‹‹ نازۇگۇم ›› قىسسىسى(سىناق تېما)

موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ
قىممەتلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىيات غەزىنىمىزنى بېيىتقان مۇللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ 19- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىللىردىن بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
موللا بىلال 1823 – يىلى غۇلجا شەھرىدە كەمبەغەل كاسىپ ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتىسى موللا يۈسۈپنىڭ بىۋاستەتەربىيسى ئاستىدا باشلانغۇچ ساۋاتقا ئىرىشتى .كىيىن بىلال ئاتىسىدىن يىتىم قالدى . ئۇ، ئېغىر تۇرمۇش موھىتى ۋە يىتىملىك ئازاۋى ئىچىدە يەنىلا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ تولۇق ئىلمىي ساۋاتقا ئىگە بولدى . ئۇ ئەرەپ ، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئۈگۈنەپ ، شەرق ئەدەبىياتى بىلەن تولۇق تونۇشتى . ئۇ كىلاسسىك مىراسلىرىمىزنى ، خەلق فولكلورىنى ئىجتىھات بىلەن ئۈگەندى .تەپەككۇر كۆزى بىلەن خەلق ئىچىدىكى خارۇ – زارلارنى كۆردى ، كۈلكە – سازلارنى تىڭشىدى.1867 – يىلى تەڭسىزلىككە قارشى كۆتۈرۈلگەن دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئىشتىراك قىلدى . شائىرنىڭ ھاياتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتتى . ئەلەم بىلەن نەرە تارتىپ جەڭگە كىرگەن ، قەلەم بىلەن شېئىرىيەت مۇنبىرىدە زۇلۇم ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان بۆيۈك شائىر ۋاپاتىدىن 6 يىل بۇرۇن ئككى كۆزىدىن ئايرىلىپ 1899 – يىلى ياركەنىتتە دۇنيادىن ئۆتتى . ئۇنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا يېقىن بولغان ‹‹ نازىم›› نامىدىكى نۇرغۇنلىغان شىئىرلىرى بىر ئەسىردىن بۇيان خەلق ناخشىللىرىغا ئايلىنىپ ئېيتىلىپ كەلمەكتە .

شائىر موللا بىلالنىڭ ‹‹ غەزەلىيات›› ( 1851 – يىل) ناملىق شېئىرلار توپلىمى ، ‹‹ كىتاپ غازات دەر مۈلك چىن››(1875 – يىل) ناملىق تارىخى داستانى ، ‹‹ چاڭموزا يۈسۈپخان››(1881 – يىل) ناملىق ساتىراسى ، ۋە ‹‹ نۇزۇگۇم ›› ( 1882 – يىل) ناملىق قىسسىسى ئۇنىڭ ئىجادىيەت مىھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

‹‹ نۇزۇگۇم ›› ناملىق بۇ قىسسە بىلال ئىجادىيتىدىكى خاراكتىرلىق ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . ئۇ قىسسىدە ، خەلقنىڭ ئازاتلىغى ۋە ئەركىنلىگى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىغىنى بېغىشلىغان 19 – ئەسىردىكى جاسارەتلىك ، ئەركسۆيەر ، ۋەتەنپەرۋەر ، باتۇر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تىپىك ئوبرازىنى ياراتتى .

بىز تالانتلىق شائىر موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ‹‹ نازىم››نىڭ ‹‹ نۇزۇگۇم›› ناملىق بۇ قىسسىسىنى 19 – ئەسىرنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە كىتاپخانلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.

مانجۇلار جاھانگىر غوجامنى قەشقەردە تۇتقاندىن كىيىن، ئەرلەرنى ئۆلتۇرۇپ ، خوتۇنلارنى ئىلى شەھرىگە گۇناكار قىلىپ ئەۋەتكەندە ، نۇزۇگۇمنىڭ ئېيتقان ناخشىللىرى.

