207.241.237.228 سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز :
دەرسخاناپروگرامما تۈزۈشكە كېتەرلىك يۇمشاق دېتاللار
QQ دا ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش دېتالى

QQ دا ئۇيغۇرچە ئەۋەتىش دېتالى

1.ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى:

ئاۋال بۇ دېتالنى قوزغىتىسىز،ئاندىن خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچىمىز.

ئەگەر «يوللاش» كۇنۇپكىسى يانمىسا،تېخى خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنىڭ تاللانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،سىز بۇ چاغدا خەت يازماقچى بولغان QQ نىڭ پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى مائۇس بىلەن چېكىپ قويۇڭ،

 يانغان بولسا يېزىشنى باشلاڭ،ياردەم ھۆججختىنى  نى بېسىپ ياكى F1 نى بېسىپ كۆرۈڭ.

2.ئىقتىدار چۈشەندۈرلىشى:

1)Ctrl+Enter تاللانمىسى:(تېزلەتمە كۇنۇپكاF2)ئەگەر سىز پاراڭلاشقاندا Ctrl+Enter نى بېسىش ئارقىلىڭ سۆز ئەۋەتىشكە ئادەتلەنگەن بولسىڭىز،بۇ تاللانمىنى تاللاپ قويسىڭىز،سىز خەت يېزىپ بولۇپ Ctrl+Enter نە باسقاندىن

كېيىن يوللايدۇ،ئۇنداق بولمىسا Enter نى باسسىڭىز يوللايدۇ. QQ نىڭ ئەۋەتىش ھالىتى Ctrl+Enter    (رەسىمدىكىدەك)بولسا بۇ تۈرنى تاللاڭ.

2)بىۋاستە:(تېزلەتمە كۇنۇپكاF3)يېزىقنى بىۋاستە ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز بۇ تۈرنى تاللاڭ، QQ دا ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە ئەۋەتكىلى بولمايدۇ،سىز خەنزۇچە قاتارلىق يېزىقلارنى ئەۋەتكەندە بۇ تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

3)ULY:(تېزلەتمە كۇنۇپكاF4) بۇ تۈر ئاساسلىقى يانفۇندا تورغا چىققانلار بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن لاھىيلەندى،يەنە ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ULY(ئۇيغۇرچىنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى) يېزىقىدا يوللاپ بېرىدۇ.

4)يوللاش:بۇ كۇنۇپكا QQ دىكى «يوللاش» كۇنۇپكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر خەت يېزىپ بولۇپ «يوللاش » كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىڭ يوللاشقا ئادەتلەنگەن بولغاچقا بۇ كۇنۇپكا قوشۇلدى.

5)خاتىرە:بۇ مەلۇم بىر كىشى بىلەن پاراڭلاشقان خاتېرە بولۇپ،كومپىيوتېردا ساقلىنىپ تۇرىدۇ،پاراڭلىشىش خاتېرىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز  QQدىكى مەلۇم شۇ كىشى  بىلەن پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچسىڭىز «خاتېرە »كۇنۇپكىسى يانىدۇ

سىز خاتېرە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مەزكۇر كىشى بىلەن  پاراڭلاشقان خاتېرىنى كۆرەلەيسىز ھەم ئۆچۈرۈلەيسىز ۋە ساقلىيالايسىز.

6)ئىزلا: بۇ دېتالنى قوزغاتقاندىن بۇيانقى بارلىق پاراڭلاشقان خاتېرە بولۇپ،،كومپىيوتېردا ساقلانمايدۇ،دېتال ئۆچكەن ھامان بۇ خاتېرىمۇ ئۆچىدۇ،بۇ يەردىن دېتال ئاچقاندىن بۇيان پاراڭلاشقان بارلىق خاتېرىنى كۆرەلەيسىز ھەم ئۆچۈرۈلەيسىز ۋە ساقلىيالايسىز..

7)شەكىل:بۇ ئاساسلىقى پاراڭلاشقاندىكى خەت نۇسخىسى(خەت شەكلى،رەڭگى،چوڭ-كىچىكلىكى)نى تاللايدىغان كۇنۇپكا.

8)«ئۇ» كۇنۇپكىسى: :(تېزلەتمە كۇنۇپكاShift بىلەن Ctrl+K)ئەگەر كۇنۇپكا «ئۇ» ھالىتىدە تۇرغان بولسا نۆۋەتتكىكى كىرگۈزۈش شەكلىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،بۇ ھالەتتىكى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرلىشى تۆۋەندىكىدەك:

(بىر كۇنۇپكىدە ئىككى ھەرىپ بولغانلىرى بىۋاستە يازسا ئۈستىدىكى ھەرىپ ،Shift نى بېسىپ تۇرۇپ باسسا ئاستىدىكى ھەرىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ)سىز ئۇيغۇرچە بىلەن سىستېمىنىڭ نۆۋەتتىكى كىرگۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەكچى

 بولسىڭىز مۇشۇ كۇنۇپكىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز ياكى بىۋاستە  « Shift »كونۇپكىسىنى بېسىپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

8)دائىملىق سۆزلەر تېزىملىكى:ئاستىدىكى تاللانما تېزىملىكتە بەزى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر بېرىلدى،مۇشۇ تېزىملىتىن تاللاپمۇ ئەۋەتەلەيسىز.

 

بۇ دېتال ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ «ئەلپىدا» خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى ،تۇنجى نەشىرى بولغاچقا بەزى كەمچىلىلكلەر بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلارنى بېرىشىنى سورايمىز.

مۇشۇ دېتال توغۇرلۇق پىكىر تەكلىپ بولسا ئالاقىلىش QQ سى : 1843791748 بىلەن ئالاقىلىشىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

يېڭى ئېرا  يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى

WWW.NewEra.CC

2011-يىل 11-ئاي (ئۈرۈمچى)

 

نەشىرى: Ver1.0 رەسمىي نۇسخىسى
سىغىمى: 860 KB
چۈشۈرۈش ئادرىسى؛              چۈشۈرۈش

(ئەگەر سىز ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلىلەرنى بايقىسىڭىز بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!)

2366 ئاۋاتلىقى: 2011-11-3 يوللانغان ۋاقتى:

2008-8-29