|
|
|
|
خۇبېي لاۋخېكوۋدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى دەسسىلىش ۋەقەسىدە 4 ئوقۇغۇچى ئۆلدى (تەرجىمە قىلغۇچى: تىلماچ13) بۈگۈن (2-ئاينىڭ 27-كۈنى) بېيجىڭ ۋاختى سائەت 6 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇبېي ئۆلكىسى لاۋخېكوۋ شەھرى شۆجىجىن بازىرى چىنجى باشلانغۇچ مەكتىپىدە قىستىلىشتىن كېلىپ چىققان بىر قېتىملىق دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ۋەقەدە 11 نەپەر ئوقۇغۇچى يارلاندى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يارىسى ئېغىر بولغان 4 نەپەر ئوقۇغۇچى تېز قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلدى. قالغان ئوقۇغۇچىلار قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ. ئىگەللىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، زور مىقداردىكى ئوقۇغۇچىلار دەرۋازىدا قىستىلىشىپ، تۆمۇر دەرۋازا يىقىلىپ چۈشۈپ ئۇقۇغۇچىلارغا تېگىپ كېتىشنى كەلتۇرپ چىقارغان. ھازىر ئەھۋال تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. مەنبە: بۈگۇنكى خەۋەرلەر تورى ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىغا ھۆرمەت قىلىڭ؛ "ئو"، "ئۇ" ھەرىپىنى توغرا ئىشلىتىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ؛ بۇ ئەھۋال داۋاملىق كۆرۈلسە، ئىملاسىنى قايتىدىن تۈزەتمىسىڭىز تەستىقلانمايدۇ ؛ (باشقۇرغۇچىدىن) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-27 10:27 PM
|
|
|
|
|
|