QQ ,飞信,微博 دا ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش دېتالى
بۇ دېتال بۇرۇنقى چ چ غا ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش دېتلى /show.asp?id=250 نىڭ كېيىنكى نەشىرى بولۇپ تورداشلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بۇرۇنقى ئىقتىدارلىرى ساقلاپ قېلىنغان ئاساستا تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار قوشۇلدى.
بۇرۇنقى نەشىرىدە پەقەت چ چ غىلا ئەۋەتىشكە بولاتتى بۇ نەشىرىدە يەنە 飞信 ۋە 微博 غىمۇ ئۇيغۇرچە ۋە ULY چە يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى،微博 غا ئەۋەتىش ئىقتىدارى Win7 نورمال ئىشلىمەيدۇ.
ئاۋال بۇ دېتالنى قوزغىتىسىز،دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىدەك:

بۇ دېتالنى قوزغاتسىڭىز ۋەزىپە سىتونىدا كۆرۈنمەيدۇ،ئوڭ تەرەپ ئاستىقنى بۇرجەك(تىل تاللاش رايونى يېنى) دا سىنبەلگىسى كۆرىنىدۇ.
(دېتال تۇنجى قوزغالغاندا خەت نۇسخىسى بولمىسا قاچىلايدىغان بولغاچقا بەزى ۋىروسخورلار تۇسۇشى مۇمكىن تۆۋەندىكىدەك؛

لېكىن ۋىروس يوق،سىز ۋىروسخورنىڭ ئاستىدىكى
بىلەن
نى تاللاپ خاتېرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ يەنە تۇنجى قوزغالغاندا خەتلەر نورمال كۆرۈنمىسە دېتالنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ)سىنبەلگىنى مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن تاق چەكسىڭىز تۆۋەندىلكىدەك تېزىملىك كۆرىنىدۇ

(سىز بۇنىڭدىكى« ئاپتۇماتېك يۇشۇرۇش» دېگەن تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز،ئەگەر سىز QQ ,飞信,微博 غا خەت يېزىش رامكىسىنى ئاچسىڭىز بۇ دېتال ئاپتۇماتېك كۆرۈنىدۇ،باشقا ۋاقىتتا يۇشۇرۇن تۇرىدۇ،تاللانمىنى ئېلىۋەتسىڭىز دائىم كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.)
ئاۋال ئازراق تەڭشەيمىز:
Ctrl+Enter تاللانمىسى:(تېزلەتمە كۇنۇپكاF2)ئەگەر سىز پاراڭلاشقاندا Ctrl+Enter نى بېسىش ئارقىلىڭ سۆز ئەۋەتىشكە ئادەتلەنگەن بولسىڭىز،دېتالدىكى بۇ تاللانمىنى تاللاپ قويسىڭىز،سىز خەت يېزىپ بولۇپ Ctrl+Enter نە باسقاندىن
كېيىن يوللايدۇ،ئۇنداق بولمىسا Enter نى باسسىڭىز يوللايدۇ. QQ نىڭ ئەۋەتىش ھالىتى Ctrl+Enter
(رەسىمدىكىدەك)بولسا بۇ تۈرنى تاللاڭ.
ئاندىن خەت يازماقچى بولغان QQ (ياكى باشقا پاراڭلىشى دېتالى)نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز،ئاندىن خەت يېزىش رامكىسىنى مائۇس بىلەن چېكىپ قويىمىز.بۇ چاغدا «يوللاش»كۇنۇپكىسى كۈلرەڭ ھەلەتتىن يۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.بۇ يوللاش ھالىتىنڭ تەييار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،ئەگەر «يوللاش» كۇنۇپكىسى يانمىسا،تېخى خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنىڭ تاللانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،سىز بۇ چاغدا خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى مائۇس بىلەن چېكىپ قويۇڭ، يانغان بولسا يېزىشنى باشلاڭ.
تېخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز ياردەم ھۆججىتىنى دېتالدىكى سوئال بەلگىسى بار كونۇپكىنى بېسىپ ياكى بىۋاستە F1 نى بېسىپ كۆرۈڭ.
دېتالنىڭ خەت يېزىش رامكىسىغا قارشى تەرەپكە يوللىماقچى بولغان خەتنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن يوللاشنى بېسىش ئارقىلىق ياكى Ctrl+Enter ياكى Enter (قايسىسىغا تەڭشىگەن بولسىڭىز شۇنى) نى بىۋاستا بېسىش ئارقىلىقمۇ يوللاشقا بولىدۇ.
ئەگەر كۇنۇپكا «ئۇ» ھالىتىدە تۇرغان بولسا نۆۋەتتكىكى كىرگۈزۈش شەكلىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،بۇ ھالەتتىكى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرلىشى تۆۋەندىكىدەك:

(بىر كۇنۇپكىدە ئىككى ھەرىپ بولغانلىرى بىۋاستە يازسا ئۈستىدىكى ھەرىپ ،Shift نى بېسىپ تۇرۇپ باسسا ئاستىدىكى ھەرىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ)سىز ئۇيغۇرچە بىلەن سىستېمىنىڭ نۆۋەتتىكى كىرگۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەكچى
بولسىڭىز مۇشۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز ياكى بىۋاستە « Shift »كونۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
بۇ دېتال ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ «ئەلپىدا» خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى ،بۇ نەشىرىدىمۇ بەزى كەمچىلىلكلەر بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلارنى بېرىشىنى سورايمىز.
مۇشۇ دېتال توغۇرلۇق پىكىر تەكلىپ بولسا ئالاقىلىش QQ سى : 1843791748 بىلەن ئالاقىلىشىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى
WWW.NewEra.CC
2012-يىل 3-ئاي (ئۈرۈمچى)
نەشىرى: |
Ver1.85 رەسمىي نۇسخىسى |
سىغىمى: |
2.7MB |
چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ |
چۈشۈرۈش |
(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!)