ئۇيغۇر تىلىدا جەمئىي 32 تاۋۇش، 32 ھەرپ بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ ئو ئۇ ئۆ ئۈ ۋ ئې ئى ي
.تىلىمىزدىكى بۇ 32 تاۋۇش ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراش ياكى ئۇچرىماسلىقىغا قاراپ، سوزۇق تاۋۇشلار ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ
سوزۇق تاۋۇشلار: ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىماي سوزۇلۇپ ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلار سوزۇق تاۋۇشلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا سەككىز سوزۇق تاۋۇش ،بولۇپ
ئۇلار: ئا، ئە، ئې، ئى، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ
.يۇقىرىقى سەككىز سوزۇق تاۋۇش تەلەپپۇز قىلىنغان چاغدىكى تىل ئورنىغا ۋە بەزى تاۋۇشلارنىڭ تىلىمىزدىكى رولىغا قاراپ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ
تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار: ئە ئۆ ئۈ
تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار: ئا ئو ئۇ
تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشلار: ئې ئى
يەنە بۇ سوزۇق تاۋۇشلار تەلەپپۇز قىلىنغاندا، لەۋلەرنىڭ يۇمىلاق ھالەتكە كېلىش-كەلمەسلىكىگە قاراپ، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار ۋە لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار: ئو ئۇ ئۆ ئۈ
لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار: ئا ئە ئې ئى
ئۈزۈك تاۋۇشلار: ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراش ئارقىلىق ئۈزۈپ ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلار ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا جەمئىي 24 ئۈزۈك تاۋۇش بار.
ئۇلار:
ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ ۋ ي
ئۈزۈك تاۋۇشلار تاۋۇش چىقىرىش ئورنى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكى جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن بۆلۈنۈشى:
قوش كالپۇك تاۋۇشلىرى: ب پ م
چىش كالپۇك تاۋۇشلىرى: ف ۋ
تىل ئۇچى ئالدى چىش تۈۋى تاۋۇشلىرى: ت د ن ر ل
تىل ئۇچى ئالدى چىش تاۋۇشلىرى: س ز
تىل ئۈستى ئالدى قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى: ج چ ش ز
تىل ئۈستى ئارقا قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى: گ ك ي
تىل تۈۋى يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشلىرى: ق ڭ خ غ
بوغۇز تاۋۇشى: ھ
تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن بۆلۈنۈشى:
پارتلىغۇچى تاۋۇشلار: ب پ د ت گ ك ق
پارتلىغۇچى – سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار: ج چ
سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار: ف ۋ س ز ژ ي غ خ ش ھ
دىماق تاۋۇشلىرى: م ن ڭ
قوۋۇز تاۋۇشى: ل
تىترىگۈچى تاۋۇش: ر
تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكى جەھەتتىن بۆلۈنۈشى:
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار: ب ج د ر ز ژ غ گ ڭ ل م ن ۋ ي ھ
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار: پ ت چ خ س ش ف ق ك
转载请注明:نىيازىم تورى » ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى