  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					
 
 
2-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 00:00ئامىرىكا زاپاس پۇل كومىتىتى(FED)نىڭ 1-ئايلىق ئومۇمىي دوكىلاتى ئىلان قىلىندى .دوكىلاتتا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۆۋەنلەپ ماڭغانلىقى ۋە بۇندىن كىيىن ئامىرىكا ئىقدىسادىنىڭ ئىچكى قوزغاتقۇچقا مۇھتاج ئەمەسلىكى ئوتتۇرغا قويۇلدى .شۇنىڭ بىلەن QE3ئەندىزىسىگە خاتىمە بىرىلدى . 
شۇ سەۋەپ بىلەن ئۆتكەن چارشەنبە ئالتۇن باھاسى 1609 دوللاردىن ئاستا -ئاستا تۆۋەنلەپ كىچە سائەت 12 بولغىچە  1600 ---1590--1580--1570--1560--1554 دوللارغا تىز تۆۋەنلەپ ئالتۇن باھاسى بىر كۈندىلا 60 نوقتا بەش كۈندە 100 نۇقتا چۈشۈپ بۇ يىلقى تۆۋەن نۇقتىغا كەلگەن ئىدى . 
ئاخشام 26 -فىۋرال كەچتە ئالتۇن 1583 دوللاردىن ناھايىتى تىز يۇقۇرى ئۆرلەپ 10 مىنۇت ئىچىدىلا 1600 دوللارنى بۇزۇپ يەنە تىزلىكتە ئۆرلەپ 1610--1620 دوللارغا چىقىپ كەتتى .  
بۈگۈن 27-فىۋرال چارشەنبە ئالتۇن باھاسى 1612 دىن 1604 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى . 
قىسقىغىنە بىر ھەپتىدە ئالتۇن باھاسىنىڭ 70 دوللار چۈشۈپ يەنە بۈگۈن ئەسلى ھالىتىگە كەلگىندىن ئالتۇن مەبلەغچىلىرى بەكمۇ ھەيران قالدى . 
ئۆتكەن چارشەنبە ئالتۇن ناھايىتى تىز چۈشۈپ 1610 دولاردىن 1554 دوللارغا ، خام ئالتۇن ھەر گىرامى 323 يۈەندىن 309 يۈەنگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ بۇ چارشەنبە يەنە 1615 دوللارغا ئۆسۈپ خام ئالتۇن يەنە ئۆتكەن ھەپتىدىكى 323 يۈەنگە كەلدى . 
بۇ بىر ھەپتە ئالتۇن بازىرى ئۈچۈن چوڭ ئۆزگىرىش شۇنداقلا خەۋىپ -ھەم پۇرسەت كەلگەن بىر ھەپتە بولدى .  
ئالتۇن چۈشۈپ كەتكەن ئۆتكەن ھەپتە بىر قىسىم يۇرەكلىك كىشلەر توردىن ياكى ئەمەلى بازاردىن ئالتۇن سىتىۋىلىپ بىرھەپتە ساقلاپ ياخشى بولغان ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئىرىشتى . 
كۆپ قىسىم كىشلەر؛-- بازار 1554 دوللارغا چۈشتى . يەنە چۈشۈش ئىھتىماللىقى چوڭ . چۈنكى ئوباما دوللار قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ، ئامرىكا ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ھەققىدە سۆزلەپتۇ . بۇنداق بولغاندا يەنە چۈشىشى مۆمكىن دەپ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قۇيۇپ بۈگۈن پۇشمان قىلىپ ئولتۇرغانلارمۇ كۆپ . 
قىسقىسى  بازار يۇشۇرۇن خەۋىپ ھەم پۇرسەت بىلەن تولغان . گەپ بىزنىڭ شۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قۇيۇش ياكى قۇيماسلىقتا .  
 
مەنبە ؛ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى    http://www.1miskal.com
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |