مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1695|ئىنكاس: 11

قاراخانىيلار دەۋرىگە قەدەر ئۇيغۇرلاردا داستان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 08:53:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاراخانىيلار دەۋرىگە قەدەر ئۇيغۇرلاردا  داستان

يۈسۈپجان ياسىن

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ خوشاللىقى ۋە قايغۇسى ئايرىم بولىدۇ. تىلى، تارىخى ۋە غايىسى پەرقلىق بولغان مىللەتلەر ئۆز تىلىدا ئۆزىگە خىتاپ قىلىدىغان، ئۆز كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يارىتىدۇ.

ئەدەبىيات ‹‹سۆز بىلەن يارىتىلغان سەنئەت››تۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ‹‹بەدىئىي زوقنىڭ سۆز ۋە يېزىق بىلەن ئىپادە قىلىنىشىدۇر.›› مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى‹‹سۆز›› بىلەن باشلانغان، كېيىن ‹‹سۆز››نىڭ يېزىققا كۆچۈشى بىلەن يازما دەۋر ئوتتۇرىغا چىققان.

بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ناھايىتى باي بىر ئېغىز ئەدەبىياتىمىز بار. ئەپسۇس يازما ئەدەبىياتىمىزنىڭ باشلانغۇچ دەۋرى تېخى تولۇق ھالدا يورىتىلمىدى.

ئەدەبىيات ئەدەب (ئەدەب، تەربىيە، ئەخلاق) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى، تۇيغۇ ۋە تەپەككۇرىنى ئىپادە قىلىدۇ. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزمۇ مىللىي ھاياتىمىزنى، تۇيغۇ ۋە تەپەككۇرىمىزنى، ئارزۇيىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى، تارىخىمىزنى، غايىمىزنى، تىلىمىزنى، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىمىزنى بىلىشىمىز  كېرەك.

مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئۇنىڭ ياشىغان جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى دەۋرگە ئايرىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ ئىتىبارى  بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى چوڭ جەھەتتىن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋر دەپ ئىككى  باسقۇچقا ئايرىشقا بولىدۇ.

  يۇقىرىدا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىنىڭ سۆز بىلەن باشلانغانلىقىنى، كېيىن  سۆزنىڭ يېزىققا كۆچۈشى بىلەن يازما دەۋر ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتۇق. ئەمدى بىز سۆز بىلەن باشلانغان، يازما دەۋرگە كۆچكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىپ كەلگەن ئېغىز ئەدەبىيات تارىخىمىزغا نەزىرىمىزنى بۇرايمىز.

تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسەرلىرى داستاندىن ئىبارەتتۇر. مەلۇمكى، داستان ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدە ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ۋە سەنئەتلىك دەرىجىسى ئەڭ كۈچلۈك بىر تۈر. ئۇ ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇتلىقىنىڭ، تەپەككۇر، دۇنيا قاراش، ئېتىقاد، پەزىلەت ۋە مىللىي قەھرىمانلىق كۆرەشلىرىنىڭ ئۇزۇن شېئىرىي ھېكايىلىرىدىن ئىبارەت. لېكىن، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ داستانغا ئىگە بولۇشى ناتايىن. بىر مىللەتتە داستاننىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن، ئاشۇ مىللەت ئىنساننىڭ ئىدراكلىرىنى ئەڭ ياخشى قوزغىتىدىغان ئەڭ قەدىمكى ۋە ئىپتىدائىي دەۋرلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى كىرەك. بولۇپمۇ ئاشۇ مىللەتنىڭ تارىخىدا خەلقنىڭ ھاياتى ۋە خاتىرىسىدە نەچچە ئەۋلاد ئۇنتۇلماي كەلگەن چوڭ ئۇرۇشلار، ئىستىلا  ھەرىكەتلىرى، مىللىي توقۇنۇشلار، كۆچۈشلەر ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئوخشاش ئالاھىدە ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەن بولۇشى كېرەك. مانا شۇ ۋەقەلەرنىڭ تەسىرى بىلەن شەخسلەردە ئاستا - ئاستا ئورتاق  مەۋقە  ھاسىل بولىدۇ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىللەتلىك خاراكتېرىنى يارىتىپ، دەۋرداشلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىرىشىدۇ. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، مىللىي داستانغا ئىگە بولالمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت قىممەتلىرى ۋە تارىخى بايلىقلىرى تولىمۇ  ئېتىبارسىز بولىدۇ. بۇنداق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىن ئورۇن ئېلىشى بەكلا قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ مۇشۇ بوشلۇقنى ھېس قىلىپ يەتكەن بەزى مىللەتلەر ‹‹سۈنئىي داستانلار››نى يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشقان. يەنە بەزى مىللەتلەر يۇنان، لاتىن ۋە شەرق مىللەتلىرىنىڭ داستانلىرىدىن ئىلھام ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن.

  داستان قەھرىمانلىق تارىخىنىڭ مەھسۇلى. ئاتلىق كۆچمەن تۇرمۇشى، جەڭگىۋار خاراكتېر، ئۇزۇن مۇساپىلىق كۆچۈشلەر، دائىملىق سەپەرلەر، تىز سۈرەتلىك ئۇرۇشلار تۈرتكىسىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەۋملەرنىڭ  تارىخى قەھرىمانلىق بىلەن باشلىنىپ، قەھرىمانلىق بىلەن داۋاملاشقىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىمۇ داستان بىلەن باشلىنىپ، يەنە داستان بىلەن تەرەققىي قىلغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي روھى، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت مەنتىقىسى ۋە تارىخىنىڭ سىرى دەل داستانلارغا يوشۇرۇنغان.

ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى داستانلارغا ئائىت يازما  ھۆججەتلەر قولىمىزدا يوق. لېكىن، داستان تېمىلىرىنىڭ خۇلاسىلىرىنى ۋە بەزى پارچىلىرىنى پارسچە ۋە ئەرەبچە مەنبەلەردىن تاپالايمىز. راشىددىننىڭ ‹‹جامىئۇتتەۋارىخ››، جۇۋەينىنىڭ ‹‹تارىخىي جىھانگۇشاي››، مەسئۇدىنىڭ ‹‹مۈرۇجۈز زەھەب›› ۋە فىردەۋسىنىڭ ‹‹شاھنامە›› قاتارلىق ئەسەرلىرىدە قەدىمكى تۈرك -ئۇيغۇر داستانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بىرىلگەن.

قەدىمكى ئۇيغۇر داستانلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قولىمىزدا بار پارچىلىرى تۈرلۈك مەنبەلەردىن توپلانغان. بۇنىڭ بەزىلىرى ئۆزىمىزدىن يىتىشكەن ۋە يات مىللەتلەردىن چىققان تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن توپلانغان. بەزىلىرى بولسا خەنزۇ، پارس، ئەرەب ۋە رىم مەنبەلىرىدە ئۇچرايدۇ. ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› بىلەن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىمۇ ئايرىم داستان پارچىلىرى تىلغا ئېلىنغان. بۇ داستانلارنىڭ بىر قىسمى مىلادى 11- ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتورلىرى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان. تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە مىلادى 13- ئەسىردىن بۇرۇنقى مەزگىلگە ئائىت، يەنى ساك، ھۇن، كۆكتۈرك، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان داستانلاردىن  تۈۋەندىكىلەر  مەلۇم بولدى:     

1-  يارىتىلىش داستانى

2-  ئالپ ئەرتۇڭا داستانى

3-  شۇ داستانى   

4-  ئوغۇزخان داستانى

5-  كۆكبۆرە داستانى

6-  ئەرگىنەقۇن داستانى

7-  تۆرىلىش داستانى

8-  كۆچ-كۆچ داستانى   

9-  ماناس داستانى

يارىتىلىش داستانى  -- بۇ ، ئالەمنىڭ ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشى  ھەققىدىكى داستاندۇر. بۇنى 19- ئەسىردە رادلوف ئالتاي تۈركلىرى ئارىسىدىن توپلىغان. داستاندا دېيىلىشىچە، ئالەمدە ئاۋۋال تەڭرى قايراقان بىلەن سۇ بار ئىدى. كېيىن تەڭرى قايراقان ئۆزىگە ئوخشاش بىر جانلىقنى يارىتىپ، ئۇنى ‹‹كىشى›› دەپ ئاتايدۇ. تەڭرى كىشىگە بۇيرۇق قىلىپ تۇپراقنى يارىتىدۇ. تەڭرى يەرگە توققۇز شاخلىق بىر دەرەخ تىكىپ، ھەر بىر شاخنىڭ ئاسىتىدا بىر ئادەمنى يارىتىپ، ئۇلارنى توققۇز مىللەت بولسۇن دەيدۇ. لېكىن تەڭرى تۇپراقنى ۋە ئادەمنى ياراتقاندا، كىشى كەينى – كەينىدىن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. تەڭرى ئۇنى ئەرلىك(شەيتان) دەپ ئاتاپ، يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇ دۇنياغا سۈرۈپ، قىيامەتكىچە ئۇيەردە تۇرۇشنى بۇيرىدۇ. ئۆزى كۆكنىڭ ئون يەتتىنجى قەۋىتىدە ئالەمنى باشقۇرىدۇ. بۇ داستان قەلەمگە ئېلىنغىچە بولغان جەرىياندا، ھىندى، ئىران مەدەنىيىتىنىڭ ۋە شامانىزمنىڭ قىسمەن تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئالپ ئەر تۇڭا داستانى -- مىلادىدىن بۇرۇنقى 7- ئەسىردە ياشىغان ۋە ئىرانلىقلار تەرىپىدىن ئافراسىياپ دەپ ئاتالغان ساك ھۆكۈمدارىغا ئائىت بولۇپ، داستاننىڭ ئاساسىي پارچىلىرى فىردەۋسىنىڭ ‹‹شاھنامە›› داستانىدا ئۇچرايدۇ. ئالپ ئەرتۇڭا شۇ ۋاقىتتىكى تۇران - ئىران ئۇرۇشىدا ئىراننى كۆپ قېتىم يېڭىپ شۆھرەت قازانغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 624- يىلى ئىران(مېدىيە) پادىشاھى كىياكسارىس تەرىپىدىن يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن. ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تىمۇ ئالپ ئەرتۇڭانىڭ ئۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك پارچىلار تىلغا ئېلىنىدۇ. ئالپ ئەر تۇڭانىڭ خاتىرىسى تۈركىي قەملەر ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان. كۆكتۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ ‹‹يوغ››(دەپنە مۇراسىمى) ئۆتكۈزۈلگەن. بىزەكلىك تام رەسىملىرىنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ قانغا مىنەلگەن كۆرۈنىشى ئىشلەنگەن.(1)

   شۇ داستانى -- ساكلارغا ئائىت ئىدى. داستانغا نامى بىرىلگەن شۇنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردە ياشىغان ساك ھۆكۈمدارى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا. داستاندا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى چۈشەندۈرۈلگەندىن كېيىن، ماكىدونىيەلىك ئىسكەندەرنىڭ ئىراندىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان يۈرۈشلىرىدىكى ئىستىلا ئۇرۇشلىرى ۋە بۇ ئۇرۇشلارنىڭ تۈركىي قەۋملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سۆزلىنىدۇ. بۇ داستانغا ئائىت مەلۇماتلار ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە ئۇچرايدۇ.

ئوغۇزخان داستانى --  ھازىر ئۇيغۇرلاردا ‹‹ئوغۇزنامە›› دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بۇ داستان ئەسلىدە ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىدى. داستاننىڭ تېمىسى ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇرنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ھالدا، مىلادى 13- ئەسىرگە قەدەر بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بىرىدۇ. داستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ دۆلەت پەلسەپىسىنى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۇلارنىڭ دۇنياۋىي  ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 17- ئەسىردە ياشىغان تۈرك ئالىمى ۋانى مەھمەد ئەپەندى  دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە ‹‹قۇرئان›› نىڭ ‹‹ئەل كەھف›› سۈرىسىدە سۆزلىنىدىغان زۇلقەرنەيىننىڭ ئوغۇزخاننى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇ خۇسۇستا ئىككىلىنىدىغان ھېچقانداق بىر نوقتا يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.(2)

   ‹‹ئوغۇزنامە›› داستانى  ئوتتۇرا ئەسىردە باشقا مىللەتلەرگىمۇ مەلۇم بولغان. ھەتتا بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ داستان ساسانىيلار دەۋرىدە پارىسچىغا، كېيىن پارىسچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ھەقتە مەملۇكلار دەۋرىدە ياشىغان مۇئەللىپلەردىن ئايبەگ ئەد- دەۋادەرى ‹‹دۇرەر ئۇت - تىجان ۋە گۇرەرۇ ئىل – تەۋارىخ ئىل – ئەزمان›› دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: ‹‹تۈركلەرنىڭ ئىككى مۇقەددەس كىتابى بار. بىرى ‹ئۇلۇغ خان ئاتام بىتىگ›، يەنە بىرى ‹ئوغۇزنامە›دۇر. ‹ئوغۇزنامە›نىڭ پارسچە تەرجىمىسى ئەبۇ مۇسلىمنىڭ خوراساندىكى   كۇتۇپخانىسىدىن باغدادقا كەلتۈرۈلگەن.  ھارۇن رەشىد ئۇنى نېستۇرى تېۋىپ جىبرىل بۇختيىشۇغا بۇ پارسچە تەرجىمىسىدىن ئەرەبچىگە ئاغدۇرغۇزغان. جىبرىلنى ھارۇن رەشىدكە ئاقھۇنلۇ ئوسمان تۇنۇشتۇرغان.››(3) لېكىن، بۇ تەرجىمىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئاساس بولغان تۈركچە نۇسخا دەۋرىمىزگە قەدەر يىتىپ كىلەلمىگەن. موڭغۇللار دەۋرىدە ‹‹ئوغۇزنامە›› داستانى كەڭ يېيىلغان. دەشتى قىپچاق ۋە غەربىي ئاسىيادا بۇ داستاننىڭ ھەر خىل ۋارىئانتلىرى بارلىققا كەلگەن. موڭغۇللار ئەزەربەيجاننى ئىشغال قىلغان چاغدا ئابدۇلھەق ئىبن سۇلايمانۈل ئەزەربەيجانى موڭغۇل قاملىرىنىڭ ئاغزىدىن ‹‹ئوغۇزنامە›› داستانىنىڭ بەزى مەنقىبەلىرىنى ئاڭلاپ خاتىرىلىۋالغان. جون پائۇل روكس بۇ داستاننىڭ موڭغۇللار  دەۋرىدىكى تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : ‹‹بىر مانى مۇھىتىدا شەكىللەنگەن بۇ بۈيۈك ئۇيغۇر داستانىنىڭ بۇ قەدەر كەڭ تارقىلىپ  تەسىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا، خەنزۇلارغا، ھەتتا ماركوپولوغا قەدەر ئۇلىشىشى ھىچ سەل قارايدىغان ۋەقە ئەمەس. بۇ داستان ئوغۇز، نايمان، ئۆڭگۈت، قالماق، ئۇيرات ۋە باشقا تېخىمۇ كۆپ خەلقنىڭ داستانلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن.››(4)  ‹‹ئوغۇزنامە›› داستانىنىڭ ھازىر بىزگە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى 1300- يىلى تۇرپاندا كۆچۈرۈلگەن. بۇ نۇسخا  ھازىر پارىژ مىللىي كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ نۇسخا ۋ. باڭ بىلەن رەشىد رەھمەتى ئارات تەرىپىدىن ئاۋۋال 1932- يىلى نېمىسچە تەييارلانغان. كېيىن 1936- يىلى رەشىد رەھمەتى ئارات ئۇنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، ‹‹ئوغۇز قاغان داستانى›› دېگەن نام بىلەن ئىلىم دۇنياسىغا سۇنغان. داستاننىڭ باشقا نۇسخىلىرى ئىسلامىيەت دەۋرىگە ئائىت.

كۆكبۆرە داستانى -- مىلادى 6-8- ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا  ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرلەرگە ئائىت ئىدى. بۇ داستان خەنزۇ مەنبەلىرىدە ئايرىم - ئايرىم ئىككى رىۋايەت شەكلىدە خاتىرىلەنگەن. ئاشۇ مەنبەلەردە بۇ رىۋايەتلەرنى پۈتۈنلەشتۈرىدىغان باشقا مەلۇماتلارمۇ  بار. داستاندا قوشنا ئەل تەرىپىدىن قىرىپ تاشلىنىپ نەسلى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن كۆكتۈركلەرنىڭ قايتىدىن كۆپىيىپ كۈچىيىشىدە بىر كۆكبۆرىنىڭ ‹‹ئانا بۆرە›› سۈپىتىدە رول ئوينىغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

ئەرگىنەقۇن داستانى -- كۆكتۈركلەرگە ئائىت يەنە بىر داستان بولۇپ، مىلادى 13- ئەسىردە ئىلخانىيلارنىڭ ۋەزىرى راشىددىننىڭ ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن. داستاندا كۆكتۈركلەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ قىرىپ تاشلانغاندىن كېيىن ئىلخاننىڭ ئامان قالغان ئوغلى قايان(قايى) بىلەن ئىلخاننىڭ جىيەنى تۇقۇز ئىككىسى خۇتۇن ۋە بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ، ‹‹ئەرگىنەقۇن›› دېگەن جايغا يۇشۇرۇنۇپ  ھاياتىنى ساقلايدۇ. ئۇلار بۇ يەردە 400 يىل ياشاپ كۆپىيىدۇ. ئۇلار بۇ يەردىن چىقىپ يېڭى بىر ماكان تۇتماقچى بولغاندا، بىر تۆمۈر تاغنى ئېرىتىپ ئۇ يەردىن يول ئاچىدۇ. بىر كۆكبۆرىنىڭ  يول باشلىشى بىلەن ئۇ يەردىن چىقىدۇ  ھەم دۈشمەنلىرىدىن قىساس ئالىدۇ.

  تۆرىلىش داستانى -- مىلادى 745- 840- يىللاردىكى ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە   ئائىت ئىدى. بۇ داستان ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى ئىلاھىي بىر مەنبەگە باغلاش ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. داستاندا دېيىلىشىچە،  ھۇن تەڭرىقۇتى ئۆزىنىڭ ئىككى مەلىكىسىنى تەڭرىگە ياتلىق قىلماقچى بولىدۇ.  ئۇ دۆلىتىنىڭ شىمال تەرىپىدە بىر قورغان ياسىتىپ، قىزلارنى ئۇ يەردە ساقلايدۇ. نىھايەت بىر كۈنى تەڭرى كۆكبۆرە شەكلىدە كېلىپ كىچىك مەلىكە بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ ئىككىسىدىن تۇغۇلغان بالىلار  ‹‹توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاۋازىمۇ كۆكبۆرىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كىتىدۇ ۋە كۆكبۆرە روھى بىلەن كۆپىيىدۇ.

كۆچ - كۆچ داستانى -- ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولۇپ، ئۇنى تۆرىلىش داستانىنىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ داستان خەنزۇ ۋە پارس مەنبەلىرىدە ئوخشىمىغان ئىككى خىل رىۋايەت شەكلىدە خاتىرىلەنگەن. ئىران تارىخچىسى جۈۋەينىنىڭ ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، داستاندا تىلغا ئېلىنىدىغان ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئەسلىدە مانىنىڭ ‹‹ئىككى ئاساس›› ناملىق ئەسىرىدىكى ئىككى تۈپ دەرەخكە سىمۋول قىلىنغانلىقى ھەققىدە بەزى قاراشلارمۇ بار. بولۇپمۇ  ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا تېپىلغان ئابىدىلەرنىڭ بىرىدە بۇ داستاننىڭ يېزىلغانلىقىنى  ئالغا سۈرىدۇ.(5) ‹‹كۆچ - كۆچ داستانى››دا مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە سائادەت كەلتۈرگەن بىر قىيا(قۇتلۇق تاغ) نىڭ تابغاچلارغا بىرېۋىتىلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەيران بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە كۆچكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.

ماناس داستانى --  بۇ داستان ھەققىدە تۈركىيە ئالىمى نىھال ئاتسىز مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ ‹ماناس› داستانى تۈركلەر ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن تۇنجى داستان  بولغاچقا، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچ - كۆچ داستانىنىڭ داۋامى  ھېساپلىنىدۇ. بۇ داستان مىلادى 11- ۋە 12- ئەسىرلەردە يەتتىسۇ ۋادىسىدا مەيدانغا كەلگەن. ئىسلامىيەتنى تارقىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان ئەر ماناس دېگەن پەۋقۇلئاددە بىر قەھرىماندىن سۆز ئېچىلىدىغان بۇ داستان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پۈتكۈل تۈركلەرگە  ئورتاق ئىدى. كېيىنچە زور تارىخىي ۋەقەلەر بۇ داستاننى نۇرغۇن تۈرك قەۋملىرى ئىچىدىن ئۇنتۇلدۇردى. بۈگۈن پەقەت قىرغىزلار ئارىسدا مەۋجۇت بولغان بۇ داستان مىلادى 19- ئەسىردە قەلەمگە ئېلىنغان. مەلۇمكى، بۇ داستاندا تارىخىي تۈرك داستانلىرىنىڭ ئورتاق موتىفلىرى بار. يەنى بۇنىڭ تېمىسى قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئات قەھرىماننىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئايال ئەر بىلەن تەڭداش ئورۇندا تۇرۇپ، ئەرنىڭ ۋاپادار سەپدىشى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ دائىم ئېرىگە ياخشى نەسىھەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىماسلىق ئىنساننى ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچار قىلىدۇ. قاراخانىيلار دەۋرىدە ماناس دېگەن بىر قەھرىماننىڭ ياشىغان ياكى ياشىمىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بەلكىم بۇنداق بىر كىشى ياشىمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ‹ماناس داستانى›دا كۆرۈلگىنىدەك، بۇتپەرەستلىك بىلەن كۆرەش قىلغان مۇسۇلمان - تۈرك قەھرىمانلىرى يىتىشىپ چىققان. ماناس دەل بۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىنىڭ ياكى  ھەممىسىنىڭ بىر بىرلەپ  مىللەت خاتىرىسىدە ئورۇن ئالغان ئەدەبىي ۋە ئەبەدىي سىمۋولىدۇر.››  

  ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەت دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن شائىرلار تەرىپىدىنمۇ  مەخسۇس داستانلار يېزىلدى. بۇ داستانلار تېما ۋە  ئۇسلۇب جەھەتتىن ئەرەب ۋە پارىس ئەدەبىياتىنىڭ  كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن مىللەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان  خەلقنىڭ ئىچىدە يەنىلا ساپ مىللىي تۇيغۇنىڭ  مەھسۇلى بولغان ۋە سىرتنىڭ تەسىرىدىن خالى نۇرغۇن ھەقىقىي داستانلار داۋاملىق مەيدانغا كەلدى. شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، تارىخي رىۋايەتلەر ۋە تارىخي داستانلارنىڭ رېئاللىققا يېقىنلىق نىسبىتى تۈرلۈك مىللەتلەردە ناھايىتى پەرقلىق ھالدا كۆرۈلىدۇ. تۈرك- ئۇيغۇر داستانلىرىنىڭ رېئاللىققا يېقىنلىقى، مۇبالىغىدىنمۇ يىراقلىقى ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن بېرى ئىسپاتلىنىپ كەلگەن بىر خۇسۇسىيەتتۇر.(6)            