داۋانخان خان بولۇپ 6 يىل بولغاندا جاھانگىر غوجا قەشقەرگە كىلىپ سوقۇشۇپ قەشقەرنى 6 ئاي سورىغان . كىيىن غۇلجا شەھرىدىن چىنگونىكى دىگەن جاڭجۇڭ نۇرغۇن لەشكەر بىلەن قەشقەرگە كەلگەن . بېيخۇزا، ياڭدارىن دىگەن جاڭجۇڭلار بىلەن بىر بولۇپ ، جاھانگىر غوجا بىلەن سوقۇشۇپ ، غوجىنى تۇتۇپ داۋانخاننىڭ يېنىغا ئېلىپ كىتىپ ، قەشقەردىكى ئەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئاياللارنى غۇلجا شەھرىگە ئېلىپ كىتىپ ، ھەربىر ئايالنى بىردىن قالماققا خوتۇن قىلىپ تۇتۇپ بەرگەن .نۇزۇگۇمنى ئاكىسى بىلەن بىر قالماققا بەرگەن ئىكەن . نۇزۇگۇم شۇ چاغدا بېشىغا كەلگەن دەرتلەرنى يادىغا كەلتۈرۈپ بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ :

تۆگىلەر ئاغزى قاماقتا،

بىر ئاكام بار قالماقتا.

كاپىر قالماقنىڭ دەستى،

مەن نۇزۇكنى ئالماقتا.

تۆگىلەر جايى تاغ باشى،

بولجارىمىز يار باشى.

شۇ بولجارغا يەتكەندە ،

توختىمايدۇ كۆزياشى.

يالاڭ ئاياق سۇ كەچتىم،

تاغنىڭ سۈيىنى ئىچتىم.

چىدالماي قالماق زۇلمىغا،

ئەزىز جېنىمدىن كەچتىم

تاغدىن چۈشكەن تۆت ئاتلىق ،

تۆتلىسى بوز ئاتلىق .

تۆتەيلەننىڭ ئىچىدە ،

مىنىڭ دادام سۇمباتلىق.

دۇردۇن كىيگەن ئاياققا ،

تۆمۈر كىشەن بوش كەلدى.

جېنىم دادام قېشىدىن

بۇ يىللاردا كىم كەلدى.

ئەلقىسسە نۇزۇگۇم ئۆزى موللا ئىدى . بۇغداي ئۆڭلۈك، قارا كۆز ، قارا قاش ، نازۇك بەدەن بولغانلىغى ئۈچۈن قەشقەر خەلقى نۇزۇگۇم دەپ ئات قويغان ئىدى . كۈنلەرنىڭ بىرىدە نۇزۇگۇم تاغدىكى بۇلجار قىلىشقان يارنىڭ بېشىغا بارغاندا ئاكىسى ئابدۇللا غوجىمۇ يار بېشىغا بېرىپ ھال – ئەھۋال ئېيتىشىپ ، يىغلىشىپ ئولتۇرۇپ ئاكىسى ئابدۇللا خوجا سىڭلىسىغا ئېيتىدۇ:

‹‹ ئەي سىڭلىم نۇزۇگۇم ، سەن مۇنداق تۇرمىغىن ، بىر تەرەپكە قېچىپ كەتكىن ، ئەگەر قاچمىساڭ سىنى قالماقلەر ئالورلەر ، تۇققان پەرزەنتلىرىڭ بارچە قالماق بولۇرلەر ، ئۆزەڭ ھەم قارا كاپىرلاردىن بولۇرسەن››

نۇزۇگۇم يىغلاپ تۇرۇپ دىدىكى :

- ئەي جېنىم ئاكا ، مىنىڭ ھەم قاچىدىغان خىيالىم بار، ئەمما سەندىن ئايرىلىپ مەن ئاجىز قانداق قىلورمەن دەر ئىدىم ئەمدى سىنى خۇدايىمغا تاپشۇردۇم ، – دەپ غۇلجا تەرەپكە قاچتى .

قالماقلارنىڭ ئارىسىدا توي مەرىكە بولۇپ ، ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ ئۈچ كىچە – كۈندۇز تاماششا قىلىپ يۈرۈپ نۇزۇگۇمنىڭ قاچقىنىنى بىلمىدى . تۆتىنجى كۈنى بىلىپ قېلىپ نۇزۇگۇمنىڭ ئاكىسى ئابدۇللا غوجىنى تۇتۇپ بىر ياغاچقا تېڭىپ قىينىدى . ئاكىسى ‹‹ قاياققا كەتكىنىنى بىلمەيمەن ›› دەپ ئىقرار بولمىدى .قالماقلار ھەر تەرەپتىن ئىزلەپمۇ تاپالماي قايتىپ كەلدى .

ئەمدى سۆزنى نۇزۇگۇمدىن ئىشىتمەك كىرەك :

نۇزۇگۇم شۇ كىچە قاچقانچە قېچىپ ، تاڭ ئاتقاندا بىر جاڭگالغا كىرىپ ، بىر تالنىڭ تۈۋىدە ياتتى ، كەچ بولغاندا يول يۈردى .نۇزۇگۇم شۇ تەرىقىدە يول يۈرۈپ دەريا بويىغا كىلىپ، پىچىغى بىلەن قۇمۇشلارنى قىيىپ نەچچە باغ قۇمۇشلار بىلەن پەيپەزە ياسىدى . نۇزۇگۇم پەيپەزىگە ئولتۇرۇپ ، دەريا بىلەن غۇلجا شەھرىنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى ئالمۇتاغا يىتىپ كەلگۈچە ، بىر قالماق نۇزۇگۇمنى كۆرۈپ قېلىپ قالماقلارغا خەۋەر قىلدىكى : ‹‹ بۈگۈن تۆت كۈن بولدى ، بىر خوتۇن پەيپەزىگە ئولتۇرۇپ قىبلە تەرەپكە كەتتى .›› قالماقلارنىڭ ئامبىلى بۇ ۋەقەنى يېزىپ كۆرە شەھرىنىڭ ئۇلۇغى جاڭجۇڭغا ئەۋەتتى . جاڭجۇڭ خەتنى ئوقۇپ سولانلارغا بۇيرۇق قىلدىكى :‹‹ ئىزلەپ نۇزۇگۇمنى تېپىڭلار ، قايدا بولسا تېپىپ ماڭا كەلتۈرۈڭلار !›› . ئىككى يۈز ئاتلىق سولان بىلەن بۇتەزەڭگى دىگەن سولانلارنىڭ ئۇلۇغى ئالمۇتاغا بېرىپ، ئۈچ كۈن قۇمۇشلۇقنى ئىزلەپ تاپالمىدى . بۇ ۋاقىتلاردا ئالمۇتادا قۇمۇش كۆپ ئىدى، بىر كىشىنى يۈز كۈن ئىزدەپمۇ تاپماق تەس ئىدى . نۇزۇگۇمنىڭ قۇمۇشلۇقتا يۈرۈپ ئېيتقان ئىككىنجى ناخشىسى شۇدۇركى :

قۇمۇش ئارلاپ كۈن چۈشتى،

يالغۇز بېشىمغا مۇڭ چۈشتى.

مەن نۇزۇكنى تۇتقىلى ،

سولان كاپىرلار چىقتى.

خۇدا سالدى بۇ ئىشقا ،

مىنى تۇغمىش قېچىشقا.

سولان كاپىر بەك يامان،

ئوت قويمىسۇن قۇمۇشقا.

كىرسەم قەشقەر يولىغا ،

قەشقەر يولى يول بولغاي ؛

نۇزۇك ئاجىز بەندىنى،

بىر خۇدايىم ساقلىغاي

قۇمۇشلارغا ئوت قويماس ،

مەن نۇزۇكنى تاپالماس.

