قەلبلەردىن تۆكۈلگەن لېرىك ئۈنچىلەر
( داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ باقامدۇق)
ساختا سۆيگۈگە سۆز
بىلسەڭ قەلبىم بىر پارچە داغ تەگمىگەن ئاپاق قەغەز ئىدى،سەن جادۇ كۆزلىرىڭ بىلەن مېنى سېھىر قىلىپ، بۇ ئاپئاققىنە قەغەزنى ئاستاغىنە ئېلىۋالغان ئىدىڭ،بۇ ئاق قەغەزگە ئىسمىڭنى،سۆيگۈڭنى،كۈلكەڭنى،قايغۇڭنى،يىغاڭنى خەت قىلىپ يېزىپ چىققان ئىدىڭ....! بۇ قەغەزگە يېزىلغان ھەر قۇر يۈرىكمگە چوڭقۇر ئورنىغان ئىدى،ئۇنى يۈرىكىم قېتىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئەسلا ئويلاپ كۆرمىگەن ئىدىم ،ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۆز قولۇڭ بىلەن يۈرىكىمگە كەشتىلىگەن بۇ خەتلەرنى رەھىمسىزلىك بلىەن ئۆچۈرىۋتىشكە قولۇڭ بارغىنىغا ھېچبىر ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،بىراق رىئاللىق شۇنداق تۇرسا ئىشەنمەيمۇ نە ئامالىم بولسۇن...! بىر تەرەپتىن ئازابلار قوينىدا لەيلەپ يۈرسەم،بىر تەرەپتىن ساختا قىياپىتىڭنىڭ بالدۇر ئاشكارىلىنىشىدىن،تارتىدىغان ئازابلاردىنمۇ بالدۇرراق قۇتىلىدىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم ھەر ھالدا خاتىرجەم بولۇپ قالدى...! ئۆزۈڭنى بالدۇر ئاشكارىلىغىنىڭمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى مەن ئۈچۈن،ئازاب قانچە بالدۇر بولسا ،ئازاب تارتىدىغان ۋاقىتمۇ بالدۇر ئاياقلىشىدۇ مېنىڭچە.....! ‹‹خەير،ساختا سۆيگۈ،مېنى بىر تەرەپتىن ئازاب قوينىغا تاشلىساڭ،بىر تەرەپتىن سۆيگۈنى چۈشىنىشنى،پاك سۆيگۈنىڭ قەدرىگە يېتىشنى،دەرد –ئەلەملەر كەلگىنىدە بەك ئاھ ئۇرۇپ،ئۆزۈمنى تاشلىۋەتمەسلىكىمنى ئۆگەتتىڭ ماڭا...››دەپ پىچىرلىدىم ئۆز –ئۆزۈمگە ئاستاغىنە...!
سۆيگۈمگە سوئال...!
ئاغزىمدا ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىساممۇ،يۈرىكىم،ئاسىي كۆزلىرىم ئاشىقلىقلىقىمىنى ئاشكارىلاپ قويدى ساڭا.توۋا دەيمەن،سېنى قانداق بولۇپ ياخشى كۆرۈپ قالغاندىكەن،سېنىڭ نەرىڭنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىكەن....!؟ تەگسىز سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپالمىدىم، سۆيۈشنى،ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆلچىمى،شەرتى بولمايدىغان ئوخشايدۇ قارىغاندا....! سېنى سۆيدۈم،يۈرىكىمنى كۆرۈنمەس بىر يىپقا باغلاپ تورغاندەك،سەن قاياققا ماڭساڭ،سايەڭدەك ئەگىشىپ ماڭغۇم كېلىدۇ.....! كۆڭۈل دېگەننىڭ يۈگىنى يوقكەن،كىمگە چۈشۈشنى،كىمنى سۆيۈپ قېلىشنى بەلگىلەپ بەرگىلى بولمايدىكەن،ئامالىم قانچە ،كۆڭلۈم ساڭا چۈشكەندىكىن،سېنى سۆيمەي،سېنى ئويلىماي،دىدارىڭنى بىر كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ،يوللىرىڭغا ئوغرۇلۇقچە كۆز تىكمەي،كۆرەلمىگەن كۈنلەردە دورا يېگەن بېلىقتەك خارامۇش يۈرمەي....! ئۈمىدۋارمەن،ئىسمىڭنى دىلمدا زىىكر قىلىمەن،سىمايىڭنى كۆزۈمگە سىڭدۈرىمەن،خىىيالىم بىر سەندە،ھەممە ئىشلىرىمدا،ھەممە ئويلىرىمدا سەن بارسەن....! سېنى يۈرىكمدىن سۆيدۈم ئەزىزەم،سۆيگىنىمنى چۈشىنەرسەنمۇ،،،،؟!چۈشەنگەن بىر كۈنلىرىڭدە مېنى ۋىسال جامىدىن مەي ئىچتۈرەرسەنمۇ؟!ۋەسلىمگە يەتكۈزەرسەنمۇ...؟! كاللامدا ئايىقى چىقماس تەگسىز خىياللار.... خەير،بىر كۈنلەردە بۇ سوئاللىرمنىڭ جاۋابىنى سەندىن تېپىپمۇ ئالارمەن...!