مانا شۇ مىللىي داستانلاردا تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن قاپىيىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىلگەن، شۇنىڭدەك شەكلى تۆتلۈك(بۇغۇم ۋەزنى) ۋە قوشاق تىپىنى ئاساس قىلغان. بەزى داستانلاردا قىسمەن ھالدا نەزمىي  ۋە نەسرىي  تۈرلەر  ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسلىدە نەزمىي ھالەتتە ئېيتىلغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. يەنە بەزى داستانلار نەسرىي شەكىلدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. ئۆز ئالدىغا بىر قەھرىمانلىق ۋە پەزىلەت ئابىدىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ داستانلار مىللىي ۋە بەدىئىي ئامىللار جەھەتتىن باشقا مىللەتلەرنىڭ داستانلىرىدىن ناھايىتى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. يامانلىق ۋە رەزىللىكتىن خالى ھالدا قەھرىمانلىق، ئەخلاق - پەزىلەت، ۋەتەن ۋە مىللەتكە ساداقەت بىلەن كۈچ بىرىش پىكرىگە تايانغان داستانلىرىمىز ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ھەقىقىتىنى يۇغۇرۇپ چىققان بۈيۈك قىممەتلەر بىلەن تولغان. شۇ ۋەجىدىن تارىخىمىزدا يارىتىلغان پۈتكۈل مىللىي داستانلىرىمىز ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەش ۋە يىتىشتۈرۈشتە مىللىي دەرسلىك بولۇش رولىنى ئوينىغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يازما ئەدەبىيات دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ داستان ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغان. 8- ئەسىردە تىكلەنگەن ‹‹ئورخۇن ئابىدىلىرى›› بۇنىڭ تۇنجى ئۆرنىكى ھېساپلىنىدۇ. بۇ ھەقتە مەشھۇر تۈركولوگ، ئەدەبىياتشۇناس م. فۇئاد كۆپرۈلۈ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹بەزى پارچىلاردا ئىپادىلەش شۇ قەدەر جانلىق ۋە ئاھاڭدار، شۇ قەدەر سەمىمىي ۋە چوڭقۇر ھېسلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇكى، بۇ يەردە ناھايىتى كۈچلۈك ‹ئىجتىمائىي بىر لېرىكىزم› بىلەن ‹داستانىي بىر روھ› ئۆزىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلدۇرىدۇ.››(7)  دېسە، س. گ. كلياشتورنىي بىلەن ت. ئى. سۇلتانوف ‹‹پۈتكۈل ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك ئەدەبىياتىدا خىتابەت سەنئىتىنىڭ ۋە ئەسىرلەر بويى ئوتتۇرىغا چىققان قەھرىمانلىقلارنى تېما قىلغان ئاغزاكى داستانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي شەكىللىرىنى ساقلىغان سىياسىي نەسىر تۈرىنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇق پارلاق ئۆرنىكى يوقتۇر›› (8) دەپ تەرىپلىگەن. جون پائۇل روكس بولسا ‹‹خېلىلا ناچار بىر شەكىلدە يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما داستانىي ۋە شائىرانە ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر خىل ئەدەبىي ئەسەر خاراكتېرىنى ئالغان بۇ تېكىستلەر دىنىي تەمسىللەر، ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە تېمىسىدا كەسكىن بىلىملەرنى بەرگەن››(9)  دەيدۇ.

بۇ يەردە شۇ بىر نوقتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىي قەۋملەرنىڭ تارىختىكى كۆپ قېتىملىق كۆچۈش ۋە يۆتكىلىشى، ئاتلىق ۋە جەڭگىۋار تۇرمۇش شەكلى، بولۇپمۇ قەھرىمانلىقنى تېما قىلغان داستان ئەدەبىياتى ئۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ساھەسىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە پوتانىن ئىسىملىك بىر رۇس ئالىمى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىلان قىلغان. ئۇ تۈركىي قەۋملەرنىڭ ۋە موڭغۇللارنىڭ داستانلىرىنى ‹‹شىمالىي ئاسىيا داستانى›› دېگەن نام ئاستىدا مۇستەقىل ۋە بىر پۈتۈن ھالەتتە تەتقىق قىلىپ، تۈرلۈك ئەسەرلىرىدە، بولۇپمۇ ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپا داستانىدا شەرق تېمىلىرى›› دېگەن نام بىلەن 1899- يىلى نەشىر قىلغان چوڭ ھەجىملىك مۇھىم ئەسىرىدە بۇلارنى ياۋروپانىڭ ھەر خىل داستانلىرى بىلەن سېلىشتۇرغان ھەمدە بۇنىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا مىللەتلىرىگە ھەتتا يەھۇدىي ۋە خرىستىئان مۇقەددەس كىتاپلىرىغا   كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، سلاۋيانلار، فىنلەر، گېرمانلار ۋە فرانسۇزلارنىڭ قەدىمكى خەلق ئەدەبىياتىدىكى داستانىي- ئېپوسلۇق موتىفلارنىڭ دەستلەپكى نەمۇنىلىرى تۈركىي قەۋملەر ۋە موڭغۇللارغا ئائىت ئىدى. مەركىزىي ياۋروپا مىللەتلىرى ياراتقان داستانىي خەلق ئەدەبىياتىنىڭ دەستلەپكى ئاساسلىرىنى قۇرۇش رولى مۇشۇ شەكىل بىلەن ئاتتىلا  ھۇنلىرىغا باغلانغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاتتىلا ۋە ئاتتىلا ھۇنلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى داستان ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى شۇ قەدەر زور ئىدىكى، بەزى گېرمان ئەدەبىيات تارىخچىلىرى ئۇنىڭ گېرمان داستانىدىكى ئەھمىيىتىنى يۇنان داستانىدىكى ‹‹ئاگامېننون››غا ئوخشىتىدۇ. رۇسلارنىڭ مىللىي داستانى بولغان 12- ئەسىرگە ئائىت ‹‹ئىگورنىڭ سەپىرى›› دېگەن ئەسەرمۇ ئومۇمەن رۇسلارنىڭ قىپچاقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ داستاندىكى تۈرك تەركىپلىرىنىڭ ئەھمىيىتى  ھەتتا ئۇنىڭدا بىر يۈرۈش تۈركچە سۆزلۈكلەرنىڭ بارلىقى ھازىر ئېنىق مەلۇم بولدى. شەرىقى جەنۇبىي ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ، يەنى سىرىپلار، يۇنانلىقلار ۋە باشقىلارنىڭ بۇ خىل ئەسەرلىرىدىمۇ يەنە تۈركىي قەۋملەرنىڭ ناھايىتى چوڭ تەسىرى بولغان. مانا بۇلار تۈرك داستانلىرىنىڭ ئومۇمەن ئالەمشۇمۇل ئەھمىيىتى ۋە بۇ خۇسۇستا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە پىكىر بىلدۈرۈشكە يىتەرلىكتۇر.(10)

بىز توختىلىۋاتقان دەۋرنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدە داستانلاردىن قالسا يەنە مەرسىيە، قوشاق ۋە ماقال – تەمسىللەر ياكى پەندى- نەسىھەتلەرمۇ بار ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي تىلغا ئالغان ئالپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى مەرسىيەلەر ۋە ھۇن ئېمپېراتورى ئاتتىلانىڭ ئۆلۈمىدە  ھۇن شائىرلىرى ئوقۇغان مەرسىيەلەرنى ئەسلەش يىتەرلىكتۇر. خەنزۇ مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىپ قالغان  ھۇنلارنىڭ ‹‹ئالچى تېغى قوشىقى››  ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان مىللىي نەزم ئۇسلۇبىمىز بولغان تۆتلۈك شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. يەنە ئاشۇ ئۇسلۇبتا مىلادى 5- ۋە 6- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان ۋە ‹‹يايلاق شېئىرلىرى›› دېگەن نام بىلەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ‹‹تېلى - تۈرك قوشىقى››، ‹‹بەگقۇلى ھەققىدە قوشاق›› قاتارلىقلاردىمۇ قەھرىمانلىق، مۇھەببەت ۋە تەبىئەت تېمىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ  شېئىرلار تۇيغۇ - ھېسيات جەھەتتىن ناھايىتى كۈچلۈك، پىشقان ۋە گۈزەل ئەدەبىي ئەسەرلەردۇر. بۇ دەۋرگە ئائىت ماقال – تەمسىللەر ۋە پەندى- نەسىھەتلەردىن ھازىرچە بىزگە تۇرپان تېكىستلىرىدىن 28 پارچىسى، ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تىن جەمئىي 289 پارچىسى مەلۇم بولدى. يەنە  ھازىرچە بىزگە ئىسمى بىلىنگەن تۇنجى ئۇيغۇر شائىرى مىلادى 5- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە  6- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان قوغۇرسۇ ئالتۇندۇر. بەزى مەلۇماتلاردا ‹‹تېلى – تۈرك قوشىقى››نىڭ ئۇنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

تۈركىي قەملەرنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىدا شېئىر - قوشاقلارنىڭ قىسقا ۋە  ھېسياتقا باي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنىڭ تاڭ دەۋرى خەنزۇ ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلىنمەكتە. تاڭ دەۋرىنىڭ شېئىرىيىتى جەنۇپ نەزمىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان. مىلادى 3-6- ئەسىرلەردىكى نەزمىلەر ئوردا زىيالىلىرى ئارىسدا بىر خىل ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ، ھېسياتنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئەمەس، بەلكى شەكىلنىڭ مۇكەممەل بولۇشى نەزەرگە ئېلىنغان. شېئىرىي ۋەزىن تارىخچى سۈپىتىدىمۇ تونۇلغان شېنيۆ تەرىپىدىن بىكىتىلگەن. تاڭ دەۋرىنىڭ چوڭ شائىرلىرى بۇ قائىدىنى قوبۇل قىلغان. لېكىن، ئەسەرلىرىنى شىمال شېئىرلىرىنىڭ  تەسىرى ئاستىدا  ھەقىقىي ھېسياتقا تولدۇرغان. شېئىرىيەتتىكى بۇ يېڭى ئۆزگىرىشنى تۇنجى بولۇپ كۆرسەتكەن كىشى چېن زىئاڭ(657- 698) ئىدى. چېن زىئاڭ ۋە باشقا بىرمۇنچە شائىرلاردىن كېيىن تاڭ شېئىرىيىتىنىڭ پارلاق دەۋرى باشلانغان.(11)   

مەنبەلەر :

(1)   ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان : ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، تۈركچە، 100- بەت، 1981- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.

(2)   ئىسمائىل ھامى دانىشمەند : ‹‹تۈركلۈك مەسىلىلىرى››، تۈركچە، 89 – بەت، 1976- يىلى، ئىستانبۇل.

(3)    جەمال ئانادول، فازىلە ئابباسوۋا، نازىلە ئابباسلى : ‹‹تۈرك كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتى››، تۈركچە، 136- بەت. 2002- يىلى، ئىستانبۇل، چەتىن مەتبەئەچىلىكى.  بايرام كايا : ‹‹تۈرك پەلسەپە تارىخى››، تۈركچە، 138- بەت، 2005- يىلى، ئىستانبۇل، ئاسىيا شەپەق نەشرىياتى.

(4)   جون پائۇل روكس : ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا، تارىخ ۋە مەدەنىيەت››، تۈركچە،  201- بەت، 2006- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى

(5)   ‹‹ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك ئەدەبىياتى››، تۈركچە، 89- بەت، 1986- يىلى، ئىستانبۇل، توكەر نەشرىياتى.  

(6)   ئا.زەكى ۋەلىدى توغان : ‹‹تارىختا ئۇسۇل››، تۈركچە، 44- بەت، 1985- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.

(7)    م. فۇئاد كۆپرۈلۈ : ‹‹تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى››، تۈركچە، 58-بەت. 2004- يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.

(8)   س. گ. كلياشتورنىي، ت. ئى. سۇلتانوف : ‹‹تۈركنىڭ ئۈچ مىڭ يىلى››، تۈركچە، 166-، 167- بەتلەر، 2004- يىلى، ئىستانبۇل، سېلېنگې نەشرىياتى.

(9) جون پائۇل روكس : ‹‹تۈركلەرنىڭ تارىخى››(تىنچ ئوكياندىن ئاق دېڭىزغىچە ئىككى مىڭ يىل)، تۈركچە، 146- بەت. 2007 –يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.

(10)  م. فۇئاد كۆپرۈلۈ : ‹‹تۈرك ئەدەبىياتى تارىخى››، تۈركچە، 88-، 89- بەتلەر.

(11)  ۋ. ئېبېرخارد : ‹‹چىن تارىخى››، تۈركچە، 220- بەت، 1995- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-27 09:34 PM  


مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19519
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 09:54:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەبىيات؛-ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ يازغۇچىلار مىڭسىدكى ئىكاسىنىڭ مەھسۇلى،ئۇ تىل ۋاستىسى ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈردىغان تىل سەنئىتىدۇر.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6321
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5099 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 11:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلامىيەتتىن كىيىنكى داڭلىق داستانلار ئىنىق ئىلىنمىدىمۇ نىمە؟

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91426
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-2-9
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 11:34:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.......مەن  بىلىشكە تېگىشلىك بەزى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم

  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 829
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 11:44:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم شانلىق ئەژداتلىرمىشنىڭ تارىخىنىڭ خەۋىرنى بەرگەنلىكىڭىزگە.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90922
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 12:48:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 852 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 10:26:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى كۆپ ماتىرىيال كۆرۈپ قەلەم تەۋرىتىپسىز ،ئەندى كېيىنكى داستانچىلىق ھەققىدىمۇ سېستىمىلىق بىر يەكۈن ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزغا ئىشىنىمەن.كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق...رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86150
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 12:00:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmat

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8005
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 01:50:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈسۈپجان ياسىن ماقالىلىرىنىڭ قىممىتىنى خەلقىمىز بارا-بارا چۈشىنىپ يەتكۈسى.ئاپتۇرنىڭ بۇ ئەمگىكىگىمۇ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە سالامەتلىك،خاتىرجەملىك تىلەيمەن.

كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13430
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9847
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 10:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما يۇللاپسىز تېما ئىگىسى، لىكن ‹‹ماناس›› قىرغىزلارنىڭ دۇنياۋى داستانى ئىسپاتلار تۇلۇق بۇلمىغاندا ،بىز ئۇنى دەسلەپتە بىزدە ئىجاد قىلىنغان دىمەسلىكىمىز كېرەك، بىز ئۇيغۇرمىز، پەقەت ئۈزىمىزگە خاس نەرسىلەر ۋە كىشلىرىمىنىلائۇزىمىزنىڭ دەيدىغان ئەشۇ گۈزەل ئادىتىمىزنىي داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك، خەقلەر يۇسۈپ بۇۋىمىزنى ئىزا تارتاماي بۇلىۋالدى، مەخمۇت قەشقىرىنىمۇ بۇلىۋالماقچى بۇلىۋاتىدۇ، بىز ئۇلارنى دۇرىماسلىقىمىز كېرەك ، چۇنكى بىز ئۇيغۇرمىز...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش