مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12730|ئىنكاس: 148

ئىگىز پاشنىلىق يۇمۇرلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4447
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84748
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9944 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 05:16:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىگىز پاشنىلىق يۇمۇرلار


شەھەر ئاتلاپ قەشقەر شەھرىگە كەلگەن ئىككى چوكان بۇ يەرنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىگە مەھلىيا بولۇپ قاپتۇ.
-ئاداش كىيىم ئالامدۇق دەپتۇ بىرى.
-ئالىلى ئاداش. تازا ياخشىسىدىن ئالىلى-دىيشىپ كۆڭلەك كۆرۈپتۇ.
-ئۇستام. بۇ كۆينەكلىرى نەچچە پۇل!
-500 كوي
-چۈشۈرۈپ بەسىلە ئىككىنى ئالىمىز!
-400 دىن بىرىڭلا
-160تىن بىرەيلى. ئىشتانمۇ ئالىمىز
-بىرىشسىلە بولاپتۇ-دەپ پۇلنى ساناپ ئېلىۋاپتۇ. ئەمدى ئىشتاننىڭ سودىسى باشلىنىپتۇ.
-بۇ ئىشتاندىنمۇ ئىككىنى ئالىمىز نەچچە پۇل!
-120دىن بىرىڭلار
-چۈشۈرۈپ بەسىلە.
-چۈشۈگىلى بولمايدۇ!
-ئاباي كۆينەكنى چۈشۈرۈپ بەگەنغۇ؟ ئىشتاننى چۈشۈسىلىمۇ ھىچنىمە بولماس
-كۆينەكنى چۈشۈگەن بىلەن ئىشتاننى چۈشۈرسەك چاتاق چىقىدۇ خانلىرىمممممممممممممممم-دەپتۇ سودىگەر

چوكانلار ئايلىنىپ ئاياق بازىرىغا بېرىپ قاپتۇ. ئۇلار سەل دەككىسىنى يىگەندىن كىيىن سودا شەكلىنى ئۆزگەرتىپتۇ. ئاياقلارنى تاللاپ بىر پاي ئاياقنى ئاپتۇ ۋە ئاياقلىرى نەچچە پۇل-دەپ سۇراپتۇ
-ئاياقنىڭ جۈپتى 360 كوي
-ئىككىنى ئالىمىز تەڭ خەجلىسەك بولا؟
-بولىدۇ خېنىم بولىدۇ! پۇل ئاسىلا
     ئۇلار ئىككىسى خۇشال بولۇپ كىتىپتۇ. ھىلىلا ياندىكى دۇكاندا 350 كوي قىلسا بەرمىگەچكە ئالدىرىشىپ 180 كويدىن پۇلنى سۇغۇرۇشۇپ ئېلىپ سودىگەرگە تەڭلەپتۇ. سودىگەرمۇ پۇللارنى تازا تەكشۈرۈپ ئالغاندىن كىيىن بىرسىگە ئوڭ پاي ئاياق يەنە بىرىگە سول پاي ئاياقنى كۆتەتىپ قويۇپ:
-يەنە ئاياق لازىم بولسا كىلىشەلا-دىگىدەك

چوكانلار ئىچ-كىيىم بازىرىغا بېرىپ قاپتۇ. رەڭگا-رەڭ ئىچ كىيىملار ئۇلارنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپتۇ. لىكىن بۇ ئۇستامغا قانداق سودا قىلىش توغرىسىدا سودا شەكىلنى ئۆزگەتىپتۇ. ئۇ ئۇستام سەت تۇرمىسۇن دەپ < ئىچ مايكا>نى <لەپ-لەپ> دەپ ئاتايدىكەن.
-لەپ-لەپ ئېلىشاملا خانلىرىم، تاللاشسىلا-دەپتۇ سودىگەر.
-ماۋۇ لەپ-لەپ نەچچە پۇل؟-دەپ قىزىلنى تاللاپتۇ  بىرى
-مېنىڭ لەپ-لىپىم قانچە؟-دەپ سوراپتۇ يەنە بىر چوكان
-سېلنىڭ 35 كوي. سېلنىڭ لەپ-لەپلىرى ئىككىكەنغۇ!-دەپتۇ سودىگەر ھېلىقى چوكاننىڭ مەيدىسىنى ئىشارە قىلىپ.

چوكانلار ھېرىپ ئېچىپ يۈرۈپ ئالغان نەرسىللىرىنى كۆتىرىپ چارچاپ قالغىنىغا چىداپ ياغلىق بازىرىغا بېرىپ سوۋغاتلىق ياغلىق ئالماقچى بولۇپ ياغلىق سودىسى قىپتۇ.
-ياغلىق ئالسىلا خېنىم، ياغلىق ئالسىلا
-قانچە ساتلا ياغلىقنى؟-دەپ سوراپتۇ بىر چوكان ھارغىنلىقتىن خوش-ياقا-ياقماس
-قايسىنى ئالىلا. مەكەسىلە، مانى ئالاملا،ئانىمۇ؟ كۆكنى ئالاملا-قىزىلنىمۇ؟ ئاقنى ئالاملا قارىنىمۇ؟ چوڭ ئالاملا كىچىكمۇ؟ بىر ئالاملا، ئىككىنىمۇ؟ توپ ئالاملا پاچىمۇ؟...-دەپ دوكىنىغا كىرىشكە بېسىم ئىشلىتىپتۇ سودىگەر
-قۇمدەك گەپ قىلىدىغان كىشىكەنلىيا، ئاياللىرى بىلەن قانداق جاھان تۇتۋاتقانلا؟-دەپ سوراپ قاپتۇ يەنە بىر چوكان چىداپ بولالماي. ياغلىقچى:
-ۋاي خېنىم. شۇ ئايال غېمى. گىپىمنىڭ تولىلىغىغا ئىككى ئايالنى تۆت قىلاي دەيمىنا

چوكانلارنىڭ قورساقلىرى ئېچىپ ئاشپۇزۇلغا كىرىپتۇ. ئاشپۇزۇل لىق ئادەم بىلەن توشۇقلۇق بولۇپ بىر ئادەمنىڭ گىپىنى يەنە بىر ئادەم ئاڭلىغىدەك ئەمەس ئىكەن. بۇلار تاماق بۇيرۇپ قاپتۇ
-تاڭجاڭ ئۇستام بىزگە يېرىمدىن ئىككى ئاش
-ھە بولىدۇ. لەغمەن يېرىمدىن 34-دەپ ۋاقىرىدى تاڭجاڭ. بۇ گەپنى ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ دەپ يەنە بىرى جۆيلۈپتۇ.
-ۋۇي ئۇستام بىزگە يېرىمدىن ئىككى دىدۇق!
- ھە بولىدۇ. لەغمەن يېرىمدىن 36-دەپ ۋاقىرىدى تاڭجاڭ
     بىردەمدىن كىيىن يېرىمدىن تۆت لەغمەن شىرەگە كەلتۈرۈلدى. بىر چوكان ھەيران بولۇپ سوردى.
-ئۇستام مەن يېرىمدىن ئىككىنى بۇيرىغان؟
-ئۇنداقتا سىلىچۇ خېنىم؟-دەپ يەنە بىرىگە قارىدى تاڭجاڭ
تاماق چىداپ يىيىلگەن بولسىمۇ ئېشىپ قالدى. تاڭجاڭ ئۇلارنىڭ قوپۇشىغا ئۈلگۈرۈپ ئىككى سۇلىياۋ خالتا كۆتىرىپ كىلىپ:
-ئېشىپ قالغىنىنى ئۆيدىكى كۇچۇكلىرىغا دابو قىلىشىۋالاملا-دىگىدەك

چوكانلار چىداپ يېرىمدىن تۆت ئاشنى يەپ، سوغاق گەپنى ئاڭلاپ قورساقلىرىنى تازا توقلىغان بىلەن بىر دەمدىلا ھاجەتخانا ئىزلەپ قالدى. دىمىسىمۇ تازا قىستاپ قالغاندى. ئۇلار ئوپۇر-تۇپۇر بىر ھاجەتخانىنى كۆرۈپ قېلىپ يۈگۈرشۈپ كىرىپ ئۇدۇللا ھاجىتى راۋان تەرەپكە ئۆتمەكچى بوپتى، ھاجەتخانا خۇجايىنى:
-قەغەز ئېلىۋېلىشسىلا؟
-ئالدىرايتۇق! چىققاندا ئالساق بولا؟
-بىزنىڭ قەغەزدە ئېغىز ئېيىتقىنى بولمايتى-دىگىدەك

چوكانلار ئەمدى قايتىش ئۈچۈن بىكەتكە بېرىش ئۈچۈن كىرا ماشىنىسىغا چىقىش ئۈچۈن توسۇپتۇ. ئۇلارنىڭ قولىدا نەرسە-كېرەك بولغاچقا تاكسىنى پۇتى بىلەن توسۇپتۇ. ئەمما تاكىسى توختىماپتۇ. خېلى چاغدىن كىيىن بىر تاكىسى شوپۇرى توختاپتۇ. ئۇ چوكاندىن بىرى تازا جىلە بولۇپ شوپۇردىن:
-ئەجەپمۇ خەق باكىنا. قولىمىزدا نەرسىللىرىمىز جىق بولغاچقا پوتىمىزنى كۆتەرسەك بىرىمو توختاپ قويمىدى. سىز خېلى ياخشىكەنسىز جۇمۇ؟-دەپ ماختاپتۇ شوپۇرنى.
-پۇت كۆتەرسە ئادەم نۇمۇس قىلىدىكەن شۇ! مەنمۇ ئاران توختىدىم باشقىلار كۆرۈپ قالامىكىن دەپ ئەنسىرەپ-دىگىدەك شوپۇر

داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ! چاتما يۇمۇرلارغا قىزىقسىڭىز پات-پات كىرىپ ئوقۇپ تۇرۇڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 01:00 AM  


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 02:48:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قان قۇسۇپ ئۆلمەپتۇ ئاۋۇ لەقۋا خوتۇنلار..............

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77233
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3577
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 04:55:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرنىڭ گەپ سۆزلىرى بەك  ئاچچىق.لىققىدە تەنە باردە.

ئېھ ،گۈلۈم  ئاللاھ  سېنى ھەر جايدا ئامان قىلسۇن!.....

يالغاندىن خالى يالغۇز .....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79360
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5950
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 05:00:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇسام - ئوقۇسام قانمايمەن قەشقىرىمنىڭ گېپىگە .....
بىزنىڭمۇ ئىككى - ئۈچ بۇرەدەر بار، ئەمما سېسسىق گەپ دىگەننى كۈلمەي تۇرۇپ خۇددى ئادەتتىكى پاراڭ قىلىۋاتقاندەك قىلىۋىتىدىغان .....

ئاق ئات مىنىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى شاھزادە بولىشى ناتايىن، بەلكىم ئۇ « تاڭسىڭ » دۇر ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 06:03:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىقى خوتۇنلار بازارنى ئايلىنىپ ئالىدىغان ماللىرىنى ئېلىپ بولۇپ ئاخىردا بىر ئاشخانىغا تاماق يىگىنى كىرىپتۇ. ئاشپەز تاماقنى ئەككىلىپ بەرسە تاماقنى يەۋىتىپ بىرسى كورت قىلىپ ئوسراپ قويغان ئىكەن،

ئاشپەز مۇنداق دەپتۇ،-تاماق يەۋىتىپمۇ كوت قىلپ ئوسارسىڭىز بولامدۇ،تاماقنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي.
ئايال مۇنداق دەپتۇ،-تاماقنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ تاماققا ئورون باكالاۋاتىمەن ؛-دەپتۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91443
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 06:27:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي .. يەنە شۇ ، سېسېق گەپ قىلىپ ئېغىزى سېسېپ قالمايدىغان ،
سېسېق گەپكە نان چىلاپ يەپ ، ئاشقىنىدا باللىرىغا ئۇماچ چەپبېردىغان .
گەپ قىلسا شەھرى پۇرايدىغان ، سېسېق قەشقەلىقنىڭ گەپ  سۆزلېرىما .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   del_Seri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 06:30 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12545
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8897
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 986 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:37:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يالغۇز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80974
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 12:14:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4447
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84748
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9944 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 12:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
del_Seri يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 06:27 AM
ۋاي ۋۇي .. يەنە شۇ ، سېسېق گەپ قىلىپ ئېغىزى سېسېپ قالماي ...

ما گەپ نېمانچە سېسىق! بۇ كىشىم نەلىكتۇ؟ ئاھ پەرۋەردىگاھ!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74187
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3283
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 12:49:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ ئېغىزدىكى چاغدا سىز باشقۇرسىز ،چىقىپ كەتكەندە سىزنى باشقۇرىدۇ دەپتىكەن كونىلار ،شۇڭا قەشقەرگە كەلگەندە گەپ-سوزگە دىققەت قىلىشالا ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش