بامبۇكلىرى كۆككە تاقاشقان بۇ يەر ياپۇنىيەنىڭ كىيوتودا بولۇپ ، بۇ يەرنىڭ نامى "تۇمان تاغ" . سۈرەتتىكى چىغىر يولنىڭ ئۇزۇنلىقى 500مېتىر كېلىدۇ . سىز بۇ يوللاردا ماڭغان ۋاقتىڭىزدا شامالنىڭ بامبۇكلار ئارىسىدىن ئۆتكەن ھەقىقى تەبىئەت ئاۋازىنى ئاڭلىيالايسىز .
ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ گۈزەل باغچىسى ئابىركىلىس باغچىسىدىكى بۇ يولنى ياساشقا 9يىل ۋاقىت كەتكەن.
شىمالى ئېرلاندىيەگە جايلاشقان بۇ يول 300يىللىق تارخقا ئىگە . بۇ يولنىڭ سىرىتقى قىياپىتى كىشىگە سەل ئەنسىزلىك تەسىرى بېرىدۇ . شۇڭا كىشىلەر بۇ يولنى "زۇلمەت چىتلىقى"دەۋالغان.
ھەريىلى كۈزدە گېرمانىيەنىڭ بونن شەھىرىگە جايلاشقان نورۇز گۈللىرى بىلەن پۈركەنگەن بۇ يولدا كىشىلەر نورۇز گۈللىرىنى تاماشا قىلىشىدۇ .
بىرازىليەنىڭ ئالېگرېگە جايلاشقان بۇ گۈزەل يول بىرازىليەنىڭ تارخ ، مەدەنىيەت كۆرۈنۈشىنىڭ بىرقىسىمى.
بۇ يول ھازىرغىچە كۈزلۈك مەنزىرىنىڭ ئەڭ روشەن كارتىنىسى بولۇپ كەلمەكتە .
كۆمۈش ئۈرۈك دەرىخىمۇ ياپۇنىيەنىڭ مەدەنىيىتىدىكى مۇھىم بىر ئەڭگۈشتەر. ياپۇنىيەلىكلەر كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخىنى "ئۈمىدنىڭ مەھسۇلى"دەپ قارايدۇ . سۈرەتتىكى يولغا 65000 دانە كۈمۈش ئۈرۈك دەرىخى ئىشلىتىلگەن . ياپۇنىيەدىكى توكيو شەھىرىگە جايلاشقان.
بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ رومانتىك پويىز يولى بولىشى مۇمكىن. ئوكرائىنانىڭ غەربى قىسمىدىكى بىر كىچىك شەھەر كلېۋېنغا جايلاشقان. يەرلىك كىشىلەر بۇ يەرنى "مۇھەببەتنىڭ ئۆتۈشمە يولى"دەپ ئاتىشىدۇ . چۈنكى بۇ يەرگە ئاشىق - مەشۇقلار كېلىپ بىر-بىرىگە ۋەدە بېرەمىش .
سىرىتقى قىياپىتىدىنلا بۇ يەرنىڭمۇ ياپۇنىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدىڭىز . توغرا بۇ يەر ياپۇنىيەنىڭ كىيوسىيوغا جايلاشقان . سۈرەتتىكىسى بولسا ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ ئەتىۋارلايدىغان ۋىستېرىيە گۈلىدىن ياسالغان چىرايلىق يول . ياپۇنىيەلىكلەر ھەريىلى ئۆتكۈزىدىغان "ۋىستېرىيە گۈلى"بايرىمىدا بۇ يەر كىشىلەر بىلەن توشۇپ كېتىدۇ .
جەنۇبى ئافرىقىدىكى جوخاننېسبۇرگ بولسا دۇنيادىكى ئادەملەر ئۆزلىرى ياسىغان ئەڭ چوڭ ئورمانلىق. بۇ ئورمانلىقتا 10مىليوندىن ئارتۇق دەرەخ بار . دۇنيادا مىقدارى ئاز بولغان 49خىل بىگنونىيە دەرىخى بار . 70مىڭدىن ئارتۇق بىگنونىيە دەرىخى بۇ ئورمانلىقنى كۆك رەڭ ۋە بىنەپشە رەڭگە پۈركۈۋەتكەن.
مەنبە : شىنلاڭ تورى
تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرگىچى : مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قامچا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-28 05:06 PM
|