|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ بىر قازاق قېرىندىشىمىز دىن ھېس قىلغىنىم.
قازاق مىللىتى ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 20-21-كۈنىدىن باشلاپ 3-ئاينىڭ 20-21-كۈنلىرىگىچە نورۇز كۆجەسى ياساپ(ئېتىپ) بارلىق يۇرتداشلىرىنى ئۈيىگە كۆجە ئىچىپ كېتىشكە چاقىرىشىدۇ،بۇ ئەھۋال تاكى ھازىرغا قەدەر ساقلانغان،
مىنىڭ بىلىشىمچە كۆجىگە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا بولمىسا بولمايدىغان رىزىق بولغۇچى ماددىلاردىن سۇ ،(مەلۇم مىقدارسدا )تۇپراق ،(بىر چىمدىم)،يەتتە خىل دان،(بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداينىلا بەزىدە نوقۇتنى قوشۇپ ئىشلىتىش ئومومىيكەن)،مىۋىلىك تۈرلەردىن چىلان ، گۆش (سۈرلىگەن.) پاكلىق سىموۋۇلى بولغان ،( ئاقلىق ئاق يول تىلىگۇچى مەنىسىدىكى ئاقلىققا ئوخشىتىپ)سۈزمە ياكى قۇرت،(سۈزمىنى قاتۇرۇپ ياسىغان مەھسۇلات)ئارلاشتۇرۇلۇپ، كۆجە تەييارلايدۇ، بۇ پائالىيىىتى بىلەن بىر يىللىق مول ھوسۇلغا بولغان ئىشەنچ، ئارزۇ ئارمانلىرى بىلەن يىڭى بىر يىلنى كۈتىۋالىدۇ،بۇ كۆجىنىڭ پايدىلىق تەرىپى ،قىشتا قازاق قېرىنداشلار جىلقا ئېتى (ئات گۆشى)نى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان بولغاچقا مىزاجى ئىسسىق بولۇپ كېتىدۇ، ھەممىمىزگە مەلۇم ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئادەم قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ كېتىدۇ، قازاق قېرىنداشلار مۇشۇ كۆجە بىلەن مىزاجىنى تەڭشەيدۇ.
بۇ پائالىيەت ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوبدانلا قەدىرگە ئىگە پائالىيەت ئىدى،يېقىنقى 2-3يىل مابەينىدە بۇ پائالىيەتنى بەزىبىر ئولىمالار بىدئەت كە چىقارغانلىقتىن بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا كۆپ ئىختىلاپلار بولۇنغانلىقتىن مەن بۇ تېمىدا نوقۇل قازاق مىللىتىدىكى نورۇز توغرىلىقلا توختالدىم، قازاق مىللىتىدىمۇ نى ئولىمالار يېتىشىۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار ئۇزۇن يىللىق مۇنۇپۇللىقتىن ئاران قۇتۇلغىنىدا بىرلىك ،ئىتتىپاقلىقنىڭ قەدرىگە يەتتكەنلىكتىمۇ تاڭ بىلمىدىم، ئولىمالىرى بۇ ئىشنى بىدئەتكە چىقىرىشتا ۋاقتى ئەمەس دەپ قارىسا كېرەك ئەيتاۋۇر بۇ مىللەتكە بۇ ئىشقا بىدئەت دەپ پەتىۋا بەرگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، بۇ نورۇزنى تاكى ھازىرغىچە قائىدىلىك ھالەتتە خاسلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختىلاي،
بۇ بىر ئائىلە كىشلىرى يىراق سەھرادا ياشايدىغان قازاق قېرىنداشلار. بۇ ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا تولىمۇ ئاقكۆڭۈل كىشلەر.
بۇ تېخى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئىش.ئاكام بىلەن بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۈيىگە باردۇق يەڭگەممۇ بار يەنە بىر ئىنىممۇ بار ئىدى، بارماقچى بولغان نىشانىمىز خىلى يىراق، ماشىنىدا بىر قانچە سائەت ماڭىمىز، ئاكام قىززىقچى ئادەم ، يولدا ماڭغۇچە بىزنى كۈلدۈرۈپ ماڭدى، گەپ بىلەن بولۇپ يولدىن ئادىشىپ قاپتۇق،قار قېلىن بولغاچ ماشىنا پېتىپ قالدى ، ھەرنىمە بولسا بۇ بىر مەھەللە ئىچى ئىدى،قورسىقىمىزمۇ شۇنداق ئاچقان، بىر ئاماللارنى قىلىپ ماشىنىنى ئىتتىرىپ چىقاردۇق، ئاكام قىززىقچىلىق قىلىپ مەن سىلەرنى ئوبدان غىزالاندۇراي ھە توختاڭلار دەپ قارىسىغىلا بىر ئۈيگە باشلاپلا كىردى،بىز تېخى ئاكامنى بۇ كىشلەر بىلەن تونۇشكەندە دەپ ئويلاپ كەينىدىن مېڭېۋېرىپتىمىز،دەرۋازىدىن ھويلىغا كىرىشىمىز بىر چال ئالدىمىزغا چىقتى:
- ھوي كەمپىر تېز بول خىزىر كەلدى خىزىر،(بۇ كەلگەن مېھماننى چوڭ بىلگەنلىكتىن ئېيتىلغان تەبرىك سۆزى ئىدى)
-ھە مىنە، مومايمۇ دوڭغاقلاپ ئالدىمىزغا چىقتى ۋە بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى،ۋە بىزنى ئۆيىگە باشلىدى، كېلىنى قولىمىزغا سۇ بەردى،ئوغلى داستىخان سېلىپ ئۈلگۈردى .
شۇنداق قىلىپ بىز بۇ ئۈيدە مېھمان بولۇپ قالدۇق،ئۇلار كۆجە تەييارلاپ مېھمانغا قاراپ ئولتۇرغانكەن ئەسلى،غايىپتىنلا ئۆزلىرىمۇ تونىمايدىغان ناتونۇش كىشلەرنى كۆرۈپ «كىمدى ئىزدەيسىن؟»دەپمۇ قويماي بىزنى «خىزىر كەلدى»دەپ ھۆرمەت قىلىشى مىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.(ئۆز ئارا پاراڭلىشىش جەريانىدا بۇ كىشلەرنىڭ ئاكامنىڭمۇ تونۇشى ئەمەسلىكىنى ئاندىن بىلىپ ئاكامنىڭ خىيالىلىقىغا شۇنداق كۈلگۈم كەلدى،چوپچوڭ بولۇپ قالغاندا نىمە قىلىق بۇ؟ «ھا ..نې جۇمىس؟ »دەپلا ئىشىكتىن چىقىرۋەتكەن بولسا شەيتانلىق قىلغىنىڭغا توياتتىڭ ،دىدىم ئىچىمدە)
بوۋاي قىزغىنلىق بىلەن سۆز باشلىدى،ئۆزىنىڭ بىر قاراپلا قايسى قوينىڭ قايسى قوينىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغانلىقىنى يەنە بىرمۇنچە مالچىلىققا ئائىت تەجىربىلىرىنى شۇنداق خۇشخۇيلۇق بىلەن سۆزلەپ بەردى،
ئاكاملار ئالدى كەينى بولۇپ 2ئاپقۇردىن كۆجە ئىچىشتى. بىزمۇ ئىچتۇق،شۇنداق قىلىپ بۇ يەردىنمۇ ئايرىلىپ يولىمىزغا راۋان بولدۇق، ئەمما بۇ مېھمان دوستلۇقنىڭ مۇشۇ كۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگىنى مىنى ھاياجانلاندۇرماي قويمىدى.(چۈنكى مۇشۇ كەمگچە مېھماننى بۇنچە ھۆرمەت بىلەن كۈتىۋالغانلار بار دىگەندىمۇ ناتونۇش بىرلىرى ئۈيىگە ئۈسۈپلا كىرسە بۇنچە خۇيخاھلىق قىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز ئۇچىرايدۇ.
ئىسلام دىنىدا ئۈيىگە ناتونۇش بولسىمۇ مېھمان كەلسە ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان قائىدە بار ئىدى.ئەمما بۇ قائىدە ھازىر مانا مۇشۇنداق ئۇيەر بۇيەرلەردىلا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپتۇ،شەھەرلەردىغۇ بۇنداق كىشلەرنى چاندا بىر ئۇچىراتمىساق،ھەممىسى ئۆز دۇنيا ئىشلىرى ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش،
شۇڭا تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن، مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمىزنى. مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئالدىن كۆرۈپ بوپتىكەن بۇ ئادەم، تىلى چۈچۈك ،شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى ئالامەت قامچىلايتتى،
ھەي...قازاغىم ....جارايسىڭ.
نورۇزدا ئۇيىمىزگە خىزىر كەلدى دەپ تەرىپلەپ كەتتىڭ،مېھماننى خىزىر سۈپەت چوڭ بىلىپ كۈتىۋالدىڭ.
(مەن بۇ يەردە مىللەتچىلىك قالپىقىنى كۆتۈرۈپ چىقماي بۇ مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوللىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن،بىزنىڭ مىللەتتىمۇ باربۇنداق كىشلەر ،ئەمما مەن بۇ تېمىدا پەقەت مۇشۇ قېرىنداشلار توغرىسىدا توختالدىم، )
مەنبە:http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=23256
ئەسكەرتىش: مەن كۆپچىلىكنىڭ قازاق خەلقىنى چۈشۈنىشىگە ياردىمى بولۇرمىكىن دەپ ئويلاپ بۇ تېمىنى كەڭساي تورىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم. باشقىچە ئىنكاس يېزىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشتىن ساقلىنىڭ. ناۋادا بوغۇزىڭىزغا كەلگەننى يۈتۈۋەتمەي جۆيلۈپ سوغۇقچىلىق پەيدا قىلسىڭىز مەن سىز بىلەن تۇتۇشۇپ قالىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-28 11:58 AM
|
|
|
|
|
|