• 2010-07-20

    قاراق مۇنبىرى ۋە تورداشلارنى ئەسلەيمەن - [مۇئەللىم خاتىرىلىرى]

    بۈگۈن كومپيۇتېرىمدىكى ماتېرىياللارنى رەتلەۋىتىپ بىربۇلۇڭدا سابىق مۇنبىرىم «قاراق مەرىپەت مۇنبىرى»نىڭ بىرقىسىم ماتېرىياللىرى ساقلانغان ھۆججەت قىسقۇچىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ...كۆڭلۇم ھەقىقەتەنمۇ بىرقىسما بولۇپ قالدى .
    «قاراق» مۇنبىرى گەرچە ئابۇنتىلىرى نەچچە ئون مىڭغا يىتىپ «داڭلىق» بولۇش شەرىپىگە نائىل بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ،بىرەر يىلمۇ ياشالمىغان بولسىمۇ (2009-يىلىنىڭ بىشىدا قۇرۇلغان ) ئۆزخاسلىقى بىلەن بىرمۇنچە ئېسىل پەزىلەتلىك ،قابىل-ئىقتىدارلىق دوستلارنىڭ بىردىن-بىردىن يىغىلىشى ئارقىسىدا ئەمدىلەتىن بىخلاپ ئۇيغۇر توربەتلىرى گۈلزارلىقىدا ئۆزگىچە خۇشھىد چىچىشقا تەرەددۇد قىلىۋاتقان ئىدى ..ئەپسۇس ئۆمىرى قىسقا بولۇپ قالدى .ئىشىنىمەنكى ئەينى  چاغدىكى مۇنبەر ئەزالىرى ھىلىھەممۇ ئۇنى ياد ئىتىپ تۇرماقتا ..
    خىلىلا كۆپ ئەجىر قىلغاچقىمىكىن  ئۇ تۇرمۇشۇمنىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى ،ئۆزگىچە پىكىرلىك تورداشلار نىڭ يازمىلىرى ،پىكىرلىرىدىن كۆپچىلىك قاتارىدا كۆپ نەپلەرگە ئىرىشكەن ئىدىم ...خەيرىيەت .
    بەلكىم ،ئەينى ۋاقىتتىكى مۇنبەر ئەزالىرى توردۇنياسىدىكى سەپەرلىرى جەريانىدا بۇ بلوگقىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىشى مۈمكىن ،ئەگەر سىز شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قالسىڭىز چوقۇم ئۇچۇر قالدۇرغايسىز .


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن قاراق تور بىكىتىنى ئىنتايىن ياقتۇراتتىم.
  • ئىككىڭلارغا كۆپ تەشەككۇر . مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇشلۇق ۋە ئىسىم مۇلازىمىتى ساتقان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم
  • مەن Nijatul . ھى ھى... دېمىسەممۇ بىلىسىز...
    قاراق مۇنبىرىنى ئامال قىلىپ ئاچساق بولاتتى.
    مۇئەللىم回复پرىستان说:
    ئەلۋەتتە يادىمدا ھاھا..بىريىلدىن كېيىن تاساددىبى ئۇچرىشىپ قالدۇق ھە!
    2010-07-20 18:49:53
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئەپەندى، مەن ئەنقا يادىڭىزدىمۇ؟
    Qaraq.Com نى ئېچىۋېتىش خىيالىڭىز يوقمۇ؟ قارىسام ئىسىم ۋە بوشلۇقىڭىزنىڭ ۋاقتى باردەك قىلىدۇ.
    مۇئەللىم回复ئەنقا说:
    بۇ سىزمۇ ؟! قەدىمىڭىزقۇتلۇق بولسۇن ئەنقا!
    2010-07-20 18:52:38