گۈزەلدۇر بۇ دۇنيا شۇنچە....!
ئادەم بىر ئۆمۈر سۈزۈك سۇغا ئوخشاش پاك،رەڭدار چېچەكلەردەك گۈزەل ياشىيالىغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە...! بىراق بۇ مېنىڭ خىيالىم،كۆڭۈل ئارزۇلۇرۇملا خالاس،رىئاللىق ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك بولمايدۇ ھەم ئارزۇ –ئارمانلىرىغا باقمايدىكەن،ئادەملەرنىڭ ھەم نەپسى،تويمىغۇرلىقى ،ئاچكۆزلىكى ئارزۇسىدىكىدەك ياشاشقا يول قويمايدىكەن...! بۇلارنى ئويلىسام ،كۆڭلۈم شۇنچىلىك بىئارام بولىدۇ،بىراق يەنە ئارزۇيۇمدىكىدەك ياشاۋاتقان گۈزەل قەلبلىك كىشىلەرگە قاراپ ‹‹قارا ئەنە،سەن ئارزۇ قىلغاندەك سۇغا ئوخشاش پاك،رەڭدار چىچەكلەردەك گۈزەك قەلبكە ،ۋىجانىي تۇيغۇغا،ئىمان –ئېتىقادقا،ئەخلاقىي –پەزىلەتكە تولغان كىشىلەر ئەتراپىڭدا يەنىلا كۆپ،سەن ئويلىغىنىڭدىنمۇ كۆپ....!›› دېگەنلەرنى ئويلاپ،كۆڭلۈم يەنە خاتىرجەم بولىدۇ. قەلب كۆزۈمنى ناچارنىلا كۆرۈشكە ئەمەس،ياخشىلارنىمۇ كۆرۈشكە ئۈندەيمەن....! دۇنيا مېھر-مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر،دۇنيا ياخشىلىقلار بىلەن تولغان،سىز كۆرىۋاتقان ئازغىنە رەزىللىلكلەر ،ئازغىنە رەزىل كىشىلەر پەقەت تۈمەنلىگەن ياخشىلىقلارنىڭ،نەچچە مىڭلىغان ياخشى،ئاقكۆڭۈل،پاك،دىيانەتلىك كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ بەك جۇلالىنىشى ئۈچۈندۇر خالاس....! قەلب كۆزلىرىڭىز دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى كۆپرەك كۆرۈشنى ئۆگەنسۇن.... ! دۇنيا سىز،مەن،ئۇلار بىلەن گۈزەلدۇر....!
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
ئەسكەرتىش:گۈزەل تىللاردىن شېرىن ،لېرىك ئۈنچىلەر توختىماي تۆكۈلۈپ تۇرسۇن...داۋاملاشتۇرۇپ يېزىشنى خالايدىغان مۇنبەرداشلىرىمغا بۇ تېمامنىڭ ئاخىرى ئامانەتكە قالدى ئەمسە..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-28 02:24 PM
|