلكە خۇمار كۆزلىرىگە مۇختەرنىڭ مەن بىلەن گەپلەشكەندە ئازراق قىزىللىق يۈگۈرۈپ بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەپ تۇرىدىغان ئاق يۈزلىرىنى، كۆزلىرىمگە باققىنىدا چەكسىز مۇڭ ۋە ئوتلۇق تىلەكلەر بالقىپ قالىدىغان خۇمارلىق كۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ بۇ خىيالىمغا تىزلا رەددىيە بەردىم.
ھەپتە ئۆتۈپ مەكتەپ يەنە دۆلەت بايرىمىلىق قويۇۋەتتى. بايرامنىڭ بىرىنجى كۈنى دېيىشىۋالغىنىمىز بويىچە ئاپاملارغا ئالۋاڭ سېلىۋەتكەندىن كېيىن ۋوگزالغا سىڭلىمنى ئالغىلى باردىم. يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق ساقلىغاندىن كېيىن سىچۈەن چىڭدۇدىن لەنجۇغا قاتنايدىغان پويىزنىڭ ۋوگزالغا كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ دەرھال چىقىش ئېغىزىغا ئالدىغا باردىم. سىڭلىم ناھايتى يەڭگىل كەلگەن بولۇپ،مۈرىسىدە سومكا ، قولىدا بىر قەغەز قاپلا بار ئېدى. ئىككىمىز قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل شىگۈەن مەسچىتنىڭ كەينىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يېدۇق. ئاندىن ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە جۇڭشەنچىياۋنىڭ ئالدىدا رەسىمگە چۈشتۇق. بىز سۈرەتنى ئىككى پارچىلا چىقىردىغانلىقىمىزنى ئېنىق دېيىشكەن بولساقمۇ ئۇ ئايال قەستەن يىگىرمە تال يۇيىۋېتىپ بىزنى قويماقچى بولىۋىدى ئاينىگارمۇ بوش كەلمەي ئۇنىڭغا بىر مۇنچە سۆزلىۋالغاندىن كېيىن قولىدىن رەسىمنىڭ ھەممىنى تارتىپ ئالدى ۋە يانچۇقىدىكى يىگىرمە يۈەن پۇلنى تاشلاپ بېرىپ مېنى باشلاپ كېتىپ قالدى. مەن مەكتەپكە بارغۇچە ئۇنى زاڭلىق قىلىپ ماڭدىم. ئۇ تېرىكىپ:
-سەن مېنىڭ ئاچاممۇ ئەمەسمۇ؟ سېنىڭچە قىلغىنىم خاتامۇ؟ مېنى ماختىماقتا يوق زاڭلىق قىلۋاتسەنيا! نەدىمۇ مۇشۇنداق ئىش بولسۇن!-دەپ قېيداپ تەتۈر قارىۋالدى.
كەلگەندىن كېيىن ئۇ مېنىڭ مەكتىۋىمنى ئۆزىنىڭ مەكتىپىگە سېلىشتۇرۇپ توختىماي ۋىچىرلاپ كەتتى:
-لەنجۇنىڭ قوتورلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا مەكتىۋىڭ بولىدىكەن جۇمۇ ئاچا. مۇھىتىمۇ شۇنچە ياخشى ھەم پاكىز، شارائىتلىرى تولۇق. مېنىڭ مەكتىپىمدىن نوچىراق كۆرىنىۋاتىدۇ تېخى!
-بولدى قىلغىنە! بىر كېچە-كۈندۈز پويىزدا ئولتۇرۇپ چارچىمىدىڭمۇ؟
-ھەجەپ ئىكەنسەن ئاچا، ئاران بىر كەلگەندە گەپ قىلغىلىمۇ قويمامسەن ئادەمنى! مەكتەپكە كەتسەم ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشىپ پاراڭلاشقۇدەك ئادىمىم يوق ئولتۇرىمەن گۈشىيىپ......-ئۇنىڭ چاناقلىرىغا ئېسىلىپ قالغان ياشلىرىنى كۆرۈپ سەل قاتتىق سۆزلەپ قويغىنىمنى بىلىپ دەرھال ۋەزىيەتنى بۇرمىلىدىم:
-ئاپئاق سىڭلىم، خاپا بولما! ئاچاڭ ئەسكى ماقۇلمۇ!؟
-ئايقىز بولدى قىلساڭچۇ!-ئۇ شۇنداق دەپ ئۆزۈمنى ئۇرۇشقا تەمشەلگەن قولۇمنى تۇتىۋېلىپ مېنى قىچىقلاشقا باشلىدى. مەن ئاقساقلاپ قاچتىم، ئۇ قوغلىدى. ئىككىمىز چۇرقىرىشىپ ياتاققا كىردۇق. ياتاقداشلىرىم ئۇنى كۆرۈپ قوش گېزىكىڭىزمۇ دەپ سورىشىپ كەتتى. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ كۈلىشىپ كەتتۇق. ئەمەلىيەتتە. سىڭلىم مەندىن ئىككى ياش كىچىك ئېدى. مېنىڭ سالامەتلىكىم نۇرمال بولمىغانلىقتىن يەتتە ياشتىن سەل ئېشىپ مەكتەپكە كىرگەن، ئەمما ئۇ كىچىكىدە ناھايتى كەپسىز بولغاچقا ماڭا ئەگىشىپ مەكتەپكە بېرىپ يۈرۈپ بەش يېشىدىلا تىزمغا ئۆتىۋالغان ئېدى. ئۇ چاغدا ئاپام دادام ئۇنى قايتۇرۇپ چىقماقچى بولغان ئىدى. ئەمما ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئېدى. شۇنىڭ بىلەن دادام ئاپام ئۇنىڭغا ھەممە پەندىن 90دىن يۇقرى نۇمۇر ئالالىسا داۋاملىق ئوقۇش توغرىسىدا شەرىت قويدى. لىكىن كۆپ ئۆتمەيلا ئۇنىڭ بۇ شەرىتتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆگۈنۈش قىلىۋېتىپ قېرىنداشنى يۈزىگە سانجىغان ھالەتتە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ شەرىتىنى بىكار قىلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغان ئېدى. شۇڭا ئۇ مەندىن ئىككى ياش كىچىك بولسىمۇ بىر قارارلا تۆۋەن ئوقۇيتى.
«ئانامنىڭ ئۆلۈمى دادامغا ياراشتى.»دېگەندەك ئاسىيەنىڭ ياتاقتا تۇرمىغىنى سىڭلىم ئىككىمىزگە پايدا بولدى. ئاخشىمى مەن ئۇنىڭ كارۋىتىدا ياتقاچقا، سىڭلىم مېنىڭ كارۋىتىمدا خىرامان ئارام ئېلىۋالدى. مەن سىڭلىممنى بىر كۈن ئارام ئالدۇرغاچ مەكتەپنىڭ چۆرىسىدىكى يەرلەرنى ئايلاندۇردۇم. ئەتىسى سەھەردە سىڭلىم ئىككىمىز ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئوخشاش كىيىمىمىزنى كېيىپ بىر جۈپ بولۇشۇپ،ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىمىزنى ئېلىپ يۈجۇڭ ناھيىسىدىكى ئىلىمىزغا داڭلىق تۆت ئا دەرجىلىك مەشھۇر ساياھەت رايۇنى بولغان شىڭ لوڭ شەنگە ئوينىغىلى باردۇق. دۆلەت بايرىمى مەزگىلى بولغاچقا بۇ يەردىكى ئويۇنچۇقلار ئېچىۋىتىلگەن ئېدى. بىز ئويناپ، سۈرەتكە چۈشۈپ ھارغاندىن كېيىن بۇ تاغدىكى جىياڭ جىيېشى مەخپى ئوردىسى بىلەن جۇدې ئەسلىمە راۋىقىنى ساياھەت قىلىپ قايىتتۇق.
ئىككى كۈن سىڭلىمنى لەنجۇدىكى ئايلىنىشقا تېگىشلىك جايلارنىڭ ھەممىنى ئايلاندۇرغاندىن كېيىن دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالتىنجى كۈنى شىياۋ شىخۇدىكى (لەنجۇدىكى داڭلىق سودا مەركىىنىڭ بىرى) تۇڭگان بازىرىدىن كېيىم-كېچەك ۋە قۇرۇق يەل-يىمىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ يولغا سالدىم. ئۇ مەندىن كېينكى قېتىمدا مېنىڭ ئۆزىنى كۆرگلى بېرىشىم ھەققىدە ۋەدە ئېلىۋالغاندىن كېيىن ۋوگزالغا كىرىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ تاغدەك دۆلەت بايرىمىمۇ بىردەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى.
بۇ ماۋسۇم دەرىسىم كۆپ بولغاچقا مەن تاپشۇرۇقتىن بېشىمنى كۆتۈرەلمەي قالدىم. بۇ يەتمىگەندەك ئىنىستىتوتىمىزغا يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن سېكىرتار بىزگە ھەپتىدە بىر پارچە خەنزۇچە گېزىتنى تەرجىمە قىلىش، كەم دېگەندە گېزىتتىكى بىر خەۋەرنى ئىنگىلىزچىغا قالغانلىرىنى ئۇيغۇرچىغا قىلىش تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بېسىمىمىز تېخىمۇ ئارتىپ كەتتى. ئەمما ئايۇپ دەرسىنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي تولا ئىزدەپ كېلىپ ئىچىمنى پۇشۇردى. مەنمۇ مانا ئەمىسە دەپ ئۇ كەلگەندە ئوقۇتۇش بىناسىغا باشلاپ كىرىپ تاپشۇرۇقلىرىمنى يېزىشىپ بەرگىلى سالدىم. ئۇمۇ تېرىكمەي ماڭا ياردەملەشتى. بۇنىڭ بىلەن بىز ھەپتە ئاخىرىنى بۇرۇنقىدەك پاراڭلىشىپ، ئويناپ ئەمەس سىنىپتىن چىقماي تاپشۇرۇق يېزىپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق. بۇ بىر ماۋسۇم مانا مۇشۇنداق تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن تىزلا ئۆتۈپ كەتتى.
بارا-بارا ئايۇپنىڭ جىمجىت يۈرۈشلىرى بەكلا يۈرۈكۈمنى سىقىۋەتتى. ئۇ مېنى ھېلى ئۈمىدلەندۈرۈپ، ھېلى جىم بولىۋېلىپ يەتكۈچە قىينىدى. ئولىمىغان يەردىن قىشلىق تەتىل ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئۇ يەكەنگە مېنى ئىزدەپ كېلىپ ئاخىرى مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۈتۈپ ھېرىپ كەتكەن سۆزنى ئاغزىدىن چىقاردى. مەن دەماللىققا ئۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دېمىدىم. تەتىل تۇشۇپ مەكتەپكە ماڭىدىغان چاغدا ئۇ بىللە مېڭىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. سىڭلىم مەندىن بىر ھەپتە كېيىن ماڭىدىغان بولغاچقا مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مېڭىشقا ماقۇل بولدۇم. ئۇنىڭ ئۆيى يەكەنگە يېقىن ئېدى. شۇڭا ئۇ يەكەن ۋوگزالىدىن مەن بىلەن بىللە پويىزغا چىقىدىغان بولدى. كۆڭلۈم تېخى ئەمدىلا كۆتۈرلۈپ تۇرغاندا ئائىلىمىزدە كۈتمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرىپ بىرخىل غەشلىك ئىچىدە يولغا چىقتىم. ئەمما ئايۇپنىڭ شوخ كۈلكىللىرى ۋە يۇمۇرىستىك گەپلىرى ماڭا ئۇ جېدەللەرنى بىردەمدىلا ئۇنتۇلدۇرىۋەتتى.
قاتتىق ئورۇندۇقتا يەتكۈچە قىينىلىپ، كېچىسى ئوغۇل قىز دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئۇخلاپ مىڭ جاپادا بۇ ئۇزۇن سەپەرنى ئاياغلاشتۇردۇق. ئاخىرى مەكتەپكىمۇ كەلدۇق. نەچچە ھەپتىگىچە ئوقۇش باشلاش ئىشلىرى بىلەن بىر-بىرىمىزنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويۇشقانمۇ بولدۇق. كىيىن ئۇ بىر قانچە قېتىم ئىزدەپ كېلىپ كۆزلىرىمگە شۇنچە تەلمۈرۈپمۇ ئۆزى كۈتكەن جاۋاپنى ئالالمىغاچقا سالپىيىپ كېتىپ قالدى. ھەش-پەش دېگۈچە تۆتىنجى ئاي كىرىپ بىزنى چوكانتال بايرىمىغا ھەپتە قويىۋەتتى. بىز ئايۇپنىڭ پىلانى بىلەن گەنسۇنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى داڭلىق شەھەر تىيەنشۈيگە سەيەھەتكە باردۇق. نۇرئامىنە، ئايۇپنىڭ دوستى ئەزىمەت ۋە ئايۇپ تۆتىمىز خۇددى دېيىشىۋالغاندەك ھېلقى چاغدىكى خاتىرە كىيمىمىزنى كېيىۋالغان ئىكەنمىز. شۇڭا يولدا بىر-بىرىمىزنى ئاسان پەرىق قىلىپ ئاساسەن ئېزىقىپ كەتمىدۇق. بىز بۇ قېتىم كۆپ ئايلانماي ئۇدۇل مەيجىشەن تېغىغا بېرىپ شۇ يەردىكى داڭلىق بۇتخانا ھەيكەل ۋە غارلارنى كۆرۈپلا قايىتتۇق. چۈنكى نۇرئامنەلەرنىڭ تەجىربىسى بىزنى ئالدىرتىپ قويغان ئېدى. شۇڭا بىز تىببىي ئېنىستىتوتنىڭ دەرىسلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى ئۇزاق تۇرۇشقا زورلىماي بىللە قايتىپ كەتتۇق.
تۆتىنجى ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مەن مۇختەرگە باغلىغان بارلىق ئۈمىدىلىرىمنى ئۈزۈپ كۆڭۈل مەيلىمنى ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇپ كېتىۋاتقان، ئۆزى سۆزمەن ھەم زېرەك بولغان دېھقان ئوغلى ئايۇپقا خاتىرجەم تاپشۇردۇم. چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بېرىش-كىلىش قىلىپ كەلگەن بۇ بىر يېرىم يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ماڭا مەن ئىنتىلىدىغان بەختىنى بېرەلەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەن ئېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز باشقىلارغا ئوخشاش بىر مەزگىل شىرىن مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ يۈردۇق.
ئايۇپ بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن مەن سۆيگۈمگە سادىق بولۇش ئۈچۈن مۇختەر دېگەن ئۇقۇمنى كاللامدىن پاكىز چىقىرىپ تاشلاپ،ئەس-خىيالىمنى پەقەت ئۇنىڭغىلا تەئەللۇق قىلدىم. چۈنكى بۇ مېنىڭ ئادەم بولۇشتىكى بىر تۈرلۈك مېزانىم ئېدى. شۇنىڭغا يارىشا ئايۇپمۇ ماڭا بەك ۋاي دېدى. ئۇ گەرچە دېھقان بالىسى بولغىنى بىلەن ئىقتىسادىي ئەھۋالى خىېلىلا تۈزۈك ئىدى. شۇڭا ئۇ ماڭا ھېلى ئۇنى ئېلىپ بىرىپ، ھېلى بۇنى سوۋغا قىلىپ يۈرۈپ كۆڭۈل رايىمنى تىزلا ئۆزىگە باغلىۋالدى. ئەمما بۇنىڭغا مەنمۇ قاراپ تۇرماي ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى ئىپادىلەپ تۇردۇم. چۈنكى كۆڭلۈمدە بۇدۇنيادا بەدەلسىز ھوزۇر بولمايدۇ دەپ ئويلايتىم.
بىز شۇنداق ئىجىل بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ماۋسۇم ئاخىرىغا كەلگەندە ئارىمىزدا ئازراق ئىختىلاپلار كۆرلۈشكە باشلىدى. مەن توم-توم كىتاپلارنى يادىلاپ ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىپ بولالماي ئىچىم پۇشۇپ ئاران تۇرغاندا يۈز بىرىۋاتقان بۇ باش ئاغرىقىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ قىلىپ بولالماي، بىر تەرەپتىن سىرتىدىن قارىسا گۈزەل كۆرىنىدىغان ئەمما ئەمەلىيەتتە ناھايتى قاباھەتلىك بولغان، شەپىسىزلا ئادەمنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇيدىغان بۇ ئىپلاس كوچىغا ئالدىراپ قەدەم ئالغىنىمغا پۇشايمان قىلسام يەنە بىر تەرەپتىن مېنىڭ قايسى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىم بىلەن ئويلاشماي ماڭا كۆڭۈل ئازارى ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئىسىل سۈپەت ئەمما كاج بالا بىلەن تونۇشۇپ قالغىنىمغا لەنەت ئوقۇشقا باشلىدىم.
دەپ كەلسەك ئارىمىزدا تالاشقۇدەك چوڭ بىر مەسلىمۇ يوق ئېدى. پەقەت بەزى تۇتامغا چقمايدىغان، يوق ئىشلار ئۈچۈن زىدىيەتلىشىپ، تەستە قولغا كەلتۈرگەن بۇ مۇھەببەتنى قەدىرلىمەي ئارىمىزدىكى ھېسياتقا زەخمەك ئۇرىۋاتاتتۇق. توغرىسىنى ئېيىتقاندا بۇ توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىگە ئايۇپنىڭ ئاشۇ ئالدىراپ كىشىگە گەپ بەرمەيدىغان، سۆزمەن مىجەزى سەۋەپ بولىۋاتاتتى. ئاخىرى مەن ئاسىيەنىڭ تەسەللىي بېرىشلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماي، تولا يىغلاپ، تولا قاقشاپ يۈرۈپ ماۋسۇملۇق ئىمتاھاننىمۇ تۈگەتتىم. ئاخىرىدا نەچچە پەننى كۆڭۈلدىكىدەك بېرەلمىگىنىم ئۈچۈن ئۇ «سۈيۈملۈك» يارىمنى ئىچىمدە نەچچىنى تىللىۋەتتىم.
تەتىلگىمۇ قايىتتۇق. مەن بۇ جەرياندا بارلىق روھىي ئازابىمنى تاشلاپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم. سىڭلىم داداملار بىلەن خۇشال بىر نەچچە ھەپتىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئايۇپ مېنى ئىزدەپ كېلىپ كەچۈرۈپ سوراپ تۇرىۋالدى. ئۇ مېنى ئىمتاھان مەزگىلىدە پاراكەندە قىلغىنى ئۈچۈن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەيمەن دەپ ئويلىغان ئېدىم. ئەمما يەنە تېخى ئەمدىلا بىخ سۈرىۋاتقان بۇ ھېسياتىنى بۈشۈكىدىلا بوغۇپ قويۇشنى خالىماي ئۇنى كەچۈردۈم. لىكىن بۇ ۋاقىتتا قەلبىم بىر ئاز قاتقان ئېدى. دادامنىڭ دەم ئالغىنىدىن پايدىلىنىپ، ھاۋا ناھايتى ياخشى بىر كۈنى بىز بىر ئائىلە كىشىللىرى بازار ئايلانماقچى بولدۇق.سىڭلىم ئىككىمىز ناھىيدىكى مۇقىم باھالىق سودا سارايلارنى ئايلىنىشنى تەشەببۇس قىلدۇق. ئەمما ئاپام بىلەن دادام ئەڭ ئاخىرىدا يەكەندىكى يەكشەنبە پەيشەنبە كۈنلىرى قىزىيدىغان داڭلىق سودا بازىرى دالى بازرىنى ئايلىنىشنى توغرا تاپتى. بۇ بازاردا توخۇ سۈتىدىن باشقىسى تېپىلىدىغان بولۇپ، ئۇلاغ، قۇش، ياغاچ، كىيىم-كىچەك، كىگىز-پالاس، ئاشخانا بويۇملىرى ئىشقىلىپ ئادەمدىن باشقا ھەممىلا نەرسە سېتىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مال باھاسى سودا قىلنىش ئارقىلىق خۇجايىن ئېيىتقان باھادىن نەچچە ھەسسە چۈشۈرلۈپ سېتىلاتتى. سىڭلىم ئىككىمىز دادام-ئاپامنىڭ مال تاللىشى، سودا قىلشى ۋە سودىگەرلەر بىلەن باھا تالشىشلىرىغا قاراپ ئۆزلىرىمىزنىڭ تەييار پۇلنى قانچىلىك قەدىرسىز خەجلەۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىشىپ سەل خىجىل بولۇپ قالدۇق. شۇنى كۆرۈپ تۇردۇقكى بۇ بازاردا ھەتتا بەزى كىشىلەر بەش مو، بىر يۈئەن ئۈچۈن باھا تالىشىپ، شۇ پۇلنى ئىقتىساد قىلىۋېلىش ئۈچۈن بىر كۈن كەچكىچە بازار ئايلىنىشقىمۇ رازى ئېدى. ئەمما بىز مەكتەپتە ئاپا دادىمىز ئەۋەتكەن پۇلنى غازاڭدەك خەجلەيتۇق. قىسقىسى پۇل خەجلەشتە بىزلەرگە يېتىدىغان مۇتەخەسىسلەر يوق دېيەرلىك ئېدى. بىز بۇلارنى كۆرۈپ چوڭلارنىڭ بىزنى نېمە ئۈچۈن بۇ بازارغا ئېلىپ چىققانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھېس قىلىپ يەتتۇق. دېمەك، چوڭ شەھەرلەردە يۈرۈپ تورلىشىشقا باشلىغان كۆزلىرىمىز بۈگۈن قايتىدىن ئېچىلدى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالىي مەكتەپ ئۈچىنجى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسىمۇ بولدۇم. بۇ ماۋسۇم دەرسىم ئاز بولغانلىقتىن مەن خېلى ئازادە ئوقۇدۇم. دادام-ئاپاملارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خاتىرە كومپىيوتىر سېتىۋېلىپ ئانچە-مۇنچە تورغا چىقىدىغانمۇ بولدۇم. بىراق قېرىشقاندەك دەرىستىن ئارام تاپقاندا كۈتمىگەن دىل ئازارى شىللەمگە مىنىپ مېنى قاتتىق ھالسىرتىشقا باشلىدى. خۇددى پىتىر نان خېمىغا يانغاندەك ئەمدى سىزگە يول قويۇپ ئۆتىمەن، گەپ تاكانلاشمايمەن دېگەن ئايۇپ يەنە قونجىغا دەسسەشكە باشلىدى. مەن ئەمدى ئۇنىڭدىن قاتتىق بىزار بولۇشقا باشلىدىم. بىر ھەپتە ئاخىرى ئۇ مەن بىلەن چىرايلىق پاراڭلىشىپ ئۇقۇشماسلىقنى ھەل قىلىپ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرماقنى كۆزلەپ مەكتىپىمگە كەلدى. ئويلىمىغان يەردىن بىز تىنىچ بىرلىككە كەلمەكتە يوق جېدەلنى تېخىمۇ ئاۋۇتىۋەتتۇق.
مەندىن ئەپۇ سورىغىلى، ماڭا تىنىچلىق ئىلان قىلغىلى كەلگەن ئادەمنىڭ توختىماي يارامنى تاتىلاپ تۇز سېپىشى، ھە دېگەنىلا كەمچىلىكلىرىمنى يۈزۈمگە سېلىپ مېنى چۆكىرىشى كۆڭلۈمنى چەكسىز ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرغانلىقتىن ئاچچىقىمدا سۆھبەتنىڭ ئاخىرلىششىنى كۈتمەيلا پىشىمنى قېقىپ كىرىپ كەتتىم. ياتاقتا كىرىپ كارۋاتقا قانداق چىققىنىمنى بىلمەيمەن. ياتىمەن، كۆزلىرىمدىن ھەسرەتلىك ياشلار ئېتىلىپ چىقماقتا، بارغانسىرى ئەسەبىيلەشمەكتە ئېدىم. تۇيۇقسىزلا ئادەمنى خاتا كۆرگەن گۇناھكار كۆزلىرىمنى جازالىغۇم كېلىپ زەرىپ بىلەن ئۇۋلىۋىدىم، بىر جۈپ يۇمشاق قول قوللىرىمنى يۈزۈمدىن ئاجراتتى. ئۇ ئاسىيە ئېدى.
ماڭا بۇرۇن شۇنچىلىك كۆتۈرۈشلۈك، ئېغىر-بېسىق، چاقچاقخۇمار،يۇمۇرىستىك ئادەمدەك تەسىر بەرگەن ئايۇپ، مۇناسىۋىتىمىز باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا گەپ كۆتۈرمەيدىغان، قېنى قىززىق، جىدەلخور بىرىگە ئايلانغانىدى. بىز ھەتتا بەزىدە ئېغىرراق كەتكەن بىرەر ئېغىز چاقچىقىم ئۈچۈنمۇ جىدەللىشىپ قالاتتۇق. ماڭا ئۇنىڭ ئازراق ئۆتكۈزۋىتىشكىمۇ چىدىماي بىرمۇبىر ئېيتىشىدىغان مىجەزى ياقمايتى. مەن قىز بالا بولغاچقا ئۇنىڭغا يول قويۇشنى تېخىمۇ خالىمايتىم. شۇنداق قىلىپ ئارىمىزدا سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلىناتتى. ئۆزۈممۇ ھەيران،بىز تاكانلىشىپ قالساقلا ئالدىراپ ياش چىقمايدىغان، ھەتتا ئالدىنقى يىلى چوڭ ئاپامنىڭ ئۆلۈمىدىمۇ يىغلىيالمىغان ئاسىي كۆزلىرىمگە بىردىنلا تاشقىن كېلەتتى. ئۆزۈمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تۇتۋالالمايتتىم.
ئاسىيگە شۇنچىلىك دەرىد تۆككۈم كېلىپ تۇرسىمۇ نېمىشقىكىن ھېچنىمە دېمىدىم. ئۇ مېنى بىردەم بەزلىگەندىن كېيىن ئالدىراپ ئۆز ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلدى. مەن ئايۇپنىڭ «ئۈتە بىشەم،غەرەز چۈشەنمەيدىغان بىر قىز بالا بولۇپسىز سىز!» دېگەن سۆزى ئۈچۈن ياستۇقۇمغا يۈزۈمنى يېقىپ خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە يىغلىدىم. كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ مېنى ئىزدىشىنى، بىر ئىككى ئېغىز سىلىق سۆز قىلىپ كۆڭلۈمنى ياسىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىۋاتقان بولساممۇ ئەمما قېرىشقاندەك ئۇ ئىزدىمەي قويدى.
مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يىرىكلىشىگە ئەگىشىپ مېنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجەم كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. بارا-بارا ئاكتىپ، تىرىشچان ئوقۇغۇچىدىن ئۆگۈنۈش قىلمايدىغان،سۇئال سورىسا جاۋاپ بېرەلمەيدىغان دەرىس ۋاقتىدا ھاڭۋېقىپ ئولتۇردىغان ئوقۇغۇچىغا ئايلاندىم. ھەش-پەش دېگۈچە تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كەلدى. مەن نۇرئامىنەلەر بىلەن لىنشىيا(لەنجۇنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان،يېشىللىق كۆلىمى ناھايتى زور ھەم پاكىز، مۇسۇلمان تۇڭگانلار شەھىرى)غا ئوينىغىلى كەتتىم. لىكىن مەن پەقەتلا ئېچىلالماي بىرخىل گاراڭ ھالەتتە يۈردۈم. بىز ئۇ يەردە ئىككى كۈن ئويناپ، بازار چۆرگىلەپ سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان ياغلىق، ئۇزۇن يوپكا دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ قايتىپ كەلدۇق.
بايرامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى مېنىڭ «غېرىپجان»ىم مېنى ئىزدەپ كېلىپ مەندىن كەچۈرۈم سورىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئەپلىشىپ قالدۇق. چۈشتىن كېيىن بىز بىللە بازار ئايلىنىپ ئۇ ماڭا ئۆز گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن نەرسە ئېلىپ بەرمەكچى بولدى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن بىز ناھىيە بارزىرىغا باردۇق. دەسلەپتە بىز خېلى خۇشال ئايلاندۇق.بىراق ئۇ ماڭا سوۋغا ئېلىپ بىرىدىغان ۋاقىتتا يەنە ئۇرۇشۇپ قالدۇق. سەۋەبى ئۇ ماڭا كىيىم-كىچەك تۈرىدىكى نەرسە ئېلىپ بەرمەكچى بولدى. مەن ئىشكاپىمدا كىيىشكە ئۈلگۈرمەيۋاتقان نەچچە قۇر كېيىمىمنى ئەسلەپ كىيمنى ئېلىۋەرسەم بىكار ساندۇق بېقىپ تۇرىدىكەن ئۇنىڭ ئورنىغا لازىملىق نەرسە ئالغۇزمايمۇ دەپ ئويلاپ نەچچە ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن كۆڭلۈمدىكىنى ئۇنىڭغا ئېيتىۋىدىم ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بەكلا خاپا بولۇپ كەتتى. مەن بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ ياخشى قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ شۇنچىلىك خىجالەت بولۇپ كەتتىم ۋە ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدىم. ئەمما ئۇ شۇ خاپا بولغىنىچە مېنى بازارغا تاشلاپ قويۇپ كەينىگىمۇ قارىماستىن كېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا قايتا-قايتا تېلىفۇن قىلغان بولساممۇ ئۇ ئالماي قويدى. ئاپتۇبۇستا مەكتەپكە كېتىۋاتقان ۋاقتىمدا مەن ياشلىق كۆزلىرىمنى دېرىزە سىرتىغا تىكىپ تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىش مۇشۇنچىۋالا تەسمىدۇ؟ ماڭا نېمىشقا ئۇنىڭ لەززىتىدىن ئازابى جىق ككۆرىنىدىغاندۇ دەپ ئويلىدىم.
ئۇ كۈنى ياتاققا ناھايتى پەرىشان ھالدا قايتتىم. ياتاقداشلىرىمنىڭ ماڭا قارىغۇدەك ھەپلىسى يوق قىزىقىپ كۆرىۋاتقان كورىيە فېلىمى كۆرۈپ ئولتۇرىۋەردى. مەنمۇ بۇ ھالدىن خوش بولۇپ ھېچقانداق دەخلىسىز ھالەتتە ئۆز خىيالىم بىلەن بولۇشقا، كارۋىتىمدا يېتىپ ھېلى ئۇنىڭدىن ،ھېلى ئۆزۈمدىن ئاغرىنىشقا باشلىدىم. تۇرۇپلا ئۇنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويغان ئەسلى «جاۋاپكار»نى ئېسىمگە ئېلىپ ئۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. يەنە بىر چاغلار بولغاندا نېمىشقىمۇ شۇ ۋاقىتتا مۇختەرنىڭ دېرىكىنى قىلىمەن دەپ ئۇنى ئىزدەپ بارغان بولغىيتتىم دەپ ئۆز قىلمىشىمدىن پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم. توغرا، شۇ چاغدا ئۇنى ئىزدەپ بارمىغان بولسام ئۇمۇ بۇ ئۆمرىدە مەندەك بىر قىز بىلەن تونۇشمىغان، ئارىمىزدا بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى. بۇ خىيالىم بىلەن تەڭ ئۇنىڭدىن مۇختەرنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن مەكتىۋىگە بارغان ۋاقىت ۋە بىزنىڭ تونۇشۇپ قېلىش جەريانىمىز خۇددى كىنو لېنتىسىدەك بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
(5)
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! مېنى ئىزدىگەنمىدىڭىز؟-نۇرئامىنەدىن دىرىكىنى ئاڭلاپ مۇختەرنىڭ خەۋرىنى ئېلىشقا ئالدىراپ كېتىپ ئەھۋالنى تۈزۈك سۈرۈشتە قىلمايلا زور ئىشەنىچ بىلەن ھاپلا-شاپىلا ئىزدەپ كەلگەن بۇ بالا مەن تونۇيدىغان ھېلىقى ئايۇپ بولماستىن باشقا بىر يىگىت ئېدى. شۇڭا مەن سەل ھودۇقۇپراق سورىدىم:
-سىز؟
-مەن ئايۇپ، تېخى بايا ئۇچۇر يېزىپتىكەنسىزغۇ مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىغا چىقىڭ دەپ. بۇ يەردە سىزدىن باشقا ئادەم ساقلاۋاتقان بىرەرسى بولمىغاندىكىن مېنى چاقىرغان بالا سىزمىكىن دېدىم. بولمىسا ما ئۇچۇرنى كۆرۈپ بېقىڭە سىزنىڭمۇ ئەمەسمۇ؟-ئۇ شۇنداق دەپ تېلىفۇنىنى ماڭا تەڭلىدى، دەرۋەقە ئۇ دەل مەن يازغان ئۇچۇر ئېدى. تۇرۇپلا ئويلىنىپ قالدىم. نۇرئامىنە شۇ چاغدا ئۇنى سىز بىلەن بىر شەھەردە ئوقۇغان بالا ئىكەن دەپ تونۇشتۇرغانىدى. شۇڭا مەن بۇ سۆزگە ئاساسلىنىپلا ئۇنى مەن تونۇيدىغان ئايۇپ شۇ ئىكەن دەپ جەزىملەشتۈرگەنىدىم. چۈنكى مەن ئوقۇغان شەھەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتىرادىن پەقەت بىرسىلا بولغاندىن سىرىت يەنە مەن بىلەن بىر قاراردا ئوقۇغان ئايۇپ ئىسىملىكلەردىن مۇختەرنىڭ دوستىدىن باشقىسى يوق ئېدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قۇرداشلىرىمنىڭ ھەممىسىنىلا تونۇياتتىم. بۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مەن ئارىدا بىر ئوقۇشماسلىق بولغاننى پەمىلەپ ئۇنىڭدىن يەنە سورىدىم:
-سىز تولۇق ئوتتىرانى قايەردە ئوقۇغان؟
-گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجىن شەھىرىدە. ھە راس،سىلەرنىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدىكى يەكەنلىك نۇرئامىنە ماڭا:« بىزنىڭ مەكتەپتە تولۇق ئوتتىرانى سىز بىلەن بىر شەھەردە ئوقۇغان بىر قىز بار ئىكەن، ئىزدىشىپ بېقىڭلار، تونۇش چىقىپ قالامسىلەر تېخى.» دەپ نۇمرىڭىزنى دەپ بەرگەن. لىكىن مېنىك تولۇق ئوتتىرادىكى تونۇشلىرىم ئىچىدە ئايقىز ئىسىملىكى يوق ئېدى. پەقەت يەكەنلىك بىر ئايگۈل قۇربان بار ئېدى. مەن تېخى سىزنى شۇ قىزمىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن. بىرىڭلار ئايگۈل قۇربان، يەنە بىرىڭلار ئايقىز قۇربان ئوخشاشلا بىر يەكەندىن. راستىنلا ھەيران قېلىۋاتىمەن.- بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممىنىڭ تېگىگىگە يەتكەندەك بولدۇم ۋە ئالدىراپ چۈشەندۈردۈم:
-مەسلە دەل مۇشۇ يەردە. ئىشنى ئەسلى نۇرئامىنە بۇزغانكەن دەڭە! ئۇ ماڭا سىزنى تۇنۇشتۇرغاندىمۇ سىز بىلەن بىر شەھەردە ئوقۇغان ئايۇپ ئىسىملىك بالىكەن دېگەندى. مەن ئوقۇغان شەھەردە بىرلا شىنجاڭ تولۇق ئوتتىرا بولغاندىكىن شۇڭا سىزنى تېخى مەن تونۇيدىغان پوسكاملىق مەكتەپدېشىم ئايۇپ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ ئالدىراپ-تېنەپ ئىزدەپ كەپتىمەن ئەمەسمۇ!
-تونۇش بولمىساق نېمە بوپتۇ؟ ئەمدى تونۇشساقمۇ بولىدىغۇ. بەرىبىر بىر يۇرىتلىق ئىكەنمىز. نۇرئامىنەگە رەھمەت ئېيىتقۇم كېلىۋاتىدۇ مېنىڭ شۇ تاپتا.
-سىزمۇ......يەكەندىنما؟-ئۇنىڭ بىر يۇرىتلىق ئىكەنمىز دېگىنىدىن ھەيران بولۇپ سورىدىم.
-ھەم شۇنداق، ھەم شۇنداق ئەمەس. گەپ سىزنىڭ قانداق قارىشىڭىزدا!
-ھە؟ بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟
-ھېچقانداق گەپ ئەمەس. مەن ئۆزۈم مەكىتتىن، لىكىن ئۆيۈم يەكەنگە يېقىن. بازارلارغا بارماقچى بولساقمۇ مەكىتنىڭ ئەمەس ئۇدۇل يەكەننىڭ بازىرىغا كىرىمىز. شۇڭا ئۆيۈمنىڭ تۇپرىقى مەكىتتە بولغىنى بىلەن ئۆزۈمنى يەنىلا يەكەنلىكتەك سېزىمەن دەڭە! شۇڭا شۇنداق دېدىم......ھى ھى ھى.......
-نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن تېخى سىزنى! مەن تونۇيدىغان ئايۇپقا ئوخشاشلا گەپدان بالىكەنسىز سىزمۇ!
-شۇنداق بولغاندىكىن قاراڭ ئايقىز قۇربان،بىز مۇنداق قىلايلى. بۈگۈن بەرىبىر شەنبە دەڭە، شۇڭا كېتىشكە ئالدىرماڭ. بىز پاراڭلاشقاچ بىر ۋاخ بىللە تاماق يەيلى...
-ۋوي ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ؟! خىجىل قىلمىڭە ئادەمنى...
-تازا ئوبدان بولىدۇ. مېنى بىرمۇنچە ئاۋارە قىلىپ چاقىرىپ چىققاندىن كېيىن ئەمدى مىھمان قىلىپ ئەپۇ سوراڭ تايىنلىق.-ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە گەپ تاپالماي تۇرىۋىدىم ئارىمىزدىكى ئۆزى پەيدا قىلغان ئوڭايسىزلىقنى ئۇ يەنە ئۆزى تەڭشىدى:
-چاقچاقمۇ قىلىپ قويدۇم. ئالايتەن كەپسىز دەڭە بۇيەرگە، شۇڭا ماڭا يۈز بىرىپ بىر قېتىم بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىپ بېرىڭ . سىلەرنىڭ مىندادا ئۇيغۇر جىق بىلمەيسىلەر. لىكىن بىزنىڭ بۇ يەردە بىز ئۈچۈن بىر قېرىنىشىمىز بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇشمۇ ئالەمچە خۇشاللىق بولۇپ تۇيىلىدۇ. يەنە كېلىپ مېنىڭ ئارتۇقچە تەلىپىممۇ يوق. پەقەت ئاران بىر يۈز كۆرۈشكەندە بىر ۋاخ تاماق يەپ تارايلى دېدىم. شۇڭا بۇ ئۇيغۇرسىراپ كەتكەن قەلبىمگە ئازراق تەسەللىي بولۇپ قويۇڭ. –ئۇنىڭ چاقچاق ئارلاش قىلغان بۇ سۆزلىرى ماڭا تىزلا تەسىر قىلغاچقا ئىختىيارسىز بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.
ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش جەريانى ماڭا مۇختەر بىلەن تونۇشقاندىكى مەنزىرىنى ئەسلەتتى. چۈنكى مۇختەر بىلەن تونۇشىشىمىزمۇ دەل مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزدىن يىتىرقاشتىن خالى ھالدا ئۆز-ئارا چاقچاقلىشىش بىلەن باشلانغان ئېدى. لىكىن بىرلا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇ ماڭا مۇختەردىن جانلىقراق تۇيۇلدى. ئىككىمىز تاماق يىگەچ ئۆز-ئارا مۇڭداشقۇ نۇمۇرلىرىمىزنى قېتىشىپ پات-پات ئەھۋاللىشىپ تۇرۇشقا ۋەدىلەشتۇق. تاماقتىن كېيىن ئۇ مېنى ئۇنمىغىنىمغا قويماي غەربى شىمال شادلىق باغچىسىغا ئېلىپ باردى. بىز ئۇ يەردە بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن مەن قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدىم. ئۇ مېنى ماشىنىغا چۈشىدىغان يېرىمگىچە بىللە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ۋە بۇندىن كىيىن لەنجۇغا كىرىپ قالسام ئۆزىنى ئىزدىشىمنى قايتا-قايتا تاپىلىدى.
ئاسىيە قانداق بايقاپ قالدىكىن مەن باغچىدا تارتىپ تېخى يۇيۋىتىشكە ئۈلگۈرمىگەن رەسىمنى كۆزۈمگە نىقتاپ تۇرۇپ مېنى سوراق قىلىپ كەتتى. مەن ئامالسىز بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى بۇ سىردشىمغا بىرمۇ-بىر تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ھېكايەمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئېغىر بىرنى تىنىۋىتىپ:
-سىزنىڭ ئادەتتىكى بىغەم تۇرقىڭىزغا قاراپ بۇنداق ئۆتمۈشىڭىز بارلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن. لىكىن جېنىم، ئىشلار شۇنداق بولۇپ كەتكەن ئىكەن ئەمدى سىز تەقدىرگە تەن بېرىپ ئالدىڭىزغا قاراڭ. مېنىڭچە سىز ئۇ بالىنى تاپقان بىلەن تەقدىردىمۇ بىللە ئۆتەلىشىڭلار ناتايىن. چۈنكى ھازىر ئىككىڭلارنىڭ بىرى تۇرنا يەنە بىرى قاغا بولۇپ قاپسىلەر. شۇڭا چوڭلارنىڭ سىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.
-نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ئاداش، مەن مۇختەرنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام، ئۇنى قانداق ئۇنتۇپ كېتىمەن؟
-سىز ئۆزىڭىزنى كورىيە كىنولىرىدىكى ئارتىس دەپ قالدىڭىزما ئۇماق دوستۇم!؟ رېئال تۇرمۇش ھەرگىزمۇ رۇمانتىك كىنو سىنارىيسى ئەمەس. ئەمەلىيەتچىلراق بولۇڭ ساراڭدەك خىياللارنى قىلماي. شۇڭا ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ ئەسكى ئۆتمۈشىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاپ ھازىرىڭىزنى قايتىدىن باشلاڭ. مېنىڭچە بۇ بالىمۇ بولغۇدەك. يۇرتۇڭلارمۇ يېقىنكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەققى-تۇرىقىمۇ خېلى جايىدىكەن دەڭە!
ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. كاللام شامالدۇرغۇچتەك چۆرگلەپ خىياللىرىم ئاستىن-ئۈستىن بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاستا كارۋىتىمغا چىقتىم ۋە تېلىفۇننى ئېچىپ ھېلقى رەسىمگە قايتىدىن سەپ سېلىشقا باشلىدىم. بىرجۈپ قوشۇما قاش، قويۇق كىرپىكلىك يوغان كۆزلەر سەل سوقىچاق كەلگەن بۇغداي ئۆڭ يۈزلەرگە باشقىچە جۇلا بەرگەنىدى. قاڭشارلىق بۇرۇننىىڭ ئاستىدىكى قىيا ئېچىلغان نىپىز لەۋلەر كىشىگە شەبنەمدىن كېيىنكى گۈل غۇنچىسىنى ئەسلىتەتتى. يىغىپ ئېيىتقاندا يېڭى تونۇشۇم ئايۇپنىڭ چىراي شەكلى، بوي-بەستى مۇختەرنىڭكىدىن قېلىشقۇسىز سۇمباتلىق بولۇپ ئۆزىمۇ مۇختەرگە ئوخشاش شۇنچىلىك ھازىر جاۋاپ، چىچەن ئېدى.
مەن مۇختەردىكى تارتىجاقلىقتىن،ئوغۇللاردا ئاز ئۇچرايدىغان ئۇماق ئاق يۈزلەردىن ، ئاشۇ قارىغانسىرى ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغاپ تۇرىدىغان ساددا،مەسۇم بالا چىرايىنىڭ ئەكسىچە بولغان ئېغىر-بېسىق، تەمكىن خاراكتىرىدىن، ۋە ئوغۇللارغا خاس كۆتۈرۈشچان، كەڭ قورساق،ئۆزىنى تۇتىۋالغان، بىللە ماڭغاندا ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرالايدىغان سالاپىتىدىن ھوزۇرلىناتتىم. ئۇ بولسا ئادەمگە پىشقان يىگىتلەردەك تۇيغۇ بېرىدىغان،چىرايى ئادەمنى ئەيمەندۈرگىدەك، ئويناق كۆزلىرى قارشى تەرەپتىنى تەمتىرەتكۈدەك دەرجىدە سۈرلۈك كەلگەن،ئاغزىدىن داۋلىلىق گەپ-سۆز تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان،كىشىگە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان چىچەن يىگىتلەردەك تۇيغۇ بېرىدىغان بالا ئېدى.
مەن ئىككى يىگىتنى سېلىشتۇرما قىلغان بۇ خىياللىرىمدىن نۇمۇس قىلىپ يوتقاننى ئاستا يۈزۈمگە يېپىۋالدىم. شۇ كۈنى ئۆزۈمگە:«ئەقلىڭنى يىغ ئايقىز، يېڭىنى كۆرۈپ كونىنى ئۇنتىيدىغان ناچار قىلىق ساڭا ياراشمايدۇ. ئۆزۈڭنى ھەرگىز خىيالى دۇنياغا بەنىد قىلمىغىن. ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلسىلا سېنى چوقۇم ئىزدەپ كېلىدۇ. ئۇ قىيىنچىلىق پاتقىقىغا پاتقان چاغدا ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلمىغىن! ئۇ سېنى كۈتىۋاتىدۇ. تەقدىر ھامان سىلەرگە باشپاناھ بولىدۇ. ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ ساداقەتسىزلىكنىڭ تۇنجى قەدىمىنى سەن باسمىغىن!» دەپ خىتاپ قىلدىم. ھەمدە ئۆز-ئۆزۈمگە مۇختەردىن ئالدىراپ ئۈمىد ئۈزمەيمەن دەپ ۋەدە قىلدىم.
ھېلقى چاغدا دېيىشىۋالغىنىمىزغا ئوخشاش ئايۇپ ئىككىمىز مۇڭداشقۇدا پات-پات پاراڭلىشىپ تۇردۇق. بىز گەپلەشسەكلا ئارىمىزدا شۇنچىلىك يۇمۇرىستىك ھەم لەززەتلىك پاراڭلار بولاتتى. بىز بەزى ئاخشاملىرى پاراڭنى توختىتىشقا قىيماي شۇ پېتى ئۇخلاپمۇ قالاتتۇق. كىيىن ئۇ ئانچە-مۇنچە مەكتىپىمگە مېنى كۆرگىلى كېلىغان، ھەر كەلگىنىدە قەلبىمگە نۇرغۇنلىغان خۇشاللىق ئۇرۇقلىرىنى كۆمۈپ قويۇپ كېتىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بىز يېقىنلىشىپ كەتتۇق. ھەتتا يېقىن دوسىتلاردىنمۇ چارە بولۇشتۇق.ئۇنداق قىلىپ، بۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا سۆيگۈ پوجاڭزىللىرى مېنى تەسلىم قىلىپ بىز باشقىلارنىڭ ھەۋسى كەلگۈدەك بىر جۈپ ئىناق ئاشىق-مەشۇققا ئايلاندۇق
تىرناقچىلىك ھوزۇرنىڭ ئىككى قۇچاق ئازاپ-ئوقۇبەت بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر ئەرزىمەس ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىڭىزنى ھېس قىلىدىكەنسىز. ئەمما نېمىشقىكىن ھەممىنى ئەينەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بۇ خەتەردىن باش تارتىشنى،ئاشۇ كىچىككىنە ھالاۋەتتىن كېچىشنى خالىماي قالىدىكەنسىز. ئەلۋەتتە، كۆل سۆيىدەك تىنجىق تۇرمۇشنىڭ خۇددى بىر ئۆمۈر گەمىدىن چىقماي ياشىغاندەك قىلچىمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئەمما مەنىللىك قىلىمەن گەمىدە ياشاپ كۆنگەن بەدەننى قىلچىمۇ ئىمكانىيەت ئېلىپ قويماي بىراقلا گەمىدىن ئازاد قىلىۋىتىش ماسلىشالماي خاراپ بولۇشنى، تىنىق كۆل سۈيىنى مەيىن شامال ئارقىلىق يەلپۈتۈپ ئاستا-ئاستا دولقۇنلاتماي، بىراقلا قارا بوران ئارقىلىق چالغىتىۋېتىش كەينىگە قايتۇرۋالغۇسىز زور خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دەل مۇشۇنىڭغا مەنمۇ ئىككى يىل تىنىچ ئۆتكەن، يالغۇزلۇققا كۆنگەن تۇرمۇشۇمغا بىردىنلا مۇھەببەت قۇيۇنىنى باشلاپ كىرىپ ئۆز بوينۇمغا ئۆزۈم سىرىتماق سالغان ئىكەنمەن. مۇھەببەتتىن مەغلۇپ بولۇپ ئېغىر ھالسىراشقا باشلىغان شۇ كۈنلەردە مەن مۇھەببەتلىششىنىمۇ قاملاشتۇرالايدىغان ئادەم قىلسا بولىدىكەن. قاملاشتۇرالمىغانلار جېنىنى قىينىماي شۇ تىنىچ تۇرمۇشىنىڭ قەدرىگە يېتىپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ تەقدىرنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۈتۈپ ئولتۇرغىنى تۈزۈك ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئايۇپنىڭ مېنى شۇ تاشلاپ كەتكەنچە ئىزدىمەي قويۇشى، ئۆزۈمنىڭ بارا-بارا تۈگشىپ كېتىشى بىلەن سىڭلىمنىڭ ماڭا ھېلقى چاغدا قىلغان نەسھىتى يادىمغا يەتتى. ئۇ كىچىك بولغىنى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيتىپىتىكەن. ناۋادا مەن ئۇنىڭ ئاشۇ ئاگاھلاندۇرىشىنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ،ئىززىتىم بىلەن چوڭ سۈپەت يۈرىۋەرگەن بولسام ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتىم. ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن نەم قىلىپ باقمىغان كۆزۈمنى باشقا بىر ئەرزىمەس سولتەك ئۈچۈن دەريا قىلىپ يۈرمىگەن، ئوقۇشۇمنى خاتىرجەم ئوقۇغان بولاتتىم.
ئونىنجى ئايمۇ كىردى. مەن يەنە ئايۇپنى ئىزدەپ غورۇرۇمنى پايخان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىڭلىمغا گەپ ئۈگىتىپ ئاپامدىن پۇل سورىغۇزىۋېلىپ چىڭدۇغا قاراپ يولغا چىقتىم. بىلەتنى بەك كىيىن ئالغاچقا قاتتىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يىگىرمە تۆت سائەتنى ئۆتكۈزگىچە ۋايجىنىم چىقىپ كەتتى. سىڭلىمنىڭ قېشىغا كېتىۋاتقاچقا مەن كىيىم-كىچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالماي ئىككى تۆت تال يەيدىغان نەرسە بىلەن پۇل قاپچۇقۇم سېلىنغان كىچىك سومكىنى كۆتۈرۈپلا باردىم. لەنجۇدىن بارغاچىقىمىكىن كۆزۈمگە بۇ ئاۋات چوڭ شەھەر تېخىمۇ چوڭ كۆرۈنۈپ كەتتى. سىڭلىم كېلىپ بولغان ئىكەن. ئىككىمىز خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن قېرىنداشلاردەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق.
ئۇلارنىڭ مەكتىۋى مېنىڭ ئاغزىمنى خۇددى كاماردەكلا ئېچىلدۇرۇپ قويدى. ئىگىز ھەم پاكىز بىنالار، بىنالار بىلەن سولداشقان چوڭ-چوڭ دەرەخلەر، يول بويلىرىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان دەرەخ ۋە گۈللەر، ئىككى قاسنىقىدىكى تومىيىپ قۇچاق يەتكۈسىز بولۇپ كەتكەن «پىشقەدەم» دەرەخلەر ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ يېشىل كارىدۇر ھاسىل قىلغان سايىلىق يوللار كۆزۈمگە شۇ قەدەر چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرەي دەپ قالغان قېرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىمگە باقماي تېخى بۇرۇن ئارزۇغا چوڭراق شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرنى يازمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم. كۆڭلۈمگە بىردىنبىر تەسەللىي بولغىنى كۇتۇپخانا ۋە ياتاق شارائىتى بىزنىڭكىدىن ئارتۇق ئەمەس ئېدى.
بىرەر سائەت قاراپ ئولتۇرسىمۇ قۇرۇتتەك مىغىلداپ يۈرگەن خەنزۇ يولداشلار ئارسىدىن بىرەر يېرىم ئۇيغۇرنى تاپقىلى بولمايدىغان بۇ شەھەردە ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ بولۇشى مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى ۋە سۆيۈندۈردى. ئىككىمىز ئۇيغۇر ئاشخانسىدىن تاماق يەپ قايىتماقچى بولدۇق. ئاشخانىنىڭ تامىقى يامان ئەمەس ئوخشىغان بولۇپ، سىڭلىمنىڭ ھەر ھالدا ئۇيغۇر تامىقىنىڭ تەمىنى ئۇنتۇلماي ياشاۋاتقىنى مېنى خېلى خاتىرجەم قىلدى. سىڭلىمنىڭ ياتاقداشلىرى پۈتۈنلەي يولداشلار بولۇپ ئىككىمىزنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولغان ھالدا:
-ئاينىگار، بىردەم يوق بولۇپ كېتىپ ئۆزۈڭنى نۇسخىلىتىپ كىردىڭمۇ نېمە؟ تۇيۇقسىزلا ئىككى بولۇپ قاپسەن. –دەپ چاقچاق قىلىشتى. ئۇلار ناھايتى ئوچۇق قىزلار بولغاچقا بىز ئاسانلا چىقىشىپ كەتتۇق. شۇنداق قىلىپ سىڭلىمنىڭ باھانىسىدا بۇ چوڭ شەھەرنىڭ ئۆزگىچە مۇھىتىدىن بىرقانچە كۈن بەھىر ئېلىۋالدىم. بۇ جەرياندا ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى مىترو بىكىتى بولدى. مەن بۇرۇن مىتروغا ئولتۇرۇپ باقمىغان ھەم ھازىر تۇرىۋاتقان يەردە بۇ خىل قاتناش بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا چىقىپ چۈشۈشتە تازا چاندىم. سىڭلىم ئۆگۈتۈپ تۇرسىمۇ بىر بازارغا بېرىپ كەلگۈچە نەچچە قېتىم ئوخشاش خاتالىقنى تەكرار سادىر قىلىپ مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ قاپاق تۈرتىشىگە، خەقلەرنىڭ كۈلۈپ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرىدىم.
بۇ يەردە تۇرغان بەش كۈندە سىڭلىم ئىككىمىز ئاپاملاردىن سېلىق سېلىپ ئالغان پۇلنى ئايىماي خەجلەپ،كۆڭلىمىز تارىتقان ئويۇننىڭ ھەممىنى ئويناپ خۇشال يۈرگەچكە، روھىيتىمنى چىرماپ تۇرغان كۆڭۈلسىزلىكلەر بىر ئاز پەسلەپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم. تېخى ئەمدىلا كۆنۈپ بارغانسىرى ياقتۇرۇپ قېلىۋاتقان بۇ نەم ھاۋالىق، ئىسىل شەھەردىن پەقەتلا كەتكۈم كەلمەي قالدى. سىڭلىمنىڭ ياتاقداشلىرىمۇ ماڭا كۆنۈپ قالغانلىقىنى، پات-پات كېلىپ يوقلاپ تۇرۇشۇمنى ئېيىتتى ۋە مەن بىلەن بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتى. بۇ يەردىن كېتىشكە كۆزۈم قىيمايۋاتقان بولغاچقا ئامالنىڭ يوقىدىن بۇنىڭ جازاسى سۈپتىدە سەن مېنى كەل دېمگەن بولساڭ ماڭا مۇشۇ ئازاپ يوق ئېدى دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ يۈرۈپ قايتىش بېلىتىنى سىڭلىمغا ئالغۇزۇپ، خۇددى بوينۇمدىن سۆرىگەندەك ھالەتتە يولغا چىقتىم. تەلەيگە قايتاشىمغا كارۋاتلىق بىلەن ئالالىغاچقا ئۇخلاپ يۈرۈپ پويىزدىكى زىرىكىشلىك ۋاقىتنى ناھايتى تىزلا ئۆتكۈزىۋالدىم. ياتىقىمغا كىرىپ «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى،پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى» دەپ كارۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپ يېتىپ تۇرىۋىدىم. تۇيۇقسىز ئايۇپتىن تېلىفۇن كېلىپ قالدى. مەن ئەمدى قانداق گەپلەرنى ئاڭلارمەن، مېنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتىۋاتقاندۇ؟ دەپ زور ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن تېلىفۇننى ئالدىم. «قورىققانغا قوش كۆرۈنەر.» دېگەندەك ئۇ تېلىفۇننى ئېلىشىمغىلا يۇقرى بېسىملىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى ئۇچىۋاتقاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. ئاچچىقتا بىلىكىمنى قاتتىق چىشلىدىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن بۇنداق گەپلەرنى كۈتمىگەنىدىم.
(6)
-ئۆزىڭىزنى شۇنچىلىك چوڭ ئادەم چاغلاپ قېلىۋاتامسىز ئايقىز؟ ئون نەچچە كۈندىن بېرى تۈننى كۈندۈزگە ئۇلاپ تېلفۇنىڭىزنى، بىر ئېغىز ئىللىق سۆزىڭىزنى ساقلىدىم. ئېيتىگە مەن زادى قاچانغىچە كۈتىمەن؟ مەن زادى نەزىرىڭىزدە بارمۇ يوق؟
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز ئايۇپ؟ سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي دەپ تىز چىقتىڭىز ھە مەندىن؟! سىزنىڭ مېنىڭ كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزگىنىم بىلەن كارىڭىز يوق ھەجەپ ئۆز ھالىڭىزنى سۆزلەپ كەتتىڭىزيا؟ سىز ئازاپلانسىڭىز مەن خۇشال ياشاۋاتقان ئوخشىمامدىمەن سىزچە؟
-مەندىن بەكرەك سۆزلەيسىزغۇ؟ نوچىكەنسىز، بىلدىم. شۇڭا بىرسىنى ئازاپ ئوچىقىغا ئىتتىرىپ قويۇپ نېمە بولىشى بىلەن كارىڭىز يوق غەمسىز ھالدا شەھەرمۇ شەھەر ئويناپ يۈرەلىدىڭىز. سىزنىمۇ كۆرۈپ قويدۇم. كۆيدۈم-پىشتىم دەپ مەيدىسىنى مۇشىتلا يۈرگەنلەر، ئاھ جېنىم دەپ مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىپ يۈرگەنلەرمۇ تايىنلىق ئىكەن. –قېنىم قىززىق بولغاچقا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىردىنلا مىڭەمنى ۋىژىلدىتىۋەتتى:
-راسىت دەيسىز، تايىنلىقكەن. ۋاي ئۇنداق قەدىرلەيمەن مۇنداق ئاسرايمەن دەپ ۋەدىلەرنى بېرىپ قىزىلگۈللەرنى سۇنغانلارمۇ تايىنلىقكەن. شۇڭا ۋاختى كەلگەندە بىر ئېغىز خاتا گەپ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ كۆڭلى ھەم ئەقىدىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ شۇ قەدىرلەيدىغان، ئاسرايدىغان نىگارىنى نەمۇمە تاشلاپ كېتىۋىرىدىكەن.
- بىر دەۋالدىڭىز ھە! شۇ تاشلاپ كېتىشكە ئۆزىڭىز سەۋەپ بولغانسىز؟ بولمىسا بىكاردىن تاشلاپ كېتەرمىدىم مەن؟ «بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي.»دېگەندەك ھەممىنى ئۆزى تېرىپ تۇرۇپ نۇمۇس قىلماي دەۋاتقان گىپىنى تېخى.
-كەچۈرۈم سورىدىمغۇ؟ سىز ئەپۇ قىلالمىغۇدەك شۇنچە ئېغىر گۇناھ قىلغانمىدىم مەن؟ كەچۈرۈڭ دەپ تەلمۈرۈپ كېتىۋاتسام پەرۋايىڭىزغا ئالماي كەتتىڭىزغۇ ئەمىسە؟ ئوغۇل بالا تۇرۇپ كۆڭلى-كۆكسىڭىز شۇنچىلىكما سىزنىڭ؟
-ماڭا تولا ئوغۇل بالا ئۇنداق، ئوغۇل بالا بۇنداق دېگەن گەپنى قىلماڭ. سىزگە بېقىپ مەن ئۇقتىڭىزمۇ؟ سىز قىزبالا تۇرۇپ كۆڭۈل ئاياشنى بىلمەي يۈزۈمدىن يۈزۈمگە شۇنداق دەۋاتسىڭىز قاراپ تۇرىۋىرىشكە غۇرۇرۇم يول قويامدۇ مېنىڭ؟ ناۋادا مەن ماڭا ئەقىدە بىلەن سۇنغان ئوتلۇق يۈرىكىڭىزگە كۈلۈپ تۇرۇپ قىزىتىلغان زىخنى سانجىپ-سانجىۋىتىپ ئۇنىڭ كەينىدىن خاپا بولماڭ دەپ قولۇمنى ئۇزاتسام سىز قانداق قىلاتتىڭىز؟
-ماقۇل، ئۇ كۈنى ھەقىقەتەن مەندىن ئۆتكەن. شۇڭا مەن خاتا قىلغانمۇ بولاي. ئەمما ئېيتىڭە ئايۇپ، بىزنىڭ بۇنچىۋالا قىلىششىمىز زادى نېمە ئۈچۈن؟ بىز نېمىشقا بىر-بىرىمىزنى شۇنچە ياخشى كۆرۈشۈپ تۇرۇپمۇ چىقشالمايمىز زادى؟ نېمىشقا قاراپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ياشلىقىنى ئۆز قولىمىز بىلەن زۇلمەتكە ئايلاندۇرىمىز؟ ئۆز-ئارا يول قويۇشۇپ، جىدەل قىلماي ئىناق ئۆتسەك بولمامدۇ زادى؟
-مەن ئاشۇنداق چۈپەي، كۆزى كىچىك، ئىچى تار ئوغۇل بالا. شۇڭا يول قويۇشنى بىلمەيمەن، كىچىك ئىشلارغىچە ھېساپلىشىپ جىدەل پەيدا قىلىمەن. قانداق، مەن بىلەن تونۇشۇپ يۈرۈپ قالغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلۋاتامسىز؟
-ئاھ خۇدا...........
-ئەگەر شۇنداق بولسا ئوچۇق دەڭ جۇمۇ، ھېلىھەممۇ ئۈلگۈرەلەيسىز يېنىۋېلىشقا....
-.......
كونتىروللىقىمنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ، ئەسەبىيلەشكەن ھالدا تېلىفۇننى يەرگە ئاتتىم ۋە ئارقىدىنلا ئۆزۈمنى كاچاتلاشقا باشلىدىم. ئاڭغىچە پەستە بېرىلىپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ئاسىيە يەرگە چۈشكەن تېلىفۇننىڭ ئاۋازىدى چۈچۈپ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈردى ۋە يەردىكى ئۆزى بىريانغا، قىپى يەنە بىر يانغا چېچىلىپ ياتقان تېلىفۇننى تىرىپ ئېلىپ ئوڭشىغاچ ماڭا گۆلەيدى:
-چىڭراق ئېتىڭ ھامىنى ئاتقاندىكىن! بۇنداق ئاتقانغا تېلىفۇن چېقىلامتى!
-ئاران تۇرغاندا سىزگە نېمە قويدى ئەمدى ئاسىيە؟ چۈشەنمىگەندىكىن ئارلاشماي جىم تۇرىگە تولا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلماي. ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دەۋاتىمەن شۇ تاپتا.
-مۇھەببەتلىشىشنى چۈشەنمەيمەن بۇنىسى راس. ئەمما جېنىم، ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ پۇل تېپىۋاتقاندىكى جاپاسىنى چۈشىنىمەن ھەر ھالدا. توغرا سىزنىڭ ئائىلە شارائىتىڭىز ياخشى، ھېچنىمىدىن قىسىلمايسىز. شۇڭا بىزلەر تېخى تۇتۇشقا مۇيەسسەر بولالمايۋاتقان قىممەت تېلىفۇنلارنى قورىقمايلا ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىشنى ۋاستىسى قىلىپ چىنە چاققاندەك چېقىۋىتەلەيسىز. بۇلارنى ئويلىمىسىڭىز مەيلى، ئەمما سىز خالىغانچە ئاتقان شۇ نەرسىنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئويلاپ قويىشىڭىز كېرەك. ئاتا-ئانىڭىز پۇللارنى يېتىپ تۇرۇپ ھەركەت قىلمايلا تاپمايدىغاندۇ؟ دادىڭىز ساقچى فورمىسى كېيىپ قويسىلا مۇئاشى چىقىۋىرەمتى يا؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا ئاشۇ جاپاكەشلەرنىڭ مىھنىتىنى ئويلاپ بولسىمۇ ئۇنداق قىلماي بارىنى قەدىرلەشنىمۇ بىلىڭ ئاداش.
ئاسىيەنىڭ گەپلىرى شۇ كەيپىياتتا قۇلىقىمغا پەقەت خوش ياقمايۋاتقان بولسىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىلىۋاتقىنى ئۈچۈن جىم تۇرۇپ تەنقىدنى قوبۇل قىلدىم. تەلەيگە تېلىفۇن چېقىلمىغان ئىكەن. شۇڭا دەرھال قولۇمغا ئېلىپ ئۆيدىكىلەرگە تىنىچ-ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن تېلىفۇن قىلدىم. مەن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كەيپىياتىمنى كۆتۈرۈپ سۆزلەپ ئىچكى ھېسىياتىمنى چوڭلارغا سەزدۈرمىدىم. ئەمما تېلىفۇننى قويۇشۇم ھامانلا كۆز ياشلىرىم خۇددى تېشىلىپ كەتكەن سۇ نەيچىسىدىن پارتىلاپ چىققان سۇدەك ئېتىلىپ چىقىشقا باشلدى. شۇ تاپتا مۇختەر بىلەن تىنىچ،خۇشال ھەم ئىجىل ئۆتكۈزگەن ئۈچ يىلدىن ئارتۇق شۇ ۋاقىتنى ۋە ئۇنىڭ ماڭا تۇتقان مۇئامىلىسىنى، ئايۇپ بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ قىسقىغىنا ۋاقىتقا ۋە ئۇنىڭ ماڭا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىگە سېلىشتۇرۇپ ئىچ-ئىچىمدىن بوغۇلۇپ كېتىۋاتاتتىم. ئاچچىقتا بىر يەرلىرىمنى كىسىپ قانىتىۋالسام ياكى ئاغرىتىۋالسام ئىچىم بوشايدىغاندەك ھېس قىلىپ تامغا زەرىپ بىلەن نەچچە مۇش ئۇردۇم. بىراق يەنىلا جان تاتىلىق كېلىپ ئاغرىپ كەتكەن بىچارە قوللىرىمنى مۇزلاپ كەتكەن لەۋلىرىمگە ياققىنىمچە يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرىۋالدىم.
ئاخشىمى يىغلاپ يېتىپ قايسى ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، ئەتىسى ئويغانسام سائەت ئون بىر يېرىم بولۇپ قورسىقىم ئېچىپ تارتىشىپ كېتىپتۇ. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيغاندىن كىيىن چىرايلىق كىيىملىرىمنى كېيىپ ھەپتىن بېرى تاشلىنىپ قالغان گىرىملىرىمنى قايتا قولۇمغا ئالدىم. تەخمىنەن يىگىرمە مىنۇتلاردىن كىيىن تامدىكى يوغان ئەينەككە قاراپ ياسانغان ھالىتمنى بىردەم تاماشا قىلغاندىن كېيىن كارتامنى ئېلىپ ئاشخانىغا چىقتىم. تاماققا لازىنى ئۆلگۈدەك سېلىپ يەپ راسا بىر ئاچچىقىمنى چىقىرۋالغاندىن كېيىن كۇتۇپخانىغا كىرىپ ئۆزۈم ياقتۇردىغان كىتاپلاردىن ئون پارچىنى بىراقلا كۆتۈرۈپ چىقىپ كارۋىتىمنىڭ بېشغا قويدۇم ۋە ياتقىنىمچە كىتاپ كۆرۈشىنى باشلىۋەتتىم.
كۈنلىرىم دەرىستىن چۈشسەم تاماق يەپ، تاماق يەپ بولسام كىتاپ ئوقۇپ، كىتاپ ئوقۇمىسام ئۇخلاپ شۇنداق بىرخىل تەرىقىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەمما بۇ ئارقىلىق ئىچىمنى ئۆرتەۋاتقان پىغاننى پەقەتلا سىرتىغا چىقىرالمىدىم.ئازاپلىرىم پەقەت بېسىلمىدى. ئاخىر بولماي ۋاقتىمنى تېخىمۇ زىچراق ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۆزۈمنى بەكرەك چارچىتىش ئارقىلىق يۈرۈگۈمنى قورىۋاتقان شۇ كۆڭۈل بىئارامچىلىقىغا پۇرسەت بەرمەسلىنى ئويلاپ كومپىيوتىرنى ئاچتىم دە توختىماي تاۋباۋنى ۋە باشقا توربەتلەرنى ئاختۇرۇشقا،يەنە بىر چاغلاردا ئەزا بولۇپ قويغان مۇنبەرگە كىرىپ ئۇنى-بۇنى ئوقۇشقا باشلىدىم. شۇ جەريارندا مۇنبەردىكى بىر قانچە مۇھەببەت تېمىسىنى كۆرۈپ بىر نەرسە يېزش ئارقىلىق ئاچچىقىمنى تۆكۈۋېلىش خىيالىمغا كىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تاشلىنىپ قالغىلى خېلى يىللار بولۇپ قالغان يېزىقچىلىق ھەۋسىمنى قايتىدىن باشلىۋالدىم. مەن دەسلەپتە بىر قانچە ئەسەرلەردىن ئىلھام ئېلىپ ئىچىمدىكى ھەسرىتىمنى ئىپادىلىگەن ئاساستا مۇنداق بىر شئېر يېزىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم:
نىدا (سەنەم)
ۋادەرىخا! كۆزلىرىمدىن ئالدىڭ قان ياش،
نىگارىڭنىڭ خاتاسىغا بەرمەي بەرداش.
غورۇرنى دەپ قايرىپ كۆڭۈل، سالدىڭ ئەلەم،
كۆرگەن كۈنۈم بولدى زىندان تۇرۇپ ياپياش.
ئىدىم كۆيگەن بىر چاغلاردا ساڭا ئوتتەك،
دەپ ئويلىغاچ بولالايدۇ ماڭا يولباش.
چۈشەنمىدىڭ ئول كۆڭلۈمنى قىلدىڭ جاپا.
جۇت كۆرۈنگەچ لاۋۇلدىغان ئاشۇ ئوتقاش.
يىگىت ئىدىڭ شۇنچە جەسۇر شۇنچە مەغرۇر،
شۇڭا رايىم بولدى ساڭا، قويماي تاللاش،
كۆرەلمىدىڭ ساداقەتنى دېدىڭ ماڭا:«
مەقسىتڭكەن ئەسلى يارىم مېنى ئالداش.»
ۋەدە بېرىپ، بەزلەپ كۆڭلۈم دېگەن بىر چاغ:«
بۇرچۇم گۈلۈم ھەم ۋەزىپەم سېنى ئاسراش.»
ئاي ئاتلاپلا قالدى كۈچتىن ئۇشبۇ سۆزۈڭ.
بولدى ئەمدى شۇ قەسەمىڭ مېنى تاشلاش.
كەتتى مادار پايلىيالماي تۆھمەتلەرگە،
بولدى زەھەر ھەتتا ماڭا يۇتقان ھەر ئاش.
خاتالىقىم ئەيلەپ بايان قىلساڭ خىجىل،
تاپالمىدىم ئازاپ ئىچىرە قويارغا باش .
يۈرەك دەرتمەن، تامان بەربات گۈزەل كۈنلەر ،
ھەمراھ كۈندە ئەمدى ماڭا كۆزۈم ياشلاش.
رەنجىمەيمەن قېچىۋالساڭ يۈتۈپ كۆزدىن ،
سەزمەس ئازاپ،چۈنكى يۈرەك بولدى بىرتاش.
ئويلىمىغان يەردىن بۇ تۇنجى شئېرىم مۇنبەرداشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. تورداشلىرىمنىڭ ئەسىرىمنىڭ ئاخىرىغا يېزىپ قالدۇرغان ھەرخىل باھا ۋە تەسەللىي سۆزلىرى ئاللىقاچان مۇزلاپ سېزىمدىن قالغان زەئىپ كۆڭلۈمنى بىراقلا نەچچە گەز كۆتۈرۈپ ماڭا قايتىدىن ئىللىقلىق، تۇرمۇشۇمغا باشقىچە مەنا ھېس قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ئەسىرىمنى ماختاشلارنى كۆرگىنىمدە ئىقتىدارىمنڭ يامان ئەمەسلىكىدىن ھوزۇرلىنىپ كۈلسەم، تەسەللىيلەردىن شۇنچە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ماڭا كۆيۈنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك سېزىپ كەتتىم. بىر كۈنى قايتىدىن مۇنبەر ئاختۇرىۋېتىپ، پىنھان ئىسىملىك بىر مۇنبەرداشنىڭ شئېرىمنىڭ ئاستىغا قالدۇرۇپ قويغان ئىنكاسىغا كۆزۈم چۈشتى. بۇ باشقا ئىنكاسلاردىن ئالاھىيدىرەك بولغاچقا ئاسانلا دىققىتىمنى مەلىكە قىلدى. ئۇ مۇنداق يېزىلغانىدى:
ئەسسالام! ئەي شائىرە، ئول «پىنھان» دىن سالام كەتتى.
مىسرالىرىڭ ئىدۇر دەردىڭ، بۇنى قەلبىم بىلىپ يەتتى.
سايرىتارمىش بۇلبۇلنى گۈل،كاككۇكمۇ ھەم زەينەپ ئۈچۈن،
لىكىن «سەنەم» قىلار پەرياد،چوقۇم «غېرىپ»ئازار ئەتتى.
ئايلىناركەن توختىماستىن شۇ رەھىمسىز چەرخى پەلەك
پەش قېقىپلا ئۇزاپ كېتەر،دەردى بارنى يوقلىماستىن.
ئۆتمۈشلەر ھەم كەچمىشلەرگە قالار ئىكەن گۇۋاھ ۋاقىت،
چىرىگەن شۇ سەبىيلىكنى ھېچ دەقىقە ساقلىماستىن.
ئاجىزدۇرمەن ياشلىقىمدىن، كى بولمىغاچ ماڭا تارىخ،
بىرەرلەرگە تەسەللىينى يازماق ئىدىم غەزەللەردىن.
ئۈمىدۋار بول ۋاپاسىزلار تۇرسىمۇ قەلبىڭ مۇجۇپ
يالغۇز كەلگەچ كىشى پانى،كېتەر يالغۇز ئەزەللەردىن.
ۋاي دېمەپسەن ئاناڭ ئۈچۈن، داداڭ يادىڭ يەتكەيمىدۇ؟!
گەر تۆكۈپسەن نىگار ئۈچۈن سۆكۈپ قەلبىڭ شۇنچە ياشنى.
شۈكرى دېگىن ھەم ئويلانغىن ئەي سەنەم سەگەكمۇ سەن!؟
نېمەڭگە ھەم نېمەڭ يەتمەس،كىملەر بەرگەن ساڭا ئاشنى!
كۆيۈپسەن ھەم بىر چاغلاردا،«غىرىب»ئۈچۈن بولۇپ گۈلخان ،
ئازاب دەپلا يۈرىۋەرمە ، ئۆزۈڭگە ھەم كۆيۈپ باققىن.
كەچۈرۈشكە مادار بولسۇن، يولۇڭ بولۇر چوقۇم داغدام،
ئۆز-ئۆزۈڭنى ئاشۇ ياردىن ھەسسىلەپ سۆيۈپ باققىن.
ئەگرى-توقاي ھايات يولى،نە قىسمەتلەر كېلەر باشقا،
دەھشىتى چۆللەر ئۇنىڭ، ھەتتا ئېگىز داۋانلىرى.
جېنىم دېگەن ئاشۇ يارلەر قالار ئىكەن ياغى بولۇپ،
چىشلىشەركەن تۆھمەت قىلىپ،يامان ئىكەن قاۋانلىرى.
دىمە ئۇنداق:« ماڭا ھەمراھ كۈندىلا كۆزۈم ياشلاش»
بول بەردەم، ئۇنۇت بۈگۈننى،ئەتىگە كۈلۈپ باققىن.
چىن سۆيگۈ خازان بوپتۇ، لىكىن كېرەك ساڭا ياشاش،
شۇڭا سەنەم يېتىۋەرمەي ئورنۇڭدىن تۇرۇپ باققىن.
ئۆزۈم پىنھان يىگانىمەن، قەدىردانلار ئۆلۈپ كەتتى،
تاشلىمىدىم لىك ئۆزۈمنى، چۈنكى ھايات بولغاچقا مەن.
يارىم بولغان، ئۇنۇتمۇدۇم ، قەلىب تۆرى ھامان شۇنىڭ،
ئىزدىمەيمەن ئەمما ئۇنى چۈنكى پىنھان قالغاچقا مەن.
بەلكىم سۆيەر يارىڭ سېنى، ئىدۇر كۆيۈش تىللاشلىرى،
مۇھەببىتى شۇدۇر بەلكىم، سەندىن قاخشاپ قىيداشلىرى.
دوسىت ئېيتىدۇ يىغلىتىپ،دۈشمەن لىكىن كۈلدۈرۈپ،
شۇ بىۋاپا جاناننىڭ ھەم باردۇر چوقۇم بەزلەشلىرى.
پىقىرلەركىم ئوغۇل بولغاچ يارىڭ ئۈچۈن مەن گەپ قىلاي،
تۆكمە ھەرگىز ياشىڭ سەنەم، يارىڭ تۆكەر يۈرەكتىن قان.
شۇڭا ئارتۇق ئازاپلانماي، كۈتكىن شۇ گۈزەل كۈننى،
ئۆز-ئۆزۈڭنى سۆيۈپ ياشاپ، بەخىت سىنى ئىزلەيدىغان.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم توردىشىم سەنەمگۈل (سەنەمجان دەيمۇ يا) !؟ كونىلاردا دەردى يوق كىشى شائىر بولماس دەيدىغان بىر گەپ بار. شۇنىڭدىن قارىغاندا سىزنىڭ دەردىڭىزمۇ خېلى بار چېغىۋا؟! شۇڭا چىن ھېسىيات بىلە يۇغۇرۇلغان بۇ شئېرىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن سىزنىڭ دەردۇ-ھالىڭىزنى،چېكىۋاتقان پىغانىڭىزنى خۇددى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەندەك بولدۇم. مېنىڭمۇ بىر چاغلاردا سۆيگەن ئادىمىم بولغان،ھەتتە ھېلىھەممۇ ئۇنى بۇرۇنقىدەكلا سۆيىمەن. ئەمما پەلەكنىڭ چاقى ئىرادەمگە تەتۈر تاناسىپ ھالەتتە چۆرگىلەپ ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى بەربات قىلغان بولغاچقا ئۇنى شۇنچە ئىزدىگۈم بولسىمۇ يەنىلا ئىزلىمىدىم. چۈنكى ھېچقانداق بىر كىشى ئۆزى سۆيگەن ئادەمنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قىلىشنى خالىمايدۇ ئەمەسمۇ!؟
شۇڭا بۇخىل ئەھۋالدا سىزگە بېرىدىغان تەكلىپىم ئالدىڭىزدا بار بەخىتنى قەدىرلەڭ، ئاسراڭ! يىگىتىڭىزنىڭ سىزگە قىلغانلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياخشى تەرەپكە بۇراپ ئويلاڭ. ھەرقانداق بىر ئىشقا دېڭىزدەك كەڭ كۆڭلى-كۆكسىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ! كۈلپەتلەرگە زىيادە قىسرەندىلىك قىلىپ،قاراپ تۇرۇپ ئۆز ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىز زۇلمەتكە ئايلاندۇرىۋالماڭ! مىسرالىرىڭىزدىن پەزىلىتىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. شۇڭا سىزگە بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمەي يېقىدا توردىن كۆرگەن تۆۋەندىكى كەلىمىنى تەقدىم قىلاي:
«پىياز مەڭگۈ پىياز، ئۇ بەرىبىر كۆزىڭىزنىڭ يېشىنى ئاققۇزىدۇ. لىكىن سىز ئۇنى ناننىڭ ئارسىغا ئارلاشتۇرۇپ، پىشۇرۇپ يېگىنىڭىزدە نەقەدەر تەملىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. دېمەك، ھاياتلىقتىكى ئازاپ-ئوقۇبەت دەل پىيازغا ئوخشايدۇ. گەپ سىزنىڭ ئۇنىڭغا قايسى خىل ئۇسۇلدا يۈزلىنشىڭىزدە. بەخىت نەدە بىلەمسىز؟ ھەسەتسىز دىللاردا،ئاداۋەتسىز يۈزلەردە،ھەمنەپەس سىرداشلارنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىدە...... قىسقىسى بەخىت كۈلۈپ باققان كۆزلەردە ھەم شۇنى سېزەلىگەن يۈرەكلەردە!!»
ئاخىردا سىزگە دەيدىغىنىم، ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى، سۆيگەننى قەدىرلەشنى بىلىڭ. ئۈمىدۋار، جەسۇر ياشاڭ! بىر ئىشلارغا ئوڭاي ھاياجانلىنىپ ئاشۇ ئازارلىق ياشلىرىنى بىھۇدە تۆكمەڭ! ئەگەر بەك تۆككىڭىز كېلىپ كەتسە ئاۋال ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك بىر نەتىجە يارىتىپ، شۇنىڭدىن پەخىرلەنگەندىكى خۇشاللىق ياشلىرىڭىزنى تۆكۈڭ. تاشنى تاش بىلەن سىقىشتىن ھاسىل بولغان ئۇ مەرۋايىت دانچىللىرى بەدەلسىز قالمىسۇن!
سىزگە شۇنچىلىك ئىتىبار قىلىشىمدىكى سەۋەپكە كەلسەك، بۇ مېنىڭ ئۆزۈمگە ئوخشاش غېرىپ قېرىنداشلارغا تەسەللىي بېرىش ئارقىلىق كۆڭلىنى بىر ئاز بولسىمۇ تەسكىن تاپقۇزۇشنى ۋە بەخىت تىلەشنى ساۋاپلىق ئىش دەپ چۈشەنگىنىم ھەمدە ئۆزۈمنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغان قىسمىتى بار بولغان سىزدەك بىر ناتونۇش مۇنبەردېشىمنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا بىر ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشنى ئويلىغىنىم ئۈچۈنلىدۇر.
خەيىر، سىزگە سالامەتلىك ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن!
بۇ ئىنكاس ماڭا شۇنچىلىك غەيرەت ۋە كۈچ بېغىشلىدى. شۇڭا ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك مىننەتدار بولۇپ قالدىم. تۇرۇپلا يەنە بۇ مۇنبەردېشىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەشلىرىنى،مەسلىلەرگە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇللىرىنى مۇختەرنىڭكىگە ئوخشىتىپ قالدىم. ئەمما مۇختەر تۇرىۋاتقان شارائىت يادىمغا يېتىشى بىلەن تەڭلا بۇ خىيالىمدىن يالتىيىپ قالدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن كۈنلىرىمنى مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا باھا يېزىش ۋە ئۆزۈم يوللىغان تېمىلارنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ ھۇزۇرلىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. ئەمما نېمىشقكىن يەنىلا تۇرمۇشۇشۇمدا بىر بوشلۇق باردەك ئۆزۈمنى شۇنچىلىك پەرىشان سېزەتتىم. بىر تەرەپتىن يەنە ئۆزۈمنىڭ ئۆيدىكى بىز ئۈچۈن تىنىم تاپمايۋاتقان بىر جۈپ قەدىرداننى خىيال بۈرجىكىمگە ئەكىلىپ قويماي نەدىكى بىر ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن زىھنىمنى، ۋاقتىمىنى زايە قىلۋاتقىنىمغا شۇنچىلىك ئاچچىقىم كېلەتتى. لىكىن ئاسىي ھېسياتلىرىم ئەقلىم ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ مېنى داۋاملىق رەزززىللىشىكە ئۈندەيتى. شۇڭا بۇ توردېشىمنىڭ ئاناڭ داداڭنى ئويلىماپسەن دەپ ۋايساشلىرى ئۇ قۇلقىمدىن كىرىپ ئورنى ئىسسىشقا ئۈلگۈرمەيلا يەنە بۇ قۇلىقىمدىن چىقىپ كەتتى ۋە داۋاملىق شۇ رەزىل ھېسياتنىڭ سەنىمىگە ساما سېلىۋەردىم.
ئايۇپقا شۇنچىلىك ئاچچىقىم بولىغىنى بىلەن يەنىلا سېغىنىپ كېتىۋاتاتتىم. بىكار قالدىملا كاللامنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن شۇ بەخىتلىك، خۇشال كۈنلەرنىڭ تاتلىق ئەسلىمىللىرى چىرماپ ئالاتتى. كۈندۈزى نەگىلا بارسام تىلفۇنۇمنى يېنىمدىن ئايرىماسلىقىم، ھەر قاچان توكىنى لىقلاپ ئوچۇق ھالەتتە قويۇشۇم پەقەت ۋە پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئېدى. بەزىدە يەنە ئۇنىڭدىن تېلىفۇن ياكى ئۇچۇر كېلىپ قالسا بىلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ پات-پات تېلىفۇنۇمغا قاراپ كېتەتتىم. لىكىن ئۈمىدسىزلىك ھامان ماڭا ھەمراھ ئېدى. ئۆزۈمنى كونتىرول قىلىپ بولالمىغان ۋاقىتلاردا ئەسەبيلەشكەن ھالدا تېلىفۇننى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭ نۇمىرىنى باساتتىميۇ ئارقىدىنلا ئۆزۈمنى خۇددى خورلۇققا قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ تېلىفۇن ئۇلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۈزىۋىتىپ ئۈلگۈرەتتىم. مېنىڭ كىتاپ ئوقۇشۇم، كۆپ ئۇخلىشىم ۋە سائەت سائەتلەپ كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇشلىرىممۇ ئۆزۈمنى باشقا ئىشلارغا كۆپرەك بەنىد قىلىپ ئايۇپنى ئويلايدىغان ۋاقىتلىرىمنى قىسقارتىش ئۈچۈنلا ئېدى.
شۇنداق قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەي، يۇتقان نەرسىللىرىم ئاغزىمغا تېتىماي نەچچە ئون كۈننى ئۆتكۈزدۈم. ئېگىسى دىلىغا سالدىمۇ ئەيتاۋۇر ئاخى ئۇنىڭدىن كەلگەن تېلىفۇننى تاپشۇرۋالدىم. ئەمما ئۇنىڭ نۇمۇرىنى كۆرۈپ خۇددى يوشۇرۇن كۆيۈپ قالغان يىگىتىگە تېلىفۇن قىلىۋاتقان تارتىنجاق قىزلارنىڭكىگە ئوخشاش قەلبىمدە بىر تاتلىق ھاياجان پەيدا بولۇپ جىسمىم يەڭگىل تىترەپ كەتتى.ھەم قورۇنۇش ھەم زارىقىش ئىچىدە تېلىفۇننىڭ قوبۇللاش كونۇپكىسىنى باستىم:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!-ئۇ ئېغىر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن سۆزۈمگە جاۋاپ قايتۇردى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئاۋازىڭىزدىن قارىغاندا روھى ھالىتىڭىز خېلى ياخشىمۇ قانداق؟-شۇ تاپتا ئۇنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن:« بىز كۆرۈشەيلى ئايقىز، سىزنى سېغىندىم!» دېگەندەك سىلىق سۆزلەرنى قىلىپ مەن بىلەن قايتا جەم بولۇشنى تەلەپ قىلشىنى شۇنچىلىلىك ئارزۇ قىلىپ كېتىۋاتاتتىم. شۇڭا ئىشنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىلىق سۆزلىدىم:
-ياخشى تۇرۋاتامسىز؟ سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟
-كۆرۈشسەك بولامدۇ؟- خوشلۇقتا قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. شۇڭا ئۆز ھېسياتىمنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇپ يۈرمەي ئالدىراپ جاۋاپ بەردىم: -قا...قاچانلىققا؟
-شەنبە كۈنى ۋاقتىڭىز بولسا ھەم خالىسىڭىز مەكتىۋىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ مېنى چاقىرىڭە! –ئۇنىڭ بۇ سۆزى ھەم گەپ قىلغان چاغدىكى كىبىرلىق تەلەپپۇزى نېرۋامغا تېگىپ زەردەمنى خېلى خوپ قايناتقان بولسىمۇ ئۇ سىز ئۆتكەن ئاشۇ قىيىن كۈنلىرىمنى ئويلاپ بوغۇزۇمغا كېلىپ بولغان نەپرەتلىك سۆزلەرنى يۇتىۋىتىپ ئورنىغا سىلىق سىپايىلىك بىلەن كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان چىرايلىق گەپلەرنى قىلدىم:
-ماقۇل. شەنبە كۈنى مەن بىرىنجى قېتىملىق ماشىنىدىلا يولغا چىقاي.
-ھەرھالدا ئاتماس تاڭدا يولغا چىقىۋالماي، كۈننىڭ قوڭىنى كۆرۈپرەك ماڭارسىز!
ئۇنىڭ مېنىڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيەمنى تازا ياقتۇرمايۋاتقىنىنى كۆرۈپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم. ئەمما چاندۇرمىدىم. بىزنىڭ قىلىشقان پارىڭىمىز شۇنچىلىكلا بولدى. مەن تاقەتسىزلىك ئىچىدە شەنبە كۈننى كۈتتۈم. ئاخىر شەنبە كۈنىمۇ بولدى. مەن بىر خىل كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە بامدات بىلەن تەڭلا تۇرۇپ تەييارلىقىمنى باشلىۋەتتم. ئۇچامغا ئۆزۈمنىڭ بەدەن شەكلى ۋە تېرە رەڭگىمگە ماس كېلىدىغان كېيىملەرنى كىيىپ، گىرىمىمنى تەبىيراق قىلدىم ۋە ئاسىيەنى كۇتۇپخانىغا ماڭغان يولىدىن توسۇپ ئەكىرىپ چېچىمنى بۇغداي شەكلىدە ئۆرۈتتۈم. پۇتۇم نۇرمال بولمىغاچقا مەن ئاساسەن پاشنىسى بار ئاياغلارنى كىيمەيتىم. شۇڭا ئەسلىدىكى تۈز تاپانلىق قارا خۇرۇم ئايىغىمنى كېيىمىم بىلەن پارلاشتۇرۇپ كىيدىم ۋە سومكامنى كۆتۈرۈپ تېخى قوياش كۆتۈرۈلمەستىلا ماشىنا ساقلايدىغان يەرگە چىقتىم.
ئەمەلىيەتتە ئايۇپ ئادەمنى ئەتىگەندە بىردەم ئۇخلىغىلى قويۇپ بەك سەھەردە كېلىۋالماڭ دەپ چوڭ سۈپەت ھالەتكە كىرىۋالغىنى بىلەن، بۇ كۆرۈشۈشكە مەندىنمۇ بەكرەك تەقەززا بولۇپ كەتكەن چېغىۋا، مەن بارغان ۋاقىتتا ئاللىقاچان بىزنىڭ باش مەكتەپ رايۇنىدىكى بىكەتكە كېلىپ بولغان ئىكەن. ئۇ قولىنى كەينىگە تۇتىۋېلىپ ماڭا گەپ قىلماي قاراپ تۇرىۋەردى. مەنمۇ ئامالسىز جىم تۇردۇم. بىر پەس جىمجىتلىقتىن كېيىن ئۇ قولىنى كەينىدىن چۈشۈرۈپ ماڭا تەڭلىدى. ھەيرانلىقتا گىرىمىمنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىپ ئولتۇرماي كۆزلىرىمنى ئۇۋلاپ كەتتىم. ھەقىقەتەنمۇ ماڭا تەڭلەنگىنى قول ئەمەس بىر تال پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتىرگۈل ئېدى. كۆزلىرىمنىڭ مېنى ئالدىمايۋاتقىنىغا ئىشەنگەن ۋاقتىمدا مەڭىزىللىرىم ئاللىقاچان ھۆل بولۇپ بولغان ئېدى.
بىز بىر مەھەل كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى، بىر-بىرىمىزگە بولغان پىكىر-تەلەپلىرىمىزنى ئېيتىشىپ بۇندىن كېيىن ئەمدى ئۇرۇشماسلىققا ۋەدىلىشىپ قول ئېلىشتۇق. شۇ تاپتا يۈزلىرىمدىكى بۇرۇقتۇرمىلىقنىڭ ئورنىغا خۇش كۈلكىلەر يامراپ، يۈرىكىم ھاياجاندىن ھېلى كۆكرەك قەپزىمنى بۆرتۈپ چىقىدىغاندەك كۈچ بىلەن تېپچەكلىمەكتە ئېدى. ئۆز-ئۆزۈمگە:« بۇ بەخىتنىڭ قەدرىنى قىلىمەن، كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتسەممۇ ئەمدى ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيىمەن.ھەرگىز ئالدىراپ تېشىغا قاچمايمەن. چۈنكى يوقنىڭ دەردىنى تارىتقاندىن بارنىڭ دەردىنى تارىتقان ياخشىراقكەن. شۇڭا ئەمدى كەم ئەقىللىق قىلمايمەن.»دەپ پىچىرلىماقتا ئېدىم.
بۇرۇنلاردا دوسىتلىرىمنىڭ ئاغزىدىن «قىز بالىغا كۈلكە ياراشمايدۇ.»دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ بۇ گەپكە ئانچە چىن پۈتۈپ كەتمىگەن ئېكەنمەن. ھالا بۈگۈنكى كۈندە يۈرۈكۈمنى مۇجۇپ تۇرغان ئاشۇ كۆتۈرۈپ-قوپقۇسىز ئازاپلارنى تېخى ئەمدىلا چۆرۈپ تاشلاپ، يۈزۈمگە كۈلكە يۈگۈرتە-يۈگرىتمەيلا ماڭا بۇ كۈلكىنىڭ ياراشماي قويغىنىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. شۇ تاپتا تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان بۇ ئېغىر چاقچىقىدىن ھوشۇمنى يوقتىپ پۇتۇمنىڭ قانداق چامداۋاتقىنىنى بىلمەي چېپىپ يۈرۈپ رۇخسەت سوراش رەسمىيىتى بىجىرۈش، ئايرۇپىلان بېلىتى زاكاس قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتىم. قۇلىقىم ھېچبىر گەپنى، يۈرىكىم ھېچبىر ئاغرىقنى سەزمەيتتى.
(7)
كېسەلخانىدا ياتقان ئاپامنىڭ قېشىغا كىرگەن چېغىمدا كۆز يېشىمنى پەقەت كونتىرول قىلالماي قالدىم. بىچارە ئاپام مېنىڭ ھالىمنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئاغرىق ئازابىغا چىشىنى چىشلەپ ئاستا ئۆرە بولۇپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. مەن يىغلىغان پېتى بېرىپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدىم. ئارىدا كېسەلخانىدىكى بىر ئايال ماڭا تىل سالدى:
-ۋوي قانداق قىز بالىسىز بالام؟ ئەرگە تەككۈدەك بولغان يوغانلا چوكان بولغاندىكىن كىرىپلا ئاران ياتقان ئادەمگە ھۆڭگىرەك ئېتىپ بەرمەي، ئاۋال چىرايلىق ئەھۋال سوراپ، ئاندىن بىر پىيالە قىزىىق چاينى تەڭلىگەچ تەسەللى بەرمەمسىز مۇنداق! –ئاچچىقىمدا ئۇ ئايالنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا ياقماي بىر ئېغىر گەپ قىلىۋىتەي دەپ تۇرىۋىدىم، خۇددى ئاپام ئىچىمدىكىنى بىلىپ قالغاندەكلا ئالدىن ئېغىز ئاچتى:
-دۇرۇس ئېيىتتلا ھەسەلخان ئاچا! نېمىلا دېگەن بىلەن تېخى كىچىك ئەمەسمۇ، شۇڭا بالىلىق قىلىپ ئەركىلىۋالغۇسى كېلىۋاتقان گەپ. ئۆمرى بولسا ئۈگىنىدۇ بارا-بارا......
-بۇنداق چاپان يېپىپ يامان ئۈگەتمىسىلە ئاي خېنىم، قىزبالا دېگەننىڭ كىچىكىدىن پىشقىنى ياخشى. بولمىسا كىيىن ئۆزى قىينىلپ قالىدىغان گەپ. شۇڭا كۆڭۈللىرى قويمىسىمۇ چىشلىرىنى چىشلەپ چىڭراق تەربىيە قىلغانلىرى تۈزۈك. چوڭىمۇ كىچىكىمۇ بۇ؟
-چوڭى، لەنجۇدا ئىنگىلىزتىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقىنى.
-ھە...... كىچىكىنى كۇلىنىڭ بىژ يېرىدە دوختۇرلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ دېدىلە ھە!؟ شۇنداق پاكىز چوڭ بوپتۇ. كۆز تەگمىسۇن بۇ قوشماق چوكان قىزلارغا!-ئۇ ئايال گەرچە مېنى ئەركىلىتىپ شۇنداق دەۋاتقان بولسىمۇ، چوكان دېگەن گەپنى قايتا دەۋىرىشى ماڭا پەقەتلا ياقمىغاچقا ئاپامنى بىلىكىدىن تارتىپ ئۆز پارىڭىمىزنى باشلىدىم.
ئەسلىدە ئاپام ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ئۇنچە بەك ئېغىر كېسەلمۇ ئەمەسكەن. مەن كېلىشتىن نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر كەچقۇرۇنلۇقى ئىشتىن چۈشۈپ تاماق ئېتىشكە تۇتۇنغان ئاپام ئاۋال چايدانغا چاينى قاينىتىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئوچاقنىڭ تۈۋىدىلا قويۇپ، چايدانغا چاي قۇيغۇچە يەرگە تېمىپ كەتكەن سۇلارنى سۈرتىۋەتمەيلا تاماققا تۇرۇپتۇ. «بالا- قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ.»دېگەندەك،تاماق تەييار بولۇپ ئەمدى ئۇھ دەپ قازاننىڭ ئوتىنى توختىتىپ، قاچا-قۇچىغا ماڭغاندا ھېلقى سۈرىتمىگەن سۇدا تېيىلىپ يىقلىپ چۈشۈپتۇ ۋە پۇتى ئوچاقنىڭ تۈۋىدىكى چايدانغا تېگىپ قايناقسۇ ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ. قىزىق چايدا خېلى ئېغىر كۆيگەن چېغى، شۇنىڭ بىلەن تاماقمۇ بىر ياندا قېلىپ دادام ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئاپام ياخشى كۈتۈنۈپ، ئەتراپلىق داۋالانغان بىلەنمۇ بىر ئايغىچە ئاياغ كېيەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن. گەپلىرىمىزنى ياندىن تىڭشاپ ئولتۇرغان ھەسەلىخان دېگەن ئايال <دوختۇر> دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپلا يەنە چالۋاقاپ كەتتى:
-توۋا دەيمەن جۇمۇ بۇ زامانغا. ئادەم دېگەندە نە ئەقىل، نە ئىنساپ قالمايۋاتىدۇ بارغانسىرى. بۇرۇنلاردا بىرەر ئادەم دوختۇرغا كەلسە، دوختۇرلار تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن سىزگە دورا يېزىپ بىرىمەن، ئېلىپ چىقسۇن دەپ كېسەلنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى باشلاپ چىقىپ كېتىپ ھەقىقى ئەھۋالنى شۇنىڭغا دەپ، كېسەلنىڭ ئۆزىگە بەلەن كۈتۈنۈپ خاتىرجەم داۋالانسىڭىز تىزلا ساقىيىپ كېتىدىكەنسىز دەپ روھى مەدەت بېرەتتى. ھازىر بولسا يۈزىدىن يۈزىگە سىز مانچە كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدىكەنسىز، سىز راك بولۇپ قاپسىز، كېسىلىڭىز ئېغىركەن ساقىيىشى تەس دەپ دەۋىرىدىغان، ئالدىن پۇل تاپشۇرۇڭ دەپ بىرمۇنچە ساننى تاشلاپ قويۇپ كېسەلنىڭ ئۆلۈپ-تىرلىشى بىلەن كارى بولماي كېتىۋىردىغان بولۇپ كەتتى. توۋا دەيمەن جۇمۇ. شۇنچە ئوقۇغان ئادەملەر بىمارغا دورىدىنمۇ تەسەللىينىڭ بەكرەك پايدا قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ زادى؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سۆزلىگۈچىگە سەپ سېلىشقا باشلىدىم. ئۇ ئۇچىسىغا تاغاردەك كەڭ، كۆكرەك كۆينەك كىيىپ،ئاق سانجىلغان چاچلىرىنى ئىككى ئۆرۈپ ئالدىغا تاشلىۋالغان ئاتمىش ياشلار چامسىدىكى تەمبەل ئايال ئولۇپ،ياغلىق سېلىشلىرى ۋە پۈتۈن تۇرىقىدىن دېھقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن دادام-ئاپامنىڭ نېمىشقا چوڭلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم. دېمىسىمۇ بىر يېزىلىق دېھقان ئايال خېلى-خېلى زىيالىلارمۇ قىلالمايدىغان تەپەككۇر بىلەن سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ كېسىلىمۇ ئانچە ئېغىر بولمىغاچقا ناھىيلىق تولۇقسىز مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ياش مۇئەللىم قىزى ئەتىگەن ئاخشىمى ئانچە-مۇنچە يوقلىغىلى كىرگەندىن باشقا بىرەرسى ئۇنىڭغا قارىمايتى.
مەن دوختۇرخانىدا ئاپامغا يەتتە كۈن قارىغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا مەن زورلاپ توسۇپ قويغان سىڭلىمغا كېلىشكە ۋە ئۆزۈمگە قايتىشقا بېلىتى ئېلىپ قويدۇم ۋە ئۇنىڭغا دەرھال يولغا چىقىپ مەن مېڭىشتىن بۇرۇن كېلىپ بولۇشنى تاپلىدىم. بۇ جەرياندا مەن ھېلقى ئاپاشنىڭ تەربىيىسىدە ھەم ئاپامنىب يوقلاپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقان، دوسىت-قېرىنداشلارنى كۈتۈش ئەمەلىيىتىدە خېلى ئىش ئۈگۈنۈپ قالدىم. تۆت كۈندىن كېيىن سىڭلىم كېلىپ ئاپامنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن، مەن يولغا چىقتىم. لەنجۇغا كەلگەندە ئالدىمغا چىققان ئايۇپنى كۆرۈپ يا يىغلىشىمنى يا كۈلۈشىمنى بىلەلمەي ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قاراپ تۇرۇپ كەتتىم.
ياتاققا كىلىپ دىمىمنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن مەن بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە زارلاپ بىر پارچە ئەسەر يازدىم ۋە مۇنبەرگە يوللىۋەتكەندىن كېيىن ئۇخلاپ قالدىم. ئەمما نېمە ئۈچۈنكىن مەن كىچىچە مۇختەرنى چۈشەپ چىقتىم. ئويغىنىپ چۈشۈمنىڭ مەزمۇنىنى شۇنچە ئويلىغان بولساممۇ چۈشۈمدە مۇختەرنى كۆرگەنلىكىمدىن باشقىنى پەقەتلا ئەسلىيەلمىدىم. تۇرۇپلا مۇنبەر يادىمغا يېتىپ كومپىيوتىرنى قوزغاتتىم. تېمامنىڭ ئاستىغا بىر پارچە شئېر يېزىلغان بولۇپ ئۇ ھېلقى پىنھان دېگەن مۇنبەردېشىمنىڭ ئېدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىنكاس تۈن يېرىمدىن ئاشقاندا يوللانغان ئېدى. كاللامغا بىر غەلىتە خىيال كېلىشى شۇنچىلىك جىدديلىشىپ كەتتىم ۋە ئۇنىڭغا دوسىتلۇق ئىلتىماسى يوللىدىم. ئويلىمىغان يەردىن تاكى ئۈچىنجى كۈن ئاخشامغىچە ئۇنىڭدىن سادا كەلمىدى. ئۈچىنجى كۈنى كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ماڭا ئەسكەرتىش كېلىپ قالدى. دەرھال چېكىۋىدىم پىنھاننىڭ دوسىتلۇق ئىلتىماسىمغا قوشۇلغانلىق ئۇچۇرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۇنىڭ بوشلۇقىغا كىرىپ ماتىريالىنى چەكتىم. ئىشنىڭ شۇنچىلىك ئۇدۇل كېلىپ قالغىنىغا ھەيران قالدىم. مەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىزىقىقىنىم بىلەن ئۇنىڭ پىنھان دېگەن تور نامىدىن باشقا ھەممە ماتىريالى مەخپى قىلىپ تەڭشەلگەن بولۇپ چىقتى.
چارەگلىك ئىمتاھان ئاياغلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي چوڭ تاغام بىزنىڭ مەكتەپكە بىر ئايلىق ئۆگۈنۈشكە كەلدى. مەن ئاپام داداملارنىڭ نەسھىتى بىلەن ئۇنىڭدىن قاچماي،چاقىرغان سورۇنلىرىغا قالماي بېرىپ يۈردۈم. كۆڭلۈمدە چوڭلارنىڭ بۇ زىياپەتلىرىدىن شۇنچىلىك بىزار بولساممۇ ئامال بار بۇ تۇيغۇنى چىرايىمدا ئىپادىلەپ قويماسلىققا تىرىشتىم. چوڭلارنى بۇ يەرگە تەربىيلىنىشكە كەلدى دېگەندىن كۆرە ئويناپ ئارام ئالغىلى كەلدى دېيىش تۈزۈكرەك ئېدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆگۈنىدىغان نەرسىللىرى ئوڭاي ھەم ئاز بولغاننىڭ سىرتىدا ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن يۇقرى سوممىلىق تولۇقلىمىدىن بەھىرمان بولاتتى. ئېسىل تۇرالغۇلاردا يېتىپ-قوپاتتى. دېمەك ئۇلار قانچە بۇزۇپ چاچسىمۇ پەقەت ھۆكۈمەت تەمىناتىنىلا خىراجەت قىلاتتى. مۇئاشىنى موچىنى بىلەن ئايالىغا تولۇق تاپشۇرالايتى. شۇنداق قىلىپ مەن بۇ بىر ئاي توشقۇچە شەنبە يەكشەنبىنى ئۇلارغا ساياھەت يىتەكچىسى بولۇپ لەنجۇنى ئايلاندۇرۇپ ئۆتكۈزدۈم. بار چاغدا بىزار بولغاندەك قىلغىنىم بىلەن ئۇلار كېتىدىغان چاغدا نېمىشقىكىن كۆزلىرىمنى ياشلاپ تۇرۇپ ئۇزاتتىم. دېمىگەن بىلەن مەن بۇ جەرياندا تولا يېقىن ئۆتمەيدىغان ئاشۇ تاغام بىلەن خېلى ئىچكىشىپ قالغان ئېدىم.
ماۋسۇم ئاخىرىغا بارغانسىرى ئاز قېلىشقا باشلىدى. ئەمدى ئىككىمىزنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەكلا مەن ئايۇپنى كۆپرەك ئىزدەپ بارىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇمۇ بۇنى كۆرۈپ بارغانسىرى ھەددىدىن ئېشىپ، تېلىفۇندىلا پالانى كۈنى كەل دەپ قويۇپلا مېنىڭ ۋاقتىم بارمۇ يوقمۇ ئويلىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولىۋالدى. ئەمما مىجەزى ئۆزگەرگىنى بىلەن ماڭا پەقەتلا يامان نىيەتتە بولمايتى. نېمە ئىش قىلىشتىن ئاۋال ماڭا تەسىرى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىرنجى قىلاتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ قولى ئوبدانلا ئوچۇق، مەرىت ئېدى. بۇ تەرەپلىرى دېگەن يېرىمگە كەلگەچكە مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە تالىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولدۇم. چۈنكى ئۇنىڭ مېنى ئىزدەپ ئۇ سەھراغا بارغىنىدىن مېنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ كەلگىنىم تۈزۈك ئېدى. ماۋسۇم ئاخىرى بولۇپ ئۆگنىشنىڭ جىددىيلىششىگە ئەگىشىپ شەھەرگە كىرىپ كەچقۇرۇن يەنە ئۆزۈم يالغۇز قايتىپ كېلىش ئېغىر كېلىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن پەقەتلا سىرىتقا چىقماس بولدۇم. ئويلىمىغان يەردىن بۇ قىلىقىم ئايۇپنىڭ كونا كېسىلىنى قوزغاشقا خېمىر تۇرۇچ بولۇپ بەردى.
بىر شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاسىيە ئىككىمىز كىرلىرىمىزنى يىغىپ سۇ خانىغا ئەپچىقىپ قويۇپ پەستىن چېلەكتە قايناقسۇ ئېلىپ چىقتۇق ۋە شۇ پېتى كىر يۇيۇشقا كىرىپ كەتتۇق. كىرلىرىمىز كۆپ بولغاچقا ھەم ئىككىمىز پاراڭلاشقاچ ئاستا يۇيغاچقا ئىككى سائەتچە ۋاقىتتا ئاران بىكار بولدۇق. كىرلەرنى ئېسىپ بولۇپمۇ ئىككىمىز خېلى بىر ۋاقىتقىچە چاقچاقلىشىپ ئولتۇردۇق. چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ئاسىيەنى كۇتۇپخانىغا يولغا سېلىۋىتىپ،ياتاققا قايتىپ كىردىم ۋە كارۋىتىمغا چىقىپ ئوڭدىسىغا ياتقان پېتى تىلفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم. تېلىفۇنۇمدا ئوندىن ئارتۇق ئېلىنمىغان تېلىفۇننىڭ بەلگىسى بولۇپ كەتكەن بولۇپ ھەممىسى ئايۇپتىن كەلگەنىكەن. شۇڭا دەرھال قايتۇرۇپ تېلىفۇن قىلدىم. ئەمما ئۇ ئالماي قويدى. جىدديلەشكىنىمدىن قايتا-قايتا ئۇرىۋەردىم.نېمىشقىكىن ئۇ تېلىفۇنىنى ئېتىۋالدى. شۇ ئېتىۋالغانچە تاكى بىز ئادا-جۇدا بولۇپ كەتكەن كۈنگە قەدەر ئاچمىدى.
ئاچچىقىمنى مۇنبەردىن چىقىرىش ئۈچۈن ئەتىدىن-كەچكىچە مۇنبەرگە تېما يوللاپ،ئازاپلىق خاتىرىلەرنى يېزىپ يۈرگىنىمدە مۇنبەرداشلىرىم ئارىسىدا ھېلقى پىنھان نامىدىكى بالا ماڭا ھەممدىن بەكرەك مەدەت بېرىپ تۇردى. مەنمۇ ئۇنىڭ چىقارغان تېمىللىرىنى كۆرۈپ ئىنكاس يېزىپ ئۇنىڭغا قايىللىقىمنى بىلدۈرۈپ تۇردۇم. ئۇنىڭ يازمىللىرىنىڭ سەرخىللىشىغا ئەگىشىپ مەن ئاخىرى ئۇنىڭ خېلى بۇرۇنلا يوللاپ قويغان مۇڭداشقۇ نۇمۇرىنى قېتىۋالدىم. ئازابىمغا ئورتاقلىشالايدىغان يېڭى بىر سىرداشقا ئېرىشىپ پاك ھېسيات بىلەن ئالاقە باغلىۋالغان بولساممۇ بىراق كۆڭلۈمنىڭ بىريەرلىرى بىر قىسمىلا ئېدى.
ئىمتاھانغا يېرىم ئايچە ۋاقىت قالغاندا ئاسىيە تۇيۇقسز تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە بىللە بېرىپ كېلەيلى دەپ تۇرىۋالدى. مېنىڭمۇ ئايشىگۈل مۇئەللىمنىڭ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلاپ روھىمنى كۆتۈرۈپ كەلگۈم كېلىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم. بىز ئەتىگەندىلا يولغا چىقتۇق. بۇ ۋاقىتتا ئايشىگۈل مۇئەللىم خىزمەتكار ئايال بىلەن ئۆي تازلىغىنى تۇرغان ئىكەن. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى سوراپلا ئۇنىڭ توسۇشلىرىغىمۇ ئۇنىماي ئىشقا قېتىلدۇق. چۈشلۈك تاماققا يېقىن ئۆيلەرنى تازلاپ رەتلەپ بولدۇق. كەچقۇرۇنلۇقى ئايشىگۈل مۇئەللىم بىزنى ئايلاندۇرۇپ كېلىمەن دەپ كەتكىلى قويمىدى. «قارىمۇقنىڭ باھانىسىدە بۇغداي سۇ ئىچىپتۇ.» دېگەندەك بىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆرمىگەن يەرلەرنى كۆرۈپ، كىرىپ باقمىغان سودا سارايلارغا، يۇقرى خىراجەتلىك تاماقخانىلارغا كىرىپ ئالى مۇلازىمەتلەردىن بەھىرمان بولىۋالدۇق. ئۇ كۈنى بارلىق ئىچ پۇشۇقلىرىمنى ئۇنتۇپ شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئوينىدۇق. ئەتىسى مەكتەپكە كېلىپ تۇرىۋىدىم غايىپ بولغىلى خېلى بولغان ئاشىقىم ئايۇپ تېلىفۇن قىلىپ قالدى. بىرخىل ئارسالدىلىق ئىچىدە تېلىفۇننى ئالدىم.
-نوچىكەنسىز، راس نوچىكەنسەنسىز! كۆڭلىڭىز شۇنچىلىك بولغاچقا خەقنى پەرۋايىڭىزغا ئەكىلىپ قويماي خاتىرجەم چۆرگىلەپ يۈرەلەيدىكەنسىز. ئەمدى رەسمى تونۇدۇم سىزنى!-ئۇنىڭ قىلغان سالامىمغا جاۋاپمۇ قايتۇرماي قىلغان بۇ غەيرى سۆزلىرى مېنى تۇلىمۇ ھەيران قالدۇردى. شۇڭا ئالدىراپ چۈشەندۈردۈم:
-نېمىلەرنى دەيدىغانسىز. ھېلقى كۈنى كىر يۇيۇپ بولۇپلا تېلىفۇنغا قاراپ باقماي تاماققا چىقىپ كېتىپ قاپتىكەنمەن كېيىن تېلىفۇن قىلسام ئالماي تېلىفۇنىڭىزنى ئېتىۋالدىڭىز. شۇنىڭدىن بۇيان كۈندە نەچچە ۋاخ كۆزۈم تېلىفۇندا يا تېلىفۇن قىلمىدىڭىز،يا تېلىفۇنىڭىزنى ئاچمىدىڭىز. ھە راس، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغان بولغىيتى؟
-بىرەر ئىش بولۇشىنى ئارزۇ قىلامتىڭىز ئەجىبا؟ سىزدەك نەمۇ-نە يۈرمىگەندىكىن پوق دەسسەپ، ئالدىراپ بىر ئىش بولمايدۇ ماڭا.-ئۇنىڭ بۇ گېپى كۆڭلۈمگە خىېلىلا كەلگەن بولسىمۇ ماۋسۇم ئاخىرى بولۇپ قېلىۋاتقىنى ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاشنى خالىماي يەنىلا سىلىق گەپ قىلدىم:
-ساراڭدەك گەپ قىلماي سۆزۈمگە جاۋاب بېرىڭە، زادى نېمىش بولغان سىزگە؟
-تولا مەندىن گەپ سوراۋەرمەي ئۆزىڭىزنى باشقۇرىڭە ئاۋال. سىزنىڭ بۇنچىلىك يامان قىز بالا ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن مەن. ئالىڭىز ئىچىڭىزدە خېلى بار ئوخشايدۇ مەن بىلمىگەن بىلەن. ھېلىمۇ خۇدايىم بىلىپ ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمەپتىكەن. ساق بولغان بولسىڭىز ئىش بارتىكەن سىز بىلەن.......
-....................
كۆزلىرىمگە لىققىدە تولغان ياشلىرىمنى ياتاقداشلىرىمدىن يوشۇرۇپ تام تەرەپكە قارىۋالدىم ۋە تېلىفۇننىڭ قوڭىنى ئېچىپ ئىچىدىن كارتىنى چىقاردىم ۋە قاتلاپ،قاتلاپ ئۇشتىۋەتكەندىن كېيىن ئاسىيە ھېلىلا سۈپۈرۈپ قويغان پاكىز ياتاقنىڭ ئوتتىرىسىغىلا تاشلىدىم. ياتاقداشلىرىممۇ كەيپىياتىمدىيكى ئۆزگىرىشكە قاراپ ماڭا ئارتۇقچە كايىمىدى. مەن شۇ تاپتا ئۆزۈم ئەڭ قورقىدىغان، ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان، ئەڭ ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر سۆزنى ئاڭلاپ قالغىنىم، يەنە كېلىپ ئۆزۈمنىڭ كۆڭلۈمدىكى يارىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىم ئۈچۈن قاتتىق ئازاپلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. قىسمىتىمنىڭ بۇنچىۋالا ئوخشاشلىققا تولغانلىقىدىن پۇچلىنىۋاتاتتىم. شۇ تاپتا ئويلىماي دېسەممۇ مۇختەر بىلەن ئادەمدەك ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كەمسىتىشتىن خالىي كۈنلەر كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ باراتتى. ئاستا كومپىيوتىرنى قوزغىتىپ پۈتۈنلەي ئاچچىق بىلەن پۈتۈپ چىققان بىر ئەسەر يېزىپ مۇنبەرگە يوللىۋەتكەندىن كېيىن، قېلىن كىيىملىرىمنى كېيىپ سىرىتا چىقتىم.
دۇنيادا كىمنىڭمۇ شۇنداق چىرايلىق بولغۇسى، ھەممە ئەزاسى مۇكەممەل، ساق ئادەم بولغۇسى يوق؟ مېنىڭمۇ ئەلۋەتتە باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش يوللاردا تايچاقتەك قىيغىتىپ چاپالايدىغان نۇرمال بەدەن ساپاسىغا ئېگە قىز بولغۇم كېلىدۇ. ھەم ئاشۇنداق مۇكەممەل ئىنسانلارغا ھەۋىسىم كېلىدۇ. ئەمما ياراتقۇچۇم ماڭا مۇشۇنداق بىر ھەدىيەنى تەقدىم قىلىپتۇ. مەن جېنىمدا بۇنىڭدىن شەكلەنمەي رىئانلىققا خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنىۋاتسام باشقىلارنىڭ بۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا نېمە ھەققى بار؟ ھەم مۇشۇنى تۇتقا قىلىۋېلىپ مېنى چۈشۈرىدىغانغا نېمە ھوقۇقى بار؟ شۇلارنى ئويلاپ ۋۇجۇدۇمغا يىغا ئولاشتى. قاردا قانچىلىك تۇردۇمكىن بىر ۋاقىت بولغاندا ئاسىيە ياتاق بىناسىنى تاقىۋىتىدۇ دەپ ئالدىراپ كەلگەن پېتى مېنى قولۇمدىن تارتىپ سۆرەشكە باشلىدى.
«ياخشى بىلەن دوسىت بولساڭ ئېچىلار چېچەكلىرىڭ، يامان بىلەن دوسىت بولساڭ يېرىلار يۈرەكلىرىڭ.»دېگەن سۆز ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيتىلغان ئىكەن. گەرچە مېنىڭ يۈرىكىم يېرىلمىغىنى بىلەن كۆڭلۈم قاتتىق رەنجىگەن ئېدى. شۇڭا ئايۇپنىڭ مۇڭداشقۇ نۇمۇرىنى ۋە رەسىملىرنى يۇيىۋەتكەندىن باشقا ئۇ سوۋغا قىلغان نەرسىلەرنىڭ بىرىنى قويماي ئاچىقىپ تاشلىۋەتتىم. ئەمدى ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيتىم. ئۇ پەقەت مېنى ئىمتاھان مەزگىلىدە پاراكەندە قىلغىنى ئۈچۈنلا ئەمەس،ماڭا ھاقارەت قىلىپ غورۇرۇمنى يەرگە ئۇرغىنى ئۈچۈن كەچۈرمەيتتىم. شۇڭا كاللامدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئەسلىمىنى قالدۇرۇشنىمۇ خالىمىدىم. قىسقىسى ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك كۆڭلۈم قالغان ئېدى.
ئاخىرىدا ئىمتاھاننىمۇ بولار-كېتەرىگە بېرىپ ئۆيگە ماڭدىم. ئۆيدە دادام، ئاپام سىڭلىملار بىلەن ھېچنىمىدىن غەمسىز خۇشال ئۆتىۋاتقىنىمدا شۇ ۋاقىتلاردا كەم ئەقىللىق قىلىپ ئۆز بېشىمغا پىت سالغىنىمغا پۇشايمان قىلىپ كەتتىم. مەن بۇ قېتىم ئاپامغا :«ئاتقا قەشقەرلىك سانالغىنىمىز بىلەن سورىسا قەشقەرنىڭ ھېچيېرىنى بىلمەيدىكەنمىز، شۇڭا بىزنى بۇ قېتىم ئوبدان ئايلاندۇرۇپ قەشقەرنى ياخشىراق بىر تونۇشتۇرۇپ قويمىسىڭىز بولمايدۇ.»دەپ ئېسىلىپلا تۇرىۋالدىم. سىڭلىم دادامنى ئەيۋاشقا كەلتۈردى.
ئاپام ئاخىرى سىڭلىم ئىككىمىزنى ئوخشاش ياساپ ئىككى قولتۇقىغا بىردىن قىسىپ قەشقەرگە ئېلىپ ماڭدى. ئۆيدە غەلۋە قىلغىنىمىز بىلەن قىشنىڭ سوغوق كۈنىدە شەھەر چۆگلەش ئاپامدىن بۇرۇن ئىككىمىزگە ئېغىر كېلىشكە باشلىدى. شۇڭا بۇ كۆڭۈلسىز ساياھەتنىڭ قۇيرۇقىنى بالدۇرراق چېگىشنىڭ يولىنى قىلىپ يېڭى بازاردىن ئالىدىغان نەرسىمىز بار دەپ ئاپامنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالدۇق. ئۇ ئامالسىز بىزگە يول قويدى. بىز ئالغان نەرسىمىزنىڭ تاينى يوق ئۇ يەردە بىرمۇنچە ئايلىنىپ كەتتۇق. ئەسىرلەر بولغاندا ئاپام بولدى دېگىنىمىزگە قويماي بىزگە بىردىن ياغلىق ئېلىپ بېرىپ ئۆز قولى بىلەن بېشىمىزغا ئوراپ قويدى. خۇددى قېرى كالىغا پىچاق خوش ياققاندەك باشتا ياق ياق دېگىنىمىز بىلەن سوغوقتا ياغلىق بىزگە شۇنچىلىك خوش ياقتى. شۇنداق قىلىپ مەيدىمىزگە ئۇرۇپ چىققان بۇ ساياھەتتىن يىلىمىز چىققان ھالەتتە سالپىيپ قايىتتۇق.
دادامنىڭ بىز بىلەن بىللە ئويناشقا ۋاقتى چىقمايلا بۇ تەتىلمۇ ئاخىرلىشىپ كەتتى. مەن ئاسىيە بىلەن دېيىشىپ بىلەتنى ئاتۇشتىن بىللە ئېلىپ، ئىككى كۈن بۇرۇن ئاتۇشقا بېرىپ شۇ يەردىن ياتاقدېشىم بىلەن بىللە ماڭىدىغان بولدۇم. ئاسىيەنىڭ ئۆيى ئاتۇشنىڭ بىر يېزىسىدا بولۇپ ئاتۇش شەھەر ئىچىگە ۋە پويىز ئىستانسىسىغا كىرىشكە ئوخشاشلا تەخمىنەن ئونبەش مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى مەنزىرە ماڭا كوپراتسىيە مەزگىلىدىكى ئائىللەرنى ئەسلىتىپ قويدى. قورا ھويلىلىق ئاقارتىلمىغان ئۆيدە ئاسىيەنىڭ بىرجۈپ قەدىردانى، بىرجۈپ ئاكىسى يەنە بىر جۈپ ئاچىسى ۋە ئۈچ سىڭلىسىغا ئاسىيە قوشۇلۇپ جەمئىي ئون جان ئادەم ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائلە جابدۇقلىرى، كېيىم-كىچەكلىرى ئاددى ھەم كونا بولغىنى بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى شۇنچىلىك مىھماندوس سېخىي ئادەملەردىن ئىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ كۆز ئالدىمغا ئەينى چاغدا مۇختەرنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ بارغىنىم يېتىپ يۈزۈم ۋىللىدە قىزاردى. دېمىسىمۇ شۇ چاغدا ھەددىدىن ئارتۇق شاشىپ ئوچاق بېشىغا چىقىۋېلىپ تازا ئوبدان قىلمىغان ئىكەنمەن. ھەتتا تولۇققا چىققان قىز بالا تۇرۇپ ئوغۇل ساۋاقدېشىمنىڭ ئۆيىگە يالغۇز مىھمانغا بېرىپ سەل ئاشۇرۋىتىپمۇ قاپتىكەنمەن.
ئۇلارنىڭ سەھرا كىشىللىرىگە خاس كەڭ قوللۇقى ۋە قىزغىن كۈتىۋېلىشلىرى ئىچىدە مەن ئۇ يەردە ئىككى كۈن راۋۇرۇس مېھمان بولىۋالغاندىن كېيىن ئۈچىنجى كۈنى چۈشتە ئاسىيەنى ئېلىپ قەشقەردىن كېلىدىغان تىز پويىزغا چىقتىم. لىكىن پويىزدا ھېلى ئۇياقتىن ماراپ ھېلى بۇياقتىن ماراپ يۈرگەن ئايۇپنى كۆرۈپ كۆزۈمنىڭ قاتتىق ئىچى پۇشتى. شۇڭا ئاستا ئاسىيەگە ئالايدىم. ئۇ بىرخىل ئوڭايسىز ھالەتتە ئالدىراپ چۈشەندۈردى:
-ئاداش رەنجىمەڭ، مەنمۇ ئىلاجىسىز قالدىم. نۇمۇرىڭىزنى بەك سوراپ تۇرىۋالغان،شۇڭا مەن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ماڭىدىغان ۋاقىت بىلەن بىز چۈشمەكچى بولغان پويىزنى دەپ بەرگەنىدىم...- شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاچىتىغا نەچچە تەستەك سېلىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى. چۈنكى مېنىڭ بۇ قېتىم ئاتا-ئانامدىن بالدۇر خوشلىشىپ ئاتۇشتىن مېڭىشىم خەقنىڭ ئۆيىدە ئىككى كۈن يەپ-ئىچىۋېلىش ياكى ئاتۇشنى ساياھەت قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئايۇپتىن ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئېدى. ئايۇپنىڭ ھەرقېتىم يەكەن ۋوگزالىدىن ماڭىدىغىننى بىلگەچكە يولغا چىققان كۈنىمىز تاسادىبى بىر ۋاقىتقا كېلىپ قېلىپ دوقۇرشۇپ قالمايلى دەپ ئەتەي ئۇنىڭدىن قېچىپ قەشقەر پويىزىنىڭ بېلىتىنى ئالغانىدىم.
-سۆيۈملۈك ئاسىيە، مەن بىلەن ئۈچ يىلغا يېقىن بىللە يۈرۈپ تۇرۇقلۇق تېخىچە مېنى چۈشەنمەمسىز؟ بۇ قېتىم ئاتۇشتىن ماڭغىنىمنىڭ سەۋەبىنى پەقەت بىلەلمىدىڭىزما ئەجىبا سىز؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بۇقا دەپ لەقەم قويۇپ قويىمەن جۇمۇ سىزگە بۇندىن كېيىن.
-ئۇنى بىلىمەن ئاداش، سىزنىڭمۇ شۇ بىركۈن بولسىمۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىدا ئۇزاقراق تۇرىۋالغىڭىز كېلەتتى. لىكىن شۇ مەنمۇ ئىلاجنىڭ يوقدىن......ئۇنىڭ گېپىنى ئاخىرىنى تىڭشىمايلا ئالدىمدىكى ئۈستەلگە بېشىمنى قويىۋالدىم. بېشىمنى شۇ قويغانچە ھاجەتكىمۇ بارماي، تاماقمۇ يېمەي تاكى تۇرپانغا بارغۇچە ئاشۇنداق ئولتۇردۇم. چۈنكى مېنىڭ ئاجىزلىقىمنى ھاقارەت قىلغان ئۇ لەنەتتەككۈر كۆزلەرنى يەنە كۆرۈشنى خالىمايتىم.
قېرىشقاندەك تۇرپاندىن لەنجۇغىچە بولغان بۆلەكتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر پويىزدا ئىكەنمىز. تەلەيگە پويىزغا چىققاندىن كېيىن مەن ئۇنى ئۇچراتمىدىم. ئاخشىمى چىراغنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن مەن ئۈستۈمگە چاپىنىمنى يېپىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوتقاننى يېيىپ ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرىۋىدىم، نەق شۇ پۇرسەتتە يوغان بىر قولنىڭ ئۈستۈمگە قويىلىشىدىن ئەندىكىپ ئىچىمنى ئاۋازلىق تارتىۋەتتىم.
(8)
-قورىقماڭ، مەن ئايۇپ. كۈندۈزدە يۈزىڭىزگە قاراشتىن خىجىل بولۇپ قاراڭغۇدا ئىزدەپ كېلىشىم. مەن ۋاگوننىڭ باش تەرىپىدىكى ئەڭ ئۈستۈنكى كارۋاتتا. سىز بىلەن بىردەم پاراڭلىشىۋېلىپلا كېتىمەن. ماقۇلمۇ؟- ئاچچىقىمدا ئۈن چىقماي يېتىۋەردىم.شۇ تاپتا ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك يىرگىنىپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇ خېلى بىرنېمىلەرنى دەپ باققان بولسىمۇ پەقەت ئىنكاس قايتۇرمىدىم. ئۇ ماقۇل دېمىسىڭىز كەتمەيمەن دەپ تۇرۋېلىۋىدى ئامالسىز ئاغزىمنى ئاچتىم:
-ساراڭدەك گەپ قىلماي ئاستا قايتىپ ئۇخلاڭ، مېنىڭ سىز بىلەن دېيىشىدىغان گېپىم يوق. ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر ئارام ئېلىۋاتىدۇ. شۇلارنىمۇ ئويلىمىساق بولمايدۇ.
-گىپىم جىق ئەمەس، ماقۇل دەڭ! بولمىسا سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يۈرمەڭ، مۇشۇنداق سۆزلىشىۋىرەيلى!
-دېدىمغۇ سىز بىلەن قىلىشىدىغان گېپىم يوق دەپ. سىز ئەمدى مېنى ھالىمغا بېقىپ ئىش قىلغىنى قويۇپ ئۆزىڭىزنىڭ يولىغا مېڭىڭ. بۈگۈندىن باشلاپ مەن سىزنى تونىمايمەن. ئورنىڭىزغا قايتىپ كېتىڭ!
-ئايقىز...
-ئۆزىڭىزنى سوراپ كېتىۋالامسىز يا ئادەم چاقىرىمەنمۇ؟- بۇ سۆزۈم بىلەن تەڭ ئۇ ئاستا كېتىپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يەنە يۈزىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەلگىنىگە ئاچچىقىم كەلسە يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاگۇندا بولۇپ قالغىنىمدىن جىلە بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.
گېپىم ئۇنىڭغا خېلى تەگكەن چېغى، شۇ كەتكەنچە مېنى قايتا ئىزدەپ كەلمىدى. پەقەت پويىزدىن چۈشۈپ ۋوگزالدىن چىققاندا پات-پات قاراپ قويدى. ئاسىيە ئىككىمىز يولغا چىقىپ تاكسى توسۇپ باش مەكتەپ رايۇنىغا بېرىپ شۇ يەردىن ماشىنىغا چۈشۈپ «ۋەتەن»گە قايىتماقچى بولدۇق.تەلەيگە بېرىشىمىزغا بىر ئاپتۇبۇس ئادەم قاچىلاۋاتقان ئىكەن. بىز نەرسە كېرەكلىرىمىزنى بېسىۋەتكەندىن كېيىن ئۆچرەتتە تۇرۇپ كارتا سۈرتۈپ ماشىنىغا چىقتۇق. يولدا بارغۇچە ئاسىيە قىزىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى پەقەتلا زىرىكتۈرمىدى.
مەن بۇ ماۋسۇمدا پۈتۈنلەي تور مەستانىسىغا ئايلاندىم. بىر ئولتۇرىۋالسام ياتاقداشلىرىمنىڭ ئەيىبلەشلىرىگىمۇ قارىماي تاماقمۇ يىمەي كومپىيوتىر ئالدىدا كۈنلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. كۈنلىرىم مۇنبەرگە چىقىش، مۇنبەردىكى ئەزالىق دەرىجەمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بارا-بارا ھېلقى پىنھان ئىسىملىك مۇنبەردېشىم بىلەن ئالاقىمىز قويۇىلىشىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئاسىيە خاپا بولۇپ مېنى ئايۇپ بىلەن يارىشىپ قېلىشقا ئۈندىدى، مەن ئاچچىقىمدا:«تولا قۇسقۇمنى كەلتۈرمەي، يۈرگۈڭ بولسا ئۆزۈڭ يۈرىۋال!»دەپ توۋلاپ ئاغزىنى تۇۋاقلىدىم.
پارىڭىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مەن پىنھاننى مۇختەرگە تېخمۇ ئوخشىتىپ قېلىۋاتاتتىم. ئەمما ئۇ ھە دېگەندىلا ماڭا سىرىنى بەرمەيتتى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ مۇختەر ياكى ئەمەسىلىكىگە جەزىم قلىشىقا ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا خۇددى نەچچە يىل ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان، تولۇق ئوتتىرىدىكى تۆت يىل جەريانىدا بىرەر قېتىممۇ جىسمانى كەمتۈكلىكىمنى تىلغا ئېلىپ باقماي ماڭا ساغلام ئادەملەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولۇپ مىھرىنى بېغىشلىغان شۇ قەدىناس دوستۇم بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالاتتىم.
پىنھان بىلەن تونۇشۇپ قالغاندىن كېيىن يېزىقچىلىق ماھارىتىمدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرلەش كۆرۈلۈپ،خېلى يامان ئەمەس نەرسىلەرنى يازالايدىغان بولدۇم ۋە شۇ ئارقىلىق مۇنبەردە خېلى يۈز تېپىپمۇ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ زىھنىم ئۆگۈنۈشكە ئەمەس بەلكى يېزىقچىلىق قىلىشقا مەركەزلىشىپ قالدى. ماۋسۇمنىڭ ئوتتىرسىغا كەلگەندە مەن پىنھاننىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئۆزۈم ئەزا بولغان شۇ مۇنبەردىكى تەرجىمانلار قوشۇنىنىڭ بىر ئەزاسى بولدۇم. تەسەۋۇر كۈچىگە مول بولغانلىقىم ۋە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە گىرامماتىكىغا يامان ئەمەس بولغانلىقىم سەۋەبىدىن توردىن ئازراق تەرجىمە ماھارىتىگە ئائىت ماتىريال سېتىۋېلىپ شۇنىڭدىن ئۆگەنگىنىم بويىچە بىر قانچە ئەسەر تەرجىمە قىلىپ بېقىۋىدىم ئويلىمىغان يەردىن ئوقۇرمەنلەر ۋە مۇنبەر مەسئۇللىرىنىڭ ئىتراپ قىلنىشىغا ئېرىشىپ قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدىلا بۇ قوشۇننىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلاندىم. مۇنبەردە تەرجىمانلىق قىلىش داۋامىدا پىنھان بىلەن خېلى كۆپ بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرغان بولساقمۇ نېمىشقىكىن بىر-بىرىمىزنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى سوراشماي تور نامىمىز بويىچە سەنەم، پىنھان دەپ ئاتىشىپ يۈرىۋەردۇق.
شۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بۇ بىر ماۋسۇمنىمۇ توشقۇزۇپ ئىمتاھاننى ئاتمىشقا لايىق بېرىپ ئۆيگىمۇ قايىتتىم. گەرچە دەرىسلەرگە تازا كۆڭۈل بۈلۈپ كېتەلمىگەن بولساممۇ مۇنبەردە پائالىيەت قىلىش داۋامىدا خېلى كۆپ دەرىستىن سىرىتقى ساۋاتلارغا ئېگە بولغاندىن سىرىت يەنە بەزىبىر قىيىن كومپىيوتىر مەشغۇلىيەتلىرىنىمۇ ئېگەللىۋالدىم. دېمەك، يوقاتقىنىمغا يارشا ئېرىشكىنىممۇ ئاز بولمىدى. بۇ قېتىم سىڭلىم ئىككىمىز تەڭ قايىتتۇق.
بىز قايتىپ كېلىپ ھەپتە بولغاندىن كېيىن ئاپام تۇيۇقسىز جىددىيلىشىپ كەتتى. بىر قانچە ئاخشام بىز ئاپاملارنىڭ ھوجرىسىدىن گۇڭۇر-مۇڭۇر گەپلەرنى، تاراق-تۇرۇق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ تۇردۇق. قىياسىمىزچە ئۇلار چاي ئۆتكۈزۈشمۇ ئىشقىلىپ بىر چوڭ زىياپەتنىڭ ئىشى بىلەن گەپ تالىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. بىز دادامنىڭ مىھمانلارنى بەك ھەشەم قىلماي ئاددىيراق ئۇزۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاپامنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلغۇسى كەلمەي ئارىدا ئازراق قىزىرىشىش كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى سېزىۋالدۇق. ئاخىرى بۇ جەڭ ئاپام يەڭگەندەك بىرخىل ئالامەت بىلەن ئاخىرلاشتى. دەرۋەقە شۇ سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بىز نەچچە كۈنگىچە توختىماي بازار ئايلىنىپ تېخى يەڭگۈشلىگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئۆي سەرەمجانلىرى ۋە ئاشخانا بويۇملىرىنى بىرمۇبىر «يېڭىلاپ» چىقتۇق. ئۆيلەرنى يىغۇشتۇرۇپ ئەمدىلا ئۇھ دەپ تۇرىۋىدۇق ئاپام يەنە بىزنى كەينىگە سېلىپ بىرمۇنچە تاتلىق تۈرۈم،سەي-كۆكتات نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كەلدى. بۇنىڭغىلا بولدى قىلماي يەنە ناھىيىمىزدىكى داڭقى بار تونۇر كاۋاپخانىسىغا كىرىپ نەچچە مىڭ يۈنگە بىر قوينى كاۋاپ قىلىپ بېرىشنى دىيىشىپ قويدى. كەچقۇرۇنلۇقى دادام يوغان بىر پاقلاننى قورانىڭ ھويلىسىدا ئاپامنىڭ چايچى دوسىتلىرى ئۈچۈن سويۇپ بەردى. سىڭلىم ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپلا قالدۇق. چۈنكى توققۇزىنجى ئاي كەلسىلا سىڭلىمنىڭ يۇقرى سوممىلىق ئوقۇش خىراجىتى بىلەن يەنە مېنىڭ يېرىم تۈمەندىن ئاشىدىغان ئوقۇش پۇلۇمنى تۆلەيدىغان بۇ مىھنەتكەشلەرنىڭ بىر قېتىملىق چاي ئۈچۈنلا مۇشۇنچىۋالا بەتخەجلىك قىلىشى ئەقلىمىزگە زادىلا سىغماي قېلىۋاتاتتى. ئىككى كۈندىن كېيىنكى مەنزىرە بىزنى تېخىمۇ تاڭ قالدۇردى.
مىھمانخانىدىكى 16نەپەر خانىم ئۈچۈن ئاپامغا ئاينىگار ئىككىمىز قۇشۇلۇپ بىر كۈن چاپتۇق. سېلىنغان يېڭى داستىخانلار شورپىلارغا قېنىپ، دىۋانىنىڭ يەنىجسىدەك يەتكۈچە «گۈللۈك» بولىۋالغاننىڭ سىرتىدا، بىز ئەجىر قىلىپ مول تىزغان تاتلىق تۈرۈملەر، نەچچە سائەت پايتىتەك بولۇپ تەييار قىلغان چۆچۈرە،پولۇلار،ئۈستى-ئۈستىلەپ قويۇلغان گۆش،كاۋاپلار يىيىلگىنىدىن يىيىلمىگىنى جىقراق قالغاننىڭ سىرتىدا تېخى خۇددى بىرسى خامان ئىلەشتۈرگەندەك بىر-بىرى بىلەن ئېلىشىپ يىغۇشتۇرىۋېلىپ، قايتا پايدىلانغۇسىز بىر نەرسىگە ئايلانغاندى. تەلەيگە بۇ قەدىناس ساۋاقداشلار ئەسىردىن سەل ھالقىپلا تارقاپ كېتىشتى. ئاپام بىزنى داستىخان يىغۇشتۇرۇشقا بۇيرىۋىدى ئاينىگار ئۇنىڭ بىلەن جاۋاپلىشىشقا تۇتۇندى. مەن دەرھال ئۇنىڭ بىلكىدىن چىمداپ ئاشخانا ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ئۆز پىلانىمنى ئېيىتتىم. ئۇمۇ بۇ پىكىرنى قوللىدى.
بىز داستىخاندىكى ئاشقان نەرسىلەرنى تۆككىنى چىققان ۋاقتىمىزدا ئاپامنىڭ ئۇ قىممەت باھالىق داستىخنىنىمۇ قوشۇپ ئىرغىتىۋەتتۇق. چۈنكى داستىخاندىكى ئىسراپ قىلۋىتىلگەن نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى ھېساپلاپ كەلسە ئاشۇ داستىخاننىڭ پۇلىدىن نەچچە ھەسسە ئارتىپ كېتىشى مۇمكىن ئېدى. خۇددى ئويلىغىنىمىزدىكىدەكلا ئاپام بىزدىن داستىخاننى سورىدى. مەن تېخى بىرنەرسە دېيىشكە ئۈلگۈرمەيلا ئاينىگار مەندىن ئىتتىڭ چىقتى:
-بولىدى قىلىڭچۇ ئاپا، داستىخاننىڭ ئىچىدىكى شۇنچە پۇللۇق نەرسىگە چىداپ ھەجەپ ئاشۇ ئەسكى رەخىتكە چىدىماي قالدىڭىز.
-بالام، داستىخاننىڭ ئىچىدىكىسى بىكار بولۇپ كەتكەن بولغاندىكىن ئامال يوق، لىكىن ئاۋۇنى يەنە ئىشلەتكىلى بۇلاتتى ئەمەسمۇ!
-شۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن قاراڭ، شورپا تۆكۈلۈپ بىر نەرسە بولۇپ كەتكەن ئۇ رەخىت قىيىنىلىپ يۇيغانغا چۇشلۇق كىرلىرى چىقىپ قايتىدىن ئېچىلامدۇ يوق ئۇنى بىرنېمە دەپ بولمايدۇ.
-بالام، سىلەرنىڭ بۈگۈنكى قاملاشمىغان ئىش ئۈچۈن نارازى بولۇپ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھېسياتىڭلاردىن ماڭا بەلگە بېرىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلىمەن. ناھايتى يىل ئارتىپ ئاران بىر قېتىم كېلىدىغان چاي بولغاندىكىن ئوبدانراق بىر ئىش قىلساق ھەم مىھمانلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغان بولىدىكەنمىز ھەم بىرنىڭ يۈزىمىزگە چىرايلىق تۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئادەمگەرچىلىككىمۇ ياتىدىغان بولغاندىكىن دەپ داداڭلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ شۇنداق كايىپراق تەييارلىققا قوپۇپتىكەنمىز. گەرچە ئىسراپچىلىق بولغان بىلەن خەقنىڭ ئالدىدا يۈزىمىز يورۇق بولدى...
-تۈزۈك گەپ قىلسىڭىزچۇ ئاپا، سىزگە يۈز مۇھىممۇ يا قورساق مۇھممۇ؟ ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا قېلىپ قالارمىكى ئۇ يوغان يۈزمۇ بىر ياندا. توغرا، ئىنسان ئۈچۈن يۈز-ئابروي تولىمۇ مۇھىم،لىكىن ئەقلىمىز جايىدا ئادەملەر بولغاندىكىن ئىناۋەتنى ئىسراپچىلىق قىلىش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرمەي، ھەق ئىش قىلىش ئارقىلىق تاپايلى. مۇشۇ قىلغىنىمىز ئۈچۈن بىر كۈنلەردە ئاچ قېلىپ يۈرمەيلى يانا بىز. باشقىلارنىڭ كۆزىگە كىرىپ كەتكۈدەك داستىخان تەييارلاپ بۇزۇپ چېچىش ياخشى ئىش قىلغانلىق ئەمەس،باشقىلارغا پۇل-مېلىنى كۆز-كۆز قىلىش بولىدۇ جېنىم ئاپا. ئادەمگەرچىلىكمۇ ئادەمگەرچىلىكتەك بولىشى، ئۆز ئەھمىيىتى نامايەن قىلالىشى كېرەك. –مەن ئۇنىڭ يەنىمۇ قاتتىقراق گەپ قىلىپ سېلىشىدىن ئەنسىرەپ پۇتىنىڭ ئۇچىغا دەسسەپ قويدۇم.
-نېمە پۇتۇمغا دەسسەيسەن ئاچا؟ مەندەك يىگىرمە ياشلىق ماڭقىلار چوڭ ئادەملەرگە بۇنداق گەپ قىلماسلىقى كېرەكتى شۇنداقمۇ؟ لىكىن مەن بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىدىم. ئەگەر ئاپام مەندىن رەنجىگەن بولسا تورلاردىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ باقسۇن. قانچىلىغان ئادەملەرنىڭ بىز كۆزىمىزنى مىت قىلىپمۇ قويماي تۆكۈۋەتكەن ئاشۇ نەرسىلەرگە زار ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە مېنىڭدىن ئاغرىنمايدۇ.-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ھوجرا ئۆيىنىڭ ئىشكىنى جالاقشىتىپ يېپىپ كىرىپ كەتتى. مەن ئاستا ئاپامنىڭ ئۆڭگەن چىرايىغا قارىدىم. ئىككىمىز ئۆيلەرنى بىرەر قۇر يىغۇشتۇرۇپ تازلىۋەتكەندىن كېيىن مىھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرۇپ دادامنى ساقلىدۇق. ئولتۇرۇپ سىڭلىمنىڭ دېگەنلىرىنى ئويلاشقا باشلىدىم. شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ كىچىك بولغىنى بىلەن ئەقلى مېنىڭكىدىن خېلىلا چوڭ ئېدى.
ئاپامدىن ئاڭلىشىمچە بۇ چاي ئايدا بىر قېتىم ئوينىلىدىغان بولۇپ،ھەر قېتىملىق چاينى چاي ئېگىسى ئۆز ئۆيىدە ئۆزى بىر قوللۇق تەييارلىق قىلىپ بېرىدىكەن. چايدا ھەربىر ئادەم ئۆي ئېگىسىگە بەشيۈز يۈەندىن پۇل قويىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ پۇل ئوتتىردا ئايلانغاننىڭ ھېسابىدا ساۋاقداشلار جەم بولۇشۇپ، ئۆز-ئارا ھال-مۇڭ بولىۋالىدىكەن. مەن شۇنچىلىك ئىسىل مەقسەت بىلەن تۈزۈلگەن سورۇننىڭ بۇنداق بىر ئىسراپچىلىق سورۇنى، بىر-بىرسىگە ئۆز-ئۆزىنى نامايەن قىلۋېلىش ئۈچۈن كەينىدىن كۆتى ئېچىلىپ قېلىۋاتقىنىغىمۇ قارىماي يەتكۈچە ھەشەم قىلىش سورۇنى بولۇپ قالغانلىقىغا ئېچىندىم.
مەن دادامنىڭ خىزمىتىدىن بەكلا نارازى ئېدىم. چۈنكى ئۇنىڭ% 98ۋاقتىنى ئاشۇ خىزمەت ئېگىلەپ ئالاتتى. بەزىدە تېخى ھېيىت-بايرام كۈنلىرىمۇ بىز بىلەن كامدىن-كام بىرگە بولالايتى. بۇنىڭغا دادامنىڭ ئاكتىپلىقى قوشۇلۇپ زەردەمنى تېخمۇ قاينىتاتتى. ئۇ ئىدارىدىن ئانچە-مۇنچىلا بېرىلىدىغان كەڭچىلىكلەردىنمۇ ياخشراق پايدىلناي دېمەي ئاي يىلدا ئاران بىر كەلگەن دەم ئېلىش پۇرسىتىنىمۇ سالامەتلىكى يار بەرمىگەن ياكى بىرەر ھادىسە بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، ئۆز نۆۋەتچىلىكىنى ئۆزى قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان باشقا خىزمەتداشلىرىنىڭ ئورنىدا نۆۋەتچىلىك قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. پەقەت ئاشۇ خىزمەت تۈپەيلىدىن بىزنىڭمۇ باشقا بالىلاردەك ئۆز دادىللىرىمىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇش، مۇمكىن بولسا بىللە كۆڭۈل ئېچىپ كېلىش ئېستىكىمىزنىڭ بارلىقى ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ سالمايتى. مەن توققۇزغا داڭ ئۇرغان سائەتكە قاراپ يەنە ئۇنى ساقلاۋىرىشكە تاقەت قىلىپ بولالماي ئاستا ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم.
مەن ئاپام مودا پاسۇندا تىكتۈرۈپ بەرگەن ئەتلەس كۆينىكىمنى كېيىپ چېچىمنى سىڭلىمغا چىرايلىق ئۆرۈتكۈزۈپ ئالدىمغا تاشلىۋالدىم. ئۇمۇ مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش كىيىنىپ قىسقا چاچلىرىنى ئېگىزرەك بوغىۋالدى. بىز چىرايلىق ياسىنىپ بىر جۈپ بولۇپ ئاپامنىڭ ئىككى قولتۇقىغا بىردىن قىسىلىپ يىزا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان چوڭ ھاممامنىڭ ئۆىگە باغ سەيلىسى قىلغىلى چىقتۇق. ھاممام ئوقۇتقۇچى بولغىنى بىلەن دېھقان ئاياللىرىغا ئوخشاش ساددا ھەم تۈز، خۇش پىئىل ئايال ئېدى. ئۇ توزدەك ياسنىۋالغان ئىككىمىزگە قاراپ:
-كېلىڭلار،كېلىڭلار ئۇماق كۆز مۇنچاقلىرىم! بۇ ئاي خېنىملارنى مۇشۇ كەلگىنچە ئېلىپ قالمايدىغان بولسام مۇراتجان بىلەن مىرزاتجانغا بىردىن توغىرلاپ. چوڭ بولغانچە بىر-بىرىدىن ئۇز بولۇشۇپ، رەڭ تۈزىشىپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان. قىز بالا دېگەن ھەشقىپىچەككە ئوخشاش نەچچە كۈندىلا ئۆزگىرىپ لوڭڭىدە بوپ كېتىدىغان نەرسىكەن مۇشۇنداق!-دەپ يۈزلىرىمىزمنى چىمداپ قويدى ۋە ئاپامغا قاراپ:
-بولسىغۇ مۇشۇ ئىككى غۇنچىنىڭ ئارسىدا بىر باتۇر بولۇپ كەتكەن بولسا ناھايتى ئومدان ئىش بولىتى. ئەمما ئوغۇلسىزلىقنى بىلىندۈرمىگىدەك ئېسىل قىزلار بوپتۇ بۇ. بولمىسا ما بىزنىڭ ئوغۇللار بىلەن بىرەرسىنى تېگىشەمدۇق يا گۈھەرخېنىم؟-دەپ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
-مەيلى بولمىسا....
-كۆڭلۈمنى ئاياپ مەيلى دېگەنلىرى بىلەن چىدىمايلا خېنىم. بالىلار كىچىك ۋاقتىدىمۇ ئۇنمىغان سىلى ئالماشتۇرۇپ بېقىشقا. لىكىن ھېچقىسى يوق. ئاللا نىسىپ قىلسا سىلنىڭ قىزلىرىنى مەن بالا قىلىپ، مىنىڭ ئوغلۇمنى سىلى ئوغۇل قىلىپ تېخىمۇ يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇپ ئۆتىدىغان كۈنلەرمۇ بولۇپ قالا. قانداق دېدىم؟ ھى ھى ھى...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن دەرھال ئاپامنىڭ چىرايىغا قارىدىم. ئۇنىڭ يۈزىدە ھەم مەنمۇنلىققا ھەم بىئاراملىققا ئوخشايدىغان بىرخىل ئالامەتلەر ئەكىس ئېتىۋاتاتتى. مەن بۇنىڭدىن ئاپامنىڭ بىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىمىزدىن ۋايىم يەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھامماملار باغ-ۋاران، چارۋا-مال قۇرلۇشىغا ئەھمىيەت ئادەملەردىن ئېدى. باغلىرىمۇ نەچچە مودىن ئاشىدىغان بولۇپ ھەرخىل مېۋە تېپىلاتتى. قوشاملىق ھويلىسىدىمۇ ئالقانچىلىك يەرنى ئالا قويىغانلىقتىن غايەت زور بىر يېشىللىق ھۆكۈم سۈرەتتى. سىڭلىمنىڭ باراڭدىكى قويۇق يوپۇرماقلار ئارسىدىن خۇددى ئۇياتچان قىزلارنىڭ ناز كەرەشمىلىك قارچۇقىدەك ئاندا-ساندا مارلاپ قالغان مەرۋايىتلارغا قاراۋاتقانلىقنى كۆرگەن سەزگۈر ھاممام ھويلىدىكى تىككۈچىلىك ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇلغان سېرىق جوزىنى ئەپ كېلىپ ئۆز قولى بىلەن بىر قانچە ساپاق ئۈزۈپ ئۆزىمىز يۇيۇپ يەيلى دەپ تۇرۋالغىنىمىزغا قارىماي پاكىز يۇيۇپ پەتنۇسقا سېلىپ چىقىپ ئالدىمىزغا قويدى. سەككىزىنجى ئاينىڭ باشلىرى بولغاچقا تېخى چۈچۈكلىكىنى يوقاتمىغان ئۈزۈم تىلنى ياراتتى. بىر چىشلەپلا ئاپامنىڭ چىرايلىرى پۈرۈشۈپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ سىڭلىم ئىككىمىز ئۆزىمىزنى تۇتىۋالالماي كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
سالقىن باراڭ ئاستىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا بېزىلىپ بىر خىل چوڭ سۈپەت،ئازادە ياسالغان سۇپىدا ئولتۇرۇپ، مەن مۇختەرنىڭ دېھقان ئۆيلىرىگە خاس يوغان ھەم ئېگىز ئازادە ئۆيىنى، ئاپئاق ساقاللىق، ئىللىق چىراي تەۋەرۈك بوۋىسىنى، ئۆگەيلىكى قىلچىمۇ چانمايدىغان خۇش تەبىئەتلىك مومىسىنى، لايدا سۇۋاپ سېلىنغان ئاشىخانا ۋە ئوچاقلىرىنى، ئوتلار پاكىز ئورۇلۇپ خۇددى جۈمەگە ماڭغان ياش يىگىتنىڭ سۆيۈملۈك تۇرقىغا ئوخشاپ قالغان ئۈرۈكلۈك باغلىرىنى، باغقا سۇ ماڭىدىغان ئېرىقنىڭ بويىدىكى غوللىرى ساپسېرىق كەھىرۋالار بىلەن تولغان قېرى بادام دەرخىنى، بىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلاشقان لاي سۇلۇق ئۆستەڭنى ۋە ئۆستەڭدىكى ھېلقى شال كۆۋرۈكنى، مۇختەرنىڭ شۇ چاغدىكى ئۈمىدسىزلىك قېتىپ قالغان غېرىبانە كۆزلىرىنى ئېسىمگە ئالدىم. بۇ ئايۇپ بىلەن مۇناسىۋىتىمىز باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭغا(مۇختەرگە) مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەسلىمىلەر قوينىغا كىرىشىم ئېدى.
كىيىن بىز ئاپاملارنى ئۆز مۇڭدىشىغا قويۇپ مۇراتكامنىڭ ھەمراھلىقىدا باغ سەيلىسىگە چىقتۇق. مۇراتكام مەندىن بىرنەچچە ياشلا چوڭ بولۇپ ناھىيلىك مەركىزى تولۇقىسىز مەكتەپتە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئېدى. ئۇ ئېنىسى مىرزاتقا قارىغاندا شوخراق ھەم ئادىمەتچىلىكى كۈچلۈك بولۇپ بولۇپ ناھىيگە كىرىپ قالسىلا بىزنىڭ ئۆينى يوقلىماي قالمايتى. شۇنىڭغا ئاپاممۇ ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئېدى. مىرزات دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ئادەملەرگە تازا ئارلاشمايتى. ھەتتا بىزنى كۆرسىمۇ سالام-سائەت قىلىپ قويۇپلا ئارتۇق گەپلەشمەي ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى. بىزمۇ مىجەزىنى بىلگەچكە ئۇنىڭدىن ئانچە ئاغرىنىپ كەتمەيتۇق.
مۇراتكام ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ تېخىچە توي قىلمىغانىدى. بىلىشىمچە ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭمۇ چىرايلىق مۇھەببەت ھېكايىسى بولغان. ئۇ ئوقۇشقا بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن ئۆزى بىلەن تەييارلىقتا بىرگە ئوقۇغان، كىيىن ئەدەبىيات فاكۇلېتىغا بۆلۈنگەن قەشقەرلىك بىر قىز بىلەن يۈرگەن ھەم ئۇنىڭغا چىڭ ئىخلاس باغلىغان. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى ئۇ ئۆزىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن قۇمچاقتەك ئۇماق كۆزلەرگە قاراپ:«تۆت يىلغا يېقىن كەينىمگە سېلىپ يۈرۈپتىمەن، ئەمدى نا ئۈمىدتە قويماي. بىر قېتىم بولسىمۇ يىگىتتەك ئىش قىلاي.» دەپ ئويلاپ شۇنچە ئەجىر بىلەن ئاران ئۆتكەن ئاسپارانىتلىق ئوقۇشىغا بارماي ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۇرىتقا قايتىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمتاھانىغا قاتناشقان.
ئۇمۇ قۇربان بېرىش روھىغا ئېگە ئېسىل قىز بولغاچقا، بۇنىڭغا يارىشا شۇنچىلىك ئەقىدە بىلەن ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىپ يەكەندىكى مەكتەپكە مۇراتكام بىلەن بىللە تىزىملىتىپ ئېمتاھانغا قاتناشقان. تەلەيگە ئىككىلىسىلا بىرىنجى قېتىمدا ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ بىر مەكتەپكە ئىشقا چۈشكەن. ھامماملار گەرچە بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولسىمۇ نېمىشقىكىن ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىشقا ئالدىرمايۋاتاتتى. ئۇ قىز ئۆزى مىڭ خىجىللىق ئىچىدە تۇرسىمۇ خىزمەت تېپىش ۋە يۆتكىلىشنىڭ قىيىنلىقى ۋە ئەينى چاغدىكى قىلىقى تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانىسىغا جىدەل قىلىشتىن ئىزا تارتىپ ئامالسىز بۇ يەردە ئىشلەپ كېتىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ شۇنچىلىك ئوماق ھەم چىچەن، ئادەمگەرچىلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك قائىدىلىك قىز بولۇپ ھامماملارغا ياقمىغۇدەك دەرجىدىمۇ ئەمەس ئېدى.
ئاينىگار ئىككىمىز مۇراتكامنىڭ قىزىقچىلىقلىرى ئىچىدە قورسىقىمىز چىڭقىلىپ كەتكىنگىمۇ قارىماي باغدىكى ھەممە مېۋىلەرگە ئالا قويماي ئېغىز تېگىپ چىقتۇق. بىرلا قاملاشمىغان يېرى ئۇ ئىككىسى ھە دېسىلا شاخقا چىقىۋېلىپ مېنى بەكلا جىلە قىلدى. مەن چىقاي دېسەم كۆينىكىمنى ئىلىندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىدىم. ئۇلار دەسلىپىدە مېۋە تاشلاپ بەرگەن بولىۋېلىپ يۈزلىرىمگە سوقۇپ مېنى تېرىكتۈردى. مەن تازا قېيداپ خۇيۇم بىر تاغار بولغاندا مۇراتكام كىچىك ئوغۇللاردەك شوخلۇق بىلەن شاختىن سەكرەپ چۈشۈپ يانچۇقىغا قاچلىۋالغان مېۋىلەرنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. بۇ ھال ماڭا يەنە مۇختەرنىڭ ئۈرۈك ئۈزۈپ بەرگەنلىرىنى ئەسلىتىپ قويدى.
بىز بۇيەردە بىركۈن ئويناپ يايرىۋالغاندىن كېيىن،دادامنىڭ ئىسسىقسىز قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھاممامنىڭ كەچلەپ قېلىڭلار دەپ چىڭ تۇتۇشلىرىغىمۇ قارىماي يولغا چىقتۇق. قايتىشتا ئاپام ماشىنىنى ئاينىگارغا ھەيدىتىپ قويۇپ مەن بىلەن پاراڭ قىلىشىپ ماڭدى. ئاپامنىڭ ئالى مەكتەپتىكى شەخسى ئالاقەم ۋە تۇرمۇشۇم توغىرلۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنلىكىمدىن ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى قەدەمدىلا تەمتىرىتىپ قاتتىق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئۇنچىۋالا ئۇيالغۇدەك ئىشلىرىم بولمىغانلىقتىن بىردەمدىلا ئۆزۈمگە قايتىپ، پاكىز قەلىب دۇنيارىم ۋە مەكتەپ تۇرمۇشۇمنى ئۇنىڭغا ئۇجىر-بۇجىرگىچە تولۇپ بىلدۈردۈم. ئۇ بۇلارنى ئاڭلاپ يىنىك نەپەس ئالغاندىن كېيىن ماڭا ئەخلاق توغرىسىدا بىرمۇنچە تەربىيە بەردى. ۋە مېنىڭ مۇشۇنداق قەدىر-قىممىتىمنى ساقلىغان ئاساستا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىشىمنى تاپلىدى.
ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇ سىڭلىمنى تاماققا تەييارلىق قىلىشقا بۇيۇرۇپ قويۇپ مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرۇپ مەن بىلەن ئۇزاققىچە پاراڭلاشتى. تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە مەن ئاپامنىڭ ماڭا بۇنچىلىك تەربىيە قىلغىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئەمما ئۇ بۈگۈن نېمە بولدىكىن ئىنساپ، ئەخلاق، ئىتقاد ھەققىدە سۆزلەپ ھارمىدى. دېمىسىمۇ بىزنىڭ يېشىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىغا بۇنداق تەربىيە تولىمۇ زۆرۈر ئېدى. لىكىن مەن بىرخىل خوشياقمىغاندەك قىياپەتتە تېلىفۇنۇمنى ئويناپ ئولتۇردۇم. ئاپام بۇ تۇرىقىمغا قاراپ:
-يائاللا بالام، سىزگە تېلىفۇنىڭىزنى سىلاش نامازدىنمۇ پەرىز ئوخشىمامدۇ؟ ئادەم گەپ قىلىۋاتقاندىكىن بىر پىسەنتىڭىزگە ئېلىپ قويغان بولسىڭىز نېمە بولۇپ كېتەر ئېدىڭىز!-دەپ چالۋاقىغىنىچە چىقىپ كەتتى. مەن تۇرۇپلا ئاپامنىڭ بايىقى قىڭغىر گەپلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ ئۆزۈمنىڭ مەن بىلمەيدىغان خامچوتلارغا كىرىپ قالغىنىمنى سېزىپ خۇددى چايان چېقىۋالغاندەك چۆچۈپ كەتتىم.
(9)
-ئاپا!-ئالدىراپ كىرگەن مەن ياندا ئولتۇرۇپ كۆكتات توغراۋاتقان ئاينىگارنى كۆرۈپ دەرھال سۆزدىن توختىدىم ۋە ئۇنىڭ ھەيرانلىق بىلەن يوغان ئېچىلغان كۆزلىرىگە قاراشتىن خىجىل بولۇپ دەرھال چىقىپ كەتتىم. ئەتىسى سىڭلىم جەمىيەت تەكشۈرۈش دوكلاتىغا تامغا ئۇرغۇزغىلى چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاپام بىلەن پاراڭلىشىۋالدىم. سۆزلىمەي دېسەممۇ مۇراتكامنىڭ لايىقى مۇيەسسەر ئاچامنىڭ يېقملىق سىماسى مېنى ئالدىرتىپ قويدى.
مۇيەسسەر ئاچام ئۆزى تولىمۇ ئېسىل قىز بولۇپ نەچچە قېتىم مۇراتكام ئاينىگار ئىككىمىزنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىققاندا بىزگە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى قىلغاندىن باشقا ئاپاممۇ قىلىپ باقمىغان ئىسىل نەسىھەتلەرنى قىلغان ۋە بىزگە ئالى مەكتەپ ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش،تۇرمۇشتىكى مەسلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئۆز ئىتقادى ۋە قەدىر-قىممىتىنى قانداق تاكاماللاشتۇرۇش ھەققىدە يول كۆرسەتكەن ئېدى. بەزىدە تېخى ماڭا كېيىمنى قانداق كېيىش توغرىسىدىمۇ تەكلىپلەرنىمۇ بېرەتتى. ئۇنىڭ باھانىسىدە مەنمۇ خېلى ئىش ئۈگۈنۈپ ئىقىمسىزلىشىپ كېتىۋاتقان مودا سەھنىسىدە ئۆزۈمنى ئۆزۈمدەك پاكىز ۋە دۇرۇس قەلىبلىك قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان رەتلىك كىيىنىپ دوسىتلىرىمنىڭ ماختىشىغا سازاۋەرمۇ بولغانىدىم. ئۇ سىڭلىم ئىككىمىزنى قىلچىمۇ يات كۆرمەي قولىدىن كەلگەننى ئايىماي قىلىپ تۇراتتى. قىسقىسى مەن بۇنداق ياخشى بىر قىزنىڭ باشقىلارنىڭ بولۇپ كېتىشىنى خالىمايتىم بولۇپمۇ مەن سەۋەبلىك بۇ ساداقەت گۈلدەستىسىنىڭ توزىشىغا چىداپ تۇرالمايتىم.
-جېنىم ئاپا، ھامماملارنىڭ مېنى يارىتىپ قىز قېلىۋېلىشقا لايىق كۆرگىنى ئەلۋەتتە مېنىڭ بەختىم. مۇراتكاممۇ تېپىلغۇسىز پەزىلەتلىك يىگىت، شۇڭا بۇنىڭغا خوشلۇقتىن بېشىم كۆككە تاقاشسا توغرا بولىدۇ. لىكىن مىنىڭ بەختىم بىراۋنىڭ بەخىتسىزلىكى، يەنە بىر تەرەپنىڭ ئىلاجىسىزلىقى ئۈستىگە قۇرۇلسا توغرا بولمايدۇ. مۇراتكام بىلەم مۇيەسسەر ئاچامنىڭ سەرگۈزەشتىسى، بىر-بىرى ئۈچۈن بېرىشكەن قۇربانلىقلىرىنى سىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىز. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ ھاممامنىڭ مېنى ئالدىن ئويلاشقىنىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. مېنىڭ مەيلىمچە بولسا مەن ھاممامنى ۋە ئۆيىدىكىلەرنى بەكلا ياقتۇرىمەن. مۇراتكامنىڭ ھەممىلا يېرى ماڭا ياقىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئەلۋەتتە رازىلىق بىلدۈرگۈم بار. مۇراتكاممۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ، ماڭا ئۇۋال قىلىپ قويۇشتىن، مېنىڭ بۇنىڭغا قارىتا خاتا چۈشەنچىلەردە بولۇپ قېلىپ ئازاپلىنىپ كېتىشىمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ تەكلىپنى رەت قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. لىكىن ئويلاپ باقسام بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قىزغا بولغۇدەك. مۇراتكام ئۈچۈن قەشقەردىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ رايىدىن ۋاز كېچىپ يەكەنگە ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئەمدى بولغاندا ئۈمىد كۈتكەن ئادىمى باشقا بىرى بىلەن تويلىشىپ ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى قەدىرسىز بولۇپ قالسا ئۇ خەقنىڭ ئۆسەك سۆزىگە قالماسمۇ؟ ۋاقتى كەلگەندە خەقلەر مۇراتكاملارنى ئاجىز قىزنى ئەخمەق قىلدى. شۇنچە ئىشلارنى قىلغۇزىۋېلىپ نامەرىدلىك قىلدى دېمەي قالامۇ؟ يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىغاندا، بىز ھامماملار بىلەن تۇغقان بولۇشۇپ سىلىق ئۆتۈپ كېتەلىسەكقۇ بىر گەپ، ناۋادا ئارىدىكى مۇناسىۋەتكە دەز كېتىپ قالسا بىز سەۋەپلىك سىلەر چوڭلارمۇ يىرىكلىشىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. ئىشقىلىپ بۇ ئىشنىڭ ياخشى تەرپىدىن يامان تەرىپى جىقراقكەن. شۇڭا ئاپا،سىلەر مېنى ئارىغا تىقىپ تەنقىسلىقتا قويماي،ئۇلارنىمۇ تولا قىيناۋەرمەي مۇرادىغا يەتكۈزۈڭلار. ئەگەر سىز قىلىپ بولالمىسىڭىز ھاممامغا ئىككىمىز تەڭ تەربىيە ئىشلەيلى. ھاممام ئاقكۆڭۈل ئايال،مېنىڭچە ئۇمۇ بۇنى چوقۇم كۆڭلىدىن ئۆتكۈزەلەيدۇ.
بۇلارنى ئاڭلاپ ئاپام خۇددى سۆزلىرىمدىن مەنمۇن بولغاندەك مۈرەمگە يەڭگىل شاپاللاپ قويدى. ھاممام ئېددىيىسى ئوچۇق، ئىسىل ئايال بولغاچقا بىزدىن ئاغرىنىپ يۈرمىدى. ۋە ناھايتى خۇشاللىق بىلەن ئىككى ئاشىق-مەشۇققا رازىلىق بېرىپ توي تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتى. دېمىسىمۇ دادامنىڭ ئىككى ئاكىسى قۇدا بولۇشۇپ باللىرىنى كېلىشتۈرۈپ بولالماي نۇرغۇن خاپىقىلارغا ئۇچراپ ئاخىرىدا يات ئادەمدىنمۇ بەتتەر ئۆتۈشىۋاتاتتى. ئىككى ئائىلە ئايەم كۈنلىرى رەسمىيەت يۈزسىدىن بولسىمۇ بېرىش-كىلىش قىلىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن بىر-بىرى بىلەن بىر يەرگە كەلسە ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرالماي، يا قىلشىدىغان گېپى چىقماي يامان بىر قىسمىلا بولۇپ قالاتتى. بۇ ھال بىزلەرنىمۇ غەيرى قىلىپ قوياتتى.
شۇنداق قىلىپ بىز مەكتەپكە قايتارغا ئازلا قالغاندا ھامماملار مۇيەسسەر ئاچامنىڭ ئۆيىگە مەسلىھەت چايغا بېرىشتى. ھاممامنىڭ چىڭ تۇرۋېلىشى بىلەن بۇ سورۇندىن ئاينىگار ئىككىمىزمۇ قۇرۇق قالمىدۇق. قەشقەر ئۇسلۇبىدا ئىككى قەۋەتلىك قىلىپ سېلىنىپ مىللىيچە نەقىشلەر بېزەلگەن ئۆي تولىمۇ يېقىشلىق ئېدى. بۇنىڭغا مۇيەسسەر ئاچامنىڭ بەس-بەستە بوي تارتىشىپ كەتكەن ئىككى ئۇماق ئېنىسىنىڭ شوخ قىلىقلىرى قوشۇلۇپ ئادەمگە شۇنچىلىك بىر ئىللىقلىق بەخىش ئېتەتتى. بۇنىڭغا قاراپ مەن بىزنىڭ ئۆيىمىزمۇ بىنادا بولماي ھېچ بولمىغاندا مۇشۇنداقراق يەردە بولسىچۇ دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.
قەشقەر كىشىللىرىنىڭ مىھمان دوسىتلۇقى چېچەنلىكى ئالدىدا بىزنىڭ ھۈنەرلىرىمىز بىر ياندىلا قالىدىكەن. ئايال ساھىپخان تۆشۈككە پىشقان ئايال بولغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر ئەكىرگەن تاماقلىرى بىكارلىنىپلا تۇردى. يەپ-ئىچىش ياكى گەپ-سۆزدە ئارىدا ھېچقانداق ياسالمىلىق كۆرۈلمەي شۇنچىلىك تەبئىي بولدى. بۇلار ئادىمەتچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزىدىكەنيۇ ھېچقانداق ئىسراپچىلىق قىلمايدىكەن. تىزىغان ۋە قويغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ئاز، تۈرى كۆپ بولغاچقا يىيىلمەي ئېشىپ بۇزۇلۇپ كېتىش ئەھۋالى ئاساسەن كۆرۈلمەيدىكەن. مەن بۇلارنى كۆرۈپ بۇ خەقنىڭ شۇنچىلىك پىششىق ۋە ئىشقا ئەپلىكلىكىدىن سۆيۈنۈپ قالدىم.
سۆھبەت رەسمىي باشلانغاندا بىز چوڭلار ئارسىدىن ئايرىلىپ مۇيەسسەر ئاچامنىڭ قېشىغا چىقىۋالدۇق. ئۇ بىزنى كۆرۈپ ئەپچىل قوللىرىدا بىردەمدىلا سوغوق سەي تەييارلاپ ئالدىمىزغا قويدى. بۇنى كۆرۈپ ئاينىگار ئىككىمىز ئاستا بىر-بىرىمىزگە قارشىۋالدۇق. چۈنكى ئۇنىڭدىكى ماھارەت بىزدىمۇ بولغىنى بىلەن ئەمما ئۇ سۈرئەت، ئۇ ئەپچىللىك بىزدە كام ئېدى. قايتاشىمىزدا ئۇ بىزگە بىردىن كىتاپ سوۋغا قىلدى. شۇنداق قىلىپ توينى ئۇلار ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن قىلىدىغانغا بېكىتىپ قايتىشتۇق. ئىشنى كەينىگە تارىتقانسىرى مېزى كۆرۈنگەچكە مەن چوڭلارنىڭ بۇ نوقتىنى چىقىش قىلىپ بۇنىڭغا تىز تۇتۇش قىلغىنىدىن خوش بولدۇم.
بىزنىڭ مەكتەپ كىيىن قويۇپ بېرىپ بالدۇر يىغىدىغان بولغاچقا مەن سىڭلىمدىن ھەپتىدىن ئارتۇقراق بالدۇر ماڭدىم. ئادەتتە سەپەرگە شۇنداق روھلۇق ماڭىدىغان مەن بۇ قېتىم نېمىشقىكىن كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم. بۇنى ئوغلىنى يولغا سالغىلى چىققان ئايال قوشنىمىز كۆرۈپ شۇ يەردىلا ھۇ تارتىپ يىغلاپ كەتتى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى مۇشۇنداق كەيپىياتتىمۇ ئاپام دادامنىڭ سالماقلىقىنى يوقاتماي كۈلۈپ تۇرىشى بولدى. ھېچقانچە تۇيۇلمايدىغان بۇ سەپەر ماڭا بۇ قېتىم شۇنچىلىك ئۇزاق تۇيۇلۇپ كەتتى. تۇرپانغا بارغۇچە بىر ئادەم بىلەنمۇ گەپلەشمەي، يا ئۇخلىيالماي شۇنچىلىك قىينىلىپ كەتتىم.
تۇرپان ۋوگزالىدا پويزىدىن چۈشكەندىن كېيىن مەن چامادانىمنى تارتقۇشلىغىنىمچە قوشنامنىڭ ئوغلىنى ئىزدەشكە كىرىشتىم. جاندىن ئۆتىدىغان ئاپتاپتا خىېلى ساقلىغاندىن كېيىن ئۇ بىر بۇرادىرىنى قولتۇقلىغىنىچە ئالدىمدا پەيدا بولدى. ئۇ قومۇل تۆمۈر يول مەكتىۋىدە تېخنىكۇمدا ئوقۇيتى. شۇڭلاشقا مەندىن خىېللا كىچىك بولسىمۇ مەن بىلەن بىر يىلدا ئوقۇش پۈتكۈزەتتى. مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ باشلىشى بىلەن ئاشخانىغا كىردىم. ئۇلار سومىيەن بۇيرۇتىشتى. مەن لەغمەنگە ئامراق بولغىنىم ئۈچۈن يەنىلا لەغمەن بۇيرۇتتۇم. تاماقلار يىيلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار پويىزغا چىقىشقا ئالدىراپ ۋوگزالغا كىرىپ كېتىشتى. مەن چىقىدىغان پويىز كېلىشكە خېلى بولغىنى ئۈچۈن مەن سىرىتتا بىردەم تۇرۇپ ئاندىن ۋوگزالغا كىرمەكچى بولدۇم. كىيىن بۇ خىيالىمدىن يالتىيىپ بىلەت تەكشۈرتۈشكە بېرىۋىدىم خادىملار پويىز كېلىشكە خېلى بار ئىكەن دەپ دەپ كىرگۈزمەي قويدى.
خىېلى ساقلىغاندىن كېيىن مەن چىقىدىغان 54-نۇمۇرلۇق پويىز ۋوگزالغا كىرىشكە ئازلا قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئالدىراپ ۋوگزالغا كىرىش ئۈچۈن ئادەملەر توپىغا قىسىلدىم. بۈگۈن ئۆچرەتتە تۇرىۋاتقان ئادەملەر بەكلا كۆپ ئېدى. نەرسە-كېرەك تەكشۈرىدىغان يەرگە ئازلا قالغاندا مەن رەتنىڭ ئالدىدا تۇرغان بىر تونۇش چىراينى كۆرۈپ شۇنچىلىك جىددىيلىشىپ كەتتىم. بارغانسىرى تىزلىشىپ كېتىۋاتقان يۈرەك سوقۇشۇم مېنى تىزراق ئېڭىشقا، ئۇنى كۆزۈمدىن نېرى قىلماسلىققا ئۈندەۋاتقان بولسىمۇ رەتنى بۇزۇپ ئالدىغا ئۆتۈشكە ئامالسىز قالدىم. تەلەيگە ئۇنىڭ مەن پويىز ساقلايدىغان جايغا ماڭغانلىقىنى كۆرىۋالدىم.
قېرىشقاندەك خادىملار بۇنىڭ ھەممىسى نان دەپ چۈشەندۈرىشىمگە قارىماي مېنىڭ كىچىك يەشىكىمنى تەكشۈرىمىز دەپ تۇرىۋالدى.
-توختاپ تۇرۇڭ، يەشىكىڭىزنى ئېچىپ تەكشۈرمىسەك بولمايدۇ. بۇ ياققا كېلىڭ.
- مەن ئوقۇغۇچى. بۇنىڭ ئىچىدىكىنىڭ ھەممىسى نان. سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ بىكارلا ئاۋارە بولۇپ ھەم مېنىمۇ ئاۋارە قىلىپ ئولتۇرماي يولۇمغا ماڭغىلى قويۇڭلار،جىددى ئىشىم بار ئېدى. ئىشەنمىسەڭلار مانا ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكەم. –ئۇلار مېنىڭ تەڭلەنگەن كېنىشكەمگە قاراپمۇ قويماستىن يەشىكىمنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كېسىشكە ئۇرۇندى ۋە مېنىڭ ئەلپازىمغا قاراپ:
-قورسىقىڭىزنىڭ ئاغرىقى بولمىسا نېمىگە بۇنچىۋالا جىدديلىشىسىز، بەرىبىر ئىش ئايىدىڭ بولىدىغۇ ھازىر. غەم قىلماڭ، پويىزغا كېچىكىپ قالمايسىز. -دەپ قوشۇپ قويدى. ئىش ھەقىقەتەنمۇ ئايدىڭ بولدى. ئۇلار كىچىك يەشىككە قاتار تىزىلغان چىرايلىق نانلارنى كۆرۈپ دەرھاللا:
-ئاپلا.... يەشىكنى بۇزمايدىغان ئىشكەنتۇق ئەسلى. –دېيىشىپ قېلىشتى.
ئۇ يەردە بىرمۇنچە ھايال بولغاننى دەپ ھېلقى ئايال خادىم يەشىكىمنى يەملەپ بەرگىلى ئۇنىماي مېنى بەكلا جىلە قىلىۋەتتى. كىيىن بىر قانچە ئادەمنىڭ سالا قىلىشى ۋە مېنىڭ چىڭ تۇرۋېلىشىم بىلەن بايا چىدىمىغان پىلاستىرىنىڭ مىھرىدىن كېچىپ يەشىكىمنىڭ بىر قانچە يېرىدىن مۇنداقلا يەملەپ بەردى. ئالدىراپ پويىز ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدىم. خېلى ئىزدىگەن بولساممۇ لىكىن مىغىلداپ تۇرغان يولۇچىلار توپىدىن ئۇنى پەقەتلا ئىلغا قىلالمىدىم.
بىلەت كېسىدىغان ۋاقىتتا مەن رەتنىڭ ئالدىدىكى كىرىش ئېغىزىدا ئۇنى يەنە كۆرۈپ قالدىم. چاتاق يېرى قىسىلىپ يۈرۈپ بىلىتمنى تەكشۈرتۈپ، شۇنچە ئالدىراپ ماڭغان بولساممۇ ئۇنى يەنىلا يوقىتىپ قويدۇم. پويىزغا چىقىپ نەرسىللىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ دېمىمنى ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا خادىملار بىلەت ئالماشتۇرغىلى كەلدى. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. چۈنكى شۇنداق بولغاندا مەن ئۇنى ئىزدەشنى بالدۇرراق باشلىيالايتىم. ئۇنىڭ بىلەن تىزراق يۈز كۆرۈشۈپ كۆڭلۈمدىكى تۈگۈنلەرنى يېشەلەتتىم، كاللامنى قايدۇرىۋاتقان سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالايتىم.
شۇڭا كەچلىك تاماقنىمۇ يېمەي پويىزنى نەچچە رەت ئايلىنىپ چىقتىم،ئەمما ئۇنى قايتا ئۇچرىتالمىدىم. لىكىن كۆزلىرىم ۋە تويغۇمنىڭ مىنى ئالدىمىغانلىقىغا ئىشەنچىم زور بولغانلىقتىن ۋۇجۇدۇمنى چىرماشقا باشلىغان ئۈمدىسىزلىك پىلەكلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ قايتىدىن روھلىنىپ، چىراق ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن ئۇنى قايتا ئىزدەپ تېپىش نېيىتىگە كەلدىم. چۈنكى تاڭ ئاتسىلا مېنىڭ پويىزنى يەنە ئاختۇرۇشقا ۋاقتىم چىقمايتى. دېمەك پۇرسەت قولدىن كېتەتتى. بۇ ئوي بىلەن تەڭ خادىملارنىڭ خاپا بولۇشلىرى، باشقا يولۇچىلارنىڭ ھەيرانىلىق بىلەن قاراشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي ۋاگۇنلارنى بىرمۇبىر ئاقتۇرۇشقا باشلىدىم.
«چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ.» دەپ سالپىيىپ قايتىپ كېلىۋاتقىنىمدا قوشنا ۋاگۇننىڭ ئىشكىنىڭ يېنىدىكى ئوتتىرا كارۋاتتا ئۇ تونۇش سىما كۆز ئالدىمدا قايتىدىن پەيدا بولدى. مەن تۆگىگە مىنىۋېلىپ تۆگە ئىزدىگەندەك ئىش قىلىپ، ئۆز يېنىمدىكى ئادەمنى بايقىماي شۇنچە يەرلەرنى ئايلىنىپ كەلگەن ئىكەنمەن. ئۇنى كۆرۈپ ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئايرىلىش پەيتى، تۆت يىللىق تولۇق ئوتتىرا ھاياتى ۋە ئۇ شاھىد بولغان شۇ شىرىن كۈنلەر بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
ئۇ شۇ چاغلاردا بالىلار بىلەن كۆپ ئارلىشىپ كەتمەيتى. بىرەرسىگە ئالدىراپ گەپمۇ قىلمايتى. ئەگەر ئاغزى ئېچىلغۇدەك بولسا ئادەم قاراپ ئولتۇرغۇدەك جانلىق سۆزلەپ قوياتتى. باشقا ئوقۇغۇچىلاردىكىدەك قېنى قىززىقلىق، جىدەلخۇرلۇق، مۇشتۇمزورلۇق، نەيرەڭۋازلىق، توختىماي باشقىلار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىدىغان ھەسەتخور خاراكتىر ئۇنىڭدىن تېپىلمايتتى. ھەرقانداق جېدەل ئۇنىڭ ئارىغا كىرشى بىلەن بىردەمدىلا بېسىقاتتى. مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن يېزىقچىلىق مۇسابىقىسى ياكى ھەر تۈرلۈك زىھىن سىناش مۇسابىقىللىرى ۋە تەنھەركەت مۇسابىقىللىرىدە گەرچە بەك پەۋقۇلئادە نەتىجە يارىتىپ كەتمىسىمۇ ھەممە تۈردە ئالا قويماي تەقدىرلەنگىنى تەقدىرلەنگەن ئېدى. قاچانلا قارىساق ئۇنىڭ بىكار تۇرغان ھالىتىنى كۆرەلمەيتۇق. شۇڭا ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ھەتتا پۈتۈن قۇرداشلار ئارىسىدا خېلىلا ھۆرمىتى چوڭ ئېدى.
تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش ۋە يېقىن ئۆتۈش شەرپىگە مۇيەسسەر بولۇپ ئالەمچە خۇشال بولۇپ كەتتىم. تولۇق ئوتتىرانى پۈتكۈزگىچە ئۇ ماڭا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى. ماڭا ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا يول كۆرسەتتى ۋە ھەر جەھەتتىن قوللاپ مەدەت بېرىپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ مېنىڭ تولۇق ئوتتىرا ھاياتىمدىكى مۇھىم باش پىرسوناژلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مەن ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقان تۇرقىغا قاراپ ياندىكى ئورۇندۇقتا بىردەم ئولتۇرۇپ ساقلىدىم. ئۇ ھېچنىمىنى تۇيماي شۇنچىلىك قاتتىق ئۇخلىدى. سائەت سەككىز يېرىملار بولغاندا مەن ئاستا ئۇنى تۈرىتتىم.
كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە مېنى ناھايتى خىجىل قىلىۋەتتى. ئۇ مەن ئىزدەۋاتقان ئادەم بولماستىن بوي تۇرقى ئۇنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بىر يىگىت ئېدى. خۇيمۇ ئوڭايسىزلانغىنىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي بۇتتەك قېتىپ تۇرۇپ كەتتىم ۋە سەل ئارامىمغا چۈشىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم:
-كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ! مەن سىزنى بىر تونۇشۇمغا ئوخشىتىپ قاپتىمەن. ئۇيقىڭىزنى بۇزۋىتىپ سەت بولدى. خاپا بولماڭ ھە!
-ياقەي ھېچقىسى يوق.- شۇنچىلىك بىر خىل غەشلىك ئىچىدە كۆزلىرىمگە ياماشقان ياشلىرىمنى يوشۇرۇپ، روھسىز قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ مېڭىشقا تەمشىلىپ تۇرىۋىدىم ياندىكى كارۋاتتىن بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ئايقىز، مەن بۇ يەردە! –ئىتتىك كەينىمگە بۇرۇلدۇم. ئۆزۈمنىڭ بۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كېتىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۇنىڭ بىلەن كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان شۇ دەقىقىلەردە بايا تېخى يوشۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ياشلىرىم بىراقلا تېشىپ چىقتى. شۇ تاپتا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەختىيار ھېس قىلىپ كېتىۋاتاتتىم، كۆزلىرىمگە ھەممىلا نەرسە شۇنچىلىك يېقىملىق كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. مەن نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆتەلمەيۋاتقان ھاڭغا بىردىنلا كۆۋرۈك سېلىنىپ يوللىرىمنى داغداملاشتۇرىۋەتكەندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. خوشلۇقتا نەچچە يىلدىن كېيىن قىلىنغان بۇ ئىنايەتتىن شۇنچىلىك مەس بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. شۇڭا قانداق ماڭغىنىمنى بىلمەيلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە ئانا قۇشقا تەلمۈرگەن باچكىدەك ئۇنىڭ ئاغزىغا تەلمۈردۈم.
(10)
مۇختەرنىڭ يېقىن دوستى ئايۇپنى ئۇچرىتىپ شۇنچىلىك ھاياجانلانغان بولساممۇ بۇ ھاياجانلىق ھېسلار بىردەمدىلا قايغۇغا ئايلاندى. مۇختەر بىلەن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كەتكەندەك، ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى قايتا يۈز كۆرىشەلمەيدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ غەيرەت-شىجائىتىم بىردىنلا سۇسلىشىشقا باشلىدى. شۇندىمۇ چىرايىمغا قاپسىلىپ ئۈلگۈرگەن ئازاپلىق شولىلارنى ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەي تەمكىن پاراڭلىشىشقا تىرىشتىم. ئەمما مېنىڭ خىيالىي تۇيغۇم ئۇنىڭ ئۆتكۈر نەزرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى:
-بۇنچىۋالا پەرىشان بولماڭ ئايقىز، سىزنىڭ كۈلكىڭىز ئۈچۈن ئۆز خۇشاللىقىنى قۇربان قىلىپ ياشاۋاتقان دوستۇم مۇختەر سىزنى بۇ ھالەتتە كۆرۈشنى خالىمايدۇ.
-مېنىڭ كۈلىشىمنى خالايدىغان ئادەم نېمىشقا ئۆزىسىز مېنىڭ كۈلەلمەيدىغانلىقىمنى بىلمەيدۇ ئايۇپ؟ ئۇ زادى نېمىشقا مېنى ئىزدىمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مېنى بۇنداق تاشلاپ قويىدۇ؟
-گۆدەكلىك قىلماڭ، سىز ئۇسىز كۈلەلمەيسىز ئەمەس. ھەتتا كۈلۈپمۇ بولدىڭىز ۋە شۇ شوخ كۈلكىللىرىڭىزنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇپمۇ بولدىڭىز. بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق. لىكىن ئۇ سىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە يۈرۈپ ھازىرقىدىنمۇ بەتتەررەك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىشىڭىزنى خالىماي ئۆزىنى چەتكە ئالغان گەپ.
-سىز مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمدىن خەۋەردارمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىچۇ؟ مېنىڭ قانداقراق تۇرۋاتقىنىمنى بىلەمدۇ؟ -ئۇنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن ئىزتىراپقا چۈشۈپ يەڭگىل ئاھاڭدا سورىدىم.
-ئايقىز قۇربان، بۇ ئىككىمىز ھېلقى چاغدا ئۈرۈمچىدە مۇختەر توغۇرلۇق پاراڭلاشقاندىن بۇيان سىزنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم. شۇنداق بولغان ئىكەن مەن ئەلۋەتتە سىزنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرىڭىزدىن خەۋەرسىزمەن. بايىقى گەپلىرىمگە كەلسەك، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان سىتودىنىت قىزلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا ئاساسەن چىقارغان يەكۈنىمدۇر. ئەمدى مۇختەرگە كەلسەك ئۇ ئۆزى ياخشى تۇرىۋاتىدۇ. ھەم بۇرۇنقىدىنمۇ قەيسەر ياشاۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭ مېنىڭ ئىشىلىرىمدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ئەمما سىزنىڭ ھال-ئەھۋالىڭىزدىن خەۋرى بارمۇ يوقمۇ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ.
-ئەمىسە.......ئەمىسە ئۇ نېمىشقا مېنى ئىزدىمەيدۇ؟
-ئىزدىمەيدۇ ئەمەس، ئىزدىيەلمەيدۇ. مۇختەرنىڭ سىزگە بولغان ساداقىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇنىڭ قىسىلىدىغان بىر يېرى بولمىغان بولسا چوقۇم سىزنى ئىزدەيتتى. ئەھۋالنى بىلمەيدىغان يەردە بولمىغاندىكىن سىز بۇنى كوچىلاپ سوراۋەرمەڭ. مېنىڭچە مۇختەرنىڭ سىزنى ئىزدىگۈسى يوق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
-لىكىن شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئەھۋال سوراپ قويمىغانلىقى ئەقلىمدىن ئۆتمەيدۇ.
-شۇ ئازغىنە ھال سوراشنىڭ سىزگە قانچىلىك ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى ئۇ چۈشىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئۈمىد ئۇچقۇنى بىلەن سىزنى بەخىتسىزلىك پاتقىقىغا يېتىلەپ قويۇشنى خالىمىغان چېغى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئىككىڭلار ئىككى قاتلامغا تەۋە ئادەملەر ئەمەسمۇ.
-ئۇ نېمىشقا ھە دېسىلا ئارىمىزغا بۇنى توساق قىلىۋالىدىغاندۇ ؟
- سىز راس دۆتمۇ يا يالغاندىن بىلمەس بولىۋېلىۋاتامسىز؟ ئىككىڭلارنىڭ كېيىنكى يولىنىڭ مۈشكۈلاتسىز بولۇپ كېتىشى ئىھتىمالدىن تولىمۇ يىراق. شۇڭا ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ناھايتى تەبئىي. مېنىڭچە ئۇنىڭ ئورنىدا سىز بولغان بولسىڭىزمۇ ئىككىلەنمەي شۇ يولنى تاللىشىڭىز مۇمكىن ئېدى.سىز ئۇنىڭدىن ئاغرىنماڭ. –ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى بىرئاز پەسكويغا چۈشۈرگەن بولغاچقا تېمىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بۇرىدىم:
-شۇنداق قىلىپ سىز قەيەرلەردىرەك بولۇپ قالدىڭىز ھازىر؟ ئۈرۈمچىدە بىر ئايرىلغانچە ئالاقىلىشالماي كەتتۇق.
-شۇنى دەڭە، بۈگۈن ئۇچىرشىپ قالمىغان بولساق يەنە قاچانلاردا كۆرۈشەلەيتتۇقكىن تاڭ. مەن شاڭخەيدىرەك ھازىر. شاڭ دا(شاڭخەي ئۇنۋېرسىتىتى)دا ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن. ئۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالسىڭىز ئىزدەڭ ھە! ھەقسىز ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ بېرىمەن. مۇشۇ ئونىنجى ئايدىلا بارامسىز يا؟ ياتاق-تاماق ئىشلىرىڭىزنى ئۆزۈم ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمەن. ئوقۇشىمىز پۈتسە بىر ياقلارغىمۇ ئالدىراپ ماڭالمايمىز دەڭە. شۇڭا دەيمەنغۇ ئەمدى!
- گەپلىرىڭىز خېلى ئورۇنلۇقتەك تۇيۇلىۋاتىدۇ. مەيلى بولمىسا. ۋاقتى كەلگەندە ئەھۋالغا قاراپ بىر نېمە دېيىشەرمىز ھە ئەمىسە! ھەي........ سىزگە ھەۋسىم كېلىۋاتىدۇ جۇمۇ مېنىڭ. ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ چوڭراق شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرنى يازسام بوپتىكەن.
-نېمىلەرنى دەيدىغاندۇ ماۋۇ ئەخمەق قىز شۇنچە ئىختىساسلىقلار چىقىدىغان ياخشى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تۇرۇپمۇ!!! ئەگەر ئايقىز، قايتا تاللاش پۇرسىتى بولۇپ قالغان بولسا مەن لەنجۇدىكى مەكتەپلەرنى تاللىغان بولاتتىم جۇمۇ. مانا كۆرىۋاتىسىز،ھېچنىمىدىن ھىچنىمە يوق ئۆزىمىزگە جاپا سېلىپ بىرمۇنچە يولنى ئارتۇق ماڭىدىكەنمىز. لەنجۇدىن ناھايتى ئارتۇق بولسا نەچچە قەۋەت بېناسى، ئوينايدىغان جايلىرى، كۆل دەريا، دېڭىزلىرى، بىرەر كۈنمۇ ئېزىقماي ۋاقتىدا ياغىدىغان يامغۇرى ئارتۇقتۇ شۇ. ئارزۇلىغۇدەك نېمىسى بار دەيسىز. يەنىلا يېقىن يەردە ئوقۇغانغا يەتمەيدىكەن. –بۇ گەپلەردىن ئۇنىڭ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئىچىمدىكىنى يوشۇرمىدىم:
-شۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ئايۇپ سىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بىلەن مېنىڭ مەكتىپىم خېلى پەرىقلىنىدۇ.
-شۇ دېگىنىڭىز بىلەن قاراڭ، بىلىمنى نەدىلا ئوقۇپ ئالسا ئوخشاشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز بىلەن بىز ئۇچىغا چىققۇدەك ئوقۇپ ئالىم بولىدىغانلار ئەمەس دەڭە. شۇڭا نەدىلا بولساق ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇپ تاماملاپ، كىيىن ئۆز ھاجىتىمىزدىن چىققۇدەك سەۋىيىگە ئېگە بولىۋالالىساقلا كۇپايىكەن. ئاۋات شەھەرلەردە ئوقۇۋالغانغا يا بىر سىلەرنىڭكىدىن بىرەر ئەزايىمىز ئارتۇق بولۇپ قالمايدىكەن. سىز شۇنداق ھېس قىلدىڭىزمۇ يا؟
ئايۇپنىڭ بۇ ئوچۇق-يورۇق گەپلىرى كۆڭلۈمنى خېلى كۆتۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ بىلەن خېلى بىر ۋاققىچە ئاشۇنداق ئېچىلىپ پاراڭلاشتۇق. تولۇق ئوتتىرادىكى ئىشلارنى ئەسلىشىپ كۈلۈشتۇق. ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئىزدەيمەن دەپ كېلىپ چىققان «ئايۇپ ۋەقەسى» ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى شۇنچىلىك سۆزلەپ بەرگۈم كېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېكايىنىڭ پاجىئەلىك كۆڭۈلسىز خاتىمىسى مېنى بۇ ئويۇمدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلدى. چىراغ ئۆچۈپ پويىز خادىمى ھەيدىگەندىلا بىز بىر-بىرىمىزنىڭ نۇمىرىنى خاتىرلىشىۋېلىپ ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا قايىتىپ ئارام ئالدۇق.
ئەتىسى ئەتىگىنى ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كۈلكە-چاقچاقلار ئىچىدە كۆڭۈللۈك ناشتا قىلدىم. بىز يول بويىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدىن غىل-پال كۆرۈنۈپ تۇرغان خۇاڭخى دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىنى تاماشا قىلغاچ پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. مەن بۇ سۆھبەتنىڭ ئاخىرلاشماسلىقىنى ۋە مۇختەر توغىرلىق كۆپرەك ئۇچۇرلارغا ئېگە بولۇشنى ئويلىغانسىرى مەنزىلگە تېخىمۇ يېقىنلاپ قېلىۋاتاتتۇق. ئاخرى بارلىق غەيرىتىمنى يىغىپ ئاخشامدىن بېرى ئاغزىمدىن چىقىرالمايۋاتقان، مېنى ئىزچىل خاۋاتىرلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان گەپنى ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-ئايۇپ، سىز مۇختەرنىڭ دوستى شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق. نېمە بۇنى سوراپ يۈرىيسىز؟
-ئەمىسە ئۆزىڭىزنى مەن بىلەنمۇ دوسىت دەپ قارامسىز؟
-نېمانداق غەيرى گەپلەرنى قىلىسىز؟ نېمە دېمەكچى بولغان بولسىڭىز ئۇدۇللا دەۋىرڭە ئۆز بولغاندىكىن.
-ئەمىسە سۆزۈمگە داۋاملىق جاۋاپ بېرىڭ. مۇختەر ھەر ئىككىلىمىزنىڭ دوستى بولغاندىكىن مېنىڭمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقۇم بار شۇنداقمۇ؟
-ھەئە، ئۇنىسى ئەلۋەتتە.
-جېنىم ئايۇپ، ئەمىسە مۇختەر توغىرلىق بىلىدىغانلىرىڭىزنى مەندىن ئايىماڭ ماقۇلمۇ؟ ئىشىنىمەنكى،سىز چوقۇم ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەردار. ماڭا دەپ بېرىڭ بولامدۇ؟ - ئۇ چىرايمىغا بىردەم قاراپ تۇرۋەتكەندىن كېيىن:
-ئەلۋەتتە بولىدۇ.- دېدى ۋە كۆزلىرىمگە مىنۇت قادالغاندىن كېيىن سورىدى:- بىراق... مەخپىيەتلىكنى ساقلىيالامسىز؟ -ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ۋۇجۇدۇم ھاياجانغا تولدى. ئەمدى كۆزلىگەن نېشانىمغا يېتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ چاۋاك چېلىپ تۇرۇپ ئالدىراپ دېدىم:
- ساقلىيالايمەن،ساقلىيالايمەن. ۋەدە بېرەي!
-مەنمۇ ساقلىيالايمەن! – گەرچە بۇ سۆزنى ئاڭلاپ لاسسىدە بولۇپ قالغان بولساممۇ، كۆڭلۈم تەسۋىرلىگۈسىز غەشلىككە تولۇپ كۆزلىرىمگە يىغا يامىشىپ ئۈلگۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ كەينىگە ئۇلاپ يىنىك كۆزىنى قىسىپ قويۇشلىرى ماڭا ھەممىنى چۈشەندۈردى. شۇڭا خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ:
-مۇختەرنىڭ نېمىشقا سىزنى شۇنچىلىك چوڭ كۆرىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلىۋاتىمەن جۇمۇ! ھەقىقەتەن تېپىۋالغۇسىز ئېسىل دوستلار جۇمۇ سىلەر!-دېدىم.
ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن كۈلۈپ قويدى. بىز شۇ يوسۇندا پاراڭلىشىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتۇق. پويىز لەنجۇ ۋوگزالىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇ بولدى دېگىنىمگە قارىماي نەرسىلىرىمنى كۆتۈرشۈپ بىللە پويىزدىن چۈشۈپ مېنى ئۇزىتىپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى قايتا-قايتا تاپلىغاندىن كېيىن بىر قولۇمدا چامادانىمنى سۆرەپ يەنە بىر قولۇمدا چۇۋۇلۇپ نانلىرىم ھېلى چۈشۈپ دومىلايمەن دەپ مارلاپ تۇرغان كىچىك يەشىكىمنى قولتۇقلىغىنىمچە ئىتتىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتىم.
مەن مەكتەپكە كېلىپ ئىككى ھەپتىدى كېيىن سىڭلىم لەنجۇدا پەيدا بولدى ۋە ماڭا تويلۇق رەسىم ۋە فىلىملەرنى كۆرسىتىپ، تويلۇق نەرسىلەرگە ئېغىز تەككۈزۈپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن سىڭلىمنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ياتاقداشلىرىمغا تويلۇق نازۇ-نېممەتلەرنى تارقىتىپ بېرىپ كەينىدىن ھامماملار ۋە ئاپاملار ئەۋەتكەن بىر جۈپ چىرايلىق كۆينىكىمنى ئۇلارغا داملىتىشقا چۈشتۈم. چۈنكى بۇنىڭدىن ئۆزۈممۇ كىچىك قىزلاردەك شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتكەنىدىم. كۆينەكلىرىم ھەممىدىن ئاسىيەگە ياراپ كەتتى. مەن خۇدۇمنى يوقاتقان ھالدا ھاممام ئەۋەتكەن كەڭ ئېتەكلىك قىزىل تور كۆينەكنى كىيىپ چىرايلىق رەسىمگە چۈشتۈم ۋە مۇنبەردىكى باش سۈرىتىمنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇردۇم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز رەسىمىمنى باش سۈرەت قىلىشىم ئېدى.
بىر كۈنى سەھەردە مەن قاچا يۇيغىلى چىقىپ ئاسىيەنىڭ سۇ خانىدا ئاغزى-بۇرنىدىن قان يانغان ھالەتتە يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆردۈم. دەرىس ۋاقتى بولغاچ بىنادا ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن يوق دېگۈدەك ئېدى. مەن قولۇمدىكى چىنىنى تاشلاپ دەرھال ئۇنى يۆلىدىم. ئەمما پۇتۇم نۇرمال بولمىغانلىقتىن پەقەتلا ئورنىدىن تۇرغۇزالمىدىم. شۇڭا جايىمدا تۇرۇپلا ۋارقىرىدىم:
-شىياۋ ما، شىخۈي دەرھال بۇياققا چىقىڭلار ياتاقداشلىرىم. چاققان بولۇڭلار!
-مانا، مانا! نېمىش بولدى..... ئۇلار بۇ مەنزىرىدىن چۆچۈپ سۆزلىرىنىڭ ئاخىرنى دېيىشكە ئۈلگۈرمەيلا مەن بىلەن بىللە ئاسىيەنى يۆلەشتى. بىز ھەممىمىز تېخى كىچىلىك كېيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن بولغاچقا ئاۋال ئۇنى ياتاققا ئەكىرىپ يەرگە نەرسىلەرنى سېلىپ(كارۋاتلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدە بولغاچقا) ياتقۇزۇپ قويۇپ تۇرغاندىن كېيىن تىزلىك بىلەن كېيىملىرىمىزنى كېيىشتۇق. شىياۋما بىزدىن بالدۇر تەخ بولۇپ بولغان بولغاچقا ئالدىمىزدا ئاسىيەنى كۆتۈرۈپ ماڭغاچ تۇردى. بىزمۇم يېنىمىزدىكى پۇللارنى قېتىپ جەملەپ كەينىدىن يۈگۈردۇق. مەكتەپنىڭ كىچىك ئامبۇلاتوريىسىدىكى خادىملار ئۇنىڭ بىلەن خېلى ھەپىلشىپمۇ يا ئېقىۋاتقان قاننى توختىتالماي يا ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرەلمەي بىزنى جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سېلىپ يۈجۇڭ ناھىيلىك خەلىق دوختۇرخانىسىغا يوللىدى.
شۇنچە ھەيۋەتلىك چوڭ دوختۇرخانىدا تۈزۈكرەك بىر دوختۇرنىڭ بولماسلىقى بىزنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇيان چېپىپ بۇيان چېپىپ ئاران دېگەندە بىر دوختۇرنى تېپىپ چىقتۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە چوڭ دوختۇرلار كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كېتىپتىمىش. ئۇ دەسلىپىدە بىزگە خىېلى ئەستايىدىل قارىغان بولسىمۇ كىيىن ئاسىيەنىڭ كىملىكىنى كۆرۈپلا بىزدىن مىللىتىمىزنى سورىدى:
-بۇ قىز ئۇيغۇر ئوخشىمامدۇ؟ شىنجاڭدىنمۇ؟
-ھەئە، مەنمۇ ئۇيغۇر، ماۋۇ ئىككىسىنىڭ بىرى خۇيزۇ، يەنە بىرى خەنزۇ. بىز ياتاقداش.
-ھە، مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدىن كەلدىڭلارمۇ؟
-شۇنداق، مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدىن كەلدۇق.
-ھە مۇنداق دەڭلار، بىمار «ئۇيغۇر» دەڭلار! «ياخشى، ئۇيغۇر باللىرى ۋەتەننىڭ كېلەچىكى. ئۇيغۇرلاردىن ياخشى ئادەملەر كۆپ چىقىۋاتىدۇ ھازىر، شۇڭا جەميەت بەكلا مۇقىم ۋە تىنىچ. ئۇيغۇرلار ۋەتەننىڭ زور تۆھپىكارلىرى. قولىدىن ئىش كېلىدىغان نوچى خەق.» –ئۇ بىردەم شۇنداق سېسىق سۆزلىۋالغاندىن كېيىن ئاسىيەنىڭ كىسەللىك سەۋەبىنى سورىدى.
-تۆنۈگۈن ۋە ئەتىگەن نۇرمال ئېدى. ھېچقانداق غەيرى ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلمىگەن. ناشتىدىن كېيىن ئۇنى سۇ خانىدا يىقىلىپ ئاغزى-بۇرنىدىن قان ئېقىۋاتقان ھالەتتە كۆردۇق. مەكتەپ دوختۇرخانىسىدىكىلەرمۇ پەقەتلا ئامال قىلالماي قالدى.
- چوڭ چاتاق يوق، قايتىپ ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ. ئوزۇقلۇققا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسۇن. پۇلنى تۆلەپ بولۇپ قايتىپ كېتىڭلار.
- نېمىگە پۇل تۆلەيمىز دوختۇر؟ بۇنى ئاۋال ھوشىغا كەلتۈرمەمسىز، قانلارنى توختاتمامسىز؟ قېنى بۇنداق ئېقىۋەرسە ئۆلىدۇ بۇ. –دېدى بودەك ياتاقدېشىمىز شىخۈي دوختۇرنىڭ ھېچقانداق داۋالاش ئېلىپ بارماي تۇرۇپلاپۇل تۆلەپ قايتىپ كېتىڭلار دېگەن سۆزىدىن ھەيران بولۇپ.
- قاننى ھازىرلا توختىتىمەن. –ئۇ شۇنداق دەپلا ئاسىيەنىڭ بۇرىنغا بىرمۇنچە پاختىنى نىقتاپ تىقىپ قويدى. بۇرنىنى ئېتىپ قويغىنى بىلەن قان ئۇنىڭ ئېغزىدىن بولدۇقلاپ چىقىۋاتاتتى.
-بۇرنىنىغۇ توسۇپلا قۇتۇلدىڭىز. ئەمدى ماۋۇ ئاغزىدىن كەلگەننى قانداق قىلىمىز؟
-ئاغزىدىن كەلگەننى تۈكۈرۋەتمەي يۇتىۋەتسۇن. شۇنداق بولغندا قان يەنە ئورگانىزىمغا قايتىدۇ؟
-نېمە؟ قاننى يۇتىۋىتەمدۇ؟ - سۆزۈمگە ئۇلاپلا شىخۈي سورىدى:
-بوپتۇ يۇتتىمۇ دەيلى، ھوشسىز ياتقان ئادەم قانداق يۇتىدۇ؟- بۇ گەپ بىلەن تەڭ دوختۇر ئاسىيەنىڭ يۈزىگە بىر قانچىنى شاپاللاپ قويۇپ دېدى:
-«ئۇيغۇركەن، يۇتالايدۇ.»- شۇنداق غىڭشىپ قويۇپ ئارقىدىنلا سۆزىنى تۈزىدى.- چوڭ مەسلە يوق دېدىمغۇ، جىق گەپ قىلماي ئېلىپ كېتىڭلار.
-سىز زادى داۋالاشنى بىلەمسىز بىلمەمسىز؟ ئەپ كەتسەك ئەپ كېتەيلى، ئەمما ئاۋال سىز چاتاق چىقمايدۇ دەپ كاپالەتنامە يېزىپ بېرىڭ!-شىياۋمانىڭ ئۆزىنى تۇتۋالالماي ۋارقىرىشىدىن بىئارام بولغان دوختۇر:
-ئەمىسە مېنىڭ كارىم يوق، ئۆزۈڭلار بىلىپ بىر ئىش قىلىڭلار دەپ قويۇپلا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. بىز ئامالسىز سىنىپ مەسئۇلىمىزغا تېلىفۇن قىلىپ بولغان ئەھۋالنى ئېيىتتۇق. ئۇ بىزگە ئۆزىنى دوختۇرخانىدا ساقلاپ تۇرىشىمىزنى تاپلىدى.
بىز كارىدۇردا ئاسىيەنىڭ چىكىسىنى ئۇۋلاپ، قانلىرىنى ئېيتىپ بولالماي جىددىيلىشىپ كېتىۋاتساق بىر توپ خەنزۇلار ئولىشىۋېلىپ ھەرخىل قىياسلارنى سۆزلىشىپ تاماشا كۆرۈشكە باشلىدى. دوختۇرخانىغا ئەمدىلا كەلگەن ئاسىيەنىڭ يۇرىتلۇقى مەرھابا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئاچچىقىدا خەنزۇلارنى تىللاپ كەتتى.
- تۈفىي، ئادەم بولمايدىغان رەزىللەر! ئەمدى سەنلەر تاماشا قىلمىغان مۇشۇ ئىش قاپتىكەنما؟ كۆرگۈدەك نېمىسى بار ئىكەن؟ ئاچچىقىم كېلىشتىن ئاۋال ئۆزۈڭنى سوراپ بۇ يەردىن كېتىۋېلىش! مېڭىشە، تىزدىن كۆزۈمدىن يوقلىش. ۋۇ ساپاسىز مەخلۇقلار! - بىز يېنىمىزدىكى پۇللارنى دوختۇرخانىغا تۆلەپ تۇرىشىمىزغا مۇئەللىممۇ كەلدى. شىخۈي چېپىپ يۈرۈپ ھېلىقى دوختۇرنى بىر يەرلەدىن تېپىپ چىقتى. ئۇ مۇئەللىمنى كۆرۈپلا باشقىغا ئۆزگەردى:
-بۈگۈن دوختۇرخانىدىكى غوللۇق دوختۇرلار يىغىنغا كەتكەن. مېنىڭ سەۋيەم چەكلىك بولغانلىقتىن بۇنىڭغا تازا بىرنەرسە دەپ كېتەلمىدىم. ياخشىسى شەھەرلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىسەڭلار بولامىكى. ماۋۇ بالىلارغا بايىدىن بېرى شۇنچە سۆزلەپمۇ گەپ چۈشەندۈرەلمەي قالدىم. ھەرنېمە بولسا سىز كەپسىز.
-ئەمسە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇرۇپ بېرىڭلار، لەنجۇغا يۆتكەيلى!
-بولىدۇ، ئەمىسە پەستە بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭلار! –بىزمۇ بۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماي ئىچىمىزدە بۇ ھىيلىگەر دوختۇرنى تىللىغان پېتى پەستىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ساقلىدۇق. ساقلا، ساقلا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ساقلىغان بولساقمۇ ئۇلار تېخىچە غېمىدە يوق يۈرىۋاتاتتى. بۇ خەقنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە قاراپ مىڭ توۋا دېدىم. مۇئەللىم قايتا بېرىپ سۆزلەشكەندىن كېيىن ئۇلار:
-قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يىراققا كېتىپ قاپتىكەن. خالىساڭلار ماشىنا كەلگۈچە بىمارغا ئوكۇل ئېسىپ قويۇپ تۇرايلى!-سىرىتتكى رەت-رەت توختىتىقلىق قۇتقۇزۇش ماشىنللىرىغا قاراپ بۇ گەپتىن قاتتىق قورسىقىمىز كۆپكەن بولسىمۇ مۇئەللىمنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۆزىمىزنى بېسىۋالدۇق. نەق بىر يېرىم سائەت ساقلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ماشىنىسى تەق بولدى. ئاسىيەنى يوقلاپ كەلگەن بىرقانچە قىزنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن،ئۈچ ياتاقداش ۋە مۇئەللىم تۆتىمىز ئاسيەنى ئېلىپ لەنجۇغا يۈرۈپ كەتتۇق.
(11)
تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن بىز لەنجۇ ئۇنۋېرسىتىتى ئىككىنجى دوخىتۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەردىمۇ بايىقىغا ئوخشاش مۇئامىلە، ئوخشاش كەيپىيات، ئوخشاش بىر سوغوقچىلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. بىمارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە قاراپ بۇ يەردىمۇ دوختۇرلار ئوخشاشلا بۇ كېسەلگە كۆڭۈلشىمەي قالدى. مۇئەللىمنىڭ توختىماي قاتراشلىرى، ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈشلىرى ئارقىسىدا بۇلار ئازراق ئىرىپ بىرنېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئاسىيەنىڭ ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇردى. بىز يېنىمىزدىكى پۇلنى قويماي ناھىيلىك دوختۇرخانىغا تۆلىۋەتكەن بولغاچقا سۇ ئېلىپ ئىچكۈدەكمۇ پۇلىمىز يوق مۇئەللىمدىن پۇل سوراپ يۈردۇق. ئۇمۇ قېرىشقاندەك تاماق يەپ ئىچىملىك ئېلىپ ئىچىڭلار دەپ 50يۈەن پۇل بەردى. ئۇ پۇل چەنلەپ قويغاندەك تاماق يىيىشىمىزگە ئاران يەتتى. مەن يەنە مۇئەللىمدىن پۇل سورىۋىدىم ئۇ نۇمۇس قىلماي قولۇمغا بىر يۈەننى تۇتقۇزۇپ قويدى. بۇنى كۆرۈپ مەن كۆڭلۈمدە:« پاھ، ئالي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرى كارامەت بولىدىكەنغۇ!» دەپ ئويلىدىم.
ئاسىيەنى دوختۇرلار زىيادە چارچاشتىن، كۈتۈنۈشنىڭ كەمچىللىكىدىن شۇنداق بولغان دەپ ئون كۈن ياتاقتا يېتىپ بېسىپ داۋالىنىشنى بۇيرىدى. ئۇ كۈنى كەچتە شىخۈي ئىككىمىز دوختۇرخانىدا قېلىپ ئاسىيەگە قارىدۇق. شىياۋما ئەتىسى لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ كېتىپ قالدى. ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئاسىيەنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلنىش كۆرۈلگەندىن كېيىن مۇئەللىم دەرىسكە كىرىمىسەڭلار بولمايدۇ. شۇڭا بىرىڭلارلا قاراڭلار دەپ مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ مەن سەككىز كۈن دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا قارىدىم.
مۇختەر بىلەن بولغان رىشتىمىز دەل ئۇنى دوختۇرخانىدا بېقىشىم بىلەن باشلانغان ئېدى. مەن خەنزۇ بازىرىدىن سېتىۋېلىپ كەلگەن كۆكتاتلار بىلەن ئۇنىڭغا كۈندىلا ئۆزۈم قول سېلىپ ئۈچ ۋاخ تاماق قىلىپ بېرەتتىم. ئۇ دائىم تاماقنى سىز يىگۈزۈپ قويۇڭ دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ تۇرۋالاتتى. مەن ئامالسىز باشقىلار يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا تاماق يىگۈزۈپ قوياتتىم. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ كىر-قاتلىرىدىن تارتىپ يۈز-كۆزلىرىگىچە يۇيۇپ ھالىدىن شۇنچىلىك ياخشى خەۋەر ئالغان ئېدىم. بىز گەرچە ھەممە يېرىدىن قاڭسۇق دورا پۇرۇپ تۇردىغان كېسەلخانىدا بولغان بىلەن كۈنلىرىم شۇنچىلىك بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتكەنىدى.
مۇختەر سۆزمەن بولغاچقا ھېلىدىن-ھېلىغا غەيرى گەپلەرنى قىلىپ مەن بىلەن قېرىشاتتى. مەن جىلە بولۇپ ئۈسسۈيدىغان تام تاپالمىغاندا رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇنىڭ ئاغرىق پۇتىغا شاپاللاپ دەردىمنى چىقىراتتىم. ئۇ ئاغرىق دەستىدىن ۋايۋايلاپ تۇرسىمۇ چىرايىدىن كۈلكىنى ئۆچۈرمەيتى. بارا-بارا بۇ مېنىڭ ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرۇشتىكى يۈگىنىمگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇ بىرەر ئىشقا ئۇنىمىسا ياكى تاماق يىمەي تۇرىۋالسا مەن دەرھال مۇشۇ تەكتىكىنى قوللىناتتىم.
شۇ ۋاقىتتا ھەقىقەتەنمۇ مۇختەرنى دەپ قايىتمىغان ئېدىم. ئەگەر ئۇنى دېمىگەن بولسام ھېلىغۇ ئونبەش كۈن تۇرىدىكەنمەن،بەش كۈن تۇرىدىغان ئىش بولغان بولسىمۇ يانماي قايتىپ كېتىپ ئاپام-داداملارنىڭ باغرىغا تاشلانغان بولاتتىم. ئەمما شۇ چاغدا مۇختەرنىڭ يالغۇز قېلىپ چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى يوقتىپ قويىشىدىن، بۇ سەۋەپتىن كېسىلىنىڭ تېخىمۇ سوزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرگىنىم ئۈچۈن ئۆز ئارزۇ-ئارمىنىمدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، دوختۇرخانىدىن بالدۇرراق قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە قېلىپ قېلىشنى تاللىغان ئېدىم. شۇ چاغدا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ئۇنى يوقلاپ بارماسلىقىممۇ كىيىن ئۇنى بىر ھەيران قالدۇرۇش ۋە تۇيۇقسىز خوش قىلۋىتىش ئۈچۈن ئېدى.
ئاسىيە تېلىفۇنىنى بىر كۈن ئىشلەتسە بەش كۈن ئىشكاپقا سولاپ قويۇپ ئارام ئالغۇزىدىغان قىز بولغاچقا ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغىنىدىن نە بىزنىڭ مەكتەپتىكى تۇغقانلىرى نە ئاتا-ئانىسى خەۋەردار بولالمىدى. ئۇ قاچانلا قارىسا يىغا ئولىشىپ تۇرغان كۆزلىرى مېنىڭ تەپەككۇرۇمنى بوغۇپ قويغاچقا، نېمىدەپ تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمەي بەكلا ئارسالدى بولۇپ قالدىم. شۇنداقتىمۇ سىلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ ھالىدىن ياخىشى خەۋەر ئېلىشقا، سۇنغان كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا تىرشتىم. قان بەك كۆپ ئېقىپ كەتكەچكىمىكىن نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ بېشى قېيىپ ۋە ئاغرىپ زادىلا ئارام ئالغۇزمىدى. شۇ سۆيۈملۈك ئورۇس كۆزلەردىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان ياشلارغا، «ئانا!»دەپ ئاجىز ئىڭراشلارغا قاراپ مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالدىم. سېستىرا قىز ئوكۇلنى يەڭگۈشلەپ قويۇپ بىزگە بىرقانچە ئېغىز تەسەللىي سۆزلىرىنى قىلغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىۋىدى،ئارقىدىنلا تاپ بېسىپ كىرگەن دوختۇر بۇ ھالنى كۆرۈپ چالۋاقاپ كەتتى:
-كەيپىيات ئاچقۇچلۇق نەرسە، تولا يىغلىسىڭىز دورىنىڭ ئۈنىمىنى كېسىۋىتىسىز! باشلانغۇچنىڭ بالىسى بولمىغاندىكىن كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ داۋالاشقا ماسلىشىڭ! سىزمۇ قاراۋاتقان قىز، دوستىڭىز يىغلىسا تەڭ مىشىلدىشىپ بەرمەي كۆڭلىنى كۆتۈردىغان گەپلەرنى جىقراق قىلىپ، ھالىدىن ئوبدانراق خەۋەر ئېلىڭ. ئۆلگىسى بولمىسا تاماقنى كۆپرەك يىسۇن بۇمۇ! قانداق دېگەن گەپ بۇ!
بۇ گەپ ئاسىيەگە قاتتىق تەگكەن چېغى، شۇنىڭدىن باشلاپ تاماقنى جىق-جىق يېدى. ئوكۇل تۈگىسىلا ماڭا شامالداشقا ئەپ چىقىڭ دەپ ئەسكەرتىپ تۇردى. كەيپىياتىمۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئالتىنجى كۈنى نادىرجان مۇئەللىم بىلەن ئايشىگۈل مۇئەللىم ئالدىرغىنىچە ئاسىيەنى يوقلاپ كېلىشتى. بۇ ئۇنىڭغا خېلىلا مەدەت بولدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئايشىگۈل مۇئەللىم ۋاقتى چىقسىلا ئۆزى، بولمىسا ئۆيىدىكى دوڭشىياڭزۇ خىزمەتكارىدىن تاماق چىقارتىپ تۇردى. بۇنىڭ بىلەن ماڭىدىغان يولۇم ئازىيىپ،جاپايىممۇ خىېلى يەڭگىللىدى.
بۇ ئىشلارنى مېنىڭ كونا ئاشىقىم ئايۇپ نەدىن بىلدىكىن بىرمۇنچە مېۋە-چىۋىلەرنى كۆتۈرگەن پېتى دوختۇرخانىدا پەيدا بولدى. مەن ئاسىيەنىڭ يۈزىنى دەپ ئۇنى ئوچۇق چىراي كۈتىۋېلىپ ياتاققا باشلىدىم. ئەمما ئۇنىڭغا جىق گەپ قىلمىدىم. ئۇ ھېلقى چاغدا خېلى نۇمۇس قىلغان چېغى ماڭا ئارتۇق گەپ قىلماي ئاسىيەدىنلا ئەھۋال سوراپ ۋە گەپدانلىقىغا خاس ھالدا بىرمۇنچە تەسەللىي، مەدەت سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى قايتىدىن ئېچلدۇرىۋەتكەندىن كېيىن ئاستا قايتىپ كەتتى. مەنمۇ ئەدەپ يۈزسىدىن ئۇنى دوختۇرخانا دەرۋازىسىغىچە ئۇزىتىپ چىقتىم. تەلىيىمگە ئۇمۇ مەندىن گەپ سوراپ قالمىدى.
ئاسىيە دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى نادىرجان مۇئەللىم ۋە ئايالى ئۇنمىغىنىمغا قويماي مىھمان قىلمىساق بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى. مەن ئامالىسز بۇنىڭغا بويسۇندۇم. ئۇ بىرجۈپ ئەر ئايال ۋە ئوغلى تەجەللى، ئاسىيە ئىككىمىز قوشۇلۇپ بەشەيلەن خۇاڭخى دەرياسىنى يېنىدىكى خېلى نامى بار غۇلجىلىقنىڭ ئاشخانىسىغا تاماققا باردۇق. ئۇلار ھەممىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان بولسا كېرەك ئاشخانىغا كىرىشىمىزگىلا مۇلازىملار بىزنى ئايرىمخانىغا باشلاپ بىردەمدىلا تاماق تارىتتى. كەچقۇرۇنلۇقى بىز ئاسىيەگە دوختۇرنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە بىر مۇنچە قۇۋەت دورىسى ئالغاندىن كېيىن، نادىرجان مۇئەللىمنىڭ ماشىنىسىدا مەكتەپكە قايىتتۇق.
قايتىپ بېرىپلا بىرىنجى بولۇپ قىلغان ئىشىم كومپىيوتىرنى قوزغىتىپ مۇنبەرنى ئېچىش بولدى. ئاۋال بۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئۈستىدىن بىر «شىكايەتنامە» يېزىپ مۇنبەرگە يوللىۋەتكەندىن كېيىن، نەچچە كۈن تۇرماي توپا بېسىپ كەتكەن يوتقان قېپى،كىرلىكلىرىمنى ئالماشتۇرۇپ يۇيدۇم. ئاندىن مۇنچىلارنى يوقلاپ كېلىپ يىغۇشتۇرىدىغاننى يىغۇشتۇرىۋىتىپ،ئاسىيەگە قاراپمۇ قويماي يوتقانغا كىرىپ پۇت-قولۇمنى ئۇزۇن سۇنغىنىمچە ئۇيقۇغا كەتتىم. شۇ ئۇخلىغىنىمچە ئەتىسى سائەت 11لەر بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھاپلا-شاپىلا تاماق يىدىم.
چۈشتىن كېيىن بالىلاردىن سوراپ تاپشۇرۇقلىرىمنى تولۇقلاپ يېزىۋالغاندىن كېيىن ئاسىيەگە تاماق ئەكىرىپ بىرىپ ئادىتىم بويىچە كارۋاتقا چىقىپ مۇنبەرنى ئاچتىم. تېمامنىڭ ئاستىغا ھەرخىل ھەرياڭزا ئېنكاسلار چۈشكەن بولۇپ،بەزىلەر مېنى ماختىسا يەنە بەزىلەر يوق ئىشنى كۆپتۈرۈپ يېزىپسىز، نەدىمۇ دوختۇرلار كېسەلگە شۇنداق مۇئامىلە قىلسۇن دەپ تىللاپتۇ. يەنە بەزىلەر قىلغان كىچىككىنە ياخشىلىقىنى مۇنبەرگىچە سۆرەپ چىقىپ داپ تاراڭلىتىپتۇ دەپ مەسخىرىلەرنىمۇ قىلغان ئېدى. ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە ئىككى بەتچە يېزىلغان بىرى بولۇپ ئۇ دەل ھېلقى پىنھاننىڭ ئېدى. خەتتە مۇنۇلار بايان قىلىنغان ئېدى:
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سەنەمجان! نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قۇدۇققا چۈشكەن مۇنچاقتەك شەپىسىز يوقاپ كېتىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئۇشبۇ يازمىڭىزدىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن. تەنلەر سالامەتمۇ؟ ياتاقدېشىڭىز خىېلى ياخشى بولۇپ قالدى ھەقىچان؟! يۇقارقى خىلمۇخىل ئىنكاسلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم سىزنىڭكدىن ئۆتەرەك يېرىم بولدى. لىكىن كېرەك يوق، ياقا يۇرىتتا مۇساپىر بولۇپ باقمىغان ھەم ئاشۇنداق غېرىپ ۋاقتىدا كېسەللىك ئازابىنى تارتىپ باقمىغان ئادەملەر ئۇخىل ھېسياتنى چۈشەنمەيدۇ. بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىنىڭ روھىيتىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ بولالمايدۇ. شۇڭا سىز بۇ نوقتىغا توغرا قاراپ يۇقارقى بىمەنە گەپ-سۆزلەرگە كەيپىياتىڭىزنى چېچىپ يۈرمەڭ!
كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام سىلەرنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىڭلار مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەندىن سىرىت نەچچە يىل ئاۋال ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن يۇقارقىغا ئوخشىشىپراق كېتىدىغان بىر مەنزىرىنى ئەسلەتتى. ياقا يۇرىتتىكى كىشىلەرنىڭ باشقا مىللەت كىشىللىرىگە بولغان سوغوق نەزەردە قاراشلىرى، جاندىن ئۆتكۈدەك دەرجىدىكى قاتتىق سۆزلىرى ۋە پەرۋاسىز مۇئامىلىلىرىنىڭ تەمىنى مەن خېلى ئوبدان تېتىغان. شۇنچە چوڭ جۇڭگۇدا شۇ سىنىپتىكى 40نەچچە ئادەمنىڭ بىر يەرگە جەم بولمىقى، ياتاقتىكى تۆت ئەزانىڭ بىر ئائىلە بولۇپ قالغىنى بىر ھېكىمەتتۇر. بۇ بىز بەندىلەر تىلەپمۇ تاپالمايدىغان خاسىيەتلىك بىرگە بولۇشتۇر. شۇنداق بولغان ئىكەن شۇ 40 نەچچە قېرىنداشنىڭ بولۇپمۇ تۆت قېرىنداشنىڭ بىرى-بىرى بىلەن ئۆم ئۆتمىكى، كەڭ قورساق بولمىقى،مېھرىنى بېغىشلىمىقى، ئۆز-ئارا كۆيۈنمىكى تولىمۇ زۆرۈردۇر.
گەرچە سىلەر بىرقانچە مىللەتتىن تەركىپ تاپقان كىچىك ئائىلە بولساڭلارمۇ يۇقارقى خسىلەتلەر سىلەردە تېپىلىدىكەن. بۇ روھىڭلارغا ئاپىرىن! سىلەردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. مېنىڭچە دوختۇرلارنىڭ قىلغىنى سەل ئېشىپ كېتىپتۇ. ئاق خالاتلىقلار كەسپى ساپاسى ئەڭ يۇقرى سانىلىدىغان بۈگۈنكى كۈندە يازمىڭىزدىكى گەپلەر مېنىمۇ سەل گۇمانلاندۇرۇپ قويدى. ئەمما يېقىنقى زاماندا جەمىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىق ۋە سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ كېلىۋاتقاندىن بۇيانقى تەسىراتىمغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىرىڭىزگە ئىشەندىم. تەكلىپىم بۇنداق ئىشلارغا بېرىدىغان جاۋابىمىز سۈكۈت ۋە يېقىملىق كۈلۈمسىرەش بولسۇن. زىيادە ھاياجانلىنىپ باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى «توغرىكەن» دەپ جەزىملەشتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرمەيلى. بىز ئۆز ھەركىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭ كىشىللىرىنىڭ ياخشىلىقىنى، پەزىلىتىنى باشقا يۇرىت كىشىللىرىگە بىلدۈرەيلى! نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى سىزنىڭ چۈشىنپ يېتەلەيدىغانلىقىزغا تامامەن ئىشىنىمەن! (كۈلۈمسىرەش)
ھە راس، سىزنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە شۇنچە تەقەززا بولىۋاتقان بولساقمۇ بۇ ماۋسۇم پەقەتلا چىقارماي قويدىڭىز. بۇنىڭدا باشقا بىر ئالاھىدە سەۋەپ بولمىسا دەرىسلىرىڭىزنى ئىزىغا چۈشۈرىۋالغاندىن كېيىن قەدىمىڭىزنى قايتىدىن باشلاپ تەشنالىقىمىزنى قاندۇرسىڭىز! گەرچە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان سىزدەك بىر ئوقۇغۇچىغا بېسىم كۆپ بولسىمۇ سىزنىڭ بۇ ئىشلارنى ئۆز يولىدا بىر تەرەپ قىلىپ يەنە بىز ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرىتالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن! جىق سۆزلەپ كەتتىم. ئەمدى نەچچە كۈن ئۆستەڭگە چىلىشىپ يېتىپ سۇ ئىچىۋالغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ گەپ قىلىپ بېري. يەنە بىر گەپ، باش سۈرىتىڭىزدىكى قىز تولىمۇ چىرايلىقكەن. ھى ھى ھى...
ئامان بولۇڭ!»
بۇلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالەتتە يېقىملىق كۈلۈمسىرىدىم. ھەش-پەش دېگۈچە بۇ شىكەر شەنبە-يەكشەنبىمۇ ئاخىرلاشتى. بىز ھەپتىدە نەچچە سائەتلا چىقىدىغان شۇ دەرىستىنمۇ ۋايسىشىپ كېتىشتۇق. بىراق ئاز بولسىمۇ چىقماي ئامال بولمىغاچقا سومكىمىزنى ئېسىپ دەرىسكە ماڭدۇق. ھەپنىڭ بىرى ئەتىگەندە ئايشىگۈل مۇئەللىمنىڭ تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسى دەرسى بولۇپ بۇ دەرىسنىڭ نەزىريەچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقىمىكىن ھېچقايسىمىز ياقتۇرمايتۇق. شۇنچە سۆزلىسىمۇ چۈشىنەلمەي تامنىڭ تۆشىكىدەك پاڭقىيىپ قاراپ ئولتۇرغىنىمىز ئولتۇرغان ئېدى. دەرىس ئارلىقىدا ئۇ ئاسىيە ئىككىمىزنى يېنىغا چاقىرىپ بىزگە قېلىپ قالغان ئالتە سائەت دەرىسنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى سىزدۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ قويدى.
بۇ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى يىل بولغاچقا ساۋاقداشلار بەس-بەستە ساياھەتكە چىقىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە كىرىشىپ كەتتى. مەن قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ئارسالدى بولۇپ كەتتىم. ئۆزۈمنىڭ مەيلىچە بولسا ئايۇپنىڭ دېگىنىدەك شاڭخەيگە بېرىپ ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇ داڭلىق شەھەرنى كۆرۈپ كەلگۈم بار ئېدى. بىر تۇرۇپ خىجىللىق تۇيغۇلىرى مېنى دېلىغول قىلسا، يەنە بىر تۇرۇپ سىڭلىمنىڭ جىدەل قىلىشلىرى مېنىڭ تەنقىسلىقتا قويۇۋاتاتتى. تاكى بايرامغا ھەپتە قالغۇچە مېنىڭ تىكىشىم توختىمدى. ئاخىر كەسكىن قارار بىلەن بىلەت ئېلىپ چىڭدۇغا قاراپ يولغا چىقتىم. ئەمما مەن بۇ قېتىمقى سەپەردە بۇنچىۋالا تاسادىبىيلىقلارغا ئۇچراپ قالارىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.
(12)
ئايۇپ( مۇختەرنىڭ دوستى)خېلى ئادەمگەرچىلىكى بار بالا بولغاچقا شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن مېنى ئىزدەپ ئەھۋال سوراپ تۇردى ۋە ئارزۇيۇمغا بىنائەن مېنى مۇختەرنىڭ ھالىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇردى. شۇنداقتىمۇ مۇختەرنىڭ نەدە نېمىش قىلىۋاتقانلىقى ماڭا بىر سىر ئېدى. مەنمۇ بۇنى ئايۇپتىن كوچىلاپ سوراشقا ئامالسىز ئېدىم. كۆڭلۈمگە يارىشا دۆلەت بايرىمىغا نەچچە كۈن قالغاندا ئۇ ماڭا تېلىفۇن قىلىپ بايرامدا ئۇنىڭ يېنىغا شاڭخەيگە ئوينىغىلى كېلىشىمنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلدى. مەن بار ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ مەسلىھەت سورىدىم. ئۇ ئاۋال سۆزلىرىمنى بېرىلىپ تىڭشغاندىن كېيىن ئاخىرىدا يەنىلا چىڭدۇغا بېرىپ سىڭلىم بىلەن جەم بولۇشۇمنى توغرا تاپتى. ئەمما نېمىشقىكىن سۆزلىرى بىر خىل تەبئىي بولماي قالدى. مەن بەشىنجى ئايدا چوقۇم شاڭخەيگە بارىمەن دەپ ئۇنىڭغا ۋەدە بەردىم.
لەنجۇ ۋوگزالىدا بىلەت چىقىرىۋېتىپ ئايۇپ (بۇرۇنقى يىگىتىم) بىلەن دوقۇرشۇپ قالدىم. ئۇ « ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!» دەپ سالام قىلىۋىدى مۇسۇلمانلىقنىڭ يۈزى دەپ سالىمىنى ئىلىك ئالدىم.ئەمما ئۇ ئالدىمدا پەقەتلا ئەركىن بولالماي قالدى. ئۇنىڭ خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرىگە، مەيۈسلۈك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە، ئالدىمدا ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك ساڭگىلاپ قالغان پۈتۈن تۇرىقىغا قاراپ قەلبىمنى بېسىپ تۇرغان شۇ ھاقارەت سۆزلىرىنىمۇ سەل ئۇنۇتقاندەك بولدۇم ۋە ئۇنىڭغا سەل ئۇۋال قىلغاندەك ھېس قىلىپ ئىچىم ئاغىرىپ قالدى. ھەمدە يەنە ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن پاك دوستىلۇقۇمنى ساقلاپ قېلىپ مۇناسىۋىتىمنى باشقىغا تەرەققى قىلدۇرمىسام بوپتىكەن، ئىسىل بىر دوسىت قولدىن كەتتى دەپمۇ ئويلاپ كېتىۋاتاتتىم. ۋوگزالغا كىرىپ كېتىۋېتىپ شۇ خىيال بىلەن بۇرۇلۇپ قاراپ قويدۇم. ئۇ شۇ جايدا قولىدا سومكىسىنىڭ بېغىنى ئوينىغاچ ماڭا قارىغىنىچە قىمىر قىلماي تۇراتتى ئالدىمغا قاراپ:«ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە ، يىڭنە سانجار كۆزىگە»دەۋەتتىم ئىچىمدە.
بىر توپ خەنزۇلارنىڭ ئارسىدا ئولتۇرۇپ كېتىۋاتىمەن. ھەممە ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراشماقتا ئېدى. مەن ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي ئېلىۋالغان رومان كىتابىمنى ئوقۇپ ئولتۇرىۋەردىم. ئاچچچىقىمنى بەك كەلتۈرگىنى بۇ خەنزۇلارنىڭ مېنى مايمۇن ئويۇنى ئويناتقاندەك ئورۇن ئالمىشىپ بەر دەپ ئۇياقتىن بۇياققا ئالماشتۇرۇپ يۈرگىنى بولدى. ئاخىر بولماي ئاچچىقىمدا ئەمدى ئالماشمايمەن دەپ چىڭلا ئولتۇرىۋالدىم ۋە ھەرقانچە سۆزلىسىمۇ ئىرىمدىم. ئاخشام بولغاندا ئۇدۇلدىكى ئالتە كىشلىك ئورۇننىڭ ئوتتىرسىدا ئولتۇرغان بىر كىشى يان پىشىنى ئازراق كۆتۈرۈپ كارىت قىلىپ ئىككى ئۈچنى ئوسۇرىۋىدى يېنىدىكلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ غودىرغىنىچە نېرى كىتىپ قالدى. ھېلىقى ئادەم دەل مۇشۇنى كۆزلەپ شۇنداق قىلغان بولسا كېرەك، ئۇلار كېتىشىگىلا ئورۇنغا موكلا چۈشۈپ ئۇيقۇنى باشلىۋەتتى.
كىم بىلپتۇ دەيسىز ئۇنىڭ خورىكىنڭ بايامقى ئوسۇرىقىدىنمۇ قاتتىقلىقىنى. ئۇ شۇ بىر ياتقانچە خورەك تارتىپ ئەتراپتىكىلەرنى ئۇخلاتماي قويدى. كەچ سائەت ئىككىلەردىن ئاشقاندا كۆزۈم ئەمدىلا ئۇيقۇغا ئىلناشقان ئىدى،پويىزدا بىرنىڭ ئۆزىنى تەستەكلەپ يىغلىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىم. يۈرەكلىرىم ئاغزىمغا تىقىلىپ كۆزلىرىمگە ياش ئولاشتى. ئاڭغىچە ياندىكىلەرمۇ ئويغىنىپ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋاز چىققان تەرەپكە كېتىشتى. مەن قورىققىنىمدىن سومكامنى چىڭڭىدە قۇچاقلىغىنىمچە جايمدا قىمىر قىلماي ئولتۇردۇم. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ۋاگۇندا بىرپەس چاقچاق كۆتۈرۈلدى:
-ئۇنى ئېرى ئۇرۇپتۇدە پويىزنى پويىز دېمەي!
-ياق، ياق، ئۇنداق ئەمەسكەن. ئۇ سەل نىرۋىسى ئاجىز ئايال بولسا كېرەك.
-ھەي ئۇنىڭ يۈزى ئاغرىمىغانمىدۇ؟ خېلى بولدى توختىماي ئۇرىۋىردىيا؟
-يۈزنى ئۇرمايۋېتىپتۇ. چاۋاك چېلىپ يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭىكىدەك كۆزىدىن بىر تامچە ياش چىقمايدىكەن تېخى.
-بايقىدىڭلارمۇ؟ ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق چىرايلىقكەن، ناۋادا ناخشا ئېيتىپ قالسا چوقۇم پەيزى ئېيتىدۇ. –بۇ گەپ بىلەن تەڭ ھەممىلا ئادەم پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى ۋە گۈلدۈرلەپ ھېلىقى ئايالنى چۆرىدىۋېلىشتى. ئاڭغىچە ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئوتتىرغا چىقىپ ۋارقىرىدى:
-چاشقانغا قىيىن،مۈشۈككە ئويۇن. كۆرۈڭلار تەييار ھەقسىز كىنو قويىلىۋاتقاندىكىن. بۇنداق پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويساڭلار يامان بولدىۇ سىلەر! ھەي ئىنسانلار، بۇنداق قىلىشىپ كەتمەڭلار، ئازراق بىر مىھىر-مۇھەببەت، ئىچ ئاغرىتىش،ھېسداشلىق، تۇيغۇسى يوقما سىلەردە؟ بىراۋنىڭ ئاجىزلىقىنى چىشلەپ تارتىپ كۈلكە قىلىۋېلىش شۇنچىلىك خۇشاللىنارلىق ئىشمۇ سىلەرگە؟! جاھان نېمانداق بولۇپ كېتىدىغاندۇ بارغانسىرى؟ ھەي توۋا!!
بۇ گەپ بىلەن تەڭ ھەممە ئادەم جايىغا قايتىپ جىم ئولتۇرۇشتى. بۇ كارتىنا ئىختىيارسىزلا مۇختەرنىڭ مەنتىقىسىنى ئېسىمگە سېلىپ ئۆتتى. ئۇ ھەردائىم ماڭا:« ھاياتلىقنىڭ بىر قانۇنىيتى شۇ ئىكەنكى، ئىنسان ئىنساننى تاللىيالمايدىكەن. بىر ئانا بولغۇچى ئۇماق، چىرايلىق، ئەقىللىق، ساغلام بوۋاق تۇغۇشنى ۋە پەرزەنتىنىڭ نۇرمال ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق ئىگىسى ئۇنىڭغا خالىغاننى ئاتا قىلىدۇ. بالا بولغۇچىمۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تېنىنىڭ ساق-سالامەت، بوي تۇرىقىنىڭ قاملاشقان،جەميەتتە بىر كىشلىك ئورنىنى تاپقان يۈز-ئابرويلۇق كىشىلەردىن بولۇشىنى شۇنداقلا ئاتا-ئانىسى بەخىش ئەتكەن تۇرمۇشنىڭ باي-باياشات، شاد-خۇرام بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ-يۇ ئەمما يەنە شۇ ئىگىسى ئاتا قىلغاننى ئاتا-ئانام دەپ يۈرۈشكە مەجبۇر. مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش نۇرمال ئائىلە شارائىتىدىن بەھىرلىنىشنى، ئاتا-ئانا مىھرىگە قىنىپ چوڭ بولۇشنى،خۇشاللىقلىرىمنى شۇلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى، دەردلىرىمنى بولسا شۇلارغا تۆكۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم. لىكىن ماڭا بۇيرۇلغىنى مانا مۇشۇنداق بىر تەقدىر-قىسمەت بولغاچقا ياراتقۇچىدىن رەنجىشنىڭ ئورنىغا بارا-بارا ئۆزۈمدە بارىغا شۈكۈر قىلىپ قانائەت بىلەن ياشاشنى ئۆگىنىۋالدىم. شۇنداق قىلمايمۇ نىمە ئامال! ئىنسان بەزىدە شۇنچىلىك ئاجىز، بىقۇل ئىكەنكى، قولىدىن پەقەت تىلەشتىن باشقىسى كەلمەيدىكەن. شۇڭا كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىماي يۇۋاشلىق بىلەن ئىگىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ بەختىنى تىلىگىنىمىز تۈزۈككەن. لىكىن كىمنىڭ بەختى كىم بىلەن ئىچىلىدۇ ئىگىسى ئۆزى بىلىدۇ.
تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە ھەممىمىز پەقەتلا ئوخشىشىمىز بولمىغان بىردانىلەردىنمىز. شۇنداق بولغان ئىكەن بىز ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن خالىي ھالدا، ئۆزىمىزگە ئىشەنگەن ھالەتتە ياشىشىمىز كېرەك. چۈنكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزى بىر ھېكىمەت. بىر ئىنساندا بار بولغان ئالاھىدىلىك يەنە بىرسىدىن تېپىلماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا قاراپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆرۈش تۇيغۇسىدا بولماي ئۆزىدە بار بولغان ئەۋزەللىكنى قېزىش ئۈچۈن تىرىشىش ئەڭ توغرىسىدۇر. بۇنىڭدىن سىرىت، كبىرىمىزنى ھەددىدىن زىيادە ئۆستۈرىۋېلىپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك ناچار خائىشلاردا بولماسلىقىمىز كېرەك. كىشنىڭ ئاجىزلىقىنى، كەمچىللىكىنى مەسخىرە قىلغان ئادەم يا ئۆزى شۇنداققا ئۇچرايدۇ، يا شۇنىڭغا ئوخشايدىغان قىسمەتكە دۇچار بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانغا باھا بېرىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم. سىزگە بىر ئىنسان شۇنداق ناچار بىلىنىپ كەتسىمۇ، نائەھلى كۆرۈنسىمۇ، ھەتتا سىزگە زىيان سالغان تەقدىردىمۇ ئىمكان بار ئۇنىڭغا شۇ يىرگەنگەن تۇرقىڭىزنى كۆرسەتمەڭ. يەنە كىشىنى ئەيىبىنى ئاچماڭ ھەم بىر كۈنلەردە بىراۋنىڭ سىزنىڭ ئەيبىڭىزنى ئىچىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ. باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىچىش تەس ئەمەس،ئەمما ئۆز ئەيىبىمىز ئېچىلغاندا ئۇنى قوبۇل قىلىش مۈشكۈلدۇر. ئىچكى تۇيغۇلىرىڭىنى ئاشكارە قىلۋىتىشتىن ساقلىنىڭ، خۇشاللىقلار بولسا دەپتىرىڭىزگە يىزىپ قويۇڭ، خاپىلىق بولسا تامنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ يىغلىۋالسىڭىزلا كۇپايە، كۆز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەسمۇ!؟ ھاياتتا ئادەم بەل قويىۋەتمەسلىك كېرەك، ئاللا تەقدىم قىلغاننى ياخشىلاشقا ۋە شۇ ئارقىلىق ئازادە ياشاشقا تىرىشىش كېرەك! ھاياتىنى ئورۇنسىز كبىر ئىچىدە ياكى ئۆزىنى كەمسىتىش ئىچىدە ئۆتكۈزۋىتىشتىن ساقلىنىش زۆرۈردۇر.»
مەن نىرۋىسى ئاجىز ئۇ ئايالنى كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىش تۇيغۇسىدا بولمىدىم، ئەمما ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ئاساستا ئىچىمگە بىر قورقۇنۇچ تۇيغۇسى كىرىۋالغان بولغاچقا شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى يورۇق چۈشكەنگە قەدەر سىڭلىمنى ئۇخلاتمىدىم. تېلىفۇن تارىتسىلا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇردۇم. تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغاندا نەم ھاۋالىق مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولۇشقا باشلىدى. مەن بۇنىڭدىن چىڭدۇغا يېقىنلاپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىم. ئاز قالغانسىرى ۋاقىت شۇنچە ئاستا ئۆتۈپ ئىچىمنى شۇنچىلىك سىقىۋەتتى. ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېلىفۇن ئويناپ ئولتۇرۇپ شۇنداق بىر سۆزگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى:
«باشقىلار سىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قالغاندا كۈلۈمسىرەپ قويۇڭ، بۇ بىر ساپا. ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا كۈلۈمسىرەپ قويۇڭ، بۇ بىر نوچىلىق. زىيان تارىتقاندا خۇشاللىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ رىئاللقىنى قوبۇل قىلىڭ، بۇ بىر جەزبىدارلىق. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا كۈلۈمسىرەڭ، بۇ بىر ئۆزىگە بولغان ئىشەنىچ. دىلىڭىز رەنجىگەن چاغدا كۈلۈمسىرەڭ،ھاياتقا قەيسەرلىك، قىزغىن ھېسىيات بىلەن بېقىڭ، ھاياتى كۈچىڭىز ئۇرغۇپ تۇرسۇن، بۇ بىريۇقىرى چەككە يەتكەنلىك. كەينىڭىزدىن قىلىنغان غەيۋەت-تۆھمەتلەرگە ھەم كۈلۈپ قويۇڭ، چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم...........»
بۇ ئىبارىلەر گۈدەك ۋاقتىمدىكى دوستۇم مۇختەرنى يەنە بىر قېتىم يادىمغا سېلىپ، روھىيتىمنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە قالدۇرغان شۇ تاتلىق ئەسلىمىلەر قوينىدا يەنا بىر قېتىم قايتىدىن ئەللەيلىتىپ چىقتى. چۈنكى ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزلىرىدىن مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەلسەپىۋى ئىدىيەلەر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ماڭا، ماڭا ئاخىرى بۇ يىراق ماكانغىمۇ كەلدىم. سىڭلىمنىڭ بويى ئىگىز بولغاچقا ۋوگزالدىن چىقىپ ئۇنى ئاسانلا تېپىۋالدىم. بىز ئاۋالقىدەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە يۈرۈپ كەتتۇق.
سىڭلىمنىڭ ياتاقداشلىرى مېنى كۆرۈپ چۇرقىرىشىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە يارشا بىردىن-بىردىن قۇچاقلاپ قويدۇم. ئەتىسى مەن ئۇ قىزلارنى خوگو(يەلقەزان شورپىسى) يىيىشكە تەكلىپ قىلدىم. بۇ قىزلارنىڭ قورسىقى توق ھالەتتىمۇ يىيىشتىن يانمايدىغان ئامراق نەرسىسى بولغاچقا ھەممىسى تەكلىپىمنى قوللاشتى. بىز ئاينىگارنىڭ باشلىشى بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمانچە خوگوخانىغا كىردۇق. بۇ يەردە ئۈچ سائەتچە ئولتۇرۇپ قورساقنى توملىۋالغاندىن كېيىن مەن مېنى بازار چۆگلىتىڭلار دەپ تۇرىۋالدىم. ئۇلار مېنى چۈنشىلۇ دەمدۇ ئىشقىلىپ ناھايتى چوڭ بىر بازارغا ئېلىپ باردى. نەرسىللىرىنىڭ قىممەتلىكىدىن ئايلىناي، بۇ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بازاردا شۇ مەملىكەت بويىچە يۇقرى ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان باي خىزمەتچىلەر ۋە كارخانچىلار سودا-سېتىق قىلسا بولىدىكەن دېگەن يەكۈن بىلەن نەچچە سائەت ئايلىنىپ يىڭنە چاغلىق نەرسە سېتىۋالماي قايتىپ چىقتىم.
بۇ چىڭدۇلۇق خەقلەرنىڭ كۆتىدە ئۆچى بارمۇ قانداق،ھەممىلا سەيلىرى شۇنچىلىك ئاچچىق ئېدى. لىكىن مۇئەللىملەرنىڭ دېگىنىدەك بۇخىل تاماقلىنىش ئادىتى چىڭدۇنىڭ كىلىماتىغا ماس بولغاچقىمىكىن مەندە ھېچقانداق غەيرى ئالامەتلەر كۆرۈلمەيلا بۇنىڭغىمۇ كۆنىۋالدىم. بۇ ئاچچىق تەم تۇرۇپلا ماڭا بىرىنى ئەسلەتتى. ئۇ لازىغا بەكلا ئامراق ئېدى. لەغمەننى لازىسىز يېمەيتى. ئىلگىرى مەن مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە چېقىشىپمۇ قوياتتىم. مۇختەرنى ئەسلىشىم بىلەن تەڭ پىنھان دېگەن مۇنبەردېشىمنىڭ رەسىمىمنى ماختىغاندىن بۇيان يوقاپ كەتكەنلىكنى يادىمغا ئالدىم ۋە ئۇنىڭغا كۈتۈلمىگەن بىرەر ئىش بولۇپ قالغانمىدۇ دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.
تۇرۇپلا مېنىڭ يەنە باغچىدا ئوينىغۇم كېلىپ قالدى. بۇ تەلىپىمگە ئاساسەن بىر كۈنى ئەتىگىنى سىڭلىم مېنى خۇاياڭ رايۇنىدىكى نەنخۇ باغچىسىغا ئېلىپ باردى. ئىككىمىز ئۇ يەردە ئوينىغىمىز كەلگەن ئويۇنچۇقلارنى قويماي ئويناپ ھېلى كۈلۈپ، ھىلى چىرقىراپ يۈرۈپ بىر كۈننى كەچ قىلدۇق. سىڭلىمنىڭ توسقىنىغا قارىماي بىر ئويۇنغا چىقىپ قاپتىكەنمەن پۇتۇمنى ئاسمانغا، بېشىمنى يەرگە قىلىپ قويۇپ قۇستۇرۇپ ھارغۇزىۋەتتى. بۇنىڭغا سىڭلىمنىڭ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشلىرى قوشۇلۇپ ئاچچىقىمنى تېخىمۇ كەلتۈرىۋەتتى. شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئەتىسى بىر كۈن تۇرماي ياتاقتا ئورۇنغا چاپلىشىپ جىم ياتتىم.
بۇ قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى تىيەنفۇ گۇاڭچاڭنىڭ يېنىدىن سېتىۋېلىپ يىگەن پىتىر سامسا بولدى. ئۇ كۈنى بىز چىڭدۇنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇيەرگە كەلگەن ئېدۇق. تۇيۇقسىز ئاينىگارنىڭ ماڭا سامسا يىگۈزگىسى كېلىپ قالدى. يۇرتۇمدىكى سارغىيىپ پىشقان، ئوخشىغان پىتىر سامسىلار كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن تەڭ مەنمۇ ئالدىراپ قالدىم. بىز مەيداندىن چىقىپ كۆپ ماڭمايلا بىر ناۋايخانىغا كەلدۇق. سىڭلىم خالتىغا بىر قانچە سامسا سېلىۋىدى، مېنىڭ ياندىكى نانلاردىنمۇ ئېلىۋالغۇم كەلدى. لىكىن ئۇ نانلار بولقا بىلەن ئۇرسا نان ئۇشتۇلماي بولغا سۇنۇپ كەتكۈدەك دەرجىدە قاتتىق ئېدى. شۇڭا بىز نەچچە سامسىنى كۆتۈرۈپلا بۇ يەردىن قايتىپ چىقتۇق.
بىرى بەش يۈەنلىك ئۇ سامسىلار يوغانلا ئېدى. قولۇمغا ئېلىپ بىرنى چىلىشۋىدىم كارامىتى ئاندىن چىقتى. ئۇنىڭ خېمىرى سەھرا ئاياللىرى بۇلاق خېمىردا ياقىدىغان سامسىلارنىڭكىدىنمۇ قېلىن بولۇپ قېتىدىكى ئازغىنە قىيمىسىنىڭمۇ تىڭىدىن تولىراقى ياغ ۋە پىياز ئېدى. مەن سىڭلىمنىڭ چىرايىغا قاراپ قويۇپ ئامالسىزلىقتىن شۇ بىر سامسىنى يەپ تۈگەتتىم. ئۇنىڭ ئالدىدا سامسىنى تاشلىۋىتىش تۈگۈل ئازتولا غەيۋىتىنى سۆزلىگىلىمۇ بولمايتى. چۈنكى ئۇنىڭ يەيدىغاننى قەدىرلەش توغرىسىدىكى «زەھەرلىك» سۆزلىرى تەييارلا ئېدى.
لەنجۇدا ئادەم كۆپ دەپ ئاغرىنسام ئەسلى ئادەمنىڭ ھەممىسى چىڭدۇغا كېلىۋالغان ئىكەن. قايتىدىغان ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ۋوگزالغا كىرىش ئۈچۈنمۇ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئۆچرەت ساقلىدىم. ناۋادا سىڭلىمنىڭ سۆزىگە كىرمىگەن بولسام بۇ ئەھۋالدا پويىزغا ئۈلگۈرەلمەيدىكەنمەنتۇق. مىڭبىر جاپالار بىلەن ۋوگزالغا كىرىۋالغاندىن كېيىن چوڭ ئىكرانغا قاراپ مەن پويىز ساقلايدىغان زالنى ئىزدەشكە باشلىدىم. بىر چاغ بولغاندا بىر ئايال خادىم كېلىپ مەندىن سورىدى؟
-ھەجەپ تۇرۇپ كەتتىڭىز، قايسى قېتىملىق پويىز ئېدى؟
- 2058-نۇمۇرلۇق پويىز ئېدى، كۈتۈش زالىنى پەرىق قىلالمايۋاتىمەن.
-چىڭدۇدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىزكەنغۇ، بۇياققا مېڭىڭ!- مەن ئۇنىڭ باشلىشى بىلەن كۈتۈش زالىغا كىردىم. تەلەيگە بىلەت كېسىشكە ئارانلا ئۈلگۈرگەن ئىكەنمەن. جىدديىچىلىكتە ئاقساقلاپ يۈگرەپ پويىزغىمۇ چىقىۋالدىم. بايرام مەزگىلى بولغاچقىمىكىن مۇشۇ بىرلا پويىزنىڭ قاتتىق ئورۇندۇق بېلىتىلا قالغان ئىكەن. بۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دەپ خۇشاللىق بىلەن ئورنۇمنى تېپىپ ئولتۇردۇم.
مەن ئۇسسۇزلۇق ئېلىۋالمىغان بولغاچقا چاي قۇتامغا قايناقسۇ بىلەن تەمنىلەش ئورنىدىن قايناقسۇ ئېلىپ كېلىپ ئىچتىم. بىر كېچىنى ھىلى قايناقسۇ ئېلىپ كەلسەم ھىلى ھاجەتخانىغا بېرىپ دېگۈدەك ئۆتكۈزىۋەتتىم. بۇمۇ بولغىنىكەن. بولمىسا ئولتۇرىۋىرىپ پۇتۇم ئىششىپ ئايىغىمنىڭ قىستاپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ ئېدى. شۇنداق قىلىپ مەنزىلگىمۇ ئاز قالدى. مەن نەرسىللىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ پويىزدىن چۈشۈشكە تەخ بولۇپ تۇردۇم. پويىزدىن چۈشۈپ بولۇپ يا يىغلىشىمنى يا كۈلۈشۈمنى بىلەلمەي جايىمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم. تۇرۇپلا تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقىدىن شۇنچىلىك يىرگىنىپ كەتتىم. يا بالدۇر ئەمەس يا كېيىن ئەمەس دەل شۇ ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغىنى قىززىق ئېدى.
-قىزچاق، تىزراق ماڭسىڭىز بوپتىكەن، بىز ساقلاپ قالدۇق!- كەينىمدىكى يولۇچىلارنىڭ ئالدىرتىشى ئارقىسىدا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىمنى قوشنا ۋاگۇن ئىشكىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان مۇختەردىن ئۈزۈپ پويىزدىن چۈشۈپ قالدىم ۋە مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىغان ھاياجانلىق ياشلىرىمغا پەرۋامۇ قىلماستىن دەرھال ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋاگۇن ئىچىگە قايتىدىن سەپ سالدىم. ئۇمۇ دېرىزىگە يېپىشقىنىچە سىرىتتىن مېنى ئىزدەۋاتاتتى. تەسۋىرلىگۈسىز بىرخىل ھاياجان ۋە تەقەززالىققا تويۇنغان كۆڭۈل ئەينەكلىرى ئۆز-ئارا بىرلىشىپ كۈچلۈك بىر يالقۇن ھاسىل قىلىۋاتقان شۇ دەملەردە نېمىگىدۇر ئالدىرىغاندەك تىزلا قوزغالغان پويىز دېرىزىنى قاماللىۋالغان ئاپئاق قوللارنى، كۆزلىرىمگە تەشنالىق بىلەن تىكىلگەن بىرجۈپ قاپقارا بۇلاق كۆزلەرنى، ھاياجان ئىلكىدە بارغانسىرى ئىتتىكلىشىپ كېتىۋاتقان ئوتلۇق نەپەسلەرنى مەندىن بارا-بارا يىراقلاشتۇرىۋەتتى...
2-قىسىم تامام.
|