-
2010-07-18
نېمىشقا بەزى كېملىكلەرنىڭ ئاخىرقى نۇمىرى x بولىدۇ - [ئۈنىۋىرسال دەرسخانا]
مېنىڭ كىملىك گۇۋاھنامەمنىڭ ئاخىرقى خانە نۇمىرىxبولوپ ،ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئىدىم ھەم بۇنىڭ ئاۋارىچىلىقىمۇ بولمىغان ئىدى ،بىراق يىقىندا توردا مەلۇم بىر ئىشنى بىجىرىش جەريانىدا كىملىك نۇمىىرنى كىرگۈزۈشكە توغرا كەلدى بىراق ھەرقانچە قىلىپمۇ ،كىملىك نۇمىرىڭىز خاتا دېگەن جاۋابتىن باشقىغا ئىرىشەلمىدىم .
بەيدۇدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىزدەش ئارقىسىدا ئاخىرى بۇنىڭ جاۋابى چىقتى ،ئەسلى بۇ مۇنداق ئىش ئىكەن . دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ئىشلىتىۋاتقان كېملىكنىڭ نۇمىرى 18خانە بولوپ ،بىرقانچە گۇرۇپ ساندىن تەشكىل تاپقان ئىكەن يەنى ئالدىنقى ئالتە خانسىى كىملىك ئىگىسىنىڭ رايۇن ئايرىمىسى )ئادىرىسى( ئۇنىڭدىن كېيىنكى 8خانە سان بولسا كىملىك ئىگىسنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ،ئۇنىڭدىن كېيىنكى 3خانە بولسا ئوخشاش بىرۋاقىتتا تۇغۇلغانلارنى ئايرىش كود نۇمىرى)جىنس پەرق كود نۇمىرى بولوپ بۇنىڭدىكى تاق سان ئەرنى جۈپ سان ئايالنى كۆرسىتىدۇ (
ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى خانسىى يەنە 18-خانىسى بولسا ئىنىقلاش كود نۇمىرى بولوپ ئەگەر سىزنىڭ بۇ نۇمىرىڭىز 0بىلەن 9نىڭ ئارىسىدا كەلسە ھىچقانداق مەسىلە يوق ،ئەمما 10 بولوپ قالسا ،بۇ ۋاقىتتا كىملىك نۇمىرى 19خانە بولوپ كىتىدىغانلىقى ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن ،يەنى بىرى دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە ئېلېلكترۇنلۇق تەكشۈرۈش ئاپاراتلىرىغا پۈتۈنلەي 18خانىلىق كىملىك نۇمىرى قىلىپى يېزىلغان بولوپ 19 خانىلىق كىملىكنى ئەلۋەتتە تۇنۇمايدىكەن .
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار 10دېگەن رەقەمنى رىم رەقىمىدىكى x (10)بىلەن ئىپادىلىگەن ،شۇڭا خاتا چۈشىنىۋالماسلىق كىرەككەنكى بۇ يەردىكى بولسا ھەرگىزمۇ ئېكس(x) ئەمەس ئىكەن .
收藏到:Del.icio.us