|
ئۆھۈ..ئۆھۈ.....مەن كەلدىم.ئەتگەنتىن مەكتەپتە ئالدىراشچىلىق تورغىمۇ چىقالماي ئىچىم بەك پۇشۇپ كەتكەن.ھازىر كىرىپ بۇ ئەسەرنى ئوقۇشۇم.ئۇنداقتا مەن "ياخشى بوپتۇ"نى قويۇپ قۇسۇر تېپىشنى باشلىدىم ئەمىسە:
بۇ بۆلەكنىڭ ئايرىم جايلىرى رىئال تۇرمۇشتىن ھالقىپ كەتكەندەك تەسىر بەردى ماڭا.بىر قىزنىڭ بىر يىگىتنىڭ ئۆيىگە بېرىشى،بۇپتۇ ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىگە بارسۇن،تاماق ئىتىپ ئۆز قولى بىلەن ،ئۆيلەرنى تازىلاپ كىتىشلىرى ماڭا نورمال تۇيۇلمىدى.شەخسەن مەن قوبۇل قىلالمىدىم.يەنە شۇ ئۆيگە بارغاندىكى تەسۋىرلەر ئىچىدە بۇنداق بىر جۈملە دىققىتىمنى تارتتى:
بوۋامنىڭ چاقىرشىدىن چۈچىگەن ئايقىز قولىنى شارىتتىدە تارتىپ يۈگۈرگەن يېتى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ئايقىزنىڭ بىر پۇتى مېيىپ ئەمەسمىدى؟ مېڭىش ناقولاي ئادەم ،بىر ئېغىز گەپكە خىجىل بۇلۇپ يۈگۈرەلەيدىغان بۇلۇپ كەتتىمۇ؟ياكى مېيىپلىق دەرىجىسى يۈگۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك ئەمەسمۇ؟
باشقا جايلاردىكى تەسۋىرلەردە تىل ئىشلىتىش شۇنچە تاتلىق ،ياخشى چىقىۋاتىدۇ.ئۇتۇقلار يار بولسۇن! |
|
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
|
|
|
|
|