مەن نۇزۇكنى تۇتقاندا،

خۇدا ساقلار ئالالماس.

قۇمۇشلۇققا ئوت قويسا،

قېچىپ كىرەي دەرياغا.

ھەرگىز خوتۇن بولماسمەن،

سولان يۈزى قاراغا.

سولانلار نۇزۇگۇمنى تاپالماي ، تۆتىنجى كۈنى قۇمۇشلۇققا ئوت قويدى . قۇمۇشلار كۆيۈشكە باشلىدى . نۇزۇگۇم ئوت تۇتاشمىغان تەرەپكە قاچتى، كەچ بولغاندا قۇمۇشلۇقتىن چىقىپ ، مىڭ – مۇشەققەتلەر بىلەن تاققا يەتتى . بىر مالچىنىڭكىگە باردى. مالچى سورىدى : ‹‹ كىم بولىسىز ؟ …. كىمنىڭ قىزىسىز؟ .. ئىرىڭىزنىڭ ئېتى نىمىدۇر ؟›› نۇزۇگۇم بېشىغا كەلگەن ئەھۋاللارنى مالچىغا ئېيتىپ يىغلىدى . مالچى خوتۇن باللىرى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ ، تائاملار بىرىپ ، نۇزۇگۇمنى تۇيدۇردى . نۇزۇگۇم ئىككى – ئۈچ كۈن شۇ مالچىنىڭ ئاق ئۆيىدە تۇردى.

كۈندۈزى قارىغايلىققا بېرىپ، خوش ھاۋايەرلەردە يۈرۈپ ئاتىسى يادىغا كىلىپ ئېيتقان نۇزۇگۇمنىڭ ئۈچىنچى ناخشىسى

مەن قەشقەردىن چىققىلى،

چۈشەك سېلىپ ياتقان يوق.

ئاتام قويغان چېچىمغا ،

تاغاق سېلىپ تارتقان يوق.

جېنىم ئاتامنى كۆرمەي،

ئۆلۈپ كىتەر بولدۇممەن.

مەن نۇزۇكتەك ھېچ خوتۇن،

يالغۇز چۆلدە ياتقان يوق.

ئاخىر ئاشكارا بولدۇم،

ياشۇنغالى يەر بارمۇ؟

ماڭا قاتتىق كۈن چۈشتى،

ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟

تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى،

سۈزۈپ ئىچەر ئەر قېنى؟

مىنى قەشقەر شەھرىگە،

ئېلىپ قاچار ئەر قېنى؟

ئەلقەسسە ، ئىككى يۈز سولانلار بىرلە بۇتەزەڭگى ۋە يەنە باشقىلار نۇزۇگۇمنى ئىزلەپ تاققا چىقىدىغان بولۇپ ،تاغ تەرەپكە ئاتلاندى . نۇزۇگۇم بۇ خەۋەرنى ئىشتىپ ، كىچىلەپ يەنە ئالماتۇ تەرەپكە قېچىپ كىلىۋىتىپ، سۇلانلارغا ئۇچرىدى. سولانلار ئۇنى تۇتۇۋىلىپ كۆرە شەھرىگە بېرىپ ئۇنى جاڭجۇڭغا تاپشۇردى. شى سەن دالويەنىڭ خوتۇنى قەشقەرلىقنىڭ قىزى ئىدى . شۇ خوتۇنغا نۇزۇگۇمنى تاپشۇرۇپ :‹‹ ساڭا خىزمەت قىلسۇن ›› دىدى.

شى سەن دالويەنىڭ خوتۇنى تولىمۇ خوشال بولدى . چۈنكى بۇ ئىككى خوتۇن قەشقەردە بىر مەھەللىدە ئىدى .

نۇزۇگۇمنىڭ شۇ كۈنلەردە ئېيىتقان تۈتىنچى ناخشىسى :

كەپە قىلدىم ياۋانغا ،

مانجۇ كەلدى داۋانغا.

ئون ئىككى كۈن بولغاندا،

تۇتۇلدۇم بۇ نادانغا .

شىسەن مازا باقشىدۇر ،

ئاغىچىسى ياخشىدۇر.

دەرت ئېيتىشىپ يىغلايمىز ،

لويە كەتسە ئالۋانغا .

ئاتامنى مەن سېغىندىم ،

ئاكامنى مان سېغىندىم .

تىرىكمىكىن شۇ دادام ،

خەۋىرىنى بىلمىدىم.

ئاغامغا يىتەلمەسمەن،

ئاتامنى ھەم كۆرمەسمەن .

ئاتامنى كۆرۈپ ئۆلسەم ،

ھەرگىز ئارمان قىلماسمەن.

ئاتام مۇندا كىلەرمۇ ؟

مىنى ئېلىپ كىتەرمۇ؟

تېچ قەشقەرگە يىتەرمۇ؟

تېچ بارۇرنى بىلمەسمەن.

ئەلقىسسە، شى سەن دالويە نۇزۇگۇمنى سولانغا خوتۇنلۇققا بەرمەكچى بولدى . نۇزۇگۇم دالو يەنىڭ خوتۇنىغا يالۋۇرۇپ يىغلىدى ۋە دىدى :‹‹ مىنى سولانغا بەرمىسە ، مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ئۆلگۈچە قىلسام ! ›› دالويەنىڭ ئاغچىسى دالويەگە نۇزۇگۇمنىڭ ئەرزىنى ئېيتتى . شى سەننىڭ ئاچچىغى كەلدى ۋە : ‹‹ نۇزۇگۇم يۈرەكلىك خوتۇندۇر ، سىنى ھەم يامان ئۈگۈتور ،›› دەپ نۇزۇگۇمنى سولانغا تۇتۇپ بەردى. سولان نۇزۇگۇمنى ئۆز يۇرتىغا ـ ‹‹ سامون››غا ئېلىپ كەتتى . ئۆز قائىدىسى بويىچە نۇزۇگۇمنى ئەمرىگە ئالدى .

سولان خوشاللىغىدا ھاراق ئىچىپ مەس بولدى. شۇ كىچىسى نۇزۇگۇم سولاننى بوغۇزلاپ ئۆلتۈردى. قاچىدىغان چاغدا بىر مۇنچە گۈرۈچ ، تۇز ، بىر مىس قازان ، بىر چىنە ئېلىپ جاڭگالغا قېچىپ كىردى . ئەتىسى سولانلار بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ جاڭ جۇڭغا خەۋەر بەردى . جاڭ جۇڭ دالويەگە بۇيرۇق قىلدى. دالويە ئىككى جاڭيى بىلەن يىگىرمە ـ ئوتتۇز يايىلارنى نۇزۇگۇمنى تېپىشقا ئەۋەتتى .

نۇزۇگۇم شۇ قاچقانچە ئالتە ئاي قېچىپ يۈردى . ئۇنىڭ جاڭگالدا قېچىپ يۈرۈپ ئېيتقان ناخشىسى :

ئالتە ئاي ياتتىم خاماندا،

نان پىشۇردۇم ساماندا.

ئاجىز نۇزۇك جاڭگالدا،

ئاتام يۈرەر قاياندا.

سولان بېرىپ يامۇلغا ،

ئەرز قىپتۇ جاڭ جۇڭغا.

جاڭ جۇڭ يايى ئەۋەتتى،
مەندەك ئاجىز خوتۇنغا.

يايى چىقتى تۇتقىلى،

ئەجدەر بولۇپ يۇتقىلى.

ئونبەش يايى كىلىپتۇر،

نۇزۇگۇمنى تۇتقىلى.

ھېچكىم مەندەك بولمىسۇن،

بالالارغا قالمىسۇن.

بىزگە كەلگەن جاپالار،

ھېچ بەندىگە كەلمىسۇن.

ئالتە ئايدىن يالغۇزمەن،

قەشقەر يولىن بىلمەسمەن.

خۇدا مىنى ساقلىسا،

سولانلارنى كۆرمەسمەن.

ئالماتۇ بولدى جايىم،

بۆرە تۈلكە ھەمرايىم.

خۇدانىڭ ھۆكمى بىلەن،

جاڭگال بولدى ماكانىم.

ئەلقىسسە، يايىلار ئىزدەپ يۈرگەن ۋاقىتتا نۇزۇگۇم ئاش پىشۇرماق ئۈچۈن ئوت قالىدى. نۇزۇگۇم دەريادىن سۇ ئەكەلگىچە ئوت مىسلىگە تۇتۇشۇپ بىر پارچە قۇمۇشلۇققا ئوت كەتتى . يايىلار ئوتنى كۆرۈپ ئات سېلىپ كىلىپ نۇزۇگۇمنى تۇتۇۋالدى.

نۇزۇگۇم يىغلاپ يايىلارغا كۆپتىن – كۆپ يالۋۇردى . يايىلار نۇزۇگۇمغا رەھىم قىلماي ، تۇتۇپ باغلاپ ئاتقا مىندۈرۈپ ، ئاياقلىرىنى ئاتقا باغلاپ تېڭىپ دالويەنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى. دالويە نۇزۇگۇمنىڭ قولىغا كويزا ، پۇتىغا ئۈشكەل سېلىپ دۆڭ يامۇلغا سالدى. دالويە نۇزۇگۇمنى تۇتقىنىنى جاڭ جۇڭغا مەلۇم قىلدى . جاڭ جۇڭ نۇزۇگۇمنىڭ بارچە ۋاقىئاتلىرىنى يېزىپ، داۋانخانغا ئەۋەتتى.

نۇزۇگۇمنىڭ يامۇلدا تۇرۇپ ئېيىتقان ناخشىسى :

مانجۇلارنىڭ ياڭزىسى،

غۇلاچتا بار غاڭزىسى.

چاقاي دىسەم چېقىلماس،

قولۇمدىكى كويزىسى.

خودا بەرگەن غۇنچەمنى،

سولان كاپىر ئۈزمىدى.

سولان كاپىر ئۆيىگە،

نۇزۇك جۇۋان‹‹ توز››مىدى.

ئايىغىمدا ئۈشكەل بار،

بوينىمىزدا تىڭگاڭزە.

ئېلىپ قاچسا نۇزۇكنى،

بولسا ياخشى خوخەڭزە.

يامۇلدا بار ئوغنىسى ،

ئنبەش غۇلاچ توغنىسى.

كۆرسەم ئىككى كىگىزدۇر،

سولانلارنىڭ مۇزەسى.

ئەپيۇن تەرگەن سولاننىڭ،

توڭگۇز يېغى جوزىسى.

ئوڭ قولىدا دوۋزىسى،

سول قولىدا خوۋزىسى.

ئەپيۇن تارتقان جاللاتلار،

دوڭ يامۇلدا ياتىدۇ.

چۈچۈنلۈك – پەنلىك ئۆيدە،

نۇزۇك جۇۋان ياتىدۇ.

داۋانخاندىن خەت كەلسە،

‹‹نۇزۇگۇمنى چېپىڭ›› دەپ.

مۇسۇلمانلار ئېيتىدۇ،

شېھىتلىكنى تېپىڭ دەپ.

مويتوڭزىدا چاپقاندا ،

مەن ئۇ يەردە ئۆلۈرمەن.

موللىلارنىڭ سۆزىچە،

ئالى شېھىت بولۇرمەن.

ئەلقىسسە ، شۇنداق نەقىم قىلۇرلەركىم ، نۇزۇگۇمنىڭ توغرىسىدىن جاڭ جۇڭ داۋانخانغا خەت بەرگەندىن كىيىن،

نۇزۇگۇمنى شى يامۇلغا ئۆتكۈزدى . كىچىسى تۆت يايى ، كۈندۈزى تۆت يايى ساقلار ئىدى.

نۇزۇگۇمنىڭ شى يامۇلدا ئېيىتقان ناخشىسى :

نۇزۇك بىلىڭ باغلاندى،

ئۆلتۈرگىلى راسلاندى.

يالغۇز غېرىپ نۇزۇگۇم،

شى يامۇلغا سولاندى.

ئاتام قەشقەردە قالدى،

نۇزۇگۇم دەپ يىغلايدۇ.

يالغۇز مىھرىۋان ئاكام ،

قالماق ئىچىدە قالدى.

يامۇل ماڭا قىيىندۇر،

ئۆلۈم ۋاقتى يېقىندۇر.

نۇزۇگۇم يەككە يالغۇز،

شى يامۇلغا سولاندى.

كاشكى كۆرسەم ئاتامنى،

قالماقتىكى ئاغامنى.

كاشكى ئۆلۈپ كىتەرمەن.

قەشقەردىكى ئاتامنى.

مەن كۆرمىگەن مومامنى،

مىنى تۇققان ئانامنى.

چەمپەن بېرىپ ئۆلتۈرگەن.

ئۈچ ياشتىكى بالامنى.

ئالدىمىزدا جاللاتلار،

قىلىچىنى ئوينىتار .

مىنى ئۇشبۇ ئۆلۈمدىن،

قانداق كىشى ئاجرىتار.

بۇ ناخشىلار نۇزۇگۇمدىن قالغان ناخشىلاردۇر. تا بۈگۈنگىچە خەلقلەر ئېيتىشۇر.

ئەلقىسسە، جاڭجۇڭ ئەۋەتكەن خەت خانغا قىرىق بىر كۈندە يىتىپ بېرىپ، خاندىن قىرىق بىر كۈندە جاۋاپ خەت كىلىدۇكى :‹‹ بۇ خەت كىچە بارسا كۈندۈزگە قويماي ئۆلتۈرسۇن ، كۈندۈز بارسا كىچىگە قويماي ئۆلتۈرسۇن›› .

خەت بارغاندن كىيىن نۇزۇگۇمنى يامۇلدىن ئېلىپ چىقىپ ، ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ ، مويتۇڭزىغا ئېلىپ يۈردى. خالايىق

سانجاق – سانجاق بولۇپ مويتۇڭزىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى.

نۇزۇگۇمنى ھارۋىدىن چۈشۈرۈپ ، قىبلەرۇ ئولتۇرغۇزدى .نۇزۇگۇم شاھادەت ئوقۇپ ئولتۇردى . بىر جاللات نۇزۇگۇمنىڭ ئالدىدا قىلىچىنى بىلىگەن بولۇپ تۇردى، ئارقىسىدىن بىر جاللات كىلىپ چاپتى، نۇزۇگۇمنىڭ بېشى تىنىدىن جۇدا بولۇپ يەرگە چۈشتى.

ئىككى يۈزدىن ئارتۇق تۇڭگان بار ئىدى ، باشنى ئېلىپ ، تەنگە تىكىپ ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلدى . خەتمە- قۇرئان قىلىپ ياندى.

بۇلارنى موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ كونا سال ئادەملەرنى ئۆيىگە چىللاپ ، سوراپ ، ئاڭلاپ 1882 – يىلى يېزىپ چىققان.

مەنبە : ‹‹ ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا›› دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

بۇ يازما ئالاھىدە شەخىسلەر, ئىجتىمائىي پەن, ئەدەبىيات, تەبىئىي پەن, تەنتەربىيە, دىنىي-ئېتىقاد, سەنئەت, ھەربىي-سىياسىي كاتېگورىيىسىگە يوللانغان. مۇقىم ئۇلانمىسىنى خەتكۈچلىۋېلىڭ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: